ئۈرۈمچى نوبېل «قوشتىل» بالىلار باغچىسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
ئۈرۈمچى نوبېل «قوشتىل» بالىلار باغچىسىغائوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئۈرۈمچى نوبېل «قوشتىل» بالىلار باغچىسى تيانشان رايۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەشق بازىسى (جىدى) تەرەپكە جايلاشقان. باغچىنىڭ 1900 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش بىناسى، 500 كۋادرات مېتىرلىق باغچا ھويلىسى، 225 كۋادرات مېتىرلىق پائالىيەت زالى بار. ئالتە ئوقۇتۇش سىنىپى بار بولۇپ، ئوقۇتۇش ۋە ئۇخلاش رايۇنى ئايرىۋېتىلگەن، ھەربىر سىنىپنىڭ ئۆز ئالدىغا تازىلىق ئۆيى بار. سىنىپلار ئازادە ۋە يورۇق. ھەربىر سىنىپقا كەڭ ئىكرانلىق تىلىۋىزور ۋە كومپيۇتېر سەپلەنگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم دەرسلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆتۈلىدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، بىلىم ئاساسى پۇختا، پىسخىكىسى ساغلام ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى مەخسۇس تەربىيلەيدۇ. IVECO ماركىلىق ئىككى دانە مەكتەپ ماشىنىسى بالىلارنى مەخسۇس توشۇيدۇ.
بالىلار باغچىمىز نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش، باغچا شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇش باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. تەربىيلەش ئوبىيكتى: 3 ~ 6 ياشقىچە بولغان بالىلار (2011- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن، 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كىيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك)؛
2. تىل مۇھىتى: «قوشتىل» (ئاناتىل ۋە خەنزۇتىلى)؛
3. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى: كىچىك يىللىقتىن (ئۈچ-تۆت ياشلىقلاردىن) ئىككى سىنىپ، جەمئى 50 نەپەر، ئوتتۇرا يىللىقتىن (تۆت- بەش ياشلىقلاردىن) ئىككى سىنىپ، جەمئى 60 نەپەر، چوڭ يىللىقتىن (بەش- ئالتە ياشلىقلاردىن) بىر سىنىپ، جەمئى 35 نەپەر، جەمئى 145 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ؛
4. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛
5. ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى؛
6. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى:
تەربىيلەش- بېقىش ھەققى ھەر ئايلىقى 500 يۈەن. تاماق پۇلى ھەركۈنلۈكى 17 يۈەن؛
7. كېرەكلىك ماتىرىياللار: بالا ۋە ئائىلە باشلىقىنىڭ نوپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ۋاكسىنا ئەملەش كېنىشكىسى، سالامەتلىك كېنىشكىسى.
ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھرى يەنئەن يولى مىڭخۇا كوچىسى 235- قورو تاڭنۇرى ئىسىل گۈللۈكى 1- قارارنىڭ ئىچىدە (جىدى- چېنگۇاڭ جيايۈەن晨光佳园)؛
ئالاقىلاشقۇچىلار: ئابدۇراخمان مۇئەللىم 18609039993 فىلورە مۇئەللىم 15022969970
تىيانشان رايۇنى ئەمەس تەڭرىتاغ رايۇنى دەرىسلەر ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلىپ ئۆتىلەمدۇ ئائىلە باشلىقى---ئۇيغۇرچىدا مۇشۇنداق گەپ بارمۇدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، خەنزۇچىدىكى مەنىسىدىنمۇ «باشلىق» دېگەن مەنا چىقمايدۇ بولمىسا.
家长--
②指父母或其他监护人:学校里明天开~座谈会。
家长 ئۇيغۇرچە چوڭلار دەيمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 18:04
ھازىر بالىنى 3 ياشتىلا ئادەم زاۋۇتىغا تاپشۇرۇۋەتسەك، 25 ياشلىق يىگىت ياكى قىز قىلىپ تەربىيەلەپ بېرىدىكەن. نېمە دېگەن ياخشى!
يەسلى ئاچقۇچىلارغا تەكلىپ:
بالىلارغا (قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قانداق مۇشلىتىشىش، قانداق ئۇرۇشۇشنى ئۆگىتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
شەھەرلىك بالىلار ياخشى مۇشتلاشمايدىكەن، قىزلار ئۇرۇشۇپ قالسا، تۇنجى دەيدىغان سـۆزى «جـالاپ» كەن. بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. ئاتا-ئانىلار ياكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم بالىلارغا باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىپ قويۇشتىن، ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش، باشقىلارغا ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىش، ئىشلارنى تىنچ بىر تەرەپ قىلىش، ئەگەر ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمىغاندا، قانداق مۇشتلىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلىشى كېرەك.
ئۇرۇشقاندا، قارشى تەرەپنى قاتتىق ئۇرۇش، تېز ھۇجۇم قىلىش، پىچاق، تاش، خىش، كالتەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي، پەقەت مۇشتى بىلەنلا ئۇرۇش؛ ئۇرۇشقاندا باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان مۇسۇلمانغا يات بولغان «جـالاپ...» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق باشقىلارنى تىللىماسلىق، باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق (مەسىلەن قارشى تەرەپ مېيىپ بولسا، چولاق، توكۇر دەپ تىللىماسلىق)، ئەگەر باشقىلار يېڭىلىپ قالسا، بولدى قىلىش؛ باشقىلارغا يېڭىلىپ قالغۇدەك بولسا، دەرھال توختاپ ئەپۇ سوراش ياكى قېچىش... ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىم بېرىلمىسە، .... ئۇرۇشۇپ قالغانلارنى (بولۇپمۇ قىز ئاياللارنى) يۈز كىلومېتىر ئايلىنىپ ئۆتمىسە بولمىغۇدەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىدىكەن ئادەم.
家长 ھامىيىسى، دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ. بىرھوننىڭ گېپى بولىدۇ، پەرزەنت تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان نۇقتا. يېڭى ئاچقان يەسىلىگە مۇبارەك بولسۇن!
家长 دېگەننى «ئاتا-ئانىلار» دەيمىز، چوڭلار دېسە، بەك چوڭلار كېتىپ قېلىپ، مويسىپىتلارغا قارىتىلىپ قالىدىكەن.
家长会 دېگەننى «چوڭلار يىغىنى» دېمەي، «ئاتا-ئانىلار يىغىنى» دەيمىزغۇ! koktash يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 13:50 static/image/common/back.gif
يېڭى ئاچقان يەسىلىگە مۇبارەك بولسۇن!
家长 دېگەننى «ئاتا- ...
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئائىلە باشلىقى 家长 ئەمەس ،户主 دېگەننى كۆرسەتسە كىرەك...... Uyghar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 12:38 static/image/common/back.gif
ئائىلە باشلىقى---ئۇيغۇرچىدا مۇشۇنداق گەپ بارمۇدۇ دەپ ئ ...
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئائىلە باشلىقى 家长 ئەمەس ،户主 دېگەننى كۆرسەتسە كىرەك...... Yaruq يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 09:49 static/image/common/back.gif
家长 ھامىيىسى، دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئائىلە باشلىقى 家长 ئەمەس ،户主 دېگەننى كۆرسەتسە كىرەك...... بالىلار باغچىسى دىسىلا ئەزىزلەر يادىمغا يىتىپ ، دىماقلىرىم ئېچىشىدۇ ........ justone يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 16:43 static/image/common/back.gif
بالىلار باغچىسى دىسىلا ئەزىزلەر يادىمغا يىتىپ ، دىماق ...
ھەييييييييييييي ....خەۋرى يوققۇ . orkexjan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 19:37 static/image/common/back.gif
ھەييييييييييييي ....خەۋرى يوققۇ .
قاچان خەۋەر كىلەر دەپ
نەزەرلەر يولدىن ئۈزۈلمەي
تەقەززالىقتا ئۆتتى كۈنلەر
ماڭغان ۋاقىتلار بىلىنمەي .....{:227:}
بەت:
[1]