mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 08:10:59

(كارىزى) بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 08:21  

ئېلاۋە: 2-ئاينىڭ 21- كۈنى« خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھوزورىڭىلارغا سۇندۇق.



شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ رولى

ئادىل غاپپار كارىزى
        قىسقىچە مەزمونى: بۇ ماقالىدە ئاپتۇر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئۈستىدە 3 ئايدىن كۆپرەك ئەمىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ شەھەر ئائىلىلىرىدىكى نۆل ياش(يېڭى تۇغۇلغان)تىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىدىكى رولى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرچە ئېلانلارنىڭ ئىجابى رولىنى 6 نۇقتىدىن بىر قەدەر سېستىمىلىق يۇرىتىپ بەرگەن.

           ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەھەر ئۇيغۇر ئائىلىسى، ئانا تىل مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيە ئېلانى

         ئانا تىل تەربىيىسى ئائىلىلەردە بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈزلۈكسىز تەربىيە. بۇ خىل تەربىيە قۇيۇق تىل ئالاقە مۇھىتىغا مۇھتاج. چۈنكى، بالا ئۆز ئانا تىلىنى تىل ئالاقە مۇھىتىدا ئاڭلاش، دوراش، سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە تەربىيىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىل تەربىيىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى ئاتا-ئانىلار بالىلار قىرقى توشقاندىن تارتىپ، ئۇلارغا توختىماي سۆزلەپ، گەپ قىلىپ، ناخشا-قوشاقلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ قۇلاق پەردىلىلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى تۇنۇشىغا پايدىلىق. ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدىكى تەجرىبە ۋە كەچۈرمىشلەر شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، قۇيۇق تىل ئالاقە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىپ ئىشلىتىشى، تىل ئالاقە مۇھىتى كۆپ بولمىغان بالىلارنىڭكىدىن بالدۇر ھەم تۇلۇق بولىدۇ. دېمەك، تىل ئالاقە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمما، 1990-يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئائىلە مەدەنىيىتى بارغانسېرى يىمىرىلىپ، سۇسلىشىشقا باشلىدى. ئىقتىساددىي بېسىم، خىزمەت بېسىمى ۋە خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي بېسىملار ئانا تىلغا پىششىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتتى. كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتتىكى كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەزمون ۋە شەكىل جەھەتتىكى گىرەلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، جەمئىيەتتە كۆپ خىل ئارلاشما تىل ئالاقە مۇھىتىنى شەكىللەندۈردى. مائارىپ ساھەسىدە قوش تىل ئوقۇتۇش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە كۆلەملەشتۈرىلىشى نەتىجىسىدە، شەھەرلەردىكى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى يۇمشاق دېتال مۇھىتى تارىيىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئېلانلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە مەزمۇن بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئائىلىلەردە بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى  ئۆگىنىشى ئۈچۈن يېڭىچە بىر مۇھىت يارىتىپ بەردى.
        ئېلان جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئورۇن ۋە ياكى شەخىس ئىدارە ئورگان، كارخانا، تاۋار قاتارلىق مەلۇم شەيئىنى سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش ھەمدە شۇ ئورۇن كارخانا ۋە ياكى تاۋارنى جەمئىيەتكە، خەلىقكە تونۇتۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بىر خىل ۋاستە. ھازىر ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلان ۋاستىلىرى رادىئو-تېلىۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، توربەت، مەخسۇس فىلىم، تەشۋىقات ۋارىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان ئېلان ۋاستىسى تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقىدۇر. تېلېۋىزىيە ئېلانچىلىقى مۇئەييەن كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەلۇم مەھسۇلات تەشۋىق قىلىنىدىغان، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، قاپلىنىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان ئېلان سەنئىتىدۇر. تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە تەربىيلەش قاتارلىق رولى بار.
         مۇشۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى قۇيۇق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى، سۈزۈك ئېكران، تىپىك مىللىي ئوبراز، يېقىملىق مىللىي مۇزىكا، ئېنىق ۋە راۋان تىل بىلەن مەيدانغا چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ  دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ماختاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. شۇنداقلا، بىر قسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە يات بولغان سۈپەتسىز ئېلانلار ۋە تەرجىمە ئېلانلار كىشىلەرنى بىزار قىلدى ۋە تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە، ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئېلانلارنىڭ تەربىيلەش رولى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۇلىمۇ پايدىلىق بولماقتا. ئېلانلاردىكى سۈزۈك ئېكران، يېقىملىق مۇزىكا، تىپىك بەدىئىي ئوبراز، راۋان ۋە ئېنىق تىل، ئائىلىلەردىكى تارىيىپ كەتكەن ئانا تىلدىكى ئالاقە مۇھىتىنىڭ قىسمەن بوشلۇقلىرىنى تۇلۇقلاپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك بالىلاردا ئېلانخۇمارلىق پىسخىكىسى شەكىللەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن، بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل پىسخىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كوچا-كويلاردىن مەخسۇس ئېلان پىلاستىنكىسى ئىزدەشكە مەجبور بولماقتا. چۈنكى، بالىلار بىر تەرەپتىن بۇ ئېلان ۋە ئېلان پىلاستىنكىلىرى ئارقىلىق ئۆزىدىكى خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنەلەيتتى. ئۇنداقتا بالىلار قانداق قىلىپ ئېلاندىن ئانا تىل مەدەنىيتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ؟ شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ زادى قانداق رولى بار؟ بىز بۇنى تۆۋەندىكى بىر تىپىك مىسالنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەپسىلى يىشىپ چۈشەندۈرىمىز.
          تىپىك مىسال: ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىدە تۇنجى بالا تۇغۇلۇپ، قىرقى مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، ئانىسى دائىم بالىسى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، چوڭ ئېكرانلىق تېلىۋىزور ئالدىدا تېلىۋىزور كۆرگەچ بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىپتۇ. بۇ جەرياندا تېلىۋىزورنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى توختىماي بالىنىڭ قۇلاق تۆۋىدە ياڭراپ تۇرۇپتۇ. بالا ئۈچ ئايلىق بولغاندا، تېلىۋىزوردا ئۇيغۇرچە ئېلان قويۇلسىلا، بالا قىلمىشلىرىنى توختىتىپ دىققەت بىلەن ئېلانغا قۇلاق سالىدىغان، ھەتتا يىغلاۋاتقان بولسا يىغىسىنى توختىتىپ، ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بولسا ئېمىشىنى توختىتىپ، بېشىنى تېلىۋىزور تەرەپكە بۇراپ ئېلانغا قارايدىغان قىلمىش ھالەتلىرى بارلىققا كېلىپتۇ. بۇنى بايقىغان ئاتا-ئانىسى بالىمىز ئېلانغا ئامراقكەن دەپ، ئېلان چىقىشى ھامان بالىنى تېلىۋىزور تەرەپكە قارىتىدىغان بوپتۇ. بەزىدە بالا يىغلاپ كەتسە بەزلەش ئۈچۈنمۇ تېلىۋىزورنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە ئېلان ئىزدەپ قويۇپ بېرىدىغان بوپتۇ. بالا ئېلاننى كۆرگەن ھامان يىغىسىنى توختىتىدىغان ئېلانخۇمار بولۇپ قاپتۇ. بەزىدە يېرىم كېچىدە، بالا بەك يىغلاپ كەتسە، تېلىۋىزوردىن ئېلانمۇ تېپىلمىغاچقا، بالىنىڭ دادىسى بازاردىكى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي پىلاستىنكا ساتىدىغان دۇكانلاردىن مەخسۇس ئېلان دېسكىسى ئىزدەشكە مەجبور بوپتۇ. بەزىلەر دادىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ، «تازا بىر ئەخمەق كىشكەن ماۋۇ، خەق ئېلاندىن بىزار بولۇپ يۈرسە، ئېلان پىلاستىنكىسى ئالىمەن دەپ يۈرگىنىنى» دەپ مازاق قىلىشىپتۇ. ئاخىرى بولماي، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلان بۆلىمىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن ئېلان فىلىملىرىنى تاللاپ پىلاستىنكىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بالىغا قويۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بالا ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانسىلا ئۇيغۇرچە ئېلان كۆرىدىغان بولىۋاپتۇ. بالا ئالتە ئايلىق بولغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاددىي سۆزلەرنى پىششىق دىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. 9 ئايلىق بولغاندا، گەپ-سۆزلەرنى تۇلۇق چۈشىنىدىغان، ئاددىي جۈملىلەرنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. بىر يېرىم ياش كىرگەندە، جۈملىلەرنى(گەپ-سۆزلەرنى) تەلەپپۇزى توغرا، سۆز-جۈملىلىرى ئېنىق ۋە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. بالا ئىككى ياشقا كىرگەن مەزگىللەردىن باشلاپ، ئانىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تۇركىيە، ئېران ۋە كورىيەنىڭ تەرجىمە فىلىملىرىنى كۆرىدىغان، ئېلانغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھازىر بالا ئۈچ ياش 7 ئايلىق بولغان بولۇپ، يەسلىنىڭ باشلانغۇچ سىنىپىغا ئاپىرىپ بەرگەنكەن. بالىنىڭ ئانىسى دائىم يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن «بالىڭىزنىڭ گېپى بەك جىق» دىگەندەك ئىنكاسلارنى تاپشۈرۈپ ئالىدىكەن. يېقىندا، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ بالىنى تېخى يېشى توشماي تۇرۇپلا يەسلىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپقا چىقىرىپ قويۇپتۇ. بالا بۇ يەردە 4-5 ياشلىق بالىلار بىلەن بىللە دەرس ئۆگىنىدىكەن. ئانىسى سۈرۈشتە قىلسا، ئوقۇتقۇچىسى ئانىسىغا:«بالىنىڭ تۇتىۋېلىش قابىليىتى بەك ياخشىكەن، كىچىك سىنىپتىكى ھەممە مەزموننى ئۆگىنىپ بولدى، لېكىن بەك كۆپ گەپ قىلىپ، باشقا بالىلارغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا سىنىپقا چىقىرىپ قويدۇق» دەپتۇ.
          بۇ مىسالنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
         1. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
         يۇقىرىقى مىسالغا ئاساسلانغاندا، تەكرار قويۇلغان ئېلانلاردىكى ئېنىق ئاۋاز، يېقىملىق مۇزىكا، سۈزۈك ئېكران، ئىللىق چىرايلار بالىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىدا چوڭقۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ ۋە ئانىسى يېنىدا تۇرۇپ بەخىش ئەتكەن بىخەتەرلىك تۇيغۇلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ، بالىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىغا ئايلانغانىدى. روسىيىلىك فىزولوگ ئېۋان پاۋلوف(IvanPavlov,1870-1932)نىڭ قارىشىچە، «ئەسلىدە ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان ئىككى نەرسە ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە پەيدا بولسا، كېيىن ئارىسىدىن بىرسى پەيدا بولغان ۋاقىتتا، يەنە بىرسىنى ئەسكە ئالماي تۇرغىلى بولمايدۇ.مانا شەرتلىك رېفلىكىستۇر.» ئانا بالىسىنى ئىمىتۋاتقان، ئەركىلىتىۋاتقان، ئۇخلىتىۋاتقان ۋە بالا تۇلىمۇ خاتىرجەم ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئېلانلار تەكرار-تەكرار قويۇلىدۇ. تەكرار قويۇلغان ئېلانلار بالىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، بالىدا شەرتلىك رېفلىكىس شەكىللەندۈرىدۇ. يەنى بالا ئېلاننى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئانىسىنىڭ يېنىدىكى بىخەتەر، خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك ھالەتنى ئەسكە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بالا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىپ، خاتىرجەم ۋە خوشال بولىدۇ. دەسلەپتە، بالا بۇ ئېلاننى كۆرۈش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ ئېلانلار ئۆزىگە تېخىمۇ بىخەتەر تۇيغۇ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاڭلايدۇ ۋە كۆرىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا ئېلانخۇمارلىق پىسخىك ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىغا ئىگە دىيىشكە بولىدۇ.

           2. ئېلانلاردىكى سۈزۈك ئېكران ۋە رەڭدار كۆرىنىشلەر بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
          يۇقىرىقى مىسالغا ئاساسلانغاندا، بالا قىرقى مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىلىرى تېخى تۇلۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، تۇلىمۇ نازۇك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قىرقى مەزگىلىدە بالىنى تېلىۋىزورغا قارىتىشقا بولمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «يېڭى تۇغۇلغان بالا تۇغۇلغاندىن كېينلا كۆز ئالدىدىكى نۇرنى سېزەلەيدۇ. دەسلەپكى ئىككى ئاي ئىچىدە بوۋاقنىڭ نۇرنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگە بولغان سېزىمچانلىق تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىدۇ.» شۇڭا، قىرقى مەزگىلى ئىچىدە، بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرى نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، نۇرغا نىسبەتەن ماس ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، كۆزىنى قوغدىيالايدىغان بولىدۇ.  ئەمما، كۆز قارچوغىنىڭ ھەركىتىنى كونتىرول قىلىش ۋە رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە يەنىلا تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. «بالا ئىككى ئايلىق بولغاندا، ئاندىن ئۆزى كۆرۈش فوكۇس نۇقتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. تۆت ئايلىق بولغاندا، ئاندىن كىرىستال تەنچىنىڭ شەكلىنى چوڭلارغا ئوخشاش ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئارلىقتىكى شەيئىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا، رەڭلەرنى پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى دۇنيا پەقەت ئاق، قارا ۋە كۈلرەڭ دۇنيادۇر. بالا 3-4-ئايدىن باشلاپ رەڭ ۋە غەيرى رەڭنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ.» بالا تېلىۋىزورغا قارىغاندىن باشلاپ، تېلىۋىزور ئېكرانىنىڭ نۇرى، سۈزۈك ئېلان سۈرەتلىرى، رەڭدار كۆرۈنۈشلەر بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا، ئېكران نۇرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، ئېلان سۈرەتلىرىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى، كۆرۈنۈشلەرنىڭ رەڭدارلىقى قاتارلىقلار بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى، كىرىستال تەنچە، مۈڭگۈزسىمان پەردە ۋە مۇناسىۋەتلىك نېرۋىلىرىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، كۆزنىڭ نۇر ۋە رەڭلەرگە بولغان سىزىمچانلىقى ۋە ئىنكاسىنى كۈچەيتىپ، نۇر ۋە رەڭلەرنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇئەييەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. بالا ئېلان كۆرگەندە، ئېلانلاردىكى رەڭدار كۆرۈنىشلەرنىڭ تېز سۈرەتتە ئۈزلۈكسىز ئالمىشىشغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ كۆز قاپىقى، كۆز قارىچۇغى ۋە كۆز ئالمىسىمۇ ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، بالىنىڭ كۆز قاپىقى، كۆز قارىچوغى ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئۇلارنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ رەڭلەرگە بولغان سېزىمچانلىقى ئېشىپ، كۆپ خىل رەڭلەرنى ئىدراك قىلىش ۋە پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئوبرازلىق تىل مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن تۇنۇشىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

          3. ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى يېقىملىق ئاۋاز ۋە ناخشا-مۇزىكا بالىلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
        «بالا تۇغۇلغان بىرىنچى كۈنىلا بالىدا ئاڭلاش سەزگۈ ئىنكاسى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا ئاۋازلارنى ئاڭلاپلا قالماي، بەلكى ئاۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقى ۋە ئاۋازنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىمۇ پەرىقلەندۈرەلەيدۇ.» ئامېرىكىلىق پىسخولوگ فىرىدمەن (Freedman D.G.)نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇڭغۇراق ئاۋازىغا قارىغاندا، بىر ئايالنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىغا نىسبەتەن ئىنكاسى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوخشاش بولمىغان ھېسسىيات ئاھاڭلىرىنى پەرىقىلەندۈرەلەيدۇ.» دېمەك، بالا قىرقى مەزگىلىدىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېقىملىق مۇزىكىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ھالدا ئايال دېكتورلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بېرىلۋاتىدۇ. بۇ ئېلانلاردىكى ئېنىق، يېقىملىق، نورمال چاستوتىدىكى ئاۋازلار بالىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتىرىدۇ. شۇڭا، ئېلاننى كۆپ كۆرگەن بالىلارنىڭ ئاۋازغا بولغان سېزىمچانلىقى ۋە ئىنكاسى باشقا بالىلارغا قارىغاندا تېزراق بولىدۇ. بالىلاردىكى ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بۇ خىل تەرەققىياتى، بالىلارنىڭ ئانا تىل تاۋۇشلىرى ۋە باشقا تىل ماتېرىياللىرىغا ئېنىق، توغرا، تېز ئىنكاس قايتۇرىشى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.

                4. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ تەرەقىقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
                تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، «بالا يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش شەرتسىز رېفلىكىس قۇرۇلمىسى بولىدۇ. پەقەت بالىغا ماس ھالدىكى غىدىقلىغۇچ بېرىلسە، ماس ھالدىكى رېفلىكىس قىلمىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يېڭى بىر غىدىقلىغۇچ پەيدا بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىدا قاراتمىلىق رېفلىكىس پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بالىنىڭ يۈرەك رېتىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، دىققەت قابىلىيىتى غىدىقلىغۇچ تەرەپكە قارايدۇ. باشقا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەر(ئېمىش، بەدەن ھەرىكىتى) دەرھال توختايدۇ.» ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئاۋاز ۋە سۈرەتلەردىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بالىغا نىسبەتەن يېڭى غىدىقلىغۇچ بولۇپ، بالىدا قاراتمىلىق رېفلىكىسنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بالىنىڭ قىرقى مەزگىلىدىن كېيىنلا، بۇ خىل دىققەتنى مەلۇم بىر شەيئىي ئۈستىگە قارىتىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى نەتىجىسدە، بالا دىققىتىنىڭ قارىتىشچانلىق ۋە مەركەزلۈشتۈرۈشچانلىق قابىلىيىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. دىققەتنىڭ قاراتمىلىقلىقى ئېنىق، مەركەزلەشتۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا، بالا ئېلان قويۇلغان ھامان بارلىق قىلمىشلاردىن توختاپ، دىققەت بىلەن ئېلان ئاڭلايدۇ ۋە كۆرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ تەرەقىقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

            5. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنى ئانا تىل ماتېرىياللىرى ۋە زۆرۆر تىل شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
            شەھەر ئائىلىلىرىدە ئانا تىل ئالاقە مۇھىتى تارىيىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى چۈشەندۈرۈش، دىئالوگ، ناخشا، شېئر-قوشاق قاتارلىقلار بالىلارنىڭ خىلمۇ-خىل تىل ماتېرىياللىرى ۋە تىل مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىشىغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. ئېلانلاردىكى ئۈزلۈكسىز تەكرارلانغان ئېنىق ۋە راۋان ئېلان تىلىنىڭ تاۋۇش، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملە قاتارلىق تىل ماتېرىياللىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىل ئالاقى جەريانىدىكى تاۋۇش، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملە قاتارلىق تىل ماتېرىياللىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى، بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى زۆرۆر تىل ماتېرىيالى ۋە تىل مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى توغرا، پىششىق، تېز ئۆگىنىشگە پايدىلىق. شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بۇ خىل تىل مۇھىتى بىلەن بالىلاردىكى ئېلانخۇمارلىق پىسخىكىسى زىچ بىرلىشىپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە.

           6. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى قۇيۇق مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
          شەھەر ئائىلىلىرىدە بالىلار ماكان، زامان ۋە بىرقىسىم ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن، ئۆز مىللىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت مەزمونى ۋە ھادىسىلىرى بىلەن ئۈچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇيغۇرچە ئېلانلار شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بۇ بوشلۇقنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ، ئېكران ئارقىلىق ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنى سەنئەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بىلەن تۇنۇشىشىغا پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە. بالىلار بۇ ئېلانلار ئارقىلىق ئانا تىلنى ئىشلىتىش مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن ئۇچىرىشىپ، بىر تەرەپتىن ئانا تىلنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبئىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تۇنۇشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاناتىلنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەدەنىيەت مەزمونى ۋە ھادىسىلىرى بىلەن تۇنىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆگىنىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنى ئانا تىل ئالاقە مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى توغرا، راۋان ۋە ئورۇنلۇق ئىشلىتىشىگە پايدىلىق.
           خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيە ئېلانلىرى شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگنىشى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان ئەقلى قابىليەت ئامىللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، بەلكى يەنە بالىلارنى زۆرۆر بولغان ئانا تىل ماتېرىيالى، ئانا تىل ئالاقە مۇھىتى ۋە ئانا تىل ئالاقىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينىماقتا. بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئانا تىلىنى جانلىق، توغرا، سېستىمىلىق ئۆگىنىپ، ئۇنى توغرا، راۋان ئىشلىتىشىگە تۇلىمۇ پايدىلىق شارائىت ھېسابلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. پېڭ دەنلىڭ: «ئومومىي پىسخولوگىيە»، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2001-يىل 5-ئاي 10-نەشىرى؛
2. لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى؛
3. ۋېليام. ئا.خاۋىيلەند: «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى، 2006-يىل، 10-نەشىرى؛
4. لويىس. بېنىدىكىت: «مەدەنىيەت ئەندىزىسى»، سەنلىيەت كىتابخانسى نەشىرىياتى، 1988-يىل؛

(بۇماقالە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ 2012-يىل 2-سانىدىن ئېلىندى)

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:26:55

   مەن تۈركىيەنىڭ ئېلانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تېلىۋېزىيە ئېلانچىلىقىنى خېلىلا سەۋىيىسى باردەك ھېس قىلىمەن . بولۇپمۇ بالىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرى كىشىنى بەك جەلپ قىلىدۇ .

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:31:24

مېنىڭ ئىككىلا بالام شۇنداق ئېلان خۇمار ئىدى. چوڭى ھازىر كۆرمەيدىغان بولدى، كىچىكى ئانچە - مۇنچە كۆرۈپ قويىدۇ. تېخى بەزى ئىلانلارنى تولۇق يادلاپ بېرەلەيدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:42:41

ئىشىقىلىپ كۈندە قۇيۇلۇپ بىزار ھېس قىلساممۇ خەنسولارنىڭ تۈۋەن سەھىيەدە ئىشلىگەن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىكارلىق تەرجىمە قىلىۋالغان تەرجىمە فىلىملېرىدىن جىق ياخشى دەپ ئويلايمەن.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 21:28:27

مېنىڭ بالامنى يېزىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ كىتىپتىمەن جۇمۇ :lol

دىمىسىمۇ مۇنۇ ئىلمىي ماقالە ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا پاكىت دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ .

دىمىسىمۇ ئىلانلاردىكى شىئېرىي بايانلار تەكرار سۆزلەر يېقىملىق مۇزىكىلىرى بىلەن ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى چىكەلەيدۇ ، بۇ تېلۋىزور داۋاملىق قويىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە كۈرۈلىدۇ .
قەلىمىڭىزگە سالام يوللايمەن !

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:14:53

ئەمدى بۇ ماقالە چىقىپلا ، ش ج ت ۋ نىڭ ئېلانلىرى كۆپلەپ كېتىدىغان بولدىدە ...

sherife يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 14:40:43

  بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن، تېلىۋىزور كۆرۈشنىڭ بالىلاردىكى يامان تەسىرلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلەشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. تېما ئىگىسى توغرا چۈشەنگەي!
                                                          تېلىۋىزور كۆرۈشنىڭ بالىلارغا بولغان يامان تەسىرلىرى
1. بالىلارنىڭ كۆزىگە بولغان تەسىرى
  بالىلارنىڭ بۇلۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆرۈش سىزىمىنى تەڭشەش ئېقتىدارى تېخى تۇلۇق يېتىلمىگەن بۇلۇپ،تېلىۋىزوردىكى كۈچلۈك، رەڭدار نۇرلارنىڭ بىۋاستە غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، بۇ ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ۋە ماسلىشىشى تەسكە توختايدۇ.بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ تېلىۋىزور كۆرگەندىكى بەدەن قىياپىتى توغرا بولمىغاندا ياكى ئارىلىق بەك يېقىن بۇلۇپ كەتكەندە، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كۆرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە سەزگۈسىدە چارچاش كۆرۈلۈپ، ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بۇلۇش ۋە ئالغايلىققا ئوخشاش كۆز كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. باشقا سەزگۈلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز
  بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەرەققىياتى بولسا بىر ئۇزاق مەزگىللىك جەريان بۇلۇپ، يىڭى تۇغۇلغاندىن باشلاپ تۆت ئايغىچە بولغان مەزگىل ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل ھېساپلىنىدۇ. تېلىۋىزوردىكى توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان رەڭدار كۆرۈنۈشلەر ۋە ياڭراق ئاۋازلاردىن ئبارەت كۈچلۈك سېگىناللار بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ باشقا سەزگۈ ئاپپاراتلىرى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەكتىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەن بۇلىدۇ. تېلىۋىزوردىن كېلىۋاتقان بۇ سېگىناللارنى بوۋاق چۇقۇم بەلگىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كۆزىتىشى ۋە قۇبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئۇلاردا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلىدۇ. بىرىنچىسى، بالىدا ئۆزىنى قوغداش ئېقتىدارى شەكىللىنىپ، قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. يەنى، چوڭ مېڭە ئېنكاس قايتۇرۇشتىن توختايدۇ. ئىككىنچىسى، مەجبۇرى قۇبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى ئەنسىزلىك پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
  ئۇندىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ تېگىش سەزگۈسى (触觉)نىڭ تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بوۋاقلارنىڭ تېگىش سەزگۈسى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ، ئەڭ مۇھىم سەزگۈ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارغا دائىم تېلىۋىزور قۇيۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش يېتەرلىك بولمىغاندا، ئەنسىز كەيپىيات شەكىللىنىپلا قالماي، چوڭ بولغاندىن كىيىنكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بالىلارنىڭ تۇنۇش، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
  بالىلاردىكى بىلىش بولسا، كۆپ خىل سەزگۈلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى چوڭ مېڭىدە سېلىشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىدا، ئەڭ دەسلەپتە تۇتقىلى بۇلىدىغان رېئال دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئېنتايىن مۇھىم. لېكىن، تېلىۋىزور ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشلەر بولسا ساختا بۇلۇپ، بالىلارنىڭ ھەقىقى دۇنيانى بىلىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا ھېچ قانداق ياردىمى بولمايلا قالماستىن، بەلكى تەپەككۇرنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ. چۈنكى، بالىلار تېلىۋىزوردا كۆرگەن شەيئىلەر بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن كەلگەن سەزگۈ ۋە بىلىشلىرى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئوخشىماسلىق دۇنيانى ئەمدى بىلىشكە باشلىغان بالىنىڭ تەپەككۇرى، ھۆكۈم قىلىش ئېقتىدارى ۋە تىل تەرەققىياتىغا قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
  پىسخىلوگلار بۇرۇن مۇنداق بىر تەجىربىنى ئىشلىگەن. بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىغا «قار مەلىكە» نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىغا بولسا «قار مەلىكە» نىڭ كارتون فىلىمىنى قۇيۇپ بەرگەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بالىلاردىن قار مەلىكىنىڭ رەسىمىنى سىزىشنى تەلەپ قىلغان. ھېكايە ئاڭلىغان گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى ھەر خىل بۇلۇپ، رەسىمدىكى قار مەلىكىنىڭ چىراي ئېپادىسىمۇ ھەر خىل بولغان. كارتون فىلىم كۆرگەن گۇرۇپپىدىكى بالىلار سىزغان قار مەلىكە فىلىمدا كۆرگىنى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ چىققان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بالىلارنى قايتا رەسىم سىزدۇرغاندا، ھېكايە ئاڭلىغان گۇرۇپپىدىكى بالىلار يەنە ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغان قار مەلىكىلەرنى سىزىپ چىققان. كارتون فىلىم كۆرگەن گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ سىزغىنى يەنىلا ئوخشاش قار مەلىكە بولغان. بۇنىڭدىن، تېلىۋىزورنىڭ بالىلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ئېقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە قانچىلىك يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ.
  ئۇندىن باشقا، تېلىۋىزور كۆرۈشنىڭ بالىلاردىكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، سەمىرىپ كىتىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، بەدەن ساپاسى ۋە ماسلىشىش ئېقتىدارى تۆۋەنلەش، خۇمار بۇلۇش قاتارلىقلانى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك نۇرغۇن زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار.      
بەت: [1]
: (كارىزى) بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى