يېڭى نەشردىكى CM نىڭ 4.4.2 ROM نىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئالمىشىپتۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلارھەممىمىز بىلىمىز CM نىڭ rom لىرىغا 4.3 دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولاق قوشۇلدى، گەرچە ھازىر 4.4.2 دە ئۇيغۇرچە تىل بولاق تەستىقلانمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇزۇن قالمىدى ئۇيغۇرچىنىڭ قوشۇلۇشىغا. مەن ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان Samsung S3 كە 19-چېسلادىكى CM نىڭ 4.4.2 rom نى يېڭىلىغان ئىدىم، بۇرۇنقىدەكلا DroidNaskhUI-Regular.ttf ۋە DroidNaskh-Regular.ttf ئىككى خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تونۇتىمەنغۇ دەپلا شۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىپ، يانفوننى قايتا قوزغاتتىم. قارىسام ئۇيغۇرچىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمە ئىشتۇ دەپ خەت نۇسخىسىغا قايتا قايتا قارىسام توغرا ئالماشتۇرۇپتىمەن. ئاندىن مەن يەنە باشقا خەت نۇسخىلىرىنىمۇ بىرەر قۇر ئالماشتۇردۇم ئۈنۈمى بولمىدى. ئاخىرى خەت نۇسخىسى قىسقۇچىسدىكى ئەڭ ئاخىردىكى 2 تال خەت نۇسخىسى ۋە Roboto_Regular.ttf دېگەن ئىككى خەت نۇسخىسنى ئالماشتۇرۇۋەتسەم ھەممە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال تونۇدى.
يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە قويغان خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدىكەن. قېنى سىزنىڭ سىستېمىڭىزمۇ يېڭى نەشردىكى CM نىڭ 4.4.2 rom بولسا دەرھال سىناپ بېقىڭ.
ئالماشتۇرۇپ بوپلا ھوقۇق بېرىشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا ئەپلەشمەي قالىدۇ جۇمۇ، مۇشۇ ئاستىدىكى رەسىمدىكدەك ھوقۇق بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى يانفوننى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش تامام.
ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى CM دىگەن چىمۇ ؟ Kulke ئەپەندىم،
ئېغىر كۆرمەي JellyBean 4.3 بىلەن Kitkat 4.4 دىكى نۇقتىلىق پەرقلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىزچۇ... تورلاردىن ئاقتۇرسام، ھېچ پەرقي يوقتەك.
مېنىڭ تېلېفونۇمنى تېلېفوننىڭ ئۆزىدىكى ئەسكەرتمە بويىچە 3 قېتىم يېڭىلاپ بولدۇم،... بىر ھەپتە بولدى، يەنە يېڭى نۇسخام چىقتى دەپ ئۇچۇر چىقىۋېلىۋاتىدۇ. مەن ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرى دېگەنلەرنى تولۇق ئۆچۈرۈپ بىر يېڭىلاي دېگەن.... ئىشلىتىدىغان ئەپلەر جىق. ئەگەر Kitkat نىڭ ئالاھىدە بىر يەرلىرى بولمىسا، ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى قايتا قاچىلاپ، تەڭشەپ ئولتۇرارمەنمۇ دەپ... يېڭىلىمايۋاتقان... Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 14:13 static/image/common/back.gif
Kulke ئەپەندىم،
ئېغىر كۆرمەي JellyBean 4.3 بىلەن Kitkat 4.4 دىكى نۇق ...
ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىپ ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۋېتلىپلا يېڭى rom نى قاپلاپ قاچىلىۋەتسىڭىز ئەپلىرىڭىز ئۆچۈپ كەتمەيدۇ. بۇنى شۇ Recovery دىن قىلسىڭىز بولاتتا. مەن ئادەتتە شۇنداق قىلىمەن. يېڭى سىستېما چىقسىا شۇنداق قاچىلايمەن ھەممە نەرسەم جايىدا. سىستېمىنىڭ شۇ خەت نۇسخىسى ۋە قوڭغۇراق ئاۋازىلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇلارنى قايتا تەڭشىۋالساملا بولىدۇ. Mihman يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 11:01 static/image/common/back.gif
CM دىگەن چىمۇ ؟
www.cyanogenmod.org مۇشۇ شۇ سامسۇڭ نوت 3 نىڭ سىستىمىسىنى ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدۇ؟ سىستىمىسى ئاندىرويىد 4.4.3 كەنغۇ. ئۇيغۇرچە خەت تۇلۇق كۆرۈنمەيدىكەن. ياكى تەڭشىيەلمىدىممۇ... 4.3دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە قوشۇلدى دەڭ، مانىڭدىن خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەن. يەنە روم يېڭىلايدىغان بولدۇم:L kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 16:40 static/image/common/back.gif
سامسۇڭ نوت 3 نىڭ سىستىمىسىنى ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە قىل ...
سەنشىڭنىڭ ئورگان سىستېمىسى بولسا بولمايدۇ. CM نىڭ بولسا با شۇنىڭدا ئۇيغۇرچە. Muzepper يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 17:28 static/image/common/back.gif
4.3دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە قوشۇلدى دەڭ، مانىڭدىن خەۋەرسىز ي ...
نەچچە ئاي بوپ كەتتىغۇ، بىلىك، قۇتياردا مۇشۇ ھەقتە تېما يېزىلغان ئىدى.
بەت:
[1]