Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:28:24

ئەڭ ئاخىرقى ئۆي(بۇ دۇنيادىكى)

يېقىندا قېينا تاغامنىڭ تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىشى مېنى بىرقىسىما قىلىپ قويدى، نەچچە كۈنكىچە كاللامدىن كەتمىدى. بىز ھەممىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغىچۇدرۇمىز.يەرلىك كولاشتىن تارتىپ نامىزنى چۈشۈرۈشكىچە بولغان بىرقاتار جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە بولغاچ كاللامدىن ئۆلۈم ئۇزۇنغىچە كەتمىدى. ھەم بىرەيلەننىڭ قەبرە لايىھەسىنى ئۇچىرتىپ قېلىپ قەبرە لاھىيلەش كاللامغا كەپ قالدى. ھوزۇرلانغايسىلەر. بەزى نۇقساندىن خالىي بولالمايمەن. تىمىنى دىني نۇقتىغا(تالاش تارتىش) بەك بۇراپ كەتمەيراق كۆرەرسىلەر.مەقسەت شۇ لايىلەپ بېقىش خالاس . بۇ پەقەت لاھىيە باسقۇچىدىكى رەسىملەر.بۇ مېنىڭ يېڭى سېستىمغا كۆچكەندىن بىرسىگە يوللىغان تېمام. قارىسام بىۋاستە رەسىم چىقارغىلى بولىدىكەن. بۇ بەك قولايلىق بوپتۇ.
مەن پەقەت گۈزەللىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ لاھىيلىدىم. بەك نوچى چىقىپ كەتمىسىمۇ ئىشقىلىپ نورمال چىقتى دەپ قارايمەن.

ماۋۇ يەككە كۆرۈنۈشى

يان تەرەپ

ئۈستى تەرەپ

ئالدى تەرەپ

ھەرخىل قەبرىلەر

سىزىقلىق ھالەت

ئۈستىدىن كۆرۈنۈش


dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 20:02:44

نۇرغۇن جايلاردا قەبرىستانلىق بەك تاشلىنپ قالىدۇ، كىشىنى سۈر باسىدۇ.  ئەسلىدە  ھەشەمەتنى چەكلىگەن ئاساستا، قەبرىستانلىقلارنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھلار بىلەن گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك ئىدى...(نۇرغۇن گەپلەر قىسقارتىلدى)

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:17:48

بۇ ئۆينى نەقلەپ قويۇش بەكلا موھىم ئىكەن، شۇڭا مەن تۇردىغان ئۆي ئېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ ئاخىرەتلىك ئۆيدىن ئىككىنى ئېلىپ نەقلەپ قويدۇم.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:35:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 13:37  

autuocad دە سىزدىڭلىما  بۇنى ؟

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 14:09:53

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 13:35 static/image/common/back.gif
autuocad دە سىزدىڭلىما  بۇنى ؟

AutoCAD ،3DS MAX,Vray,天正建筑,Photoshop

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:11:25

تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىم، مەدىنىدكى جەننەتۇل باقى قەبىرستانلىقىنىڭ رەسىمى،كۆرۈپ بىقىڭلار !

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:11:58

بىرسى چىقىپتۇ ئاران.

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:13:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolfly تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 16:14  

تېخى ھۇدنىڭ 4- كۈنى خانئاپام (دادامنىڭ ھەدىسى) بىلەن يولدىشى كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئەر-ئايال تەڭلا تۈگەپ كېتىپ، (رەسىمدىكىدەك خىش، سىمونتلار بىلەن ياسىغان قەبرىگە) قويىۋەتتۇق. ئوغۇللىرى جىقتى، ئىككى مېيتنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ئادەممۇ بەك جىق. شۇ ئىشتىن كېىين يالغۇزلۇقۇمدا قەبرە (ئانداق ياسىداق ئەمەس، پۈتۈنلەي كېسەكتىن) قاتۇرۇپ قويايلىمىكىن دەپ ئويلاشقان، بەزىلەر بولىدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر قەبرە قاتۇرۇپ قويۇش ياخشى ئەمەس دەيدۇ، قەبرە قاتۇرۇپ قويۇش مېنىڭچە ئۈلۈمنى ياد ئەتكەنلىك، ئەمما بەزىلەرنىڭ پىكرىچە قەبرە ھازىرلاپ قويۇش «ئۆلۈمنى چىللىغانلىق» بولىدىكەن ... قانداق قىلساق بولار؟


يوقىرىدا بىر قېرىندىشىمىز دىگەندەك - قەبرىستانلىقلاردا يەر ئىسراپچىلىق بەك ئېغىر بىزدە، قەبرە قوپارمىسىمۇ، تاش (تاشقى) يەرلىك ۋە ئىچ يەرلىك دەپ بىر مۇنچە يەر ئىسراپ بولىدۇ، ئەسلىدە بىر باشتىن رەتلىك قويۇلسا جىق يەرلەرمۇ تىجىلەر ئىدى.

بۈگۈن «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى» نىڭ قايسى تومىكىن بىر تومىدا «مەككە سەپىرىدىن خاتىرە» دېگەن بىر سەپەر خاتىرىسىنى ئوقۇغان، مەرھۇمنىڭ تەسۋىرلىشىچە: مەككە (مەدىنىمۇ، مۇشۇ ئىككىنىڭ بىرى) شەھرىدە بىرەرى تۈگەپ كەتسە ھەشەمەت قىلىدىغان ئىش يوقكەن، موھىمى «مېينىڭ ئىگىلىرى مېيتنى ھويلىسىغا قويۇپ، جەسەت چىرىگەندىن كېيىن بىرتەرەپ قىلىۋېتىدىكەن» دەپ تەسۋىرلەپتۇ ... - «كەمىنە بوغلان»

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:04:54

كۆككەپتەر بۇ تىمىنى مەن قانداق تەھرىرلەيمەن؟ رەسىملەرنى يۇيىۋېىتىپسىز

Bowaq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:14:30

ماڭا چىرايلىق بۆشۈكتىن بىرنى سىزىپ بېرىڭە

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:19:15

Faith يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 17:04 static/image/common/back.gif
كۆككەپتەر بۇ تىمىنى مەن قانداق تەھرىرلەيمەن؟ رەسىملەر ...

رەسىمنى يەرلىكتە كىچىكلىتىپ يوللاڭ. 600kb دىن كىچىك قىلسىڭىز بولىدۇ.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:42:11

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 17:19 static/image/common/back.gif
رەسىمنى يەرلىكتە كىچىكلىتىپ يوللاڭ. 600kb دىن كىچىك قىل ...

شۇ نەگە يوللايمەن ، ئىنكاسىقىمۇ ياكى؟











kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:48:40

چىرايلىق لايھلەپسىز. لېكىن قەبرىگە بۇنچە ھەشەم قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ. قەبرە قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:51:38

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 17:48 static/image/common/back.gif
چىرايلىق لايھلەپسىز. لېكىن قەبرىگە بۇنچە ھەشەم قىلىپ ك ...

بۇنىڭدىن ھەشەملىرى بار تېخى، دېدىمغۇ نورمالراق چىققىنى بۇ تېخى.ھەشەم قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.ئەمدى ھەشەم قىلمايمەن دەپ ئاتا-ئاناسىنىڭ قەبرىسىنى قوپۇرغىلى ھورۇنلۇق قىلغانلارغا تازا بانادە، ئاق پېتى تاشلىۋېتىش.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:56:47

كۆككەپتەر ئەمدى سىز رەسىملەرنى تېىمغا يۆتكەپ تەھرىرلەپ قويالامسىز، مەن تەھرىرلىيەلمىدىم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:09:32

Faith يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 17:51 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن ھەشەملىرى بار تېخى، دېدىمغۇ نورمالراق چىققى ...

ھەر قانچە ھورۇن بولسىمۇ قەبرە قۇپۇردىغانغا ھورۇنلۇق قىلىدىغان ئادەم چىقماس. قەبرە قۇپۇرۇش ئۇنچىلىكمۇ مۇرەككەپ جەريان ئەمەسقۇ. شۇ ئۆزىمىز مۇرەككەپلەشتۈرۋالغانلا يېرىمىز بار.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:13:50

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 18:09 static/image/common/back.gif
ھەر قانچە ھورۇن بولسىمۇ قەبرە قۇپۇردىغانغا ھورۇنلۇق  ...

مەن مۇرەككەپ دېمىگەنتىمە :lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:28:49

Faith يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 18:13 static/image/common/back.gif
مەن مۇرەككەپ دېمىگەنتىمە

ھە مەن شۇ مەنىدە چۈشىنىۋاپتىمەن.
ئەمما بىراق لىكىن بىرى سىزگە مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك قەبرە لايىھلەپ بېرىڭ دىسە قۇشۇلامسىز؟ مەن بولسام قۇشۇلمايتتىم. قۇلۇمدىنغۇ كەلمەيدىغۇ ئەمدى...
قەبرىلەر قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئاڭلىغانتىم. مۇشۇ ھەقتە بىر ھەدىسمۇ بار ئىدى. تۇلۇق مەزمونى ئىسىمدە قالماپتۇ. ئېسىمدە قىلىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قەبرىسىمۇ بەك ئاددى بۇلۇپ پەقەت يەر يۈزىدىن بىر غېرىچلا ئىگىز كۆتۈرۈلگەنمىش. ھازىر بەزى داڭلىقلېرىمىزنىڭ مەقبەرىسى خېلى ھەشەم بىلەن قۇپۇرۇلدى. مىسال ئالمىساممۇ بىلىسىلەر. بىر تالىپ بالا بىر چاغدا پاراڭلىشىپ قالغانتىم ئۇ بالىنىڭ دىيىشىچە داڭلىق ئالىملارنىڭ، داڭلىق ئەرباب-ئۆلىمالارنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالاھىدىرەك ھەشەم بىلەن قۇپۇرىلىشىغا بولارمىش. مەنچىغۇ ئادەم ھەممىسى باراۋەر ئۆلگەنلەرمۇ ئوخشاشلا باراۋەر بىرنى ھەشەملىك قىلىپ بىرنى ئاددى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئەسلى توغرىسى قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايدىكەنمەن. پەيغەمبىرىمىز چىغىدا شۇنچىلىك ئاددى قىپتىكەن، بىزگە نىمە قۇيۇپتۇ بۇ ھەشەمنى ..يامان بولىدۇ جۇمۇ...:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 19:03:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 19:04  

  ياخشى سىياسەتلەر كىلىپ قەبرىنى قەتتى يۆتكەشكە بولمايدۇ، بۇزۇشقا بولمايدۇ دەپ بۇيرۇق چۈشكىچە قەبرىنى ياساپ تۇرغۇلۇق، قوغداپ تۇرغۇلۇق.  بىزنىڭمۇ مەككىدىكىدەك شۇنداق ئاددى قىلغۇمىز بار.  لىكىن شىنجىندىن بىر لوبەن كىلىپ كەيفا قىلىتىم دەپلا بۇزىۋىتىدىكەن. ئاددى قەبىرنى كۆرۈپ بۇ ئۇيغۇر دىگەن خەق قەبرىنى چوڭ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ.  ھېلىمۇ جىق قەبرىستانلىقلار بۇزۇلۇپ بولدى.  ھازىرچە قەبرىستانلىقنى،  قەبرىنى ھەشەمەت قاتۇرۇپ، بولسا شەيىخ تىكلەپ ياخشى قوغدىغىنىمىز تۈزۈك.  بۇرۇنقى ئۆلىمالىرىمىز بۇ دىيارغا ياتلارنىڭ داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ تۇردىغانلىقىنى، قەبرىلىرىمىزنى بۇزۇپ، تارىخىمىزنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قەبرىنى راس قاتۇرۇپ، شەيىخ تۇرغۇزۇپ قوغداپ كەلگەن قەبرىستانلىقنى.  ھازىر ئىلىمىنىڭ تايىنى يوق، سىياسى شەرئىييەدىن پۇچۇقنى بىلمەيدىغان پەتىۋاغا ھۆددىگەر پىرلىرىمىز قەبرە ياسىساڭ بىدئەد، دوزىخى... شەيىخنىڭ قەبرىستانلىتا تۇرشى بىدئەد دەپ يۈرۈپ، شەيىخلەرنى يوقاتتى.  قەبرىنىمۇ تۆت كەتمەن توپا تاشلاپ،  ئىككى غېرىچلا ئىگىز قىلىپ قويۇشتى.
  ئەتە ئۆگۈن كەيفا كەلسە ئەسكى قەبىرلەرنى كۆرۈپلا ئىتتىكلا بۇزغۇسى كىلىدۇ.  ھەشەم بولسا سەل ئىككىلىنىدۇ دە قارشى چىقىدىغانلارنى كۆرۈپ قوڭىنى غىت قىسىدۇ.  بۇ زىمىندا ياشاپ كەلگەنلىكىمىزنىڭ، بۇ زىمىنغا ھەققىمىز بارلىقىنىڭ ئىسپاتى جايىدا تۇرىۋىرىدۇ.  

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 19:29:30

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 19:03 static/image/common/back.gif
ياخشى سىياسەتلەر كىلىپ قەبرىنى قەتتى يۆتكەشكە بولماي ...

قەبرە قاتۇرۇشنى چەكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلمىي چولتا دەپ ئەيىبلىسەك ئادىللىق بولماس!؟  دوكتۇر ئابدۇلئەزىزمۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا«بولمايدۇ» دېگەن جاۋابنى بېرىۋاتىدۇ.ئەگەر دىيارىمىزدىكى ئۆلىمالار يۇقىرىقى پەتىۋانى بەردى دېسەك بۇ مەسىلىدە  بىر نەچچە خىل قاراش شەكىللەندى دېگەن گەپ. بىر خىل قاراشنى تاللىغاندىن كىيىن باشقىسىنى ئەيىبلىگىلى تۇرساق بەزى تەنتەك بالىلاردىن پەرقىمىز قالماس قاسسىۋاخۇن.
بەت: [1] 2
: ئەڭ ئاخىرقى ئۆي(بۇ دۇنيادىكى)