قايسى يېزىق بولسا مەيلى ، لېكىن توغرا بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،21- فېۋىرال بولسا خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر كىچىك لېكىن بەك مۇھىم ئىشنى تەۋسىيې قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئۇيغۇر يېزىقىمىز بىر نەچچە خىل ئۇسۇلدا يېزىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بولسا ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى يازساق ئەڭ ئەۋزەل، لېكىن بەزى قولايسىزلىق ياكى ئاۋارچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ لاتىنچىنى ئاساس قىلغان يېزىقىمىزنى ئىشلەتسەكمۇ بۇلىدۇ. بۇ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇر كومپيۇتىر يېزىقى ئۆلچىمى 2001 يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى بىكىتىلىپتىكەن. ئون نەچچە يىل بولۇپتۇ مانا، شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ ئۆلچەمنى بىلمەيدۇ ياكى بىلسىمۇ يېزىپ ئادەتلەنمىگەچكە كىيىن بارا بارا خوش ياقماي ، قارشى تەرەپ چۈشەنسىلا بولدىغۇ دەپ خەنچىنىڭ پىنيىنسىغا يېقىنراق قىلىپ ياكى تېخى ئۇنداقمۇ ئەمەس ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى بويچە يېزىپ كېلىۋاتقانلار نۇرغۇن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىلار ، ئالى مەلۇمات ئالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق ئىكەن. مەن ئېلخەت ئالاقىسىدە، ئاشۇنداق لاتىن يېزىقى بىلەن لېكىن ئۆزى خالىغانچە يازغانلارغا ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپيۇتىر يېزىقىدا يېزىپ ئاندىن ئاخىرىغا ' بۇ خېتىم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپيۇتىر يېزىقىدا يېزىلدى' دەپ يېزىپ ئۇيغۇر كومپيۇتىر يېزىقىنىڭ توردىكى ئۇچۇرى بولغان مۇنۇ تور ئادرىسىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ قويىۋاتىمەن.
http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm
بايام بىرەيلەنگە شۇنداق قىلسام كىيىن قايتۇرغان خېتىدە دېققەت قىلىپ توغرا ئاساسەن توغرا يېزىپتۇ، خېلى خوش بوپ قالدىم. بۇ ئۆزى كىچىك ئىش لېكىن مۇھىم ئىش . ئەڭ مۇھىمى ھېلىقى بىز توردا، ئۈندىداردا يانا باشقا سورۇنلاردا ئانا تىل توغرىلىق مۇنازىرلىشىپ كىتدىغان ئانا تىل مۇشۇ شۇ !! شۇڭا ئەڭ ئەقەللىسى زىيالى بولغان ، ئالى مەلۇمات ئالغان ئىسلى بىزلەر دېققەت قىلىپ ئانا تىلىمىزنى سۆيدىغانلىقىمىزنى ئالاھىدا رەسىم لاھىيلەپ باشقىلارغا دەپ قويۇش ئالاھىدە مۇھىم ئەمەس، پەقەت داۋاملىق ئىمكانىيەت بولسىلا، ئۆز ئارا ئالاقىدە مەيلى قايسى يېزىق بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ئۇيغۇر تىلى بولغاندىكىن توغرا يازساقلا بۇلىدۇ، بەكلا ئاسان بۇ . مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ، بىۋاستە ئاڭلىغىنىم بولسا ' بىلىمەن لېكىن ئالدىراشچىلىقتا دېققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن'، ياكى ' بۇرۇن ئاڭلىغان ياكى كۆگەن تولا ئىشلەتمىگەندىن كىيىن ئادەتتىكىدەك يېزىۋىردىكەنمەن' دەيدىغان گەپلەر .
ھازىرغىچە بەزى يېقىنراق باللارغا بىۋاستە مۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولىتى دەپ، بەزىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇپ دېگەندەك قىلىۋاتىمەن.
خۇلاسە كالام، ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى يېزىقىنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى !!!
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئاسايىشلىق بەرسۇن ، ئامىىن !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 09:59
بىزدە ئەڭ ئېغىر بولىۋاتقىنى xئارقىلىق ‹‹ش›› نى ئىپادىلەش بولىۋاتىدۇ،
ئەڭ نوپوزلۇق ئۇلىنىش بىكىتى www.ulinix.cnياكى www.ulinix.com لار مۇشۇنداق .:Q
ئەگەر ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز ، ھەممە ئۇيغۇر بىلىدىغان مۇش تور بىكەتلەرنىڭ نامىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىش كېرەك، چۇنكى بۇ بەتلەرگە كىرمەكچى بولغانلار تەبىئىي ھالدا xئارقىلىق ‹‹ش›› نى ئىپادىلەشكە ئادەتلىنىپ ماڭىدۇ-شۇ.
بۇلارنىڭ توربىكەت نامىنى ئۆزگەرتەلىشىمىز مومكىن ئەمەسقۇ دەيمەن. دىمەك ، بۇمەسىلە ھەل بولمايدۇ. مۇشۇ يىزىقنىمۇ قوللىنىلى دەپ چاقىرىق قىلساق ،كۆپ قىسىاق كۆپ قىسىم كىشىلەر يىزىق ئۆزگەرتىدىغان ئوخشايمىز دەپ خاتا چۇشىنىپ بەك قارىشلىققا ئۇچىراپ كىتىدىكەن كىشى، مەن ئىدارىدە قوش تىل دەرسى ئۆتكەندە بۇ يىزقنى خەنلەرگە ئۇيغۇر يىزقىنىڭ پىنيىنچىسى ،سىلەنىڭ خەنلەرنىڭ پىينيىنچىسى بولغاندەك ئۇيغۇر يىزىقىنىڭمۇ پىنيىنچىسى بار دەپ ئاۋال شۇنى ئۆتتۈم ،ئۇلارمۇ ئنگىلىز ھەرىپىگە ئوخشاپ كىتىدىكەن ئاسانكەن دەپ تىزلا ئۈگىنىپ كەتتى، ئاندىن رەسمى ئۇيغۇرچە ئۆتتۇم خىلى قولايلىق بولدى،بىزمۇ بۇ يىزىقنى ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ پىنيىنىنى دەپ تونۇساق باشقىلار ئاسان قۇبۇل قىلىدۇ مىنىڭچە... bilig2010 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:12 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يىزىقنىمۇ قوللىنىلى دەپ چاقىرىق قىلساق ،كۆپ قىسى ...
ماۋۇ پىكىر ئورۇنلۇقتەك تۇرىدۇ شۇنداق، تەشۋىقاتلارمۇ خېلى ياخشى بولۇپتىكەن:
http://alkux.com/article.asp?mid=240
پىنيىنچىلاپ يازىدىغانلار '' ئىچىم سىقىلىپ كەتتى'' دېگەننى قانداق يازىدىغاندۇ دەيمەن؟ newstar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 15:31 static/image/common/back.gif
پىنيىنچىلاپ يازىدىغانلار '' ئىچىم سىقىلىپ كەتتى'' دېگەن ...
Ichim siqilip ketti ›› دەپ يازسا بولىدىغۇ . سىزچە قانداق يازماقچىدى؟ bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 03:55 static/image/common/back.gif
Ichim siqilip ketti ›› دەپ يازسا بولىدىغۇ . سىزچە قانداق يازم ...
ULY نى ئىشلىتىدىغانلار ئەمەس،
پىنيىنچىلاپ يازىدىغانلارنى دېگەنتىم.
جايىدىدۇ؟ bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:54 static/image/common/back.gif
بىزدە ئەڭ ئېغىر بولىۋاتقىنى xئارقىلىق ‹‹ش›› نى ئىپادىل ...
ulinix.cn ياكى ulinix.com نى قويۇپ تۇرايلى، ئاۋال izdinix نى ئۆزگەرتىپ باقايلى.:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا _oylan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 18:08
begtash يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 16:15 static/image/common/back.gif
ulinix.cn ياكى ulinix.com نى قويۇپ تۇرايلى، ئاۋال izdinix نى ئۆزگە ...
شۇنداق ئاۋۋال ئىزدىنىشنى ئۆزگەرتىپ باقايلى.
:D :lol newstar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 15:31 static/image/common/back.gif
پىنيىنچىلاپ يازىدىغانلار '' ئىچىم سىقىلىپ كەتتى'' دېگەن ...
قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ مەن سىزنى سۆيىمەن دىدى، دىگەننى پىنيىنچىلاپ يېزىشقا ئوخشاش كۈلكىلىك مەنا چىقىدۇ شۇ...
يەنە ئەتراپنى تۈتەك قاپلاپ كەتتى، ھاياسىز ئەر ئەر ئەمەس، ئۇلۇق داھى پالانى... دىگەنلەرنىمۇ پىنيىنچىدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرمەي بولمايدۇ. ياخشى پىكىرلەر چۈشۈۋېتىپتۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى تەشۋىقاتقا بەك كۈچەش كېرەك. تەشۋىقات نۇقۇل تور يۈزىدىلا قالسا بولمايدۇ.
بەت:
[1]