doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 15:41:24

ئىناۋەتلىك كارتا(信用卡)بىجىرىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلا؟

                                ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى سالامەتمۇ سېلەر.
ئىزدىنىشنى ئۇچراتقېنىمغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ئىزدىنىشنى ئۈزۈمنىڭ ئائىلىسىدەكلا ھېس قىلىمەن،كۆپىنچە غەيرى ئەقلى ئىنكاسلاردىن مەنىۋىيتىمنى بېيتىپ كىلىۋىتىمەن .
ھازىرغىچە بىرەرسىڭلارئىنكاسىمغا ئىنكاس يازمىغان بولساڭلارمۇ.لىكىن باشقىلارنىڭ تىمىسىغا ئىنكاس يېزىپ ئانچە مۇنچە كۆزقارشىمنى تاشلاپ كېتىۋاتمەن كېيىنچە ئۆزلىشىپ دوسلىشىپ قالارمەن ئىزدىنىشلىقلاربىلەن دەپ.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك
                           يەنە شۇ بىرھاجەت چۈشۈپ ياردەم سوراپ .................
توردىن نەرسە كىرەك سېتىۋېلىش . پۇل يۆتكەش .پۇل چىقىم قىلىش قاتارلىق  بانكا بىلەن قىلىدىغان مۇئامىلە كۆپەيگەنسىرى بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا(信用卡)سىغا ئانچە مۇنچە ئىھتىياجىم چۈشۈپقالدى . بىجىرەي دەپ بانكىغا بارسام دۆلەت خىزمەتچىسى بۇلۇشۇڭ ، مۇقۇم ئىدارە ئىش ئورنۇڭ بۇلىشى كېرەك دەيدۇ .
يېزائىگىلىك بانكىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تۇنۇشۇم باتتى. ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئۇقۇشسام ئادەتتىكى پۇقرالارغا غىمۇ بىجرىپ بىرىدۇ دەيدۇ .

ئەمدى مۇشۇ كارتىنى بىجىرىش ئۈچۈن قانداق سالاھىيەت كىتىدۇ ، بانكىنىڭ قانداق شەرتلىرى بار ، ئادەتتىكى پۇخرانىڭمۇ ئىناۋەتلىك كارتا(信用卡)بىجىرىش ھۇقۇقى بارمۇ يوق، قايسى بانكىدىن بىجىرسە قولايراق دىگەندەك مەسىللەرگە بىلىدىغان دوسلارنىڭ مەسلەھەتىگە مۇھتاج بوپ قالدىم دەڭلا

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:08:06

مەسلىھەت:
مەنمۇ تور ياكى تاشقى سودا دېگەندەكلەرنى خېلى چۈشىنىمەن. ئادەتتىكى كارتا ئىشلىمەي، ئىناۋەتلىك كارتىنىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئورۇنلارنى پەقەتلا ئۇچراتمىدىم. چۈنكى ھېچقانداق ئورۇندا ئۇنداق ئىش يوق. بەزى تور مۇلازىمەتلىرى ئىناۋەتلىك كارتىدىن بىۋاستە چىقىم (سىز ئاۋال كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەر ئايلىق مۇلازىمەت ھەققىنى سىزدىن سورىماي تۇرۇپلا كارتىڭىزدىن تۇتۇۋالىدىغان ئۇسۇل) ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنداقلارغىمۇ ئادەتتىكى كارتا ئارقىلىق ياكى پايپال ئارقىلىق ھەق تاپشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى: سىزدە پۇل قالمىغاندا، ئىناۋەتلىك كارتىدىن ۋاقىتلىق قەرز ئالغىلى بولىدۇ.
زادى بېجىرمىسەم بولمايدۇ، دېسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:
1. ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بانكىدا يېقىنقى بەش-ئالتە ئاي مابەينىدە ئېلىم-بېرىم قىلغانلىرىڭىز 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا، شۇ ئېلىم-بېرىم ھېسابات تالونلىرىنى بانكىغا باستۇرۇپ چىقىرىپ، كارتا بېجىرىش ئورنىغا بېرىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما مۇقىم كىرىمىڭىزنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭغا ھېسابات تالونىڭىز گۇۋاھ بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسىڭىز، بانكا خادىمى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى باشلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىزگە كارتا بېجىرىپ بېرىش-بەرمەسلىكنى مەسلىھەتلىشىدۇ. (بەش-ئالتە ئايدىن بۇيان كارتىڭىزغا مۇقىم پۇل كىرىۋاتقان بولسا، بېجىرىپ بېرىشى مۇمكىن)
2. ئەگەر سىز ئۆز نامىڭىزدا تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرگەن سودىگەر بولسىڭىز، تىجارەت كېنىشكىسى، باج تاپشۇرۇش كېنىشكىسى، ئامانەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېجىرسىڭىز بولىدۇ. (بۇ ئۇسۇلدا بېجىرمەك يۇقىرقى ئۇسۇلدىن سەل ئاسانراق... ئەمما ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمىتى بارلارغا بېجىرگەندەك تېز بېجىرىپ بەرمەيدۇ).
3. تونۇش شىركەتلەرگە «نامدا» خىزمەتكە كىرىش ئارقىلىق بېجىرىش. ئەمەلىيەتتە بۇ ئالدامچىلىق. شۇڭا قوللانماسلىقىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
بانكىنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولمىساڭ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرمەيمىز دەيدىغان تۈزۈمى يوق. مۇقىم ئىش ئورنۇڭ بولمىسا، بېجىرمەيمىز دەيدىغان تۈزۈمى بار. بۇ يەردىكى مۇقىم ئىش ئورنى: سىز ھۆكۈمەت خادىمى بولسىڭىزمۇ، بىرەر زاۋۇتنىڭ پارقازان ئىشچىسى ياكى دەرۋازىۋىنى بولسىڭىزمۇ، بىرەر شىركەتنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتقۇچىسى بولسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما سىزدە شۇ شىركەت نامىدىن بېرىلگەن خىزمەت كېنىشكىسى، شۇ شىركەت بېجىرىپ بەرگەن، ھەر ئايدا مائاشىڭىزنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغان بانكا كارتىسى بولۇشى؛ بانكا شۇ شىركەتكە تېلېفون قىلغاندا، سىزدەك بىر خادىمىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى؛ بانكا شىركەت مەسئۇللىرىدىن سىزگە ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بەرسە، چاتاق چىقسا شىركەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، شىركەت «ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېيىشى كېرەك.
4. ۋاكالىتەن بېجىرىش (بۇ ئەشەددىي ئالدامچىلىق، بۇ ئۇسسۇلنى قەتئىي قوللىنىشقا بولمايدۇ).
ھازىر بىر قىسىم ئوغرىلار توردا ئېلان چىقىرىپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئالدامچىلار شايكىسى بولۇپ، مەلۇم شىركەتلەرنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىغا تونۇشلىرىنى كىرگۈزۈپ، سىزنى شۇ شىركەتنىڭ خادىمى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىدۇ. ئەمما سىز قولىڭىزغا بۇ كارتىنى ئالغاندا، كارتىدىن ئاللىبۇرۇن ئەڭ چوڭ سوممىدا (50 مىڭ كويلۇق كارتا بولسا، 50 مىڭ كوي) پۇل قەرز ئېلىنىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا ۋاكالىتەن ئىناۋەتلىك كارتا بېجىردىم، دەپ بىر تالاي قەرزگە بوغۇلۇپ قالىسىز. ئۇ ئالدامچىلارنى ئىككىنچى قېتىم چۈشىڭىزدىمۇ كۆرەلمەيسىز. شۇڭا قەتئىي ئېھتىيات قىلىڭ.
------------
گەپ شۇكى، ئىناۋەتلىك كارتىنى قانۇنلۇق، توغرا، بانكا يولغا قويغان ئۇسۇلدا، چوقۇم ۋە چوقۇم ئۆز قولىڭىز بىلەن بانكا پۇكىيىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بېجىرىڭ. ئەگەر بانكا سىزنىڭ شەرت-شارائىتلىرىڭىزنى مۇۋاپىق كۆرمەي بېجىرىپ بەرمىسە، دېمەك سىزنىڭ شەرتىڭىز توشمايدۇ. شۇڭا بېجىرمەڭ. شەرتى توشمايدىغان ئادەم بېجىرىپ قالسا، ئاخىرى بېرىپ، قەرزنى تۆلىيەلمەي، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا جاپا سېلىپ قويىدۇ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:41:52

مېنىڭ ئناۋەتلىك كارتامنى بانكىدىكىلەر ئۈچ قاچا لەڭمەننىڭ پۇلى چىلىك پۇلنى ۋاختىدا تۆلىمەپسەن دەپ توڭلىتىپ قويدى. تۆلەيدىغان پۇل ئاز بولغاچقا كارىم بولماپتىكەن. ئۈچ كۈن بۇرۇن سۈرۈشتۈرسەم بانكىدىكىلەر ماڭا سېنىڭ تۇنجى قېتىمكەن، شاڭخەيگە تېلىفۇن قىلىپ ئاچتۇرۇپ بىرىلى كارتاڭنى ئېلىپ چىققىن دەيدۇ.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 08:13:58

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 23:08 static/image/common/back.gif
مەسلىھەت:
مەنمۇ تور ياكى تاشقى سودا دېگەندەكلەرنى خېلى ...

ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى بەرگەن مەسلەھەتىڭلارغا رەھمەت ، ئىناۋەتلىك كارتا(信用卡)غا بولغان بەزى خاتا چۈشەنچىلىرىم ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.

يۇقارقى 4 خىل ئۇسۇلنىڭ 1-سى ماڭا ماس كەلگۇدەك قۇلۇم بۇشىغاندا بانكىغا بېرىپ تەپسىلى ئەھۋالىمنى تۇنۇشتۇرغاچ بانكا بىلەن بولغان ئىككى يىللىق ئېلىم -بىرىم قىلغان ھىسابات تالۇنلىرىمنى كۆرسىتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ باقاي .

ھەراس ئەھۋال يۇقارقىدەك بوپ قالسا بانكىدىكىلەر ئىشىنىدىغان بىرەرىنىڭ كاپالات بوپ بىرشى كېرەك بوپ قالامدىغاندۇ.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:01:04

سودا-سانائەت،قۇرۇلۇش،يېزا ئىگىلىك...قاتارلىق ‹‹چوڭ›› بانكىلارنى ئىزدىمەي، 华夏,兴业 ....دىگەندەك بانكىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.
مەنمۇ چەتئەل پۇلى بىلەن ھېسابات قىلالايدىغان ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن دەپ خېلى ئاۋارە بولغان. ھەرقايسى بانكىلارنىڭ تور بېكىتىدىن ئىلتىماس قىلىپ باققان، لىكىن تەستىقلانمىغان ئىدى.
华夏 نىڭ تىجارەت زالىغا بېرىپ، بانكا خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىجىردىم.  
兴业بانكىسىنىڭ مەخسۇس ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىدىغان خىزمەتچىلىرى باركەن، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىكەن، مەنمۇ بىجىرىپ قوياي دىسەم، كارتا سانىم جىق بولۇپ كەتتى.:lol
بەزى بانكىلار خىزمەتچى خادىملىرىغا كارتا بىجىرىش ۋەزىپىسىنى بېرىدىغان ئوخشايدۇ، مۇشۇنداقلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز بەك قولايلىق بولىدۇ.
   

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:07:07

بانكا بىلەن مۇقىم ئىلىم بىرىم مۇناسىۋىتى بولسا، ئادەتتە بانكىغا بىر قۇچاق جەدۋەلنى ئىلىپ بارماي، توردا ئىلتىماس قىلسىمۇ تەستىقلىنىۋىرىدۇ. بولۇپمۇ قۇرۇلۇش بانكىسى بەك ئاسان تەستىقلايدۇ.
چۈنكى يەرلىكتىكى بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىش ياكى باشقا مەشخۇلاتلارنى قىلىش ھوقوقى يوق، ئۇلار شاڭخەيگە ماتىريال تەمىنلەيدۇ خالاس. شاڭخەيدىكى بانكا ھامان جوڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ تورىدىن ئىناۋەت دەرىجىڭىزنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 10:48:39

مەن سودا سانائەت بانكىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان،ئەمما مۇئامىلە سوممام كۆپ ھەم مۇقىم ئەمەستى، بانىكىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىمەن دەپ جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ قويسام بىر ئايلاردىن كېيىن چىقىپتىكەن، توردىن ئىلتىماس قىلسام يەنە بىرى چىقىپتۇ،دوللار ئامانەت قويۇپ ئىككى قېتىم چەتئەللىكتىن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ باقتىم، دوللار تۆلەيدىغان توردىكى سودىلاردا Visa ياكى Mastercard بەلگىسى بولمىغان كارتىلاردا سودىلاشقىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتىلاردىلا مۇشۇنداق بەلگە بار ئوخشايدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:18:14

بانكا ئىناۋەت سېستىمىسى مەلۇم بىر بانكىغا تەۋە ئەمەس، بەلكى مەركىزى بانكا (جوڭگۇ خەلق بانكىسى)غا تەۋە بولىدۇ، شۇڭا قايسى بانكىلا بولسۇن، مۇئامىلە جىق بولسىلا بولدى.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 11:50:53

مەندىمۇ بىرنەچچىسى بار ، لىكىن .ىناۋەت دەرىجىسىنى قانداق چوڭايتىدىغىنىنى بىلمىدىم

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:33:22

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 19:43:17

مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلى بېلىدىغانلار بارمۇ؟مەنمۇ بىرنى بېجىرمەكچىتىم.بانكا خادىمى ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ 50كۈن ئىچىدە قايتۇرىۋەتسەڭ ھېچقانداق ئۆسۈم ۋە رەسمىيەت ھەققى كەتمەيدۇ دەيدۇ.ئۇنداقتا بانكا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ نېمە پايدا ئالىدۇ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 11:46:26

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 19:43 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەپسىل ...

50 كۇن دېگىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا دېگەن گەپ : مەسىلەن سودا سانائەت بانكىسىنى مىسال قىلسام ، ھەر ئاينىڭ 25 كۇنى ھىساپ بوغىدۇ . سىز 1- ئاينىڭ 1- كۇنى كارتا سىيرىپ ياكى سۇركەپ خەجلىگەن پۇلىڭىزنى 2- ئاينىڭ 25 كۇنىدىن بۇرۇن . 24 كۇنى  قايتۇرسىڭىز بولىدۇ (جەمىي 50 كۇن بولىدۇ ) . ئەمما 2- ئاينىڭ 1 - كۇنى كارتا سىيرىپ ياكى سۇركەپ خەجلىگەن پۇلىڭىزنى 3- ئاينىڭ 25 -كۇنىدىن بۇرۇن ، مەسىلەن 24 -كۇنى  قايتۇرسىڭىز بۇ 50 كۇنگە توشمايدۇ . 1- ئاينىڭ 25 -كۇنى ياكى 26 كۇنى ئالغان پۇلنىمۇ ئوخشاشلا 2- ئاينىڭ 25 - كۇنىدىن بۇرۇن قايتۇرىسىز .
يىغىپ ئېيىتقاندا ھەر ئاينىڭ 25 -كۇنى ھىساپ بوغۇشتىن بۇرۇن پۇلنى قايتۇرۇپ بولىشىڭىز كېرەك .
ئاندىن يەنە بىر نوقتا ،  ئىناۋەتلىك كارتىغا نەق پۇلىڭىزنى قويۇپ ، كىيىن ئالسىڭىز ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئالغان قاتاردا ھىسابلاپ ، كۇنىگە پۇل سوممىسىنىڭ %0.5 بويىچە ھەق تۇتۇپ ماڭىدۇ .  مەسىلەن ، ئون مىڭ  يۇەن نەق پۇلىڭىزنى ھازىرچە قويغىلى يەر يوق دەپ ئىناۋەتلىك كارتىغا سېلىپ قويدىڭىز ، ئەتىسى پۇل لازىم بولۇپ ،ATM  دىن ئون مىڭ يۇەننى ئېلىۋالسىڭىز ، ئوخشاشلا كۇندە 5 يۇەندىن ئىشلىتىش ھەققى (جازانە ) قوشۇپ ئالىدۇ .
دېمەك ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئېلىم بىرىم قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس . نەق پۇل قويماڭ ، نەق پۇل ئالماڭ .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 15:13:08

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 11:46 static/image/common/back.gif
50 كۇن دېگىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا دېگەن گەپ : مەسىلەن سو ...

رەخمەت سېلىگە بۇچۇشەندۈرۈشىڭلىنى ئۇقۇپ ئىناۋەتلىك كارتا بىجرىش قىزغىنلىقىم سۇۋۇپلا كەتتىغۇ .
مەن تېخى پۇلنى جىقراق قۇيۇپ تولا پۇل قۇيۇپ تولا پۇل ئالسا دەرىجىسى ئۈسۈپ پايدىسى كۆپمىكى دەپ ئويلىۋاپتىمەن .

يەنە بىر ئىش مەن قولايلىق بولسۇن دەپ ھەممە بانكىدىن بىرتالدىن بەزى بانكىلاردىن ئىككى ئۈچ تال كارتا بىجىرۋاپتىكەنمەن ،مەسىلەن سوداسانائەت بانكىسىدىن 3 تال كارتام بار. بىرىدە چوڭ سوممىلىق پۇل ساقلايمەن ، بىرىدە تور سودىسىدىن ئەندىشە قىلىپ توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىجىرگەن  ،
يەنە بىرىنى ئالتۇن كارتا نۆۋەت ساقلىمايسەن ئىتبارلىرى بار دەپ بىجرىپ بەرگەن ، مۇشۇنداق جىق كارتا تۇتقىنىم توغرىمىدۇ ، كارتىلارغا يىلدا مۇلازىمەت ھەققى تۇتامدىغاندۇ ، ھەممىسىگە مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇدىغان بولسا كۆپىنچە ئىشلەتمەيدىغان كارتىلارنى بىكار قىلۋىتەي دەپ ئويلىغان .


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 21:47:11

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 11:18 static/image/common/back.gif
بانكا ئىناۋەت سېستىمىسى مەلۇم بىر بانكىغا تەۋە ئەمەس،  ...

توغرا گەپ.
كارتا بېجىرگەندە مۇلازىمەت دائىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ، بەزى كارتىنىڭ خەلقارالىق مۇلازىمىتى يوق.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 08:21:47

بىجىرسە Visa ياكى Mastercard بىجىرىپ قويسا بولىدۇ. دوللار خەجلىگلى بەك ئەسقاتىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 12:21:24

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 15:13 static/image/common/back.gif
رەخمەت سېلىگە بۇچۇشەندۈرۈشىڭلىنى ئۇقۇپ ئىناۋەتلىك ك ...

بىر بانكىدىن بىرلا كارتا بولسا بولدى، ئۇنچىۋالا كۆپ كارتىنى قىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

sultani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 21:59:38

بۇرادەر سىز ئۇنداق ئاۋارە بولغۇچە تېلىفۇنغا سىلىپ ئىشلىتىدىغان شۇاكاچىدىن بىرنى سىتۋالسىڭىز ھەممە ئىش بىراقلا پۈتىدۇ.            

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 23:27:05

sultani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 21:59 static/image/common/back.gif
بۇرادەر سىز ئۇنداق ئاۋارە بولغۇچە تېلىفۇنغا سىلىپ ئىش ...

بۇنداق كارتا سېيرىغۇچنى قەيەردىن بىجىرىدۇ ، باھاسى قانچىلەر ئەتراپىدا ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 07:26:56

قانداق شۇاكاجى بولۇپ كەتتى ئۇ ؟ شۇ بولسا بانكا قەرىز بېرەمدىكەن ؟ {:116:}

بەلكىم POS ماشىنىسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. ئادەتتە بانكا ئىستىمال قىلغان پۇلدىن مەلۇم ۋاقىتقىچە(يۇقرىدا ئېيتىلغان ئەڭ يۇقرى بولغاندا 50 كۈن) ئۆسۈم ئالمايدۇ، ئەمما نەق پۇل ئالسا ئۆسۈم ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر ئەقىل ئىشىلىتىپ POS ماشىنىسىدىن بىرنى ئورنىتىپ ياكى باشقىلارغا ئازراق پۇل تۆلەپ كارتا سىيرىپ ئىستىمال قىلغان ھىساپتا نەق پۇل چىقىرۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بانكىنىڭ ئۆسۈمىدىن قاچقىلى بولىدۇ. ھىساپتا بۇ بىرخىل بانكىنى ئالداش قىلمىشى، ئاقتۇرالىسا بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇل-ئەلۋەتتە. ئەمما ئادەتتىكى پۇقرالارغا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ.

بەزى كىشىلەر بەك ئۇنۇتقاق، ئالغان قەرىزنى تۆلەشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ياكى تور بانكىدىن ،ياكى تېلفۇن بانكىسىدىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ، بانكىغا قاتناشنى ئېغىر كۆرۈپ مانا-ئەتە دەپ يۈرۈپ بىھۇدە ئۆسۈم تۆلەپ يۈرۈيدۇ، ئاندىن جازالىنىپ بانكىدىكى ئىناۋەت خاتىرسىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ئىناۋەتلىك كارتىدىن يىراق تۇرۇڭ {:92:}

ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئامالى بانكىدىن قەرىز ئېلىش، يەنى مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەشنى ئىلتىماس قىلپ قويۇڭ، ئازراق ئۆسۈم تۆلەيسىز، ئەمما پۇل پاخاللىشىپ كېتىپ بارغاندا ئانچە زىيان تارتىپمۇ كەتمەيسىز.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:40:48

يانفوننىڭ تىڭشىغۇچ تۆشىكىگە سىلىپ ئىشلىتىدىغان بىر خىل كىچىك كارتا سىيرىغۇچ بار، بۇرۇن مەن بىرنى ئىشلەتكەن ئىدىم. 17-قەۋەت بەلكىم شۇنى كۆزدە تۇتۋاتقان بولسا كىرەك، بۇمۇ ئوخشاشلا كارتىدىن پۇل چىقسا ئىشلەيدىغان نەرسە. ئۇنىڭسىزمۇ alipay نىڭ 快捷支付 ئىقتىدارى يىتىپ ئىشىپ قالىدۇ.
بەت: [1] 2
: ئىناۋەتلىك كارتا(信用卡)بىجىرىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلا؟