شىنجاڭ لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يىڭىپ1-1 تەڭلەشتى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئايلانما باسقۇچىدىكى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن خاندېرسېن 35 نومۇر ئىلىپ ئۇلار ئاخىرى 108- 106 نەتىجە بىلەن لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 1-1 بۇلۇپ تەڭلەشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 35 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبەك 16 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ياڭ جىمىڭ 14 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛سېنگېلدون 12 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 11 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 13 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن ۋالىك 35 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جونىس 23 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاۋشۇۋىي 13 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خەن دىجى 8 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گوئەيلۈن7 نومۇر ئالدى.
پەسىلدىن كىيىكى مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 22- فېۋرال ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
ھە نىم بولسا ئۇتۇپتۇ. ئىككى نۇمۇر پەرق. مۇسابىقە دەھشەت قىزىپتۇ ئەمىسە... لىياۋنىڭ قانداق ئۇتقان بولسا، شىنجاڭمۇ شۇنداق ئۇتتى {:87:}
خاندىرسىنغا بەك تايىنۋالىدىكەن بۇلار. كىينكى باسقۇچلاردىن ئۈمۈت چوڭ ئەمەستەك. خادىسىنغا بەك تايىنىۋالدى. كېيىنكى مۇسابىقىلەردىن ئەنسىرەپ قالدىم. خەنسۇچە تور بەتلەردە تۈكۈرۈك جىڭى {:92:}
http://voice.hupu.com/cba/topic/Playoffs1-2
http://voice.hupu.com/cba/1630841.html
.
.
.
. زادى بىر كوماندىدا مەلۇم بىر ئەزالىغىلا تايىنىۋېلىش پەقەت ياخشى چارە ئەمەس. NBA دىكى كۆللۈكلەرنىڭ كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھەنىم بولسا 2دە نۆل بولماي، 1دە 1 بوپتۇ. كىيىنكى مەيداندا 1دە 2 بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش رىپىرغا 15نۆۋەت مۇسابىقە رىپىرلىقىغا قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بەردى دەپ خەۋەر قىلىشتى. بۇيىل شىنجاڭ كوماندىسى يىللاردىكىدىن ئاجىزلاپ كەتتىمۇ، ياكى باشقا كوماندىلار بەك كۈچىيىپ كەتتىمۇ ئىشقىلىپ بىرنىمىسى بىرقانداق.
بەت:
[1]