sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 12:38:58

ئايپەدكە ئوخشايدىغان باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلار بارمۇ؟

ئىقتىدارى ئايپەدكە ئوخشايدىغان باشقا تۈردىكى تاختا كومپىيۇتېرلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار،مەسىلەن بىلكان پەد...دېگەندەك.تاختا كومپىيۇتېرنىڭ جۇڭگونىڭ،كورىيەنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىگەنلىرىدىن قايسى بولسا بولىۋېرىدۇ،ۋايفاي نەشرى ئەمەس،كارتىلىقلىرىدىن باھاسى،ماركىسى،سېتىش ئورۇنلىرى دېگەندەك،توردىن سېتىۋالغىلى بولسا تېخى ياخشى.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 13:39:49

مۇئەللىم شىركىتىنىڭ يېقىندا چىققان «بىلىگ پەد» مۇ ياخشىكەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 13:53:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-21 13:59

خاتالاشماڭلار....
iPad كە ئوخشايدىغان تاختا كومپيۇتېر پەقەتلا يوق. iPad دېگەن iOS سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئوخشىىتىپ ياسالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن Android سىستېمىسى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىككىسى يەنىلا ئىككى دۇنيا.
ئەگەر چوقۇم iPad بولماسلىقى كېرەك دەپ قارسىڭىز، چوقۇم Windows سىستېمىلىقنى ئېلىڭ.
مەيلى iPad بولسۇن ياكى Android بولسۇن، ئۇنى ئاساسەن ئوينىغىلىلا بولىدۇ، ئىلگىرى Windows دا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسىنى ئاساسەن قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر Windows سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئالسىڭىز، ئىلگىرى كومپيۇتېردا قىلغان ھەرقانداق ئىشلىرىڭىزنى قىلالايسىز.
مەسىلە، تۆۋەندىكى ئادرېستا تونۇشتۇرۇلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ:
http://list.jd.com/670-671-2694-0-53897-0-0-0-0-0-1-3-1-1-31-2686-2687-0.html

يەنە، بىرگەپنى دەپ قوياي،
مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بىلىگ پەد W8 نى مەن ئىلگىرى ئىسمىدىكى «W8» گە قاراپ، Windows 8سىستېمىلىق ئوخشايدۇ دەپ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپتىكەنمەن. كېيىن ئىشلىتىپ باقسام، Android سىستېمىلىق ئىكەن. ئاندرويد سىستېمىلىق بولغانكىن A8 دەپ ئىسىم قويماي،... مۇشۇنداقمۇ ئىسىم قويامدۇ دەيمەن، ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ....
ئەگەر Android سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئالىمەن دېسىڭىز، مۇئەللىم ياكى ئىرپان ياكى بىلكان شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولمايسىز. سۈپەت جەھەتتىنمۇ كاپالەتكە ئىگە.
ئەمما ھازىرغىچە تېخى Android قا مۇكەممەل Office دېتاللىرى ياسالمىدى. Openoffice دېگىنى بەك ناچاركەن، Microsoft Office نىڭ ئاندرويد نۇسخىسى ئۇيغۇرچە ۋە باشقا ئوڭدىن-سولغا يېزىقلارنى قوللىمايدىكەن. ئىشقىلىپ، بۇ جەھەتتىن ئاندرويد تېخى پىشمىدى...

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 14:29:58

ASUS نىڭ ۋىندوۋىس سېستېمىلىق پەدلىرى ياخشىكەن.
تور سىمى چاتقىلى ،كارتا سالدىغان،سىمسىز تور قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:00:05

تاختا كومپىيوتېرنىڭ ئىچىدە iPadكە يىتىدىغان ئۈسكۇنە يوق .
دىمەكچى بولغىنىم مەشغۇلات سىستىمىسى جەھەتتە، قاتتىق دىتاللىرىمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزقويغاندەكلا .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:17:09

مەن بىر سوئالنى سورىۋالسام:
مېنىڭ ئايپىتىمنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كېتىپ، قايتا سالدۇرغان،نا ئۇستىلار سېلىپ قويۇپتىكەن، بىر نورمال ئىشلەپ، بىر تۇرۇپ شۇنداق كاللىسى قېيىپ كەتكەندەك ئۆزلىكىدىن باشقا بەتلەر ئېچىلىپ، يېپىلىپ، مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر ئېچىلىپ، ئۆچۈپ قېلىپ دېگەندەك بولۇپ قالىدۇ... تۇرۇپ ئوڭشىلىپ قالىدۇ... ئون مىنۇن ئىشلەتكەندىن كېيىن يەنە شۇنداق قىلىشنى باشلايدۇ...
مەن بۇنى يەنە بۇزۇپ قويمىسۇن دەپ ئوڭشايدىغان يەرگە ئاپارمىدىم... بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ؟ بولسا مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلار....

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:49:24

ئاندىرويىد سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېرلار ئىچىدە Google nexus7, Samsung galaxy tab تۈرىدىكىلەرنى ئالسىڭىز پۇشايمان قىلمايسىز.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 17:55:15

Microsoft Surface دەيدىغىنىم شۇ.
ئىشقىلىپ Android سېستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياقتۇرمايمەن.
پەرىزىمدە يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە Microsoft نىڭ سېستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان ھەميان ئۈسكۈنىلەر كۆپىيىپ، بازارنى ئىگەللەيدىغاندەكلا.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:30:57

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 15:17 static/image/common/back.gif
مەن بىر سوئالنى سورىۋالسام:
مېنىڭ ئايپىتىمنىڭ ئەينىكى ...

تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىنمۇ بەزىدە سېلە دىگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ . قايتىدىن سېستىما قاچىلا تۈرمىگە سولاپ باقىلى يەنە شۇنداق قىلىپ تۇرۋالسا ئاندىن قاتىق دىتالدىكى مەسىلە دەپ قارىساق بۇلىدۇ.

مىنىڭچە بۇ كىسەل تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ كاشىلىسى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 22:38:01

مەنمۇ نەق مۇشۇ مەسىلىدە بېشىم قېتىپ تۇرۇۋېدى، ئوبدان سورىلىپتۇ بۇ سوئال...
قارسام زادى ئايپەدنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك باشقا بىرەر تاختا كومپيۇتېر باردەك ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ يەكلىمىچىلىكىنى ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ...   ماڭا ئەڭ بولمايدىغان يېرىزە، تور بانكا ئاچقۇسىنى سالغىلى بولمايدۇ.

ۋىندوۋس سېستىما قاچىلانغان باشقا تاختا كومپيۇتېر بولسا مەنمۇ كۆرۈپ باقسام بولىتتى...

ئۇيغۇرچە ماركىلاردىكى مۇشۇ خىل مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 00:50:20

doctor يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 18:30 static/image/common/back.gif
تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىنمۇ بەزىدە سېلە دىگەندەك كې ...

رەھمەت...
تۈرمىدىن قاچۇرمىغان... شۇنداق بولسىمۇ سىز دېگەندەك سىناپ باقىلى...

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 08:16:56

ئاسۇس نىكورەپبىقىڭلاخىلى بولاپقالىدۇ

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 09:06:33

تورداشلارغا كۆپرەھمەت ! بىر ھون سىزگە كۆپ رەھمەت،سىنكپەدنى بەك ئالغۇم بارتى،ئەمما قىممەتكەن بەك.توشىبانىڭ قانداقراقتۇ؟ViewSonic نى ئىشلىتىپ باققانلار يوقمىدۇ،تاختىسى باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك تۇرىدۇ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 09:34:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-22 09:36

windows سېستىمىلىقنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقىمۇ دېققەت قىلىڭ. X86架构لىق بولسا بولىدۇ، بۇنداقلىرىغا ئاساسەن win8ياكى 8.1 قاچىلانغان، كومپيوتېردا ئىشلىتىۋاتقان دېتاللارنى ئىشلىتەلەيسىز. يەنە بىرخىلى ARM架构لىق، بۇخىلدىكىسىگە windows RT سېستىمىسى قاچىلانغان، ماس كىلىدىغان دېتاللار بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان win8,8.1 گە چۈشىدىغان دېتالغا ئوخشىمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئادرېستىن تاللايدىغان سەپلىمىنى تاللاپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ(win8بىلەنX86架构غا بەلگە ئۇرۇپ قويدۇم):
http://detail.zol.com.cn/tablepc_advSearch/subcate702_1_s3936-p23625_1_1_0_1.html?#showc

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:20:46

ئالما مەھسۇلاتىغا نىمە يەتسۇن ؟!

ئۇيغۇربەگنىڭ بىلوگىدا :

ئايفونى يوق ياش ،
تام تۈۋىدىكى تاش .

دىگەن ئىككى مىسرا قوشاقنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم . تاختا كومپىيۇتېر ئالىدىغان ئىش بولسا ئايپەد4 64گىگابايتلىق ۋايفاي ھەم 3ج تورلۇقىنى سېتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ .

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:23:38

kndle توغۇرلۇق بىر تېما باتتى ،تاپالماي مىشەگە يازدىم.
بىر كىتاپ ئوقۇغۇچ ئالاي دىگەن، 1000سوم ئىچىدە. قارىسام kindle paper white ئەڭ ياخشى تاللاش ئوخشايدۇ،،لىكىن ئاران 6دىيۇملۇق ئىكەن.
بۇ ئوقەتنى ئېلىپ ئىشلەتكەنلە بارمۇ?ئادەتتىكى pdfكىتاپلارنى ئوقۇغىلى بۇلامدۇ ياكى بەك كىچىك بۇلۇپ قالامدۇ? ئۇيغۇرچە pdfلەرنى تۇنۇمدۇ?ياكى بۇنۇڭدىنمۇ ياخشى تەسىيەلىرىڭلار بارمۇ?

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:52:22

ئاۋۇ «كىشى بېشىغا بىر» (の人の本)دىگىنى قانداقراق؟ مەنمۇ مۇشۇ ھەميان كومپىيوتېرنىڭ ياخشىراقىنى ئىزدەۋاتاتتىم.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 21:32:48

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 17:23 static/image/common/back.gif
kndle توغۇرلۇق بىر تېما باتتى ،تاپالماي مىشەگە يازدىم.
بى ...

ماڭىمۇ پەقەت كىتاپ ئوقۇش ، ئانچە مۇنچە خەۋەر كۆرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بىرسى لازىم.
ئىلگىرى مۇنبەردە شۇنداقراق بىر ئۈسكىنىنىڭ گىپى بولغاندەك قىلغان.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 21:38:39

مۇشۇ پەدلەرنى ئالسام ئويۇن ئويناپلا ئۆتۈپ كىتەمدىمكىن دەيمەن. قولۇمدىكى تىلفۇنمۇ ئويۇندىن ئاشمايدۇ. ئىلگىرى ئەقلىفوننى تۇتماستا MP4 تە كىتاپ دىگەننى كۆرۈپ قويۇپتىكەنمەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 21:51:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-2 22:00

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 17:23 static/image/common/back.gif
kndle توغۇرلۇق بىر تېما باتتى ،تاپالماي مىشەگە يازدىم.
بى ...

كىتاپ ئوقۇشقا Kindle ھەقىقەتەن ياخشى،ئامازوننىڭ ئۆزىدىن سېتىۋالغان كىتاپلىرىغا نىسەتەن شۇنداق،ماڭا ئەڭ يارىغان يېرى بۇنىڭ ئىكرانى پەقەت كۆزنى چاقايىتمايدۇ،لېكىن بۇ نەرسە Pdf ھۆججەتنى بىۋاستە تونىمايدۇ،مەن شۇنداق ھەپىلىشىپ تونۇتالماي چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇپ باقسام ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن بىر نىمىنى نىمە قىلىپ Pdf ھۆججەتنى ئالدى بىلەن ئامازوننىڭ ئىلىكترونلۇق خەت ساندۇقىغا يوللاپ ئاندىن ئۇنى Kindle غا يوللاپ ئاندىنKindle ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ دىگەندەكمۇرەككەپرەك بىر جەريان كېتىدىكەن.جىق ھەپىلىششىكە كاللام يەتمەي ھەمخوش ياقماي بولدى قىلغانتىم،بولسا بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلەر .
بۇ نەرسىدە يەنە سىناق نوسقىدىكى تور كۆرگۈ بار،لېكىن تورغا 2004-يىلى كونكا تىلىفۇندا 10 مىنۇت تورغا چىقىپ باكادىن -باكا 50 نەچچە كوي تۆلىگەندەك ھەم ئاستا ھەم بېزەڭ چىقىپ قويىدىكەن،سومرۇغنىڭ بىر خەۋىرىنى كۆرەپ ئارقىسىغا يانالماي جىق ھەرەج تارتىپ كەتكەندىن كىيىن بۇ نەرسىدە تورغا چىقىپ باقمىدىم.
بەت: [1] 2
: ئايپەدكە ئوخشايدىغان باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلار بارمۇ؟