Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 17:27:42

ئەتە ئانا تىل كۈنىمىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 17:41  

ئەنە ئانا تىل كۈنىمىش!
ئۆتكەندە، ئابدۇللا ئىسىملىك باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكى قېرىندىشىمىز ئىسمىنى ھۆججەتكە 何布都立 دەپ يازغانىدى (توغرىسى 阿布都拉 ئىدى)، بەش زىيالى ئىشدىشىمىز يېرىم سائەت شۇ توغرۇلۇق زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ بەش ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرچە خەتنى توغرا يازمايدۇ.
تۆنۈگۈن بىرى 500 خەتلىك تېما يېزىپ، 300 خەتنى خاتا يېزىپتىكەن، ئۇنىڭ ئاجايىپ پاساھەتلىك پىكىرلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئىملاسى بىلەن كارىمىز بولماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن پىكىرلەر چۈشۈپتۇ. ھەيران قالارلىق ئىشلار.... باشقىلارنىڭ تۆھپىلىرىنى ئېتىراپ قىلىمەن (مىز)، ئەمما خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە پىكىر بەردۇق. تۈزەتمىسە ئوخشاشلا ....
ئەتە ئانا تىل كۈنىكەن! شۇڭا ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەتە بىر كۈن بولسىمۇ، مۇشۇ كۈننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىملاسىدا خاتالىق بار يازمىلارنى قەتئىي تەستىقلىماسلىقىنى، يوللىغۇچىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ، ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنىڭ قانچىلىك ئىلغار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرچە خەتنى توغرا يازمىغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن!
بىر كۈن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى توغرا ۋە پاكىزە ئوقۇيلى! رەھمەت!
-----------
ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى ئۇتۇقلىرى:
ئۇيغۇر تىلىنى 11 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سۆزلەيدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان خەنزۇ، قازاق، شىبە، ئۆزبەك، قىرغىز، تاجىك، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سانى 1 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 12 مىليون كىشى ئىگىلىگەن بۇ تىل دۇنيادىكى 6000 خىلدىن ئارتۇق تىل ئىچىدە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. (ئوردۇ تىلى بىلەن پەنجاپ تىلى، پۇتۇڭخۇا، كانتونچە قاتارلىقلارنى ئايرىم تىل دەپ ھېسابلىغاندا).
ئۇيغۇر تىلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە تېخنىكا تىلىغا ئايلاندى.
ھازىر:
Google
Wikipedia
Wordpress
Bing
...
قاتارلىق ئەڭ داڭلىق تور مۇلازىمەتلىرىنىڭ رەسمىي ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.
ئەڭ داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان Microsoft Windows پۈتۈن يەرشارىدا 50 تىن ئارتۇق تىلدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
ئەڭ داڭلىق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشخانا قوراللىرى بولغان Microsoft Office مۇ ئۇيغۇرچە تارقىتىلدى.
ئەڭ داڭلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىن ئالما، ئاندرويد، Windows Phone قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بولدى.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى، ئۇيغۇرچە تور مۇلازىمەتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلىرى، ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسىلىرى بار.
ھازىر تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەپ، كېرەكلىك جاۋاب ياكى ئۇچۇرغا ئۇيغۇرچە ئېرىشىش ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىدىكى
خەلق گېزىتى (uyghur.people.com.cn)
شىنخۇا ئاگنېتلىقى (uyghur.news.cn)
جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى (uygur.chinabroadcast.cn)
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى تور بۆلۈمى (uyghur.cntv.cn)
.... قاتارلىق 1 مىليارد ئادەمگە قارىتىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.
ئۇيغۇر تىلى يەنە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى، مىننۇسىتا ئۇنىۋېرسىتېتى... قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەمدە ياپونىيە، كورىيە، رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماگىستېر-دوكتور ئاسپىرانتلىق دەرسى سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە يۇقىرىقىدەك ئورۇنغا ئىگە بولسا، تارىختا تۇنجى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان.
ئۇيغۇر تىلى خەنزۇ، ئەرەب، ھىندى، قىرغىز تىللىرىغا ئوخشاشلا قەدىمىي تىل، شۇنداقلا 30 دىن ئارتۇق تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئاساس تىل. ئۇيغۇر تىلىنى ئىگىلىۋالغان ھەرقانداق كىشى باشقا 35 خىل تۈركىي تىلنىڭ ھەرقانداق بىرىنى بىر ھەپتىدىلا ئۆگىنەلەيدۇ.
دۇنيادىكى قەدىمىي يازما يادكارلىقلار ئىچىدە خەنزۇ، ئەرەب (فىنىك قاتارلىق باشقا سام تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سانسكرىت ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىرى ئەڭ كۆپ.
بۇ تىلدا «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» گە ئوخشاش... باشقا دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، قوڭىدىن پوق چىقىپ كەتكۈچە چىرقىراۋاتقان دۇنياۋىي داڭلىق ئەسەرلەر يېزىلغان.
------------
ئۇيغۇر تىلى يۇقىرىقىدەك ئورۇنغا، مىڭ يىللاردىن بۇيان توغرا يېزىلغانلىقى، پاساھىتى ۋە ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىپ توغرا يازىدىغان ئۇيغۇرلىرى ئارقىلىق ئىگە بولغان.
بۈگۈنكى كۈندە، ھېچكىم باشقۇرمايدىغان تور يېزىقچىلىقى (مۇنبەرچىلىك، بىلوگچىلىق، ۋېيشىنچىلىق....) بارلىققا كەلدى.  ھالبۇكى بىز شۇ مۇنبەر، شۇ بىلوگ، شۇ ئېلخەت، شۇ ۋېيشىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار... نەچچە مىڭ يىل ساقلىنىپ قېلىشى، ئەۋلادلار پايدىلىنىدىغان قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ سۇپىلاردىكى يېزىق سۈپىتىگە مەخسۇس مۇھەررىر كوررېكتور قويۇلمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە. ھەممىمىز ئۆزىمىز يازغان خەتكە دىققەت قىلىشىمىز، توغرا يازالمىساق يازماسلىقىمىز، بۇ تىلنىڭ پالاكەتكە يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولماسلىقىمىز كېرەك.
------------------
ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان، ،مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنغا تەۋە، ئەرمەي يېزىقىدا يېزىلغان نۇرغۇن يادىكارلىقلار بار. بۇ يادىكلارلىقلار ئىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن ئاساسەن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن نەرسىلەر كۆپىنچە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ). سەۋەبى ئەرمەي يېزىقىدىكى بۇ نەرسىلەرنى ئەرەبلەر يازغان بولۇپ، ئىملا خاتالىقى، ئۇقۇم خاتالىقى، سۆز خاتالىقى بەك كۆپ....
----------
ئەتە بىر كۈن ئۇيغۇرچىنى توغرا يازايلى!
----------
زېھىن سىناش سوئالى، تۆۋەندىكى بىر قۇردىكى ئىككى سۆزدىن قايسى توغرا؟
1. ئۇيغۇرچىگە \ ئۇيغۇرچىغا
2. تۈرۈك \ تۈۋرۈك
3. مۆشۈك \ مۈشۈك
4. كۆرەش \ كۈرەش
5. كۈمۈش \ كۆمۈش
6. نەشىرىيات \ نەشرىيات
7. ئىسمى \ ئىسىمى
8. كۆڭۈل \ كۆڭل
9. كۆڭۈلۈم \ كۆڭلۈم
10. كۆڭلەك \ كۆينەك
11. مۇھەممەد \ مۇھەممەت
12. كوكاكولا \ كوكا - كولا
13. بەش ۋاخ ناماز \ بەش ۋاقىت ناماز
15. كىلومىتېر \ كىلومېتىر
16. پالۋان \ پالىۋان
17. قەدرى پولوسى \ قەدىرى پولوسى
18. ئۇيغۇرسوفت \ ئۇيغۇرسوفىت
19. ئاياغ \ ئاياق  (پۇتقا كىيىدىغان كەشنى دېمەكچى)
20. ئەنگلىيىلىك \ ئەنگىلىيەلىك
21. تۆنۈگۈن \ تۈنۈگۈن
22. غوجام \ خوجام (ياكى غوجايىن \ خوجايىن)
23. ياختۇرىمەن \ ياقتۇرىمەن
24. كۆرۈلۈۋاتىدۇ \ كۆرۈلىۋاتىدۇ
25 . ئاددى \ ئاددىي

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:24:18

ئانا تىل كۈنىنىڭ كېلىش تارىخىنى بىر تونۇشتۇرۇۋەتمەمسىزلەر؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:38:08

ياخشى  يازما   
   5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇرتىلى بايرىمى   ، ئەمدى بايرام ئىككى بوپقالدى

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:12:45

بۈگۈن خەلقئارا ئانا تىل خاتىرە كۈنى ئىكەن.
خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ مەزمۇن – ماھىيىتىدە ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز مىللىي تەپەككۇرى، مەنىۋىيىتى، رۇھىيىتىنىڭ ئۆزەكى ھېسابلانغان تىلغا بولغان ئالاھىدە مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. مەزكۇر كۈن ئانا تىل بايرىمى سۈپىتىدە نىشانلانغان ئىكەن، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى ، ئاڭا بولغان ئېھتىرامى، قەدىرلەش تۇيغۇلىرى يالقۇنلىشى لازىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:45:18

ھەش- پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپتۇ دەيمۇ... :L

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 00:43:48




     جاۋاب بېرىپ باققۇم كەلدى،توغرىسى:


1.  ئۇيغۇرچىغا
2.  تۈۋرۈك
3. مۆشۈك
4. كۆرەش
5. كۆمۈش
6.  نەشرىيات
7. ئىسمى
8. كۆڭۈل
9.  كۆڭلۈم
10.  كۆينەك
11. مۇھەممەد
12. كوكا - كولا
13.  بەش ۋاقىت (ياكى ۋاق) ناماز
15. كىلومېتىر
16. پالۋان
17. قەدرى پولوسى
18. ئۇيغۇرسوفت
19.  ئاياق  (پۇتقا كىيىدىغان كەشنى دېمەكچى)
20.  ئەنگىلىيەلىك
21. تۆنۈگۈن
22. غوجام (ياكى غوجايىن )
23.  ياقتۇرىمەن
24. كۆرۈلۈۋاتىدۇ
25 .  ئاددىي

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:33:18

mahammatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 00:43 static/image/common/back.gif
جاۋاب بېرىپ باققۇم كەلدى،توغرىسى:




مېنىڭچە تۈنۈگۈن بولسا توغرا بولىدۇ، تۆنۈگۈن ئەمەس. سۆزنى تەھلىل قىلىپ باقساق مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىمىز. بۇ سۆز ئەمىلىيەتتە ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن، يەنى تۈن ۋە گۈن. بۇ، تۈنىگەن كۈن دېگەنلىك بولىدۇ. بۈگۈننىڭ ئالدىدىكى بىز تۈنىگەن يەنى قونغان ياكى ئۇخلىغان كۈن دېگەن مەنىدە. شۇ سەۋەبتىن تۈنۈگۈن دېيىش كېرەك. يەنى « ئۈ » ھەرىپى كېلىدۇ، « ئۆ » ئەمەس.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 12:15:47

mahammatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 00:43 static/image/common/back.gif
جاۋاب بېرىپ باققۇم كەلدى،توغرىسى:




1.  ئۇيغۇرچىغا
2.  تۈۋرۈك        
3. مۆشۈك ئەمەس: مۈشۈك
4. كۆرەش ئەمەس: كۈرەش
5. كۆمۈش ئەمەس: كۈمۈش
6.  نەشرىيات
7. ئىسمى
8. كۆڭۈل
9.  كۆڭلۈم
10.  كۆينەك
11. مۇھەممەد
12. كوكا - كولا
13.  بەش ۋاقىت (ياكى ۋاق) ناماز
15. كىلومېتىر
16. پالۋان
17. قەدرى پولوسى
18. ئۇيغۇرسوفت
19.  ئاياق  (پۇتقا كىيىدىغان كەشنى دېمەكچى) ئەمەس: ئاياغ
20.  ئەنگىلىيەلىك
21. تۆنۈگۈن ئەمەس: تۈنۈگۈن
22. غوجام (ياكى غوجايىن )
23.  ياقتۇرىمەن
24. كۆرۈلۈۋاتىدۇ
25 .  ئاددىي

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 12:25:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 12:31  

بېرىلگەن سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملادا يېزىلغانلىرى:
1. ئۇيغۇرچىغا
2. تۈۋرۈك
3. مۈشۈك
4. كۆرەش
5. كۈمۈش
6. نەشرىيات
7. ئىسمى
8. كۆڭۈل
9. كۆڭلۈم
10.كۆينەك
11. مۇھەممەد
12.كوكا - كولا
13. بەش ۋاقىت ناماز
15. كىلومېتىر
16. پالۋان
17. قەدرى پولوسى
18. ئۇيغۇرسوفت
19. ئاياق  (پۇتقا كىيىدىغان كەشنى دېمەكچى)
20. ئەنگىلىيەلىك
21. تۈنۈگۈن
22. غوجام
23. ياقتۇرىمەن
24. كۆرۈلۈۋاتىدۇ
25 .ئاددىي
بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن يېزىلىشى ئوخشىمايدۇ. «بەش ۋاقىت ناماز» دېگەن ئىبارە ئېىزدا يېزىلغىنى بويىچە ئەمەس «بەش ۋاخ ناماز» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.  يەنىمۇ ئەسلىسى «بەش ۋاقىت (قېتىم)لىق ناماز» بولسا كېرەك.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 14:44:02

راست، ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ قەدرىنى، ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار قىلىپ بەرمەيدۇ. بۇ جەھەتتە مۇشۇنداق مۇنبەرلەردە، تور بەتلەردە مەشغۇلات قىلىدىغانلار يېزىق جەھەتتىن؛ ئاتا-ئانىلار، چوڭلار پەرزەنتلەرنى، كىچىكلەرنى سۆزلەش، ئىشلىتىش جەھەتتىن يىتەكلەشكە كۈچ، ۋاقىت چىقىرىشىمىز زۈرۈر.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 15:05:00

12 مىليون كىشى ئىگىلىگەن بۇ تىل دۇنيادىكى 6000 خىلدىن ئارتۇق تىل ئىچىدە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. (ئوردۇ تىلى بىلەن پەنجاپ تىلى، پۇتۇڭخۇا، كانتونچە قاتارلىقلارنى ئايرىم تىل دەپ ھېسابلىغاندا).
-------------------
بىرخۇن بۇرادەر، بۇ ئستاتىسكا نەدىن كەلگەن؟
مەن 98-ئورۇندا دەپ بىلىمەن .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 19:53:19

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 15:05 static/image/common/back.gif
-------------------
بىرخۇن بۇرادەر، بۇ ئستاتىسكا نەدىن كەلگەن؟ ...

بىرخۇن بۇرادەر، بۇ ئستاتىسكا نەدىن كەلگەن؟
مەن 98-ئورۇندا دەپ بىلىمەن .
مەن ماۋۇ تېمىدا يازغاندەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10069346 (ئون مىليون ئاتمىش توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق ئالتە).
سىز ئېيتقاندەك Wikipedia دىكى تۆۋەندىكى تېمىدا، ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىگۈچى سانى بويىچە 95-ئورۇنغا تىزغان:
http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_languages_by_number_of_native_speakers
بىلىسىز، ۋىكىپىدىيەنىڭ ماقالىلىرى مۇتلەق ئىشەنچىلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسلەر تەھرىرلەيدىغان بولغاچقا، پاكىتلىرى بەك تولۇق ئەمەس.
شۇنداقتىمۇ، ۋىكىپېدىيەدىكى ئۇ بەتتە ئۇيغۇر تىلىنى 8 مىليون سۆزلىگۈچىگە ئىگە دەپ قاراپ 95 ئورۇنغا تىزغان. ھالبۇكى ۋىكىپېدىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى ماقالىدە (http://en.wikipedia.org/wiki/Uyghur_people) ئۇيغۇر نوپۇسىنى 11 مىليوندىن ئاشۇرغان. ئەمدى تىل ھەققىدىكى ماقالىدە 2 ياشتىن تۆۋەن، تېخى تىلى چىقمىغان ئۇيغۇرلارنى ھېسابلىمىدۇ-قانداق.... ئىشقىلىپ... ياكى ئۇ سانلىق مەلۇمات كونا بولۇشى مۇمكىن.
11 مىليون + باشقا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان مىللەتلەر 1 = 12 مىليوندىن ئارتۇق.
12 مىليون سۆزلىگۈچى بىلەن ئۇيغۇر تىلى 70- ئورۇنغا ئۆتەلەيدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنى 7.5 مىليون سۆزلىگۈچىسى بار دەپ قاراپ، 98-ئورۇنغا تىزغان:
http://paginaspersonales.deusto.es/abaitua/konzeptu/nlp/top100.htm
ئەمما ئۇشبۇ ماقالىدا 12 مىليونلۇق سۆزلىگۈچىسى بار تىللار 70 - نىڭ ئەتراپىغا تىزىلغان.
----------
ئۇيغۇر تىلىنىڭ 12 مىليون سۆزلىگۈچىسى بىلەن قانداقلا سىتاتىستىكا قىلساق، 70 نىڭ ئالدى-كەينىدىن نەتىجە چىقىرىمىز. ئەمما بۇ پەقەت تور يازمىسى، پاكىت بولالمايدۇ. بۇ سىتاتىستىكىنى قىلغاندا، مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلىنىلا چۆرىدىۋالدىم. باشقا تىللارنىڭ سۆزلىگۈچىلىرىنىڭمۇ نوپۇسىدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن...

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 10:52:05

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 15:05 static/image/common/back.gif
-------------------
بىرخۇن بۇرادەر، بۇ ئستاتىسكا نەدىن كەلگەن؟ ...

;P  پىسپاسجون ! تايىنلىق  (پىـــــــــرخۇن ) دەپلاۋەرمەي ...
بەت: [1]
: ئەتە ئانا تىل كۈنىمىش