marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:11:18

كېرىيەدىكى قېرىنداشلارنىڭ مىننەتدارلىق سالامى

كېرىيەدىكى قېرىنداشلارنىڭ مىننەتدارلىق سالامى


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار، قېرىنداشلار!!!
    ساخاۋەتلىك قوللىرى ئارقىلىق بىزنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتىۋېلىشىمىزغا ياردەمدە بولغان، بىزگە كۈڭۈل بۆلگەن، بىزنىڭ غېمىمىزنى يىگەن ۋە بىزنى خالىس دۇئالىرىدا ياد ئىتىپ خەير ئىھسان تىلىگەن رايۇنىمىزنىڭ ئىچى سىرتىدىكى بارلىق قەۋمى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاپەت يۈز بەرگەن رايۇنىدىكىلەردىن ئوتلۇق سالام!!!
    كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بەس-بەستە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، مىسلى كۈرۈلمىگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئاپەت رايونىمىزغا بىۋاسىتە كىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلارمۇ ئىلكىدە بارىغا مۇناسىپ ھالدا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ماددىي بۇيۇم ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىللىقلىق، مېھرىبانلىقنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. شۇ يەر تەۋرىگەن پەيتنىڭ ئۆزىدىن سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا تەرەپ-تەرەپتىن كېچىنى كېچە دىمەي، زېمىستاندا سوغۇق دىمەي، بەس-بەستە قىلىنغان ياردەملەر، سۇنۇلغان ساخاۋەتلىك قوللار، جىمجىت ھالەتتىكى تىلەكلەر كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدەك ئارقا ئارقىدىن ئەتراپىمىزدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مېھىرلىك يۈرەك سادالىرى پەرىشان قەلبىمىزگە راھەتلىك بەردى.
    مىڭ شۈكرىكى ئاللاھ بىزگە بالا بەردى قازا بەرمىدى، ئاپەت بەردى ھازا بەرمىدى، سۇغۇقتىن تەنلىرىمىز توڭدى ئەمما مىھرى مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھارارەتتىن يۈرەكلىرىمىز ئىللىدى، يەر تەۋرەشتىن چۈچىگەن دىللار، چەكچەيگەن كۆزلەر، ھەرقايسىڭلارنىڭ مىھرى مۇھەببىتىدىن سۈيۈندى، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار سىلەرنىڭ بىزگە سۇنغان تىلەكلىرىڭلار قەلبىمىزنى قايتىدىن تەۋرەتتى، ئەمما بۇ تەۋرەش مىھرى مۇھەببەتلىك تەۋرەش، سۈيىنىش تەۋرىشى، ئۆزىمىزنىڭ تەنھا ئەمەسلىگىگە، ھەممىمىزنىڭ بىرجان بىر تەن ئىكەنلىگىگە بولغان ئىشەنچ، سۈيىنىشتىن بولغان تەۋرەش بولدى. بىز شۇنى ھىس قىلدۇقكى بۇ سىناق ئالىمىدە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ بىزنىڭ ئۇيۇلتاشلىغىمىزنى، ئۇيۇشقاقلىغىمىزنى سىناش ياكى ئۇيۇلتاشتەك بولۇپ كەتكەنلىگىمىزنى بىر بىرسىمىزگە ھىس قىلدۇرۇپ مىسكىن دىللىرىمىزغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن بۇ بالانى بىزگە ئەۋەتىپتۇ، «ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈكتە بىر ئاسانلىق بار» (سۈرە ئىنشىراھ5-6-ئايەت) بىز بۇ مۈشكۈلچىلىك ئارقىلىق سىلەرنىڭ مىھرى مۇھەببىتىڭلارغا نائىل بولدۇق، بۇ خاسىيەتلىك مۈشكۈلچىلىك ھەممىمىزنىڭ قەلىپ رىشتىمىزنى قايتىدىن تۇتاشتۇردى، دىللارنى دىللارغا باغلىدى. شۇ تاپتا ئارىمىزدىكى بۇ مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلماقتا! بىز پەقەت شۇنىلا دىيەلەيمىز! زىمىن تەۋرەپ ئۆيىمىزنىڭ تاملىرى دەز كەتسە كەتسۇن، ئەمما بىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلغان پاكىزە قەلىپلەرگە، كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بىرلىگىمىز، ئىناق-ئىتىپاقلىغىمىزغا دەز كەتمىگەي!!!
     ئاخىردا خەيرى ئىھسان ئۈچۈن چەت تاغلىق كەنتلىرىمىزگە قەدەر يىتىپ كەلگەن بارلىق كارخانا شىركەتلەرنىڭ، خالىس ساخاۋەتچى دوستلارنىڭ ۋە ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ رۇناق تاپقاي! باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي! سىلەر بىزگە پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارلا ئەمەس ئەڭ مۇھىمى چىن مۇھەببەت بەردىڭلار، بۇ چىن مۇھەببەتنىڭ جاۋابىنى خەلقىمىزنىڭ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىشىغا سىلەرنى تېخىمۇ بەك قوللىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل!!!
  
     2014-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كېرىيە مەرىپەت كىتابخانىسىدا يېزىلدى.
مەنبە:
http://www.shewqiy.com/thread-2197-1-1.html
ئەسكەرتىش :ئەسلى مەنمۇ  مۇشۇ مەزمۇندا بىر تىما يېزىۋاتقان ئىدىم، بۇ دوستىمىزنىڭ  دېگەنلىرى مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بىلەن ئوخشاشكەن  كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 13:58:15

ئەلا دەپ تۇراي

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 15:23:51

2 -ئاينىڭ 12-كۈنى كېرىيە ناھىيىسەدە 7.3بال يەرتەۋرىدى ، بۇ كۈنى كېريەدىلا يەر تەۋرەپ قالماستىن پۇتۇن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر خەلقنىڭ يۈرىكى تەۋرىدى . يەر تەۋرىگەنلىك خەۋىرى يەر تەۋرەپ  10مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تورلاردا ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئۇندىدارچىلاردا ، ئۇن دىدار توپلىرىدا ، ئارقا ئارقىدىن خەۋەر بىرىلدى ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى  قېرىنداشلاردىن كېريەدىكى دوستلارغا ئامان ئېسەنلىك دۇئالىرى ،تېلپۇنلىرى ، ئۇندىدار ئۇچۇرلىرى ، قىسقا ئۇچۇرلار يېتىپ كەلدى ، مەن ئىشىنىمەنكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئۇيغۇر كېريەلىكلەرگە ئاللادىن ئامان ئېسەنلىك تىلىدى .12-چىسلا  كەشتىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەن كارخانچىلار ، سودىگەرلەر ، ئۇقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچىلار ، جەمىيەت ئەربابلىرى ، يازغۇچى –شائىرلار ، دىخان چارۋىچىلار مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقانلارمۇ ، بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرمۇ ، ئۆزىنىڭ ۋە كېلەلمىگەنلەرنىڭ سالىمىنى ،كۆڭلىنى ئېلىپ كېريەدىكى  ئاپەتكا ئۇچۇرغان ئاممىغا ئۆزىنىڭ مىھرى شەپقىتىنى ۋە يۇرتىنىڭ سالىمىنى  ئۇلارغا ئىزھار قىلدى،  كېرىيە ناھىيە ئىچى ،ئاتچان يېزىسى قاتارلىق جايلار ئىللىقلىق   يەتكۈزۈش ماشىنلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى ، مانا بۈگۈن چىسلاغا 19بوپتۇ كېريە ئىچىدە يەنىلانۇرغۇن ماشىنىلار ، ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچۇرغان خەلىققە بېرىمىز دەپ ھۆكۈمەت دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، قارقاشتىن كەلگەن يەتتە-سەككىزدەك  دىخان بىرجەمەت ئائىلە كىشىلىرى بىرماشىنا گۈرۈچ ئېلىپ كەپتۇ ، بۇلارنىڭ چوڭى 70ياشتا كىچىكى 20ئەتىراپىدا ئىكەن ، ياشتا ئەڭ چوڭ بولغان كىشى پاراڭ جەريانىدا مۇنداق بىر گەپنى قىلدى ، كېريەدە يەر بەك قاتتىق تەۋرەپتۇ دەپ كىچىلىرى ئۇيۇقىمىزمۇ كەلمىدى ، بېرىپ بىر كۆرۈپ كىللى دەپ كەلدۇق دىدى ، بۇ نىمە دېگەن تەسىرلىك سۆز ..................بىز نىمە دىگەن ئۇيۇشقاق مىللەت ، پەخرىلەن ئۇيغۇرۇم مىللىتىڭىدىن !!!!!!!!!!!!!!!.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 23:49:06

راست.... پەخىرلەن ئۇيغۇر!!!!

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:00:58

قىزىق ئىش.. خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش 和田于田县地震دەپ بەيدۇلىسام بىزنىڭ شىركەت- شەخسلىرىمىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان بىرەر پارچە لاتىمۇ يوق دېسە....  ئىزدەپ بېقىڭلار قېنى سىلەرگە ئۇچرامدىكىن...

بولسا تارتقان سۈرەتلەرنى خەنسوچە ئىسىم بىلەنمۇ يوللاپ قويساق بەيدۇلىسا چىقسا دەيمەنغۇ،
ئەتە- ئۆگۈن ئىچكىرىدىكىلەر ئۆزلىرىدىن بەك تەسىرلىنىپ كېتىپ يېشىدا بىز ئېقىپ كەتمەيلى دەيمىنا... بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزمۇ كۆرۈنسە كۆزگە ھە...

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 11:34:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 11:37  

kosan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 00:00 static/image/common/back.gif
قىزىق ئىش.. خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش 和田于田县地震 ...


كېريە خەلقى ،جۇملىدىن مەن چىن يۇرۇكۇمدىن ئۇلاردىن رازى بولدۇم ! بىزنىڭ شىركەتلەر داغدۇغا پەيدا قىلمىدى ، بىزنىڭ مۇنداق ئىشلارنى قىلدۇق دەپ تەشۋىقاتمۇ قىلمىدى ، ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۇ چاقنايدۇ ، گۇللىسۇن ئۇيغۇر شىركەتلىرى !!!!!!!!!!!!!!!!!

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 12:54:03

مەن ئويلايمەن مۇشۇ كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە بىرىلگەن ياردەملەردە مۇشۇ ۋىچەت بىلەن تور ئالاقە ۋاستىسى بەكرەك رول ئوينىدى .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 20:41:40

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 12:54 static/image/common/back.gif
مەن ئويلايمەن مۇشۇ كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە بىرىلگەن ي ...

راست دەيسىز...
بەت: [1]
: كېرىيەدىكى قېرىنداشلارنىڭ مىننەتدارلىق سالامى