abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 17:08:16

غاز قانچە؟

تېپىشماق كەتتى ھە.
بىر پاقا ئاسماندىكى بىر توپ غازغا قاراپ "ھەي يۈز غاز!  مېنىمۇ بارىدىغان جايىڭلارغا ئالغاچ كەتسەڭلارچۇ!  " دەپتۇ،  غازلار بولسا " ھەي پاقا!  بىز يۈز ئەمەس،  بىزگە بىزدەكنى،  ئۇنىڭغا يېرىمىمىزدەكنى،  ئۇنىڭغا يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىدەكنى قوشۇپ،  سېنى قوشساق ئاندىن يۈز بولىمىز " دەپتۇ،  ئۇنداقتا ئاسماندىكى غاز قانچە؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:31:05

36

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:36:58

كونا تېپىشماقلارغۇ بۇ ... توخۇ توشقان 48 ، پۇت قوللىرى 108  ، توشقان قانچە توخۇ قانچە ؟ دەيدىغانلىرىمۇ بارتى ...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:54:43

36+36+18+9+1=100

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:55:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Faith تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 19:00  

X+X+1/2X+1/4X+1=100

بۇ باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى سىنىپىدىكى ئوقۇچىلارنىڭ سوئالى بولسا بولغۇدەك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:01:49

ئادەمنى بىر خۇماردىن چىقارغۇدەك سۇئالىڭلار يوقمۇ؟{:92:}

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:10:28

ئۈندىداردا پارۇل ئەپەندىمنىڭ بىر تېپىشماقلىرى بولدىغانتىغۇ يامان ھەجىۋى...
توخۇ توشقان 48 ، پۇت قوللىرى 108 ئېيتىڭلارچۇ ھازىر توخونىڭ كىلوسى قانچە دەيدىغان...:lol:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:30:51

مېنىڭكىنى تېپىڭلار ئەمسە:
---ئۈچ يېرىم مىكيان ،ئۈچ يېرىم كۈندە، ئۈچ يېرىم  تۇخۇم تۇغسا ئالتە مىكيان ئۈچ كۈندە قانچە تۇخۇم تۇغۇدۇ؟

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:39:57

Faith يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 18:55 static/image/common/back.gif
X+X+1/2X+1/4X+1=100

بۇ باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى سىنىپىدىكى ئوقۇچى ...

مۇشۇ ئىپادىسىنى تۈزەلىگەندىن باشقىسى بىكار

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:52:16

ھاۋادە بىر مۇنچە غازلار ئۇچۇپ بارۇپ تۇرۇپ ئىردى، يەردە بىر چولاق غاز بار ئىردى، مەزكۇر چولاق غاز دىدىكى: ئاي ئۇچۇپ بارغان يۈز غازلار، قايدا بارۇرسىزلەر دىدى. مۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دىدىكى: بىزلەر يۈز غاز ئىمەس.
يەنە بىزنىڭ بىرلە بەرابەر بولسا،
يەنە بىزنىڭ يارتىمىزدىك بولسا،
يەنە يارتىمىزنىڭ يارتىسىچە بولسا،
سىنىڭ بىرلە يۈز بولامىز دىدىلەر.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:52:52

        بىر كىشى يۈز تىيىنغا جانۋار ئالىپ، غازنى بەش تىيىندىن ئالىپدۇر، پاختەكنى ئۈچ تىيىندىن ئالىپدۇر، قۇشقاچنىڭ يىگىرمەسىنى بىر تىيىندىن ئالىپدۇر، تىيىن ھەم يۈز، جانۋار ھەم يۈز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:54:08

1870-يىللاردا پانتوسۇۋ قەلەمگە ئالغانىكەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 20:06:31

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 19:52 static/image/common/back.gif
بىر كىشى يۈز تىيىنغا جانۋار ئالىپ، غازنى بەش تىيىندىن ...

دەۋىتەيمۇ يا....:lol  

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:11:29

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 19:01 static/image/common/back.gif
ئادەمنى بىر خۇماردىن چىقارغۇدەك سۇئالىڭلار يوقمۇ؟

بار قېرىندىشىم،  يىغىندىسى ئوتتۇز چىقىدىغان،  مۇسبەت ھەقىقى تاق سانلار ئىچىدىن توققۇز دانە پۈتۈن ساننى ئېيتىپ بەرسىڭىز يۈز سوم مۇكاپاتى  بار،  سىز قانغۇدەك ھېسابلاپ،  مەن قانغۇدەك جاۋاپنى بەرسىڭىز،  يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە مۇكاپاتنى سىزگە يەتكۈزىمەن.  

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:16:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 00:01  

abdul915 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 23:11 static/image/common/back.gif
بار قېرىندىشىم،  يىغىندىسى ئوتتۇز چىقىدىغان،  مۇسبەت  ...

سۇئالىڭىز مۈجمەل بۇلۇپ قالدى. يىغىندىسى ئوتتۇز چىقىدىغان مۇسبەت تاق ساندىن تۇققۇزنى؟ يەنىمۇ ئىنىقراق دىسىڭىز بوپتىكەن.سىز مۇشۇ تۇققۇز ساننىڭ يىغىندىسى 30 بولىدۇ دىمەكچىمۇ؟ تۇققۇز تاق ساننىڭ يىغىندىسى يەنىلا تاق سان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يىغىندىسى 30 چىقىدىغان تۇققۇز تاق سان چىقمايدۇ. مەنپى بولمىغان دىگەن بولسا 0 نى قۇشۇۋالساق بولىدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن 0 جۈپ سان ھىساپلىنىدۇ. ئاۋۇ شەرتكە چۈشمەيدىكەن. يىغىندىسى 30 چىقىدىغان مۇسبەت تاق سانلار گۇرۇپپىسىدىن تەكرارلانمايدىغانلېرىدىن يەتتە جۈپ، 14 سان بار. مەسلەن 21+9، 11+19 ، 13+17 ، 7+23 ،5+25، 27+3 ، 29+1 دىگەندەك...لېكىن تۇققۇزساننى ئۈچ گۇرۇپپا قىلىپ ئۈچتىن قوشساق ئۈچ تاق ساننىڭ يىغىندىسى يەنىلا تاق سان بولۇپ قالىدۇ. سۇئالنى مۈجمەل ھېس قىلدىم...

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:01:53

2x+x/2+x/4+1=100
ماۋۇ تەڭلىمىنىغۇ شۇ زامان تۈزەلىدىم. ئەمما يىشىشكە كەلگەندە دەسلەپتە خاتا قىلىپ، 5مىنۇت باش قاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يىشەلىدىم:L
بىرنى ئوڭغا يۆتكىۋىتىپ، ئىككى تەرەپكە تەڭ 4 نى كۆپەيتىپ دېگەندەك ئۇسۇلدا يەشتىمغۇ؟ مۇشۇنداق يىشىتۇققۇ ھە باللا؟:o
x=36

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:04:31

Muzepper يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 00:01 static/image/common/back.gif
2x+x/2+x/4+1=100
ماۋۇ تەڭلىمىنىغۇ شۇ زامان تۈزەلىدىم. ئەمما يى ...

نەق توغرا...شۇنداق يىشىمىز شۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:34:50

ئىككى بېشى، تۆت قانىتى، تۆت پۇتى بار، ئۇنېمە؟
ما تېپىشماق ماڭا يارىدى.:)

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 03:26:41

مۇشۇنىڭغىمۇ كۇچ سەرىپ قىلىپ ، كاللاڭلارنى ئاۋارە قىلىپ ھېساپلاپ كەتتىڭلىما ؟ بۇ غاز، پاقىلار گەپ قىلالايدىكەنغۇ
بېرىپ ئۆزدىن سوراپ كەلمەمسىلە :o

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 07:36:12

تۈززۈك بىر نېمە يوللاڭلا باللا، تەيپىنەمدە قالغان بىرمىنى سۆرەپ كەممەي.
بەت: [1] 2
: غاز قانچە؟