(ئىزدىنىش ) ئوغلۇمغا خەت
ئوغلۇمغا خەت
سالام ئوغلۇم، بۇخەتنى ھازىرچە ئۇقۇيالماسلىقىڭ مۇمكىن.
سەن دۇنياغا كۆز ئاچقان 2- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۆزۈمنىڭ دادا بولغىنىمنى بىلگەندە، شادلىنىشتىن باشقا، زىممەمدىكى ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ھىس قىلغانىدىم. شۇ چاغدا، بۇ كۈننىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم. سېنىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە تۇغۇلۇشۇڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇغۇلۇشۇڭ بەخىت تەلىيڭدۇر. چۈنكى، سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۇڭ ساڭا ئانا تىلىمىزنى، سەندىكى ئۇيغۇرلۇقنى ھەر قاچان ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
ئوغلۇم، مەن ئاددى- ساددا ياشاۋاتقان ئادەم، ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ دادىلىرى، يەنى، سېنىڭ بوۋىلىرىڭمۇ ناھايىتى ئاددىي- ساددا ياشىغان ئادەملەردۇر. باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىق، قولىمىزدىن كەلسە ياخشىلىق قىلىش، ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئادەملەرگە ياردەم قىلىش بىزنىڭ ياشاش مىزانىمىز ۋە قىممەت ئۆلچمىمىزدۇر. دادام ماڭا يالغان سۆزلىمەسلىك، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالماسلىق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلغان. بۇ تەربىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمى سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بولاتتى! ئەمما، داداڭ بولغان مەن، ساڭا ئەمەلى ھەرىكىتىم ئارقىلىق تەربىيە قىلالماسلىقىممۇ مۇمكىن.
ئوغلۇم، بىز ساڭا تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلەپ، ئىمتىھاندا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ، كەلگۈسىدە كاتتا ئادەمگە ئايلانغىن، دېگەندەك قاتتىق تەلەپلەرنى قويمايمىز. ئەلۋەتتە، سەن ياخشى نەتىجە قازانساڭ خوش بولىمىز. ئەمما ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا ئىمتىھان نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار. ئەنە شۇ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھالال ياشاشتۇر. ھالال ياشاش دېگەن نېمە؟ ھالال ياشاش − قولىدىن كەلسە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىق؛ ئەتراپىدىكى ھەرقانداق ئادەمگە مېھرى- مۇھەببەت بىلەن قاراش، ئۆچمەنلىك ساقلىماسلىق؛ تۇرمۇشتا بارىغا قانائەت قىلىش، باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويماسلىقتىن ئىبارەت.
ئوغلۇم ئىنساننىڭ ھەقىقى قوغلىشىدىغىنى ، پۇل مال دۇنيا . نام شۆھرەت بۇلۇپ قالسا ئۇ چاغدا مەن دەۋاتقان . سەمىملىك . ئاق كۈڭۈللۈك .ھالال ياشاش ئارقىلىق گۇلخان بۇلالمىسىمۇ بىر پارچە چوغقا ئوخشاش ئىنسانىيلىق ھارارىتىنى تارقىتالايدىغان ئىنسانى قەدىر قىممەت بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدۇ .
ئوغلۇم، بىز سەندەك چاغلىرىمىزدا، ھازىرقىدەك كومپۇتېر، تېلېفون، تور، ئويۇنچۇق دېگەن نەرسىلەر يوق ئىدى. بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز يېڭى ئاياغ، يېڭى قېرىنداش.... دېگەندەك نەرسىلەرگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ناھايىتى ئاددىي تەلەپلەر ئىدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس ئىدى. بىز ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھېكايە چۆچەكلەرگە ئامراق ئىدۇق، ئۇلاردىن ناھايىتى قىزىقارلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالاتتۇق. سېنىمۇ ئاشۇنداق ھېكايە چۆچەكلەرنى كۆپرەك ئوقۇسا، ياخشى ئادەم بولسا دېگەن ئۈمىدىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، ھالال ياشىسا دېگەن ئارزۇيىمىز بار.
ئوغلۇم، شۇنى مەڭگۈ ئېسىڭدە ساقلىغىنكى، ئاپاڭ ئىككىمىز سېنى بەكلا ياخشى كۆرىمىز، بىز سەندىن پەخىرلىنىمىز. ئۈمىدىمىز شۇكى، ياراملىق، غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ئىنسان بولغايسەن، چوڭ بولغاندا قولۇڭدىن كەلگەن ياردەمنى باشقىلاردىن ئايىمىغايسەن، قەلبىڭدە قوۋمىڭگە نىسبەتەن مېھىر مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرغاي!
ئوغلۇم، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەت بىلەن:
داداڭدىن
2014- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى
مەنمۇ بىرنى يازايمىكىن بالامغا ئاتاپ،توختاخۇن دادا بولاپسىلە،مۇبارەك بولسۇن!{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}{:90:} مۇبارەك بولسۇن ، دىگىنىڭىـدىكىدەك بولسۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yapraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-21 19:56
مۇبارەك بولسۇندادا بوپسىز يەنە كېپ بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە! ئاداش چىن يۈرەكتىن چىققان سوزلىرڭلا مېنىمۇ تەسىرلەندۇردى . سىلە ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك ئادەم. ئاللاھىم بالىڭىزنىڭ سالىھ پەرزەنتلەردىن قىلسۇن ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە دوختۇرخانىدا خەنسوچە سۆزلەپ چىقىپسىز-دە! بارىكاللا! بۇ ھەممە ئاتا ئۆز ئوغلىغا دىيىشكە تىگىشلىك گەپلەركەن. ئاللاھ ئوغۇللىرىمىزنى ھىدايەت قىلىپ، ياخشىلىققا باشلاپ يامانلىقتىن قايتۇرغاي! Birhon يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 20:07 static/image/common/back.gif
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە دوختۇرخانىد ...
ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئىلگىركى بىر نەچچە يىلنىڭ 2-21 كۇنىدەك قىلدۇ . ئىزدىنىشنىڭ ئىككىلى ئوغىلى بەك ئوماق تىتىك چوڭ بولۇۋاتىدۇ . بۈگۈن ھەم ئۇ دوختۇرخانىدا ئەمەس . شۇڭا ئارتۇقچە ۋايىم يەپ يۈرمىگەيسىلەر .
بۇ خەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇنىڭ بالىسىنىڭ قاچان تۇغۇلغىنى ياكى دوختۇرخانىدا قايسى تىلدا سۆزلىگىنى ئەمەس بەلكى خەتتە بالىسىغا دىگنى . ئۇنتۇپ قالماڭلار ئەركەكلەر ، قاچان بىزنىڭ ساق سالامەت تۇرۇپ ئوغۇللىرىمىزغا نەسىھەت قىلالايدىغانلىقىمىزغا ھىچكىم كاپالەت بىرەلمەيدۇ . جېنىمىز تەندە بولۇپ قالسا يەنە پىششىقلاپ نەسىھەت قىلىۋالارمىز ئەمما بولماي قالساق مۇشۇ خەت بىز ئۈچۈن نەمۇنە ھەم بىر ئۆمۈرلۈك نىشان بولۇپ قالغۇسى .... Birhon يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 20:07 static/image/common/back.gif
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە دوختۇرخانىد ...
چاخچاق قىلمايدىغان ئادەم چاخچاق قىلسا بەك كېلەمدۇ نېمە؟ ;P دوستلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەخمەت ...بۇگۈن چوڭ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ، ئىككىمىز ئىككى يەردە بۇلۇپ قېلىپ يېنىدا بۇلالمىدىم، شۇڭا بۇ خەتنى يېزىپ قالدىم.
ھەممىمىزنىڭ ئامان بۇلىشىنى تىلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن....
ساغلام، ھالال چوڭ بولغاي... مۇبارەك بولسۇن ! ! ! دادا بوپتىلا ، قادىر ئاللاھ مۇرات - مەقسەتلىرىگە يەتكۈزسۇن :lol مۇشۇلارنى ئۆزىمىزگىمۇ دېسەك بۇلاتتى ھەممىز. ئىزدىنىشكامنىڭ بۇ تېمىسىغا نىمىشقا ئىنكاس يازمىغان بولغىيدىم:o
قايسىڭ ئۈچۈردىڭ ئىنكاسىمنى:lol
بىر ئائىلىنىڭ پاتراق جەم بولىشىنى تىلەيمەن:) نىمىش بۇ؟ تەمى تىلىمنىڭ ئۇچىدا قېلىپلا تۈگەپ كەتتىيا؟
چولتا بوپقاپتۇ،بەكلا چولتا بوپقاپتۇ.مەززىلىك تائام دىگەننى تويغۇچە يىگۈلىك.
ئاددى ھەم ئۇلۇغ ئۆلچەمدىن نىمە ئۈچۈن تەسىرلەنمەيمىز؟
كىلەر قېتىم مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يازغاندا سەل ئۇزۇنراق يازغايلا.
كەمىنە ئېلى قارامغا مۇزدەك ياقىدىغىنى مانا مۇشۇنداق بايانلار!
بەت:
[1]