komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 00:15:27

كېسەل (ھىكايە)-3

دەرسكە كىرەي دەپ تۇراتتىم، تېلىپۇنۇم چالدى. ھە، توغرا، مەن كىم؟ ئۆزۈمنى تۈزۈكرەكمۇ تونۇشتۇرمايلا بۇ يەرگە كەپتىمەن. مەن — بىر شەخسلەر ئاچقان تىل كۇرسىنىڭ مۇئەللىمى، كۈندۈزى بىر نەچچە سائەت، كەچكۇرسىدا بىرنەچچە سائەت دەرسىم بار. بېرىدىغىنى دەمسىز؟ ئۇنىڭ بىلەنغۇ بالا باققىلى بولمايدۇ، قانداق قىلاي؟ ئۆز ئالدىمغا تىجارەت تۇتقىدەك نە پۇلۇم، نە دىتىم بولمىسا؟ ئەمما بالىلار كۆپەيمەستە «ئېسىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ» دېگەندەك ئارقامغا تاشلىۋالغان ئازراق پۇلۇمنى بىزدەك چالا موللا زىيالىغا ئامراق تىجارەتچى دوستلاردىن بىرىگە قېتىپ قويغان ئىدىم، ئانچە-مۇنچە پېيىمغا چۇشلۇق بىرنېمە ئايرىپ بېرىپ تۇرۇۋاتقان، ھازىرغۇ ئۇ ئاداش بەك يوغۇناپ كەتتى؛ پۇلى ئاۋۇغانچە بىزنىڭ پۇلىمىزدەك ئۇششاق رەقەملەر ئارىلىقلاردا كۆرۈنمەي قېلىۋاتامدىكىن، ھىساپ-كىتاپتىن قاچىدىغانمۇ بولۇۋالدى. بىز دېگىنىم، مەندەك يەنە بىرنەچچە چالا بىلىمدان دوستلار، ھەممىمىزلا بىر ئاز نارازى كوتۇلدۇشۇدۇغان بولۇپ قالدۇق. مەنمۇ ھاجىم ئاتالغىنىم تۇرۇۋەرسۇن، ھىچ ھەج قىلىپ باقمىدىم. «كۇچار قارىسى» دېگەندەك، مەنمۇ ئاشۇنداق ھاجى. مانا شۇ مەن.
تېلىپۇن چالغان كىمىكەن؟ ئاشۇ بىزنىڭ ھەمدۇلقارى.
— ھەبىبۇللاقارىم تۈركىيە زىيارىتىدىن قايتىپ كەپتۇ-ھە؟ نەچچە كۈن بولۇپ كەتتى دەيدۇ، ئاڭلىماپتۇق، — دېدى ئۇ ئېغىر ھەسرەت بىلەن، — ئادىمىگەرچىلىكتىنمۇ چىكىتەمدۇق نېمە مۇشۇنداق قىلىپ؟ نەچچە كۈن بولۇپ كەتكىچىمۇ ھارماي كەپسىلەر، دەپ ھاردۇق سوراپ بېرىپ قويالماپتۇق، تېخى ئۇقماي يۈرگىنىمىز ئۆتۈپ كېتىدۇ-دە! — ئۇ دەۋاتقان ھەبىبۇللاقارىم دەل مەندەك بىرنەچچىمىز ئازراقتىن پۇلىمىزنى قوشۇپ قويغان كاتتا تىجارەتچى دوستىمىز شۇ ئىدى.
— ۋاي، قارىم، ئۇنىڭدىن بەك باشلىرىنى قاتۇرۇپ كەتمىسىلىمۇ بولۇدۇ چا، ئۇ يىتىم بەك ئالدىراشكەن، باشقا تونۇشلارنىڭمۇ جىقى تېخى ھاردۇق سوراپ بارالماپتۇمىش، كەلمىدىڭلا دەپ ئاغرىنىپ كەتكۈدەكمۇ ئەمەس تۇرۇدۇ، شۇڭا بەكمۇ ئۇپرۇنۇپ كەتمىسىلە، ماقۇل ئەمىسە باشقا گەپ بولمىسا مەن دەرسكە ماڭغان ...
— قاندا جاھان بوپ كەتتى دەڭا، بۇ؟ ئادىمىگەرچىلىكتىن چىكىتەمدۇق نېمە مۇشۇنداق قىلىپ؟ سەپەردىن كەلگەنلەرگە نەچچە كۈن بولۇپ كەتكىچىمۇ بېرىپ قويالمىساق،...
— مەن دېدىمغۇ، بەك ئۇپرۇنۇپ...
— ياق دەيمىنا، مۇشۇنداقلام ئادىمىگەرچىلىكتىن...
— قارىم، خاپا بولمايلا، جۇما، مەن سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم، ماقۇل!
ئۇھ، ئاشۇنداقلا قۇتۇلدۇممۇ ئەمدى؟ ناتايىن. ئەمما ھەبىبۇللاھقارىم ئۆزى ھەمدۇللاقارىنى بىللە ئېلىپ كەلمىگەن بولساڭلا دەپ ئالاھىدە جېكىگەن ئىش بار-دە، بۇنى ئۇنىڭغا قانداق دېگۈلۈك؟ ھېبىبۇللاھقارىم بۇ ھەمدۇللاقارىم بىچارە ئاقكۆڭۈل دوستىمىز بىلەن بەك يېقىنمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ كۆڭۈلچەك ئاداش ئۆزى شۇنداق يېقىنىم دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، ھەر ئىشتا، ھەر پۇرسەتتە ئادىمىگەرچىلىك ئىپادىلەشكە تەييارلا ئىدى. ئۆتكەندە ھەبىبۇللاھقارىم لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نامرات دۆلەتلەردە يېڭىدىن بازار تاپقان يولداشلارنىڭ ساختا توۋارلىرىنى سېتىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئەنە شۇنداق بىر ھاردۇق سوراشقا بارغان ئىكەن. كۈن-تۈنى ئالمىشىپ قالغان بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ كۈندۈزىدە ئۇ يەرلەردە كېچە بولغىنى ئۈچۈن ئۇخلاشقا ئۈگۈنۈپ قالغان ھەبىبۇللاھ قارىم ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسا ھەمدۇللاھقارى پۈتۈن ئائىلىسى (بەش بالىسى بىلەن) ھاردۇق سورىغىلى بېرىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. چاي-پاي، تاماق-پاماقلارمۇ تارتىلىپ تۈگەپتۇ، ئەمما يەنىلا ئولتۇرۇپتۇ. ساھىپخانلار ئاغزى يىرتىلغۇدەك سەت ئەسنىشىپ بىشارەت بېرىۋاتسىمۇ، بۇ ئاقكۆڭۈل دوستىمىز، ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا كەتسەك سەت تۇرمىسۇن دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇۋەرگەن بولسا كېرەك، ئولتۇرۇپتۇ، ئولتۇرۇپتۇ. ھەتتا سەپەردىن كەلگەن ئاداش سۆھبەتكە ھىچ جاۋاپ بەرمەي قىشىيىپ قاپتۇ. ئەمما، ھەمدۇلقارىم مۇشۇنداقلا چىقىپ كېتىشنى ئادىمىگەرچىلىكى قوبۇل قىلالمىغاچقا يەنە ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىرى بولماي، ھەبىبۇللاھقارىم:
— سىلە خېلى ئولتۇرۇدۇغاندەك قىلىسىلەر، مەن كىرىپ ئۇخلاۋېرەي، باللا بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇڭلار، — دەپ ھوجرىسىغا كىرىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.
مىھمانلار ئولتۇرۇشنى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قوپۇدۇغاندەك ئەمەسمىش. ساھىپخان ئايال بالىلارغا ئىجازەت بېرىپ:
— ئەتە مەكتەپكە قوپالمايسىلەر، سىلەر كىرىپ ئۇخلاۋېرىڭلار، مەن ئەتە بىكار بولغاندىكىن كۈندۈزى كەچكىچە ئۇخلۇۋالارمەن، — دەپ بالىلارنىمۇ ھوجرىلىرىغا ھەيدەپتۇ.
— بىزمۇ ئاستا مىدىرلايلى، دەپتۇ ھەمدۇلقارىم ئايالىغا ئىشارە قىلغاچ.
— تۇتمۇدۇم ئەمىسە، باشقا بىر كۈنى يەنە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەرسىلەر، — دەپتۇ ساھىپخان. شۇغۇنىسى ھىچبىر مىھمان ئورنىدىن تۇرماي، تېخىچە خاتىرىجەم ئولتۇرۇپتۇ. ساھىپخان ئاغزى يىرتىلىپ كېتىدىغاندەك سەت ئەسنەپ، ئۆزىنى قىيناۋاتقان ئۇيقۇنى قارغايدىكەن. ھەمدۇلقارىم بىرىنچى قېتىملىق «كېتەيلى»دىن كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا «كېتەيلى»نى بىر قېتىم تەكرارلاپ قويسىمۇ، يەنىلا قوزغۇلالمايدىكەن. چۈنكى تېخىچە مۇشۇنداقلا كەتسەك سەت تۇرارمۇ دەپ ئىشەنچسىزلىك ئىچىدە پۇچۇلۇنۇۋاتقانلىقىنى مەن چۈشۈنۈپ تۇرساممۇ، ئۆي ئىگىلىرى چۈشەنمەيتى. ئۇنىڭ «كېتەيلى»لىرىگە ساھىپخان باشتىن ئاخىر تەكەللۇپ سۆزى قىلىپ، «ۋاي نېمانداق ئالدىرايسىلەر، بىردەم ئولتۇرساڭلار بولاتتى»، دېگەننى ھىچ دەپ باقمىغان بولۇشىغا قارىماي، ھەمدۇللاھقارىنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئۇنىمايدىكەن. ئۇ تېخىچە ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە ھاردۇق سوراپ كىرگەن تۇرساق، تۈزۈكراقمۇ ئولتۇرمايلا كەتسەك سەت تۇرارمۇ دېگەن ئەندىشىدە كۆڭلى ئۇنىماي ئولتۇرۇۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. چۈنكى بىزمۇ قوشنىدارچىلىقتا بۇنداق ئادىمىگەرچىلىكتىن نەسىۋىمىزنى نەچچە ئالغانلىقىمىز، ئاشۇنداق ئەسنەشلەر، كېرىلىشلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكەزگىنىمىز ئۈچۈن بۇ ماڭا شۇنچىلىك تونۇشلۇق ئىدى. بىزغۇ بىر تاۋاق ئېشىمىزنى قىزغىنىپمۇ كەتمەيمىز، بەش بالىسىنىڭ (ئاشۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى چوڭلىرى داخىل) داۋازلاردەك ساپانىڭ قىرلىرىدا، تاماق شىرەسىنىڭ ئۈستلىرىدە، شىكاپلارنىڭ قىسىلچاقلىرىدا قىيا-چىيا بىلەن يۈرۈشلىرىمۇ مەيلى، كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟ دېسەكلا تەسەللىي تاپىدىغان ئىشلار، ئەمما شۇ ئەتىسى ئىشقا بېرىشنى ئويلىسىڭىزلا، بۇ ئادىمىگەرچىلىككە «بىز ئۆيدە يوق» ياكى «تالاغا چىقايلى دەپ تۇرغان» دېمەكتىن باشقىمۇ چارە يوق بولاتتى. ئەمما قارىم ئۆزى ئەتىسى ئىشقا بارمىسىمۇ مەيلىكى، مىھمان تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ ئۇنى بەختىيار قىلسىلا.
نىھايەت، بىرىنچى قېتىم كېتىشكە جابدۇيدۇغاندەك قىلىپ، «كېتەيلى» دېگىنىدىن قىرىق مىنۇتتەك ئۆتكەندە ئاندىن رەسمىي ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا باشلاپتۇ. بالىلار بەكمۇ ئەركە ئۆسكەچكە مىھمانغا كەلگەن يېرىدىمۇ يەنىلا شۇ ئەركىلىكى بىلەن پۈتۈن ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭىدا قىيغىتىپ ئوينىغاچقا، ئۇلارنىڭ پوسمىسىنى، پايپىقىنى ياكى سومكىسىنى تېپىش كىيىندۈرۈش ئۈچۈنمۇ تولۇق بىر سائەت ۋاقىت كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار ئىشككىچە ئۇزۇتۇلۇپتۇ. خەيرىيەت يەنە بىرەر نەرسىسى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندۇر، دەپ تىلەپتۇ ساھىپخان ئايال.
مانا شۇ ئادىمىگەرچىلىكتىن كېيىن ئۇلار ھەمدۇلقارىمنىڭ يوقلاپ كېلىش ھەققىدىكى بىشارەتلىرىگە بىز ئۆيدە ئەمەس، ئىشىمىز بارىدى، بىر يەرگە بارماقچىدۇق دەپ، ئۆزىنى قاچۇرۇپلا كېلەتتى. ئەمما ھەمدۇلقارىم بولسا، ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىۋاتىمەنمىكىن دەپ ئۆز گۆشىنى يېگۈدەك بولاتتى. ماڭىمۇ شۇ قوشناڭلارنى ئەگەشتۈرمەي كېلەرسىلەر دەپ تاپىلىغاچقا ئۇنىڭغا ئۇقتۇرمايلا ئاللىقاچان بېرىپ كەلگەن ئىدىم. ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇ مېنىڭ خەۋەر بېرىپ قويمايلا ئۆزەم بېرىپ كەلگىنىمنى ئۇقۇپ قالسا بالا تاشىدۇ.
كەچتە ھەمىشەم بولۇپ تۇرۇدۇغان بىر ھال — ھەمدۇلقارىم بىلەن بىنا ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق.
— ھە، ئىشتىن قايتتىڭىزمۇ؟ — دېدى ئۇ قولۇمنى قوشقوللاپ سىقىپ، قويۇپ بەرمەستىن جىمىكى ئامراقلىقى بىلەن، — قانداقراق؟ ئىشلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ بالىلار تېچلىقتۇ؟ تېچلىق بولسۇن. ... ھە، ئىشتىن قايتىپتۇقتە؟ ھە بىزمۇ شۇ جاھاندارچىلىق، مىدىرلاپ تۇرۇۋاتىمىز، قانداق؟ باللا تېچلىقتۇ؟... تېچلىق بولسۇن،... — ئۇ تېخىچە قوللۇرۇمنى بوشاتمىغان ئىدى. كۈلۈۋېتەي دېسەم تېخى، «ماڭەۋە، بولدى قىلە» دەي دېسەم ياخشى گەپلەر، ياخشى كۆڭۈلدىن چىقىۋاتقان ياخشى تىلەكلەر...
— باشقا گەپ بولمىسا مەن... كەچتە يەنە بارىمەن ئەمەسمۇ، ئازراق تەييارلىقلىرىم بار، خەۋەلىرى با...
— ھە، بولۇدۇ، بولۇدۇ، ماقۇل، ئاللاھ ئىشىڭىزغا قولايلىق بەرسۇن، — دېدى ئۇ دەرھاللا ئىجازەت بېرىپ، ھىچكىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدىغان، گېپىنى يىرالمايدىغان ئادىتى بويىچە. ئەمما بۇنداق ئىشلار دايىملا بولۇپ تۇراتتى، «ماقۇل ئەمىسە» بىلەنلا تۈگۈمەيتى، — ھە، راست ئاۋۇ ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئۆيىگە قانداق قىلىمىز؟ مۇشۇنداقلا كېتىۋېرىدىغان ئىشمۇ؟ ئادىمىگەرچىلىكىمىزمۇ تۈگەپ كېتىۋاتامدۇ، نېمە بالا؟
— راستىنى دېسەم،... مەن ... — مېنىڭ ئاللىقاچان بېرىپ كەلگىنىم ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمىسۇن ئۈچۈن، بىر يالغان ھىكايە توقۇشۇمغا توغرا كەلدى، — ئاشۇ مەھەللىدىن ئۆتۈۋاتسام ھەبىبۇللاھقارىم ئىشىك ئالدىدا ئىكەن، ئۇچرۇشۇپ قالدۇق، قېچىشقا چارە بولماي، ئۆيىگە پەتە قىلىۋەتكەن ئىدىم، شۇڭا ئەمدى يەنە بارمىساممۇ بولۇدۇ، سىلى بىر پۇرسەت بولغاندا بېرىپ يوقلاپ كېلەلا، بەك ئالدىرىمىسىلىمۇ بولۇدۇ، ئۇلارنىڭ ھازىر مىھمان كۈتۈشكە چولىسى تېگىدىغاندەكمۇ ئەمەس،...
— ھە...؟ سىزمۇ بېرىپ كەپ بوپسىز-دە، مانا! مەن قاپتىمەن، ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىپ بولدۇمغۇ مەن، قاندا بولۇپ كەتتى، بۇ جاھان.
— ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس، قارىم، كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، ماقۇل ئەمىسە،...
— ماقۇل، ماقۇل،... — دېدى ئۇ يەنە ئىجازەت بېرىپ، — مۇشۇنداق ئىشلاردا، ھاجىم، بىزلىگىمۇ بى ھايت دەۋەتكەن بولسىڭىز،... بىزمۇ بى قاتاردا...
— بايا دېدىمغۇ، مەن بىر تاسادىپلا ئاشۇ ياقتىن ئۆتۈپ قېلىپ،...
— ياق، ياق، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە باشقا بىر ئىش كەپ قالمىسۇن، مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم، ئادىمىگەرچىلىك جەھەتلەردە دىققەت قىلمىساق، ...
— ماقۇل ئەمىسە، قارىم.
— ماقۇل، ماقۇل، ھە، راست، ئاۋۇ ھېلىقى...
ئەمما مەن ئاللىقاچان بىنانىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تولۇق ئاڭلىماي قالدىم.
بەت: [1]
: كېسەل (ھىكايە)-3