waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:36:04

شىنجاڭ كوماندىسى لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قوي

  ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن  خاندېرسېن 37 نومۇر ئالغان بۇلسىمۇ  ئۇلار ئاخىرى 91- 93 نەتىجە بىلەن  لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ پەسىلدىن كىيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.   
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 37 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ ياڭ جىمىڭ 14 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 11 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 5 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سۇۋىي 8 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 6 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن جونىس 21 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياۋمىڭ 18 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ۋالىك 12 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خې تىيەنجۇ 9 نومۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  خەن دىجى 16 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى شىياۋشۇ 5 نومۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  پەسىلدىن كىيىكى مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 20- فېۋرال  ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:38:25

شىرئېلىجان نومۇر ئالمىسا بىكار چېغى

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:46:40

لىياۋنىڭ كوماندىسى ئۇتىدىغاننىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇپ بولدى .
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قوي