history يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 15:51:58

تارىختا بۇگۈن

        1974-يىلى 2-ئاينىڭ22-كۈنى ماۋزېدۇڭ دۇنيانى ئۈچكە بۆلۈش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دۇنيا قالايمىقان بولۇپ كەتكەن. شۇ كۈنى ماۋ زېدۇڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۇنيانى ئۈچكە ئايرىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىشىپ زوراۋانلىققا قارشى تۇرماقچى بولغان. ئامېرىكا، سوۋىت ئىتتىپاقى 1-دۇنيا، ياپونىيە، ياۋروپا، كانادا 2-دۇنيا، ياپونىيەدىن باشقا پۈتكۈل ئاسىيا، پۈتكۈل ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى 3-دۇنيا بولسا بولىدۇ.
       1902-يىلى 2-ئاينىڭ22-كۈنى ئالىملار سېرىق قىزىتما كېسىلىنىڭ پاشا تەرىپىدىن يۇقىدىغانلىقىنى بايقىغان.
     1857-يىلى 2-ئاينىڭ22-كۈنى گېرمانىيە ئالىمى ھېرتىس دۇنياغا كەلگەن.
           1880-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنىنى تارقاتقان ۋە قوبۇل قىلغان ھەمدە دولقۇن ئۇزۇنلىقى بىلەن تېزلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.ئۇ يورۇقلۇق بىلەن ئىسسىقلىقنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.
1848-يىلى 2-ئاينىڭ22-كۈنى فرانسىيە«فېرۋال ئىنقىلابى» پارتلىغان. بۇ ئىنقىلاب فرانسىيەنىڭ ئىيۇل خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 2-جۇمھۇرىيەتنى تىكلىگەن بۇرژۇئا ئىنقىلابى.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 12:11:06

داھىيىمىز ماۋ رەئىس قېرىغاندا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايلا كۈزى ئۇچۇق كىتىپتۇدە
بەت: [1]
: تارىختا بۇگۈن