koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:53:26

مۇراجەتنامە: تۇغما يۈرەك كېسەللىك بوۋاققا ياردەم قولىمىزنى سوزساق!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى!
تۆنۈگۈن ئۈندىداردىكى «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» توپىدىن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم.
ئۈرۈمچى تۆگىدەڭ (بېيمىن) بالىلار دوختۇرخانىسىدا نۆۋەتتە ئابدۇسالام ئىسىملىك 9 ئايلىق بوۋاق تۇغما يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك داۋالىنىۋېتىپتۇ. ھازىرغىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئوپراتسىيەسىگە 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم بولۇپ كېتىپتۇ. ئاتا- ئانىلىرى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن تارتىپ سېتىۋېتىپ بالىسىنى داۋالىتىۋېتىپتۇ. بوۋاق 6 ئايلىق بولغاندا ئوپراتىسيەگە چۈشۈپ، ئۆپكىسى يۇقۇملانغانلىقتىن، نەپەس ئېلىشى قىيىن ئىكەن، شۇڭا تا ھازىرغىچە نەپەس ئالدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس ئېلىپ كېلىۋاتىپتۇ.
مەن بۇ ئۇچۇرنى ساۋاغداشلار توپىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، بىر ساۋاغدىشىم ئاتايىتەن بېرىپ يوقلاپ كەپتۇ. ئەھۋال دەل شۇنداق ئىكەن. ساۋاغدىشىممۇ ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ قويۇپ يېنىپ كېلىپ، بۇ ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچە يېزىپ كۆپرەك تارقىتىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
بىمار بوۋاق ICU (ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيى) بۆلۈمى 2- كارۋاتتا ئىكەن.
بوۋاقنىڭ ئاتىسى راھمان، تېلېفونى:13319076948
بوۋاقنىڭ ئانىسى خاتىگۈل، تېلېفونى:13779234806

ۋاقتى ۋە قۇربى يەتكەن تورداشلارنىڭ ئاللاھ يولىدا خالىس ياردەم قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 23:35:56

يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلىش (داۋالاش) تۈرى بارتى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 06:21:00

yolyar يوللىغان ۋاقتى2014-2-18 23:35 static/image/common/back.gif
يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلىش (د ...

توغرا دەيسىز، مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان.
مۇشۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بولسا، تېلېفون قىلىپ ئاتا- ئانىسىغا يەتكۈزۈپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ. كومپىيۇتېرىمدا شۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇرنى ساقلىغاندەك قىلغان ئىدىم، ئىزدەپ باقاي، ئۇ بولمىسا توردىن ئىزدەپ باقارمەن!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:05:04

دوستۇم بۇلتۇر شۇنداق ئىشقا مەسئۇل بولۇپ گۇاڭجۇغا بېرىپ كەلگەن.
ھەرقايسى جايلاردىكى يۈرەك كېسەللىكى بۆلاۈملىرىدىن سۈرۈشتۈرسە بولامىكىن.
چېڭ لوڭ « مېھرى- شەپقەت فوندى جەمئىيىتى » شىنجاڭدا شۇنداق ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ دېگەن گەپمۇ بولۇمغانتى.
بەت: [1]
: مۇراجەتنامە: تۇغما يۈرەك كېسەللىك بوۋاققا ياردەم قولىمىزنى سوزساق!