horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:46:55

مىسىرنىڭ تەقدىرى زادى كىمنىڭ قۇلىدا ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-18 15:48

ئاخبارات تورى خەۋىرى : 2- ئاينىڭ 13- كۈنى ، مىسىر ھەربىي تەرەپ رەھبىرى ئابدۇللا . فاتاخ . سېسى روسىيەگە زىيارەتكە بېرىپ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي ياردەمگە ئېرىشتى . زىيارەت جەريانىدا ، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سېسىنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . سېسى نۆۋەتتىكى مىسىر ھۈكۈمىتى سەھنىسىدە مۇھىم رولغا ئايلاندى . ھەربىي تەرەپتىن ئىبارەت تۈۋرۈك ، دۆلەت ئىچىدىكى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بەلكىم بۇ قېتىمقى مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سىسى بەلكىم مىسىرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇش قېلىشى مۇمكىن ؛
مسىىر ھەربىي تەرەپ 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى مىسىر ھەربىي تەرەپ مورسىنى تەخىتتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن ، مورسىنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىپ قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى . مىسىر ساقچى تەرەپ 8- ئاينىڭ 14- كۈنى سەھەردە پايتەخىت قاھىرەدىكى ئاداد مەسچىتى ۋە گۈللىنىش مەيدانىغا يىغىلغان مورسىنى قوللىغۇچىلارنى تازلاش ھەركىتى ئېلىپ باردى . ھەربىي قۇماندان سىسى دەل زۇڭتۇڭ مورسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە مەسچىت ۋە گۈللىنىش مەيدانىدىكى مورسىنى قوللىغۇچىلارنى باستۇرۇشقا بويرۇق چۈشۈرگەن ؛ سىسى كېيىن نۇتۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :" بىز ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ، كوچىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قايتۇرماقچى بولغان لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى . بىز كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولساقمۇ ئۇلار پەقەت ئاڭلىمىدى . ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇش ئامالسىزلىقتىن بولغان ، چۈنكى ئۇ چاغدا مىسىر خەلقىنىڭ تەلىۋى دەل ئاغدۇرۇلغان مورسى ھۈكۈمرانلىقى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىنىڭ خاتا يولغا يىتەكلەپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالغان " .
ئەينى ۋاقىتتا 2012- يىلى 8- ئايدا سابىق زۇڭتۇڭ مورسى سىسىنى ھەربىي باش قۇماندان ۋە قۇراللىق قىسمنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلىگەندە ، بەزىلەر ھەربىي تەرەپ بىلەن ئىسلام رەھبەرلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىتتپاقداشلىق شەكىللەندى دەپ قارىغان ، ھەمدە سىسى دىننىي تەرەپتە ئىخلاسمەن ، بىدئەتچىلەر سىسىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە بەك يېقىنلاشتى دەپ ئەيىبلگەن . ئەمما يىراقنى كۆرۈر سىسى ئاخىرى ئۆزىنىڭ مىسىر دىموكراتىزىمچى ناسىرنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىكەنلىكىنى مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ يىتىشتۈرۈپ چىققان يەنە بىر قاتتىق قول قۇماندان ئىكەنلكىنى ئىپادىلىدى ؛

سىسى 1954- يىلى 11- ئايدا قاھىرەدە تۇغۇلغان ، 1977- يىلى مىسىر ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ، 1992- يىلى ئەنگلىيە بىرلەشمە ھەربىي قۇماندانلىق مەكتىۋىدە بېلىم ئاشۇرغان . مۇبارەك ھۈكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئۇ سەئودى ئەرەبىستانغا بېرىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانى بولغان ، 2008- يىلى شىمالىي ھەربىي مەكتەپنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان . سىسى 2006- يىلى ئامېرىكا پىلسىۋانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىۋىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ، ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىۋىدە بىر يىل ئوقۇغان . سىسىلنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئەسلىشىچە ، سىسى يېقىشلىق ھەم ئىچكى مىجەز بولۇپ ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىش كۆرىدىكەن . مسىىر " ئازاتلىق گېزىتى " نىڭ ئالدىنقى يىلى 8- ئايدىكى خەۋىرىدە ، سىسى " دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن زىچ مۇناىسۋەتنى ساقلاپ كەلگەن .2011- يىلى 2- ئايدا ، ھەربىي ئىشلار ئاخباراب مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئولى بولغان . 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ، مىسىر سابىق زۇڭتۇڭى مورسى سىسىنى مىسىر دۆلەت مۇداپىئەمىنسىتىرى قىلىپ تەيىنلىگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىردا 2013- يىلى مورسىغا قارشى دولقۇن كۈتۈرۈلدى . سەسىل ھەربىي قىىسمغا ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ مورسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى . ھازىرقى سەسىل مىسىردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي قۇماندان ، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ھۈكۈمران دىيىشكەن بولىدۇ ؛

سىسىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەركىتى مسىىر ھەربىي قىسىمدىكى ئاساسلىق دىنىي خالىي مىللەتچىزىم ئىدىيىسىنى بەرپا قىلدى . ئۇ ئىسلام دىننىڭ مىسىر ھۈكۈمىتى ۋە ھەربىي تەرەپكە تەسىر قىلىشىدىن ئىھتىيات قىلغان . شۇڭا سىسى مورسى رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام دىنى ياقىلىغۇچىلار بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشقا پۇرسەت ساقلاپ تۇرغان . ئۇ 2012- يىلى 8- ئايدا ھەربىي باش قۇمانداق ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى بولۇپ قىسقىغىچە ئالتە ۋاقىتتىن كېيىنلا مورسىغا ئاسىيلىق قىلىپ ، مىسىردا كۈتۈرۈلگەن كەڭ كۈلەملىك نامايىشتىن پايدىلىنىپ زۇڭتۇڭ مورسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى رەھبەرلىك ئورنىدىن قالدۇردى ؛
سىسى رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي تەرەپ زۇڭتۇڭ مورسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى قالدۇرغاندىن كېيىن ، مىسىردا ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت تەسىس قىلدى . مىسىردا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى ، ئامما بېلەت تاشلاپ ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ پارلامېتن سايلىمى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى . 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋە 15- كۈنى مىسىر ئاساسىي قانۇنى ماقۇللاندى . 26- يانىۋار ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ مەنسۇر ئاساسىي لىنيەنى ئۆزگەرتىپ ، پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلىپ ، مىسىرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئىشلار ئورگىنى قۇراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى قۇماندانى بولغان سىسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىىغا يېشىل چىراق يىقىپ بەردى ؛ 1-ئاينىڭ 27- كۈنى مەنسۇر زۇڭتۇڭ بويرۇقى ئېلنا قىلىپ ، سىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار مارشالى بولغانلىقىنى ، ھەمدە قۇراللىق قىسىم ھەربىي كومىتىتى : سىسىنىڭ " خەلقنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىششىغا قوشۇلىدۇ " دەپ سىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنسىىتىرى ۋە قۇراللىق قىسىم باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش تەلىۋىنى قۇبۇل قىلدى ؛ چۈنكى مىسىر ئاساسىي قانۇنىغا ، زۇڭتۇڭ نامزات ئادەتتكى پۇقرا سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشى ھەربىي قىسىمدىكىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقوقى بولمايدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن ؛
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا سىسى دۆلەت ئىچىدە قارشى ئېلىنىشىدىن قارىغاندا ، مىسىردىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان يەنە بىر نامزات بولمىسا كېرەك ؛ مورسىنى قوللايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى چەكلەندى ھەمدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىندى . سىسىنىڭ مىجەزى مىسىردىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتنى ۋە مايىللىقىنى قوزغىدى . مورسى تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن ھەربىي قىسىم ۋاقىتلىق ھۈكۈمەتنىڭ يادرولۇق ئەربابنى قوللىدى . سىسى مىسىرلىقلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئەربابىغا ئايلاندى . ئۇ ئۆزىنىڭ جانلىق سىياسيون ئىكەنلىكىنى مىسىرلىقلارغا كۆرسىتىپ قويدى . ئۇنىڭدىن باشقا سىسى قاتتىق قول ھەربىي قۇماندان بولماستىن ، گەپ قىلغاندا ئاستا ھەم پەس ئاۋازدا سۆز قىلىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان رەھبەرلەرگە خاس سالاپىتىنى نامايەن قىلدى ؛ مىسىرلىقلار ئۇنىڭ چىرايىدىن دائىم كۈلۈمسىرەش ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان ئىشەنچنى كۆرەلەيدۇ ؛
مسىىردا 2011- يىلىدىكى ئازاتلىق مەيدانىدىكى كەڭ كۈلەملىك نامايىشتىن كېيىن سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ھۈكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلدى . مىسىر مۇشۇنداق قالايماققان ۋەزىيەتتە تۇرغاندا ، كۆپلىگەن مىسرلىقلار ئۆزلىرىگە رەھبەر ھەمدە يول باشلىيالايدىغان رەھبەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى . دىمەك سىسى ئەگەر زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بولسا ، ئۇ چوقۇم غەلبە قىلىدۇ ، ئۇنىڭ غەلبە قىلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ ؛

بىراق سىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى مىسىرلىقلارغا ئازراق بېسىم ئېلىپ كەلدى ، كىشىلەر مىسىردا خۇددى مۇبارەك ھۈكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرنىڭ يەنە قايتىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى ، ئازاتلىق مەيدانىدىكى ئىنقىلاپتىن كېيىن مىسىردا قىسقا ۋاقىت دىموكراتىيە بەرپا بولدى . بىراق مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ۋە باشقا سىياسىي كۈچلەر مەملىكەتلىك سىياسىي تەسىر كۆرستىشتىن قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مىسىر جەمئىيىتى يەنە قاتتىق قول ھەربي قۇمانداننىڭ كونتىروللىقىغا چۈشۈپ قالدى ؛ سىسىمۇ مۇبارەككە ئوخشاش ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان مسىىر ھەربىي قىىسم نۆۋەتتىكى مىسىر ئىقتىسادى ۋە سىياسىيىىتنى بىر ھەل قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى ؛
   مىسىردىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ قارشىىچە ، مورسىنىڭ تەخىتكە چىقىشى مىسىرنى سىياسىتىدىكى قىيىن مەسىلىسنى ھەل قىلالمىدى . مەزھەپلەر زىددىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى زىددىيىتى كۈنسىرى كۈچىيىپ ، زىددىيەت بارغانسىرى كۈچىيىپ ، جەمئىيەت پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ؛ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى تارقىتىۋېتلگەندىن كېيىن ، قانۇنلۇق سىياسىي ھوقوقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالدى . شۇنىڭ بىلەن " مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى قانۇنسىز ۋاستە ئارقىلىق ھەربىي تەرەپ بىلەن قارشىلاشتى ھەم ھەر خىل تېرورلۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق مورسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى ؛    
مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قانۇنلۇق قاتنىشىقا ئامالسىز ، بىراق ئۇنىڭ مسىىر سىياسىتىگە بولغان تەسىرىنى تۈۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ . نۆۋەتتە مىىسر دۆلەت ئىچىدە ئىسلام دىنىنى ياقىلىغۇچىلار بىلەن مىللەتچىلەر ئوتتۇرسدا كەسكىن جەڭ بولماقتا ، كۆپلىگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى نەچچە مىڭدىن ئارتۇق مورسىنى قوللىغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ؛ مىسىر ۋاقىتلىق ھۈكۈمىتى 2013- يىلى 12- ئايدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى " تېرورلۇق تەشكىلات " دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد بادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم رەھبەرلەر مىسىر ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ؛ بىراق مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلار ھېلى ھەم مەۋجۇت ئۇلار ھەر قاچان سىسى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسلە بىراق سىسىنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىشى تەس



ئامېرىكا " دەۋىر " ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ ئالدىنقى يىلى دىكابىردا ئېلان قىلغان 2013- يىللىق ئەرباب نامزاتلىرى ئىچىدە مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى ئابدۇللا . فاتاخ . سىسى 1- ئورۇنغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى .

ئىگىلىنىشىچە ، سەسىل 449596 بېلەتكە ئېرىشىپ ، ئومومىي بېلەتنىڭ % 26.6 ئېرىشىپ ، تۈركىيە زۇڭلىسى رەجەپ . تايىپ . ئەردوغان ( 356771 بېلەت ) ۋە ئامېرىكا مودا بولغان چولپىنى Miley Cyrus نىڭ ( (279300 ) لارنى يېڭىپ 1- ئورۇنغا چىققان . سەسىلنىڭ بېلەت سانى ئىىچدە ، مىسىر دۆلەت ئىچىدە ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ . ئۇنىڭدىن قالسا ھىندىستان ۋە ئامېرىكادىكى قوللىغۇچىلارنىڭ بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان . " دەۋىر " ھەپتىلىك ژورنىلى يىللىق ئەربابنى تاللاپ چىقىشقا تەھرىر بۆلۈم مەسئول بولغان بولۇپ ، 12- ئاينىڭ 11- كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىدىكەن ؛ سىسى بېلەت سانى 2- دىكابىر ئامېرىكىلىق چولپان مېللىيدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان ، بىراق ئارلىقتىن ئىككى كۈن ئۈتە - ئۆتمەي جاستىن . بېيبېر ، ھىلارى كىلىنتون قاتارلىقلارنى ئارقىدا تاشلاپ 1- ئورۇنغا چىققان ؛
http://www.hawar.cn/news/2014/02/18/23193.shtml

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:55:26

بۇ مىللىتارىستنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپمىكەن تىخى؟

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:03:13

مىسىرنىڭيېڭىفىرئەۋىنى .

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:21:17

ھوقۇق دېگەن شۇنداق تاتلىق نەرسىمىدۇ، ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلىقنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:17:56

ئەڭ توغرا جاۋابنى يېزىپ قوياي...

مىسىرنىڭ تەقدىرى ئاللاھنىڭ قولىدا ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:24:20

بۇ ماقالىنى كىم يازغانلىقى چىقىپ تۇرۇدۇ ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:44:20

《مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيىتى》دىگەننى ئاڭلاپلا بەزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈممەت قىرىنداشلىق ھىسياتى قىززىپ كىتىپبەك قايناپ كەتتى ،ئەمما ئۇلار دىموكراتتىيەگە سەل قارىدى ، دىموكراتىيەلىك ھاكىمىيەت بولمىسابارچە مۇسۇلمانلار ھەرگىز قىرىنداش بولالمايدۇ ، مورسىنىڭ   خاتالىقىنىمۇ نەزەرگە ئىلىپ تەھلىل قىلىش كىرەك   
ئەرتوغانبۇ سىياسى ئۆزگىرىشنى ئەيىپلىدى ،    بۇ ھەرگىزمۇ ئەرتۇغاننىڭ مورسىنى قوللىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، ئارتوغان ھەربى كۈچنىڭ سىياسىغا ھۆكۇمدار بولىۋالغانلىقى ، ھوقۇقنىڭدىموكراتىيە ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەيىپلىگەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:53:04

ھەربىي ھۇقۇقىدىن ئىستىپا بىرىپتۇ ، زۇڭتۇڭ بۇلۇپ مورسىينىڭ كۈنىنى كۈرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، شۇ چاغدا بىلىدۇ .....

xaha يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 23:50:51


    سىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنسىىتىرى ۋە قۇراللىق قىسىم باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش تەلىۋىنى قۇبۇل قىلدى

ماۋۇگەپكە ئىشىنىشكە بۇلامدۇ؟

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:03:16

« بىز ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ، كوچىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قايتۇرماقچى بولغان لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى . بىز كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولساقمۇ ئۇلار پەقەت ئاڭلىمىدى . ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇش ئامالسىزلىقتىن بولغان»
ما گېپى ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 10:19:47

بىلەت سانىجاستىن . بېيبېر ئېشىپ كەتكەن بولسا بۇ يەردە سوتسىيالىستىك ساختىپەزلىك باركەن.

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:22:18

xaha يوللىغان ۋاقتى2014-2-18 23:50 static/image/common/back.gif
سىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنسىىتىرى ۋە قۇراللىق قىسى ...




      مەن ئىشەنمەيمەن!

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:27:47

مىسرنىڭ كەلگۇسىنى مىسىر خەلقى دىمگىراتىك ئۇسۇلدا تىچلىق بىلەن بەلگىلىشى كىرەك.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:30:35

مىسىرنىڭ كەلگۇسىنى مىسىر خەلقى دىمگىراتيەنىىڭ پىرنسىپىغا ئۇيغۇن ھالدا ئۇزلىرى بەلگىلىشى كىرەك.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:46:33

پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئاشكارا قىلغان بۇلاڭچىلىقى ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان ئادەم.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 15:14:40

پاترول ئەپەندىم يوقاپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى.

پاترولنى ئىزلەيمەن دەپ تېما ئىلان قىلىدىغان يەرگە كەپ قاپتۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:19:50

پاترول ئەسىرگە چۈشۈپ قالمىغاندۇ ھە بولمىسا جامائەت بىلەن كۆرشۈپ تۇراتتى :o

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 00:20:46

ئىراق بىلەن سۈريەدىن ساۋاق ئالسا بولاتتى ھەيييييي:@
بەت: [1]
: مىسىرنىڭ تەقدىرى زادى كىمنىڭ قۇلىدا ؟