dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:19:16

ئېتىقادلىق ۋە ئېتىقادسىز جەمەتنىڭ 200 يىللىق سېلىشتۇرمىسى

ئېتىقادلىق ۋە ئېتىقادسىز جەمەتنىڭ 200 يىللىق سېلىشتۇرمىسى
ئوكيان تورى تەرجىمىسى
0.jpg
كۆپچىلىك ئېتىقاد ۋەمۇھەببەتنىڭ بىر ئادەمگە، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ قەلب ساغلاملىقى، بىر ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىسى:
ئوخشاش بىر دەۋردىك ىئىككى جەمەت، بىرى خرىستىئان دىنىغا ئىشىنىدىغان ئېدۋاردس (Edwards) جەمەتى. يەنە بىرى خۇداسىزلىق نەزەرىيىسىنىڭ داڭلىق پېشۋاسى ماكسيۇكېس (Max Jukes).
خۇداسىزلىق نەزەرىيىسىنىڭ پېشۋاسى ماك يۇكېرس ئېدۋاردسقا:«سەن ئىشەنگەن ئۇ ئەيساغا مەن مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن!» دېگەن ئىدى.
بەزىلەر ئېدۋاردس جەمەتىنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدى، ھەم ماك يۇكېس جەمەتىنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدى، تەپسىلىي نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:
(1)             ئېدۋارس جەمەتى
نوپۇس سانى: 1394 ئادەم، ئۇلاردىن: 100 نەپەرئالىي مەكتەپ پرافېسسورى، 14 نەپەر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى، 70 نەپەر ئادۋوكات، 30نەپەر سودىيە، 60 نەپەر دوختۇر، 60 نەپەر يازغۇچى، 300 نەپەر باستېر، دىنىي ئالىم،3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، بىر نەپەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت چىقتى.
(2)             ماكس يۇكېس جەمەتى
ئومۇمىي نوپۇس سانى: 903 ئادەم، ئۇلاردا: 310نەپەر لۈكچەك، 130 نەپەر 13 يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەن جىنايەتچى، 7 نەپەر قاتىل، 100نەپەر ھاراقكەش، 60 نەپەر ئوغرى، 190 نەپەر پاھىشە، 20 نەپەر سودىگەر(سودىگەرلەرنىڭ 10 نەپىرى تۈرمىدە سودا قىلىشنى ئۆگۈنىۋالغان) چىقتى.
ئامېرىكا ئالىمى (A.E.Winship) ئا.ئې ۋىنشىپ 1900-يىلى بىر تەتقىقات قىلىپ، ئىككى جەمەتنى سېلىشتۇرۇپ، «Jukes-Edwards» دېگەنكىتابنى يازدى. ئۇ بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى ئىزقوغلىغان.
ۋاقىتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ بارلىق ھەقىقەت ۋەيالغانچىلىققا شاھىت بولالايدىغانلىقىدا! بۇ دۇنيادا تاسادىپىيلىق يوق.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىدا شۇنچە چوڭ پەرق بولىشىنى چۈشەنمىكى ناھايىتى تەس. بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سەۋەب ئېدۋارس جەمەتى ئېتىقادنىڭ كۈچىگە ئېرىشكەن.
ئېتىقادنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار ئىككى مۇھىم ئۇرۇقنى تېرىدى.
تېرىغان بىرىنچى ئۇرۇق مېھرىبانلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن شۇنچە كۆپ دوختۇر، پرافېسسور ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرى چىققان.
ئىككىنچى ئۇرۇق بولسا تەپ تارتىش ئۇرۇقى. بۇنداق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بالىلار ئۈستىدە خۇدانىڭ قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى مەڭگۈ ئېسىدە تۇتىدۇ.
دىققەت قىلغان-قىلمىغانلىقىڭىز ماڭا نامەلۇم، نېمەئۈچۈن ماك يۇكېس جەمەتىدىن شۇنچە كۆپ لۈكچەك، ئوغرى ۋە پاھىشە چىقىدۇ؟
چۈنكى بۇنداق جەمەتنىڭ تەربىيىسىدە تەپ تارتىش، خۇدادىن قورقۇش كەم بولىدۇ.
تەپ تارتىش بولمىغان تەربىيىدە، ئەلۋەتتە شۇنداق بۇزۇق ئادەملەر كۆپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە: خۇدا دېگەن نېمىتتى، مەن ئەڭ نوچى، مېنىڭ قىلالمايدىغىنىم يوق...دېگەن ئدىيە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 100 يىللىق سەرگۈزەشتىسى بىزگە ئېتىقاد بىلەن مۇھەببەتنىڭ غايەت زور كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، پۇل مۇناسىۋىتىدە ئاندىن بىر قانۇنىيەت بار بولدى: ئېتىقاد كۈچنى تۇتاشتۇرىدىغان يول!
ئېسىڭىزدا تۇتۇڭ: ئۇرۇقنىڭ كۈچىنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، ھەممىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز!

مەنبە:ئوكيان تورى

baburhan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 12:21:53

ئوبدانلا بىر تىمىنى يوللاپسەن.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 13:04:16

بۇ باراۋەر بولمىغان سېلىشتۇرۇش بوپتىغۇ،بىر جەمەتتىن پەقەت ياخشى كىشىلەرنىلا يەنە بىرسىدىن ناچار كىشىلەرنىلا ئىستاتىكىلاپ،قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 14:26:34

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد   

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ،بۇ چاغدا ،نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى شېۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولم شەھىرى بىلەن نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇ شەھىرىدە داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.بۇ ھەيئەت 1901-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا (ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرىتىدا) جەمئى 639نەپەر نۇبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى باھالاپ چىققان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 639 نەپەر ئالىم ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياكى دىنىي ئېتىقادى ئاجىزلار جەمئىي 21 نەپەر بۇلۇپ،ئۇلار ئاساسەن سابىق سېۋىت ئىتىپاقىدىن ۋە سابىق شەرقى ياۋروپا سوتسىيالىستىك ئەللىرىدىن ئىكەن.639 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەردىن ھەرخىل دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسا 618 نەپەرنى ئىگىلەيدىكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە خىرىستىيان دىنى (جۈملىدىن كاتولىك دىنى،پروتېستانتىيە دىنى،پراۋوسلىيە دىنى)غا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 596 ،يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8،بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8،ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 4، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 2 ئادەم ئىكەن.
نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 81 كىشىدىن بىرمۇنچىللىرى دىننىي داھىيلار ياكى دىننىي ئالىم-ئۆلىمالار ئىكەن.بۇلۇپمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەزى مەشھۇر جەمىيەت ئەرباپلىرى،سىياسىيونلارۋە دۆلەت رەھپەرلىرى،مەسىلەن:ئامرىكىدىن كېسىنگىر(يەھۇدىي دىنىدا)،جەنۇبىي ئاپرىقىدىن ماندىلا(پروتېستانتىيە دىنىدا)،پەلەستىندىن ئەراپات (ئىسلام دىنىدا)،پولشادىن ئوۋېنسا (كاتولىك دىنىدا) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.
مەنبە:<<ھىدايەت گۈلزارى>> 1-

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:01:26

ئېدۋارس جەمەتىدىن چىققان ياخشىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ بوۋىسىغا ئوخشاش ئىخلاسمەن خىرىسىتىيان ئوخشىمامدۇ.:o
يەنە ماكس يۇكېس جەمەتىنىڭ 900 نەچچە ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى دىنسىزكەندە؟
ئەگەر مەن ئۈستىدە سورىغان ئىككى سوئالنىڭ جاۋابى «شۇنداق» بولسا، ئاندىن تىمىدا دىگەن خۇلاسىنى چىقارساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا 200 يىل بۇرۇنقى ئەجدادنىڭ ئىتقادى بىلەن ھازىرقى ئەجدادلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن قىلدەك مۇناسىۋىتىمۇ قالمايدۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 20:36:05

راس، سېلىشتۇرغاندىكىنياخشىسىنى ۋە يامىنىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق سېلىشتۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى.دىنسىزنىڭ ئەۋلادىدىن دىندار، دىندارنىڭ ئەۋلادىدىن دىنسىز چىقىشىمۇ مۈمكىن.
ئومۇمەن، دىندارنىڭ جەمەتىدىن ياخشىلار كۆپ چىقىپتۇ.

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 11:15:27

yigana523 يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 13:04 static/image/common/back.gif
بۇ باراۋەر بولمىغان سېلىشتۇرۇش بوپتىغۇ،بىر جەمەتتىن پ ...

سىزگە ياقمىغاننىڭ ھەممىسى ئىشەنىچسىزمۇ؟
بۇنىڭغىمۇ بىرنىمە دەپ بىرىڭ ئەمىسە، سىز ھەممىنى بىلىدىغان، ھەممىنىڭ توغرا خاتاسىنى بىلگۈچى ، ياخشى بىلەن ياماننى بەلگۈلىگەندىن كىيىن...

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد

بىسمىللاھىر رەھمانىر

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ،بۇ چاغدا ،نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى شېۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولم شەھىرى بىلەن نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇ شەھىرىدە داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.بۇ ھەيئەت 1901-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا (ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرىتىدا) جەمئى 639نەپەر نۇبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى باھالاپ چىققان
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 639 نەپەر ئالىم ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياكى دىنىي ئېتىقادى ئاجىزلار جەمئىي 21 نەپەر بۇلۇپ،ئۇلار ئاساسەن سابىق سېۋىت ئىتىپاقىدىن ۋە سابىق شەرقى ياۋروپا سوتسىيالىستىك ئەللىرىدىن ئىكەن.639 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەردىن ھەرخىل دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسا 618 نەپەرنى ئىگىلەيدىكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە خىرىستىيان دىنى (جۈملىدىن كاتولىك دىنى،پروتېستانتىيە دىنى،پراۋوسلىيە دىنى)غا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 596 ،يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8،بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8،ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 4،ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 2 ئادەم ئىكەن
نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 81 كىشىدىن بىرمۇنچىللىرى دىننىي داھىيلار ياكى دىننىي ئالىم-ئۆلىمالار ئىكەن.بۇلۇپمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەزى مەشھۇر جەمىيەت ئەرباپلىرى،سىياسىيونلارۋە دۆلەت رەھپەرلىرى،مەسىلەن:ئامرىكىدىن كېسىنگىر(يەھۇدىي دىنىدا)،جەنۇبىي ئاپرىقىدىن ماندىلا(پروتېستانتىيە دىنىدا)،پەلەستىندىن ئەراپات (ئىسلام دىنىدا)،پولشادىن ئوۋېنسا (كاتولىك دىنىدا) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.
مەنبە:<<ھىدايەت گۈلزارى>> 1-سان

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 11:46:18

biltap يوللىغان ۋاقتى2014-2-22 11:15 static/image/common/back.gif
سىزگە ياقمىغاننىڭ ھەممىسى ئىشەنىچسىزمۇ؟
بۇنىڭغىمۇ ب ...

مېنىڭ ئېيىتقىنىم مۇشۇ يازمىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،لېكىن كۆرسەتكەن پاكىت،سانلىق مەلۇماتلار باراۋەر يوسۇندا سېلىشتۇرۇلمىغان،نەقىل ئېلىنغان سىتاتىلاردىن دېيىلمەكچى بولغان مۇددىئانى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.توردا كۆرۈپلا قويۇشقا بولىدىغان،ئىلمى ئەسەر ،بەس-مۇنازىرىدە ئەسقاتمايدىغان يازما.
قىسقىسى مەن لوگېكا توغرىسىدا سۆزلىدىم،شۇڭا مېنى دېنىي ئۆلچەم بويىچە ئەيىپلىمەڭ

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 13:20:28

baburhan يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 12:21 static/image/common/back.gif
ئوبدانلا بىر تىمىنى يوللاپسەن.

تىما ئىگىسى بىلەن تۇنۇشامسىز، سەنلاپلا چۈشۈپسىز.

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 13:21:22

nasin يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 15:01 static/image/common/back.gif
ئېدۋارس جەمەتىدىن چىققان ياخشىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ ب ...

مانىڭغىمۇ بى ئىنكاس يېزىڭا قارىساق خېلى ئىلمىڭىز باردەك قىلىدۇ.

ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1900-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 1901-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ رەسمى ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ 1996-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﻣﯘﺷﯘ 95ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺟﻪﻣﺌﻰ 639 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .( P

پەن تۈرى بويىچە ئايرىغاندا:
ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ 148 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﺩﯨﻦ123 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺩﯨﻦ159 ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ 91ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ81 ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ37 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە ئايرىغاندا:
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ 43ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ229 ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ81، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ72، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ48 ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ27، ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ18،ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ17، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ15،ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ،ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﻴﺮﻳﻪ13، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ11، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ8، ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ4، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ3، ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ8، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ4، ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ4 .
e
نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دۆلەتلەر بويىچە رىقابەت كۈچى جەھەتتىن قارىغاندا:
    ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.

دىنى ئىتىقات جەھەتتىن ئايرىغاندا:
ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﺴﯩﻤﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ 639ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ 21ﻧﻪﭘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺳﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎدىكى سابىق سوتسىيالىستىك ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ596 ﻧﻪﭘﻪﺭ (ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ، ﻛﺎﺗﯘﻟﯩﻚ، ﭘﯩﺎﯞﯗﺳﻼﯞ) ، 93ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﻪﮬﯘﺩﻯ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 8ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯩﻨﺪﻯ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﺌﻰ 6، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 4ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ 0.62ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ.
f
ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارنى تەربىيىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا:بۇ

ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ 20ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ، ﻛﺎﻣﺒﯩﺮﯨﭻ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ 56، ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ36، ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ 34، ﺑﯩﺮﻟﯩﻦ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ 26، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯩﯖﺸﯩﯔ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯩﻜﺎﮔﯘ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻠﯩﺮﻯ22، ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ20.
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻛﺎﻣﺒﯩﺮﯨﺞ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﯩﺮﯗﺗﯩﺴﺘﺎﻧﺖ ﻣﻪﺳﯩﮭﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺗﻮﭘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ: ﯞﺍﯕﻴﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ
http://bbs.culture.163.com/bbs/ltgch/174273930.html

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 14:16:49

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 09:05:03

baburhan يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 12:21 static/image/common/back.gif
ئوبدانلا بىر تىمىنى يوللاپسەن.

مەن سەندەك چۈپەي ئەمەس،ھەممىنى ئىچىمگە سولىۋالدىغان.باشقىلارغىمۇ ئازراق پايدىسى تىگىدۇ دەپ قارىغانلىرىمنى يوللاپ قويدۇم شۇ:lol :lol
بەت: [1]
: ئېتىقادلىق ۋە ئېتىقادسىز جەمەتنىڭ 200 يىللىق سېلىشتۇرمىسى