Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 15:40:21

شىپائى مېۋە- پەرەڭ ئەينولىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 15:41  





   پەرەڭ ئەينۇلىسى فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە مېۋىسى بولۇپ، كىيىن ئامېرىكىدىمۇ كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا داڭقى تارالغان. ئۇ ئەينۇلا تۈرىدىكى مېۋە بولۇپ، دەرەخ شەكلى رايونىمىزدىكى ئەينولا، ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
    پەرەڭ ئەينۇلىسىنىڭ تەمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، تەركىۋىدە ئاقسىل، ماي، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلار بولۇپ، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى ۋە قاندا ماي تەركىۋى ئۆرلەپ كېتىش، جاھىل قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈمى بارلىغى ئۈچۈن خەلقارادا «ئىلاھى مېۋە»، «ئالتۇن ئەينۇلا»....دىگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ ناملار بىلەن ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلغان ۋە بازار ئېھتىياجىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان.
    پەرەڭ ئەينولىسى رايونىمىزغا 2000-يىللاردا ئامېرىكىدىن كىرگەن بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە سۇتۇپراق شارائىتىغا ئالاھىدە ماس كېلىپ، مېۋە سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ھازىر بۇ سورت رايونىمىزنىڭ  پەيزاۋات،ئاقتۇ، مارالبېشى،يەكەن، توققۇزاق قاتارلىق ئورۇنلىرىدا بىر قەدەر كۆلەملىك كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، ئاقسۇ ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدىمۇ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.
    پەرەڭ ئەينولىسى رايونىمىزغا كىرگەندىن كىيىن دەسلەپتە ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلۈپ مېۋىسى يۇقىرى سۈپەتتە قاچىلىنىپ دۆلەت سىرتى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىپ چىقىرىلغان. 2009-يىللىرىدىن كىيىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن مېۋە سودىگەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مېۋە سودىگەرلىرى تەرىپىدىن باغدىن بېۋاستە سېتىۋىلىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارتىلماقتا. دەسلەپكى يىللاردىكى يىغىپ سېتىۋىلىش باھاسى ھەر كېلوگىرامى 10يۈەندىن بولغان بولسا 2013-يىلغا كەلگەندە كۆلەملىك، سۈپەتلىك ئۆستۈرگەن ئورۇنلاردا ھەر كېلوگىرامى 28يۈەنگە يەتتى. كىچىك كۆلەملىك پارچە باغلارنىڭمۇ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 15يۈەن بولدى. مېۋىسىنڭ سېتىپ چىقىرىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا قانچە كۆلەملىك، مەھسۇلات مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا خېرىدارى شۇنچە كۆپ، باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولدى، كۆلىمى كىچىك، مەھسۇلاتى تۆۋەن ئورۇنلاردا خېرىدار ئاز، باھاسىمۇ تۆۋەنرەك بولدى.
    پەرەڭ ئەينولىسى مول ھوسۇللۇق سورت بولۇپ، ياخشى مېۋىگە كىرگەندە مو بېشى مەھسۇلاتى 1-1.5تونناغا يىتىدۇ(پەرۋىشى قانچە ياخشى بولسا مەھسۇلاتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ). دەرەخ پەرۋىشى ئەينولا ۋە ئۆرۈككە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئورگانىك ئوغۇتنى(ياخشى چېرىتكەن ئېغىل ئوغۇتى ۋە كۇنجۇرىنى) قانچە كۆپ بەرسە مېۋە مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مېۋىسىنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا 3ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، گۈلە قۇرۇتۇشقا ياخشى بولۇپ، گۈلىسىنىڭ سۈپىتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.
   پەرەڭ ئەينولىسىدىن باغ قىلىشتا زىيادە سېغىز يەرلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، قۇمسال ئەت تۇپراقلىق يەرلەردە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، يېنىك شورى، زېيى بار يەرلەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
   2013-يىلى پەرەڭ ئەينولىسى ئاپتونوم رايونلۇق دەل-دەرەخ ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بىكىتى كومىتىتى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەلا سورت دەپ بىكىتىلىپ، «شىنجاڭ ئەينولىسى 4-نومۇر»دەپ نام بېرىلدى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ دەپ قارالدى.
ھازىر ئاپنونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋېرسىتىتى، ئاقتۇ ناھىيىلىك باغۋەنچىلىك پونكىتى، شىنجاڭ گېرۈيدې يېڭى پېتى ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى قاتارلىق ئورۇنلار   ئايرىم-ئايرىم تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىشىپ پەرەڭ ئەينولىسىدىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، يېڭى پېتى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتتە گۈلە قۇرۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقاتلارنى ئىشلىمەكتە.
   پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ مېۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىغى، مول ھوسۇلچانلىغى، ساقلاش-توشۇشقا چىدامچانلىغى، تۇپراققا ماسلىشىشچانلىغى، بازار ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىغى دىگەندەك تەرەپلەردىن قارىغاندا بۇسورت رايونىمىزدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدىغان، دېھقانلىرىمىزنىڭ باغۋەنچىلىككە تايىنىپ بېيىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئەلا سورتلاردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 15:48:53

  بۇ سورتنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئورتاق نامى «西梅» ياكى «欧洲李»بولۇپ، كۆپ سورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن تونۇشتۇرغان بۇ سورت خەنزۇ تىلىدا «法兰西»دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق دەل-دەرەخ ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بىكىتىش كومىتىتى تەرىپىدىن «新梅4号»(شىنجاڭ ئەينولىسى 4-نومۇر) دەپ بىكىتىلدى.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:28:03

گېنى ئۆزگەرگەن مېۋە ئەمەستۇ ھە...
ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر گېنى ئۆزگەرگەن بولۇپ چىقىۋاتىدۇ

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:38:39

79588010 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 22:28 static/image/common/back.gif
گېنى ئۆزگەرگەن مېۋە ئەمەستۇ ھە...
ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر ...

  ئۇنداق ئەمەس، تەبئى مېۋە. ئالدىنقى يىللاردا «ئالتۇن ئەينۇلا» يەنە بىرنىمە....دەپ تېلۋىزورلاردا تولا ماختىلىپ تاللا بازارلىرىدا قۇتا بىلەن سېتىلغان مېۋە شۇ. بىر قۇتىسى ئوننەچچە يۈەن ئىكەن، بىر قۇتىغا سىرتىغا شىكەر يالىتىپ پىششىقلانغان (بۇزۇلماي ساقلىنىشى ئۈچۈن) مېۋىدىن 8-10تال قاچىلانغان ئىكەن.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:09:51

قارىغاندا بۇ مېۋىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا ئۆزلەشتۈرۈلىشى يېڭىدىن مىۋىچىلىككە مەبلەغ سالغۇچىلارغا بىر پۇرسەت ئىكەن.
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزلۈك ھاۋا تىمپۇراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولىشى تەبىئى مىۋىلەرگە قەنت مىقدارىنىڭ كۆپ يىغىلىپ ئۆزگىچە تەمگە ئىگە بولىدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا  قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىلەن كېسەل- ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش كۈچىمۇ مۇھىم ئامىل. يۇرتىمىزدا يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئىگىز ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنىىڭ ئۇچى قۇرۇپ كەتتى، كېسەل- ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يۇقۇتۇشتا نۇقۇل ھالدا زەھەرلىك دىھقانچىلىق دورىللىرىغا تايىنىپ،  بىولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىپ يۇقۇتۇش ئوموملاشمىغاچقا كېسەلگە تاقابىل تۇرالمايدىغان سورت بولسا،  مىۋىلىك دەرەخ ۋە مىۋىگە زەھەرلىك دىھقانچىلىق دورىللىرى كۆپ ئىشلىتىلىپ مىۋىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ تەركىبىدە كۆپ مقداردا زەھەرلىك دىھقانچىلىق دورىللىرىنىڭ قالدۇقى بولىدۇ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:14:32

گىنى ئۆزگەرگەن ھەممە نەرسىنىڭ ناچار بولىشى ناتايىن. مۇھىمى گىننىڭ نىمە مەخسەتتە، قانداق تەركىپكە،  قانداق ئۆزگەرتىلگەنلىكىدە.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 06:26:30

باشقا خىل ئەينولا، يەنى 梅 لارنىڭ چۈچۈمەللىكىگە ئوخشىمايدىغىنى بۇ مىۋىنىڭ تەمى تاتلىققا مايىلغۇ دەيمەن، گۆشلۈك، يىيىشلىك، قېقى تېخىمۇ تاتلىق.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 06:27:21

سورىتنى ياخشىلاش بىلەن گېىنى ئۆزگەرتىش ئىككىسى بىر گەپمۇ ؟ مىۋىنى ئۇلاشمۇ گىن ئۆزگەرتىشكە كىرەمدۇ ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 07:38:00

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 06:27 static/image/common/back.gif
سورىتنى ياخشىلاش بىلەن گېىنى ئۆزگەرتىش ئىككىسى بىر گە ...

  ياق. سورتىنى ياخشىلاش بىلەن گېنىنى ئۆزگەرتىش ئىككى ئۇقۇم. گېنىنى ئۆزگەرتىش بىئولوگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا بولۇپ، شۇ جانلىق ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان تەبئى ئالاھىدىلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاپ سورت ئۆزگەرتكەندە مەيلى ئۇلاق ئاستى ياكى ئۇلاق ئۈستىدە بولسۇن گېن ئۆزگىرىشى بولمايدۇ.

muzat2007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 10:56:11

http://bbs.bagdax.cn/thread-13103-1-1.html، بۇنى كۈرۈپ مەسلەھەت بەرسەڭلار

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 14:15:23

بۇنىڭ كۆچەتلىرىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ. بېغىمغا يىگىرمە تۈپ تىكىپ قوياي دېگەن....

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 14:31:07

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 14:15 static/image/common/back.gif
بۇنىڭ كۆچەتلىرىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ. بېغىمغا يىگىر ...

سىز قەيەردىن؟ ئەگەر قەشقەر ئەتراپىدا بولسىڭىز تاپمىغىڭىز ئاسانراق.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 15:02:18

كونىلار ئالگىرات دەيدىغان مىۋىگە بەكلا ئوخشايدىكەن شۇ بولسا مىنىڭ بېغىمدىمۇ بىر تۈپ بار ئالدىنقى يىلى مىۋىگە كىردى . مىۋىسى ئاچچىق چۈچۈپ شۇنداق يىيىشلىك

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 17:14:25

كۆچىتى ئەي بولۇپ قانچە يىلدا مېۋىگە كىرىدىغاندۇ؟

2-3 يىلدا مۇشۇنچىلىك بولامۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 19:42:41

muzdala يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 17:14 static/image/common/back.gif
كۆچىتى ئەي بولۇپ قانچە يىلدا مېۋىگە كىرىدىغاندۇ؟

2-3 يى ...

  ئىككى يىللىق ئۇلاق كۆچەتنى قويسىڭىز 3-يىلى مۇشۇ ھالەتكە يىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ پەرۋىشكە باغلىق، ئەگەر كۆچەتنى توپىسى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ تىكسىڭىز، شۇ يىللىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلسىڭىز ئىككىنچى يىلىلا مۇشۇ ھالەتتە مېۋىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 19:43:58

بەك قويۇق مېۋىلەيدىغان سورت ئىكەن بۇ. ئەگەر ياخشىراق چاتاپ، مۇۋاپىقراق مېۋىلەتمىسە مېۋىسىنىڭ زىيادە كۆپلىگىدىن ئۇششاق بولۇپ قالىدىكەن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:22:15

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 06:26 static/image/common/back.gif
باشقا خىل ئەينولا، يەنى 梅 لارنىڭ چۈچۈمەللىكىگە ئوخشىم ...

شۇنداق، پىشقان چاغدا بەك تاتلىق.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:23:43

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 15:02 static/image/common/back.gif
كونىلار ئالگىرات دەيدىغان مىۋىگە بەكلا ئوخشايدىكەن شۇ ...

  ئالگىراتنىڭ مېۋە شەكلى يۇمىلاق بولىدۇ، پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ بولسا كونوسقا مايىلراق شەكىلدە، ئامۇتقا ئوخشاپ كېتىدۇ. مېۋە شەكلى ۋە تەمىدىن بۆلەكچ پەرىقلىنىدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 19:43:24

  پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ بۇيىللىق مەھسۇلاتى چىقىشقا ئاز قالدى، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، شەندوڭلۇق سودىگەرلەر باغمۇ-باغ ئايلىنىپ پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ مېۋىلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئالدىن سېتىۋىلىشقا كېلىشىپ يۈرۈشىدۇ. قارىغاندا بۇيىلقى بازىرى ئۆتكەن يىلدىكىدىنمۇ ياخشى بولىدىغاندەك.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 19:47:17

  ئىزدىنىشتىكى بۇرادەرلەر 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاقتۇغا كەلسەڭلار باغدا پەرەڭ ئەينولىسى ىبلەن مىھمان قىلاتتىم :lol
بەت: [1]
: شىپائى مېۋە- پەرەڭ ئەينولىسى