HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 19:43:38

چەرچەن ناھىيىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىلتىز-ئانا تىل تۆھپە مۇكاپاتى»...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HEZINE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 19:49  

  بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ مىللەتنىڭ سىمۇۋۇلى ۋە سالاھىيىتى، شۇنداقلا مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلگىسىدۇر، بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ مىللەتنىڭ يىلتىزىدۇر.نۆۋەتتە دۆلەت تىل يېزىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قۇيۇلغان قوش  تىل مائارىپى،چەتئەل تىلىغابولغان ئېھتىياجنىڭ كۆپىيىشى، تېلىۋىزۇر،تور،يانفۇننىڭ شىددەت بىلەن ئۇمۇملىشىشى ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىغا بولغان زور بېسىم ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.نەتىنجىدە ئانا تىلغا كۆڭۈل بۈلۈش مائارىپ-جۇملىدىن ئانا تىل ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسۇليىتى بولۇپلا قالماي بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا كەلگۈسى تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر مىللەت ئەزالىسىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىغا ئايلاندى ئەنە شۇ ۋىجداننىڭ تۈرۈتكىسىدە چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ-پەن – تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىنىڭ نەتىنجىسىدە  2-ئاينىڭ 21-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ سابىق دېرىكتورى مەرىپەتپەرۋەرلەر ساخاۋەتچى تۇرسۇن ئەبەي 15-قېتىملىق خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنىدە ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ «يىلتىز-ئانا تىل تۆھپە مۇكاپاتى» تارقاتتى بۇ پائالىيەتكە چەرچەن ناھىيەسىدىكى 150تىن ئارتۇق ئاناتىل ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشتى، پائالىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانا تىل دەرىسلىكىدە نەتىنجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئوسمان تۇرسۇن،بۆيشىخان ھاشىم قاتارلىق 6ئانا تىل ئۇقۇتقۇچىسى ھەر بىرى مىڭ يۈەندىن جەمى 6مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
1-  سۈرەتتە:چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ- پەن-تېخنكا ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۈجىسى قادىر مەمتىلى خەلىقئارالىق ئانا تىل توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەكتە.

2- رەسىم :  مەرىپەتپەرۋەرلەر ساخاۋەتچى تۇرسۇن ئەبەي ئانا تىلغا كۆكۈل بۆلۈش ھەممىمىزنىڭ مەسۇليىتى دىگەن تىمىدا ماقالە ئۇقۇماقتا.

3- رەسىم:  چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ- پەن-تېخنكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى مەمتىمىن قۇربان پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

4-رەسىم: مۇكاپاتلانغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى.

5-رەسىم: پائالىيەتكە قاتناشقان ئانا تىل ئۇقۇتقۇچىلىرى.

6-رەسىم:   مۇكاپاتلانغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئوسمان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئۇقۇتۇش  توغرىسىدىكى تەجىربىسىنى سۆزلىمەكتە.

7-رەسىم: كۆزگە كۈرۈنگەن ياش يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت ۋە يىتىلگەن تەرجىمان پولات رەجەپلەرنىمۇ يىغىنغا قاتناشتى.


مەنبە:باغداش مۇنبىرى

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:14:47

تۇرسۇن ئەبەي، ياخشى ئادەمكەن....

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:26:42

سۆيۈندۈم! شۇنچىلىك بولسىمۇ قەدەم ئاپتۇ!

turgen يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:01:59

شۇنداق ياخشى ئىشكەنغۇ بۇ! بۇرۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىدى بۇ .. ھەيييي...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:07:40

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 20:14 static/image/common/back.gif
تۇرسۇن ئەبەي، ياخشى ئادەمكەن....

ياق، قادىر مەمتىلى ياخشى ئادەمكەن.

ياخشى ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى ئاغزىمدىن چىقارمايتتىم، ئەستا ...:Q

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 18:54:30

  تاختايلاردىكى چالا پۇچۇق  تەرجىمە قىلىنغان ياكى باشقا تىللارنىڭ چەۋرىسىدەك يېزىلىپ قالغان ۋەياكى تەرجىمە قىلنمايلا تاشلىۋىتىلىپ ئانا تىلغا بىھۆرمەتلىك قىلىنغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىش توغىرسىدا پاراڭ بولغانمىدۇ ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 22:58:50

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 10:07 static/image/common/back.gif
ياق، قادىر مەمتىلى ياخشى ئادەمكەن.

ياخشى ئادەملەرنىڭ ...

ئەزىز نەسىننىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپتىكەنسىز- دە، :handshake
بەت: [1]
: چەرچەن ناھىيىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىلتىز-ئانا تىل تۆھپە مۇكاپاتى»...