izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:02:43

تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى

               ھەزرىتى پەيغەمبەر زامانىدا كىشىلەر ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزلىرىنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھەل قىلالمىغان مەسىلىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلەتتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامنىڭ كۆرسەتكەن توغرا يولىدا ئىلگىرلەيتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندا ، ئۈممەتلىرىگە قۇرئان بىلەن سۈننەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى . مۇسۇلمانلار ھەرقانداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاۋۋال قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇراجات قىلاتتى ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىدىن ياردەم سورايتتى . ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە ھەرخىل سىياسى ئۆزگۈرۈشلەر تەسىرىدە مۇسۇلمانلار پۇل ۋە مال – دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ كەتتى . يەنە بىر قىسىم خەلىق ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىنى تۇتتى .
         بىر ھەدىستە ئىسلامدا ئۈچ دەرىجە باردۇر ئۇلار ئىسلام ، ئىمان ۋە ئېھسان . ئۆزى كۆرۈنمىسىمۇ ، ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھنى كۆرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش ئېھسان دېمەكتۇر . ( مۈسلىم 1-1 ،   بۇخارى 2 ،  1-37 )   بۇ يەردىكى ئېھسان ئەڭ يۇقرى دەرىجە بولۇپ ، بۇنىڭدا ئېتقاد بىلەن ئەمەل بىر-بىرىگە پارالىلدۇر . بۇ ئېتقاد ۋە ئەمەلدىكى ساھابىلەرنىڭ دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئىدى . چۈنكى ، قۇرئان كەرىمدە ھەركىم ئۆز ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى ، ئاللا ھەممىگە ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى .
         مانا مۇشۇ مەزگىللەردە ئېھسان دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر زۈھىد ( تەقۋا ، نەفىستىن يىراق تۇرۇپ ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ) ئېقىمىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولدى . ( چۇبۇكچۇ ئى.ئاگالى    ئىسلامدا تەسەۋۋۇپ  ئا.ت. ئىلاھىيەت فاكولتىتى ژورنىلى )
         سوپىلار ، قۇرئاندا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ھەتتا پەيغەمبەردەك ياشاشقا تىرىشاتتى .( كۇشەيرى ) دېمىسىمۇ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋەھى كېلىشتىن بۇرۇن قانداق ياشىغان بولسا ، ۋەھى كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئاددى تۇرمۇشىنى كەچۈرگەنىدى . ئۇنىڭ دۆلەت باشلىقى ، ئىسلامنى تارقاتقۇچى پەيغەمبەر بولىشى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمىشىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى . ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۆۋەن ، سىلىق ، يۇمشاق ئاۋازدا سۆزلەيتتى ، ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەنىدى ، كونا بولسىمۇ پاكىز كىيىنىپ يۈرەتتى ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى . خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى ، ھېچكىمگە قوپاللىق قىلمايتتى . تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەممە ئىشتا ئۆلچەملىك ئىدى ، ھېچ بىر ئىشنى ھەددىن ئاشۇرىۋەتمەيتتى . ساھابىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە قاراپ ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلاتتى . ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇرۇس بولۇشقا تىرىشاتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەرقانداق ئىشتا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشنى ، ئۆلچەملىك بولۇشنى ، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەۋىسيە قىلاتتى .

       ھېجرى ئىككىنجى ئەسىردىن باشلاپ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئاساسى قىلىپ تۇرۇپ شۇ يولدا ماڭغانلار  ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشتىن ھالقىپ دىندىكى ئەمەللەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشقا باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋۋال ‹‹ ئابىدۈن  ( كۆپ ئىبادە قىلغۇچى ) ›› ۋە ‹‹ زۈھھاد ( زاھىد ،زاھىدلار ) ›› كېيىن بولسا ، ‹‹ سۇفى( ئاللا ئۈچۈن قەلبىنى پاكىزلىغان كىشى ، قەلبى ئاللانىڭ نۇرى بىلەن تولغان كىشى )  ›› ۋە ‹‹ مۇتەسسەۋۇف ( تەسەۋۋۇپچى ، قەلبىنى پاكلىغانلار ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن قەلبىنى پاكلاش ) ›› دېگەن ناملاردا كىشىلەر يېڭى ئېقىملارنى شەكىللەندۈردى .
         تۇنجى قېتىم سوفى نامى بېرىلگەن كىشى ئەبۇ ھاشىم ئەل كۈفى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 150-569 ) . ھازىرغا قەدەر سوفى ، تەسەۋۋۇپ دېگەندەك ناملارغا بېرىلگەن تەبىرلەرھەرخىل .
          تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ سۆز ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياشىغان دەۋىرلەردە مەۋجۈد ئەمەس ئىدى . ئۇ ياشىغان مەزگىللەردە ئىنسانلار ئالاھىدە ئونۋان بىلەن ئاتالمايتتى . پەقەت ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېقىن دوستلىرى ، ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ ئۇنى قوغدىغانلار ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار ۋە ئۇنىڭ يولىنى تۇتقانلار ‹‹ ساھابىلەر ›› دەپ ئاتىلاتتى . ساھابىلەر بىلەن بىللە بولغان ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلار ‹‹ تابىئۈن ›› ، تابىئۈنلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتەبولغانلار ھەم ئۇلار بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغانلار ‹‹ تەبەئۇت ياكى تابىئىن ›› دېگەن ناملار بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەندى . بۇلار ياشىغان دەۋىر تابىئۈنلەر دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۇ دەۋىر ھېجرى 120- يىلغىچە داۋاملاشقان  بولۇپ ، ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىردۇر.  بۇ ئەمەۋىيلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە توغرا كېلىدۇ . ( ئەمەۋىيلەر – تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كېيىن ( 632-661) مۇسۇلمان ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خاندانلىقتۇر. 661- يىلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆلتۈرىلىشىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلار ، 750-يىلى ئابباسىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋىتىلگەن . ئەمەۋى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە ، مەككىلىك قۇرەيىش قەبىلىسىگە قاراشلىق ئۈمەييە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان . )
       كېيىنكى قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە ھەرخىل مەسىلىلەر سەۋەبىدىن خەلىق ئارىسىدا ھەرخىل ئىختىلاپلار چىقىشقا باشلىدى . يۇقاردىكى ئىسىملار بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىملىرى دىنى ئىشلاردا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان ، ئىنچىكە بولۇشقا باشلىدى ، بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە خەلىق ‹‹ زاھىد ›› ۋە ‹‹  ئابىد ( كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى )   ›› دېگەن ناملارنى بەردى . ئىسلام دىنىدىكى بىدئەتچىلەرمۇ ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقتى .  بۇنىڭ بىلەن زاھىد ۋە ئابىد نامىدا ئاتالغان بىر توپ كىشىلەر ئۆز مەزھەپلىرىدە چىڭ تۇردى . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹‹ ھەر نەپەستە ئاللا بىلەن بىللە بولۇپ ، غەپلەتتىن يىراق تۇرۇش ›› نى تەرغىپ قىلغانلارغا تەسەۋۋۇپچى دېگەن نام بېرىلدى . سوفى ۋە تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ ئىككى سۆز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملارنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرى ھەرخىل .
         تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان كۆز قارشى ھازىرغىچە ھەرخىل بولۇپ كەلدى .
تەسەۋۋۇپ – ئاللاھۇتائالانىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش . ( جۈنەيدى باغدادى )
تەسەۋۋۇپ – ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىش . ( ئىبنى ئوسمان مەككى )
تەسەۋۋۇپ- پايدىسىز ئىشلارنى تەرىك ئېتىش ( يىراق تۇرۇش ، قول ئۈزۈش ) .(ئەبۇ سەئىد ئىبنى ئارابى )
تەسەۋۋۇپ – نەفىسنىڭ يامانلىقلىرىنى تەرك ئېتىش .( ئەبۇ ھۈسەيىن نۇرى )
تەسەۋۋۇپ – گۈزەل ئەخلاقتۇر . ( ئى. كەتتانى )
تەسەۋۋۇپ – قەلبىنى پاكلاش . ( ئەبۇ ئالى رۇد بارى 9
تەسەۋۋۇپ – ئەدەپلىك بولۇش .( ئەبۇ مۇھەممەد جەۋىرى )
تەسەۋۋۇپ – ئېترازنى يوقۇتۇپ ( قارىشلىقنى يوق قىلىپ ) ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلىش . ( ئەبۇ سەھىل سالۈكى )
تەسەۋۋۇپ – باشقىلارغا جاپا سالماسلىق ، كېسەللىك ۋە مۇسىبەتلەردە باشقىلارغا ھەمدەرت بولۇش ، دۈشمەنلەرنى كەچۈرۈش ، ئىنسانلىق مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىگە ئېرىشىشتىكى ئۇسۇل . ( ئەھمەد شىرباھى )
تەسەۋۋۇپ – نەفىسكە ئائىت بارلىق زەۋىك ، ئىشتىياقلارنى تەرك ئېتىش. ( مۇھەممەت ب.ئەن نۇرى )

تەسەۋۋۇپ – ئاچ يۈرۈش ، دۇنيانى تەرك ئېتىش ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىش . ( جۈنەيد باغدادى )
تەسەۋۋۇپ – دۇنيالىقتىكى بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ ، ئاللاغايۆنىلىش .( ئىبىن ھالدۇن )
        يۇقارقىدەك ھەربىر دەۋىردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان قارشى ھەرخىل بولسىمۇ ئۇلاردىكى ئورتاقلىق يەنىلا بىر . يەنى ئاللانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرى ، ساھابىلەرنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرى ، نەسىھەتلىرى بويىچە يول تۇتۇش ، شۇ يولدا تاكى ئۆلگۈچە چىىڭ تۇرۇش ،ھەر ئىشتا ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلىش، ئاللا يولىدىكى ئەڭ يۇقرى دەرىجىگە يېتىش ئۈچۈن قەلبىنى پاكلاش قاتارلىقلار.
        تەسەۋۋۇپ يەھۇدى ۋە ياكى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىلمى ئەمەس .
تەسەۋۋۇپنى بىلىدىغان ، چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلىللانىڭ يولىدا مېڭىپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تاكى ھازىرغىچە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا.
        تەسەۋۋۇپ ئىسلام ئەخلاقىنى ئۈگىتىدىغان ئىلىمدۇر، شۇڭا ئۇنى ئەخلاق ئىلمى دەپمۇ ئاتايدۇ . تىبابەتتە بەدەن ساغلاملىقىنى ، ئىنسان بەدىنىنى تەتقىق قىلىپ ، داۋالاشنى ئۈگەتكەندەك ، تەسەۋۋۇپمۇ قەلىب ۋە روھنى پاكلاش ، يامان خۇيلاردىن قۇتۇلۇش يولىنى ئۈگىتىپ ئىنساننى يامانلىقلاردىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىلىم .  
        مانا مۇشۇنداق ھەرخىل قاراشلار بىلەن باشلانغان بۇ ئېقىم مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئىنتايىن تېز تارقالغان . ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسنى تەرك ئېتىش يولىنى ئاساس قىلغان‹‹ زۈھىد ››مەنىۋى ھاياتتا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقامى بولۇپ ، بۇ زۈھىدلىك ماقامىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان زاھىدلارغا تەسەۋۋۇپتىمۇ يۇقرى ئورۇن بېرىلگەن . مانا شۇ دەۋىرلەردە ھاسان باسرى ( 728-1100 ) بىلەن ھەللاج (  309-922) پۈتۈن سوفىلارغا زۈھىدنىڭ ئۆلگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۈگەتكەن . بۇنىڭ بىلەن ئىسلامدا بۇ ئېقىم تىز تەرەققى قىلىپ بەسىر ، كۈفە ، ھىجاز ۋە خۇراسان تەرەپلەرگە تارىلىپ ئۇيەرلەردە تەسەۋۋۇپنى تارقىتىش مەركەزلىرى قۇرۇلغان . ھاسان باسرى بۇ ئىلىمدە سوپىلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەيخى بولۇپ ، زۈھىد ئىلمى بىلەن تەسەۋۋۇپنى بىرلەشتۈرگەن . تەسەۋۋۇپ ئىلمى مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مۇكەممەللىشىپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان ۋە يۇقاردا ئېيتىلغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولغان رايونلارغا مەركەزلەر تەسىس قىلىنىپ ، مەجلىسلەر ، بارگاھ (دەرگاھ ) لار قۇرۇلغان .
ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ چەكلىنىش سەۋەپلىرى

       1. ئىسلامدا ئىمان شاھادەت ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ . ئاللا ئىنسانغا ئەڭ يېقىن دېيىلىدۇ . تەسەۋۋۇپتا بولسا ‹‹ ئاللاغا بولغان ئاشىق (مۇھەببەت ) ›› ئاللا بىلەن ئىنساننى بىرلەشتۈرىدۇ . بۇنىڭلىق بىلەن ئاللا ئىنسان سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ قالىدۇ . ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يەككە يىگانە ئۇلۇغ ئاللا ، ئىنساننىڭ ئاللاغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بىرلەشكەندە  ، ئاللا ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ قالىدۇ .
       2.  تەسەۋۋۇپتا ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن ، ئۇ ئىنساننىڭ تاقىتىدىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ، ئۇ ھەممىنىڭ ئاسان تەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە تەسەۋۋۇپتا ئىسلامدىكى ئەمەللەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدىم دەپ قاراپ ،ھەممە ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىپ قالىدۇ . ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ .
      3. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە جەننەت ھەققىدە سۆزئېچىپ ئىنسانلارنى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا توغرا دۇرۇس ، ياخشى  ياشاشقا دەۋەت قىلغان . رابىئاتۈل ئادەۋىيدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇپچىلار ئاللانىڭ بۇ دۇنيادا دۇرۇس ، ياخشى ياشاش دېگەن دەۋەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، ئىسلام دۇنيا ۋە ئاخىرەت دىنى ، شۇڭا مال – دۇنيادىن ۋاز كېچىشنىڭ ، ئۇنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ .
       4. مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقى ھاياتى ، ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتىدۇر . قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر. تەسەۋۋۇپتا تەسەۋۋۇپچىلار پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ ، ئۇلاردەك بولۇشقا ۋە ياشاشقا تىرىشىدۇ ۋە بەزىلىرى مۇناجات ۋە زىكرىلىرىدا ئۆزلىرىنى پەيغەمبەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ، ئاللاغا يېقىنلىق ھېس قىلىدۇ .
         مانا مۇشۇنداق بىر قانچە نۇقتىلار سەۋەبىدىن ئىسلامدا تەسەۋۋۇپ چەكلىنىدۇ . ئەمما يۇقارقى نۇقتىلارغا دېققەت قىلغان ئاساستا تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى ئۈگەنمەكچى بولغانلارغا چەكىلمە يوق .چۈنكى ، تەسەۋۋۇپ گۈزەل مەنىۋى ئەخلاق ئىلمىدۇر.

مەنبە :  تەسەۋۋۇپ تارىخى – دوتسىنىت دوكتور. ھايرانى ئالتىنباش
دىنى تەسەۋۋۇپى خەلىق ئەدەبىياتى – پىراپپىسور دوكتۇر ئەرمان ئالتۇن
Neslimiz osmanli.cm
Sesli- islam.com
ۋە مەنبەسى قالدۇرۇلمىغان ئۆزۈم توپلىغان بەزى ماتىرياللاردىن ئېلىنىپ ، رەتلىنىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى .
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران  

مەنبە:http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=4134&mobile=yes
بەت: [1]
: تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى