taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 06:51:57

ئىتىقادلىق ۋە ئىتىقادسىز ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىللىق سىلىشتۇرما

ئىتىقادلىق ۋە ئىتىقادسىز ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىللىق سىلىشتۇرما تارىخى


ھەممەيلەنگە ئايانكى ، ئىتىقاد ۋە مۇھەببەت بىر ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپمۇ بىر ئادەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ساغلام تۇرىشىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ . بىر ئائىلىنىڭ تارىخىدا بۇ زادى قانچىلىك مۇھىم ؟ بۇ بەلكىم نۇرغۇن ئادەملەرگە ئېنىق بولمىغان ئىشتۇ .
ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىللىق سىلىشتۇرما تارىخى :
ئوخشاش مەزگىلددە ياشىغان بۇ ئىككى جەمەتنىڭ بىرى خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئىدىۋارد جەمەتى ، يەنە بىرى بولدا ھىچقانداق بىر ئىتىقادى يوق ماك . يوكىس جەمەتى .
ئۇنىڭدىن باشقا ماك . يوكىس  ئىدىۋاردقا يۈز تۇرانە تۇرۇپ مۇنداق دىگەن :«سەن ئىشىنىدىغان ئۇ ئەيساغا مەن مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن .»
تۆۋەندە ئىدىۋارد جەمەتى ۋە ماك . يوكىس جەمەتىنىڭ 200 يىللىق سىلىشتۇرمىسىنى كۆرۈپ باقايلى .
1.    ئىدىۋارد جەمەتى :
ئومۇمىي ئادەم سانى : 1394 ئادەم ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ،100 نەپىرى ئۇنىۋېرىستىتتا پىروفىسور ،14 ى مەكتەپ مۇدىرى ، 70 ئادۇۋكات ، 30 تەپتىش ئەمەلدارى ، 60 دوختۇر ، 60 ى يازغۇچى ، 300 چارۋىچى ۋە موناستىر ، 3 نەپىرى پارلامىنىت ئەزاسى ، بىر نەپەر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ .


2.    ماك . يوكىس جەمەتى
ئومۇمىي ئادەم سانى : 903 نەپەر .
ئىچىدە 310 نەپىرى كۆچمەن ، 130 ى تۇرمىدە 13 يىلدىن يۇقىرى ياتقان ، 7 ى ئادەم ئۆلتۈرگەن ، 100 ى ھاراقكەش ، 60 ى ئوغرى ، 190 ى پاھىشە ، 20 ى  سودىگەر  ئىچىدە 10 نەپىرى تۇرمىدە ياتقان .
( ئەسكەرتمە )
ئامىرىكىلىق تەھلىلچى ئا. ئې . ۋىنسۇن  1900 – يىلى بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ ئىككى جەمەتنى سىلىشتۇرۇپ « Jukes-Edwards » دىگەن ئەسەرنى يىزىپ چىققان . ئۇ ئۇلار جەمەتىنىڭ 200 يىلغا يىقىن تارىخى توغرىسىدا توختالغان .
ئەقلىيە سۆز : ۋاقىت ھەممىدىن مۇقەددەس ، ئۇ بارلىق ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ ، بۇ دۇنيادا تاسادىپىيلىق يوق .»
200   يىللىق تارىخنى بىشىدىن ئۆتكۈزۇپ ئېرىشكەن بۇ نەتىجىنى نۇرغۇن ئادەم تەستە چۈشىنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىدىۋارد جەمەتى . چۈنكى ئىدىۋارد جەمەتى ئىتىقادنىڭ كۈچىگە ئېرىشكەن .
ئىتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇلار مۇنداق ئىككى خىل ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغان :
1-       ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مۇھەببەت ئۇرۇقى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن شۇنچە كۆپ دوختۇر ، پىروفىسور ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى چىققان .
2-       ھىيىقىشنىڭ ئۇرۇقى ، بۇنداق ئائىلىدە ئۆسۈپ – يىتىلگەن بالىلار ھىيىقىش دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئېسىدىن زادى چىقارمايدۇ.
دىققەت قىلدىڭلارمۇ يوق ، نېمىشقا ماك . يوكىس جەمەتىدە شۇنچە كۆپ كۆچمەن ، ئوغرى ۋە پاھىشىلەر بار ؟
چۈنكى ، ئۇلاردا بىر نەرسە كەم ، ئۇ بولسىمۇ ھىيىقىش.
ھىچقانداق بىر ھىيىقىش بولمىغان تەربىيەدە تەربىيلەنگەن بالىلارنىڭ ئاقىۋىتتە مۇشۇنداق بولىدۇ ئەمەسمۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىكىر قىلىدىغىنى بولسا :«تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ ؟ مەن ھەممىدىن ئولۇغ ، مىنىڭ قىلالمايدىغان ئىشىم يوق دىيىشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
نەچچە يۈز يىلنى باشتىن كەچۈرگەن ئىككى جەمەت ، بىزگە ئىتىقاد ۋە مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك كۈچ قۇدرىتى بارلىقىنى بىلدۇردى  ئەلۋەتتە ، شۇڭلاشقا ، پۇلنىڭ مۇناسىۋىتى ئىچىدە شۇنداق بىر قائىدە باركى : ئىتىقاد – ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياشنىتىدىغان كۆۋرۈك ھىسابلىنىدۇ .




تەرجىمىدە : كۆكنۇر ئۇچۇر بۆلۈمىدىن رازىيە ساتتار
بەت: [1]
: ئىتىقادلىق ۋە ئىتىقادسىز ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىللىق سىلىشتۇرما