tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 19:06:09

نەزىر چىراق بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىز

1. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغاندەك ئارقا ھويلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئورۇن .بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىخانلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن ھىس قىلىمىز . قارىماققا چېچىلاڭغۇ ، رەتسىز لەڭگە لاۋالار بىلەن تولغاندەك تۇرىدىغان ئارقا ھويلىنىڭ دىخانلىرىمىز ئۇچۇن كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورون ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز . ئارقا ھويلىدا ئورا ،ئېغىل ،  ، ئوتۇن ئۇۋاق ، سامان ئوت چۆپ   قاتارلىق ھاياتلىققا ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىلەر جايلىشىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا قازناق ئۆي قاتارلىق ئاشلىق ۋە باشقا مىۋە چىۋە ساقلايدىغان ئۆيلەرنىمۇ ئارقا ھويلىغا نسىبەت بىرىش مۇمكىن .ئۇيغۇر دىخانلىرىنى بۇلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەمىليەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس . دىمەك ئۇيغۇرنىڭ ماددى ھاياتىدا ئارقا ھويلا ئەنە شۇنداق مۇھىم .

2. ئۇنداقتا مەنىۋى ھاياتتىكى ئارقا ھويلىمىزچۇ ؟ بۇ ئارقا ھويلىمىز زادى قانداق ئىلمىنىتلاردىن تەشكىل تاپقان . مەن نەزىر چىراقنى  مەنىۋى ھاياتىمىزدىكى ئارقا ھويلىمىزغا ئوخشىتىمەن . ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرلۇك تۇمەن نەزىر چىراقلار ئۇيغۇلارنىڭ قېتىغىنى ئۇيتىدىغان كۆنەلگۈ، نەق بىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىمىزدىكى ئارقاھويلىمىز . ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلىپ تۇرغان مۇھىم بىر ئالاھىدە ئامىللاردىن بىرى .

3.جاھان ئەھلى ئارقا ھويلىسنى ئىنتايىن پۇختا ساقلايدىكەن . ئارقا ھويلىغا ئوت  قويىدىغان ، ئارقا ھويلىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قەتئى ياخشى ئىشلاردىن سانىماپتۇ . كۆرۇڭكى ئەرەپلەر ئالتە يۇز يىللىق ئوسمان تۇرۇكلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسغا ئوت قويۇپ ھازىرغىچە خوشاللىقتىن خاتىرجەملىكتىن تولۇق نىسىۋە ئالالماي يۇرۇپتۇ .

4.ئەمدى شەھرى قومۇلدا ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغان بەش يۇز يىلدىن بۇيان ،مەيلى ۋاڭ بەگلەر بولسۇن مەيلى ئاۋام پۇقرا بولسۇن ، مەيلى ئاخۇنلۇغۇم باشلىق جامائەت بولسۇن  نەزىر نۇسرەت ئىشلىرىنى ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا (ئاتا ئانام پىدا بولسۇن يا رەسۇلىللا) بېغىشلانغان مەۋلۇت سورۇنلىرىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىپ ئەل ئارىسدا مۆتىۋەر قىلىپتۇر . توي تۆكۇن نەزىر چىراقلاربىلەن  ئىنسانچىلىقنى ، ئەقىدىنى ، ھۆرمەتنى ، ئەھدىنى  غورۇرنى ساقلاپتۇ  .  ۋە بۇ قەدەر گۇزەل شەۋكەتلەر بىلەن پاختا ئىچىدىكى ئوتتەك ئىمان زەنجىرىنى بىزگە ئۇلاپتۇ .

5.ئەي بۇرادەرلەر  نەزىر چىراقنى قىپ تۇرايلى مەۋلۇتنى ئوقۇپ تۇرايلى ، تېخىمۇ كۆپ سەبى باللىرىمىز ئۇيغۇرچە تۇيغۇغا چۆمۇلۇپ چوڭ بولسۇن . قۇيرۇغىمىزنى قۇملار باسمىسىۇن ، دوسلارنى يىغىلىتىپ ،شەيتاننىڭ تۇگمىنىگە سۇلار قۇيىدىغان ئىشلارنى قىپ يۇرمەيلى !

6.ئەينى چاغلاردا مەرھۇم ئابلېىز دامۇللامنىڭ جامائەتكە ئەگىشىش جامائەت بىلەن بىللە بولۇش ھەقىدىكى نەسىھەتلىرىنى تەكرار تەكرار ئاڭلىغاندۇرمىز.


ئاخىرىدا بۇ چۇۋالچاق يازمامنى ئۆتكۇر ئەپەندىمنىڭ مونۇ ئىسىمدە قالغان ئىككى مىسراسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن ،
  



                                                    مەن ئېيتۇرمەن بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن
                                                    مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:59:55

بالاڭزا،سىلىگىمۇ ۋەزىپە چۈشكەن ئوخشىمامدۇ؟
ئىنجى-مىنجى دەپ تېمىنى ئابزاسقا بۈلۈشكە ئالدىرىماي  نەزىر مەۋلۇت ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ باقالا،

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:39:18

بۇ يىگىت ئۆزى ئېيتقاندەك چۇۋالچاقراق يېزىلغان بولسىمۇ ھەرھالدا ياقتۇردۇم.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 08:27:39

karahaniya يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 22:59 static/image/common/back.gif
بالاڭزا،سىلىگىمۇ ۋەزىپە چۈشكەن ئوخشىمامدۇ؟
ئىنجى-مىن ...

نەزىر-مەۋلۇت ھەققىدە ئۇلۇغ بوۋىلىڭدىن سورىساڭ شۇلار ساڭا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىدۇ!

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:38:58

مۇشۇ ھازىرقى بىر تۈركۈم يىتىشىپ چىقىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزنى ياقتۇرمايدىغان، پەس كۆرىدىغان «زامانىۋى» ماڭقۇرتلارنى، ئاشۇ گال پىچاقتا بىر نېمە قىلىۋەتسە...

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 10:09:22

يوغان گەپ  مەدەنيىتى .  .…

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 10:20:46

مەيەدىمۇ باكەندە ما  ‹   ئىديە ›

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:36:56

تىرىك كۆىۋېتىدىغان گۇيلار باركەن مايەردە

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:53:42

نەزىر چىراق دىگەن  گەپتىن  چىقىپ  تۇرۇپتىكى-  بۇ دىياردا  نۇرغۇن شىھىتلەر ۋە ئاتا بۇۋىلىرىمىزنىڭ ئەرۋاھلىرى بار.
بىر ئاللا  جىمى  نەرسىدىن بىھاجەت.
‹ناماز ئوقى، قۇربانلىق كەس. دۈشمىنىڭنىڭ نام نىشانى  قالمايدۇ.›
نەزىرلەر ئارقىلىق روھلار ئالىمىمىزگە ‹چىراق› يىقىپ تۇرىمىز. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈچەيگەن روھلىرى بىزنىڭ روھلىرىمىزنى يۆلەيدۇ.   
مىللىتمىز ئىچىدە بالايى ئاپەتلەرنى دەپئى قىلايلى.نەزىر  قىلىڭلار  ھەي  مۇسۇلمانلار. ئاللا  تۈزىمىسە  بۇ  ئاتالمىش  پەيلاپسوپلار  تۈزەپ  بولالمايدۇ.
ماددىيەت يادرۇلۇقىدىكى ماركىسىزىم ۋە ئوغاق بولقا پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىنى قورال  قىلغان  يىڭى بىر ئەۋلاد ئاتالمىش  دىننىي  ئىسلاھاتچىلارنىڭ  قىلىۋاتقىنى پەقەت  سىسىق نامى پۇر كەتكەن  مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ داۋامى.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:20:08

مەن نەزىر چىراق ئۆتكۈزمىگەنلەرنى ئەيىبلىمەيمەن ئۆتكۈزگەنلەرنى ھۆرمەت قىلىمەن !
لىكىنزە ماۋۇ نەزىر مەرىكە ئىشلىرىنى مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسى دىگەن سۆزنى ۋەھشى قوللايمەن

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 16:52:08

1917-يىلدىن كىيىن رۇسلار تاجاۋۇزچىلىق يولىنى ئۆزگەرتىپ،  خىلافەتنىڭ مەنىۋىي ئوچاقلىرى بولغان، تۈرۈك ئۆزلۈكى قويوق بولغان ئۆزبەك ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس تاتار زىيالىلىرى ئارقىلىق ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.  ئىسلاھات نامىدا ئۆزىدىن ياتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان بۇ ھەركەتلەر شارائىت تۈپەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.(خۇداغا شۈكرى)  ئاتالمىش ئىسلاھاتچىلارنىڭ كۆزىگە بۇ مىللەت سەت كۆرۈنۈپ قانچە دۈشكەللىسىمۇ ئۇلار ماسلىشىپ بەرمىدى.  بىلىڭلاركى  بۇ مۇھاپىزەت دەۋرى.  بۇ دەۋردىكى ئىسلاھاتچىلار ياۋنىڭ ئىتى.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:11:59

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:52:53

1917-يىلدىن كىيىن رۇسلار تاجاۋۇزچىلىق يولىنى ئۆزگەرتىپ،  خىلافەتنىڭ مەنىۋىي ئوچاقلىرى بولغان، تۈرۈك ئۆزلۈكى قويوق بولغان ئۆزبەك ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس تاتار زىيالىلىرى ئارقىلىق ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.  ئىسلاھات نامىدا ئۆزىدىن ياتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان بۇ ھەركەتلەر شارائىت تۈپەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.(خۇداغا شۈكرى)  ئاتالمىش ئىسلاھاتچىلارنىڭ كۆزىگە بۇ مىللەت سەت كۆرۈنۈپ قانچە دۈشكەللىسىمۇ ئۇلار ماسلىشىپ بەرمىدى.  بىلىڭلاركى  بۇ مۇھاپىزەت دەۋرى.  بۇ دەۋردىكى ئىسلاھاتچىلار ياۋنىڭ ئىتى.
++++++++++++++++++++++++++++++++++
تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىرى رۇسلارنىڭ سۇيقەستى دەيدا. قانداق بوپ كەتتى بۇ گەپ. تاتارلار ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىدا زور تۆھپە قوشقان دەپ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولاتتۇق. مۇھىتىلارمۇ ئالايىتەن قازانغا بېرىپ تاتار زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەپتىكەن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 21:57:20

ئادىياتنى  ئەجداتلىرىنىڭ روھىلىرى يۆلەپ، قوغداپ، ئىلىملىك قىلىۋېتىپتۇ، بىلىدىغانلىرى ئەجەپ جىقكەن.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 13:00:42

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 20:53:42

مەنبە  كۆكنۇر تورى ۋە مەرىپەت يولى مۇنبىرى http://koknur.net/list.asp?unid=2832

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلاشنىڭ ھۆكمى




  مېھرىبان ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، مەدھىيە-ئالقىشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!
   نۆۋەتتە بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئىچىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىغىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈمىز ۋە بۇ يېغىلىشنى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەنپەئەتلىك ئىشلار قاتارىدا ئېتىبارغا ئالىمىز.
  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ساھابە-كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن ۋەياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت كۈنى بولسۇن ۋە ياكى بەدىر غازىتى كۈنى بولسۇن بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پائالىيەت قىلىپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى ساھابە-كىراملار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھايات ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەمىشە ھايات بولغان بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان ئەمەس، سەئد ئىبن ۋەققاس مۇنداق دەيدۇ: « بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەڭ تارىخلىرىنى بالىلىرىمىزغا خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى يادقا بىلگىنىمىزدەك بىر-بىرمۇ بىر ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتۇق.» يەنى ساھابىلەر بالىلىرىغا: بەدىر ۋە ئوھود ئۇرۇشلىرىدا قانداق ئىشلار يۈزبەرگەن، خەندەك ئۇرۇشىدىچۇ، خەيبەردە قانداق بولغان؟ دېگەنلەرنى دائىم ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى.
ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بالىلىرىغا دائىم دېگۈدەك سۆزلەپ بىرىپ تۇرغانلىقلىرى ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئۇلار ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىدى.
كىين بارا- بارا يۇقىرىقىدەك تارىخلارنى ئادەملەر ئۇنتۇيدىغان زامانلارنىڭ كىلىشى بىلەن بۇ ئىشلار كىشلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە قەلبلىرىدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كىتىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قەلبىدە ئۆلۈككە ئايلانغان بۇ تارىخنى ۋە ئۇنتۇلۇپ يوقىغان بۇ شانلىق ئىزلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇشتى...
توغرا، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە بىر قاتار بىدئەتلەر ئارلىشىپ قالغان، ئەمما شۇنى دىمەي بولمايدۇكى، شەخسەن مەن پەيغەمبەر تارىخىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رىسالىتىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى كىشلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئەسلىتىش يۈزسىدىن بۇ كۈننى خاتىرىلەيمەن، مىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىشىمدىكى مەقسەت تۇغۇلغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بۇ كۈننىڭ ئىسلام رىسالىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ھەم بۇ كۈندە مەن كىشلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ۋە پەيغەمبەر تارىخىنى ئەسلىتىپ چىقىمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يەنە كىشلەرنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۈيۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنى ۋە بۇ ۋەقە-ھادىسىلەردىن ئىلىش زۆرۈر بولغان نەسىھەت ۋە ئىبرەت-ساۋاقلارنى كىشلەرگە ئەسلىتىپ ئۆتىمەن:« سىلەرگە ـ اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر .»[ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت]
  مەن يەنە بۇ كۈننى خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەت كىچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا ئۆزى يىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇربان قىلالالىغىنىدەك،  ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەۋرى غارىدەك ئېگىز تاغقا ھەركۈنى دېگۈدەك چىقىپ پەيغەمبەر ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغىنىغا ئوخشاش، ساھابىلەر ئۆزىنى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن قانداق پىدا قىلغان بولسا، بىزنىڭمۇ ئۇ زاتقا ئۆزىمىزنى شۇنداق پىدا قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ھىجرەت ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئىش قىلغىنىدەك بىزنىڭمۇ پىلانلىق ئىش ئىلىپ بىرىشىمىز ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇ زاتنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىنىدەك بىز نىڭمۇ تەۋەككۈل قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن بۇ كۈننى كىشلەرگە ئەسلىتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئەبۇبەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار شۇتاپ ئىككى قەدىمىنىڭ ئاستىغا قارايدىغانلا بولسا بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ» دەپ ئەنسىرىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئەبا بەكر! ئىككى كىشى بولۇپ ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچىسى ئاللا بولغىنىدا قانداق ئويدا بولار ئىدىڭ؟ ئەنسىرىمىگىن، شۈبھىسىزكى ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.»
  ھەقىقەتەنمۇ بىزلەر يۇقىرىقى تارىخىي ئىش-ئىزلاردىن كۆپلەپ ئىبرەت-ساۋاقلارنى ئىلىشقا مۇھتاجمىز، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت بۇ پائالىيەت، ئىبرەت-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتەك مەنىلىك ئىشلارنى كىشلەرگە تونۇتۇپلا قالماي، بۇ قۇتلاشنىڭ ئارقىسىدا يەنە مۇسۇلمانلارنى ئىسلام بىلەن بىرگەۋدە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى ھەمدە ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن باغلاشتەك ئىجابى نەتىجىلەرمۇ بار.
  بىراق بىز تەكىتلەۋاتقان بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشلارغا كەلسەك، ئۇ خىل ئىشلار مەۋلۇد پائالىيىتى قاتارىغا ئەسلا كىرمەيدۇ، ھەم بىز بۇنداق ئىشلارنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۇرمەيمىز.


پەتۋادا: ئىمام يۈسۈپ ئەلقەرەداۋىي
مەۋلانا تەرجىمىسى

كۆكنۇر نېت تورى ئىلاۋىسى: بۇگۇن پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرىلىدى.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەن-تەنە بىلەن مەۋلۇت ئوقۇلدى.شۇ مۇناسىبەت بىلەن تورىمىز بۇ ھەقتە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەك بولغان بۇ ماقالىنى بېتىمىزگە كۆچۇرۇپ چاپلاش بىلەن بىرگە بۇ قۇتلۇق كۇنگە مۇنۇ تىلەكلىرىمىزنى ئاتىدۇق.  بۇ ماقالە بۇگۇن مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى.گەرچە مۆتىۋەر ئالىم يۇسۇپ قەززاۋى ساھابىلەر بىلەن كىيىنكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى قىياسى سېلىشتۇرۇپ مەسىلىنى نۇتقىي يورۇتقان بولسىمۇ بۇ تۇردىكى مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇپكى مېتودى ۋە مېزانى يورۇتۇلمىغان.شۇنداقتىمۇ بۇ نۇتۇق بولۇپمۇ بۇگۇنكى بىز ئۇچۇن تولىمۇ قىممەتلىك.مەسىلىنى ئەينەن ھىس قىلىشىڭلارغا ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن ئەلۋەتتە ماقالىنىڭ تىگىدىكى دەرھاللا قىرلانغۇسى بار ئىنكاسنى بىللە يوللىدۇق.دىنىي ئىلىم مۇامىلە ئىلمى ۋە مۇكەشىفە ئىلمى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.دىيارىمىزدا مۇكەشىفە ئىلىمىدە ئەمەس ،مۇامىلە ئىلمىدە لاياقەتلىك موللىنى تاپماق تولىمۇ تەس .ئەمما دىنىي ساھەنىڭ ئەھۋالى  بۇنىڭدىن 100-200 يىل ئىلگىرى بۇنداق بەتتەر ئەمەس ئىدى.400-500 يىل ئىلگىرى تېخىمۇ شۇنداق ئەمەس ئىدى.بۇگۇن ئىسلام مۆتىۋىرى يۇسۇپ قەززاۋىنىڭ گېپى بىلەن مەۋلۇتنى بىدئەتكە چىقىرىشتىن ۋاز كەچكۇسى بارلار باركەنۇ،نىمىشقا يۇسۇپ قەززاۋىدەك ئالىمدىن بالاغەت ۋە ئىستىدات جەھەتتە ئونى كەلسە تەڭ كىلەلمەيدىغان دىنىي ئالىملىرىمىز ياشىغان دەۋردىن دۇرۇس بولۇپ كېلىۋاتقان ئاللىقاچان ئۆرۇپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنى چۇۋىشتىن ھېيىقمايمىز ؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن شۇنچىۋالامۇ گۇمانلانغان بارمۇ؟ ئەرەپتىن يۇسۇپ قەززاۋىدەك بىرسى پەتىۋا بېرىپ توختاتقىچە يەنە قانچىلىك نەرسە چۇۋىلىپ بىر يەرگە بېرىپ بولار؟ ئۇنى يەنە قاچانلاردا ئۆرۇپ -ئادەتكە ئايلاندۇرامىز؟شۇڭا تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ بىزنى تىكىپ سۆكۇپ ئىش قىلىدىغان قۇشناچىمنىڭ يولىغا باشلاپ،خەلقىمىزنىڭ ئۆيىنى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ مالىمان قىلماي ئەكسىچە ئەرلىك مۇقامىغا كىلىپ ئۇنى مۇقەددەسلەشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئېتىزغا روھلۇق چىقىپ ئەمگەك قىلىشىغا شارائىت يارىتىش ، ئىش ئۇسىلىنى،ئويلاش تەرزىنى ئالىلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشلىرىنى، يەنە بىر قىتىم تەۋسىيە قىلىمىز.ئاخىرىدا بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانغا ئېھتىرام بىلدۇرىمىز.
بەت: [1]
: نەزىر چىراق بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىز