shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:49:23

2012-يىللىق دوختۇرلۇق كېنىشكىسى قاچان چىقىدۇ

2011-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ 2012-يىلى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش تۇرى بويىچە ئىمتىھان بېرىپ  280نومۇر ئالغان.  شۇ يىللىق نومۇر چېكى 2012-يىلى 12-ئايدا دۆلەت نومۇر چېكى 360 دەپ ئېلان قىلىندى.  2013-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى.  ئوخشىمايدىغان يېرى بۇندىن بۇرۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ نومۇر چېكى بىرلا بولۇپ شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت چېكى 250-260ئەتراپىدا ئىدى.  خەنزۇلارنىڭ بولسا 300ئەتراپىدا ئىدى.  چۇنكى كەسپى ئىمتىھان پۇتۇنلەي خەنزۇچە  . 2012-يىلىغا كەلگەندە سىياسەت ئۆزگىرىپ شىنجاڭ نومۇر چېكى ئۈچ خىل چىقتى. ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانانىڭ  سىزىقى 320.ۋىلايەت دەرىجىلىكنىڭ ئۆلچىمى 255. ناھىيە دەرىجىلىكنىڭ ئۆلچىمى 240 بېكىتىلدى.  توغرا يېزىلىق دوختۇرخانىمۇ بار ئىكەن.  يېزىنىڭ 220بولدى . چاتاق يېرى شىنجاڭ ئۆلچىمىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ دوختۇرلۇق كېنىشكىسى تا ھازىرغا قەدەر بېجىرىش باشلانمىدى.  ئىزچىل ساقلاش بىلەن ئىككى يىل بولاي دېدى.  سورايدىغىنىم تورداشلار ئىچىدە بۇ كېنىشكىنى ئالغانلار بارمۇ. قاچانراق بېجىرىش باشلىنىدۇ.  كېنىشكە بولمىسا دوختۇرخانىدىن ھېچ قانداق ئېتىبارغا ئېلىنماي ئىشلەيدىغان گەپ ئىكەن. ئادەتتە ئىمتىھان بېرىپ كېيىنكى يىلى 5-ئايدا كېنىشكە چىقاتتى . بىراق بۇ قېتىم ئىككى يىل بولدى تېخى بېجىرمىدى .كېنىشكە بولمىسا تېزىملىتالمايدىغان گەپ . دوختۇرلۇق سالاھىيەت مۇ يوق.  ۋاقىتلىق ئىشچىدەك ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى دېگەن گەپ . كەسىپ ئەھلىلەر ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار .رەھمەت .ھ

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:51:30

باشقۇرغۇچىلار بىر تەستىقلاپ قويساڭلار.  ئىزدىنىشتە بۇنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغانلار چىقاتتى رەھمەت

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:39:30

كىنىشكە يوقمۇ دوىتۇر خانىدا ‹‹دوختۇر›› بولۇپ ئىشلەۋاتامسىز ياكى.....
   بولدىلا گەپ قىلماي   كېنىشكە يوق كېسەل ۆرۈپ ئكز ئەقىلى بىلەن ئكلۈپ قالسىمۇ داۋاغا قالىدىغان ئ.ىش

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 16:06:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 16:08  

بىلمىسىڭىز گەپ قىلمىسىڭىز بىرسى سىزنى گاچىكەن دېمەيدۇ.  دوختۇرلۇقتا ئۇقۇش پۇتتۇرگەنلەر ھەممىسى ئىشلەپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن كېنىشكىغا ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتۇپ كېنىشكا ھازىرغىچە چىقمىسا قانداق قىلغۇلۇق ئىشلىمەي ئۆلىۋالغۇلۇق ما.  دوختۇرخانىلاردا توختاملىق ئىشلەيدىغانلار بىلەن شىتاتى بارلارنىڭ تەمىناتى ئاسمان زىمىن پەرق. ئىشنى جىق ياكى تەڭ قىلىپ خەقنىڭ تەمىناتىنىڭ يېرىمىنى بېرىدۇ.
كاللا دېسە پاقالچاق دېمەڭ .ئۆتۇپ بولغان ئىمتىھاننىڭ كېنىشكىسى نىڭ گىپى بولىۋاتىدۇ ما يەردە

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:10:34

ئىزلەن نەق جۇڭگۇلۇقكەن جۇما قۇلىغا:lol بىر قوتان كىنىشكىنى بەرسەك دوختۇرلۇق قىلالاما ؟:loveliness:

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:13:05

ئەرزىيەت ئورۇنلىرىغا پاش قىلىڭ ياكى توردا ئوچۇق خەت يىزىپ جامائەت پىكرى توپلاڭ

مۇشۇ توختاملىق ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ھەققى توغرىسىدا يۇقىرىغا ئىنكاس قىلساق بولاتتى، يا  بۇ قىتىمقى ئىنتاھاندا ساننى كۆپ بىرىپ ئۇلارنى قوبۇل قىلمىدى  يا  مائىش ئۆستۈرمىدى   ، خىزمەتچىگە ئىھتىياجلىق تۈرۈپ ئىشتات بەرمەي ، توختاملىق دىگەن ئىشنى چىقىرىپ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرىۋالدى،    قۇرلۇش ئىشچىللىرىنىڭ مۇئاشىمۇ بۇلاردىن كۆپ!

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 03:02:10

تىمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلنىۋاتىدۇ.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 08:46:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 08:49  

ھازىر باھانىسى دوختۇرلۇق كېنىشكە يوق .شۇڭا شىتات بېرىلمەيدۇ.  توختام تۇزگەندىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەس بەلكى بىر يىللىق بىر يىللىق تۇزىدۇ.  شىتاتلىق دوختۇرلار ئالغان مائاشنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بېرىدۇ.  لىكىن ئۆي فوندى تۆلەپ بەرمەيدۇ . باشقا قوشۇمچە تەمىنات ھەم يىللىق مۇكاپاتتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.  ھېساپلاپ باقسام ئوخشاش دەرىجىدىكى شىتاتلىقلار بىلەن ھەر ئايدا 3000يۇەن پەرق بار ئىكەن . بۇ نى ھەل قىلىدىغان قانۇن تۇزۇم بولغان بىلەن ئىجرا قىلىدىغان يەر يوقكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە شى رەئىس چىقىپ كەسپى ئورۇنلارنىڭ شىتاتى بۇندىن كېيىن ئىنتايىن تەستە بېرىلىدىكەن.  شىتات بەرمىسە مەيلى ئىدى قانۇن بويىچە توختاملىق ۋە شىتاتلىقلارنىڭ تەمىناتىنى تەڭلەشتۇرۇپ ، ھەم ئۆي فوندى تۆلەپ بەرسە بولاتتى.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 07:18:09

قارىغاندا بۇندىن كىيىن مىنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئوخشىمامدۇ؟!  ئالە شەنى  . . .
بەت: [1]
: 2012-يىللىق دوختۇرلۇق كېنىشكىسى قاچان چىقىدۇ