waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:56:11

شىرئەلىجان 30 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئايلانما باسقۇچىدىكى ئۈچۈنچى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن  شىرئەلىجان 30 نۇمۇر، خاندېرسېن 25 نومۇر ئىلىپ ئۇلار ئاخىرى 106- 98 نەتىجە بىلەن  لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 2-1 بۇلۇپ ئالدىغا ئۆتتى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز شىرئەلىجان 30 نۇمۇر، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ خاندېرسېن 25 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 11 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي 5 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك 7 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ چىڭپىڭ 7 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن   جونىس 34 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  گوئەيلۈن7 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋالىك 20 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى شىياۋ شۇ 9 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خەن دىجى 5 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  پەسىلدىن كىيىكى مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 25- فېۋرال  ساھىپخان مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.phpبۇ

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 00:15:02

ھەقىقەتەن قالتىس ئويناپ قويدى، مۇشۇنداقلا ئوينىسا كىيىنكى مۇسابىقىلەردە ياردىمى زور~~~

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:10:49

شىر، ئۇ دىگەن شىر :victory:

ئاخىرقى 3 نومۇرلۇق توپى ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرىۋەتتى. پاسلىرى ئاندىن ئېسىل.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:04:09

نوقتىلىق جايلىرىدىن يوللاپ قويساڭلار بىزمۇ كۆرسەك بولاتتى .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:17:41

چاغاندا يۇرتقا قايتقاندا بىر ئايروپىلانغا چىقىپ قاپتىكەنمەن شىنجاڭ كوماندىسىكىلەر بىلەن، بىچارە باللا شۇ كۈنى مۇسابىقە ئويناپ چارچىغاندا ئالتە سائەت ئۇچۇپ خېلى قىينالدىغۇ دەيمەن، تار ئورۇنلارغا پاتمىغان يا بۇ باللا.

FIRKAT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 17:31:47

muzdala يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 16:17 static/image/common/back.gif
چاغاندا يۇرتقا قايتقاندا بىر ئايروپىلانغا چىقىپ قاپتى ...

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ بىرازىلىيەدىن سېتىۋالغان ئەزالارنى مەخسۇس توشۇيدىغان ئايروپىلانى بار ئىدىغۇ؟ تاراتقۇلار جۇڭگودىكى بىردىنبىر مەخسۇس ئايروپىلانى بار كۇلۇپ دەپ ئاڭلىتۋاتاتتى.

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 17:51:08

FIRKAT يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 19:31 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ بىرازىلىيەدىن سې ...

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئايرۇپىلاننى ئۇلار قاچان بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى بولسا ئاندىن ئىشلىتەلەيدىكەن.  

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 14:07:50

ئامبارغا سولاپ قويۇپتۇدە

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 17:50:41

ئۇھ .....  ئاخىر بىرمەيدان تۈزۈك بىر يەڭدى.
بەت: [1]
: شىرئەلىجان 30 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى