taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 06:57:34

كۆكنۇرنىڭ تىجارەت ئىدىيەسى:

كۆكنۇرنىڭ تىجارەت ئىدىيەسى:


شىركەت كۈتكۈنىمىز، ئارزۇلىرىمىزنىڭ مىنىدىغان ئېتى. بىز سۆيۈپ ئاڭلايدىغان شېئىرلار، نەسرلەر گەپ ياكى يېزىق بىلەن ئەمەس، تەدبىرلەر بىلەن يېزىلغاندا، شىركەت دۇنيالىق سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ نامايان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ گۈلى گۈلىگە كەلگەنلەر ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى ئەھمىيەتلىك نەرسىكى، ئەركىنلىككە ئېچىرقاپ،يوسۇنسىزلىققا دۈم چۈشىدىغان، يوقسۇللۇقنى يەتكىچە تارتىپ، پۇلغا ئېچىرقاپ، پۇلغا دۈم چۈشىدىغان، ئومۇمەن، ئۇزۇن زامان مانتا كۆرمەي قاسقانغا دۈم چۈشىدىغان تۈرلۈكچە «قەلەندەرلەر»دىن خالىي ئىنسانلارنىڭ ياشاش سەنئىتىدۇر. بۇ سەنئەتنىڭ تىجارەت دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىھەرقايسى مۇئامىلىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت نۇقتىلىرى بىلەن سىزىلىدىغان يولدىكى ئىلگىرىلەشتۇر. شىركەت تىجارىتى بۇ يولدىن چەتنىگەن كۈنى كاتاڭغا چۈشىدۇ. شۇڭا شىركەت تىجارىتىدە كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ساغلاملىقى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەندە ئىنسانىي كامىللىقى ناھايىتى مۇھىم ھالقا بولۇش بىلەن بىللە، تىجارەتنىڭ پۈتۈن مەنپەئەت ۋە باغلىنىشلارنى تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئادالەت ئۈستىدە بولمىقى شەرتتۇر. ئىشىنىمىزكى، مۇشۇنداق بولغان تىجارەت يەنى بىر ساقسىزنىڭ دۈشمەنلىكى بولمىغان ئەھۋالدا چوقۇم مەڭگۈلۈك بولىدۇ
بەت: [1]
: كۆكنۇرنىڭ تىجارەت ئىدىيەسى: