ئىزدىنىشلىقلارغا يېزىلغان خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا ناھىيىمىزدىكى بىر قىزنىڭ شىنجاڭ تارىم ئونۋىرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ ئىقتىسادى جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىزدىنىشتىىكى تورداشلار بىر سوم مىھرىبانلىق پىلانى ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، بۈگۈن ئۇ سىڭلىمىز دۇكانغا كەلگەن ئىدى، ئۆزىگە يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا جاۋاب خەت قايتۇرالمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ خەتنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئۆتۈنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ خېتىنى يوللاپ قويدۇم (ئىسىمىنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، ئەپۇ قىلغايسىلەر).ئۇ قىزغا ۋە شۇ قىزغا ئوخشاش قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا سېخى قوللىرىنى سۇنغان ۋە ياخشى تىلەكلەرنى يوللىغان تورداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
خەت كۆرۈنمەيدىغۇ pansat يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:42 static/image/common/back.gif
خەت كۆرۈنمەيدىغۇ
قارىغاندا باپكار بورادەر ئۇ خەتنى رەخىت توقۇغاندە توقۇپ چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ:lol :lol :lol تارىم ئۇنۋىرىستىتىنىڭ سىياسەتلىرى خېلى ياخشى. يىللىق جۇشۆجىن، ئايلىق، يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىمۇ بوپ قويىدۇ. جۇشۆجىن نىمە دەپ ئالساق بولىدۇ؟
ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىنجىسى يۈز سوم، ئىككىنجىسى 70 سوم، ئۈچۈنجىسى 40 سوم. تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندە شۇ يىللىق نەتىجىسىگە قاراپ ھەر سىنىپتىن 20 گە يېقىن بالىغا بىرىدۇ. جۇشۆجىن يىللىقى 3000 كوي. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 15-20 گە يېقىن بالىغا بىرىدۇ بىر سىنىپتىن. يىلدا بىرىدۇ. يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 8000 ، 5000 ئىككى خىل. ھەر سىنىپتىن ئۈچ بالىغا تىگىدۇ.
مەنغۇ كىتاپخانا بىلەن پۇتبۇل مەيدانىدىلا ئۆتكۈزۋەتكەن ھاياتىمنى. دەرىستە ئەڭ كەينىدىتىم. ئاۋۇ مۇكاپاتلار چۈشۈمگىمۇ كىرىپ چىقمايتى. :lol
سىڭلىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا تىلەكداشمەن. :) قاسساپ ئاكا سىز تارىم ئونۋىرسىتىدا مەخسۇس قاسساپلىقتا ئوقۇپتىكەنسىز دە ھى ھى ھى ئاسپىرانىت ، دوكتۇرلۇقتا قەيەردە ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز izqi1991 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:48 static/image/common/back.gif
قاسساپ ئاكا سىز تارىم ئونۋىرسىتىدا مەخسۇس قاسساپلىقت ...
مەسجىد ئالدىدىكى گۆش ساتىدىغان دۇككاندا :lol بىز ئوقىغاندا ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ كالىغا دەرىس چۇشەمدىغان ...:lol لېكىن مەن تارىمدا ئوقىمىغان {:92:} kangasman يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 23:19 static/image/common/back.gif
بىز ئوقىغاندا ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ كالىغا دەرىس چۇشەمدى ...
ھەرىپ تاشلاپ كاللا دىگەننى كالا دەپ يېزىپ ساپسىز، نىمىنداق كالىنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈيسىز؟ مۇنبەردە قاسساپ بار جۇمۇ.:lol ;P ;P جۇشۆجىننى ئوقۇش ياردەم پۇلى دەپ ئالىسىز قاسساپ ، ، ، ما پالاكەتچىلىكنى، رەسىمنى يوللىسام تېمىغا چىقماپتۇ دە، تەھرىرلەش دىگەن يەرنىمۇ تاپالمىدىم. ئىنكاسقىمۇ بولسا چىقىرىپ قوياي، باشقۇرغۇچىلار تېمىنى ئوڭشاپ قويارسىلەر
سىڭلىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ياخشىلىق ئۇنتۇلماس! خەتنىڭ ئەسلى رەسىمنى يوللىمايتىغان ئىشتى ئەسلى، مەزمۇنىنى ئۇرۇپ يوللىساقلا كۇپايە بولاتتى. رەسىمنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرسەممۇ يەنىلا ئوقۇغىلى بولمىدى، بەك چاپاق بولاپ قاپتۇ. رەسىمنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرسەممۇ يەنىلا ئوقۇغىلى بولمىدى، بەك چاپاق بولاپ قاپتۇ. رەسىمنى چەكسە، ئەسلىدىكى چوڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ. بۇ خەتنى يازغىنى ياخشى بوپتۇ.
ياخشىلىقنى ھېس قىلالايدىغان قەلىبلەر كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. bugday يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:47 static/image/common/back.gif
رەسىمنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرسەممۇ يەنىلا ئوقۇغىلى بولم ...
رەسىمنى چەكسە ئەسلىدىكى چوڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ.
بەت:
[1]