شاڭخەينى بىلىدىغانلاردىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن بۇ شەھەگە بېرىپ باقمىغان، يېقىندا يالغۇز بېرىشقا توغرا كەلدى. شۇڭا سەل ھاڭۋېقىپ قالدىم. تۆۋەندىكى ئىشلاردا بىلىدىغانلار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەڭلار.
-----------
شاڭخەي خوڭچىياۋ ئايروپورتىدىن شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاكسىدا قانچىلىك ۋاقىتتا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ؟
دالىيەن غەربىي يولىدىكى شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن، باھاسى ئەرزانراق، ئۆزى پاكىزە، ئۇيغۇرنى يەكلىمەيدىغان ياتاقلاردىن قايسىلار بار؟ (200 يۈەندىن بەك ئېشىپ كەتمىسە ياخشى بولاتتى...)
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدىچۇ؟
ئەتراپتا قانداق ھالال ئاشخانىلار بار؟
كۆپ رەھمەت! ۋەئەلايكۇم ئەسسالام ،ھازىر تاكسىدا ئولتارسىڭىز قىممەت چىقىدۇ،شۇڭا مېترو دا ماڭسىڭىز ئەرزان.ياتاقنى تاۋباۋ تورىدىن تېزىملىتىڭ ،سوراپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ،فۇدەن ئەتراپىدا布丁酒店 دىگەننى تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ،200سومغا بارمايدۇ.فۇدەن ئەتراپىدا شنجاڭ ئش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەپەندى رىستۇرانى ،غېنى باي تېز تاماقخانىسى ،يەنە بىر نەچچە ئاشخانىلار بار ،يەنە مەن دىگەن ياتاققنىڭ ئۇدۇلىدا خۇيزۇ ئاشخانىسى بار ،
خوڭچىياۋ ئايروپورتىدا مىترو بار ناھايىتى قولايلىق تاكسىدا ئولتۇرماڭ قولىڭىز دىكى تېلىغۇندا خەرىتە ئارقىلىق ماڭسىڭىز بولىدۇ
ياتاقنى توردىن تىزىملىتىۋالسىڭىز سىزنى تەكشۇرشى مۇمكىن لېكىن ياتقىلى قويىدۇ ،
مەن خالىغان بىرنى تاللاپ ئەۋەتپ قويدۇم ،سىز يەنە ئاخـتۇرۇپ بېقىڭ لېكىن ئادرىسقا دىققەت قىلىپ پۇل تۆلەڭ ،مەن دىگەن بۇ ياتاق فۇدەن بىلەن 500mكېلىدۇ .
http://kezhan.trip.taobao.com/item.htm?item_id=19842513910&mt=&mt=&spm=a230r.1.14.49.SlDAfZ&spm=a230r.1.14.49.SlDAfZ&mt= http://s.taobao.com/search?initiative_id=staobaoz_20140219&js=1&q=%B2%BC%B6%A1%BE%C6%B5%EA+%B8%B4%B5%A9%B4%F3%D1%A7&stats_click=search_radio_all%3A1 كەچۇرۇڭلار ئىش ئورنىنىڭ كومپىيۇتىرى قېتېۋېلىپ مۇشۇنداق جېق ئەۋەتىلىپ] كېتىپتۇ hesitate يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 10:50 static/image/common/back.gif
كەچۇرۇڭلار ئىش ئورنىنىڭ كومپىيۇتىرى قېتېۋېلىپ مۇشۇند ...
تىما ئىگىسىنىڭ قۇلقىغا قۇيۇلۇپ كەتتى ھەقاچان سىزنىڭ جاۋاپلىرىڭىز :lol ،خالىسىڭز ياردەم قىلاي
ياتاقنى 去哪儿دىگەن توربەتتىن زاكاس قىسىڭىز ياخشىراق ياتاقنى توردا ئالدىن زاكاس قىلىۋالسىلا بولىدۇ. بەيدۇ خەرىتىسىدىن ئىزدىسىڭىز ئۆزىڭىز سورىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك جاۋاب تاپالايسىز. مېترودىن ياخشى پايدىلىنىڭلار بۇرادەر، كوچا ئاپتۇبۇسىدىن قولاي. تاكسى قوزغىلىش 13، 14 يۈەن، كىلومېتىرغا پۇل چىقىــــــــــــــــــــــۋېرىدۇ، مېترودا ئەڭ جىق ئالتە يۈەن خەجلەيسىلەر. ئايفون بولسا شاڭخەي مېترو دېگەن ئەپنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ئىككى مىنۇت كۆرۈۋېلىڭلار يولنى.
پۇدوڭ يېڭى رايونى تەرەپتە ياتاقلار ئەرزانچىلىق، ئۇيغۇرنى يەكلەپ كەتمەيدۇ. ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت... كېرەكلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدىڭلار....
بەت:
[1]