TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 08:26:59

تاشپولات: سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 08:34  

سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟

تاشپولات روزى

ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! لوس ئانجېلېسقا باھار يېتىپ كېلىپ ئېتىراپىمىز يېڭى چېچەكلەر بىلەن پۈركىلىپ، ئانا تىل بايرام كۈنىگە تېخىمۇ ئېسىل تۈسلەرنى قوشتى! بۇ ئانا تىل بايرام كۈنىگە ھويلامدىكى بۈگۈن ئەتىگەن تارتىلغان ئىككى پارچە رەسىمنى سىلەرگە  سوغا قىلدىم (ھويلامدا 27 تۈپ ھەر خىل مېۋە دەرىخى بار) ئۇنۇڭدىن ھۇزۇرلىنىڭ!


رەسىمدە ئوڭ تەرەپتىن شاپتۇل دەرىخى، ئالگرات دەرىخى.

مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلىمدا ئوقۇپ بىلىم ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا تىلىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن! ئانا تىل ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملەر بەكمۇ چوڭقۇر بولۇپ مىڭىمىزنىڭ قات-قات يەرلىرىگىچە ئورۇنلىشىپ كېتىدىكەن. مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئانا تىلىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ چاغلاردىكى سىنىپلاردا سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىم دەرسلەرنى ناھايىتى قىزىقارلىق خۇش چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتەتتى. سىنىپتا بېرە ئادەمنىڭ ئۇخلاپ قالىدىغان، دەرسكە خوش ياقماي كەلمەيدىغان ئىشلار ئاساسەن كۆرۈلمەيتتى. ھەتتا ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا ئۆتكەن دەرسلەر توغرىلىق ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتۇق. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ چاغدىكى مۇھىت ئاجايىپ جانلىق ئىدى. مەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش جەريانىدا قالتىس داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىلىمى چوڭقۇر بولسىمۇ بىراق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى مېنىڭ ئانا تىلىمدا دەرس بەرگەن ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. دەرس دېگەننى خۇشال-خۇرام، قىزىقارلىق ئىچىدە ئۆتمىسە ئۇنۇڭ ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرغان بىلىمى سۈز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ كىچىكىدىن بىلىمگە قىزىقىشى تۆۋەنلەپ كېتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇلىرى يوقاپ كېتىدۇ.

مەن 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ  ياپونىيەدە 10 يىل تۇرۇپتىمەن. ئامېرىكىغا 2000-يىلى كەلدىم ھازىر بۇ دۆلەتتە تۇرغۇنۇمغا 13 يىل بولدى. مۇشۇ چەت ئەل ھاياتىمدا ئۆيدە پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى خەت ئالاقىلەر بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم بولسۇن ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. مەن ئۆيدە بېرە قېتىممۇ ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ سۆز قىلىپ باققان ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا قىزىم بىلەن ئوغلۇم ئىنگلىزچە  ياكى ياپونچە سۆزلەپ سوئال سورايدۇ بىراق مېنىڭ جاۋابى پەقەت ئانا تىلىدىلا بولىدۇ. بۇنداق روھنىڭ قانداق بەدىنىمگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن!  بەلكىم بۇ روھ ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانام ھەم ئۇستازلىرىمدىن كەلگەندۇ!  مېنىڭ بۇنداق ئانا تىلىمنى قوغدىشىمغا 23 يىل بولۇپتۇ! بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ قايىللىقىم مېنىڭ چەت ئەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا تۈرتكە بولغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇنى يېزىۋېتىپ ئۆزۈمدىن خېلى پەخىرلىنىپ قالدىم دېسە!

بىز ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى  خەلقئارا ئانا تىل كۈنى دەپ بېكىتىپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش بىراق بۇ تەبرىكلەش بىر كۈنلۈك شوئار بولۇپ قالماسلىق لازىم. مەن FB (چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئالاقە قورالى) دىكى دوستلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپى ئانا تىلىدا خەت يازىدۇ. بىراق يەنە خېلى كۆپ دوستلار ئىنگلىزچە خەت بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزئارا خەت ئالاقە قىلغاندا باشقا بىر تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق چۈنكى سىز ئانا تىل قوغدىغۇچىسى ئەمەسمۇ! ئەگەر دوستىڭىز ئۇيغۇر بولمىسا ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن شۇلارنىڭ يېزىقىدا ئالاقە قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىشتا قىلىنىشى مۇمكىن بىراق ئۇنى مەشىق قىلىپ تۇرمىسىڭىز سىز ئۇنۇڭدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ كېتىسىز. مېنىڭچە ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگەنگەن بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشى تەس ئىش ئەمەس.

يۇقىردىكىنى يەكۈنلىگەندە مېنىڭ تەكلىپىم مۇنداق. سىز ئانا تىلنىڭ راسلا قوغدىغۇچى بولسىڭىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئالاقىلەردە ئالدى بىلەن ئانا تىل ئارقىلىق خەت يېزىپ ئالاقە قىلىڭ! يازغان يازمىلىرىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېزىلغان بولسا ئۇ يازمىلار ئانا تىلىدا يېزىلىشى لازىم! ئۇنۇڭ باشقا تىلدا يېزىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق قىممىتى يوق! ئىنساننىڭ ھەق نەرسىدە چىڭ تۇرۇشى تېپىلغۇسىز ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرسىدۇر!

ئەمدى تۆۋەندىكى ھېكايىنى يېزىپ يازمىنى ئاخىرلاشتۇراي.

نەچچە يىللار بۇرۇن ۋەتەندە يېقىن ئۆتكەن مېنىڭدىن خېلى چوڭ بىر ئاكىمىزغا تېلېفون بېرىشقا توغرا كەلدى. بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆي تېلېفون نومۇرى مېنىڭدە بار ئىدى. مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ئۆزى يوق ئىكەن ئايالى تېلېفوننى ئالدى. بىز ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كېيىن ئاكىمىزنى سورىدىم. ئۇ خانىم يولدىشىم سىرتقا چىقىپ كەتكەن ھازىر ئۆيدە يوق دەپ ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى ماڭا خەنزۇچە ئوقۇپ بەردى. مەن بۇ خانىمغا "تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دېسىڭىز  ئۇخماي قالدىم دېدىم". بىراق بۇ خانىم مېنىڭ تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دەپ بېرىڭە دېگىنىمدىن ئەجەبلىنىپ. "ۋوي تاشپولات سىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇدىڭىز ئەجەب خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپسىزغۇ" دەپ ئەجەبلىنىپ كەتتى. مەن ئۇ خانىمغا "ۋوي خانىم مەنغۇ چەت ئەلدە ئۇزۇن تۇرۇپ خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىراق سىز ۋەتەندە تۇرۇپ ھەجىبا ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قاپسىزا" دەپ سورىدىم. بۇ خانىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپلا "مېنى ئولتۇردىڭىز بۈگۈن بەك سەت ئىش بولدى" دەپلا مانا ئەمدى ئۇيغۇرچە ئوقۇيمەن دەپ تېلېفون نومۇرىنى ماڭا ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بەردى. بۇ خانىم دېگەن گېپىگە بەك خىجىل بولغاي تېلېفون نومۇرنى ماڭا دەپ بەرگۈچە مېنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم ئەپۇ سوراپ بولدى.

مەن ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئۇنۇڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئېلىنىشى بىلەن خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى سورىدىم. ئۇ ئاكىمىز "ھە مەن سىز كىمۇ" دەپ چالا خەنزۇچىسى بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇزۇن بوپتىكەن خەنزۇچە سۆزلەپ باقمىغىنىمغا شۇنداق بولسىمۇ چالا-پالا خەنزۇچە بىلەن ئىسمىمنى دېدىم. ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلاپلا "ۋوي سەن تاشپولاتقۇ قىيلىنىپ يۈرگۈچە ئۇيغۇرچىلا سۆزلىسەڭ بولمامدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بۇ ئاكىمىز بىلەن سالاملاشتىم. مەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىدا بولغان ئىشنى ئۇنۇڭغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئاكىمىز "بۈگۈن بەك سەت ئىش بوپتۇ" دەپ مېنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. كېيىن ئۇخسام ئاشۇ ئۆيدە ئۇيغۇرچىدىن باشقا سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بوپتۇ!

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 09:45:53

مەنمۇ ئانا تىلدا سۆزلىشىمەن

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 09:58:48

2008-يىلنىڭ ئاخىرىمۇ، 2009-يىلنىڭ بېشىدىنمۇ ئىسىمدە قالماپتۇ، شۇ چاغدىن باشلاپ «ھازىردىن باشلاش»ئىدىيىسى بىلەن، ئۆزۈم ئانا تىلىمدا دېيەلەيدىغان سۆزلەرنى ئانا تىلدا ئازماي سۆزلەپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى بىرنەچچە يىل داۋاملاشتۇرغان. لېكىن شۇ ئارلىققىچە خۇددى ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشنى خالايدىغانلار پەقەت مەنلا باردەك ھىسىياتتا يۈرەتتىم، تونۇشلىرىم ئارىسىدا كۈلكە ئارلاش «بەك ئۇيغۇرچە بولۇپ كىتىپسەنغۇ» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلغانلارمۇ بولغان...

بىرەريىل بولۇپ قالدى، چىكىنىش ئېغىر. ئۆزۈمنى قايتىدىن سەگەكلەشتۈرۋاتىمەن...

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 10:45:02

نۇرغۇن ئادەملەر تېلېغۇن نۇمۇرىنى خەنچە دېيىشتىن نومۇس قىلماي پەخىرلىندۇ ھەتتا مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەنلەرمۇ شۇنداق... سەۋەبى نۇمۇرنى خەنچە دىسە ئاسان ئەستە قالار ئىمىش

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 10:54:59

مىنىڭچىمۇ مۇشۇ 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر نەچچە كۈندىلا ئانا تىلنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىلىرىنى كۆككە كۆتۈرمەي، قۇلىمىزدىن كىلىدىغانلار 360كۈن ئانا تىلىمىزنى ئەمەلىي، ھەقىقىي قوغدىساق بۇلاتتى.

bahadirhaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 11:08:47

مىللى سىنىپتا ئوقۇيمەن،قېشىمىزدىلا قوش تىللىق سىنىپ بار،بىزنىڭكىدىغۇ ئانچە ئەمەس،ئوقۇتقۇچىللىرىمىز دەرسلەرنىڭ تېمىسىنى(ئادەتتە ئەدەبىياتتىن باشقا)خەنزۇچە يازىدۇ دوسكىغا،كىيىن بىلسەم بۇ يۇقىرنىڭ بۇيرىقىكەن،قوش تىلدىكى سىنىپلادا خەنزۇچە سۆزلىشىش بەك ئېغىر ،بىزبىلەن پاراڭلاشسىمۇ خەنزۇچە گەپ قىلىدۇ،بىز ئۇلارنى ،ئۇلار بىزنى ياراتماي يۈرىيمىزمەكتەپتە
مەكتەپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،مەكتەپنىڭ نەتىجىسىنى شۇلار يۇقىرى كۆتۈرىدىكەنمىش،ئاشۇنداق ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار پاكىزە مۇھىت،سەرخىل ئوقۇتۇش قوراللىرى بىلەن بىزلەرنىمۇ تەمىنلىسە ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئوقۇيتۇق،ئۇلاردىن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا قالىدىغانلىرى ئاز،ئۇلارغا ماتىماتىكا نۇمۇر چىكى يوق،50نۇمۇردىن قوشۇپ بىرىدۇ،ئارزۇ تولۇرۇشتىكى ئاجايىپ ئېتبار سياسەتلەرنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 12:58:05

مىللى سىنىپ دېگەندەك قولاشمىغان ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەڭلار.
مىللى سىنىپ
مىللى يولداش
مىلليلار

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 13:22:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 13:26  

قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈپ يۈرگىلىمۇ 3 يىل بوپتۇ ، بىچارە باللا تولۇق ئوتتۇرىغا قانداق چىقىپ قالغىنىنىمۇ  تۈزۈك ھىس قىلمىغان بولسا كېرەك ، كاللىسى چېلىنىپلا كەتكەن :dizzy: ئاساس ئاجىز بولسا ئاز ئازدىن بىر نەرسە قىلغىلى بولىدۇ بىراق شۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاز تولا  ئۆگىنىش قىزغىنلىقى دىگەن نەرسە بولمىسا ئۇمۇ بىكاردە ، قوش تىللىق سىنىپ بىلەن ئانا تىللىق پارالىل  سىنىپقا دەرس بېرىۋاتقاچقا پەرق مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . ئىختىيارى  قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىش جەھەتتىن يەنىلا ئانا تىللىق سىنىپتىكى بالىلار قىزغىنراق ، بىر قىسىم  جاۋابلار  بىلمەي تۇرۇپ قەستەن  ئالا جوقا بېرىلسىمۇ (ئاغزىمنى كوچىلىغىلى بەك ئامراق بۇ كەپسىزلەر)  مەن بۇ  قىزغىنلىقنى كۆرگەندىكىن ئىچىمدە يەنىلا رازى بولۇپ  جايىدا ئالا جوقا گەپ بىلەن رەددىيە بېرىۋېتىپ تۈزىتىپ ماڭىمەن . لېكىن قوش تىلنىڭ بالىلىرىدىكى سۇلغۇنلۇق ئادەمنى بەك ھاردۇرۋىتىدۇ . بۈگۈنى دەرس ئۆتۈپ روھىنى كۆتۈرۈپ قويسام ئەتىسى مىنىڭ دەرسىمگە كەلگەندە يەنە ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولىدۇ . لېكىن ئۇلاردىكى بىر ئارتۇقچىلىق شۇكى ئاساسلىق  قائىدە مەزمۇنلار ۋە دوسكا خېتىنى ئالدىدا ئۇيغۇرچىسىنى ئەسكەرتىپ  ئاندىن خەنچىسىنى تەكرارلاش،  شۇنداقلا  مۇۋاپىق ئاتالغۇلارنى قوش تىلدا ئىزاھلىغاندىن باشقا قالغان چۈشەندۈرۈش ،مىساللىرىنى ئومۇمەن ئانا تىلدا  %70   ئەتراپىدا  ئۆتكەندە نەتىجىسى ئانا تىللىق سىنىپلاردىن يۇقىرىراق  چىقىدۇ ، بۇ ئۇسۇلنى ئۆزەم قوش تىللىق سىنىپقا دەرس ئۆتۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئۆزگەرتىپ باقمىدىم . سەۋەب  ئۆزەمدىكى ئانا تىل مائارىپى  ئىدىيىسىمۇ بار ،يەنە بىر جەھەتتىن ئۆتۈۋاتقان بىئولوگىيە دەرسىمنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ، تۇرمۇشقا يېقىن ، مىسال ئېلىش بوشلۇقى تولىمۇ كەڭرى، يۇمۇر گەپنى تولا قىلىدىغان ، يەنە كېلىپ بۇلارنى سۆزلەشتە مىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ خەنچە سەۋىيە تولۇق يىتىشىپ بولالمىغاچقا  تۇنجى سائەتتىلا بالىلارغا ‹‹ مەقسەت خەنزۇتىلى ئەمەس بەلكى بىلىم ، مەن ياخشى سۆزلىشىم ،سىلەر كاللىدا چۈشىنىشڭلار كېرەك ، شۇڭا بۇ مەقسەت ئۈچۈن مىسال چۈشەندۈرۈشنى ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن  ›› دىگەننى ئەسكەرتىۋىتىشنى ئۇنتۇمايمەن .
يەنە شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى . يېقىندا ناھىيىدە قوش تىل بۇيىچە دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى بولدى ، بىئولوگىيە گۇرۇپپىسىغا  مىنى  بەلگىلەپ قويۇپتۇ ، ئۆزەممۇ سەل بېغەمراق ھەم ئۆزەمگە ئىشىنىدىغان  بولغاچقا چاتاق يوق دەپ ئولتۇردۇم ، ئىلگىرى مۇشۇنداق مۇسابىقىلەردە  ئۇيغۇرچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىگەنلەردىن نۇمۇر تارتىۋىتىپتۇ ، پالانىچى باشلىق تىللاپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلايتۇق ،  شۇنداق بولسىمۇ  تىل نىسبىتىنى ئەللىكتە ئەللىك پىرسەنت قىلىپ  بالىلار ۋە ئۆزۈمنى  رازى قىلغۇدەك قوش تىل دەرسى ئۆتۈپ ئاخرىدىن سانىغاندا 1- بولسام مەيلى دىدىم ، دەرسلىك دىتالىنى ئاددى ، قىزىقارلىق ،  قوش تىللىق قىلىپ تەييارلىدىم . نۆۋىتىم كەلگەندە سىنىپقا كىرسەم ھەر قايسى مەكتەپ كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ 10 دەك ئادەم ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ ،  راست گىپىمنى قىلسام بۇ قوش تىلدا نامى يوغانراق ئوچۇق دەرسنى ئاران ئىككىنچى قېتىم ئۆتۈشۈم {:90:}  قورساق ئازراق قاراڭغۇلاشقاندەك بولدىيۇ ،چاندۇرماي باشلاپ كەتتىم ، ئوقۇغۇچىلار  تولۇقسىز 1- يىللىقنىڭ يېڭى چىققان بالىلىرى بولغاچقا ئەدەپ بىلەن كۆزلىرىنى لۈمۈلدىتىپ ئوبدان ئولتۇرۇپ بەردى .  بىرىنجى جۈملە ئۇيغۇرچە گەپ ئاغزىمدىن چىققاندا باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى خىزمەتدېشىم  لېۋىنى چىشلەپ قالدى ، ھۇدۇقماي 2- 3- جۈملىلەرنى دەۋەتكەندە ئولتۇرغانلار قىمىرلىشىپ قويدى . پىسەنتىمگە ئالماي سۆزلەۋەردىم ، شۇ تەرىقىدە  بالىلارنى ،باھالىغۇچىلارنى كۈلدۈرگەچ  ئۇيغۇر -خەنچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋەدىم ، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ خەنچە قىينالسا ئويلىغىنىنى ئۇيغۇرچە دەۋىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەچ ‹‹ قوش تىلنىڭ مەقسىتى خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ئەمەس بەلكى ئىككى تىلدا بىلىم ئالالايدىغان ۋە بىلدۈرەلەيدىغان ئادەم يىتىشتۈرۈش ›› دىگەن گەپنىمۇ دىۋىلىشنى ئۇنتىمىدىم. شۇنداق قىلىپ  دەرسمۇ نەق ۋاقتىدا تۈگەپ بەخىرامان چىقىپ كەتتىم ، بىر كۈندىن كېيىن نەتىجىسى چىقتى ،بىر خەننىڭ كەينىدە  2- بوپتىمەن . ئاڭلىسام شۇ ئۇيغۇرچىنى جىقراق سۆزلەپ قويدى  دەپتىمىش ، مۇشۇمۇ كۇپايە دەپ ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم . خۇدا خالىسا دەرس مۇنبىرىدە  ئۇيغۇر تىلىنى ھەرگىز بۇيۇن قىستۇرۇپ قويمايمەن .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 14:04:49

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 13:22 static/image/common/back.gif
قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈپ يۈرگىلىمۇ 3 يىل بوپتۇ  ...

:lol :handshake   ئۇنداق چاغدا باھالىغۇچىلارنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغىنىنى بىلىمەن ...
دەرس مۇنبرىىدە ئانا تىلنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈدەك «ئوقۇتۇش ۋاستىسى» بولسۇنمۇ، ياخشى مىتود بىلەن بىرلەشسە  دەرس دېگەن پۇت چىقىرىپ ماڭىدۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 16:24:07

بارىلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىمزايىمنى ئۇيغۇرچە يازىمەن ،باياتىن  تېخى تېز يوللانمام كەپتىكەن ، ئىمزايىمنى ئۇيغۇرچە يازدىم ، تەتەيخان خەنچە يېزىپ بەرسەڭ دىۋىدى ،ئىمزايىمنى خەق دورىۋالماسلىق ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇرچىلا يازىمەن دىسەم ، ھە ئەمىسە مەيلى ،ئۆزۈم كومپىيوتېرغا قاراپ تولۇقلاپ قوياي دىدى.

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 17:34:17

ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئانا تىل غۇرۇرى سەۋەبىدىن كاتتا ئەسەر مۇھاكىمەتۇللەغەتەيىننى يېزىپ ئانا تىلنى ئەرەپ پارس تىللىرىنىڭ ئالدىدا يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردغان ئىدى، ئەمدى نەۋائىنىڭ ئەجداتلىرى بولغان سىزدەك كىشىلىرىمىز بۇ خەيرلىق ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ.
تەڭرى مەدەت قىلسۇن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 17:50:13

تاشپولاتكام ئىزچىللىق بىلەن ئۇيغۇرچە ئەسەر يىزىشنى تاشلىماۋاتىدۇ،
شۇمۇ ئاناتىلغا بولغان ھورمەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى،
ھەر بىرىمىز بىر ئايدا بولسىمۇ بىر قىتىم ئۆزتىلىمىزدا ئەسەر يىزىپ تور بەتلەرگە قويالىساق
ياخشى بولاتتى . .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:42:16

تاشپولاتكامنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم! مەن چوقۇم يەنە تىرىشىمەن!
رەھمەت سىزگە! بىزدەك گۆدەكلەرگە سىلەردەك چوڭلار ئۈلگە بولۇپ بەرسەڭلار كۆڭلىمىز تېخىمۇ توق تۇرىدىكەن...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 09:59:07

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 13:22 static/image/common/back.gif
قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈپ يۈرگىلىمۇ 3 يىل بوپتۇ  ...

   سىزنىڭ بۇ خىل دەرس ئۆتۈش مىتودىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. بولسا بارلىق قوشتىل ئوقۇتقۇچىلىرى مۇشۇ خىل مېتودنى ئىگەللىيەلىگەن بولسا ھە!
  سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1]
: تاشپولات: سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟