osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 07:13:45

فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن ئى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 07:18  

بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھ

   يېقىندىن بېرى تۈركىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدە قىززىق نوقتا مەسىلىلەرنىڭ بىرى، تۈركىيە باشباقانى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فەتھۇللاھ گۈلەن ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بولۇپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئەسلى مەسىلە ئەردوغاننىڭ فەتھۇللاھچىلارغا تەۋە بولغان «دەرسخانىلار»نى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى بىلەن باشلانغان. بۇ دەرسخانىلار، ھەرقايسى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغان كۇرسلار بولۇپ، بارا-بارا تىجارى كەسپ ھالىغا كېلىپ قالغان. ھەمدە ئوقۇش پۇلىمۇ بارا-بارا ئۆسۈپ كەتكەن. قىسمەن ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار «دەرسخانىلار»نىڭ مائاش ئەۋزەللىكىنى كۆزلەپ مەكتەپلەردىن چىقىپ، دەرسخانىلاردا خىزمەت قىلغان. ئەردوغان بۇ خىل دەرسخانىلارنى تاقايدىغانلىقىنى، فەتھۇللاھ جامائىتىنىڭ بۇنىڭ ئورنىغا مۇنتىزىم مەكتەپلەرنى ئاچسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەكتەپلەرنى دۆلەتتىن بىر تۇتاش باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  فەتھۇللاھ گۈلەن بۇ ئىشقا بىرىنچى ئىنكاسىدا ئەردوغانغا بەددۇئا قىلغان.  شۇندىن باشلانغان بۇ تالاش-تارتىش نۇرغۇن راست-يالغان خەۋەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

  بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ تالىپلىرىدىن ئابدۇللاھ يەگىن، ھۈسنۈ بايرام، سالىھ ئۆزجان، مەھمەت فىرىنجى، ئابدۇلقادىر بادىللى قاتارلىقلار يېقىندىن بۇيانقى تالاش-تارتىشلار ھەققىدە جامائەتچىلىككە چۈشەنچە بەردى. جامائەتچىلىك ئارىسىدا «نۇر جامائىتىنىڭ بىر بۆلىكى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتىنىڭ سىياسىي مەيدانلاردىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ رىسالەئى نۇر خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، بۇ تۈپەيلى بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى تەلىم بەرگەن شەكىلدە قىلىنىۋاتقان «ئىمان خىزمەتلىرىنىڭ تۆھمەت ئاستىدا» قالغانلىقى، ئەگەر بۇ پىرىنسىپلار يوقىسا رىسالەئى نۇر خىزمىتىمۇ بولمايدىغانلىقى، ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ نۇر جامائىتى نامىدىن بۇ خىل ھەرىكەتلەردە بولماسلىقىنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن بۇ ئىزاھتا، رىسالەئى نۇر تالىپلىرىنىڭ سىياسەتكە دائىر كۆزقاراشلىرىغا ئائىت جۈملىلەر يەر ئالدى.
   ئىزاھ تۆۋەندىكىدەك:

بەدىئۇززاماننىڭ 5 تالىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھ

   رىسالەئى نۇر كۈللىياتىنىڭ مۇئەللىفى ۋە رىسالەئى نۇر خىزمىت ىنىڭ ئاساسچىسى بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان، ھەمدە بۇ قۇرئان ۋە ئىمان خىزمىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ئۇستازنىڭ ئۆزىدىن تەلىم ئالغان تالىپلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۆۋەندىكى خۇسۇسلارنى ھۆرمەتلىك جامائەتچىلىككە سۆزلەش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلدۇق:

1.        رىسالەئى نۇرنىڭ خىزمەت ئاساسلىرى ئىچىدە، بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن، ھەمدە بىزگە ۋە بارلىق نۇر تالىپلىرىغا بەكمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەلىم بەرگەن خۇسۇس - بۇ خىزمەتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىمان خىزمىتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدۇر. كۆپلىگەن مەكتۇپلاردا تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىنغان بۇ خۇسۇس، ئەمىرتاغدا يېزىلغان بىر مەكتۇپتا تۆۋەندىكىدەك ئىپادە قىلىنماقتا:

  «رىسالەئى نۇرنىڭ ھېچبىر ئىشقا ۋاستە قىلىنمايدىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقا ھېچبىر مەقسەتكە سەۋەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى؛ ھەمدە (نىشانى) توغرىدىن توغرىغا ھەممىدىن ئاۋۋال ئىمان ھەقىقەتلىرىنى دەرس بېرىش، بىچارە زەئىپلەرنىڭ ۋە شۈبھىگە چۈشكەنلەرنىڭ ئىمانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئوخشاش نۇرنىڭ خاس شاگىرتلىرى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.»

  بۇ ھەقىقەت يۈزىسىدىن جامائەتچىلىككە شۇنى ئېيتىشنى خالىدۇق: كىشىلەرگە قارىتا ھېچقانداق تەرەپۋازلىق قىلماستىن ۋە ھېچبىر مەنپەئەت كۆزلىمەستىن، رىسالەئى نۇر ئارقىلىق ئىمان خىزمىتى قىلىش، ھەمدە ئېھتىياجلىقلارنىڭ ئىمانلىرىنى ھەر تۈرلۈك خەتەر، ۋەھىمە، ۋەسۋەسە ۋە شۈبھىلەردىن قوغداش ئۈچۈن تىرىشىش؛ شۇنداقلا بۇ خىزمەتكە جاۋابەن، ماددى ياكى مەنىۋى ھەرقانداق ھەق كۈتمەسلىك، رىسالەئى نۇر مەسلىكىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئاساسىدۇر. بۇ ئاساس پىدا قىلىۋېتىلگەندە، رىسالەئى نۇر خىزمىتىمۇ قالمايدۇ.

2.        رىسالەئى نۇر خىزمىتىنىڭ غايىسى ۋە ماھىيىتى مەخسۇس ئىمان خىزمىتى قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلەر، تەرەپۋازلىق مەنىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن بولغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەردىن شىددەت بىلەن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز لازىملىقى يۇقىرىقى ئىزاھتىن ئايدىڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇستازىمىز بۇ خۇسۇسنى كۆپلىگەن مەكتۇپلاردا ۋە مۇداپىئەنامىلەردە تەكرار-تەكرار تەكىتلىگەن. شۇ مەكتۇپلاردىن بىرىدە «ئىمان دەرسى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە تەرەپۋازلىق نەزىرى بىلەن قاراشقا بولمايدۇ. دوست ۋە  دۈشمەننىڭ، دەرس ئېلىش جەھەتتە پەرقى يوق. ھالبۇكى سىياسەتتىكى تەرەپۋازلىق بۇ مەنانى زېدىلەيدۇ، ئىخلاسنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، نۇرچىلار مىسلىسىز ئىسكەنجىلەرگە ۋە بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ، نۇرنى  –رىسالەئى نۇرنى-  ھېچقانداق بىر ئىشقا ۋاستە قىلمىدۇق، سىياسەت توقماقلىرىغا قول ئۇزاتمىدۇق.» دېيىلگەن.
ئىمان خىزمىتى قىلىدىغانلارنىڭ سىرتقى ھادىسىلەردىن نېمە ئۈچۈن ئۇزاق تۇرىشى كېرەكلىكى، بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ مۇنۇ بايانلىرىدا تولىمۇ ئوچۇق شەكىلدە ئىزاھلانغان:

«رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ، ئىمكاننىڭ بارىچە، سىياسەتكە ۋە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى بىر ئاساسىي دەستۇرىدۇر. چۈنكى خالىسانە قۇرئان خىزمىتى، ئۇ ئىشلار ئۈچۈن ھەممىدىن بەك يېتەرلىك بولىدۇ. ھەم ھازىر ئۈستۈنلۈك قازانغان تولىمۇ قۇۋۋەتلىك جەريانلار ئىچىدە، سىياسەت دائىرىسىگە كىرگەن ھېچبىر كىشى، ئۆز ھوقۇق ئەركىنلىكىنى ۋە ئىخلاسىنى مۇھاپىزەت قىلالمايدۇ. قانداقلا قىلسا، مەلۇم بىر (پىكرىي ياكى سىياسىي) جەريان ئۇ (كىشى)نىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قوللىنىۋالىدۇ، دۇنياۋى مەقسىتىگە ۋاستە قىلىۋالىدۇ، ئۇ (كىشى)نىڭ خىزمىتىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلىدۇ... ھەمدە دۇنيا ئۈچۈن دىنىنى تاشلىغان ۋەياكى دىننى دۇنياغا ۋاستە قىلغانلارنىڭ نەزىرىدە، قۇرئاننىڭ ھېچقانداق نەرسىگە ۋاستە قىلىنمايدىغان مۇقەددەس ھەقىقەتلىرى، «سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ بىر ۋاستىسى قىلىندى» دەپ چۈشىنىلىپ قالىدۇ. ھەمدە ھەر تەبىقىدىكى خەلقنىڭ، -قارشى چىققۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە  ئاددى پۇقرالارنىڭ-  ھەممىسىنىڭ ئۇ قۇرئان ھەقىقەتلىرىدىن نېسىۋىسى بار، شۇنداقلا ئۇ ھەقىقەتلەرگە مۇھتاج. رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى، پۈتۈنلەي بىتەرەپ بولۇش ئۈچۈن، سىياسەتنى ۋە ماددى جىدەل-ماجرالارنى پۈتۈنلەي تاشلىشى ۋە ھېچ ئارىلاشماسلىقى لازىم بولدى.»

  سىياسەت يولى بىلەن ۋەتەنگە، مىللەتكە، ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلىشمۇ ئەلۋەتتە سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. ئەمما ھەممە كىشىگە ئوخشاش شەكىلدە ئىمان ھەقىقەتلىرىنى يەتكۈزىدىغان بىر خىزمەتنىڭ ماھىيىتى، سىياسەت يولى بىلەن قىلىدىغان خىزمەتتىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، جامائەتنىڭ نامىدىن سىياسىي پائالىيەت قىلىش، سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن كېلىشىپ-پۈتۈشۈش، دۆلەت ئىچىدە جەمئىيەتلىشىش، دۆلەتنىڭ كۈچىگە شىرىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشتەك پائالىيەتلەرنىڭ ھەمىسى رىسالەئى نۇرنىڭ ئىمان ۋە قۇرئان خىزمىتىگە تامامەن زىتتۇر. رىسالەئى نۇر تالىپلىرى بۇنداق پائالىيەتلەردە بولۇشنى، ئۇستازىدىن مىراس ئالغان مۇقەددەس خىزمەتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بۇزغانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭدىن شىددەت بىلەن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇنىڭدەك، خەلقنىڭ رايى بىلەن ھۆكۈمەتنى قولىغا ئالغان شەرئىي كۈچنى ھىمايە قىلىش ۋە مەملىكەتتە ئاسايىشلىقنى بۇزىدىغان ئىستىداتتىكى ھەرىكەتلەردىن شىددەت بىلەن ئۆزىنى تارتىشمۇ رىسالەئى نۇر تالىپلىرىنىڭ ئۆز ئۇستازىدىن تەلىم ئالغان ئەڭ مۇھىم ئاساسى ۋە دەستۇرىدۇر؛ ئەمما ئۇلار بۇنى ھېچبىر زامان ھەرقانداق مەنپەئەتكە ۋاستە قىلمايدۇ، تەرەپۋازلىق ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويمايدۇ.

  بارلىق نۇر تالىپلىرىنىڭ ئۇستازى بەدىئۇززاماننىڭ، ئۆز ۋاپاتىدىن بۇرۇن تالىپلىرىغا بەرگەن ئاخىرقى دەرسىدە:

  «ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مۇسبەت ھەرىكەت قىلىشتۇر، مەنپى ھەرىكەت قىلىش ئەمەستۇر. ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئىمان خىزمىتى قىلىشتۇر، ئاللاھنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىقتۇر. بىزلەر ئاسايىشلىقنى ساقلاشنى نەتىجىلەندۈرىدىغان مۇسبەت ئىمان خىزمىتى ئىچىدە ھەرقانداق ئېغىرچىلىققا قارىتا سەبىر قىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش بىلەن ۋەزىپىدارمىز.» دېيىلىپ، ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بايان قىلىنغان.
3.        ئىمان خىزمىتىنىڭ ماھىيىتىگە ئوخشاشلا، ئۇنىڭ مېتودلىرىمۇ، سىياسەتتە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئادەت ۋە پىرىنسىپلاردىن ئۇزاقتۇر. ئىماننىڭ ئاساسى بولغان سىدق (توغرىلىق)، ئىمان خىزمىتىنىڭمۇ ئاساسىدۇر؛ يالغانچىلىق، تۆھمەت، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، ھىيلىگەرلىكتەك پېئىللار ۋە مېتودلار ھېچبىر زامان ئىمان خىزمىتىگە ياراشمايدۇ. ئۇستازىمىز بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى، «يول، سىدق ۋە توغرىلىق ئۈستىدە بولۇشتۇر» دەيدۇ:

«سۇئال: ھەممىدىن ئاۋۋال بىزگە لازىم بولغىنى نېمە؟

جاۋاب: توغرىلىق.

سۇئال: ئاندىن؟

جاۋاب: يالغان سۆزلىمەسلىك.

سۇئال: ئۇندىن كېيىن؟

جاۋاب: سىدق، ئىخلاس، ساداقەت، چىدامچانلىق، بىر-بىرىگە تايىنىپ ياردەملىشىش.

سۇئال: پەقەت مۇشۇمۇ؟..

جاۋاب: ھەئە...

سۇئال: نېمە ئۈچۈن؟

جاۋاب: كۇفۇرنىڭ ماھىيىتى يالغاندۇر. ئىماننىڭ ماھىيىتى سىدق (توغرىلىق)تۇر. ھاياتىمىزنىڭ داۋام قىلىشى ئىمان، سىدق ۋە بىر-بىرىگە تايىنىشنىڭ داۋام قىلىشى بىلەن بولىدۇ. مۇشۇ دەلىل يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟»

  بىر مۇداپىئەنامىسىدە «باشقا دۇنياۋى، سىياسىي، ئاغدۇرمىچى جەمئىيەتلەر ۋە كومىتېتلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يوقتۇر، ھەمدە (مۇناسىۋەت باغلاپ) تۆۋەنگە چۈشمەيمىز.» دەپ، رىسالەئى نۇر خىزمىتى بىلەن باشقا پائالىيەتلەر ئارىسىدىكى بۇ ئاساسى مېتود پەرقىنى ئوچۇق ئىپادە قىلغان.

4.          بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى بىر ئەسلىمىسىدە، سىياسىي تەرەپۋازلىقنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك نەتىجىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

  «ئىسلامىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا دائىر بىر ئاساسىي قانۇنى، مۇنۇ ھەدىسى شەرىفنىڭ ھەقىقىتىدۇر: "(مۇئمىننىڭ مۇئمىنگە قارىتا مۇناسىۋىتى، پارچىلىرى بىر-بىرىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان بىر بىناغا ئوخشاش.)" يەنى، سىرتقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزلىرىغا قارشى، ئىچكى ئاداۋەتنى ئۇنۇتۇش ۋە بىر-بىرىگە مۇكەممەل تايىنىشتۇر. ھەتتا ئەڭ ياۋايى تائىپىلەرمۇ بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ مەنپىئەتىنى چۈشەنگەنكى، سىرتتىن بىر دۈشمەن كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇ تائىپىدىكىلەر بىر-بىرىنىڭ دادىلىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن تۇرۇقلۇق، ئۇ ئىچكى دۈشمەنلىكىنى ئۇنۇتۇپ، سىرتقى دۈشمەن چېكىنگەنگە قەدەر بىر-بىرىگە تايانغان تۇرسا؛ مىڭلارچە قېتىم ئەپسۇسلىنىمىزكى، مەنمەنچىلىكتىن، شۆھرەتپەرەستلىكتىن، مەغرۇرلۇقتىن ۋە زالىم سىياسەتتىن تۇغۇلغان ئۆز ئىچىدىكى تەرەپۋازلىق پىكىرى بىلەن، ئۆز تەرىپىگە شەيتان ياردەم قىلسا ئۇ شەيتانغا رەھمەت تىلەپ، قارشى تەرەپكە پەرىشتە ياردەم قىلسا ئۇ پەرىشتىگە لەنەت ئوقۇيدىغان ھادىسىلەر كۆرۈنىۋاتىدۇ. ھەتتا سالىھ ئالىم، ئۆزىنىڭ سىياسىي پىكرىگە قارشى بولغان يەنە بىر بۈيۈك سالىھ ئالىمنى كاپىرغا چىقىرىش دەرىجىسىدە غەيۋەت قىلغانلىقى؛ ۋە ئىسلامىيەتكە قارشى بىر دۈشمىنىنى -ئۆزىنىڭ پىكرىگە ئۇيغۇن ۋە تەرەپدار بولغانلىقى ئۈچۈن- قىزغىنلىق بىلەن ماختىغانلىقىنى كۆردۈم. ھەمدە شەيتاندىن قاچقاندەك، ئوتتۇز بەش يىلدىن بېرى سىياسەتنى تەرك قىلدىم.»

  مانا بۇ سەۋەپتىن، ئەينەن بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ تالىپلىرىمۇ سىياسىي تەرەپۋازلىقلاردىن يىراقتىمىز، ھەمدە بۇ ئىمان ۋە قۇرئان خىزمىتىگە ھېچقانداق سىياسىي تەرەپۋازلىقنىڭ سايىسى چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ پىرىنسىپقا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلماقتىمىز.

5.        بىز رىسالەئى نۇر تالىپلىرى، خىزمىتىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىنى، مەنبەسى قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بولغان رىسالەئى نۇردىن ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىفى بولغان بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىدىن دەرس ئالىمىز. مەنسىپى، ماددى ۋە مەنىۋى ماقامى، شۆھرىتى، ئۇنۋانى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھېچكىمنىڭ شەخسىي تەۋىللىرى رىسالەئى نۇر تالىپلىرى ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. رىسالەئى نۇر مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قىيىن دەۋىرلىرىدىن ئۆتۈپ، بۈگۈنكى مۇزەپپەر بولۇپ غەلبە قازانغان ھالەتكە كېلەلىگەنلىكى؛ بۇ بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ يۈكسەك بىر ئىنچىكىلىك بىلەن مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن «خىزمەت دەستۇرلىرى»نىڭ نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقاندۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، زاماننىڭ ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خىزمەت ئۇسۇلىدا بىرمۇنچە ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ھازىر رىسالەئى نۇر خىزمىتى دەيدىغان نەرسە قالمىغان بولاتتى.

6.        يېقىندىن بېرى يۈزبەرگەن ۋە ھەممىمىزنى غەش قىلغان بەزى ھادىسىلەر، سىياسىي ماھىيەتكە ئىگە بولغان ۋە رىسالەئى نۇرنىڭ ساپ خىزمىتىدىن بەكمۇ يىراق بولغان بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ رىسالەئى نۇر بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلىشىنى، ھەمدە بۇ مەنپى ھەرىكەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئىمان خىزمىتىمىزنىڭ تۆھمەت ئاستىدا قېلىشىنى نەتىجىلەندۈرگەنلىكتىن، بىز رىسالەئى نۇر تالىپلىرىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەر بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە ئالاقىمىز يوقلىقىنى ۋە بۇ خىل ساغلام بولمىغان ئىدىيەلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇر ئەمەسلىكىنى ئىزاھ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.

  ئەزىز خەلقىمىزگە ھۆرمەت بىلەن
     ئابدۇللاھ يەگىن          ھۈسنۈ بايرام             سالىھ ئۆزجان         مەھمەت فىرىنجى           ئابدۇلقادىر بادىللى
   

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:46:32

مەنبەسى:   http://www.haber7.com/guncel/haber/1111306-bediuzzamanin-5-talebesinden-ortak-aciklama

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 16:31:45

مۇسۇلمانننىڭ ئاساسلىق ئىش- ھەرىكىتى قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ئاساس قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى دىننىي زۇلمەت ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. دېمەك بەددىئۇلزامان ۋە رىسالى نۇرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. قۇرئان ۋە ھەدىس مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق بارلىق ئىشلارنىڭ يېپىدىن يىڭنىسىغىچە ھەممىگە ئۆلچەم بىكىتىپ بەرگەن. قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغانلىرىمىز ئىنىق. شۇڭلاشقا بۇ ئېقىمنىڭ پىكىر- ئېقىملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا يېڭى ئەسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىخلاس، ئىمان، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە... قاتارلىق ئىلىم- پەننىڭ بارلىق روجەكلىرىگىچە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر ئىنكاسىم يوقارقى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز. ئەمما نۇرچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تېما بولغانلىقى ئۈچۈن پىكىرىمنى يېزىپ قويدۇم.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 19:10:17

گەپنىڭ پوس كاللىسى كالامۇللاھنى ئىنسان مەنپەتىنى چىقىش قىلدىغان سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغانلار
ئەڭ پەسكەش كىشلەر ،،،،يەنە بىر گەپ نەتىجە ئىتۋارى بىلەن گۈزەل

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:02:47

سىياسى ئىسلامغا قارشى تۈرۈش كىرەكمۇ؟  سىياسەتنىڭ دىننى ۋاستە قىلۋىلىنماسلىقى سۆزلەنسە بەزىلەر   ئىسلامدا ھەممىسى بار   ،  ئىسلامچە سىياسەت يۈرگىزىش كىرەك  ئاق كۆك دەپ قارشى تۇرىدىكەن

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:02:56

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 19:10 static/image/common/back.gif
گەپنىڭ پوس كاللىسى كالامۇللاھنى ئىنسان مەنپەتىنى چىقى ...

دىننى سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:04:36

ئىزچى 1991 دىگەن ئاداشنى بىكا باھالاپ قۇيۇپتىمەن جەڭچىنىڭ ئىشكاسىنى باھالىماقچىدىم . ماۋۇ ئاداشقا بەرگەن مۇنبەر پۇلىنى قايتاغىلى بولمىدى . جەڭچىگە بىرىپتىكەن دەپ چۈشۈنۈۋالارسىلەر :lol

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:37:38

RE: فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن ئى...

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 16:31 static/image/common/back.gif
مۇسۇلمانننىڭ ئاساسلىق ئىش- ھەرىكىتى قۇرئان ۋە ھەدىسنى  ...

ئۈمىدىڭىزنى ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرمىغاي. چۈنكى، بىرىنچىدىن، تۈركىيەنى مۇستاپا كامالنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كەلگىنى دەل نۇرچىلاردۇر.   ئىككىنچىدىن ،  قۇرئان ۋە ھەدىسنى رەھبەر تۇتۇشتا ئالىملار زۆرۈر.  ھەر ئىشنى كەسىپ ئەھلىدىن سوراش ئاددى ساۋاتتۇر .  دورا تەييار بولسىمۇ قايسى دورىنى قانداق يېيىشنى دوختۇردىن سورىماق لازىم ئەمەسمۇ ؟!  قۇرئان ھەر دەرتكە داۋا دورىدۇر.  ھەر ئەسىرنىڭ كېسىلى ھەرخىل ، بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ئەسىرنىڭ دوختۇرى ھۆكمىدىكى مۇجتەھىد ئالىملارغا تايىنىش زۆرۈر.   قۇرئان ئايىتىدىكى "ئۇلۇل ئەمر " شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.   "ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى " دېگەن ھەدىسنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىز.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:26:44

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 22:02 static/image/common/back.gif
سىياسى ئىسلامغا قارشى تۈرۈش كىرەكمۇ؟  سىياسەتنىڭ دىنن ...

ئىسلامچە سىياسەت دىمسە  سىزگەئوخشاش بىشىغا خىش چۈشۈپ كەتكەن ئاداشلار چۈشەنمەيدۇ ،،،ئىسلامدا مەرىپەت بار،خەيرى-ئىھسان بار
ھەقىقەت بار ،غەزەپلىنىشكە تىگىشلىك يەردە مەنپەت ئۈچۈن زالىمغا تەبەسسۇم قىلمايدۇ ،مەنپەت ئۈچۈن ياخشىغا غەزەپ قىلمايدۇ ،،،،

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 10:19:43

osmanli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 22:37 static/image/common/back.gif
ئۈمىدىڭىزنى ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرمىغاي. چۈنكى، بىرىنچ ...

دەل سىزدەك ئويلايدىغان ئادەملەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامدا نېمە كۆپ؟ مەزھەپ بىلەن پىرقە، ئەنئەنە بىلەن خۇراپات كۆپ... ھەر ئالىمدىن، ھەر زاماندىن بىر قانچە خىل خۇراپات ۋە پىرقە مىراس بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇش، جىدەل، مەزھەپ كۆرۈشىدىن باشقا ئىش يوق. شۇ ۋەجىدىن كاللىڭىزنى سىلكىپ ئويلىنىڭ. نۇرچىلار تۈركىيەنى ھازىرقىدەك قىلغان بولسا ئەمدى ۋەزىپىسى تۈگىدى. يېڭى دەۋرگە يېڭى كاللا، يېڭى ئىدىيە كېرەك. بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىغا كېرىكى مەزھەپسىز، ئېقىمسىز، پەرز ۋە سۈننەتكە قايتقان جەمئىيەت.

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 13:42:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 13:48  

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 10:19 static/image/common/back.gif
دەل سىزدەك ئويلايدىغان ئادەملەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ...

   مەزھەپ ۋە پىرقە، ئەنئەنە ۋە خۇراپاتلارنىڭ كۆپلىكى ئالىملارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ھەقىقىي ئالىملارنىڭ ئازلىقىدىن بولغان. خۇراپات ۋە پىرقە ئالىملاردىن ئەمەس، خەلىقنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ئىلىمنىڭ ئورنىغا جاھىللىقنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىدىن بولدى.  ھەقىقىي ئالىملىرىمىز بۇنى تۈزەش ئۈچۈن تىرىشقان ھەم تۈزىگەن. بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ.   نۇرچىلارنىڭ تۈركىيەنى ھازىرقىدەك قىلالىغانلىقى بولسا، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالاشقا ئىستىداتىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىسپاتى.  ھەمدە، پەلەكنى چۆگلەتكۈچى ۋە تەقدىرنى يازغۇچى ئاللاھتۇر. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سىياھلار قۇرۇپ بولدى. ئاللاھنىڭ تەقدىر پىلانىدا قايسىسى بولسا شۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛ ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بويىچە، غەلبە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ، ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە،  بىر-بىرىگە ھەقنى ۋە سەبىر قىلىشنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ھەسرەتتىن قۇتۇلىدۇ.  قايسى ئالىم ياكى جامائەت ئاخىرغىچە سەبىر قىلالىسا شۇ غەلبە قىلىدۇ...     بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى يېيىۋاتقان بىر جامائەتكە، ئۇلار ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.  يەنە، ئىسلامنىڭ پارچىلىنىشىغا قايسى پىكىرنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىغا ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى تارىخنى ئاختۇرۇپ باقساق، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىغا نېمە كېرەكلىكىنى بىلەلەيمىز. ھەممىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ باقايلى.

UYGHUR0991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 14:26:41

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 22:04 static/image/common/back.gif
ئىزچى 1991 دىگەن ئاداشنى بىكا باھالاپ قۇيۇپتىمەن جەڭچىن ...

ئىشكاسقا بەرمەي   ئىنكاسقا بېرىڭ

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:09:56

osmanli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 13:42 static/image/common/back.gif
مەزھەپ ۋە پىرقە، ئەنئەنە ۋە خۇراپاتلارنىڭ كۆپلىكى ئ ...

كاللىنى سىلكىپ ئويلىساق يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن كۆرىمىز. ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە بار. يەھۇدى ناسارالار ھەجەپ بىزگە زىيانكەشلىك قىلالايدىكەنۇ، مۇسۇلمانلار نېمە دەپ ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؟
گەپ ئۆزىمىز ئالىم قىلىۋالغانلارنىڭ ئالىملىق سالاھىيتىنىڭ ئەسلى مەنبەگە لايىق بولالمىغانلىقىدا، بىز يەنە ئەسلى مەنبەگە ئۆزىمىز تايىنىشنى ئاساس  قىلماي ئارىغا ئالىملارنىڭ سېلىۋېلىۋەرسەك ئاقىۋەت تارىخ داۋاملىق تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ھازىرغىچە فارابىنى، غەزاللىنى، ھەللاجىنى،  جالالىدىنننى ئالىم دەيدىغانلار ساماندەك، شىئە، ئىسمائىلىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تۇرۇپ بىر- بىرىنى قىرىۋاتقانلارنىڭ ئۇستازلىرىنىمۇ ئۇلار ئالىم دەپ قارايدۇ. گۈلەنلەرنىمۇ ئۆز تائىپىللىرىمۇ ئالىم دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ ئالىم ياكى ئەمەسلىكىنى سىز ۋە بىزلەر ئايرىم بولالمايمىز. ئايرىم بولالىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇلارنى قوللايدىغان ۋە قوللىمايدىغانلار ساماندەك چىقىدۇ. شۇ ۋەجىدىن قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر يېتەرلىك، يول ئىنىق، ئوقۇيدىغان كىتاب، كۆرىدىغان ماتىرىياللار بولغاندىكىن ... يەنە ئاللاكىملەرنى ئۇستاز، يېتەكچى قىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. مەن باشقا دىنغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقتىم. بۇددىستلار بۇدلارنى خۇدا دېمەيدىكەن، ئەكسىنچە بۇدلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن كېشىلەرنى بۇدداسىنىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلار دەپ چۈشۈنىدىكەن. بۇدقا ئېتىقاد قىلسا بۇدداسىنى خۇش بولىدۇ دەپ بىلىدىكەن. خىرىستىيان ناسارالارمۇ ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىدىكەنۇ ئۇنىڭغا قوشۇپ مەريەم ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى قوشۇپ خۇدا دەۋالىدىكەن. دېمەك: ئۇلار ياراتقۇچىغا ئۆز تەسەۋۇرىدىكى ئاللا كىملەرنى قوشۇپ ياكى ۋاستە قىلىپ ئېتىقاد قىلىۋالغانلىقتىن ئازغۇنلار قاتارىغا كىرىپ كېتىدىكەن. دېمەك: قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر يېتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىز يەنە ئاللا كىملەرنى ئالىم قىلىۋېلىپ شۇ ئېقىمغا ئۆزىمىزنى تەۋە قىلىۋېلىپ، شۇ پىرىنسىپلاردىن چىقماي ياشاش يولىنى تاللىۋالغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز گۇمراھلىققا باشلىغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگەنلىرى تولۇق بولغان. ئۇنى تولۇقلاشنىڭ، باشقىچە ۋارىيانتلىرىنى پەيدا قىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق.

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 22:29:22

RE: فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن ئى...

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 09:09 static/image/common/back.gif
كاللىنى سىلكىپ ئويلىساق يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن كۆرىم ...

دەيدىغىنىم يەنە ئوخشاش.  ئىنسانلار ئالىملارنىڭ جىقلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ئازلىقىدىن خاتالىشىۋاتىدۇ.   شىئەلەر مەسىلىسى بۇ دەۋرنىڭ ئەمەس، 4- خەلىپە دەۋرىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭ ئاساسىدا سىياسى غەرەز ، مىللىي ئاداۋەت بار.  ھەرگىزمۇ ئالىمغا ئەگەشكەنلىكنىڭ ئىشى ئەمەس . ئەگەر شۇ چاغدا ھەقىقىي بىر ئالىم ئوتتۇرىغا چىققان بولسا ئىدى ، ئۇنداق نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقمايتتى.   
   دىن دۈشمەنلىرى 200 يىل بۇرۇن دەل سىزنىڭكىدەك پىكىرنى يېيىش ئارقىلىق ئىسلامنى پارچىلىدى.    ئۇندىن بۇرۇن ھېچكىم ئالىملارغا ئەگىشىشنى خاتالىق دەپ قارىمايتتى.   ئۇ پىرقە بۇ پىرقە دەپ بۆلۈپمۇ يۈرمەيتتى . ھەممىسى ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىسلامغا خىزمەت قىلاتتى.  شەرت شۇكى ، ئەھلى سۈننەت ئىتىقادىنى بۇزمىغان بولسۇن.   
   ئاۋام قويغا ئوخشايدۇ.  ئۇنى قورۇيدىغان پادىچى بولۇشى لازىم.  ئۇ بولسىمۇ ئالىملاردۇر.  پادىچى بولمىسا ياكى ئىتائەت قىلمىسا ھازىرقىدەك بولىدۇ مانا.   
ئەمەلىيەتتە ئىسلام پەقەت بۆلۈنۈپ كەتتى دېگەنلەرنىڭ ئىدىيەسىدىلا بۆلۈنۈپ كەتتى.   

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 16:15:53

osmanli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 22:29 static/image/common/back.gif
دەيدىغىنىم يەنە ئوخشاش.  ئىنسانلار ئالىملارنىڭ جىقلى ...

بۇ تېما ھەققىدە سىز بىلەن سۆھبەتلەشمەيمەن. چۈنكى سىز نېمىلا دېسە ئۆزىڭىزنىڭكىنى راست دەيدىغان ئادەم ئىكەنسىز. شۇنداقلا ئىسلام تارىخىغا قارىتا بىلىدىغانلىرىڭىزمۇ ئازكەن. ئاخىرىدا شۇنى دەپ قويايكى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەزھەپ، ئېقىم مەسىلىلىرى تۆت خەلىپە زامانىدىلا باشلانغان. ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى زامانلاردىمۇ بۇ مەسىلە ھەر دەۋردىكى خەلپە، پادىشاھ ۋە شەرىئەت يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتتۇرۇپ كەلگەن مەسىلىگە ئايلانغان. پەقەت ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىشنى ئىستىمەي، بىزگە ئوخشاش سىرتتىن مەدەت تېلىگەندىن كېيىنلا بىزدەك كۈنگە قالغان.
تامام !

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 22:12:43

RE: فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن ئى...

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 16:15 static/image/common/back.gif
بۇ تېما ھەققىدە سىز بىلەن سۆھبەتلەشمەيمەن. چۈنكى سىز  ...

مېنىڭچە مەن سىزنى قايىل قىلالايمەن.   ئوچۇق دېمىگەنلا يېرىم بار. ۋاقىت بولسا  سىزگەئۇچۇر يازاي.  
بەت: [1]
: فەتھۇللاھ گۈلەن ماجراسى ھەققىدە بەدىئۇززاماننىڭ تالىپلىرىدىن ئى...