مۇھەببەتكە تولغان بۇ دۇنيادا ،يىغلىماڭلار قېرىنداشلىرىم
تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىمىز ئاغرىدى ،قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانلىق تىلىدۇق ،بۈگۈن سەن قازاق تور بېتىدە قازاق قېرىنداشلىرىمىز يوللىغان ئانا تۇپراق ،مىسرانىم،كارۋان ،چىمبۇلاق قاتارلىق تور بىكەتلىرىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىنى كۆرۈپ يۈرىكىم يەنىمۇ ئېزىلگەندەك بولغان بولسا ،قېرىنداش قازاق تورداشلارنىڭ سەمىمى تىلەكلىرى ،قېرىنداشلىق مېھرى تۆكۈلۈپ تۇرغان تەسەللى ئىنكاسلىرىدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى ،كۆزۈمگە ياش كەلدى،قېرىنداش مىللەت دىگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى ئۇلارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا يوللىغان سەمىمىي تىلەكلىرىدىن ھىس قىلغاندەك بولدۇم ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن توردا ئۇنداق بۇنداق دىيىشىپ ئۆپكىگە چىدىغان بىلەن ئۇيغۇر باۋىرلاستار(قېرىنداشلار)نىڭ ئۆلۈمىگە كەلگەندە چىدىمايمىز دىگەن سۆزىدىن راستىنلا سۆيۈندۈم.http://www.senkazakh.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=172650&highlight=%DB%87%D9%8A%D8%B9 بىر ئوقۇپ چىقاي دسەم تاپالمىدىم تەسىرلىك قۇرلارنى. قىرغىزلار ھېچنېمە دېمەپتىما قىرغىز تورچىلىقى تەرەققى قىلىپ بولالمىدى جىق. تەسىرلىك سۆزلەر كۆپكەن، سۆيۈندۈم. ئەگەر بۇ ئىش ئالتايدا بولسىمۇ باراتتۇق.چۈنكى ھەممىمىز قېرىنداشلار! قازاق قېرىنداشلارغا رەھمەت. قېرىنداشلىق مېھرى قاندا باردە. قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ھەممىمىز قېرىنداش. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslan720 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 20:12
زەپەر دوستۇم ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل كۆرمەپسىز ئۇنداقتا .......
بەت:
[1]