jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:28:39

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ...

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ...


توردىكى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ بىر تۈرلۈك ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﻜﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﻰ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻛﻪﻧﺖ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺳﺎﻕ , ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪىكەن :

ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ 57ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ 21ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺷﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ 14ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭ 8ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ  : ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 52 ﻧﻪﭘﻪﺭ ,ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 48 ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺮﻗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 70 ﻧﻪﭘﻪﺭ , ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ  30 ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ 30 ﻧﻪﭘﻪﺭ ,ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 70 ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﻳﺎﺕ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ  89 ﻧﻪﭘﻪﺭ , ھەمجىنىسلار 11ﻧﻪﭘﻪﺭ ؛
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 59ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ مەنبەسى ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ,ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ؛
80 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺴﯩﺰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ؛ 70 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ؛ 50 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ؛ 1 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮔﯩﺮﺩﺍﯞﯨﺪﺍ ,1 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ , 1ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ )ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺑﻪﮪﯩﺮﻟﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ؛ 1 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯘﻳﻮﺗﻮﺭﻯ ﺑﺎﺭ .


ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﻪﺭﯨﺘﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ , ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﻪﺕ ,ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﮪﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ , 、ئۇرۇشنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ۋە ئەھمىيەتسىزلىكىنى ، قىسقىسى بىلىم ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىنى ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ......
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ,ﺗﯧﻨﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪ .... ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ كېچىدە كۆزىنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ -ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﺴﯩﺰ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﯞﻩﮪﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ,ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻕ , ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﯩﻦ -ﻗﯩﺴﺘﺎﻗﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ.... ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 500ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﺴﯩﺰ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﯕﯩﺰﺩﺍ ﻳﯧﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ,ﺋﯘﭼﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻙ ,ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰ ,ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ,....ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 75% ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﻱ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﺍ ,ﮪﻪﻣﻴﺎﻧﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﺩﺍ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﻏﯩﺰﺍ ﻳﯧﻴﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ .... ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 8% ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ , ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ....ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ قاھىرە ﺑﻮﻟﯘﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﯓ , ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ , ﺳﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯩﻠﻪﻛﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ : ﺑﯩﺮﻯ , ﺳﯩﺰگە ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ(مەن) بەخت تىلىدى ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ,ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﻜﻪﻧﺴﯩﺰ .
ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩكەن :"ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮪﺎﻻﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ".
ﺷﯘﯕﺎ : ﺳﯩﺰ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ ؛
ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﯓ ؛
ئەزەلدىن چۈشىنىپ باقمىغاندەك چۈشىنىشكە تىرىشىڭ؛
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯓ ؛
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﯔ ؛
ۋۇجۇدىڭىز لەرزىگە سېلىنغۇدەك شۇنداق ياشاڭكى
بۇ ھاياتتىن نام نىشانسىز ، ئىلمان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلەرنى قەدىرلەڭ
ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩﻩﭖ بىلىڭ  ؛
ئۈمىد ھايات چىرىقى ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى ...
ياشاڭ  
ئۈمىدۋار ، مەردانە ، ئارمانسىز ياشاڭ !!!

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:14:32

ئاللاغا. شۈكرى.   

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:04:12

خو

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:04:32

ئا بىر ئەلانى مەن باستىم ھە

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:48:12

بۇ خىل ئىستاتىستىكا ئۇسۇلىنى ئالاھىزەل 10قانچە يىل ئاۋۋال كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە ، ھازىرقىسى بۇنداق ئەمەس ، مەسلەن ھازىر يەرشارىدىكى ھەر ئالتە ئادەمنىڭ بىرى مۇسۇلمان ، كومپىيوتېرنىڭ ئومۇملىشىشى بەك تېز بولدى ھازىر ھەر 100ئادەمنىڭ ئىچىدە بەلكىم 10ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ كومپىيوتېرى باردۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:04:09

ئو ،ھەمجىنىسلار ئاشۇنداق جىقما؟!

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:11:47

رادىئو-تېلېۋېزورلاردا ئاڭلىتىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرسا بولغۇدەك ماقالىكەن.{:87:}
بەت: [1]
: ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ...