komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 00:21:53

كېسەل (ھىكايە)-7

بۇ يازلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ھەبىبۇللاقارىم بىزدەك نامرات كونا دوستلىرىغا بىر ئىلتىپاتتا بولغۇسى كەلدىمىكىن ياكى بايلارنىڭ ئۆز ھەشەمىتىنى كۆرسۈتۈۋېلىش خۇمارىدىنمىكىن، ئەيتاۋۇر بىزنى بىر ھەپتىلىككە غۇلجىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ غۇلجىدا كاتتا قوروجايلىرى، باغلىرى بارىدى. ئاندىن يەنە بىزگە نىلقا تاغلىرى ئارىسىدا يايلاقلاردىمۇ بىرەر كۈن ئوينۇتۇدۇغان نىيىتىنى بىلدۈرۈپ بىزنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.
ھەمدۇلقارىمغا ئەڭ دەسلەپ دەسمىي سېلىپ، پاي قوشقان تۆتەيلەن بىردىنلا بۇ سەيلى-ساياھىتىمىزدە كۆپرەك باغ-دالىلاردا بولۇپ، دالا تامىقى يەيدىغان ئىشكەن، بىزگىغۇ ئويۇن بىرىنچى، تاماق ئىككىنچى ئورۇندا بولسىمۇ، يەنىلا بىر داستىخان ھازىرلىمىسا بولمايدىغان ئىشكەن، بۇ ئىشقا ھىچقايسىمىزنىڭ ئېپى يوق، ھەمدۇلقارىنى ئېلىۋالساق راسا قولىمىزنى سوۋۇتاتتى ئەمەسمۇ؟ دېيىشىپ قالدۇق. ئەمما ئۇ چاقىرىلمىغان ئىدى. شۇڭا دوستلار مېنىڭ ھەبىبۇللاقارىم بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىقىمنى نەزەرگە ئېلىپ، مېنى سۆزلۈشۈشكە، بولسا ھەمدۇلقارىمنىمۇ تەكلىپ قىلدۇرۇشقا تەيىن قىلىشتى.
ھەبىبۇللاقارىم بەك خالاپ كەتمىسىمۇ، لېكىن دالا تاماقلىرى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ دورا بولۇشىدا ھەمپىكىر بولغاچقا بولۇدۇ، ئېلىۋېلىڭلار، دەپ ئىجازەت بەرگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا بىر ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى نەزەردە تۇتقاندا يەنىلا سەن ئۆزەڭ بىر تېلىپۇن قىلىپ، رەسمىي تەكلىپتە بولۇنغىن دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم. ئىشلار ئاخىرى ئويلۇغۇنىمىزدەك شەكىلدە مۇما تۈۋىگە چۈشتى.
ياخشى بولغان يېرى شۇكى، بۇ كۈنلەردە ھەمدۇلقارىم كېيىنكى چاغلاردا ئاچقان ئاشخانىسىدىن زىيان چىقىپ يېڭىلا تاقىغان، ئەمدىلىكتە دۆڭكۆۋرۈكتە كاۋاپ ئاچساممىكىن دەپ ئويلۇنۇش قىلىپ يۈرگەن بىكار كۈنلىرى ئىدى.
توغرا ئۇنىڭ ئاشخانا ئاچقانلىقى ھەققىدە تېخى ھىچنەرسە يازمىغانكەنمەن-دە، ئۇ بىر ئارا ئاشخانا ئاچقان ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشقا ئەڭ ئېپىم بار دپ ھىساپلايدىغان بولغاچقا، ئاشپەزلىكنى ئۆز كەسپى دەپ قارايتى. سابىق ئاشپەز قوشنا ئۇنىڭغا ئىشلىرىنى رەسمىي ئېقىشقا سېلىۋالغۇچە خالىسانە ئىشلىشىپ بېرىشكە رازى بولۇپ ئۇمۇ بىللە ئىدى. شۇغۇنىسى ھەمدۇلقارىم ھە دېمەيلا خېرىدارلار بىلەن تونۇشۇپ قېلىۋەرگەچكە، تونۇش تۇرۇپ پۇل ئېلىشقا يۈزى قىزىرىپ، پۇلنى بولدى قىلغىنى يەتمىگەندەك، يەنە ئىككىنچى قاچىسىنىمۇ زورلاپ يېلىنىپ تۇرۇۋېلىشلىرى خاسىيىتىدە پايدا ئالالمىغاننىڭ تاشايىنىدا دىرىدىن كەتكەن، ئاندىن ئاشخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە سابىق ئاشپەزنىڭ ئاجايىپ قىزىق ھىكايىلىرى بولۇپ، ئۈچەينى ئۈزۈۋەتكۈدەك كۈلكىلەرگە سەۋەپ بولالايتى. بۇ ھىكايىلارنى تولا ئاڭلاپ، تولا كۈلۈپ، كۆزلۈرۈمدىن ياش تاراملاپ كەتكەن ئاخشاملاردىن نەچچىنى ئاشۇ بىنا ئالدىدىكى بىتون پارچىسىغا سۆڭگۈچىمىزنى تاقاپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، ھەمدۇلقارى دۆڭكۆۋرۈكتە كاۋاپچىلىق قىلايمىكىن دېگىنىدە چاخچاق ئارىلاش تەئەددى قىلىپ:
— ھەمدۇلقارىم، سىلى يەيدىغان نەرسە ساتىدىغان ئىشنى قىلسىلا بولمىغۇدەك، خەققە زورلاپ يېگۈزىۋېتىپ، ئۆزلىرى زىيان تارتىپ ئولتۇرۇدۇكەنلا. شۇڭا، ھىسامنىڭ تەجرىبىسى بويىچە كىرسىن ساتسىلا بولارمىكىن؟ — دېگەن ئىدىم. ھەمدۇلقارى مېنىڭ بۇ گېپىمگە خۇددى توغرا مەسلىھەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقاندەك ساددىلىق بىلەن:
— شۇنداق قىلسام بولارمۇ-يا؟ — دېگەنىدى.
ئەمدى ئۇزاق سەپەرگە ساياھەتكە بېرىش ئالدىدا بولسا ئۇنى يەنە چوقۇلاپ:
— كەسپ تاللاشتا ئۇزاقراق ئويلۇنۇۋېلىشقا سىلى ئۈچۈن ئوبدان بىر پۇرسەت چىقتى مانا، — دېدىم ئاندىن، — كىم بىلىدۇ ئۇ يەرلەردە باشقا بىر كەسپتىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قالسىلىرى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقىپ قالاملا تېخى، — دەپمۇ قوشۇپ قويدۇم.
— شۇندامۇ بولاما؟ — دېدى ئۇ يەنىلا خۇددى مەن راستىنلا توغرا مەسلىھەتتە بولۇۋاتقاندەك.
قىسقىسى، بىز ھەبىبۇللاقارىمنىڭ مىنىبۇسىغا مىنىپ سەپەرگىمۇ ئاتلاندۇق.
يېتىپ بارغان كۈنىمىز باي دوستىمىزنىڭ ئېسىل قوروجايلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاندىن شۇ يەردە كەچلەپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە بولسا پۇتىمىز يەرگە تەگمىدى دېگۈدەكلا بولۇپ كەتتۇق. ھەبىبۇللاقارىنىڭ بۇ يەردىكى دوستلىرى قوشۇلۇپ، راسا بىر مىھماندارچىلىق قوشۇنى ھاسىل قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ غۇلجۇلۇقلارنى بىلمەمسىلەر، شۇنداق شوخ، چاخچاقچى خەلق ئەمەسمۇ، ئويۇن دېگەندىن توپا چىقىرىۋەتتۇق دېسەكمۇ بولۇدۇ. ھېلى ئۇ باغدا، ھېلى بۇ باغدا ئولتۇرۇش. ئاشۇ مەشھۇر خەنبىڭ (نىمانداق ۋەلىكىزىنا ئىسىم بۇ؟) بېغىدىمۇ كاتتا زىياپەت بېرىلدى. بۇنى ھەبىبۇللاقارىمنىڭ يەرلىك دوستلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بۇ زىياپەتلەردە بىز خۇددى دۇنيانىڭ ئەڭ بەختىيار كىشىلىرىدەك غەمسىز، چاخچاق ئۈستىگە چاخچاق بىلەن، جىمىنى ئۇنتۇپ، خوشاللىقنىڭ قاينىمىغا چۆمۈپلا كەتكەن ئىدۇق. بىزنىڭ بۇ چاغدىكى بەختىيارلىقىمىزغا بېقىلسا گويا دۇنيادىمۇ ئۇرۇش-جىدەللەر يوق، ئافرىقىدىمۇ ئاچارچىلىق، تەبىئىي ئاپەتلەر يوق؛ ئامېرىكىمۇ ئىراق ۋە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىۋالمىغان؛ بىزدىمۇ ھەرمىللەت ئىناق-ئىتتىپاق، ھىچقانداق «بۆلگۈنچۈلۈك» ھەركەتلىرى، قىسقىسى خاتىرىجەملىككە دەخلى قىلىدىغان ھىچ قىلىق يوق، پۈتۈن دۇنيا بىز بىلەن بىللە مەشرەپتە ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، 4-كۈنى بولغاندا ئاندىن قاش دەرياسى بويىدىكى ئېرەنلىكتە كاۋاپ سەيلىسى قىلىشقا ۋاقتىمىز ئېشىندى. 5-كۈنىدىن باشلاپ نىلقا تاغلىرى ئارىسىدىكى يايلاقلارغا كەتمەكچى ئىدۇق.
يەرلىك ياشلار خېلى كۆپ بولغاچقا بىز مىنىپ كەلگەن مىنىبۇستىن باشقا يەنە ئۈچ كىچىك ماشىنىغا يۈكلۈنۈپ يولغا چىقتۇق. بۇ قانداق بىر كۈن ئىدىكىن، ئىنسانلارنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك، شەھەر بۇ يەرگە كۆچكەندەكلا ئىدى. ئېرەنلىك قايناپ كەتكەن، جاي تېپىشمۇ ئانچە ئاسان بولمىغۇدەككەن، تەلىيىمىزگە يەرلىك ياش دوستلىرىمىزنىڭ بىرى ئەسلى مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى يېزىدىن بولغاچقا، بۇ يەردىكى تۇققانلىرى ئارقىلىق ئاخشاملا ئەڭ ياخشى يەرنى ئىگەللىتىپ قويۇپتىكەن، شۇڭا ئورنىمىز بەك پەيزى ئىدى.
بىرلا كۆڭۈل غەش بولۇدۇغان يېرى بىزنىڭ داستىخان سالىدىغان بوشلۇقىمىزغا قوشنا بىر توپ سەيلىچى يولداشلاردىن بولسا كېرەك، ئاياللىرى، بالىلىرى ئارىلاش بىر توپنىڭ چاچى-پاچىلىرى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك يېقىندىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يەرلىك يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇغما چاخچاق خۇمارلىقى بىلەن بۇ قوشنىدارچىلىققىمۇ تەگدۈرۈشتى:
— يا ئاللاھ، ئىككى ئايرىلالماسلىقنى كۆر، مۇشۇ يەردىمۇ يېنىمىزدىلىكەن، بەختىمىزگە يارىشا!
كېرەكلەرنى چۈشۈرۈپ، ھەمدۇلقارىغا تاشلاپلا ھەممىمىز قاش بويىغا كەتتۇق. گۆش توغراپ، تېتىقۇلىرىنى تەڭشەپ، زىخقا ئۆتكۈزۈشكىچىلا ئەمەس، ھەتتا كاۋاپدانغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ چوغ چۈشۈرۈپ، ئوتنى تاۋلاشقىچىمۇ ھەمدۇلقارىنىڭ ۋەزىپىسىدەك ياكى بىز ئۇنى بۇ ئىش ئۈچۈن ياللىۋالغاندەكلا ئاجايىپ ئىش بولدى. ئۇنىڭغا پەقەت مۇشۇ يېقىن مەھەللىلەردىن بىرىدىن ھەبىبۇللاقارىمنىڭ غۇلجىدىكى ئىشلىرىدا ئىشلەيدىغان بىر يىگىت ئۇنىڭغا قارىشىپ بېرىشكە قالدۇرۇلدى. ھەمدۇلقارى ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن بەس سېلىشىدىغان ئادەم ئەمەسىدى. شۇڭا ئۇ بۇنىڭدىن ھەرگىز خاپا بولۇپ كەتمەيتى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىۋېلىشنىڭ پۇرسەتلىرى كۆپ بولمايدىغان بولغاچقا، بۇنداق خىزمەتنى جان دىلى بىلەن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ بولمىغاندىمۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بەشىمىزنىڭ ئىشەنچىسى تولۇق ئىدى. بۇ ئىشلاردا ئۇ خېلى خوپ شوخلۇشۇپ، چاققانلىشىپ كېتەتتى. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا پالاكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىر يەرگە بېرىشتا ئۆيدىن چىقمىقى بەك ۋاقىت ئالۇدۇ شۇ. «مانا ھازىر، مەن تەييار» دېيىلگەندىن ئەڭ ئاز قىرىق بەش مىنۇت ئۆتمەي تەييار بولالمايدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقتتىن ئەڭ ئاز يېرىم سائەت كېچىكىش ئومۇمەن ئادىتى. مانا شۇنىڭغا قاراپ دەۋاتقىنىمىز بۇ.
دەيلىكى، مۇشۇ ساياھەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەردىمۇ ئەسلىدە ھەممىمىز ئوخشاش مىھمان، بىللە يېتىپ، بىللە تۇرىمىز، ئەتتىگەندە تەڭلا چىقىپ بىر ماشىنىغا يۈكلۈنۈپ ماڭىمىزغۇ، مانا شۇ ھالدىمۇ ھەممەيلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بولغاندىلا ئۇنىڭ بىر نېمىسى ئۆيدە ئۇنتۇلغان بولۇدۇ، ياكى خالاغا بارغۇسى كېلىدۇ، مانا شۇنداق قىلىپ ئونبەش مىنۇت بولسىمۇ ساقلىتىپ، ئادىتىنى راۋا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كېلىپ تۇرغان بۇرادەرلەر ئۇ ماشىنىغا چىقىپ بولغاندا سانچىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ:
— ئۆز ئۆيىمىزدىكىدەك بولمىسىمۇ ھەرھالدا، ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ دېگەندەك، ئونبەش مىنۇت بولسىمۇ بىر كېچىكىش بىلەن خۇمارنى ئازراق باسمىساق بولمايدىكەن-دە، قارىم؟
— خىجىلمەن، ساقلىتىپ قويدۇم، بەزىدە شۇنداق بولۇپمۇ قالۇدۇكەن...
— ھەئە، بەزىدە...
مانا ئەمدى بۇنداق، داستىخان ئىشلىرىدىكى چاققانلىقىغا قارىسا ئادەم ئۇنىڭ بايىقى سۆرەلمىلىكلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالۇدۇ. پىچاق بىلەشلىرىنى دېمەمسىز؟ «چاق-چۇق، چاق-چۇق... » قىلىپ پىچاق يۈزىنى گاھ ئۇ تەرىپىگە، گاھ بۇ تەرىپىگە ئۆرۈپ بىلەيگە سۈرۈدۇغان بولسا قول بىلەن قىلىنىۋاتقان ھەركەت دېيىشكىمۇ پېتىنماي قالىسىز. شۇنچىلىك تېزكى، تەپسىلاتىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. دەل ئۇ بىلەشتىن توختاي دەپ تۇرغاندا بىرەر ئادەمنىڭ قاراۋاتقىنىنى سېزىپ قالسىلا بۇ ئەڭ چاققان قىلالايدىغان ھەركىتىنى يەنىمۇ بىر ئاز سوزۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شېرىن تەسەۋۋۇر ئىلكىدە ھوزۇرلۇنۇش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ موھىم زەۋقلىرىدىن بىرى.
قاش دەرياسىنىڭ ئېقىمى بەك شىددەتلىك بولغاچقا ھەممىمىز دېگۈدەك ئوتتۇرىغىراق بارالماستىن تېز ئېقىم سىرتىدا قالغان ۋە تىنىمسىز ئەلەڭلەپ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇرۇدۇغان يەرلىرىگە چۆمۈلدۇق. پەقەت خوتەنلىك دوستىمىز مەتسايىتلا يوغان سۆزلەپ: «مەن دېگەن يورۇڭقاشنىڭ ئاستىدىن قاشتېشى سۈزگەنمەن» دەپ شىددەتلىك ئېقىمنىڭ چېتىگىچە بېرىپ، بىرنەچچە يۈز مېتېر تۆۋەنگە ئېقىم بىللە كېتىپ، ئۇ يەردىن قىرغاققا چىقىپ قايتىپ كەلدى.
— قاندا دەييا بۇ يا، باللا؟ — دېدى ئۇ كۆكۈرۈپ كەتكەن لەۋلىرىدىن سۇ تامچىلىتىپ تۇرۇپ، — ئۈستىدىن بىلىنمىگەن بىلەن، ئاستىدا ئادەمدەك-ئادەمدەك تاشلار ئاقىدىكەن، دىققەت قىلمىسا ئىككى تاش ئارىسىدا قېلىپ ھىچ بولمىسا پۇت چۇل-چۇل بولۇپ كەتكۈدەي.
شۇندىن كېيىن ئۇمۇ تېز ئېقىمغىچە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ھەممىمىز گاھ قىرغاقتىكى چوقچۇيۇپ تۇرغان تاشلار ئۈستىدە يېرىم يالىڭاچ ئولتۇرۇپ، رەسىمگە چۈشۈپ، گاھ تەكرار دەرياغا چۆمۈلۈپ، خۇددى بايرامدىكى كىچىك بالىلاردەك يايراپ ئوينىۋالدۇق. تاكى ھەمدۇلقارى جاپاكەش دوستىمىز يەرلىكلەردىن ئۆزىگە قارىشىپ يۈرگەن يىگىتنى يوللىغىچە ئېرەنلىك ئىچىدىكى داسقىنىمىزغا بارغىمىز كەلمىدى.
بىز بارغاندا كاۋاپنىڭ ئالدى تەييار بولۇپتىكەن. داستىخاندا جەم بولۇپ، چاخچاق ئارىلاش ئولتۇرۇشىمىزنى باشلىۋەتتۇق. يەرلىك دوستلار ھەمدۇلقارىنى چاخچاققا قېتىپ پوملىغاچ، ماختىغانغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۈردە كەلتۈرۈپ، جىمى گەپنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى، بۇ ھال ھەمدۇلقارىغا بەك يېقىپ چۈشتى. ھىچقاچان ئۇ بۈگۈنكىدەك ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىردەك ئاغزىغا چىقىپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا بەزىلىرىگە كۈلۈپ قويسا بەزىلىرىگە ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن تۈپ-تۈزلا جاۋاپ بېرىپ، تېخىمۇ چاققان ھەركەتلەر بىلەن كاۋاپنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ، گاھ يېڭىدىن گۆش توغراپ، سالات ھازىرلاپ پاي-پېتەك بولۇپ يۈرەتتى.
شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ يەنە كاۋاپدانغا ئۆزى قاراپ، پىشقانلىرىدىن بىرەر زىخنى ئۆز قولى بىلەن مەلۇم بىرىگە — ئۆزىگە ھەممىدىن بەك ھۇجۇم قىلىپ كەتكەن يىگىتلەردىن بىرىگە ئىلتىپات بىلەن سۇنۇپ، يېلىنىپ زورلاپ يېگۈزۈشكىمۇ ۋاقت چىقىراتتى. ئادەتتە باشقا بىرىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇۋاتقاندىمۇ مىھمانلىقىنى ئۇنۇتقاندەك ياكى ئادەتلىنىپ قالغىنىدىن ساھىپخاننى تاماققا زورلاپ ھېرىپ قالۇدۇغان ھەمدۇلقارىنىڭ بۇنداق سورۇندا ئۆز قولىدىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى زورلىمىشى تەسەۋۋۇر قىلىنغۇسىز ئىش بولاتتى.
قوساق بىر قاتارلىق قارا بېسىپ، ئوتتۇز ئوغۇل سازئارىلاش پەيزى قىلىش، چاخچاق قىزىتىش ياكى خالىغانلار ئىككىدىن، ئۈچتىن غۇژمەك بولۇۋېلىپ «خۇسۇسىي سۆبەت» باشلىغاندىلا ھەمدۇلقارى ئۈچۈن بىر ئاز بوشلۇق چىقىپ ھاجىتىگە بېرىش پۇرسىتى بولدى. مېنىڭچە ھاجىتىگە بېرىش ئىھتىياجى بارىدى. چۈنكى ئۇ ئەڭ ھوزۇر ئالالايدىغان داستىخان تۇرغان يەردە تەبىئەت مەنزىرىلىرىدىن — يېشىللىقلاردىن، دەريادىن، ئورماندىن قاش بويىغا چىقىپ قارىسا ئۇزاقتى كۆرۈنۈدۇغان ئاۋرال تېغىدىن ھوزۇرلۇنىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا ئۇ، بىر ئاز ئۇھ دەپ قولى بوشىغان ئانىلاردەك قوللىرىنى پەشتامىسىغا سۈرتكەچ ئورمان سىرتىغا قاراپ ماڭغاندا ئۇنى چوقۇم ھاجەت ئۈچۈن ماڭدى دەپ پەرەز قىلدىم.
راست دېگەندەك ئۇنىڭ قايتىش ۋاقتىنىڭ ئۆزىلا پەرىزىمنى ئىسپاتلىدى. ئۇ دەريا بويىدا ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرغان بولسا بۇنداق تېز كېلەلمەيتى. ئۇ توپىمىزنىڭ يان قوشنىسى بولغان يولداشلارنىڭ توپىدىن بىرەيلەن بىلەن گەپلەشكەچ بوشلۇققا كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا:
— ئىم، ھەمدۇلقارىم يولداشلاردىن بىرى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ قاراپ ئولتۇرمىغىيدى، — دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم.
بۇ يېڭى تونۇشلار ئۆز توپلىرىغا ئايرىلىشىدىغان يەردە يەنە بىر ئاز ھايالشىپ خوشلۇشۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدۇغاندەك تۇرۇشۇپ، ھەمدۇلقارىنىڭ قوشقوللاپ سىقىۋالغان قوللىرىنى زورلۇق بىلەن سۇغۇرۇۋالغاندەك ئېلىۋالغان ھېلىقى يولداش ئۆز توپىغا تېزلا يېنىپ كەلدى؛ ھەمدۇلقارى يېقىنلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇزاتقۇچىنىڭ يول بويىدىكى غەمكىن تۇرۇپ قېلىشلىرىنى ئەسلىتىدىغان يىتىم قوزىلارچە تۇرۇشتا بىر ئاز مەڭدەپ قېلىپ، ئاندىن قايتىپ كېلىپ، دەرھال كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن ھەركەت باشلىدى.
بىزنىڭكىلەردىن كاۋاپقا تەلەپكارلار ئاساسەن پەسلەپ قالغان، ئاندا-ساندا پاراڭغا زاكۇسكا قىلىۋاتقاندەك بەزىلەرنىڭ ئىشتاھاسىزلىق بىلەن چايناشلىرى كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ھەمدۇلقارىمنىڭ ئوتنى ئۇلغايتىپ، يېڭىدىن بىر پىشىملىق كاۋاپنى كاۋاپدانغا تىزىۋاتقىنىغا ئۈنسىز قاراپ قالدىم. بۇ ئاداش خەقنى تاتلىق پاراڭلىرىدىن جۇدا قىلىپ، كاۋاپ زورلاشقا باشلايدىكەن-دە، دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
نىھايەت بىر پىشىملىق كاۋاپنى، ئالدىراش بولمىغىنىدىندۇر بەلكى، تېخىمۇ ئاستا ئوتتا ئالدىرىماي، سىڭدۈرۈپ قىپ-قىزىل قىزارتىپ پىشۇرغان ھەمدۇلقارىم ھەممىنى بىراقلا توپلاپ، قوشقوللاپ سىقىمدىغىنىچە قوشنا توپقا قاراپ كەتكەندە ئىچىمنى بىرنەرسە چاققاندەك بىر تۇيغۇ لىپ قىلىپ كېلىپ ئۆتتى. ئالدى بۇ تەپكە ئولتۇرغانلاردىن خېلى كۆپى بۇنى كۆرۈپ تۇرغىنى ئۈچۈن ھەمدۇلقارى قايتىپ كېلىپ بىر كاسا تاۋۇزنى پىچىپ، لىگەنگە چىرايلىق تىزغىلى تۇرغاندىلا چاخچاققا قېتىشقا باشلاشتى:
— رەسمىي ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى قىلسا بولغۇدەك ئاكاشكەن-دە بۇ!
— پارتىيەنىڭ تەربىيىسىنى ئوبدان ئاڭلىغان-دە.
بۇ گەپلەرنى ھەمدۇلقارى ئاڭلىماي قالمايتى. ئۇ بۇلارنى مۇھەببەتلىك چاخچاقلار، بۇرادەرلەر مېنى بەك چوڭقۇر سۆيگەچكە ماڭىلا شۇنداق يېقىنلىق بىلەن چاخچاق قىلىشىدۇ، دەپ چۈشۈنۈپ، زوق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى ۋە لىگەننى كۆتۈرۈپ قوشنا توپقا ئەكەتتى. بۇ ھال گەرچە چاخچاق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ھىچكىشىگە ياققاندەك قىلمايتى. بىز ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر لام-جىم دېمەستىن بېشىمىزنى يەرگە سېلىۋالدۇق. يەرلىك ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن گاھى راست، گاھى چاخچاق ئارىلاش ھەمدۇلقارىغا سۆز ئېتىشتى.
— يولداشلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشمۇ بۇ، ئاكا ھې؟
— يولداشلار ئەمەسكەن، باللا، تۇڭگانلاركەن، مۇسۇلمانكەن.
— ھە، مۇنداق دە، خېلى كونا تونۇشكەنسىلە –دە؟
— بايا دەريا تەرەپكە بېرىپ كېلىۋېتىپ تونۇشۇپ قالغانتۇق، تۇڭگان بىز دېگەنتى، يېنىمىزدىلا مۇسۇلمان بىر توپ ئولتۇرسا، ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ يەپ ئىچكىنىمىزدىن خىجىل بولۇپ قالدىم... — ھەمدۇلقارى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئوقۇغۇچىدەك خىجىل كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
— بولاپ قويۇدۇغان ئاكاشكەنسەن جۇمۇ، مانا! سەن بىلەن تونۇشۇپ قويسا بولغۇدەككەن، ھىچ زىيان تارتمىغۇدەك...
— راست دەمسەن ھې ئاكا، ھە؟ بايا سىيگىلى بارغان يېرىڭدە تونۇشۇپ قالغىنىڭ راستما؟
— ئادىمىگەرچىلىك دېگەننى كۆردۈڭلاماۋە باللا؟ مانا بوممانداۋا باللا...
— بىكارغا بىرنېمە بېرىدىغاننى تۇيۇپلا قالسا، تۇڭگان تۈگۈل ئەرەپ بولۇپ چىقىدىغۇ بۇ يولداشلا...
— يا، دەيمىنا ما ئاكاشنى! بولۇپ قويۇدۇكەنغۇ بۇ ئاكاش، ئادىمىگەرچىلىكى بىزگە يېتىپ، يولداشلارغا ئېشىنغۇدەككەن ئەمەسمۇ! ئىككى يۈز پىرسەنكەن-دە!
— ياق، دەيمەن، يولداشلار ئەمەس، تۇڭگانلاركەن... باشتا ۋاي نېمە گەپ بۇ دېيىشىپ ھەيران قېلىشتى؛ كېيىن مەن بىز ئۇيغۇرلانىڭ ئادىتىمىز شۇ، بىرسىنى قارىتىپ قويۇپ بىرنەرسە يېيىشنى ئەيىپ ھىساپلايمىز، بارىنى تەڭ يېيىشىش بىزنىڭ ئادىتىمىز... دېگەنتىم، ۋاي مۇشۇ ئۇيغۇردەك بولسا ئادەم دېگەن، ئەسلى ئىنسانلىق دېگەن مانا بۇ ئەمەسمۇ،... دېيىشىپ كەتتى...
— ھووو، ئۇنداق بولسا بولغۇدەك، نېمە ئەمىسە پارچە-پۇرات قىلىپ، يېرىم تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈسەنۇي ئاكا، ھە؟ بەرىبىر بىز، خەققە بېرىپ، ماختاش ئاڭلايدىغان بوغاندىكىن، پىچىلمىغان تاۋۇزدىنلا ئاپىرىپ بەرسەڭچۇ.
— ئىم، ئەمدى بۇ خەق بىزنىڭ بۇنچە ئوبدانلىقىمىزدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن بولسا ھەر بىرى بىرەردىن بالىسىنى بىزنىڭ توپىمىزغا قېتىپ قويغىلى ئەكەلگۈدەك-دە؛ يەنى، مۇشۇ بالىمىز سىلەردەك ئوبدان ئادەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان ھالدا يېتىلسۇن دەپچۇ؟
بۇ گەپ مېنى راستىنلا ئويلاندۇرۇپ قويدى. بىز تاپقىنىمىزنى خەققە بەردۇق، بەك بەلەن مىللەتكەنسىلە دەپ ماختاشتى، راست دېگەندەك ئەگەر بۇنداق ماختاش راست بولسا، راستىنلا قايىل بولۇپ كەتكەن بولسا نېمىشكە بىرەر بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ توپىغا قېتىپ قويۇپ، مۇشۇ بالىمىز سىلەردەك ئوبدان ئادەتلەرنى ئۆگۈنۈپ يېتىلسۇن دەپ باقمىدى؟
بولۇۋاتقان گەپلەرنىڭ راست ياكى تەنە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلۇنۇپمۇ ئولتۇرمايدىغان ھەمدۇلقارى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەكلا ئاقكۆڭۈل ھىساپلىغاچقا، راست دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ كېتىپ، بۇ تونۇشنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ بەك غۇرۇرلۇنۇش ئۈچۈن شۇلارنىمۇ ئىلاۋە قىلدى:
— ئۈرۈمچىدىكى چېغىمىزدا بەزىدە چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپمۇ قالدۇق، شۇ ئەرەپلەر، پاكىستانلىقلار، ئازەربەيجانلار، تۈركلەر،... دېگەندەك. ئاشۇلارمۇ بىزنىڭ مىھماندوستلۇقىمىزدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتكەنتى. ئىنسان سىلەردەك بولۇشى لازىم ئەسلىدە دېيىشىپ كەتكەنتى،...
— ۋاھھا، ھې، ئاكا ھې، سېنىڭ مىللەتچىلىكىڭ ھەممىدىن كۈچلۈككەن جۇمۇ، سەن مانا مۇشۇنداق قىلىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرۈۋېتىپسەن ئەمەسما، تونۇتۇش دېگەن مانا مانداق بولمامداۋا باللا!
بۇ چاغدا ئەسلىدىمۇ پارچە تاۋۇزنى ئاپىرىپ بېرىپ كۆڭلى يېرىم تۇرغان ھەمدۇلقارى يىگىتلەرنىڭ چاخچاق ئارىلاش تەئەددىلىرىنى چۈشەنمىگەن ياكى چۈشەنمىگەن بولۇۋېلىپ تۇرۇپ خۇمارىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن تاۋۇزدىن بىرنى كۆتۈرۈپ قوشنا توپقا ئەكەتتى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ئەيپ ياكى گۇناھ ئىش سانالمايتى. شۇنىڭ ئۈچۈندۇر بەلكىم، ھىچكىم ئۇنى ئەيپلىيەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر تۈرلۈك داڭ قېتىپ قېلىش، تەئەججۈپكە بوغۇلۇش، ئىچىنى نېمىدۇر تاتىلىغاندەك ئارامسىزلىنىش ھەر كىمدە سېزىلىپ تۇراتتى. ھەمدۇلقارىنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا ئەسىر رىتسارلىرىنىڭ مەرتلىكىگە ئوخشىمايتى؛ ئۆزىمىزنىڭ چۆچەكلىرىدىكى مەرت-مەردانلارنىڭ سېخىيلىكىگىمۇ ئوخشىمايتى. نەرى ئوخشىمايدۇ؟ دەپ سورالسا ھىچكىم جاۋاپ بېرەلمەيتى-يۇ، ئەمما نېمىدۇر كەمتۈكلۈك قىلىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇشاتتى. يامان ئىش قىلدىڭ دەپ ئەيپلەشكە ئېغىز بارمايتى-يۇ، ھىچكىمگە ياقمايۋاتاتتى.
بۇ ھالەت ھەتتا بىر ئۇزۇن سۈكۈتكە سەۋەپ بولدى. چاخچاقلارمۇ، تەنە گەپلەرمۇ بېسىقىپ، بىر ھازا سۈكۈت باسقاندىن كېيىن كىمدۇر بىرى تەرىپىدىن كاۋاپقا خېرىدارلىق ساداسى كەلگەنىدى، خۇددى ھەممەيلەن شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، تەكرار كاۋاپ يېگۈلىرى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. بەلكىم بۇ بايان قىلىشقا سۆز تاپقىلى، ئىپادىلەشكە يۈز قىزىرىدىغان، ئوخشاتقىلىمۇ ئۆرنىكى بولمىغان بىر خىل قىزغانچۇقلۇقتىن، خەققە بەرگۈچە ئۆزىمىز يەۋەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ، دېگەن ئويدىن تۇغۇلغاندەكمۇ بىلىنەتتى.
بىر ئاز تەڭقىسلىقتا قالغان ھەمدۇلقارى ئۈچۈن تەكرار جانلىنىشقا يەنە پۇرسەت كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە سۆيۈملۈك بۇرەدەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى پۈتۈن روھى بىلەن سېزىپ تۇرغاچقا، جان-دىلى بىلەن ئىشقا كىرىشتى. ئۆزىنىڭ بايلىقىدىنمۇ، بۇ يەردىكى ئالاھىدە ئورنىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر بىردىن-بىر كاۋاپقا تەكرار تەلەپكار بولمىغان ھەبىبۇللاقارىغىمۇ شۇنچىلىك يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ، 30-قېتىم تەكرار زورلاپ بىر زىخ كاۋاپ تۇتتۇردى. شۇنداق قىلىپ گۆشنى پاك-پاكىزە تۈگۈتۈشتى. ئاندىن ئۇسسۇلۇق، مېۋە-چىۋىلەردىنمۇ يىگەچ تەكرار قىزغىن سورۇن قىزىتقىلى تۇردى. ھەر زامان ئىككىنچى قېتىملىق قايتا كۆتۈرۈلگەن قىزغىنلىقتا نېمىدۇر كەمتۈكتەك ھىس قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ، قىزغىن ۋە شوخ يەرلىك ياشلارنىڭ شۇنچە كۈچەشلىرىگە قارىماي، قىزغىنلىق ئەتتىگەنكىدەك تەبىئىي تۈس ئالالمىدى. سورۇن چۇۋۇلۇپ، خۇددى ئەتتىگەندىن بېرى كۆيگەن مەشنىڭ ئوتى كۈل بېسىپ، پەرۋىش قىلسىمۇ قايتا كۈچلەنمىگەندەك سۇسۇيۇپ باردى. يەنە دەريا بويىغا كېتىشلەر ئۇششاق پاراڭلار بىلەن بۆلۈنۈشلەر بىلەن داستىخان شالاڭلاپ قالدى. پاراڭلاردىن، چاخچاقلاردىن ھوزۇرلانمايدىغان ھەمدۇلقارى بۇ ئارىدا ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئىدى. گەرچە ھوزۇرلانمىسىمۇ، دەريا بويىدا بىردەم ئولتۇرۇپ كەلگۈسى كەلگەندۇ.
مانا شۇ چۇۋالىشىپ، مەغلۇپ بولغان قوشۇننىڭ ئىنتىزامسىزلىشىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىدەك سورۇندا كېتىش خىيالى بىلەن ئولتۇرغىنىمىزدا دەريا تەرەپتىن بىز ئولتۇرغان بوشلۇققا كىرىپ كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ كىمدۇر بىرسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ گەپلىشىپ كەتكەنلىكى كۆرۈنۈشى بىلەنلا سورۇنىمىز تەكرار جانلاندى. بۇ جانلىنىش ھەممىدىن زېرىككەن بالىلار ئۈچۈن يېڭى ئويۇن تېپىلغاندىكى جانلىنىشقا ئوخشايتى.
— بۇ ئاكاش يەنە بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن...
— ھوي، ئاۋۇسى ھېلىقى «ھاڭگا»غۇ!؟
— راستما؟
— ئۇلار تونۇشامدۇ؟
— تونۇشقاندىمۇ يەنە قانداق؟!...
— ئۆتكەندە بۇ يىگىت ئۈرۈمچىگە مىھمان بولۇپ بېرىپ، ھەمدۇلقارىنىڭ قىزىغا پوخۇرلۇق قىلىپ، مانا شۇنىڭ بىلەن ئارىدا سۈركۈلۈش چىققانتى.
— ھە بۇ ھېلىقى ...
— مۇشۇ يېقىن يېزىدىن، بۇ يەر شۇنىڭ مەھەللىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ تىجىمەل مەھەللىسىگە يېقىن بولغاچقا چالا تونۇش بىرەرسى ئۇچراپ قالسا شۇنىڭغا قېتىلىۋېلىپ، بىكارغا ئىچىپ يۈرۈدۇغان...
— ھەمدۇلقارى بىلەن ئارىسىدا ھېلىقىدەك خاپىلىق ئۆتكەن بولسا دىققەت قىلايلى جۇمۇ، بوغۇشۇپ كەتمىسۇن.
— شۇ، شۇ، پىچاقلىشىپ كېتىدىغان ئىش چىقماس؟!
— بىرنېمە دېمەك تەس، دىققەت قىلايلى، ھەرھالدا.
— بىرىمىز دەريا تەرەپكە كېتىۋاتقان بولۇپ يېنىدىن ئۆتكەچ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقساق، ئۇرۇشۇپ قالامدۇ، ئۇرۇشقىدەك ئەمەسمۇ پەرەز قىلغىلى بولاتتى.
— مەن يارايمەن، بۇنداق ئىشپيونلۇققا، — دېدى يىگىتلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە ھەمدۇلقارى بىلەن «ھاڭگا» گەپلىشىۋاتقان يەردىن يېقىن ئۆتۈپ كەتتى. كۆپ ئۆتمەي قايتتى ھەم قايتىشتىمۇ سۆھبەتتىكىلەرگە يېقىن مېڭىپ قايتىپ كەلدى.
— ھە، قېنى دېگىنە، تىللىشىۋاتامدۇ؟
— ياق، تىللىشىۋاتقاندەك ئەمەس، ئەمما قارى ئاكىمىز ئاۋۇ زابوينىڭ قولىنى قوشقوللاپ تۇتۇۋاپتۇ.
— ھە، دېمىدىممۇ، مانا شۇنداق قولىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا «جاڭڭىدە» بۇرنىغا كاللا قويماقچىكەن-دە!
— گېپىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟
— كېتىۋاتقىنىمدا قۇلۇقۇمغا كىرگىنى «بىر قازان ئاشنى تالىشىپ-تارتىشىپ بىللە... » دەۋاتقانكەن، يانغىنىمدىمۇ يەنە شۇنداق دېگەندەك قىلدىغۇ دەيمەن.
— رەسمىي دۇئىلغا شەرتنامە قىلىشىۋاتامدۇ نېمە؟
— ئاۋارە بولماڭلا دەيمەن، ئۇرۇشمايدۇ، دوستلۇشۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ.
— ياق، غەپلەتتە قالمايلى جۇمۇ، چوقۇم بىر چاتاق چىقىدۇ.
بۇ چاغدا ھەممىمىز داستىخاندىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئېرەن دەرەخلىرىگە دۈمبىسىنى يۆلەپ تاماكا چېكىشىۋاتقان توپنىڭ كۆزى يەنىلا ھەمدۇلقارىدا ئىدى. ئۇنىڭ سۆھبەتدىشىنى يەرلىك يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىلا تونۇيدىكەن. تازىمۇ لاۋزا يىگىتمىش، دايىملا ئېرەنلىكتە قاڭقىپ، بىرەر تونۇش ئۇچراپ قالسا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان تەكلىپ بىلەنلا شۇلارنىڭ سورۇنىغا قېتىلىپ بەزدەك ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ بېرىدىغان بىرسىكەن. ئۇنى ھىچكىم ياقتۇرمىغاچقا ئەمدىلىكتە ھەمدۇلقارىنىڭ ئۇنى داستىخانغا باشلاپ كېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. خەيرىيەتكى، داستىخاندا ھىچنەرسە قالمىغان پەقەت تاماق قالدۇقلىرى، شاپاقلار، قەغەز يىرتىقلىرى، بوشىغان قاچا-قۇچىلارلار بارىدى.
ئويلۇغۇنۇمدەك ھەمدۇلقارى «ھاڭگا»نىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالغىنىچە سۆرىگەندەك قىلىپ داستىخان تەرەپكە تارتىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ داستىخانغا يېقىن تۇرغانلارمۇ نېرىدىكى توپقا بېرىپ قوشۇلۇۋالدى. بۇنىڭدا بىرنەچچە سەۋەپ بارىدى: بىرى ئەخلەتتىن باشقا نەرسە قالمىغان داستىخانغا بىر يېڭى مىھماننى بىمالال باشلاپ كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ خىجىللىقىغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىش؛ يەنە بىرى «ھاڭگا»نىڭ تىجىمەللىكىنى بىلگەنلىكلىرى ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇپ قالماسلىق.
بايا ھەمدۇلقارى دەريا تەرەپكە كېتىۋاتقاندا داستىخاندا ئاشقان-تاشقان بولسىمۇ بىرنەرسىلەر بارىدى. ئۇ بەلكىم شۇ قالدۇقلار بىلەنلا مىھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالارمەن دەپ ئويلىغان بولغىيدى. ئەمما شۇئاندا داستىخان تامامەن قۇرۇقدالغان بولۇپ، ھەمدۇلقارىنىڭ بۇ سەتچىلىكتىن قانداق چىقىشىمۇ ئادەمنىڭ بەدىنى شۈركەندۈرگۈدەك خىجىل بولارلىق ئىش ئىدى.
بىز خېلى نېرىدا بولغاچقا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمايتۇق. شۇنداق بولسىمۇ ھەددى-ھەركەتلىرىدىن نېمە گەپلەر بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى. ھەمدۇلقارى يېڭى دوستىنى قولىدىن تۇتقىنىچە داستىخان يېنىغا ئەكەلگەندە ئەخلەتتىن باشقا نەرسە قالمىغان داستىخاننى كۆرگەن «ھاڭگا» ئولتۇرغىلى ئۇنىماي تىرەجىدى. ئەيتاۋۇر ھەمدۇلقارىنىڭ قانچىلىك بىچارىلىك بىلەن يېلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى سېزىلەتتى. ئۇ مەجبۇرىي دېگۈدەك، مۈرىسىدىن بېسىپ مىھماننى داستىخاننىڭ گىرۋىكىگە ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ تۇرۇپ نۇرغۇن گەپ قىلدى. مەن ئۇزاقتا تۇرۇپ خىجىللىقتىن ئۆلەيلا دەۋاتقاندا، دايىملا خىجىل بولۇپلا تۇرۇدۇغان ھەمدۇلقارىم نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن؟ بىرى ئولتۇرغان، بىرى ئۆرە تۇرغان ئەمما ئاۋۇسىنىڭ قۇلىقىغا ئېڭىشكەن ھالدا تالاش-تارتىش خېلى ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن ھەمدۇلقارى بېلىنى رۇسلاپ، ئەتتىگەن كەلگەن تەرىپىمىزگە — ئېرەنلىكتىن چىقىش يولىغا يۈزلەندى. بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ توختىغان ھەمدۇلقارى يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىھمانغا يەنە نۇرغۇن تاپىلاشلاردا بولغاندەك قىلدى.
— ئەمدى نېمە بولۇدۇ؟ — دەپ سورىدى ھەبىبۇللاقارىم ماڭا ئالايغاندەك قىلىپ، چۈنكى ھەمدۇلقارىنى قوشۇۋېلىش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئۇنىڭغا مەن يەتكۈزگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن بولغان ھەر ئىشتا مېنى جىنايى شېرىك دەپ قارايدىغاندەكلا ھىس قىلدىم.
— ئەمدى، قارىم بازارغا بارىدۇ، ئاز-تولا بىرنەرسە ئەكىلىپ، مىھمانغا يېگۈزمىسە ھاياتى بويىچە بېشىنى كۆتۈرەلمەسلىكى، يۈرىكى ئېچىشىپلا تۇرۇشى مۈمكىن.
— ئۇ يېقىن يەردە بازار بار دەپ ئويلامدۇ ياكى غۇلجا شەھرىگىچە بارامدۇ؟
— دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگىچە بېرىشقىمۇ رازىكى، ئادىمىگەرچىلىكنى قولدىن بېرىشكە يۈزى چىدىمايدۇ.
— چاخچاق قىلىۋاتامسىلە، يا راست دەۋاتامسىلە؟ پىيادە مېڭىپ؟
— كېتىۋېرىدۇ.
— ھەمدۇلقارى! مەيەگە كېلىڭلا، ئاداش، — دەپ چاقىرىۋالدى ھەبىبۇللاقارى كېتىۋاتقان ھەمدۇلقارىنى، ئاندىن ئۇ يېقىنلاپ كەلگەندە ئاچچىقىدىن كۈلۈمسىرەپ، — يول بولسۇن، نەگە ماڭدىڭلا ئاداش؟ — دەپ سورىدى.
— قارىسام داستىخنىمىزدا بىرنەرسە قالماپتۇ، ئاۋۇ بۇرادەرنى تەكلىپ قىلىپ ساپتۇق، ئەمدى ئازراق بىرنەرسە تېپىپ كېلىپ، ئاددىيراق بوسىمۇ... نېمە قىلمىساق سەت تۇرا...
— ئۇقۇشماي قاپتۇق، داستىخىنىمىزدا بىرنەرسە قالماپتۇ، خاپا بولمايسىلە، كېيىن يەنە بىر پۇرسەت بولۇپ قالسا ئوبدان بى كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالارمەن، دەپ ئۆزۈر تىلەپ يولغا سالساق بولمامتى؟
— ئۇنداق دېسەكمىغۇ،... بولۇدۇ، ئېسىلىۋالمايدۇ، شۇ ئادەمنىڭ يۈزى چىدىمايدىكەن، قۇرۇق...
— چوقۇم بارمىساڭلا بولمامدۇ؟
— سەت تۇرۇدۇ-دە....
— يېقىن بىر يەردە بازار بار دەپ نىشانلاپ كېتىۋاتامسىلە، ياكى غۇلجا شەھرىگە قاراپ ئاتلاندىڭلىمۇ؟
— يولدا ئۇچراپ قالسا تېخى ياخشى، بولمىسا بى بازار، بى دۇكان تاپقىچە ماڭىمىز-دە...
ھەبىبۇللاقارىنىڭ قىرىق گەز ئۆرلەپ تۇرسىمۇ، «كېپىل بولغانغا تويۇڭ» دېگەندەك، بۇ ئادەمنى توپقا قوشۇپ ئەكەلگەندىكىن ئەمدى چىدىماي چارە يوق دېگەننى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان، ئەتتىگەن بىر ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەن يىگىتنى چاقىردى.
— سىلىگە قالسا بىز مۇشۇ يەردە قونۇپ قالمىساق بېرىپ كېلەلمەيسىلە، ما بالا سىلىنى ئاپىرىپ كەلسۇن، بىللە بېرىڭلا، — دېدى ئۇ، ئاندىن شوپۇر بالىغا، — مۈمكىن بولسا يېقىنراقتا پۈتۈدۇغان ئىش بولسا يېقىندىن پۈتكۈزەرسىلەر، چوقۇم شەھەرگە كىرىشمۇ كېرەك ئەمەس، جۇمۇ.
— يا... ق، سىلەرنى تۇتماي، ئەگەر سىلەر كېتىدىغان بولساڭلا مېڭىۋەرسەڭلامۇ بولۇدۇ... مەن دەخلى قىلىپ،... — دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزۈر بايان قىلىشقا باشلىدى ھەمدۇلقارى يەنە.
— يوق گەپنى قىلماي، مېڭىڭلا قارىم، — دېدى ھەبىبۇللاقارى بىلىنەرلىك ئاچچىق قىلىپ، — بىز كېتىۋەرسەك سىلى ئارقىمىزدىن ئاۋۇ كاۋاپدان،... لاقا-لۇققىلارنى يۈدۈپ بارامتىڭلا؟!
شۇنداق قىلىپ ھەمدۇلقارىنى شوپۇر يىگىت ئېلىپ كەتتى. ھەممەيلەننىڭ ئۆتى تېشىپ ئاران تۇراتتۇق. شۇڭا ھىچكىم بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقاچقا ئارىنى سۈكۈت باستى. ھەمدۇلقارىنى يەنىلا ئەيپلىيەلمەيتى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى يامان ئىشمىدى؟ نېمىسىنى ئەيپلەيسەن؟
خەيرىيەتكى، بۇ ياخشى كۆڭۈللۈك ئادەمنىڭ كۆپ چاغلاردا ئىشلىرىنى ئاللاھ ئۆزى ئاسان يولغا سالۇدۇ جۇمۇ، بۈگۈنمۇ ئۇلار كېتىپ يېرىم سائەتلەردە قايتىپ كېلىشتى. ھەمدۇلقارى قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئىككى تۈگۈنچەك بىلەن داستىخان تەرەپكە كەتتى. شوپۇر يىگىت ھەبىبۇللاقارىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قويۇش ئۈچۈن توپىمىز تەرەپكە كەلدى.
— قانداق بولدى؟ تېزلا قايتىپسىلەرغۇ؟ پەرىشتە ئۇچراپ قالمىغاندۇ؟ — دەپ سورىدى يىگىت ئېغىز ئاچقۇچىلا ھەبىبۇللاقارى ئالدىراپ.
— ياق، پەرىشتە ئۇچراشمىدى، مۇشۇ يېقىندا بىر ھاممامنىڭ ئۆيى بار ئەمەسمۇ، بايا ئىشەنچىم بولمىغاچقا تىلغا ئالمىغان، پونى ئېتىپ كېيىن ئەپلەشمەي قالسا دەپ، كېتىۋېتىپ شۇنىڭكىگە بىر دوقۇرۇپ باقمايلىمۇ دەپ ئويلاپ، كىرگەنتىم، قارىسام يېرىم كىلوچە گۆشى بارىكەن، ئاندىن بىرنەچچە نان سورىدۇق، ئازراق ئالما ئېلىۋالدۇق، مۇشۇ يېتەر، شەھەرگە بېرىپ بولالمايمىز دەپ قايتۇرۇپ كەلدىم.
بىز ئەمدى سەل ئېچىلىشىپ، ھەمدۇلقارىمنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىگە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭدىن كېلىپ تۇرۇشلىرى قاتارلىقلارنى سۆزلەشكەچ، ئانچە-مۇنچە داستىخاننى كۈزۈتۈپ تۇردۇق. ھەمدۇلقارى بايىقى چاققانلىقى بىلەن ئىشقا تەككەن، كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىپ، بىر ياقتىن گۆشنى توغراپ، تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ، تېز ئارىدىلا بەش-ئون زىخ كاۋاپنى تىزىپ بولغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. داستىخاننىڭ ئازراق يېرى — «ھاڭگا»نىڭ ئالدى بىر ئاز ئېرىغدىلىپ، بىرنەچچە نان ۋە ئالمىلار تۆكۈلگەن، ھەمدۇلقارى بولسا نانغا ۋە ئالمىغا زورلىغاچ كاۋاپداننى يەلپۈپ تۇراتتى.
نىھايەت كاۋاپمۇ تەييار بولۇپ، بەش-ئالتە زىخنى مىھمانغا قويغاندىن كېيىن، يېنىمىزغا كەلگەن ھەمدۇلقارى بىزنى جىددىي يوسۇندا داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ يېلىنىشكە باشلىدى. مەنغۇ بىرىنچى تەكلىپتىلا قايتا ئېغىز ئاچالمايدىغان قىلىپ جاۋاپ بېرىۋەتتىم. ھەبىبۇللاقارىممۇ ئاچچىق ئارىلاش رەت قىلىۋەتتى. ئەمما باشقىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ بەك ئۇزاق تىركەشتى. ئاخىرى بىرى چاخچاق قىلىپ:
— تېز بولۇڭ ئاكا، كاۋاپقا ئوت كەتتى، — دەپ ئۇنى ھۈركۈتكەندىلا ئۇ شاپاشلاپ ئارقىغا ياندى. شۇغۇنىسى ئۇ بىرنەچچە زىخ كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ، يەنە زورلاشقا باشلىدى. بىز كونا تونۇشلارغا گەپ يېگۈزەلمەي، يېڭىلاردىن بىرنەچچىسىگە تۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئاندىن يەنە پايپىتەك بولۇپ داستىخان ئەتراپىدا پىرقىراپ، داستىخاندىكى بىردىن-بىر مىھمانغا جان-دىلى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاندا-ساندا ئىككى زىخ كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئەمدى كاۋاپ يېمەسكە قەسەم قىلىۋەتكەنلەرنىمۇ ئاخىرى تەسىرلەندۈرۈپ بىرەردىن تۇتقۇزۇپ، كاۋاپلارنى تۈگەتتى.
شۇندىلا ئۇ ھەر كەلگەندە بىر قېتىم كېچىكىشىمىزگە سەۋەپ بولغانلىقى ھەققىدە تەكرار ئىزھار قىلىۋاتقان ئۆزۈر بايانلىرىنى يېڭىلاپ، ئەمدىلىكتە ئۇنى خۇلاسىلەپ، ھەبىبۇللاقارىمغا بەك-بەك رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ھەممىمىزگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار سۆزلەپ، قۇلاق مېيىمىزنى يېگۈدەك قىلدى. ھەبىبۇللاقارىم ئۇنىڭ يەنە يېڭىۋاشتىن تەكرارلاشقا باشلاۋاتقان ئۆزۈر بايانىنى ئۈزۈپ:
— مىھمىنىڭلىنى كۈتۈپ بولغان بولساڭلا ئەمدى ماڭامدۇق يا چالىسى بامۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ياق، ياق، چالىسى يوق، رەھمەت، سىزگىمۇ، باشقا باللىغىمۇ رەھمەت، ئاللاھ ھەممىڭلادىن رازى بولسۇن، زادى... ئەمدى ماڭساق بولۇدۇ،... سىزگىمۇ رەھمەت، باشقاڭلاغىمۇ رەھمەت...
— ئۇنداق بوسا، قارىم، ئاۋۇ مىھمىنىڭلىنى گاچچىدە كۆتىدىن يۆلەپ يولغا سېلىۋېتىڭلا، ماۋۇ باللا داسقاننى يىغىشۇرۇشسۇن، ماڭىلى، سۆرۈلۈپ تۇرۇۋەرمەي!
— بولۇدۇ، بولۇدۇ، مانا ھازىر،...
ھەمدۇلقارىغا بىردىنلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ؟ ماقۇلنىغۇ دېدى، ئەمما بۇ بىچارە يۇمشاق كۆڭۈل دوستىمىز ئۇنداق چاپسان خوشلۇشۇپمۇ كېتەلمەيتى، بۇمۇ كۆڭلۈمىزگە ئايان بىر ئىش. خۇددى شۇنداق بولدى. يەيدىغاننى يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى مىھمان ئۆزى خوش دەپ قوپمىسا ھەمدۇلقارى تاڭئاتقىچىمۇ خوش ئەمىسە دېيەلمەيتى. دېگەندەك، ئۇ مىھماننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قانداقتۇر پاراڭغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتى. بۇ ھالدا بىز يەنىلا قاراڭغۇغا قالاتتۇق. دېمىسىمۇ ھازىر ئېرەنلىكتىكى سەيلىچىلەردىن ھىچكىم قالمىغاچقا خۇددى ئادەمسىز باياۋاندەك ھوھۇلداپلا قالغان ئىدى.
سەبرىسى تۈگىگەن ھەمدۇلقارى ياش يىگىتلەردىن بىرىنى داستىخان تەرەپكە ئەۋەتتى.
— ھازىر يولغا چىقمىساق بولمايدىغان بىر ئىش چىقىپ قاپتۇ، دەڭا بېرىپ، تېزرەك!
يىگىت بېرىپ ئىككى ھەمسۆھبەتكە بۇ جىددىي خەۋەرنى يەتكۈزگەندە مىھمان سۈپىتىدىكى «ھاڭگا» دەرھال بىرنېمىلەرنى دېگەچ ئورنىدىن قوزغالدى، ئەمما ئۇنىڭ قوللىرىنى يەنە قوشقوللاپ تۇتۇۋالغان ھەمدۇلقارىنىڭ گېپى تۈگۈمەي قالدى.
— يەنە قانداق قىلاي دەيدۇ بۇ؟ — دەپ سورىدى ھەبىبۇللاھقارى ماڭا قاراپ، دېمىدىممۇ، ھەمدۇلقارىنىڭ ھەممە قىلمىشى ئۈچۈن يېرىم جاۋاپكارلىق مېنىڭ ئۈستۈمدەدەكلا!
— بىلمەمسىلە، ئاداش، ھەمدۇلقارى، بىرلا خوش ئەمىسە بىلەن بىر ئادەمدىن ئاجرىيالايدىغان تۈردىن ئەمەسقۇ، — دېدىم مەنمۇ ئۇنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈپ، — مانا ئەمدى سائەتكە قاراپ تۇرساڭلا، يېرىم سائەتلەردە ئاندىن ئاجرىيالايدۇ.
— شۇنى بىلىدىكەنسىلە، بولمىسا...
مىھماننىڭ مېڭىشقا ئۈمتۈلۈپ يول تەرەپكە تىرەجەۋاتقانلىقى، ھەمدۇلقارىنىڭ ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋېتىشكە چىدىمايۋاتقاندەك يەنىلا تارتىشىپ تۇرغانلىقى كۆرۈلەتتى. مىھمان مەجبۇرىي دېگۈدەك ئۆز يولى تەرەپكە خېلى ئۇزاقلاپ كەتكەن چاغدىمۇ ھەمدۇلقارى تېخىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇغلۇق ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يولنىڭ يېرىمىغىچە كېتىدىغاندەك ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى.
— ئەمدى بېرىڭلا، بولدى، داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋېرىڭلا، — دېدى ھەبىبۇللاقارى ياش يىگىتلەرگە، تېزراق بولۇڭلا، — ئاندىن ماڭا تەئەددى قىلغاندەك قىلىپ، — كەينىگە يېنىپ يەنە كەلمەس، سىلە بىلىسىلە، — دېدى.
— ھىچنېمە دەپ بولمايدۇ، ھەمدۇلقارى ئۇ دېگەن، — دېدىم كۈلۈپ، — ئەگەر كۆڭلى قىيالمىسا قايتىدىن ئەكىلىشى مۈمكىن.
— ئادەمنىڭ جېنىنى چىقىرىپ چاخچاق قىلىدىكەنسىلە، ئاداش!
ھەمدۇلقارى يېڭى دوستىغا قىيالماي تاكى ئېرەنلىكتىن چىقىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندە داستىخان يىغىلىپ، ئەخلەتلەر توپلۇنۇپ، يۈك-تاقلار كۆتۈرگىدەك قىلىپ ھازىرلىنىپ بولۇنغانىدى.
— داستىخاننىڭ ئىشى تۈگۈگەن بولغىيدى، قارىم؟ — دەپ سورىدى، ھەبىبۇللاقارى تەئەددى قىلىپ، — يىغىۋېتىپ قالدۇق، سىلىدىن بىخەۋەرلام.
— ياق، ياق، ئۇنداق دېمىسىلە، ئۆزەم يىغاتتىم ئەمەسمۇ، باللانى ئاۋارە قىلىپ خىزمەتكە ساپتۇق، تازا سەت بوپتۇ، — دېدى ئۇ.
ياشلاردىن بىرى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەمدۇلقارىغا چاخچاق قىلىپ:
— ۋې ئاكا، سەن بۇ دوستۇڭ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئابايقى تۇڭگان دوستۇڭ بىلەن خوشلىشالماي قالدىڭ ئەمەسما، بىچارىنىڭ تازا كۆڭلى يېرىم كەتتى-دە، — دېدى.
— شۇ، يامان بولدى، — دېدى ھەمدۇلقارى تۈزلۈكى بىلەن، — يېتىشەلمەيلا قالدۇققۇ، خاتىرەمدىن چىقىرىپلا قويۇپتۇمەن، قاچانراقتا كەتتى ئۇلار؟
— سەن بازار قىلغىلى كەتكەندە كېتىپ قالدى ئەمەسما.
— ھە،... بوپتۇ، قانداق قىلىمىز، نېسىپ بولماپتۇ، يەنە بىر پۇرسىتى بولار، كۆڭلىنى ئېلىۋالارمىز.
شۇنداق قىلىپ، قاش بويىدىكى سەيلىمىز ئاخىرلىشىپ شەھەرگە قايتتۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ نىلقا يايلاقلىرىغا چىقماقچىدۇق، ئۇلاستايغا، قىيىندىبۇلاققا، ئارسلانغا، ئاقتاشقا،... يەنە قەيەرلەرگە باراتتۇقكىن ئېسىمدە يوق. ئەيتاۋۇر ئارىمىزدا ھۆكۈم سۈرگەن بىر كۆڭۈلسۈزلۈك بىلەن يايلاققا چىقىشقا ھەبىبۇللاقارىنىڭ ھەپسىلىسى بولماي قالغانلىقىنى، پەقەت ۋەدىسى تۈپەيلى زورۇقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى پەم ئېتىپ، باشقىلىرىمىز ئالدىراشلىق باھانىسى كۆرسۈتۈپ ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولۇشتۇق.
بەت: [1]
: كېسەل (ھىكايە)-7