komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 00:17:07

كېسەل (ھىكايە)-4

بايا بىر ئاز پۇرۇتۇپ ئۆتكەنمىدىم؟ بىزنىڭ ئاشۇ باي دوستىمىزغا قاتقان ئازراق پېيىمىزنىڭ خاپىلىقىچۇ؟ ھە، مەندەك ئازراق پۇلغا قاراشلىق غورىگۈل سىنىپىدىكى زىيالىي دوستلار بىر كۈنى بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشىپ، ھەبىبۇللاھقارىمدىن راسا دەرت تۆكۈشتۇق. ئاخىرىدا بۇنداق كېتىۋەرمەي، بۇ ئاداشنى بىر يەرگە چاقىرىپ سۆزلىشەيلى، دېيىشتۇق. قەيەرگە چاقىرساق بولار؟ ئۆيىمىزگە چاقىرساق، ئۇ مىھمان، بىز ساھىپخان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭدىن ھىساپ سورىغىلى، قاتتىق-يىرىك ئېيتىشقىلى بولمايدۇ؛ رىستۇرانغا چاقىرايلى دېسەك، ھىچقايسىمىزنىڭ بۇ چىقىمنى كۆتۈرگۈچىلىكى يوق، ئاخىرىدا پۇل تۆلەش يەنە باي دوستىمىزغا قالۇدۇ-دە، يىگەننىڭ يۈزى ئۇيۇتار دېگەندەك بولۇپ، جىددىي بىر ھىساپ-كىتاپ يىغىنى بولۇشتىن چىقىپ، ئادەتتىكى بىر زىياپەتكە ئايلىنىپ قالۇدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇ ياقىغا — سۇ ئامبىرى تەرەپكە بېرىپ، مەنزىرە كۆرگەنلە بولۇۋېلىپ، شۇ يەردە بىر يەردە ئولتۇرۇپلا دېيىشمەمدۇق؟ ئارىمىزدىن بىرى تېخىمۇ يېقىن بىر يەردە خېلى پەيزى بار بىر يەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مانا شۇ يەرگە بارايلى دېيىشتۇق. ئەتىسىگە ھەبىبۇللاھقارىنىڭ ئالدىراشتىم دېگىنىگە قويماي، ئۇنى بېرىشقا كۆندۈرۈپ قويدۇق. ئاندىن ئاشۇ يەردە تېپىشىدىغان بولدۇق.
بىز ئالدى-كەينى بولۇشۇپ، ئۇيغۇرچۇلۇقنى جارى قىلىپ، دېيىشكەن يېرىمىزگە يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا چۈشكە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. بۇ باغچىمىز دۇكانلاردىن ئۇزاق، ئادەملەردىن ئۇزاق خىلۋەتتە بولغاچقا، ھېلىلا قورسىقىمىز ئېچىشقا، ھىچ بولمىغاندا ئۇسساشقا باشلايتۇق. بۇ ھالنىڭ بىر پايدىسى بارىدى، گاچ-گاچلا گەپنى تۈگۈتۈپ، دەرھال قايتىشقا ھەيدەكچى بولاتتى. شۇغۇنىسى بىر زېيىنىمۇ بولاتتى: ھېلىلا ئاغزىمىز قۇرىغىلى تۇرۇدۇغان بولسا، ھەبىبۇللاھقارىمدەك بايۋەچچىلەر دەرھال كېتىشكە ئالدىرىتىپ، گەپنى دېگۈزمەيلا كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇشىمۇ مۈمكىن ئىدى. تېخىمۇ يامان يېرى بۇ يەر شەھەرگە ئەڭ يېقىن ئەڭ خىلۋەت ماكان بولۇش سۈپىتىدە بۇ يەرنىڭ كېچىلىك مىھمانلىرى ئاز بولمىسا كېرەك، ئەتراپنى بەك پاكىز دېگىلى بولمايتى. دەرەخلەرنىڭ تۈۋلىرىگە ئىلىشىپ توختىغان ئىچىملىك قۇتىلىرى، پىلاستىك خالتىلارغۇ مەيلى، ئىشلىتىپ تاشلانغان پىرىزېرۋاتىپلارمۇ كۆزگە چېلىقىپ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇراتتى.
ئەھۋالىمىز دەرھال ئىككىنچى ئىھتىماللىقنى مەيدانغا چىقىرىدىغان كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ئىچىمنى «شۇۋ» قىلىپ بىرنەرسە كۆيدۈرگەندەك بولۇپ كەتتىم. چۈنكى بىز ھە دېمەيلا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپنى باشلىيالماي، توغرىسى بايۋەچچە دوستىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق (بۇ ھال ھەممە ئادەمدە شۇنداققۇ، بايلاردىن ھېيىقىمىز) ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ سۆز باشلاشقا ئۇنىماي، تايىنى يوق گال قىرىش، بولا بولماس بىرەر ئېغىزدىن گەپ يومزاشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتۈپ، ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغاندەك ئەنسىرەشكە باشلىدىم.
دەل شۇ چاغدا ئورماننىڭ قېرىمچىسىدىن ئاتلاپ قىرىغا چىققان بىرى ئۇزاقتىن كۆرۈندى. قىلغىلى گەپ تاپالماي ئاران تۇرغان دوستلارغا بۇمۇ تازا باھانە بولدى:
— ھىچكىم كەلمەيدىغان يەر دېسەك، بۇ يەرگىمۇ خەق كېلىدىكەن-ھە؟
— شۇنى دەيمەن، بۇ ئادەمگە بۇ خىلۋەتتە نېمە بارىكى؟
— ھوي بۇ ھېلىقى ھەمدۇلقارىمغا ئوخشاۋاتامدۇ، كۆزۈم قۇرۇسۇن؟
— شۇدەك تۇرۇدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيى بۇ تەرەپتە ئەمەس بولغىيدى؟ بازار قىلىپ يانغاندەك، قولىدا پىلاستىك خالتىلار، خېلى ئېغىر كېلىۋاتىدۇغۇ؟
— ئىم! — دېدىم مەن ۋە دەرھال ئاۋازىم ئۆچتى. راستلام شۇ ئاداش! قولىدىكىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلىپ بولدۇم! ئەمدى بىزنىڭ ھىساپ-كىتاپ مەجلىسىمىزمۇ پىشىپ بولدى! — ئۇ بۇ يەرنى قانداق تاپقاندۇر؟
— تۈنۈگۈن مەن دېگەن، — دېدى دوستلاردىن بىرى، — ئەتە بىزنىڭ مۇشۇنداقراق بىر ئىشىمىز بار، ھەبىبۇللاھقارىم بىلەن، ... دەپتىكەنمەن.
ئۇنىڭغىچە ھەمدۇلقارىممۇ يېتىپ كەلدى:
— ئۇھ، ھەجەپ چارچىدىما، دەل ئۈستۈڭلاردىن چۈشتۈم دەپ ئورمانغا كىرىپتىمەن، ئەمما خاتا يەردىن كىرىپ قاپتىكەنمەن، سەل چۆگۈلەپ قالدىم.
— بۇ تەرەپتە بازار بارمىكەن-يا؟ نېمە بۇ....؟
— ھەربىرىڭلانى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ئورماندا ئولتۇرۇدۇ دەپ ئاڭلاپ، شۇ، ئويلۇدۇمكى، ئۇ بىر خىلۋەت يەر تۇرسا، بۇ ئاداشلار ئۇسسىماسمۇ، ئەلۋەتتە كېرەكتە قورسىقى ئاچماسمۇ؟... شۇنىڭ بىلەن توختا، دېدىم-دە، تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر دەپتىكەن، گاچچىدا دۆڭ كۆۋرۈكنى ئارىلىۋېتىپ، ئازراق بىرنېمە كۆتۈرگەچ بېرىپ، دوستلارنىڭ سۆھبىتىدە بولغۇنۇم ياخشى ئەمەسما؟ پۇل تاپىمىز دەپ ئۆلىمىزما، ھەر كۈنى؟ تېپىۋالارمىز، كېيىن، دېدىم-دە، بۇ يان كېلىشىم. ماشىنىنى ئۇزاقراقتا قويۇپتىمەن، دەل ئۈستىدىن چۈشۈمەنغۇ دەپ كىرگەن يېرىم خاتا بولغانلىقتىن سەل ئۇزاق چۆگۈلەپ قالدىم... — ھەمدۇلقارىم ھىكايىسىنى ئونىنچى قېتىم تەكرارلىغاچ پىلاستىك خالتىلار ئىچىدىن پور قاچىلارنى چىقارغىلى تۇردى. پىلاستىك ۋىلكىلارمۇ، قوشۇقلارمۇ بارىكەن، قاچىلار ئېچىلغاندا كۆرۈلدىكى، ئۆپكە-ھېسىپلار، كاللا-پاقالچاق توغرامچىلىرى، ئاچچىقسۇ، قىزىل مۇچ، ئاز-تولا مېۋە، ئاندىن يەنە 30-40چە سامسا، قۇتۇلۇق سوغۇق ئىچىملىكلەر بارىدى. ھەتتا پىلاستىك داستىخاننىمۇ ئۇنۇتماپتۇ. مىھماندارچىلىق ئىشلىرىدا دەرىجە بېرىلىدىغان ئىش بولسا چوقۇم دۇنيانىڭ ئەڭ يۈكسەك بىر دەرىجىسىنى ئويلاپ تېپىشقا، بار دەرىجىلەردىن بېرىش كېرەك بولسا دوكتور ئاشتى دەرىجىسىنى بېرىشكە بولۇدۇغان بۇ ئاغىنىمىز، بۇ ئىشنى بايىلا كوچىدا بىردىنلا ئويلاپ قېلىپ، بىردىنلا بۇ يەرگە كېلىشكە قارار قىلغاندەك ئەمەس، ئاخشامدىن بېرىلا ئويلاپ ياتقاندەك، ئەتتىگەن تەييارلىق بىلەن ئۆيدىن چىققاندەك قىلاتتى. چۈنكى، داستىخاننى ئۆيدىن ئالغىنى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇراتتى.
داستىخان مول نېمەتلەرگە تولغاندىن كېيىن دوستلار بۇ يەرگە جىددىي بىر ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتقاندەك، تامامەن داستىخان بىلەن ھەپىلىشىپلا كېتىشتى. ئارقىدىن سۆز مەۋزۇسىمۇ داستىخانغا زورلاشلار، تەكەللۇپلاردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىنى ئاستىلا بېقىنداپ قويدۇم. مەخسىدىم، ئىشىمىزنى ئۇنۇتما دېگەننى ئەسلىتىش ئىدى. ئەمما ئۇ «نېمە دەيسەن؟» دېگەندەك قاراۋاتمامدۇ؟ ۋاي توۋا! داستىخاننى كۆرسەكلا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالۇدۇغان قانداق خەلقمىز-ھە؟
چۆلدە ئۇسساپ تۇرغاندا سۇ كەلتۈرگەن كوزىگەردەك ھەمدۇلقارى ئەرشلەرگە چىقتى. يىگەندىكىن، خالار-خاھلىماس ماختاشلار ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ مۇرادى ھاسىل بولۇۋاتاتتى. ئەمدى جىددىي بىر سۆھبەتنىڭ مەۋزۇ تېشى بولغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، بەكمۇ پۇچۇلاندىم. چۈنكى، ھەممىدىنمۇ مېنىڭ پۇلغا ئىھتىياجىم بارىدى. دېمىگەنمىدىم، ئاكام داۋالانغىلى چىققان ئەمەسمىدى؟ مېنى ئۈرۈمچىدە پۇلنى ئۇسۇدۇ، دەپ ئويلايدۇ ئەمەسمۇ ئۇلار؟ شۇڭا مەندىن داۋالاش پۇلىنىڭ ھىچ بولمىسا يېرىمىنى تاما قىلىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئىشەنچىم كامىل. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ پەكىرى ئۇچقان ئىكەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مىڭ تەسلىكتە، بىرىنى تاپسا بىرى يوق بۇ ئاداشلانى بىر يەرگە ئەكىلىپ تەشكىللىگەن بۇ ھىساپ كىتاپ مەجلىسىمنى مىھماندوستلۇقى ۋە ئادىمىگەرچىلىكى بىلەن بىر تىيىن قىلىۋەتكەن ھەمدۇلقارىنىڭ كارنىيىنى بوغۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئۆز پۇلۇم ئۈچۈن ئۆزەم تىلەمچى بولۇپ، ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئۆيىگە سارغىيىپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ گەرچە بۇ ھالىمغا باقماي قاتتىق بولغان غۇرۇرۇمغا ئېغىر كەلسىمۇ بارماي چارەم يوقتى.
ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن يېيىشىۋاتقانلارغا قاراپ قالدىم. ھەمدۇلقارىنىڭ زورلاشلىرى داۋام قىلاتتى. ئۇ ماڭىمۇ ئۆمسە-ئۆمسە قاراپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە ماڭىمۇ «ئابىھايات تىلەش» تىپىدىكى يېلىنىشلىرىنى تۆكۈپ تۇرسىمۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن يەپ، ئۇنى بەختىيار قىلىۋاتقانلار يېتەرلىك بولغاچقا، بەكمۇ دىدارىمغا قاراپ كەتمەيتى.
ئويلۇغۇنۇمدەك، بىزنىڭكىلەرنىڭ داستىخاندىن لەززەتلىنىش كېسىلى خاسىيىتىدە، ھوزۇرلۇنۇپ يەپ-ئىچىشلىرىمىز سائەتلەرنى ئالغاچقا، بىكار بولۇپ، ھەمدۇلقارى ئۆز ۋەزىپىسىدەك بىلىپ داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋاتقان چاغدا ئاللىقاچان ئەسىر ۋاقتىغا يېقىنلىشىپ قالغاچقا، ھەبىبۇللاھقارىم دەممۇ-دەم سائەتكە قاراپ، بىشارەتلىرىنى باشلاپمۇ بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ھەبىبۇللاھقارىمغا ھاردۇق سوراپ بارالماسلىقىدىكى ئەيپنى تامامەن ئۆزىدە دەپ بىلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ تۈگۈمەس تەكەللۇپلىرى 30-قېتىم تەكرارلىنىپمۇ بولغان ئىدى. ئەمدىلەتىن شۇ ئەقلىمگە كېلىۋاتىدۇكى، بۇ ھەمدۇلقارى ھەبىبۇللاھقارىنىڭ ھاردۇق سوراپ بېرىشى ئۈچۈن ئىمكان بەرمەي، باھانە-سەۋەپ كۆرسۈتۈشلىرىگە ئۆز ئادىمىگەرچىلىكىنى بىر كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولغانمىكىن-يا؟ تۈنۈگۈن ئۇ ماۋۇ بۇرادەردىن «ھەبىبۇللاھقارىم بىلەن بىللە... » دېگەن ئۇچۇرنى ئاڭلاپلا كۆڭلىگە شۇ ئىشنى پۈككەنمىكىن؟ شۇغۇنىسى ئۇنىڭ داستىخان سېلىشتىن ھوزۇر ئالۇدۇغان بۇ كېسىلىدە ئۆزى ھوزۇرلۇنۇدۇغان بولغاچقا، باشقىلار ھەققىدە بىرەر غەرەزنى كۆڭلىگە پۈكۈشى ئەقىلگە سىغمايتى. چۈنكى ئۇ ساتراچخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تونۇشۇپ قالغان ئادەملەر ئۈچۈنمۇ بارىنى تۆكۈپ مىھمان قىلىۋېرىدىغان تۇرسا، مەسىلەن، شۇلاردىن نېمە تاماسى بولار؟

كۈندۈزلۈك كۇرسنىڭ ئىشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كېلىۋاتاتتىم، ھەركۈنى مانا شۇنداق بىر خىلدا تەكرارلىنىدىغان مىخانىك ھەركەتتەك بىر ھايات ئىچىدە بولغۇنۇم ئۈچۈن ھەممە نەرسە كۈنمۇ-كۈن ئوخشاش باراتتى. ئىشىك ئالدىدا بىردەملا ھايال بولسام ھەمدۇلقارىمغا يولۇقۇشۇم ۋە يېرىم سائەتلىك ھال-ئەھۋال سوراشمۇ شۇ پېتى تەكرارلىناتتى. شۇغۇنىسى مەن بۇ ئوخشاشلىقتىن ئەڭ زېدەكەپ كەتكەچكە، مۈمكىن قەدەر سەل بالدۇرراق كېلىپ بىنا ئىشىكىدىن كىرىپلا كەتسەم قۇتۇلاتتىم. سەلدىن كېيىن — كەچلىك تاماقنى يەپ يەنە كەچلىك كۇرسقا بارىمەن ئەمەسمۇ.
بۈگۈنمۇ كەلدىمكى بىنا ئەتراپىدا ھەمدۇلقارىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى. بىر بۇلۇڭدىن مىرتتىدە چىقىپ كەلمىسۇن دەپ تېخىمۇ بەك ئالدىرىدىم. ئەمما بىنا ئالدىدا قۇرۇلۇش جەريانىدىن قالغان قىيانىڭ پارچىسىدەك بېتون تاشتا تاماكا چېكىۋاتقان يەنە بىر قوشنام مېنى توختۇتۇۋالدى. ئادەتتىغۇ بۇ قوشنام بىلەن پەقەتلا باش لىڭشىتىپلا ئۆتۈشۈپ كېتەتتۇق، تونۇشلۇقىمىز شۇنچىلىكلا ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ مېنى يېنىغا چاقىرىشىدا قانداق ئالاھىدە سەۋەپ بارىكىن؟ بۇ سېمىز ئادەم يا مەلۇم ئىدارىنىڭ ئاشخانا زاپخوزى ياكى كىچىكرەك ئەمەلدارى سىياقىدا كۆرۈنەتتى. دېمەك، مەن ئۇنىڭ زادى نېمە قىلىدىغان ئادەملىكىنىمۇ بىلگۈدەك تونۇمايتىم.
— قوشنىكەنمىز، ئەمما يىللار بولۇپتۇ، تونۇشمايمىز، — دېدى ئۇ. بۇ راست ئىدى. بەزى ھېيتلاردا يولدا گەز كېلىپ قالغان جامائەتتىن يىرىپ ئۆتەلمەيلا ھېيت پاتىھەسىگە كىرىپ قالغىنىمىز بولمىسا كىرىپ-چىقىشمۇ قىلمايتۇق.
— شۇ، توغرا دەيسىز، قوشنا تۇرۇپ، سەت بولدى،... — دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ.
— كېلىڭە، ۋاقتىڭىز بولسا بىردەم تۇرايلى، — ئادەتتە بىزنىڭ بىنانىڭ كەچقۇرۇنلىرى ئىشك ئالدىدا تاماكا چېكىپ تۇرۇدۇغانلىرى ئاشۇ بېتون پارچىسىغا قۇيرۇق قىسمىنى تاقاپ تۇرۇشاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىدەك تەكشى ئەمەس، ھەم ئىگىزلىكىمۇ توغرا كەلمىگەچكە، ئەنە شۇنداق قۇيرۇقنى تاقاپ ئۆرە تۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، بېتونغا قۇيرۇقۇمنى تاقىدىم. ئەمما ھەمدۇلقارىم كېلىپ قالغىچە يوقالسام بولاتتى دەپ ئويلاپ ئىككى تەرەپكە ئەلەڭلەپ قارايتىم.
ئۇمۇ مېنى دوراۋاتقاندەك ئىككى تەرەپكە قاراپ قويۇپ:
— جۈرۈڭە، ئىۋۇ ئارقا تەرەپلەرنى ئايلانغاچ پارڭلىشايلى، ماڭا مېڭىش پايدىلىق، ئەتتىگەن كەچتە ھەركەت قىلىشىم كېرەك، — دېدى ئۇ مېنى قولتۇغۇمدىن تۇتۇپ يىنىك يۆنلەندۈرۈپ.
شۇئان ئۇ ياقتىن كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، يۈرۈپ كەتتىم. ئەجەبا ئۇمۇ ھەمدۇلقارى كەلگىچە كېتىۋالايلى دېدىمىكىن؟
— ئاۋۇ قوشنا بىلەن خېلى يېقىنغۇ سىز؟ — دېدى ئۇ قارىماي تۇرۇپلا بېشىنى ئېغىتىپ، ئارقىسىنى ئىما قىلىپ.
— يامان ئەمەس، قانداق دەيلا؟ — دېدىم شۈبھىلىك بېقىشلىرىمنى يوشۇرالماستىن.
— ماڭغاچ گپلىشىمىز، مېڭىۋېرىڭ، — دېدى ئۇ مېنىڭ توختۇۋېلىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك. ئاندىن، — قانداقراق ئادەم ئۆزى؟ — دەپ سورىدى.
— قايسى جەھەتتىن دەيلىكى؟ مەسىلەن، ئادىمىگەرچىلىك يېقىدىن دېسىڭىز باھاسىز بىر ئادەم دېيىش مۈمكىن، گەرچە بەزىدە ئادەمنى تالدۇرۇۋەتسىمۇ،...
— ھە، ھە، دەل شۇ يېرىنى دەيمەن.
— بۇ جەھەتتە بىرەر مۇلاقاتلىرى بولغانمىكى؟
— نېمە دېسەم بولار؟ يەنى، رەسمىيمۇ ئەمەس، — دېدى ئۇ خىجالەت ئارىلاش، — دېگىنىمدەك، مەن ھەركەت قىلىشىم كېرەكقۇ، يەنى، قېنىمدا دىئابىتقا يېقىنلاشقان شېكەر تەركىبى يوقۇرى، قانمۇ قويۇق، مانا كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، شۇڭا دوختۇر كۆپرەك جىسمانىي ھەركەت قىلىشىمنى تاپىلىغان. بۇ يەردە نېمە جىسمانىي ئەمگىكىمىز بولسۇن دەيسىز، پۇڭلۇق يېرىمىز بولمىسا؟ شۇ ئەتتىگەندە بىر ئىككى كلومېتېر پىيادە مېڭىپ يۈرۈشۈمگە توغرا كېلەتتى. يۈگرىسەمغۇ ياخشىدى، ئەمما يۈگرەشكە يارىمايمەن، ماڭساممۇ بولۇدۇكەن، ھازىرچە. ئاشۇنداق مېڭىپ يۈرگەن سەھەرلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ دوستىمىزيېنىمدا پەيدا بولدى. تاكسىچىكەنغۇ؟ ھە، تاكسى بىلەن. «ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ، يولۇمىز بىركەن» دېمەمدۇ. «ياق، ئۇكام، مەن ماڭاي، بىردەم ھاۋا يىگەچ مېڭىپ يۈرۈۋاتقانتىم» دېدىم. ئەمما ئۇ ئادەم قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس. «سىز مېنى بىلمەيسىز ھەقىچان، ئەمما مەن سىزنى بىلىمەن، بىز بىر بىنادا ئولتۇرىمىز، قوشنىدارچىلىقنىڭمۇ ھەققى بولۇدۇ، چىقىۋېلىڭ، ئاپىرىپ قويۇمەن» دەۋەردى. «ئاپىرىپ قويۇشىڭىزغا ئىشەندىم، ئەمما، مەن ئاتايىتەن يۈرۈۋاتىمەن، بىردەم ماڭغىلى قويۇڭ، بىر ھاجىتىم بولغاندا سىزنى ئىزدەيمەن» دېدىم يەنە. «ھاجەت بولغاندىكىسى باشقا گەپ، بۈگۈن ئاللاھ ئۆزى ئۇچقاشتۇرۇپتۇ، قوشنا ھەققىنى ئادا قىلىۋالاي دەيمەن، چىقىڭە، مېنى تولا يالۋۇرغۇزماي». بۇ ئادەم بىلەن تالىشىپ تۇرۇۋەرگەننىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىغۇدەكلا بىچارىلىك بىلەن يېلىنىدىكەن ئەمەسمۇ؟ بىر بولسا بۇ ساددا ئادەم مېنىڭ يوغان قوسوقۇمغا قاراپ مېنى تازا چوڭ باشلىق دەپ پەرەز قىلغان بولسا، مەندىن بىرەر ئىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغۇ، ئەگەر مېنىڭ ئاشخانىنىڭ زاپخوزى ۋە قوشۇمچە ئاشپەزلىكىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلىقىمنى ئاڭلىسا تاكسىنىڭ كىراسىنى بېرىۋېتىڭە، ئاۋۇ كۈنى نېسى قالغان، دەرمىكىن؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، بوپتۇ، دېسە بېرەرمەن، بەلكىم مېنىڭ قولۇمدىن كەلگۈدەكراق بىر ئىھتىياجى باردۇر، دەپ ئويلاپ تاكسىغا چىقتىم، — ئۇ مېنىڭ ھەيران قېلىۋاتقان ياكى قالمايۋاتقىنىمنى ئېنىقلىۋالماقچى بولغاندەك ماڭا قاراپ، — قانداق ئويلاۋاتىسىز؟ ئەقلىڭىزگە بىرنېمە كەلدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ياق، ھىچنەرسە كەلمىدى. ئۇ سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلسۇن-بىلمىسۇن قەتئىينەزەر، سىزگە ھىچقانداق ئىلتىماسى يوقلۇقىغا ھۆددە قىلىمەن. مېنىڭ قىزىقىۋاتقىنىم، ئۇ سىزنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇش بىلەنلا مۇرادىغا يېتەرمۇ يەنى، بىرەر سەھەرچى ئاشخانىلاردىن بىرىگە ناشتىغا ئاپىرىپ، بىر نەرسە يېدۈرمەستىن خۇمارى چىقارمۇ دېگەننى ئويلاپ تۇرۇپتىمەن، — دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرماي.
— توۋا! سىز قانداق بىلىسىز؟ — دېدى ئۇ چەكچىيىپ، — دەل شۇنداق بولدى! تاكسىنى مەھەللە تەرەپكە ئەمەس، باشقا ياققا ھەيدىگەندە دەسلەپ مەن ئۇنى كىنولاردىكىدەك، ئادەم گۆرۆگە ئېلىۋېلىپ پۇل ئۈندۈرۈدۇغانلاردىنمىكىن، دەپمۇ گۇمان قىلدىم. ئەمما، ھوي، ئۇكا، نەگە كېتىۋاتىمىز؟ دەپ بولغۇچە بىر ئاشخانا ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. «چۈشۈڭە، تازا ناشتا ۋاقتى بوپتۇ، تايىنلىق ناشتىمىزنى قىلىۋېلىپلا ئاندىن كەتمەيلىمۇ؟» دېدى. «ھە، بۇ تېجىمەل كىرادىن قىممەتراق توختۇتۇپ، ماڭا تاماق پۇلى تۆلەتمەكچىكەن-دە؟» دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم-يۇ، ئەمما ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ بولغان تۇرسا، «ئاناڭنىڭ ئايىغۇچلىكى قالدىمۇ؟» دەپ ئويلاپ، قېنى كۆرەرمىز دەپلا ئاشخانىغا كىردىم.
— بولدى، ھەممىنى چۈشەندىم. كۆرۈپ تۇرغاندەكلا دەپ بېرەيمۇ بولمىسا؟ — دەپ چېقىشتىم ئۇنىڭ بىلەن ۋە تاماققا جىددىي ۋە ئىچىدىن قاينىغان بىر ھىس بىلەن زورلاشلارنى ئەينەن دوراپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ قالدى، — شۇندىن كېيىن تونۇش بولۇۋېلىپ نەدىلا كۆرسە تاكسىغا ئېلىۋالىدىغان بولدىمۇ؟
— ئەينەن شۇنداق، — دېدى ئۇ باش چايقاپ، — كۆڭلىغۇ ياخشىدۇ، دېگىنىڭىزدەك بولسا، ئەمما مەن ئەتتىگەنلىك يۈرۈش ۋەزىپەمنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ھىچنەرسە ئۇقتۇرغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ مېنى يۈرۈشتىن توختۇتۇپلا قويدى. شۇنىڭدىن قېچىپ، ئەمدى كۆز باغلانغان مەھەلدە، شامدىن كېيىن ماڭىدىغان بولدۇم. سىزنىڭچە بۇ ئادەمنىڭ مەندە بىرەر ئىھتىياجى يوقكەن-دە؟
— ياق، ئۇ بىرى، كىشىلەر بىلەن تونۇش بولۇۋېلىشقا ئامراق، يەنە بىرى بىرسىگە بىر نەرسە يېگۈزىۋېلىشتىن ھوزۇر ئالۇدۇ. يەنى داستىخانچىلىق خۇمارى بار.
— توۋا دېمىسە بىكار-دە. ھەر تونۇشۇپ قالغاندىن كىرا ئالمىغىلى تۇرسا، ئائىلىسىنى قانداق باقىدۇ؟
— ئۇنچىۋالا ئەنسىرىگۈدەكمۇ ئەمەس، سىلىنى قوشنا دەپ شۇنداق قىپتۇ؛ يولداشلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر تۇڭگان چىقىپ قالسا، مۇسۇلمانكەن دەپ شۇنداق قىلىشى مۈمكىن؛ چەتئەللىكلەردىنمۇ بەزىلىرىنى ئەرەپكەن دەپ، بەزىلىرىنى تۈرككەن دەپ شۇنداق قىلىشى مۈمكىن، ئەمما بۇنداقلىرى ھەركۈنى ئۇچراپ تۇرمايدۇغۇ؟ دەيلىكى، سىزنى ئېلىۋالغان ۋاقتىنى دېسەك، ئېلىۋالمىسىمۇ ئەتتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن ئۆيىگە بەرىبىر كېلەتتىغۇ، ئوخشاش ماي سەرپ بولۇدۇ. مانا شۇنداق، — يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويدۇم، — تېخى ئۇنىڭ ئىشلىرى سىلى-بىزنىڭكىدىن ئوبدانراق ئېقىپمۇ قالۇدۇ، جىما، يەنى، ئۇ يىتىمنىڭ مىھماندارچىلىقىغا داخىل بولغانلار ھەر دوقمۇشتا بىرەر ئىش ئۈستىدە پۇتلۇشۇپ تۇرغاچقا، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارمۇ قارىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئەسقېتىپ، ئىشى ئوبدان يۈرۈشۈپ قالۇدۇغان تەرىپىمۇ يوق ئەمەس.
— توغرا، توغرا، شۇنداق بولۇدۇ-دە، — دېدى سابىق ئاشپەز، ئاندىن بىر نەرسىدىن ئەمىن بولغاندەك قىلىپ، — دېمەك بۇ يىگىت بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىپ تۇرساق بولغۇدەككەن-دە؟ — دېدى سوئالدىن كۆرە، قارارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاھاڭدا.
— ئولتۇرۇپ چىقىشقا كىرىدىغان بولسىڭىز بەكلا خوش بولۇپ قارشى ئالۇدۇغانلىقىغا مەن كېپىل.
— ئۇنداق بولۇدۇغان بولسا، ئۇلار كەلسە بىزمۇ خوش بولۇمىز-دە، — دېدى ئۇ ماڭا بىر ئاز خاپا بولغاندەك قىلىپ.
— ئۇلار كىرسە سىزنىڭ خوش بولۇش بولماسلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلىسىز، ئەمما ئۇنىڭ خوش بولۇدۇغانلىقىغا مەن ھۆددە قىلالايمەن.
بىردەم جىم ماڭدۇق. كېيىن مەن سۈكۈتنى بۇزۇپ:
— دېمەك، شۇنداق قىلىپ شامدىن كېيىن يۈرۈشكە چىقىدىغان بولدۇم، دەڭ؟ — دېدىم سۆھبەتنى خۇلاسىلىمەكچى بولۇپ.
— شۇنداق بولدى.
— مەنمۇ كەچتە يەنە ئىشقا بارىمەن، — دېدىم بىنانى ئايلىنىپ يەنە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق، — كۆرۈشۈپ تۇرارمىز، بىزمۇ تونۇشۇپ قالدۇق، مانا، — دېدىم چېقىشىپ ۋە خوشلۇشۇپ كىرىپ كەتتىم. شۇندىن كېيىن ئاشپەز بىلەنمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق.
بەت: [1]
: كېسەل (ھىكايە)-4