dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 20:57:24

قۇربانلىق قىلغان پازىلكام

قۇربانلىق قىلغان پازىلكام
ھېكايە

بىزنىڭ بۇ كەنتىدە پازىل مايلاش دىسە كىمۇ تۇنىمۇسۇن دەيسىز .بىرىنىڭ بالىسىنىڭ ئويۇنچۇق ۋېلىسپىتىدىن تارتىپ نەچچە ئون تونلىق ماشىنىسىغىچە،ئۆيىدىكى گال قايچىدىن تارتىپ يىڭىدىن سېتىۋالغان پىكاۋىگىچە ھەممىنى رېمۇنىت قىلالايدىغان بۇئادەمنى يىراق يېقىندىن ئىزدەپ كېلىدىغانلار ناھايىتى نۇرغۇن ئىكەنلىگىنى  ھەممىمىز بىلىمىز .سىز ئۇنىڭ دۇكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسىڭىز قاتار تىزىلىپ  رىمۇنۇت ساقلاپ كەتكەن   ئېشەك ھارۋىسىدىن تارتىپ ئۇزۇن مەپىگىچە ،ۋېلىسپىت ،قول ھارۋىسىدىن تارتىپ ،تېراكتۇرلارنىڭ كوزۇپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ  كونايىڭى ماشىنىلارنىڭ تۇشۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرىسىز .ھەرنىمە بولسە پازىلكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى ئۇ ھۆددىگە ئېلىۋالغان نەچچەمو كىلىدىغان  كەنتە بېغى ئىدى ،ئۇيەردە پازىلكام ،تۆت بالىسى بىلەن ئۈچ شاگىرتىنى باشلاپ  سەھەر بامداتتىن يېنىپلا ئىشقا چۈسۈپ كەتسە تاماق يىيىش ،تەرەت قىلىش ،ناماز ئوقۇشتىن بېلەك ئارامسىز ئىشلەپ كەچ ئون دىن ئاشقاندا ئاندىن مايلاشقان يۈز كۆزلىرىنى قول ياكى كەنتىنىڭ قۇرت يىمىسۇن دەپ مايلاپ قويغان قاراسەگۈسىلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان قوللىرىنى بىربىرىگە ،كىيىملىرىگە سۈرتۈسۈپ يۇيپ تازىلىغاچ بىرە ئېغىزدىن چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ ، پاكپاكىزە بۇلۇشۇپ پاكىزە كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئىشتىن چۈشەتتى . قۇرسىقى ئاچقانلىرى شىرىن ئاچىمىز دىن ئۇنى بۇنى سوراپ يەپ قورسىقىنى توقلايتتى . شىرىن ئاچىمىزنىڭ يېنىدىن مۇراببا ،ھەرخىل گۈلقەنت ،يۇمشاق نان كاكچىلار ،گىردە توقاچلار ،پىششىق گۆش سامسىلار ھەردائىم تېپىلاتتى .بۇياردە  شۇنچە كەچكىچە ئىشلەپمۇ بۇلارنىڭ ئازرااقمۇ ھارمايدىغىنىغا ،ۋايسىمايدىغانىغا پازىلكامنىڭ ئۇلارغا پۇلنى كۆپ بىرىدىغىنىلا ئەمەس بەلكى بۇئادەمنىڭ قىزىق قىزىق گەپلىرى ،تارىخ ،مەدىنىيەت ،ئىجتىمائى ئىشلار ،سىياسى مەسىلىلارنى  بۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان يېزا بالىلىرى چۈشۈنىدىغان قىلىپ دەپ بىرىشى ئۇلارنى ئىشلەپ تۇرۇپلا ھاردۇقىنى چىقىراتتى .ئەگەربىرسى ئۇنىڭ دىن :ئۇستام نىمىشقا ئاۋۇ ئامىرىكا ئېراققا ھوجۇم قىلغاندەك ئېرانغىمۇ ھۇجۇم قىلمايدۇ ؟دەپ سورىسا .ئو ئادەم :ئەخمەق سادامىخۇن تاماكىسى قىڭغىر چىشلەپ ئاسمانغا ئوق ئاتقىنى بىلەن ئاۋۇ نىجاد ئەخمەدى دىگىنى يېقىن كەلسەڭ مەندىمۇ مۇندىغى بار دەپ ئالقىنىغا بىرنىمى قىستۇرۇپ چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتىمىنى پولاڭلىتىپ چىرايىنى بىرسىنى مەنسىتمەي قاراۋاتقاندەك قىلىپ چوڭ رىمۇنۇت زالىنىڭ ئىچىدە بۇينىنى تولغاپ بىرئايلىنىپ نىمە ماۋۇ دەپ ھەممىگە دېۋەيلەپ قىزىق ھەركەتلەرنى قىلىپ چىقاتتى ئۇنىڭ بۇقېلىقىنى كۆرگەن كىشى تېلىقىپ كۈلمەي قالمايتتى .لىكىن بۇنداق تىنىچ خوشال كۈنلەر نى بىرقىتىملىق قۇربانلىق داۋالغۇتىۋەتتى .
      بۇيەردىگەن رېمۇنىتخىنا بولغاندىكىن ماشىنىلاردىن كونا ئاپتۇل دىگەن چىقىپ تۇرىدۇ ،يەنە سايمان يۇغاندىكى پاسكىنا مايلارمۇكۈندە دېگۈدەك بار .ئىلگىرى بۇنداق مايلارنى كەنتە سېكىلتارى ،كەنتىنىڭ باشقا كادىرلىرى، كەنتىدىكى ئۆتكەن كەچكەنلەر ئىلىپ كىتىپ دەلدەرەخلىرىنى مايلاش ،قىشلىقى قالاش ،كۆمۈركومىلاچ قۇيۇش ئىشلىرىغائىشلىتەتتى .لىكىن يېقىننىڭ ياقى بۇ مايلارنى ئۇنداق ئۇدۇللۇق ئېلىپ كېتىدىغانلار ئازلاپ قالدى ، چۈنكى كەنتىگە تەبىئى گاز كەلدى .دەل –دەرەخەرنى يىڭى بولغان سېكىلتاركىسىپ سېتىپ  قۇرت يىمەيدىغان يىڭى سورتلۇق دەرەخلارنى كەلتۈرۈپ تىكتى. شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئايدا پازىلكام ئۆزى ئوننەچچە يىل ئىشلەپ ئىشتىن قالدۇرۇلغان تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ رېمۇنىتخانىسىدىن ئۇنىڭغا بەرگەن يۈزئەللىك  كىلولۇق ماي باكلىرىدىن ئوننەچچە ماي باكى لىق توشۇپ قالغان ئىدى .بۇمايلارنى بىركىم ئېلىپ كەتمىگەنلىرىنى سېتىۋالىدىغان مېڭ ئوقۇر  ئىسىملىك بىرخەنزۇ بارئىدى .ئۇ پازىلكامنىڭ نەچچە يىللىق خىزمەتدېشى ئىدى پازىلكام ئۇنى مېڭ ئۇستام دەيتتى .ئۇخەنزۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق راۋان ،يەرلىك تەلەپپۇزى بىلەن سۆزلەيتتى . پازىلكام ئۇنىڭ لەقىمنىڭ مېڭ ئوقۇر لىغىنى مېڭ ئۇستام  شوپۇرلۇق قىلىدىغان چاغلاردا ئىدارىدىن بېسىپ بەرگەن يۈكنىڭ ئۈستىگە نەچچە يۈز ئوقۇرنى بېسىپ مېڭىپ ،يولدا چۈشۈرۈپ قويغان،بۇزۇپ قويغان  ئوقۇرلارنى تۆلەيمەن دەپ بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىككە قالغاچقا ئۇنڭغا ئوقۇر لەقىمى قويۇلۇپ قالغىنىن  سۆزلەپ بەرگەن ئىدى .  بۇقېتىم مىڭ ئۇستام بۇمايلارنى  كۆرۈپ «ھە مايلاش ئۇكام نىمانچە جېق مايلار بۇ ،سېكىتار ئالمىدىما ،ياراتماپتۇ دە ئىمىن سېكىلەكنىڭ ئۇستىسى دەپ ».دەپ چاقچاق قىلىپ قويدى ھەم بىرسى جىتتى لازىم دەپ يۇقىرى باھا قويغان دەپ بۇرۇنقىدىن نەچچە موچەن  قىممەت سېتىۋېلىپ كەتتى شۇنىڭ بىەن پازىلكامنىڭ يېنىدا  كونا تۆمۈر ساتقان پۇل بىلەن نەچچە مىڭ سوم ئارتۇق  پۇل بۇلۇپ قالدى .ئۇبۇپۇلنى قانداق بۆلۈشۈشنى ئەمەس قانداق قىلىپ ئەھمىيەتلىكرەك ئىشلىتىشنى ئويلاپ قالدى .ئۇ شۇنىڭ بىلەن بۇماينى كەنتىدىكىلەر بىكارغا ئېلىپ كېتىپ ئىشلىتەتتى ،بۇيەردىكىلەر مىنىڭ بەك ھۆرمەت قىلىدۇ .بۇ پۇلغا كالا ياكې تۆگە سېتىۋېلىپ قالغىنىنى يېنىمدىن چىقىرىپ مەنمۇ بىر مايلاش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ باقاي دەپ پىلان تۈزدى .ھەم ئۆيىنىڭ كەينىكى ئىككى مو كىلىدىغان تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا سېتىۋېلىپ چىۋەرلىتىۋالغان يېرىگە مەشرەپ پېروگراممىسىدىدەك قىلىپ سەھنىمۇ ھازىرلىغان بولدى . كىيىن بۇ سەھنىنى ئالى مەكتەپ تۈگۈتۈپ كىلىپ تىرىق بىر يېزىغا ئۆتۈپ قالغاچقا يېراققا كەتسەم ئاتا –ئانامنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قىلالمىغۇدەكمەن بەرىبىر داداممۇ پۇل بەرگەندىكىن دادامغىلا ئىشلەي دەپ شىركەت رېمۇنىت خانىسىدا  گازلىق كەپشەر ئۇستىسى ئايسەم ياڭچىڭ   دىگەن ئايالدىن ئۈگىنىۋالغان  كونا ھۆنىرى بولغان كەپشەرچىلىكنى پازىلكام نىڭ رېمۇنىتخانىسىدىلا قىلىپ پازىلكامنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتكەن چوڭ ئوغلى دادا بۇنداق داۋراڭ سالمايلا گۆشنى ،ئۇن گۈرۈچ بىلەن كەنتىمىزدىكى ھاجەتمەنلەرگە تارقىتىپ بىرەيلى .دېگىنى بويىچە ئۈچ كالا ،ئۇن ،ياغ ،گۈرۈچ  كەنتىدىكى ھەم قوشنا كەنتىدىكى پىقىر –مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بەردى .دەال مۇشۇ ئىش پازىلكامنىڭ تىچلىقى ،ئاۋاتلىقىنى بۇزىۋەتتى .
ئەسلىدە پازىلكامنىڭ مەشرەپ ئۆتكۈزمەكچى بولغىنىنى ئاڭلىغان ياش سېكىلتار پازىلكامغا بىزسىزنى ھەم سىزگە ئوخشاش كارخانىچىلارنى قوللايمىز دەپ مەشرەپكە ئۆزى يىگىتبېشى،ساقچى مۇدىر پاششاپ،ازىكام مەشرەپ بېگى ،كەنتە راىدىئو چىسى مىرشەپ بۇلىدىغانلىقىنى، مەشرەپنى ئاينىڭ 28-كۈنى ئىلىپ بېرىشنى  ئۇنىڭغا جاكارلاپ ،يېزىغا بېرىپ كەنتىمىزدە مەن باشچىلىق قىلىپ ئاساسلىق مەشرەپ ئېلىپ بارىمىز دەپ يېزا رەھبەرلىرىنى تەكلىپ ئېتىپ قويۇپ ،مۇخبىرنىمۇ تەق قىلىپ قويغان ئىدى .ئۇدىيىشكىنى بۇيىچە تەكلىپ ئەتكەن كىشىلىرىنى باشلاپ كەلگەندە بولسا پازىلكام يەنىلا رېمۇنىتخانىسىدا نەمەشرەپ نە نەغمە ناۋا بولسۇن،يېزا رەھبەرلىرىدىن تاپا –تەنە ئاڭلىۋېلاۋالغان ئىدى .بۇلۇپمۇيېزا سېكىلتارىنىڭ «سىزبىر مۇۋەققەت سېكىلتار ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ چالامدۇ ،قاملاشمىغان» دېگنى ئۇنىڭ كۆزئالدىنى قاراڭغۇ قىلىۋەتتى .ئۇئىشخانىسىدا كەچكىچە ئۇلتۇرۇپ چەككىلى تاماكىسى قالمىغاندىلا قولىدىكى كىتاپنى تەسلىكتە ھېجىلاپ ئوقۇپ باقتى .ئۇنىڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئىشەنسە بولمايدۇ .دىگگن گگپ ئۇنىڭ مىڭىسىنى سەگىتىپ قويدى ئچۈنكى پازىل مايلاش بولسا 80-يىللاردا شىركەتكەكىرىپ ئىشلەپ 90-يىللاغىچە نەچچە قېتىم نەمۇنىچى ،ئىلغار ئىشلەپ چىقارغۇچى بۇلۇپ پارتىيىلىك بۇلۇپ قالغان پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى. ئۇكەنتىدىمۇ نەچچە قېتىم ئىلغار پارتىيە ئەزاسى ،يېزا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان كىشى ئىدى . دىمەك بىر پارتىيە ئەزاسى يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ،مۇخپىر لارنىڭ ئالدىدا مەشرەپ قىلمايلى دەپ قۇربانلىق قىلىپ تارقىتىۋەتتىم دېگنى ئۇنىڭ دىنغا ئىشەنگىنى پارتىيە ئوبرازىغا داغ كەلتۈرگىنى ئىدى .ئوشۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات كادىرى قاسىم كاس كاس نى تېلىفۇن قىلىپ چاقىرتىپ پازىلكامنىڭ ئۆزىنى زاڭلىق قىلىپ ئىزاغا قويغان ئىشلىرىدىن داتلاپ بەردى ھەم :بىر پارتىيە ئەزاسى ھە قۇربانلىق قىلدىم دىسە قانداق بۇلىدۇ يەكېلىپ شۇنچە رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا ،مەن بۇسېكىلتارلىقىنى قانداق قىلىمەن سەن قان قىلىپ كەنتە مۇدىرى بولالايسەن  ھە دەپ .قولىدىكى ھاراقنى خوشە دەپلا كۆتۈرۋەتتى .بۇنىڭدىن قاسىم كاس كاس بىرنىمىنى چۈشەندى ھەم مەن سىلىنى ئۇنداق يەرگە قاراتقان مايلاشنى ،قاراپ تۇرسىلا .دەپ ئاخىرقى يېرىم رومكا ھاراقنى ئىچىۋېتىپ سېكىلتارنى پازىلكام رىمۇنىت قىلىپ بىرىپ سەندېگەن ئوغلۇنىڭ اۋاىى دوپ بىر پۇڭ ئالمىغان  كونا شالىيسىغا سېلىپ  ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى ئېلىپ كەتتى .شۇنىڭ پازىلكام پاتىيە ئەزاسى تۇرۇپ  دىنغا ئىشەنگەن،مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلمىغان ،ئۆزئالدىغا كىشىلەرنى ئۇن ماي بىلەن تەمىنلىگەن دېگندەپ گەپلەر بىلەن كەنتىدە سوتلىنىپ ،ئۇ ئاچچىغا پايلىماي دەپ سالغان بەزى گەپلىرىگە يېزا ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلۈپ ،ئەزەلدىن ئۇچۇق-يۇرۇق،كەڭ قول ياشاپ كەلگەن بۇ كىشى قايسى تۇل ئايال ،قايسى قېرى بوۋايغا بەرگەن مايلىرى مەلۇم مەقسەتلىك بىرىلگەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن جىنايەتچى چىققان شۇڭا بەرگەن دىيىلىپ  ،كەنتە كادىرلىرىغا بەرگەن مايلىرى پارە بۇلۇپ پازىلكامنىڭ تاتۇر ماشىنىنىڭ  قوش چاقى بېسىۋالغاندىمۇ ھېچنىمە قىلالمىغان بەستىنى خېلىلا ئىگىپ 60 تىن ئاشقانلىقىنى ئۆزىگىمۇ بالىلىرىغىمۇ بىلدۈرۈپ قويدى .ئۇ بۇ كىلىشمەسلىكتىن چوڭ ئوغلىنىڭ شەھەردە دادىسىمۇ ئۆزىمۇ  چوڭلا كادىر بولغان ئاغىنىسىنىڭ :ئاداش دادالىنىڭ مەشرىپىنى شەھەر باشلىقىمۇ كۆرمەكچىكەنمىش ،ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىپ خۇدا يولىدا سەدىقە قىلدىم دىگىنى تازا قېرىغاندا ئالجىغىنى بۇلۇپتۇ .دىگىنىگە شۇنداق ئاداش دادام ماينىڭ ئارىسىدا جېق يۈرۈپ مىڭىسىدىن كەتكەن دەپ ،ئۇئاغىنىسىگە كەنتىنىڭ يول بويىدىن كىچىك ئىنىسىغا يىڭى ئۆي  سالغىلى ئېىلىپ قويغان يىرىنىڭ يېرىمىنى ئاغىنىدارچىلىق قىلىپ ئەرزانراق سېتىپ بىرىپ ئارانلا قۇتۇلىۋالدى .  لىكى پازىلكام شۇنىڭدىن بېرى رېمۇنىتخانىغا چىقمىدى .تالا تۈزىگۈمۇ ئامچە چىقمىدى كىيىن ئاڭلىسام بالىلىرى قېرىغاندا راھەت كۆر دەپ شەھەردىىن بىنە ئۆي سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ قويۇپتۇ رېمۇنىتخانىمۇ ھازىر چوڭلا بىر شىركەت بۇلۇپ قۇرۇلدى .ئۇنىڭدا ھېكىقى سېكىلتارنىڭ قىزى كاسسىر لىق قىلىۋاتىدۇ ،قاسىم كاس كاس نىڭ بىرمىيىپ ئوغلى ئىشك باقىدۇ . ھەممە ئىشلار يۈرۈشكەندەك قىلاتتى قايسى بىر كۈنى پازىلكامنى شەھەردى مەيداندا شىرىنخان ئاچام بىلەن ھاساتايىنىپ كىتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارغاقاراپ مەستلىكىم كىلىپ قالدى .  
مەنبەسى :ئۆزۈم بۇنى شەھرىمىزدە رېمۇنىتخانىدىن چىققان كېرەكسىز كونا ماي ساتقانلىق سەۋەپلىك تەكشۈرۈلگەن بىر كادىر بار ئىدى .شۇنىڭ ئىشلىرىنى يېزىپ باقتىم .

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 10:08:45

ما گەپ سۆزلىرى باغلاشمىغان، ئىملاسى ۋەھشى خاتا بايان جۈلمىسىنى غايەت زور چىدام غەيرەت بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم.
ئىسىت ياشلىغىم

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 10:13:51

گەرچە زىلتارنىڭ دىگەنلىرى بەرھەق بولسىمۇ، چىداپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوبدانلا بىر ھېكايە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولدىكەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 11:04:37

ئوبدان ئوقى داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما
ئوبدان ئوقى، داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 12:54:05

  خاتا ئىملالار راس كۆپكەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىۋالاي .:L

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 12:59:05

ziltar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 11:04 static/image/common/back.gif
ئوبدان ئوقى داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما
ئوبدان ئوقى، د ...

توغرا دەيلا دادىلىرىنىڭ نەسېھېتىنى ئەستە ساقلىسىلىرى ئۇدۇنيا بۇدۇنيا ساۋاپ ئالىلا ئاۋازلىرى زىل ،چالغان تارىلىرى ياڭراق بولغاي.ئامىن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 13:41:29

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 12:59 static/image/common/back.gif
توغرا دەيلا دادىلىرىنىڭ نەسېھېتىنى ئەستە ساقلىسىلىر ...

مۇشۇ جۈملىنى بولسىمۇ پەش-چېكىتلىرى جايىدا يازسىڭىز بوممامدا؟:lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 16:14:37

ھېكايىغۇ يامان ئەمەس چىقىپتۇ.
مەنچە بولسا، ھېكايىنىڭ ئاخىرى پەسكەش كۈچلەرنىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە بولارمىدىكىن دەيمەن...
مەسىلەن: سېكىرتارنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولسا، ئوغلى قىمار ئويناپ بولامدۇ، قاپاق تارتىپ بولامدۇ ئىشقىلىپ بىر يامان ئىش قىلىپ، دادىسىنى قاقسەنەم قىلىۋەتسە، دادىسى قىلغانلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ، ياقا چىشلىسە.
ئاندىن ئا قاسىم كاس كاس دېگەننى ئەسكىدىن بىرسى تازا سېلىپ چىشىنى چېقىۋەتسە، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قوتۇر بېسىپ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىپ يۈرىدىغان ، كاۋ كاۋدىن بۆلەك گەپ دېيەلمەيدىغان بىر گاچىغا ئايلىنىپ قالسا دېگەندەك....
مۇشۇنداق بولسا كىشىگە بىرخىل ئىبرەت تۇيغۇسى بېرەلەيتتى.
خۇددى ئامېرىكا كىنولىرىدا رەزەل كۈچلەر بىر مەزگىل ئىشتىنىغا پاتماي قالسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بېشىنى يەيدۇ، بۇ خىل كىنولار ئادەمنى خېلى پۇخادىن چىقىرىدۇ.
يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ كىنولىرى زىغا بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ، كۆرگەندىن كېيىن ئادەمنىڭ بىرخىل ئىچى ئاچچىق بوپ قايتا كۆرگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

_oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 18:11:34

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 16:14 static/image/common/back.gif
ھېكايىغۇ يامان ئەمەس چىقىپتۇ.
مەنچە بولسا، ھېكايىنىڭ ئ ...

ھىندىستاننىڭ كىنوسدەك ئاخرلاشسا دىمەكچىما؟:)

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 21:19:58

_oylan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 18:11 static/image/common/back.gif
ھىندىستاننىڭ كىنوسدەك ئاخرلاشسا دىمەكچىما؟

:lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 17:52:52

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 16:14 static/image/common/back.gif
ھېكايىغۇ يامان ئەمەس چىقىپتۇ.
مەنچە بولسا، ھېكايىنىڭ ئ ...

بۇنىڭدىكى ماي سېتىش ۋەقەسى راس بولغان ئىش ئىدى ،ئاخىرىمۇ شۇنداقراق ئاخىرلاشقان .بەزى يەرلىرىنى قوشۇپ قويدۇم .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 17:54:31

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 13:41 static/image/common/back.gif
مۇشۇ جۈملىنى بولسىمۇ پەش-چېكىتلىرى جايىدا يازسىڭىز ب ...

  ئۇيغۇرنىڭ مۇنبىرىگە ئۇيغۇرچە نام بىلەن كىرەلمەمسىز .ياكى سىز ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:50:03

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 17:54 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرنىڭ مۇنبىرىگە ئۇيغۇرچە نام بىلەن كىرەلمەمسىز  ...

بۇ بالا مىللەتنىڭ دۈشمىنىكەن ياكى ناساراكەن دەپ تارقىتىۋەتمەڭ ھە، تور يامان بەك خەتەرلىك بولاپ كېتىپ بارىدۇ يېقىندىن بېرى:dizzy: :lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 19:04:52

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 18:50 static/image/common/back.gif
بۇ بالا مىللەتنىڭ دۈشمىنىكەن ياكى ناساراكەن دەپ تارق ...

     مەن بىر ساپ ئۇيغۇر، قاراڭ توردىكى ئىسمىممۇ  ئۇيغۇرچە، سىز ناسارا ياكى يەھۇدىي بولسېڭىز ، شۇلارنىڭ مۇنبىرىگە خەيرى -خوش.لىكىن ئىسمىڭىزغۇ شۇلارنىڭ پۇشتىدىنكەن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 06:25:21

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 19:04 static/image/common/back.gif
مەن بىر ساپ ئۇيغۇر، قاراڭ توردىكى ئىسمىممۇ  ئۇيغۇر ...

سىزدىن خوش بولاي، بىر ئۈستەل مېھمان قىلساممۇ قىلاي، مېنى مۇشۇ مۇنبەردىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسىڭىز، مەن بۇ يەردە جىقلا بالىلار بىلەن ئاداش بوپ قالغانتىم، چىدىمايمە:'(
ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تور ئىسمىم بىلەن گۇدلاك فور يۇ دەپ جۈملە تۈزگىلى بولىدۇ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 20:29:40

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 06:25 static/image/common/back.gif
سىزدىن خوش بولاي، بىر ئۈستەل مېھمان قىلساممۇ قىلاي، م ...

      قارىغاندا بىرقانچە  ئارغۇنلارنىڭ ئارغۇنىنىڭ نايناق قىزى ئوخشايسىز.چىقىرىۋەتمە دىسىڭىز، تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ بېقىڭ مۇنبەر باشقۇرغىچىغا سىز بەك جېق  مىللەتلىك بولغاچقا ، مىللەتلەر ئىناقلىقىنى دەپ  بولسىمۇ سىزنى ساقلاپ قالسا بەلكىم بولار .  
    مىنىڭ ئىسمىم بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە ،يەھودىي ياكى ناساراچە ئەمەس،بۇئىسم بىلەن  ساپ ئۇيغۇرچە نۇرغۇن جۈملىلەرنى تۈزگىلى بۇلىدۇ .مەسىلەن:دىللانى پاكلىغۇچى كىتاب .دىللانى سۈيۈندۈرۈدىغان ئۇيغۇر قىزى .دىللانى  ھۆرمەتكە قوزغايدىغان  ئۇيغۇر يىگىتى .دىللانى قايىل قىلدىغان ھېكمەت دېگەندەك .ئەمدى سىزدەك ساپ ئۇيغۇر بولمىغان ھەتتا ئارغۇنمۇ ئەمەس بەلكى بىرقانچە ئېرقى مىللەتلەرنىڭ ئارلاشمىسى بولمىشلەربىلەن ئانا تىلىمنى بولغىمايمەن .ئامان بۇلۇڭ .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 23:15:24

مۇئەللىمنىڭ جىقلىقىدا ساۋاتسىز بوپ كېتەيلا دەپ قالدۇق.
باشقۇرغۇچىنىڭ جىقلىقىدا ئاڭسىز بوپ كېتەيلا دەپ قالدۇق.{:87:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 08:13:52

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 20:29 static/image/common/back.gif
قارىغاندا بىرقانچە  ئارغۇنلارنىڭ ئارغۇنىنىڭ ناين ...

سىز بەك يۇمۇرىسىتىككەنسىز قېرىندىشىم:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 08:19:57

گۇدلاك ناسارامىكەن؟  يېڭى خەۋەر، ئىزدىنىشتا بىر ناسارا بايقالدى. دەرھال تارقىتىڭلا ئۈندىداردا :lol    تارقاتقانلارغا سوۋغات بار.   {:87:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 08:25:10

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 08:19 static/image/common/back.gif
گۇدلاك ناسارامىكەن؟  يېڭى خەۋەر، ئىزدىنىشتا بىر ناسار ...

ئۇيغۇر بولسىڭىز دەرھال تارقىتىڭ دەڭلا:lol
بەت: [1] 2
: قۇربانلىق قىلغان پازىلكام