tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:38:49

يەنە بىر كاتتا تەرجىمە «تېرە پۈتۈك»

1. نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ئاكا ئاغىنە ئەخمەت ئاكىنىڭ يېنىغا بېرىپ داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان تېرە پۇتۇك ناملىق كىتاپنى كۆرۇپ قالدىم .گەپ ئارلىقىدا كىتاپنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا  تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىنى بەكمۇ كىچىكىپ نەشىردىن چىققانىلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ ماڭا سوغات قىلىپ بىرۋەتتى . ئادەم ئۆزى ئېرىشىشنى ئويلاپ تۇرغان نەرسىگە سوغات تەرىقسىدە ئېرىشسىە تېخىمۇ پەيزى بولىدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپنى قولۇمغا ئالغىنىمىچە توختىماي ئوقۇشقا باشلىدىم .

2. تېرە پۈتۈك ئوگ ماندۇ نىڭ مۇۋاپىقيەتشۇناسلىققا ئائىىت بىر مەشھور ئەسىرى بولۇپ ، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدىكى بىرىنچى ئەۋلات مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق كىتابى بولغان دالى كارنىگ  نىڭ قايغۇرماي باتۇرلاچە ياشاڭ ، ئىنسان تەبئىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىىرى ۋە كەمچىلىكلىرى ..........قاتارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇدۇق ۋە يەنە ئىككىنچى ئەۋلات ناپالىئون خېلنىڭ ئىككى قسىىملىق مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق ھەقىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇق .مانا ئەمدىلىكتە ئىھتىمال ئۇچۇنچى ئەۋلات قاتارىغا ئۆتۇپ قالىدىغان ئوگ ماندۇنىڭ تېرە پۇتۇك ناملىق ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى .

3.ئەمدى تەرجىمىنىڭ ئىچىدە تەرجىمە بولىدۇ ،بەزى جان كىرگۇزىۋېتىلگەن تەرجىملەرنىڭ ھەر بىر بەت ھەر جۇملە ھەر بىر سۆزلۇكلىرىگە قەدەر تەرجىماننىڭ تامغىسى روشەن چاقناپ تۇردىغان بولۇپ . مەن تېرە پۈتۈكنى ئوقۇش جەريانىدا بۇ نۇقتا تەكرار تەكرار كۆز ئالدىمىدا زاھىر بولدى . بۇ كىتاپنى نوقۇل  مۇۋاپىقيەتشۇناسلىققا ئائىت كىتاپ قاتارىدا ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغىتىنى ۋە ئشىلتىلشى بوشلىقىنى كېڭەيتكەن بىر ئۇيغۇرچە مۇۋاپىقيەت يېڭى سۆزلەر قامۇسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .

4. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ تېرە پۈتۈك ، ئۇيغۇر جەميىتىدە ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىندىن كىيىن پەلسەپە ساھاسىدە بىر قەدەر سېستىمىلىق ئىزدەنگەن . سوپىيەنىڭ دۇنياسى قاتارلىق دۇنياۋى پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمانى ۋە يېققىندا نەشىرگە سۇنۇلغان ئۇيغۇر تىبابەت پەلسەپەسى نامىلىق كىتاپنىڭ مۇئەللىپى داۋۇت ئۇبۇلقاسىم ئەپەندىمنىڭ قولىدا تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىزگە سۇنۇلىشى بىلەن ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ئەھلى  قىلغاندەك بىر خىل ھاياجانلىق كەيپىياتتا چۇلغۇلنىپ كىتاپنى ئوقۇپ كەتتىم .

5. ئەمدى كىتاپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك داۋۇتكام تەرجىمە قىلغان بۇ كىتاپتا يېڭى ئۇقۇملار كۆپ ، يېڭى ياسالغان سۆزلىكلەر كۆپ ، يېڭى سۆز بىرىكمىلىرى كۆپ بولۇشتەك يېڭلىق ئىجادىلىق ئامىللىرىغا تويۇنغان . بىز كۆرۇپ يېڭىلىق ھىس قىلىدىغان جۇملىلەر ئىلگىركى كىتاپ جۇرناللاردىكى قېلىپلاشقان جۇملىلەرگە روشەن سېلىشتۇرما ھالەتتە  ئادەتتە بىر يەرگە بىر جۇملە ئىچىدە كەلمەيدىغاندەك كۆرۇنگەن سۆزلەر بىر جۇملىگە كىرىپ جۇملىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە مەزموندارلىقىنى چۇشۇنۇشلىكلىكىنى يېڭلىق تۇيغۇسىنى كۇچەيتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا پىسكىخىكىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر چۇشۇنۇپ بولالمايدىغان ئۇقۇملىرى  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دەۋرىلەردىكى جەۋھەرلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ناھايتىى ئىخچام ئامىباپ ھالەتكە كىلىپ ، قارىساق بىز ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئۇقۇملار لېكىن كىتاپنى ئوقۇغاندا يازغۇچىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىۋاستە ھىس قىلىپ تېڭىرقاپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە  تەرجىمە قىلىنغان .

6. ئەمما لېكىن مىڭ ئاڭلىغاندىن ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرگەنگە يەتمەيدۇ .كەمىنە توخوتۇرنىڭ داۋاملىق ئوقۇغان كىتاپلىرىمدىن گۇزەل سۆز جۇملىلەرنى سىزىپ كۆچۇرۋالىدىغان بىر ئادىتىم بار ، تۆۋەندە مەن داۋۇتكام  تەرجىمە قىلغان بۇ كىتاپتىكى گۇزەل جۇملىلەردىن بىر قانچىسىنى يوللاپ قويدۇم .

*ھەممىمىزدە گۇزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇدەك دەسمايە بار .

* نىشاننىڭ تۇرمۇشقا نۇر چېچىشى

* ئىنسان جانابى ھەقنىڭ كائىناتنىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلغان مېھىر ئېقىمىغا ئازدۇر -كۆپتۇر چۆمۇلگەندىلا ئاندىن ئۆز ۋۇجۇدىيىتىنى موشۇ ئېقىمغا سىڭدۇرۋېتەلەيدۇ .

*ئىچكى دۇنيارىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر جوش

*ئۇتۇق ئۇچۇن ئوت بولۇپ كۆيۇش

* ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئۇلى بوش خاتىرجەملىك ئۈن -تۇنسىز يوقايدۇ .

*گۇمراھ ھىسلار

*ئۆتكەن كۇنلەرنىڭ يۇكىنى ئارتىۋېلىش

*ئازاپ يۇركىمىزنىڭ ئىجادى كۇچىىنى بوغۇدۇ .

*ئەھمىيەتسىز مۇۋاپىقيەتلەر ئۇچۇن دەھشەت بەدەللەرنى تۆلەش

*زىمىستاننى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى بىزنى ئۆز تالانتىمىزدىن تولۇق پايدىلنالماس قىلىپ قويىدۇ .

*فۇرمۇلالاشقان بەخىت ۋە ئازادىلىك

*ئەمىليەت بىلەن خام خىيال ئارىسىدىكى پەردە بار كۇچى بىلەن ئۇرۇنۇپ بېقىش ئەقىدىىسىدۇر ،

كىتاپتا بۇنداق سۆزلەر كۆپ ئۇچۇراپ قېلىپلىشىپ قالغان ئۇيغۇر تىل جۇملىلىىرىگە بىر سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ھالدا كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ

  مېنىڭچە بۇ تېرە پۈتۈك دىگەن بۇ تەرجىمە كىتاپ داۋۇتكام ئىلگىرى يازغان قانداق قىلىش كېرەك دىگەن ئەسىرىنىڭ جاۋابى دەك تۇيۇلدى .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 03:33:22

كىتابخانىغا بارغاندا سىتىۋىلىپ ئوقۇپ باقسام بولغىدەك
ماڭىغۇ مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەت توغۇرسىدا يىزىلغان كىتابلارنى ئوقۇش پەقەتلا خوش ياقمايدۇ

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 04:31:13

تېما ئىگىسى بۇرادەر....
ئۇ كىتاب ھەققىدە تولىمۇ ھاياجانلىق توختىلىپسىز... ئەمما بۇ باھالىرىڭىزنى يالغانمىكىن دەپ قالدىم.... چۈنكى سىز 544 سۆز بىلەن يازغان بۇ ئىنكاسىڭىزدا توغرا يازغان خەت 200 گىمۇ يەتمەيدىكەن.
كىتابقا باھا بېرىدىغان ئادەم ئەڭ ئاۋال خەتنى توغرا يېزىشى كېرەك.

1. نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ئاكا ئاغىنە ئەخمەت ئاكىنىڭ يېنىغا بېرىپ داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان تېرە پۇتۇك ناملىق كىتاپنى كۆرۇپ قالدىم .گەپ ئارلىقىدا كىتاپنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا  تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىنى بەكمۇ كىچىكىپ نەشىردىن چىققانىلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ ماڭا سوغات قىلىپ بىرۋەتتى . ئادەم ئۆزى ئېرىشىشنى ئويلاپ تۇرغان نەرسىگە سوغات تەرىقسىدە ئېرىشسىە تېخىمۇ پەيزى بولىدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپنى قولۇمغا ئالغىنىمىچە توختىماي ئوقۇشقا باشلىدىم .

2. تېرە پۈتۈك ئوگ ماندۇ نىڭ مۇۋاپىقيەتشۇناسلىققا ئائىىت بىر مەشھور ئەسىرى بولۇپ ، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدىكى بىرىنچى ئەۋلات مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق كىتابى بولغان دالى كارنىگ  نىڭ قايغۇرماي باتۇرلاچە ياشاڭ ، ئىنسان تەبئىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىىرى ۋە كەمچىلىكلىرى ..........قاتارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇدۇق ۋە يەنە ئىككىنچى ئەۋلات ناپالىئون خېلنىڭ ئىككى قسىىملىق مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق ھەقىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇق .مانا ئەمدىلىكتە ئىھتىمال ئۇچۇنچى ئەۋلات قاتارىغا ئۆتۇپ قالىدىغان ئوگ ماندۇنىڭ تېرە پۇتۇك ناملىق ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى .

................
ئالدىنقى ئىككى ئابزاستىكى خاتا خەتلەرنى بوياپ قويدۇم....
خەتلىرىڭىزنى توغرىلاپ ئوقۇسا، باھايىڭىزدىن ئادەم خېلى ھاياجانلىنىپ قالىدىكەن... ئەمما مەسىلىنىڭ خاراكتېرى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ، ئانا تىلىنى ئوڭشاپ يازالمايدىغان ئادەمنىڭ كىتابقا باھا بېرىشكە سالاھىيىتى يوق. شۇڭا خاپا بولماي بۇ تېمىڭىزنى ئوڭشاڭ!

musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 05:07:08

تېرە پۇتۇك       مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا غەلىتە تۇرامدۇ قانداق ؟... تازا چۈشىنەلمىدىم يا!

قېنى كىتاپنى بىر كۆرۈپ باقاي!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:11:33

كەينىدىكى يۇلتۇز بەلگىسى ئەسلى سانتىغۇ دەيمەن ھە.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:11:44

Pinhan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 07:50 static/image/common/back.gif
ھەي توخوتۇر بۇرادەر نەچچە كۈندىن بۇيان ساڭا باللا پىكى ...

بۇ ئاداش ئۆزىنى قانۇن نېزام-ماددىلارنى تۈزۈۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان چىغى
قىرىق-ئەللىك قۇرخەتكە بىرمۇنچە نىنجى قويۇپ
چەكلۋىتەيلى بۇنداق ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئېززىتىنى قىلمىغان كىشىنى
نىمىشقا ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ توغرا پىكىرىگە قۇلاق سالمايدۇ؟ نىمىشقا تىتىقسىز ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:29:59

مۇشۇ بالا سان - سىفىرغا بەك ئامراق بەك ئامراق...

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:35:38

مۇشۇ سوفىيەنىڭ دۇنياسى دېگەن كىتابنىڭ باسما ياكى ئېلكىتاب نۇسخىسىنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:36:11

چالا قاپتۇ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ دېمەكچىدىم

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:55:59

مۇشۇ ئادەمنىڭ يازغان نېمىسىنى ئوقۇسام بەكلا بىئارام بولىمەن، يا بىر چىرايلىق ئەسكەرتىش بىلەن كارى يوق چالا ساۋات كەنت شۇجىسىدەك بىر ئىككى ئابزاس گەپلەرنىمۇ نىنچىلەرگە ئايرىپ ھۆ قىلدىغۇ ئادەمنى.....:Q
بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك يا ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىدا قايتا ئۇقۇڭ ياكى يازغان تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىغا ئىسمىڭىزنى قوشۇپ يوللاپ قويۇڭە مەنمۇ ئوقۇمايلا ئاتلاپ ئۆتەپ كېتەي.....

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 09:00:20

پۈتۈك - توختام، ھۆججەت دىگەندەك مەنلەردىكى ئۇيغۇرچە سۆز.
تېرە پۈتۈك - ئاشلانغان تېرىگە يېزىلغان ھۆججەت.
تېما ئىگىسى خاتا يېزىپ پۇتۇك بولۇپ قاپتۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 09:07:02

pansat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 08:11 static/image/common/back.gif
بۇ ئاداش ئۆزىنى قانۇن نېزام-ماددىلارنى تۈزۈۋاتقاندەك ...

ئۆزىچە چەكلىۋەتسەك بولماس، ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىۋالار

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 09:28:16

كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىگەندەك ، توختۇر ئەپەندىم مۇشۇنداق يىزىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:40:34

baytekin يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 08:55 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئادەمنىڭ يازغان نېمىسىنى ئوقۇسام بەكلا بىئارام ب ...

‏‏ئالدىراپ ھۆ بولۇپ كەتمەڭلار، قومۇلدا بولىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا نەق ۋاقتىدا توردا ئىنكاس قىلىپ جىق ئىشلارنى روياپقا چىقاردى بۇ توخۇتۇر. مەن بىلىدىغانلاردىن: ئۇزۇندىن بېرى ياسالماي كېلىۋاتقان بىر يولنى توردا ئىنكاس قىلىپ ياساتتى، يەنە بىر بۇزۇلغان يەرنى رىمۇنىت قىلغۇزدى. قومۇلدا قۇرۇپ كىتەي دەپ قالغان توغراقلارنى ئاسراش ئۈچۈن چىقارغان مۇراجەتنامىسى بويىچە ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقتى. قومۇلدىكى ئاپتۇبۇس كۆرسەتمە تاختىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزدى. مەھەللە ناملىرىغا ئەسلىدىكى يەر ناملىرىنى كىرگۈزدى. كوئىنلۇن بانكىسىغا چېپىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە ئېلان تاختىسى چىقارغۇزدى. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بولسا كىرەك. نىمىشقا كۆنۈپ قالمايسىلەر؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:43:36

ۋاي، شۇندامۇ ئىشلا بارمىكەن تېخى.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:59:55

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 10:43 static/image/common/back.gif
ۋاي، شۇندامۇ ئىشلا بارمىكەن تېخى.

‏‏مەن سىلەرنى ئالدىمايمەن. ئىشەنمىسەڭلار سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. بۇ بالىنى شۇنداق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەن.

bitalay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:06:18

بۇ ئادەم  چۈشكەن ئىنكاسقا پەقەت پەرۋاسىز ئىكەن

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 12:43:12

1.توختورنى تىللىيالماي ئاران تۇرۇپتىكەنسىلەردە .،.ياۋ  پاناااا....
2.ئۇندا  بىر بىرمىزنى چەتكە قېقىشىپ كەتمەيلى تۇققانلا ،،.
3.تاز توردىشمىز دىگىنىدەك ،توختور قىلغان ئىشنىڭ قايسى بىرسىنى بىز قىلىپ باقتۇق .،.
بەت: [1] 2
: يەنە بىر كاتتا تەرجىمە «تېرە پۈتۈك»