hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:11:09

ئۆمۈچۈكنىڭ باياننامىسى



تام – تۇرۇس مىنىڭ ماكانىم.مەن زامانى ئەۋۋەلدىن بېرى ھايۋانلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ تام – تۇرۇسلىرىنى ماكان قىلىپ ياشاپ كەلدىم.

ئەمما يېقىندىن بېرى بىر ئىشقا دۈچ كەلدىم : قايسى كۈنى تامدا سەيلە قىلىپ كىتىۋاتاتتىم،تۇساتتىن ئۆي ئىگىسىنىڭ كىچىك بالىسىنىڭ كۆزى ماڭا چۈشۈپ قېلىپ قاتتىق چىرقىراپ كەتتى. ئارقىدىنلا بالىنىڭ دادىسى قەيەردىندۇر بىر ئاياغنى ئېلىپ مىنى قوغلاشقا باشلىدى.جان – جەھلىم بىلەن قاچتىم. شۇنچە تىرىشساممۇ ئېتىلغان ئاياغ پۇتلىرىمغا تىگىپ كەتتى. ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ پۇتۇم ئۇزۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتمۇ خۇداغا شۇكىرى ، يەيدىغان رىسقىم بار ئىكەن ھايات قالدىم. كەچتە پەنەركىلەنگەن تۇرۇسنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ، ئۇزۇلۇپ كەتكەن پۇتلىرىمغا قاراپ خىيالغا چۈكۈپ كەتتىم :

ئاللاھ  ئىنسانلارغا زىمىنلارنى تۇرالغۇ قىلىپ بەرگەن ، ماڭا ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ تام – تۇرۇسلىرىنى تۇرالغۇ قىلىپ بەردى. ئەجىبا ھازىرغىچە ئىنسانلارنى يەر شارىدىن ھېچكىم قوغلاپ باقمىدى ، ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن مىنى ئاللاھ ماڭا بەرگەن ئاشۇ تۇرالغۇدىن قوغلايدۇ؟ ئۇلار ئويلىمامدۇكى ئىنسانلار بىلەن مىنىڭ بىللە ياشىشىمدا ئاللاھنىڭ بىر ھېكىمىتى يوقمىدۇ ؟ ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا مەن ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئايەت نازىل قىلغان ، ئەجىبا ئۇلار بىلەن مىنىڭ بىللە ياشىشىم ئۇلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ ياشىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟

ئىنسانلارمۇ قىززىق ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن نىمىلەرنىدۇر ئەتراپىغا يىغىدۇ ۋە نىمىلەرنىدۇر ئەتراپىدىن قوغلايدۇ، ئەمما ئاخىردا ھېچنىمىنى ئەتراپىغا چاقىرىشقا ۋە ھېچنىمىنى ئەتراپىدىن قوغلاشقا قادىرسىز ھالدا تۇپراققا ئايلىنىپ كىتىدۇ . كىم بىلىدۇ ، مەن مېڭىپ يۇرگەن مۇشۇ تاملار قايسىدۇر بىر ئىنساننىڭ توپىغا ئايلانغان تېنىمۇ تېخى ! ھايات شۇنچىلىكلىغۇ ، يەنە نېمە ئۇلار مىنى قوغلايدۇ ۋە مىنى مىيىپ قىلىپ ، مىسكىن كۆڭلۈمگە ئازار بىرىدۇ ؟

ھەممىدىن بالامغا ئۇۋال بولدى، ئۇ مىنىڭ مىيىپ بۇلۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ ، ئاللاھ بىزگە ماكان قىلىپ بەرگەن ئىنسانلارنىڭ تام – تۇرۇسلىرىغا چىقىشقىمۇ جۇرئەت قىلالماس بۇلۇپ قالدى، قاچانلا قارىسا قورقۇپلا يۇرگەن ، ھەتتا تۇرۇستىمۇ يۈرەكلىك ماڭالمايدۇ بىچارە ! ئۇ ئۆزىنىڭ ھايۋانلارنىڭ ئېغىلىغا كۆچۈپ كىتىش ئويى بارلىغىنى ئېيتتى ، ئۇنىڭ دىيشىچە ئىنسانلارنى ( ياۋۇز ئەبلەخلەرنى) قەتئى كۆرگۇسى يوقمىش ، تىنچ – ئامان ، خاتىرجەم ياشىغۇسى بارمىش . ئۇنىڭغا ھەرقانچە قىلىپمۇ ، بۇ ماكاننىڭ ئاللاھ بىزگە بۇيرۇپ بەرگەن ماكان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنداق ئاسانلا ۋاز كىچىشنىڭ ئاسىيلىق بولىدىغانلىقىنى ، تەۋەككۇلچىلىككە ، كۆرەشكە تولغان ھاياتنىڭ مەنلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرەلمىدىم.

پۇتۇمنىڭ يوق بولىشىدىنمۇ ، بالامنىڭ ۋۇجۇدىدا باش كۆتۈرگەن قورقۇنچاقلىق ۋە ۋاز كىچىش ئىددىيسى مىنى بەكرەك ئازاپلىماقتا . پۇتۇم ئاغرىماقتا ، يۈرىكىم ئاغرىماقتا ، ئامالسىزلىق ، چارىسزىلىق مىنى يالقۇن كەبى يۈتمەكتە...

بۇ تىما ئىزدىنىش تورى ۋە ئۆردەك بلوگىغا بىرلىكتە يوللاندى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 20:29:12

ئاللىقانداق نازۇك ھېسياتلار ۋۇجۇدۇمدا ئىپادىلەندى ، ئىنسانى ھايۋانلارغا بولغان غەزەپ -نەپرىتىم تاشماقتا،
........................ ۋۇجۇدىمدا باش كۆتۈرگەن قورقۇنچاقلىق ۋە ۋاز كىچىش ئىددىيسى مىنى بەكرەك ئازاپلىماقتا . ۋىجدانىم ئاغرىماقتا ، يۈرىكىم ئاغرىماقتا ، ئامالسىزلىق ، چارىسزىلىق مىنى يالقۇن كەبى يۈتمەكتە...:'(:'(:'(

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:37:58

ھەي ئۆمۈچۈك.....
كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئەسلىدە ئىنسانلار سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ تام- تورۇسلىرىدا، سەن بولساڭ ئۆينىڭ تۆرىدە ياشار بولغىيدىڭ. لېكىن شۇ جۇغۇڭنىڭ كىچىك بوپ قالغانلا يېرى بار. ئەمما يېقىندىن بويان ئۆمۈچۈكلەرنىڭ ئاچچىقى تۈۋىدىن تۇتقان چىراي، دوختۇرخانىدا ئۆمۈچۈك چېقىۋالغانلىق سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغانلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم....

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 09:11:02

:funk::funk::funk::L
بەت: [1]
: ئۆمۈچۈكنىڭ باياننامىسى