marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 15:10:26

بۆرە توتىمىدىن ئويلانغانلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 15:17  

بۆرە توتىمىدىن ئويلانغانلىرىم
(مارجان)



ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم :


ھونلارنىڭ ئەجدادى (توتىم-نەقىل كەلتۇگۈچىدىن)بۆرىگە ئوخشايتى........................................
تۈرۈك- موڭغۇل مىللەتلىرىنىڭ قەدىمقى ئەپسانىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەجدادىنىڭ بۆرە ئىكەنلىلىكى ھەممىمىزگەمەلۇم ، "موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى " دىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا ، مۇڭغۇللارنىڭ ئىلاھى ئەجدادى كۆك بۆرە ؛ "ئوغۇزخان رىۋايىتى"بۇيىچە تۈرۈكلەرنىڭ ئىلاھى ئەجدادى "چاراقلاپ تۇرغان نۇر ئىچىدىن مېڭىپ چىققان ، تۈكلىرى يالى كۈل رەڭ غايەت زور ئەركەك بۆرە ئىدى.
-رېنى گروسسې (فىرانسىيە):"يايالاق ئىمپىريىسى"

ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ تارىخىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ  قالماستىن،  دۇنيا تارىخىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن، ھۇنلارنىڭ ئىرقى ۋە تىلى جەھەتتە كۆپلىگەن دۇنيا ئالىملار تۇرك ئىرقى تۈرۈك تىلىغا تەۋە دەپ قارايدۇ ،ھۇن تەتقىقاتى دۇنياۋى تەتقىقاق بولۇپ ، پۇتۇن دۇنياداخېلى بۇرۇنلار تەتقىقات باشلانغان ھازىرمۇ بۇ تەتقىقات ئۆزۈلۈپ قالغىنى يوق ، ئۇيغۇر ئالىملىرى يازغان ماقالىلاردا ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ بىر قەبىلىسى ،ھۇن سۆزى قەدىمقى تۈرۈك سۆزىدىكى كۆچمەن تۈرۈكلە دىگەن مەنانى بىلدۈرۈدۇ دەپ قارىغان. بۇقاراش مۇئەييەنلەشتۇرۇلسە ھۇنلار-_ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولىدۇ .
تۈركلەر ، ئۇيغۇرلار ، موڭغۇللارنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك بۆرىنى ئۆزىنىڭ توتىمى قىلغان  ، بۇ مىللەتلەر نىمە ئۈچۈن بۆرىدەك بۇنداق ياۋايى ۋەھشى ھايۋاننى نىمە سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ توتۇمى بۇلۇشقا تاللىغان ؟ دىگەن سۇئاللارئادەمنى ئويلاندۇرۇدۇ ، ئوغۇزنامىدە بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلاپ بۆرە ماڭسا مېڭىپ ، توختىسا توختاپ ، قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلىققاچىققانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەربار، ئۇتۇر مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا تىل ئەدىبىيات  ئۇقۇتقۇچىمىز قەدىمدە بۆرە ئۇيغۇرلارنىڭ توتىمى دىگەن ئىدى ، گەرچە توتىم دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى خېلى بىرۋاقىتلارغىچە ھەقىقى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولساممۇ، شۇۋاقىتتا تۇنجى قېتىم توتۇم دىگەن ئاتالغۇ ۋە بۆرە توتۇمى دىگەن ئۇقۇم  بىلەن تۇنۇشۇم ئىدى ،  نىمىشكە ئاتا بۇۋىلىرمىز بۆرىدەك بۇ ياۋايى مەخلۇقاتنى ئۆزىگە توتۇم قىلغاندۇ دىگەن بۇ قاراش شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەندە شەكىللەنگەن بولسا كېرەك . خەنلەر بولسا غايىۋانە دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان ئەجدىرھانى ئۆزىنىڭ ئىلاھى ئەجدادى دەپ قاراپ ، بۆرىنى بولسا جەمىيەتتىكى ئەڭ ناچار ، ئەخلاقسىز ، قۇپال كىشىلەرنى ياۋايى بۆرىگە ئۆخشىتىدۇ ، مەيلى كىتاپلاردا، بولسۇن تېلۋوزۇردا بولسۇن "色狼     " يەنە بىرنىمە" 狼 "دىگەن گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز  ،تارىخقا قارايدىغان بولساق بۆرە تۇتۇمدىكى مىللەتلەر بىلەن ئوتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ئۇرۇشى مىلادىدىن بۇرۇنقى زامانلارغىچە تۇتۇشىدۇ ،  بۇ بەلكىم ئۇزاق زامانلاردىن باشلاپ بۇرە تۇتۇملۇق مىللەتلەرى تەرىپىدىن ئورۇش ئوتىدا  نەچچە ئەسىرلەپ بۇزەك ئېتىشىگە، ئايال –قىزلىرىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىگە ئۇچراپ  ئەجدىرھادەك ئاسماندا ئۇچالايدىغان يەردە ماڭالايدىغان رەقىبىگە ئوت چاچالايدىغان بىر قۇتقازغۇچىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىشى ئارزۇسىدا ،شەكىللەنگەن  تارىخى ئاڭ فورمتسىيىسى بۇلۇشى مۇمكىن  ، قەدىمدە  يايلاق مىللەتلىرى بولسا بۆرىنى ئۆزىنىڭ يېقىنى، قان قېرىندىشى قاتارىدا كۆرگەن  ، ھەتتا بۆرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ  چۇقۇنۇش دەرىجىسىگە ئاپارغان ، دۇنيانىڭ يېرىمىنى بويسۇندۇرغان چىڭگىزخانمۇ ياشلىق دەۋرىدە بۆرىنى كۈزەتكەن ، بۆرىگە چۇقۇنغان ،جەڭدە  بۆرىنىڭ توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلاش تاكتىكىسىدىن پايدىلىپ ئۇدا غەلبە قازانغان ۋە بۆرە تۇپىنىڭ تۈزۈمىنىدىن  ئۆزىنىڭ قانۇنى تۈزۈپ چىققان يەنى مەڭگۇ ئۆ قەۋمىگە سادەقەتمەن بولۇش ، بالىلارنى ئاياللارنى ئۆلتۈرمەسلىك ، جەڭدە ئارقىغا يانماسلىق ،ئەمدى بۇلارغا جاۋاپ تېپىش ئۇچۇن زادى بۆرىدە نىمە خىسلەت بار دىيىشكە توغرا كىلىدۇ .بۇنداق بولغان ئىكەن بۆرىنىڭ خىسلىتىنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك .بۆرىنىڭ خىسلىتى دىگەن كىتاپتا بۆرىنىڭ خىسلىتى ھەققىدە مۇنداق بايانلار بار:
بۆرىدە:«1. ئېگىلمەس –سۇنماس جاسارەت.چۈنكى ئۇ، كۆزى چۈشكەن ئوۋنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ . يەنى مۇۋاپىقيەت پۇرسىتى گەرچە ئوندىن بىر ئۈلۈش بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ كۆز تىككەن ئوۋغا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، نىشاندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.
2. ئۆزىگە خاس ماكان قۇرۇش ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھى .
بۆرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىدۇ . بۆرە ئۆزى ھايات كەچۈرىدىغان ماكاننى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، جەسۇرلۇق ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدۇ . رەقىبى گەرچە ئۆزىدىن كۈچلۈك بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ رەقىبىنىڭ قولىدا قىيما –چىما بولۇپ كېتىشتىن قىلچە ۋايىم يېمەيدۇ.
3.مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرمەي ئۆزى ھەل قىلىش ......بۆرە قىينچىلىققا يۇلۇققاندا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە تايانمايدۇ ، بەلكى مەردانىلىك بىلەن ئۆزى ھەل قىلىدۇ.
4.ئەيىبنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدە قويۇش ، باھانە كۆرسەتمەسلىك .
كۈچلۈكلەردە قۇرساق كۆپۈگى بولمايدۇ . ئۇلار باشقىلارغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئوچۇق – يۇرۇق ئېيتالايدۇ . شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ، باشقىلارنى سېسىتىدىغان ، چۈشۈرىدىغان ئىشلاردىن ئەسلا مۇستەسنا ياشايدۇ.
5. كۈچلۈكلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن تىرىشىش .
دۇنيا ،"بەرگەن كۈنۈڭگە شۈكۈر " دەپ ئۆتىدىغان ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ سەھنىسى ئەمەس. ھاياتلىق چىرىغىنىڭ نۇرلىرى سەرخىللارۋە غالىبلار يورۇتىدۇ. پەقەت ئادەتتىكى كىشىلەرلار كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىنىگە قانائەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا سەۋەب ئېزدەيدۇ؛ھەمىشە گويا "تارىخشۈناسلار"لاردەك ھەرقانداق نەرسىنى قالاق ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرىدۇ.ئۇلار ھەمىشە "ھازىرقى كۈنىمىز ئىلگىركىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى ، تۇرۇۋاتقان جايىمىز باشقا قالاق ، نامرات يەرلەرگە قارىغاندا مىڭ ئەلا " دېگەندەك گەپلەرگە ئامراق كىلىدۇ.
6. پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش، "بېلىق تۇتۇش"نى ئۆگۈنىش.
كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىقيەت يارىتشقا ئىنتىلىدۇ ، ئۇلار پۇسەتنىڭ ھامان ئالدىن تەييارلانغان كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. كۈچلۈكلەر ، "بېلىق تۇتۇش"نى ئۆگىنىپ ، ئۆزلىرىنىڭ كامالىتى ئۈچۈن مۈۋاپىق بوشلۇق ھاسىل قىلىشقا تەشنا كىشىلەردۇر.شۇڭا ئۇلار ئۆزھالىدىن مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. بىراق ، ئاجىزلارنىڭ ئىنتىلىدىغىنى – مۇقىم خىزمەت شارائىتى ، جان ساقلىغۇدەك تاپاۋەت ۋە ئارامخۇدا تۇرمۇش. ئەمما شۇنى بىلىش زۆرۈركى ، تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ "سەرخىللارنى تاللاپ ناچارلارنى شاللاش ۋە ماسلىشىشچانللارنى ساقلاپ قېلىش "پىرىسىپىدىن قىلچە تايانمايدۇ.»
7.بۆرە ناھايىتى ئويۇشقاق كوللىكتىپلىق روھقا ئىگە ھايۋان ، يالغۇز بۆرە چوڭراق بىرەر ئىتنى يېڭىيالمايدۇ ، لېكىن بۆرە توپى دۇنايدىكى ھەرقانداق كۈچلۈك ھايۋاننى بويسۇندۇرالايدۇ، شىر ،يولۋاس دېگەنلەر ھەرقانچە كۈچۈك بولسىمۇ بۆرە توپى ئالدىدا ئۇلارقۇيرۇقىنى غىت قىسىدۇ(مەن بەزىدە ئوغۇرخان ئۇيغۇرلار دىگەن بۇ نامنىمۇ بۆرىلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىدىن ئۆرنەك ئالغانمىكى دەپ ئويلاپ قالىمەن) .
   يۇقارقى مەزمۇنلارغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۆرىنى تۇتۇم قىلىپ تاللىغانلىغىنى ئاساسەن چۈشۈنۈپ يىتەلەيمىز . لىكىن مۇشۇنداق باتۇر ھايۋاننى ئۆزىنىڭ توتۇمى قىلىپ ، دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان قەۋىمنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان بىزلەر نىمە ئۈچۈن بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزغا ئوخشىماي قالدۇق؟ ، مەنچە ھازىر كۆپ سانلىقىمىز قويغا ئوخشاپ قالغاندەك تۇرۇمىز ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بىر خەنچە جوڭگۇدىكى مىللەتلەرنىڭ توتىمى دېگەن كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ توتىمىنى "كەپتەر" دەپ يېزىلغان ئىكەن ، بۇنى مەن ئەزەلدىن بىلمەيدىكەنمەن ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ھازىرقى تەبىئىتىمىز بەك ماس كەلگەندەك ، قۇساق تويسا ھەممە نەرسىدىن بىغەم پەرۋاز قىلىدىغان ،ئۆزىمىزنىڭ مۇقىم مەيدانىمىز يوق ،كىم دان بەرسە شۇنىڭ پەغىزىگە قونىدىغان خوش ياقسا بېقىپ تاماشا قىلىدىغان ، خوش ياقمىسا بوغۇزلاپ يېۋېتىدىغان  . شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ توتۇمى دىگەن كىتاپتا بولسا" بۇل –بۇل" دەپ ئاتاپتۇ ، بۇ مەنچە تېخىمۇ توغرىدەك بىلىنىپ كەتتى ، "بۇل –بۇل" قۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەپىزىگە سۇلانغان   نىمە دىسە شۇنى دەپ دوراپ ئىگىسىنى  خوش  قىلىۋېتىدىكەن ، مەنچىمۇ بىز دەل قەپەزدىكى ھېلىقى قۇشقا ئوخشاپ قالغاندەك  قۇساق تويسا ، كۈنىمىز ئىلگىركىدىن بەك ياخشى بوپ كەتتى ، كۆرگەن كۈنىڭگە شۈكرى قىل دەپ ........................، ئەگەر يەنە بىز يېڭى زامدان يېڭىچە بۆرە روھى بىلەن قۇراللىنىپ بىلىم –مەرىپەت ئىگەللەپ ، دۇنيا سەھنىسىدە ، جوڭگۇ زىمىنىدا چاقنىغان ئالىملار ، كارخانچىلار ، ئەدىپلەر ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە تەڭ يېتشكەن كۆپلەپ ئالىملار ، زىيالىلار توپى ھاسىل قىملاي ، بارماقتا سانىغىچىلەكلا ئالىم ئەدىپلىرىمىز بىلەن پەخرىلىنىپ كۈچۈكلەرگە يىتىشۋالمىساق بەلكىم يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن مەلۇم ئەدىپ يازغان كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ توتۇمى " *** " بوپ قېلىشىمى مۇمكىن ،ئەلبەتتە ، بىزدىمۇ ئاشۇنداق« ئېگىلمەس –سۇنماس جاسارەت» لىك يالغۇز بۆرەلەر بار ، لېكىن قانچىمىز شۇ بۆرىلەر توپىغا قوشۇلدۇق ، ئۇلارغا ئەگەشتۈك ،ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتى «مۇۋاپىقيەت پۇرسىتى گەرچە ئوندىن بىر ئۈلۈش بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ كۆز تىككەن ئوۋغا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، نىشاندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ»غان« بۆرىلەر»گە ئېھتىياجلىق ،ئەلبەتتە بۇ بۆرىلەر بېشى ، ئۆزىنىڭ توپى بولمىسا رىقابەتتە يېڭىلىپ قالىدۇ ، ئىچكىردە  90- يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ گۇاڭدوڭ قاتارلىق دېڭىز بۇيىدىكى ئۆلكىلەردە ھەر ساھەدىكى كارخانلار كەينى- كەينىدىن قۇرۇلدى ،  ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار بولسا چەتئەل كارخانلىرىنىڭ مەسھۇلاتى  بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ ، خۇددى بىر قېتملىق چوكىدەك ئوڭاي ئىشلىتىشتىن توختايدۇ لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ئاشۇ ھېچكىم كۆزگە ئىلىپ قويمىغان شىركەتلەر زورىيىپ ، دۇنياۋى شىركەتلەرگە ئايلاندى ، مەسىلەن خۇاۋېي، لىيەنشاڭ، خەيئېر قاتارلىقلار ، دەسلىۋىدە مۇشۇ شىركەتلەرمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە ئۆخشاش  ماركىدىكى خېتىدىن باشقا ھېچنەرسىى ئۆزىنىڭ ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇلار زورىيىپ ، باشقا شىركەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالالايدىغان ، ھەتتا ئامىركىدەك پەن- تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان دۆۋلەتكىمۇ خىرىس ئېپ كىلىدىغان خۇاۋېي(تېلفۇنى ئانچە ياخشى بولمىغان بىلەن دۇنيا تورساھسەدە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلىرى 40%نى ئىگەللەيدۇ )، تېڭشۇن قاتارلىق  زور پەن تېخنىكا كۇچى بار شىركەتلەرگە ئايلاندى ،ئەلبەتتە بۇلارنىڭ بۆرە توپى بىرمىليارتتىن ئارتۇق ناھايىتى زور قوشۇنغا ئىگە ، مانا مۇشۇ غايەت زور ئەگەشكۈچىلىرى بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى تەسىرىگە ئىگە «بۆرە بېشى» نى بەرپا قىلدى . ئەمدى بىزنىڭ كارخانلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق دۇنياۋى كارخانلارغا ئايلىنالامدۇ ، ئەلبەتتە بىزنىڭ پۇرسىتىمىز ئۇلارنىڭكىدىن خېلى كۆپ قارايمەن  :
ئۇيغۇرلاردا «بۆرە» گېنى تېخى ئۈزۈل –كىسىل يۇقۇغىنى يوق . تەۋرەنمەس ئىتىقاد ، ئىگىلمەس روھقا ئىگە بۆرىلەر ھېلىمۇ كۆپ سانلىقلارنى ئىگەللەيدۇ ،ئكېريەدىكى يەر تەۋرشتىن كىيىنكى ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەن كارخانچىلار ، سودىگەرلەر ، ئۇقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچىلار ، جەمىيەت ئەربابلىرى ، يازغۇچى –شائىرلار ، دىخان چارۋىچىلار مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقانلارمۇ ، بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرمۇ ، ئۆزىنىڭ ۋە كېلەلمىگەنلەرنىڭ سالىمىنى ،كۆڭلىنى ئېلىپ كېريەدىكى  ئاپەتكا ئۇچۇرغان ئاممىغا ئۆزىنىڭ مىھرى شەپقىتىنى ۋە يۇرتىنىڭ سالىمىنى  ئۇلارغا ئىزھار قىلدى، ئۇيغۇر جەمىيىتىىدىكى ئىنكاسلار بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ،بىز يەنىلا شۇنداق ئۇيۇشقاق مىللەت ئىكەنمىز.
قانسىستىما ئالاھىدىلىگىمىز . ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇيغۇرلار تۈرۈك قان سىستىمىسىغا تەۋە ، بۇ ئالاھىدىلىك ، ئۇيغۇرلاردا بىرمەھەل ئۆزبەكلەر قىزغىنلىقى ، ئەمدى تۈرۈكلەر قىزغىنلىق پەيدا قىلدى ، ئۆخشاشلار بىزمۇ مەدىنيەت ئىلىم – پەن ، تېخنىكا جەھەتتە جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتسەك(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار كومپىيوتىر ساھەسىدە تۇرۇكلەردىن قالسىلار ئالدىنقى ئورۇندامىش ، يېقىندا قارلۇق شىركىتى ئىران، قازاقىستان دۆلەتلرى بىلەن ئىمزالىغان توختام بۇنى ئىسپاتلىسا كېرەك )، كارخانلىرىمىز گۈللىنىپ رايۇن ئاتلىسا ، ئىچكىر ئۆلكىلەرگە قارىغاندا ، ئەتىراپىمىزدىكى  قېرىنداش مىللەتلىك رايۇنلاردا قارىشى ئېلىنىشىدا گەپ يوق ، تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
مىللىى ئۆرۈپ –ئادىتىمىز ، يىمەك –ئىچمىكىمىز . ئۇيغۇرلار تارىخى ئۇزۇن ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يىمەك ئىچمەك مەدىنيەت ياراتقان مىللەت  ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار مەيلى چوڭلار كىچىكلەر بولسۇن ئۆزىنىڭ مىللى تائاملىرىنى باشقا يات مىللەت تائاملاردىن ئۈستۈن كۆرۈدۇ ، شۇنداقلا تاماق مەدىنيىتىمىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ ئۇلارنىڭ تاماق مەدىنيىتىگە سېڭىپ كىرىۋاتىدۇ ،مۇشۇ خاسلىقىمىز بىلەن يىمەك-ئىچمەك كارخانلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى تىز بولىۋاتىدۇ .
ئۆزگىچە بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتىمىزگە ئىگە مىۋە چىۋىلىرىمىز  . رايۇنىمىزنىڭ مىۋە – چىۋىلىرى  تەمى جەھەتتىن ھەممە كىشىنىڭ ئېغىزىدا قالغۇدەك دەرىجىدە تاتلىق ،رايۇنىمىزدىن چىقىدىغان مىۋىلەرنى ھەممە پەسىلدە يىگىلى بولىدۇ،يازلىقى مىۋىسىنى ، قىشلىقى قېقىنى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىلىرىدا يەرلىك مىۋى چىۋىلەرنىڭ يېشىكىنى شىنجاڭ دىگەن خېتى بار يېشىككە ئالماشتۇرۇپ توپ سېتىۋاتقانلىقنى ، ئالغۇچىلار بولسا تالىشىپ ئېلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆردۇق.
دېمەك بىزدە پۇرسەت كۆپ، پەقەت پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈدىغان مۇسابيايۇپتەك ئاكا ئۇكىلار ، ئىلىم ئۈچۈن داستان يازىدىغان مەھمۇد قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نىم شېھىتتەك ئەدىپلىرىمىز مىللەتنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىقى ھاياتىنى ئاتىغان ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ئىلىم ۋە دىندا تەڭ يىتىشكەن مۇھەممەد سالىھ داموللا ، ئىلىم پەن ئۈچۈن دۇنيادا سەرسانلىقتا ياشاپ خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان شۆھرەت مۇتەللىپ ، ئەركىن سېدىق ، تاشپۇلات روزى قاتارلىق   ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان "بۆرىدەك" سەۋرىچانلىق ، ئىگىلمەس روھقا ئىگە ، يىراقنى كۆرەر ، ئىلىم مەرىپەت چولپانلىرىمىز بارماقتا سانايدىغان ھالەتتىن ئۆزگۈرۈپ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ھالقىپ ، پۇتۇن جوڭگۇغا ۋە دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالىملار توپى ،دۆلەت ھالقىغان كارخانلار گۇروھىنى ھاسىل قىلسا بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتمىز تۈپتىن ئۆزگۈرىدۇ دەپ قارايمان  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
تورداشلارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق بولمىغان ياكى خاتا سۆزلەپ قالغان يەرلىرىم بولسا پىكىرلىرىڭالارنى ئايمىغايسىلە!!!

پايدىلانغان مەنبە : بۆرە خسلىتى ، بۆرە تۇتىمى قاتارلىق كىتاپلاردىن

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 20:14:23


教育恐怖主义 ( مائارىپ تېرورىست ئىدىيىسى دەمدۇق ؟)  مۇشۇنداق نەرسە بار ، يەنى ئاتا - ئانىلار بالىلارغا « ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭ كەلگۈسۈڭ ياخشى بولمايدۇ ! » (  ئوقۇماسلىق ئەمەس ) دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ ، ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز كىتاپتىن باش كۆتۈرەلمەي ، ياخشى ئوقۇش = ياخشى تۇرمۇش دېگەن قانۇنىيەتنىڭ قۇلى قىلىپ قويىدۇ.

بىز تۈرۈك ، بىز ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ..... مىللەت ئوقۇمى بىزدە چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە ئايلىنىپ ، ھەممە ساھەدە ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىنى ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايدىغان ، باشقىلارنى ياراتمايدىغان ناچار ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مىللەتچىلىكنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشمۇ بۇمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن تىرورىست ئىدىيە. فاشىسىتقا ئوخشاش ...

( مەركەزنىڭ خەۋەرىدىكىدەك جىق دىيىلىپ كەتتا بەزى سۆز ... )

بىز بۆرىگە چوقۇنغان ، بىزدىن مانداق ئىسىل ئادەملەر چىققان دېگەندەك پەخىرلىنىشتىن ھالقىپ ئۆزىنى باشقىلاردىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنغا قۇيىدىغان ... ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئىدىيەنى يوقۇتۇش كىرەك. ئادەم ئۆزىنى ئەڭ نورمال ، ئەڭ ئوتتۇرىدىكى ئورۇنغا قۇيۇپ جاھانغا باققاندا ، ئاندىن ئۆزىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يېتەلەيدۇ. بۇرۇنقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ، بىزنىڭ ھازىر قانداق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ . ھەم بىزگە قىلچىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئۆزىنى ئەجدىھار چاغلايدىغان خەنزۇلارمۇ ، بۆرە چاغلايدىغان ئىندىيان ۋە ئۇيغۇرلارمۇ ئەڭ ئاۋال نورمال ئادەم بۇلۇشقا ئىنتىلسە بولىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى سودا - سېتىق جەھەتتىكى مەزمۇنلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ...
باشقا يەرلەرگە كۆپ ئەجىر قىلىپسىز . رەھمەت .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 20:45:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 20:46  

مەن ئۇيغۇرلار بىرەر ھايۋاننى ئۆزىگە توتىم قىلغان دېگەندىن سەل گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم...
ئۇيغۇرلار بۇرۇن شامان دىنىغا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. شامان دىندىكى ئىسسىرىق سالىدىغان، بۇددا دىنىدىكى قەبرە قاتۇرىدىغان، ئادەم ئۆلسە ئاق باغلايدىغان، قەبرىستانلىققا يېمەك-ئىچمەك ئاپىرىدىغان (ياكى بۇغداي-قوناق چاچىدىغان) ئادەتلەرنى ئىسلام دەۋرىدىمۇ ئۇلۇغلاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ناخشىچى ۋە تارىخچىدىن باشقا بىرەر ئۇيغۇرنىڭ بۆرىنى ئالاھىدە چوڭ بىلگىنىنى كۆرمىدىم. مېنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان تاغدا چارۋىچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەل-ئاغىنىلىرىم بار، ئۇلارنىڭ ئۆزى ساناپ بېرەلەيدىغان بوۋىلىرىغىچە ھەممىسى چارۋىچى، ئوۋچى... ئۇلار بۆرىنى نەدە كۆرسە، قورشاپ تاش ئېتىپ، ئارا تىقىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۆرە پەقەتلا بىر ياۋا ئىت.
ئېغىر ئاياق بۆرىلەرنى تىرىك تۇتۇۋالغانلارمۇ قورساقتىكى بالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بىرەر ئوۋچى ياكى چارۋىچىنىڭ بۆرىگە ئىچ ئاغرىتقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ياكى بۇ ئىلگىرىكى بۇدپەرەستلەر ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيكەل چاققاندەك بىر ئىشمۇ؟
----------
يەنە بۆرە ھەققىدە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر ۋە ئاجايىپ رىۋايەتلەر توقۇلدى. مەسىلەن بۆرىنىڭ قانداق ئۆملۈكى، قانداق ئەقىللىقلىقى... دېگەندەك...
مېنىڭچە مەيلى چۆمۈلە ياكى ئىت بولسۇن، ھەرقانداق ھايۋانغا ئۆزىنىڭ ياشاش دائىرىسىدە لازىم بولغۇچىلىك ئەقىل بېرىلگەن. بۆرىمۇ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرمايدۇ.
----------
بۆرە بارلىق يايلاق مىللەتلىرىدە باتۇرلۇقنىڭ سىموۋلى، بۇ نۇقتىغا گۇمانىم يوق.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 21:58:48

بۆرە ئۆلتۈرگەن ئادەمنى پالۋان ھىسابلايدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ چىچىنى  ئاشۇ بۆرە ئۆلتۈرگەن پالۋانلارغا چۈشۈرتىدۇ  ( چاچنى + شەكلىدە چۈشىرىدۇ)  بۇ ئىشلار  بۆرىنى ئۇلۇغلىغانلىقمۇ ياكى ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلىكمۇ؟   

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:09:18

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 20:45 static/image/common/back.gif
مەن ئۇيغۇرلار بىرەر ھايۋاننى ئۆزىگە توتىم قىلغان دېگە ...

       بوينىغا بۆرە ئۇشۇقى ئېسلۋېلىشنى بۆرىگە چۇقۇنۇش ئىددىيسىنىڭ تەسىرى دەپ قارىمامسىز ؟ مىنڭچە بۇ ئىش يايلاق مەدىنيىتىگە تەۋە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ، ھازىرمۇ بالا قازادىن ساقلايدۇ دەپ بۆرە ئۇشۇقىنى بوينىغا ئېسىۋالدىغان  ئىش بار ، گەرچە ئۈزىنى بۆرىگە  چۈقۈنىمەن دەپ قارىمىسىمۇ .  يايلاق مەدىنيىتىگە تەۋە ئىنسانلار (قەۋىم)تۇپىدا ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر ، ئەقىللىق ، كۈچلۇك ئەدەملەر شۇ توپنىڭ نەزىرىدە پالۋان ھىساپلىنىدۇ ، بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ھايۋاندا دەل شۇنداق  تەرەپلەر بار  ، (بۆرە ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، توپلىشىپ ھەركەت قىلىپ زىچ ماسلىشىدۇ ، رەقىبىگە ئاسانلىقچە يېڭىلىپ قالمايدۇ . ) شۇنداق بۇلغاچقا بۇ قەۋىم بۆرىنى چوڭ بىلىشى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ ئۇلۇغلىشى يەنە كىيىنچە بۆرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ تارىخقا ھەممىنى قۇتۇقۇزغۇچى بىر ئىلاھ سۈپتىدە پۈتىلشى تەبئى ئىش .
       ئەمدى چارۋىچىلارنىڭ بۆرىنى ياقتۇرماسلىقى كۆرسە كۈرۈپ ئۆلتۈرۋىتىش مەسلىسى پەقەت مەنپەئەت مەسلىسىدىنلا ئىبارەت ، تۇتىم بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق .  بۆرە ئادەملەرنىڭ چارۋىللىرىغا زىيان سالغاچقا  ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىشى خۇددى نەچچە بالا مىراس تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەندەكلا بىر ئىش (ماھىيەت جەھەتتە) .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:24:26

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 23:09 static/image/common/back.gif
بوينىغا بۆرە ئۇشۇقى ئېسلۋېلىشنى بۆرىگە چۇقۇنۇش ئ ...

  بوينىغا بۆرە ئۇشۇقى ئېسلۋېلىشنى بۆرىگە چۇقۇنۇش ئىددىيسىنىڭ تەسىرى دەپ قارىمامسىز ؟ مىنڭچە بۇ ئىش يايلاق مەدىنيىتىگە تەۋە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ، ھازىرمۇ بالا قازادىن ساقلايدۇ دەپ بۆرە ئۇشۇقىنى بوينىغا ئېسىۋالدىغان  ئىش بار ، گەرچە ئۈزىنى بۆرىگە  چۈقۈنىمەن دەپ قارىمىسىمۇ .  يايلاق مەدىنيىتىگە تەۋە ئىنسانلار (قەۋىم)تۇپىدا ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر ، ئەقىللىق ، كۈچلۇك ئەدەملەر شۇ توپنىڭ نەزىرىدە پالۋان ھىساپلىنىدۇ ، بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ھايۋاندا دەل شۇنداق  تەرەپلەر بار  ، (بۆرە ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، توپلىشىپ ھەركەت قىلىپ زىچ ماسلىشىدۇ ، رەقىبىگە ئاسانلىقچە يېڭىلىپ قالمايدۇ . ) شۇنداق بۇلغاچقا بۇ قەۋىم بۆرىنى چوڭ بىلىشى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ ئۇلۇغلىشى يەنە كىيىنچە بۆرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ تارىخقا ھەممىنى قۇتۇقۇزغۇچى بىر ئىلاھ سۈپتىدە پۈتىلشى تەبئى ئىش .
       ئەمدى چارۋىچىلارنىڭ بۆرىنى ياقتۇرماسلىقى كۆرسە كۈرۈپ ئۆلتۈرۋىتىش مەسلىسى پەقەت مەنپەئەت مەسلىسىدىنلا ئىبارەت ، تۇتىم بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق .  بۆرە ئادەملەرنىڭ چارۋىللىرىغا زىيان سالغاچقا  ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىشى خۇددى نەچچە بالا مىراس تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەندەكلا بىر ئىش (ماھىيەت جەھەتتە) .

ئېيتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق.
ئەمما.... بۆرە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ توتىمى، ئۆز توتىمىنى ھېچ شەپقەتسىز ئۆلتۈرۈش يايلاقچىلار (چارۋىچىلار)غا ھېچ ماس كەلمىگەن ئىش... شۇڭا سەل گۇمانلانغىنىم...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 08:41:46

Birhon، جىياڭ روڭ يازغان ‹بۆرە تۆتىمى› دىگەن كىتابنى بىر ئوقۇپ بېقىڭ. تۆتىم ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئەمەس، مېنىڭچە كۈچلۈك بىر رەقبىگە بولغان تەپ تارتىش، ئۆچمەنلىك ۋە ھۆرمەت يۇغۇرلۇپ كەتكەن. ئوۋ ئالدىدا بۆرە ئىنسانلار بىلەن رىقابەتلىشىكۈچى.

بۆرە تۆتىمى پەقەت يايلاق مىللەتلىرىدىلا بولىشى ناتايىن، بۆرە ئانا ئىمىتىۋاتقان بالا، بۆرە قۇتقازغان قەۋىم ھىكايىسى باشقا مىللەتلەردىمۇ بولىشى مۈمكىن. توردىن سۈرەتلەرنى ئىزلەپ باقساڭلار بار.


Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 08:52:47

يوللۇغ نىڭ گىپى ئۇرۇنلۇق

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 09:45:43

                                     <<بۆرە تۇتېمى>> زادى قانداق تۇتېم ؟

                                                   يى خۇي

                                            بوزقىر تەرجىمىسى

     ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ھەتتا غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش خاھىشىم  بويىچە<<بۆرە تۇتېمى>> ناملىق  «ئاجايىپ ۋەقە» ۋە « غەلىتە تەپەككۇر » لەرگە تويۇنغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققانلىقىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.ئاپتور كىشىلىك خاراكتىر ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى  مۇرەككەپ روھى ھالەتلەرنى تېما قىلىپ «ئالەمنىڭ جەۋھىرى»، « پۈتكۈل كائىناتنىڭ روھى» بولغان ئادەمنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بېلەن تەسۋىرلەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، تەبىەت دۇنياسىدىكى سىرلىق ھەم يىرىتقۇچ مەخلۇق بولغان بۆرىنى قەلەمگە ئېلىپ بۇ ھەقتە ئەپسانە توقۇپ چىقىشقا ئورۇنغان. دەب-دەبە بېلەن تولغان 500 مىڭ خەتلىك بۇروماندا بۆرە باش قەھرىمان قىلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش ھالىتى، خۇسۇسىيىتى ھەم ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىش جەريانى ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبىيېكتى قىلىنغان. ۋەھالەنكى،روماندىكى ئادەملەر بولسا پەقەت كۈزەتكۈچى ۋە شەرھىلىگۈچى سۈپىتىدىلا ئوتتۇرغا چىققان.گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيىتقاندا ، بۇ روماننى پەقەت پەننى ئومۇمىلاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى دىيىشكىلا بولىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ  ئادەتتىكى  ھايۋانات ھەققىدە يېزىلغان رومان بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدۇ.    
     ئەسەردە ئاپتور باش قەھرىماننى كۈچەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بۆرىدىن قورقۇش، بۆرىنى يوقۇتۇشتىن تارتىپ بۆرە بېقىش، بۆرىنى ئاسراش، بۆرىنى چوڭ بىلىش، ئەڭ ئاخىردا بۆرىگە مەدھىيە ئوقۇشتىكى ھېسىيات ھەم تونۇش جەريانىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ مەقسىدى بۆرە بېلەن مۇناسىۋەت باغلاش، بۆرىنىڭ ھاياتلىق  ئېكىلوگىيىسى ، خۇسۇسىيىتىنى  بايان قىلىش ھەم شەرھىلەش جەريانىدا بۆرە روھىدىن ئىبارەت بىر خىل روھ («بۆرىلىك خۇسۇسىيەت»، «بۆرە تۇتېمى») نى چەككىلەپ ئېلىپ، ئۇنى بولۇشىغا پەردازلاپ كۆككە كۆتۈرسە ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى چۆكۈرۈپ ئۇلارنى بۆرە روھىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە چوقۇنغۇچىلىرى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇ ئادەم، ئىنسانلار تارىخى ۋە ئىنسانلار جەمىيىتىنى كونىلىققا قايتۇرۇشقا ئورۇنغان. ئاپتور بۆرىنىڭ قېنىنى ئادەملەرنىڭ قېنىغا كىرگۈزۈپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ۋەھشى، كۈچلۈك، شىددەتلىك بۆرە خارەكتىرى ۋە بۇ بۆرە خارەكتىرلىرىنى روھى تۈبرۈك قىلغان يايلاق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلىرىنىڭ روھىنى ئاجىز، بېكىنمە ھالەتتىكى جوڭخۇا تېرىم مىللەتلىرىنىڭ روھىغا بىر-بىرلەپ كۆچۈرۈپ «روھ ئارقىلىق قان يەتكۈزۈش » تارىخىنى نامايەن قىلغان.                                                                        
     مۇشۇنداق غەلىتە، غەيرى روماننىڭ بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە  بازار تېپىپ كەتكىنى ھەقىقەتەن ئەقىلغە سىغمايدۇ. دەرۋەقە بۇ       كىتابتا خۇددى پىلانلىغۇچى ئېيىتقاندەك «مۇھەببەت، جىنىس سۆزلەنمىگەن»لىكى بەك قىزىق. ئەڭ قىزىقارلىقى بىزنى كىتابتا سۆزلەنگەن بۆرە ھېكايىسى ---بۆرە بېلەن يايلاق، بۆرە بېلەن ئادەم ۋە بۆرە بېلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھېكايىسى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. بىز كىتابتىن بۆرىنىڭ خاراكتىرى (خاراكتىر دېگەن بۇ سۆزنى ھايۋاناتلارغا ئىشلەتكىلى بولسىلا)بۆرىنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتىشى ھەم بۆرىلەرنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىشتىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ؛ بۆرە بېلەن يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەم دۈشمەنلىشىش ھەم ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك غەلىتە مۇناسىۋىتىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شۇنچە كۈچەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ؛ يەنە ھېكايىلارگە نۇرغۇن ئېكىولوگىيىلىك بىلىملەر ۋە ساياھەتچى - ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئجايىپ-غارايىپ مەنزىرە ۋە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى قوشۇمچە قىلغانلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەشۇ خەتەرلىك ھەم رەڭگارەڭ ئەپسانىلەر ، ساۋادلار،مەنزىرىلەر ھەم ئۆرىپ-ئادەتلەر كىشىلەردە تەبىي ھالدا شۇ يەرلەرگە بېرىش ئىستىكىنى قوزغىماي قالمايدۇ. مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوقۇرمەنلەر---بولۇپمۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان، ئاتالمىش زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېڭىلىق تۇيىلىدۇ. ئەيتاۋۇر قاچانلاردىن باشلاندىكىن تاڭ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز دا شەخىسلەرنىڭ كۈندىلىك تەجىربىلىرىنى ۋە ھېسىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىپادىلەش يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغىلى قوپتى.ئوقۇرمەنلەر شەھەرلەردىكى مۇھەببەت، سودا جېڭىدىكى لەيلەش-چۆكۈشلەر ياكى بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى جان ساقلاشتىن ھېس قىلغان ئاچچىق-چۈچۈك يۇمشاق يازمىلار بېلەن كۆمۈلۈپ قېلىپ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئۆزلىرىگە يارىشا ھېكايىلەرنىلا ئوقۇيدىغان بولۇشتى. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا <<بۆرە تۇتېمى>> كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلارغا بولغان ئىنتىلىش جەھەتتىكى ھېسىياتىنى تەڭشەش تەسەۋۇرى ۋە غەلىتە نەرسىلەرگە تەلپۈنۈش جەھەتتىكى ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان يېڭى ئوقۇشلۇققا ئايلىنىپ قالدى.                                             
     بۆرىگە ئائىت ھېكايىلەر نوقۇل بايان قىلىش بېلەنلا چەكلەنگەن بولسا << بۆرە تۇتېمى >> نى رومان دېگەندىن كۆرە ئۇنى <<ھايۋانات دۇنياسى>> دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولار ئىدى.شۇنداق بولغىنىدا ئوقۇرمەنلەر ئارىلاشماسلىق(كارى بولماسلىق)ھەققىدىكى بەزى ئىلىملەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان بولاتتى.ئاپتور بۆرىنى تەسۋىرلەش ھەم سۆرەتلەشتە ھەممە تەرەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم چوقۇنغان مەيداندا تۇرۇپ بۆرىگە كۈچلۈكلۈك،ئىنتىلىشچانلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك،قۇدرەتلىك، ئومۇمىيلىق ۋە كوللىكتىپلىق روھىنى يۈكلىگەن....ئىش قىلىپ بارلىق ئىجابي ئالاھىدىلىكلەر ئۇ تىكلەپ بەرگەن بۆرىنىڭ «يايلاق قەھرىمانى» ، تەبىەت ئاپرىدە قىلغان (كىتابتا ئېيتىلغان«تەڭرى ئاتىسى ») روھ ئەركىسى، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ «ئۇلۇغ ھەم كەم تېپىلىدىغان لەشكىرىي مۇشاۋۇرى» دېگەندەك ئوبرازلارغا مۇجەسسەملەشكەن.ئۆزىنىڭ سۆزى بېلەن ئېيىتقاندا بۇ بىولوگىيىلىك نامايەندە ۋە تەسۋىر بولۇپ ،ئۆز خاھىشى بويىچە ئىپادىلىگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇق توقۇلمىغىمۇ يەتمەيدۇ.كىتابنى ئوقۇسىڭىز ئاپتورنىڭ بۆرە تەسۋىرىدىن تەبىئىيلىك ۋە ماھىيەتلىك مەسىلىلەردە كەڭلىك ئالىمىدە ئەركىن قەلەم چاپتۇرغانلىقىنى ، بۆرىگە ئالاقىداربارلىق سەلبى قىممەت ئامىللىرى(مەسىلەن ۋەھشىيلىك، قانخورلۇق، ئاجىزلىرى كۈچلۈكلىرىگە يەم بولۇشتەك ھايۋان خاراكتىرى)نى ماددىنىڭ تەبىئىيلىكى دەپ قاراپ ئۇنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى سەل قاراش تۈگۈل ئاتالمىش ئىجابىي ئالاھىدىلىك دەپ قاراپ، ئۇنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇنى بىر خىل ئادىمىيلىك روھ، بىر خىل مەدەنىي تەرەققىيات مۇساپىسى  ئارقا كۆرىنىشىدىكى زامانىۋى تۇتېم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز.                              
      ئەمەلىيەتتە بىزلەرگە شۇنىسى ئايانكى،بۆرە دېگەن بۆرە، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى خالاس.بۆرىلەردىكى ئەشۇ ئاتالمىش «روھ»ۋە ئەقىل-پاراسەت جانلىقلار تەبىئىتىدىكى مۇقەررەر تاللاش پىرىنسىپى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ھايۋانلاردىكى بىر خىل ماھارەت بولۇپ ئۇقانداقتۇر تەبىئەتتىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرى ۋە جانلىقلار قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى پەيدا بولغان تەبىئەتتىن ئايرىلغان ھالەتتىكى تاللاش ئەمەس.ئۆز تەقدىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچ پەقەت ئىنسانىيەتكىلا خاس بولۇپ پەقەت ئىنسانلارلا بۇ خىل سوبىيېكتىپ ئاڭ ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلارلا ھەقىقى يوسۇندىكى ئۆز تەقدىرىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر.                                                   
      ئەمما، ئادىمىيلىك مەنىۋىيلىك خاراكتىرگە ئىگە بۆرىلەر  تەبىئەتنىڭ ئەركىسى، زېمىننىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپلا قالماي يەنە «بۆرىلىك خاراكتىر»مۇ ئادەم تەبىئىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھەتتا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە جارىي قىلدۇرۇش زۆرۈر بولغان نۇرلۇق ئېلمىنت قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇ ھەتتا بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك ئاممىۋى ھاياتلىق پەلىسەپىسى --- سېپى ئۆزىدىن دارۋىنىزم: شەخىسنى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ھەركەت ۋە قىممەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قىلىش ،ئەركىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققانلارنى ئۇلۇغلاش، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتا مەلۇم مەنىدىن بىزنىڭ جانلىقلار تەبىئىي تاللايدىغان ، ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدىغان تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىشىمىزنى تەشەببۇس قىلىدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئۆ-ئۆزىنى تاللىشى ، ئۆزلىردە دەۋىرگە ماسلىشالايدىغان”يېڭى ئادىمىيلىك خاراكتىر“يارىتىش ئاپتورنىڭ قايتا ئېنىقلىما بېرىشى ،”بۆرە خارەكتىرى“ ىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئۆز-ۆزىنى تاللاش ، ئۆزئۆزىنى قايتا يارىتىشنىڭ قىممەت سىستېمىسىغا ئايلانغان.     
    تېخىمۇ قىزىقارلىقى ، بىز ئىككى خىل ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشتىن <<بۆرە تۇتېمى>>  نىڭ نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بىرى جاڭ رۇيمىن --- زامانىمىزدىكى سودا قەھرىمانى --- نىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يازغان تەۋىسىيە سۆزىدە «بۆرە خاراكتىرى»دىكى ئەقىل-پاراسەت، ئەقلىي بىلىش ۋە كوللىكتىپ روھنى كۈچەپ تەكىتلىگەنلىكى روشەنكى، بىر سودا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بېلەن ئاپتورنىڭ «بۆرە خارەكتىرى»گە قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سودا نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان ۋە تەكىتلىگەن.يەنە بىر خىلى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر بولۇپ ، كىتابنىڭ قىممىتى ۋە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى ئىنكاسنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پىلانلىغۇچى بىزگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ :                                               
        مېترودا ئۈچ ياشنىڭ مۇشۇ ئەسەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىرى ھازىرقى جەمئىيەتتە بۆرە كۆپ دېسە، يەنە بىرى قوي كۆپ دەيىتتى.يەنە بىرى بىز زادى بۆرە بولىشىمىز كېرەكمۇ ياكى قويمۇ؟ دەيىتتى.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۈچ ياشنىڭ مۇھاكىمىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى «بۆرە خاراكتىر»بېلەن« قوي خاراكتىر» ، «بۆرە تىپى»بېلەن «قوي تىپى»ئۈستىدىلا مەنا تاپماقتا ئىدى. ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىمۇ ئاددىي بولىدۇ.ئۇلار بۆرىنى بۆرە دەپلا چۈشىنىدۇ.ئۇلار ئاپتور، پىلانلىغۇچى ۋە شەرھىچىلەرنىڭ نىقابىنى، كۈچەپ چالۋاقاشلىرىنى ، چىلتەك توپ ئويناشلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ بىۋاستە سورىغان مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزى بۇ خىل نىقاب ۋە چىلتەك توپ ئويۇنىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە گۇمرانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ خالاس.                       
     مۇبادا مانا بۇلار <<بۆرە تۇتېمى>>مەزمۇن تېمىسىنىڭ ھەممىسى بولىدىغانلا ئىش بولسا ئۇ ئورمانلىققا تولغان ھېكايە بولۇپلا قالماي يەنە بازىرى ئىتتىك كىتابقا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى؛ كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلار ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر –ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئەدەبىيات مۇزىي كىتابى بولۇپ قالغان بولاتتى ؛ھەتتا ئەشۇ بىر قىسىم «بۆرە ئادەم»لەرگە، «بۆرە كۈچىكى»گە چوقۇنىدىغانلارنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»بولۇش سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشنىڭ دەرىسلىكىگە ئايلىنىپ مۇشۇ يىللاردا مودا بولىۋاتقان <<رەزىللەر دەستۇرى>>ۋە <<كىلاسسىزمغا پەشۋا>>غا ئوخشاش ئەسەرلەر تائىپىسىگە مەنسۇپ بولغان بولار ئىدى.ھېچ بولمىغابدا ئالىملىق سالاھىيىتىگە ئاپتورمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايىتتى.                                    
     ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «بۆرە»،«بۆرە خارەكتىرى»،«بۆرە ئەخلاقى»نى مەدەنىيەت، ئانتورپولوگىيەنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ تارىخ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن شەرھىلەيدۇ.«خۇاشىيا مىللىتىنىڭ تېرىم مەدەنىيىتى ۋە خۇاشىيا مىللىتىنىڭ مىللىيلىق خاراكتىرىدىكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزى» ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ.ھەم كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى نەچچە ئون بەتتە ئاتالمىش«بۆرە تۇتېمى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش ۋە دىئالوگ»ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قېچىرچە «ئىدراكى ئىزدىنىش»ئېلىپ بارىدۇ.ئەشۇ لېكسىيە ۋە دېئالوگلار(ئەمەلىيەتتە ئاپتور ئۆزىنى ئىككىگە پارچىلاپ توسالغۇسىز ھالدا ئۆز-ئۆزى بېلەن ئەركىن پىكىر ئېلىپ بارىدۇ)دا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان ئىككى نەپەر ئالىم سىياقىدىكى زىيالىي ياش ئەترەت ئەزالىرىنى كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىدەك بىرى بىرىگە شۇنداق ماس كەلگەن قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ.ئۇلار ئاپتور ئۆز خاھىشى بويىچە پەيدا قىلغان، تۈس بەرگەن ياكى ھېسىيات كىرگۈزگەن بايانلار بولۇپ پۈتكۈل مەزمۇننىڭ خېلى زور سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ.بۇ ئىككى ھەزلىكەشنىڭ دىئالوگلىرىدا خەنزۇلار بېلەن شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ ، خەنزۇلار ئاجىز، كونسېرۋاتىپ« قوي» غا  ،شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا كۈچلۈك، چەبدەس «بۆرە» گە سىمۋول قىلىنغان. تارىختا بۇ خىل ھالەت قىسقارتىلىپ ئىستىلا قىلغۇچى ياكى «قان ئالغۇچى»؛ئىستىلا قىلىنغۇچى ياكى «قان بەرگۈچى»لەر تارىخى دەپ ئاتالغانمىش. ئاپتور بۇ يەردە خەنزۇ مىللىتى ۋە خۇشىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بوشلۇقى ، بولۇمسىزلىقىدىن ئېچىنىپ ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان ئاتاۋىزىمچە باش ئۇرۇش ۋە بەيئەت قىلىشىدىن كىشىنى چۆچىتىدىغان مۇنداق بىمەنە خۇلاسىنى چىقارغان  :                                                 
      جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدىھا تۇتېمى يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بۆرە تۇتېمىدىن كەلگەن.خۇاشىيا مىللەتلىرىنىڭ< تەڭرى ئېتىقادچىلىقى> نى يەن-خۇاڭنىڭ 2-خاقانى يايلاق ۋە كۆچمەن چارۋىچى ئەجدادلىرىدىن خۇاشىياغا ئېلىپ كەلگەن.جۇڭخۇا زېمىنىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە تېرىم مىللەتلىرى تەڭرى ئاتا ۋە يايلاق ئانىدىن تۇغۇلغان قان قېرىنداشلار بولۇپ يايلاق مىللەتلىرى ئاكىسى، خۇاشىيا مىللەتلىرى ئىنىسىدۇر.خۇاشىيا مىللىتى تېرىم مۇھىتى ئىچىدە ئاجىزلاپ كەتكەندە قەھىرلىك ھەم ساخاۋەتلىك تەڭرىم بۆرىگە خاس كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئوتتۇرا ئىقلىمغا ئەۋەتىپ ، قويلىشىپ كەتكەن تېرىم مىللەتلىرىگە قان بېرىپ ئۇلارغا كۆپ قېتىم يېڭىدىن گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن. كېيىنچە زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىنىسى پەقەت قەددىنى كۆتىرەلمىگەن چاغدا ئاكىسى ئوتتۇرا ئىقلىمغا كىرىپ خۇاشىيا مەدەنىيىتىگە يانتاياق بولۇپ ئۇنى غەرىب مەدەنىيىتى بېلەن ئۇچراشتۇرغان.                          
     <<بۆرە تۇتېمى>> ئاپتور 30 يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا تالاي قان-تەر بەدىلىگە يېزىپ چىققان ئەسەر بولۇپ سودا جەھەتتىن ھەل بېرىش، داغ-دۇغا بېلەن تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىتاب بازىرىدىمۇ كاتتا شۆھرەتلەرگە نائىل بولماي قالمىدى. مەسىلەن ئوبزورچى لى جىڭزى ئېيىتقاندەك:”ئۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇشى ئۈستىدىكى ئەندىكىشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈردى.ئەگەر سىز كىتابنى ئوقۇسىڭىز <بۆرە>گە يەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلماي قالمايسىز. مانا بۇ ئاپتورنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىدۇر.“ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئاپتور ئۆز ئىدىيىسىنى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ زەر تون بېلەن قانچىلىك نىقابلاشقا كۈچىمىسۇن بەرىبىر باش تېمىدىن چەتنەش سەۋەنلىكىنى ،كۆز قاراش جەھەتتىكى چولتا ھۆكۈمىنى ،لوگىكا جەھەتتىكى زىتلىقىنى، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش جەھەتتىكى بوشاڭلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئاپتورنىڭ بىمەھەل سۆرەن- شاۋقۇن پەيدا قىلغان بۇ كىتابى پەقەت ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپلا قالماي بەلكى نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئۈمىد قىلغاندەك ئىنتايىن زور مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ، ئۇزۇن مەزگىل بازار تاپىدىغان كىلاسسىك ئەسەر دېگەن ھۆكۈمى ۋە بازار جەھەتتىكى پەرەزلىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.              
 
(خەنزۇچە«جۇڭگۇەن كەنتى»ژۇرنىلىنىڭ2004-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى ) 

hazang يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 17:37:30

ئوغۇزخان ئەپسانىسىدىكى كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىغانلىقى ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ بۆرىنىڭ كەيىنىدىن ئەگشكەنلىكى ۋە ئىككى شاھزادىنى بۆرىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىقى بەلكىم بىزنىڭ ئەپسانە چۆچەكلىرىمىزدىكى بۆرە بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مىزمۇنلار بولۇشى مۇمكىن. شۇ زامانلاردىكى بۆرە يەنە چارۋىچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمىدىن قورقۇش ئەيمىنىشى ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزىگە تۇتىم قىلىش دەرىجىسىگە ئىلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق« بۆرە تۇتىمى» ناملىق رومان يى خۈي قاتارلىقلار ئەزەلدىن ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان ئەجدىھا تۇتىمى ھەققىدىكى قاراشلارغا زىت بولغاچقا ئۇ يۇقارقىدەك بىلجىرلىغان بولۇشى مۇمكىم.
«بۆرە تۇتىمى» رومانىدا ئاساسلىقى بۆرە ۋە ئىچكى مۇڭغۇل يايلىقىدىكى چارۋىچىلار، كۆچمەنلەر، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە بۆرىگە ئۆچمەنلىك قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بۆرە يوقىتىش جېڭى ئاخىرىدا مۇڭغۇل مەدەنىيىتى ۋەچىڭگىزخاننى، چىڭگىزخانغا قانات بولغان جەڭ ئاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مۇڭغۇل ئىگىزلىكىنىڭ چۆللىشىپ كېتىش، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىش، مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلار ۋە ئاپتورنىڭ ئىچىنىشم سىغىنىشم ئۆزىنى ئەيىبلەش ھىسىياتى بايان قىلىنغان، بۇ رومان ھەممەيلەننىڭ ئوقۇپ بىقىشىغا ئەرزىيدۇ.
بەت: [1]
: بۆرە توتىمىدىن ئويلانغانلىرىم