mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 00:01:34

پار قازان توغرىسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

يىڭى سىلىنغان ئۆيگە يىقىندا پار ئورنىتايلى دىگەن  ئۆينىڭ كۆلىمى 16*10 =160 .بىنا پاسوندا سېلىنغان . مۇشۇ پار قازان ( گولۇ ) توغرىسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ قانداق پار قازان ئىشلەتسەك بولار ؟چوڭلىقى قانچىلىك بولسا بولار ؟ يەنە پار ياپراقچىسىنىڭ قاندىغىنى ئىشلەتكەن ياخشى . قانچىلىك كۆمۈر كىتەر ( چۈنكى بۇ يەردە تېخى گاز يوق )  توك پار ، قۇياش پارلار بولامدۇ ؟ بىلىدىغانلار تەپسىلىراق جاۋاپ بەرگەن بولسا ، ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئىيتقان بولاتتىم .

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 08:40:14

مېنىڭچە يەنلا توك بىلەن ئىسسىيدىغان پار ئىشلىتىڭ.(توك بىلەن سۇ ئىسسىتىدىغان) توك پۇلى بىلەن ككمۈر ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش توىتايدۇ.توكتا بىر قەدەر پاكىز ،قولايلىق .كۆمۈر قالايدىغان پارقازان قىلمىمەن دىسىڭىز  ئىسسىقلىق ئىنىرگىيە شىركەتلىرىنىڭكىدەك مەخسۇس پارقازان ئىشچىسى بولىشى كېرەك .ئۆيدە ئايالىڭىز .ئۆزىڭىز،بالىڭىز كۆمۈر سالىدىغان ئىش بولسىمۇ يېرىم كېچىدە كۆمۈر سېلىشقا ئېرىنىسىز شۇنىڭ بىلەن ياخشى ئىسسىمايدۇ.بىرمۇنچە چىقىم قىلغانغا لايىق ئۆىنم كۆرەلمەيسىز . مېنىڭ تەۋسىيەرىم يېقىن ئەتراپتا ئۈچ پازىلىق توك بولغان ئەھۋالدا ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پار تۇربىسى ئورۇنلاشتۇرڭ.توكلۇق پار قازاندىن بىرنى ياسىتىسىز 9-12كېلوۋاتلىق قىزىتقۇدىن ئىشلىتىسىز.بىرتال سۇ پومپىسى  بىلەنلا ئۆيلىرىڭىزنى ئىسسىتالايسىز،
جەنۇپتا بولسىڭىز توكتا شىمالدا بولسىڭىز كۆمۇرددە قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ،چۈنكى توك ھەممە يەردە ئوخشاش بىراق كۆمۈر  جەنۇپتا بۇيىل 1يۇەن ئەتيراپىدا بولدى

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 08:40:52

بىلىدىغانلاربولسامۇشۇھەقتەتەپسىلى چۈشەنچەڭلارنى ئايمىساڭلارقېرىنداشلار،تېمائىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ قىلماقچى بولغېنى يېزىلارداكۆپىنچەكىشىلەرقىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بۇتوغرىسىدابىرنەرسىلەرنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قىلالمايۋاتقان ئىشلار.جۈملىدىن مەنمۇمۇشۇئىشنى ئويلىشىۋاتىمەن بىراق پارقاازان ھەققىدەھىچقانداق بىرچۈشەنچەم بولمىغاچقابىرەرئاۋارىچىلىق چىقىپ قېلىشىتىن ئەنسىرەپ قىلىشقاجۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن.

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 09:16:09

يەنلا كۆمۈر بىلەن  ئىسسىيىدىغىنى ياخشى ئۇنىڭدا تاماق ئەتسىمۇ بولدۇ يىلدا 4توننىدىن 5 توننىغىچە كۆمۈر بولسا قىشتىن بىمالال چىقالايسىز . پارقازان ئىشچىسى بولمىسىمۇ بولدۇ ، پەقەت  ئاسما كوزىدىكى سۇ تۈگەي دەپ قالسا يەنە سۇ قۇيۇپ ئاسما كوزىنى توشقۇزۇپ قويسىڭىزلا بولدۇ ، كۈندە بىرەر قېتىم دىگەندەك ،ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىز كۆمۈرنى جىقراق سەپ قويسىڭىزلا بولدۇ .پارقازاننىڭ چوڭلۇقىغا كەلسەك بۇنى شۇ پار قوراشتۇردىغانلار ئۆينىڭ كۆلمىگە قاراپ قوراشتۇرۇپ بېردۇ .پار ياپراقچىسغا كەلسەك ئادەتتە بىنا ئۆيلەرگە بىر چۇكا پار ياپراقچىسى 1.5 كۇۋادېرات مىتىر يەرنى ئىسسىتالايدۇ دىگەن ئۆلچەم بىلەن پار سەپلەيدۇ . پار ياپراقچىسىنى تاللىغاندا بۇرۇن چىققان تۆمۈر پار ئەڭ ياخشى بىراق تاپماق تەس بەلكىم ئايالىڭىزغىمۇ يارمايدۇ ھەقاچان رەڭگى سەتكەن دەپ ،بىراق تېپىپ قالسىڭىز سىر بىرىۋېتىپ ئاندىن ئۆيىڭىزگە قوراشتۇرۇڭ داتلاشمايدۇ 93 لىك مايدىن ئازراق ئارلاشتۇرۇپ سىرلىسىڭىز  پاقىراپ تۇردۇ. ئۇنى تاپالمىسڭىز ھازىر يېڭدىن قېلىن بىرخىل پار ياپراقچىسى چىقىتى ئاق سىر بىرىلگەن  بىر چۇكىسى 22 يۈەنغۇ دەيمەن شۇنى ئىشلىتىڭ .پارتۇربىسغا كەلسەك 25 لىك تۇرۇبا ئىشلىتىڭ 20 لىك تۇربا ئىشلىتىپ قالماڭ سۇنىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولماي  ئۆيڭىز ياخشى ئىسسىمايدۇ .

جىق سۆزلەپ]قويدۇممۇ نىمە :L

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:46:13

بىلىدىغانلار مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىيال تەييارلاپ بەرسەڭلار، ئوبدان ئىش بولاتتىكەن بۇ.
يېزىلاردا ئىقتىسادى ئەھۋالى يېتىشىدىغان، لېكىن بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەش قويۇپ ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەر خېلى كۆپ، مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرساڭلارمۇ كىرىمى ئوبدان بولامدىكىن دەيمە.
ئىسسىق يوتقاندىن چىقىپ مەشكە ئوت يېقىشتىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك قىش ۋاقتى.
تاماق ئېشتىشكە بولسا، قايسى ئۆيلەرنى ئىسىتىشنى كونترول قىلغىلى بولسا ياخشى، چۈنكى يېزىلاردا ئۆينى جىقراق سالىدۇ، ھەممە ئۆيدە ئادەم ئولتۇرىشى ناتايىن، مىېھمان كەلگەندە ئاندىن ئىشلىتىدۇ باشقا ئۆيلىرىنى، مۇشۇلارنى تەپسىلى ئويلىشىپ بىر لاھىيە تۈزۈپ، بازار ئېچىپ باقسا بۇ خېلى ئەھمىيىتى بار ئىش مېنىڭچە.

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 11:14:23

لازىم بولغۇدەك

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 12:08:27

ساقلىۋالاي

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 12:33:57

مېنىڭ ئۆيۈم كۆمۈر بىلەن ئىسسىيدۇ.120كىۋادىرات مېتىر ئۆينى 5توننا ئىسسىز كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىمەن.ئىسلىق كۆمۈر پار قازاننىڭ بىر يېرىنى ئىتىپ قويىدىكەن.ھەر ھەپتىدە تازلىمىسا بولمايدىكەن.شۇڭا ئىسسىز كۆمۈر ئىشلىتىمەن.بىر قىش 4000سوم.
توك بىلەن ياكى قۇياش ئېنىرگىيىسى بىلەن ئىسسىتىش ئامالى تاپسام بولاتتى ئەسلى تەننەرخدىن بىرەر مىڭ يۈەن قىممەت توختىسىمۇ

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 13:07:37

بىر كىلوۋات توك 0.6 يۇەن ھىسابلىساق ، 10 كىلوۋاتلىق توك پاردىن بىرنى ئالساق ، ئۆي ھىم بولسا ، سىرتىغا ئىسسىق ساقلاش قەۋىتى چاپلانسا ، ئىسسىق ئۆتكۇزۇش كوئىېففىسىنتى يۇقرراق ئەينەك سەپلەنسە ، كۇندە 10 سائەت  ئىشلىسە دەپ پەرەز قىلساق ....
كۇندە تەخمىنەن 60 يۇەن بولىدىكەن ، ئايدا 1800 يۇەن .:funk:

توك ئارقىلىق سۇنى قىزىتىپ ، ئاندىن سۇ ئارقىلىپ ئۆينى ئېسستىسا ، ئۇنۇم سەل تۆۋەنلەيدۇ .
ئېلېكتىر ئىنىرگىيىسىنىڭ سۇنى قىزىتىش ئۇنۇمىنى 90% دېسەك ،بۇ  قىززىغان  سۇنىڭ ئۆينى ئىېسستىش ئۇنۇمى   ئادەتتە %80  بولىدۇ . يىغىندا ئۇنۇم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .  ئۇنىڭدىن  بىۋاستە  توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان كىچىك پاردىن ئالسا ، بىر كىلوۋاتلىقىدىن ئۆيگە بىردىن قويسا ، 5 ئىغىز
ئۆيگە بەشى كېتىدۇ . كۇندە ئون سائەت ماڭسا ، 30 يۇەن كېتىدۇ . ئەگەر 5 سائەت ماڭسا ياكى بىرلا ئۆيگە ماڭغۇزۇپ ، باشقا ئۆينىڭكىنى ئېتىۋەتسە ، چىقىم سەل تۆۋەنلەيدۇ . مەسىلەن كۇندە 20 يۇەن بولسا ، ئايدا 700 - 600 يۇەن  بولىدۇ . بەش ئاي قىشتا تەخمىنەن 4000 يۇەن ئەتراپىدا بولىدىكەن .  
ئەمما بۇنىڭدا ئايلىق توك پۇلىڭىز 0.6 يۇەندىن ئېشىپ كەتسە چىقىم يەنىلا بەك ئېشىپ كېتىدۇ .
بۇنىڭدا پار قازان سېتىۋىلىش ، تۇرۇببا ياتقۇزۇش ، پار تىشىلىپ ئۆينى سۇ بېسىپ كېتىش قاتارلىقلار يۇز بەرمەيدۇ .

ئەمما توك سىملىرىڭىز يىتەرلىك چوڭ بولمىسا ، توك سىملىرىغا ئوت كېتىپ ................. نۇرغۇن ئىش چىقىدۇ .
ئەمما ئويلىغىنىم يىزىدا ئوتۇن چاۋا دېگەن جىق ،  ئۆينىڭ سۇپىسىنى  خەنلەرنىڭ كاڭ ئۇسلوبىدا ياساپ ، ئوت قالىۋەتسە ، ئۆي خىلى ئىسسىپ قالىدۇ ، ئاخشىمى بىرەر تال كۆتەك تاشلاپ قويسا ، ئۆي خىلى ئوبدان ئېسسىپ قالامدىكى دەپ ئويلايمەن ...

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 14:40:05

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 10:46 static/image/common/back.gif
بىلىدىغانلار مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىيال تەييارلاپ ب ...

ھەر بىر ئۆيگە ئايرىم جۈمەك قوراشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ بولدۇ بىراق تەنەرخ جىق كېتدۇ ،مېھمان كەلگەندە ئېچىپ قۇيۇپ مېھمان كەتكەندە ئېتىۋېتىپ پار تۇربىسى ئىچىدكى سۇلارنى قۇيۋەتمىسە بولمايدۇ بولمىسا توڭلاپ قالسا ئېتلىپ كېتدۇ ئاۋارچىلىق شۇڭا ھەممە ئۆيدە ئادەم ئولتۇرسا ياخشى ياكى بولمىسا خوشناڭلار بىلەن بىرلىشىپ بىر پار قازان ئىشلەتسەڭلار كۆمۈر چىقىمنى تىجەپ قالايسلەر ...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 15:50:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muzdala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 15:57  

بۇ يىل قىشتا دادام، ئاكاملار ئۆيىگە توك پار ئورناتتى. ئاكامنىڭ ئۆيى 90 كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا، 8 كىلوۋاتلىق پار قازىنىدىن بىرنى، بىر دانە سۇ پومپىسى، 6 دانە پار ياپرىقى ئىشلەتتى. بۇ يىل قىشتا 4000-5000 سوم خەجلىدىغۇ دەيمەن توك پۇلىغا.
پار يولىنى يانداش ئۇلاشنى تەۋسىيە قىپتىكەن ساتقۇچى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپتۇ، ئۆي ئىچى نورمال ئىسسىپتۇ. شۇنداقتىمۇ بەك قولايلىقكەن دەپ خوشال.
خەنزۇچە 电采暖炉 دەيدىكەن. مەن دۇكان، زاۋۇتلارنى سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ تاۋباۋدىكى مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان:
http://czbaiqiang.taobao.com/index.htm?spm=a1z10.1.w5002-2751975354.2.DMZpDz
بۇ دۇكاننىڭ مال تۈرى خېلى تولۇق. بۇ يەردىن 780 سومغا ئالغىنى سۈپەتلىك چىقارمىكىن دەپ تىيەنماۋدىن 1550 سومغا ئالغىنى بىلەن ئوخشاش قىشتىن چىقتى.

ئۆيدىكىلەر ئىشلەتكەن پار ياپرىقى ئۈستىدىكىلەر دەۋاتقان ئاق سىرلىق چىقىدىغان پولات ياپراق. بۇرۇنقى كونا ياپراقلار چۆيۈنغۇ دەيمەن.
مېنىڭ يەكۈنۈم مۇنداق:
. بۇ خىل توكلۇق پارنى ئىشلەتكەندە، ئۆينى ياخشى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئامال بار پار ياپراقلىرىنى تەلەپ بويىچە يانداش ئۇلاش. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر ياپراققا ئىسسىق سۇنىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ قويسا ئىسسىق سۇ بىر باشتىن كىرىپ چىقىپ ئاخىرىدىكىسىگە سوۋۇپ قالغان سۇلار بارىدىكەن.
يەنە بىرى، ئەگەر 4-6 ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، 2-3 نى ھەرۋاقىت ئىسسىتىش، 2-3نى ئارىلاپ ئىسستىدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى پار قازاندىن ئىككىنى ئېلىش(بۇنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى 6-8 يىلغىچە دەيدۇ) ، دائىم ئىسسىتىدىغان ئۆيلەرگە بىرنى، ئارىلاپ ئىسستىدىغان ئۆيلەرگە بىرنى ئايرىم ئورنىتىش. بۇنداق بولغاندا سۇنىڭ ئايلىنىشى تېز بولۇپ، دائىم ئىسسىتىدىغان ئۆيلەرنى بەكرەك ئىسستىقىلى، ئارىلاپ ئىسسىتىدىغان ئۆيلەرنى لازىم بولغاندا ئىسسىتىپ توك پۇلىنى تېجىگىلى بولىدۇ.
ئۆينىڭ چوڭلۇقىغا ئاساسەن تاللاشتا ماۋۇ يەردىكى جەدۋەلدىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ، ئورنىتىش ئۇسۇللىمۇ بار:
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z10.1.w4004-2751975366.1.EoIFLr&id=12565655559

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:00:58

دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش، ئارىلاپ ئىسستىدىغان ئۆيلەرگە ئورناتقان پار قازاننى ئىشلەتمىگەندە پار ياپراقلىرىدىكى سۇنى چۈشۈرىۋېتىش لازىم بولىدۇ، شۇڭا ئورناتقاندا سۇ چۈشۈرۈش يولىنىمۇ ئالدىن ئويلىشىپ قولايلىق لايىھە تۈزۈۋېلىش كېرەك.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:18:55

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مۇزدالا
سىز دېگەن يانداش ئۇلاشنىڭ ئارقىمۇ ئاقا ئۇلاشنىڭ پەرقىنى دەپ بەرسىڭىز؟
بولسا رادىئو فەندىن سورىۋالاي ئىكاسلىرىڭىزدىن قارىسام سىز فىزىكا ،رادىئو..قاتارلىقلارىن بەك چۈشىنىدىكەنسىز
بولسا مۇشۇ ئائىلىدە ئاددىي توكچىلىق ھۈنىرى ۋە باشقا توكقا مۇناسىۋەتلىك ئاقارتىش تىمىسىدا بىر يازما يازغان بولسىڭىز
دېگەن ئۈمىتتە مەن.
__________________________
كۆمۈر قالىساق سەل كۆپ كىتەمدۇ قانداق ؟يېزىلاردا ھازىر تۆۋەن ھېسابىدا نەچچىلىك كۆمۈر كېتىدۇ مەشكە باللار؟
كەچلىكى نەچچىلىك كۆمۈر سېلىپ قويسا بىر ئېغىز ئۆينى ئادەم كەچلىكى ئويغانماي ئىسسق ياتقىلى بۇلىدۇ؟

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:30:17

ئارقىمۇ -ئارقا ئۇلسا سۇنىڭ ئايلىنشى تېز بولدۇ ،  ئەگەر ئارقىمۇ -ئارقا ئۇلاپ ئاخىردىكى ئۆيلەر ئىسسىمايدۇ دەپ قارىسىڭىز سۇنىڭ ئايلىنشىنى تېزلىتىدىغان سۇ پومپىسىدىن بىرنى ئورنىتۋالسىڭىزلا بولدۇ . يانداش ئۇلسىڭىز سۇ ئايلىنالماي ئۆي ئىسسىمسا سۇ پومپىسى ئورناتسىڭىزمۇ ئىسسىماسلىقى مۇمكىن .
ئادەتتە پارقازان ھەيدىگەندىمۇ ئىسسىق سۇ تۆپىگە ئۆرلەپ سۇ ئايلىندۇ ، سوغۇق سۇ قايىتىپ كىلىپ پارقازاننىڭ ئاستىغا ئولتۇرشىدۇ ،سوغۇق سۇ قايىنغاندا يەنە ئايلىندۇ ،پار تۇربىسدا ئايلانغاندىمۇ ئىسسىق سۇنىڭ ئايلىنشى تىز بولدۇ، شۇڭا ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئاقلانىلىك دەپ قارايمەن .ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلغاندا يەنە تۇرۇبا يوللىردا ئەگىلمە بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسىمۇ سۇنىڭ ئايلىنشىغا تەسىر يەتكۈزدۇ .

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 18:36:52

مەن شىمالدا ،  توك پارنىڭ ئۈنىمى قانداقتۇر  بولسا مۇشۇنى بىر سىناپ باققىم بار  ، ئۇنىڭغا چوقۇم ئۈچ پازلىق توك ئەكىرىش كىرەكمۇ ؟  ئۆي زالنى قاتقاندا جەمئى 6 ئىغىز  . كۆمۈر ئىشلىتىدىغان پار قازان ئىشلەتسەم زادى قانچىلىك پار قازان ئىشلىتىمەن ؟  بىلىدىغانلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 19:57:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 22:12  

电采暖炉نىڭ سۇنى تازلاش ئىقتىداتى بارمۇ يوق مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما سىز كۆمۈر قالايدىغان پار قازاننىڭ قايسى خىلىنى ئىشلەتمەڭ چوقۇم پار قازان ۋە  پار يوللىرى (يەنى تۇرۇببا لىنىيەلەرنى) ۋاقىتلىق تازلاپ تۇرۇشنى ئۈنۈتماڭ . ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە  سۇ تەركىۋىدىكى بەزى خىمىيەلىك ماددىلار  چۆكمە ھاسىل قىلىپ سۇ دۇغى پەيدا قىلىدۇ، (يەنى ئۇزۇن مەزگىل  چاي قايناتسىڭىز چەينىكىڭىزنىڭ ئاستىدا  بىر قەۋەت سۇ دۇغلىرى پەيدا بولغانغا ئوخشاش) بۇ دۇغلار ئىشلىتىش ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ  تۇرۇببا يوللىرى ۋە پار قازان ئىچكى دىۋارى سۇ دۇغلىرى بىلەن توشۇپ كېتىدۇدە ئىسسىغلىق تارقىتىشقا زور كاشىلا قىلىدۇ، سىز بۇلارنى ئۇخماي ئۆي ئىسسىمىدى دەپ،سۇنىڭ تېمپىراتۇرسىنى  يوقۇرلىتىسىز ياكى ھەدىدىن زىيادە كۆمۈر قالاپ زىياننى كۆپەيتىۋالىسىز، شۇڭا  پار بېكەتكەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يىلدا ئىككى قېتىم ،كېيىنچە بولسا  ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا  ، پار قازان ۋە تۇرۇببا يوللىرىنىڭ ئىسىغلىق تارقىتىش ئەھۋالىغا قاراپ سۇ دۇغلىرىنى تازلاش  قېتىم سانىنى بەلگىلىك  كۆپەيتىش كېرەك بولىدۇ .  بۇنىڭدا  سانائەتكە ئىشلىتىدىغان شولتا مۇۋاپىق كېلىدۇ . ئىشلەتكەندە دېققەت قىلمىسىڭىز بۇنىڭمۇ  خەتىرى بار ،يەنى پارۋايلارنىڭ پارتىلاپ،  يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدا پار قازان ۋە پار يوللىرىڭىز ۋە پارۋايلار  ھەر يىلى  تولۇق ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ . بۇمۇ  مۇھىم بولغان بىر خىل ئاسىراش!

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 20:03:28

بۇ تىمىنى ساقلىۋالاي ، كىيىنچە لازىم بۇلۇپ قالدىغاندەك قىلدۇ .

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 21:32:08

ھازىر يەرگە يەنى پولنىڭ ئاستىغا باسىدىغان بىر توك پار چىقىپتۇ .ئەمما سال تەستە ئىسسىيدىكەن بىنا بولسا بولىدىغان ئوخشايدۇ ئەنئەنىۋى ئۆيلەرگە قويۇشقا تازا ماس كەلمەيدىكەن چۈنكى يەر ئاستىدىن سوغۇق چىقىپ ئىسسىشىغا تەسىر يېتىدىكەن .يەنىلا كۆمۈر قالاپ سۇ ئىسسىتىپ ئايلاندۇرىدىغىنى ياخشىكەن دەپ قالدىم .مەھەللىدىكى قوشنىمىز بۇ يىل قويۇپتىكەن بۇ دېخاننىڭلام ئوچىقىكەن نېمە قالىسىڭىز بولىۋېرىدىكەن دەپ نەچچە ۋاختىن بېرى دوقمۇشتا تاشلاپ قويغان كۆتەكنى پارچىلاپ قالاپ بولدى .گۈزەل تارىمنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق ،بۇ ئىشتا خېلى ئېپى بار چىراي {:92:}

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 21:35:24

ھازىر تېمپۇراتۇرىنى تەڭشەپ قويسا سۇنى ئاپتۇماتىك ئايلاندۇرىدىغان سۇ پومپىلىرى بار شۇنى بېكىتسە تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلىگەندە سۇ ئاپتۇماتىك ئايلاندۇرىلىدۇ .بۇنى چوقۇم ئورنىتىش كېرەك .پار ئوچاقنى تاماق ئېتىدىغان ئۆيگە قويسا مۇۋاپىق .شىمالدا 6-7 توننا كۆمۈر بىلەن قىشنىى چىقارسا نورمال 4-5 ئېغىز ئۆينى ئىسسىتىپ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 21:58:17

بۇ يىل قىش ئوت قالاش بەك ئېغىر كەلدى، ئىككى ئۆيگە قالايتم كۈندىزى ئۆيدە ئادەم تۇرمايدۇ، كەچتن ئەتىگەنگىچە قالاشقا ئىككى توننا ئىسسىز كۆمۈر ئالغان، ھازىر يۈز كىلودەك قاپتۇ، كېلەر يىلى يا بىناغا كۆچۈپ كېتىمەن يا توك بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىمەن... بۇ يىل قىش پەسلىگە بەك ئۆچ بولدۇم.
بەت: [1] 2
: پار قازان توغرىسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ ؟