erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 15:04:01

تەسەۋۋۇپنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە باشلىنىش تارىخى

تەسەۋۋۇپ پاكلىنىش دېمەكتۇر. ئىنسان پىشىپ يېتىلىش (كامىل ئىنسان بولۇش) ۋە ئاللاھنىڭ ئۆلچەملىك بەندىسى بولۇش ئۈچۈن يامان خۇيلىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىشى، (ئىبادەتنىڭ) شەكلى بىلەن چەكلىنىپ قالماي ماھىيەتكە ئىچكىرىلەپ كىرىشى، نەپسىنى پاكلىشى كېرەك. گۇناھ-مەئسىيەتلەر، يامانلىقلار، شۇملۇقلار تەرك ئېتىلگەندە، نەپسى شەيتانغا ۋە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى كۈرەش قىلىنغاندا ياخشى خۇلق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، روھ ئازادىلىككە چۆمىدۇ.  كىشى تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمىشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلەلەيدۇ، بەندىلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى شەكىلۋازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلۇھىيەت ۋە رۇبۇبىيەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ، تەقۋادارلىق بىلەن ئىبادەت قىلالايدۇ. نەتىجىدە ئىمان ھەقىقىتى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىنسان تەبىئىتى ئاللاھ تەلەپ قىلغاندەك ھالەتكە كېلەلەيدۇ. تەسەۋۋۇپنى ئەسلى خاراكتېرىدىن چۈشەنگەندە، ئۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر تۈرلۈك پاكلىنىش تىرىشچانلىقى ۋە بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىدۇر.
"تەسەۋۋۇپنىڭ ھال دەپ ئاتىلىدىغان مەنىۋى كەچمىش تەرىپى بۇ ئىشنى گويا زەۋق ۋە خۇشاللىقتەك كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇپنى ئەخلاق دەپ تەرىپلەيدىغانلارغا كۆرە، ئۇنى كامىل ئەخلاقنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئىسلامىي ئىلىم دەپ چۈشىنىش كېرەك". (يىلماز: < تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەرنى غول مەنبەدىن چۈشىنىش>، 17)
"تەسەۋۋۇپ ئىنسان نەپسىنىڭ ئۇبۇدىيەتكە (ئىبادەتلەرگە) يۆنىلىشى، قەلبنىڭ رۇبۇبىيەت بىلەن ئالاقە باغلىشىدۇر. سوپى ئۆز نەپسىنى ھەر ۋاقىت پاكلاش بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك.  يەنى ئۇ قەلبىنى، نەپسىنى دائىم ئەبجەش خىيال ۋە مەنىۋى كىرلاردىن تازىلاپ، ۋاقىتلىرىنى (ھاللىرىنى) غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ رەببىگە داۋاملىق مۇھتاج بولىدۇ، بۇ ھال ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدۇ." (ئىمام غەززالى: <تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرى>، 37)
ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى يامانلىقلاردىن پاكلىشى ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئان بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىپ، ئۆمۈربويى كۈرەش قىلىشى كېرەك.
" بىلگىنكى، نەپسنى تەربىيەلەش (رىيازەتۇل ئەنڧۇس)  شىر كۆندۈرۈشتىن قىيىن، چۈنكى شىر قەپەزگە سولانسا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، ئەمما نەپسنى قەپەزگە سولاپ قويساڭمۇ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ" (ئىبنى ھەزم: <ئەخلاق>، 132)
تەسەۋۋۇپچىلار تەسەۋۋۇپنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى كەچمىشلىرىگە ئاساسەن ئىزاھلىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن تارىختا تەسەۋۋۇپقا ئائىت نۇرغۇن ئېنىقلىمىلار مەيدانغا كەلگەن.
تارىخقا نەزەر سالساق، ھەر خىل دىنلاردا يامانلىقتىن ساقلىنىش، روھىي كامالەتكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دىنلار ھەق دىن بولسۇن ياكى باتىل دىنلار بولسۇن، ھەممىسىلا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى شەكىللەندۈرۈش مېتودىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ باققان. خىرىستىيان دىنىدا بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىنى كۆرەلەيمىز.
خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىشكە ۋە پاكلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇھبان(راھىبلار، يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارا موللىلىرى) پىرقىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.  بەزى يەرلەردە ئايرىم موناستىرلار سېلىنغان، ئۇ يەردە ئۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ئايرىۋەتكەن راھىپ ۋە راھىبەلەر ئاللاھ  بۇيرۇمىغان پاكلىنىش ئۇسۇللىرىنى خۇددى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىغاندەك ئورۇنلىغان. زاھىدلىق، تەپەككۇر، دۇئا، مۇناجات، ئۇزلەت (يالغۇزلۇققا چېكىنىش)، ئۆزىگە بېكىنىپ تەنھا ياشاش، نەپسىدىن ھېساب ئېلىش، ئۆزىنى دىنغا ئاتىۋېتىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى توي قىلماسلىق... دېگەندەك ئىشلار ھەقتائالاغا يېتىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارالغان. خىرىستىئان دىنى بىلەن تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسى شۇكى، ھەر ئىككىسى ئەقىل ۋە ئىلىم بىلەن ھەقتائالاغا يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت ئىشق يولى بىلەن، ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنى ئاتاش بىلەن، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش بىلەن يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمما قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تاپقان، ئۆزىنى قىينايدىغان ئۇسۇللىرى بىلەن ئاللاھقا  يېتەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن:
        ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رۇھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ( پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى(ھەسسىلەپ) بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. (سۈرە ھەدىد، 27)
يەھۇدىي دىنىنىڭ تەسەۋۋۇپ-مىستىك قىسمى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدىغان <كابالا> نىڭ سۆز مەنىسى <سۆزدىكى ئەنئەنە> دېمەكتۇر.   ئېيتىلىشىچە، <كابالا>دا تەۋرات ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ باشقا مەنبەلىرىنىڭ سىرلىق مەنىلىرى تەھلىل قىلىنغان، ئۇنىڭدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئابستراكىت ۋە مەخپىي بولغاچقا ئوقۇغانلا ئادەم چۈشىنەلمەيدۇ. يەھۇدىيلار ئەينى چاغدا <كابالا>دا بايان قىلىنغان، ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان ھەرىكەت مىزانلىرىنىڭ بارلىق يەھۇدىيلارنى ئۇشبۇ ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىغا، ئىسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىپ ئۇلارنى دۇنياغا خوجايىن قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولۇپ، يەھۇدىي موللىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىلۋەتتە يالغۇز ئىبادەت قىلىپ، مۇشەققەتلىك دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئىلمى لەدۇن، خىلۋەت، مۇشەققەت، تەپەككۇر، ئاچلىق دېگەندەك ھالەتلەر يەھۇدىي تەسەۋۋۇپىدا  پاكلىنىش ئۇسۇللىرى  سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
بۇددىزىم بولسا ھاياتتىكى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە بۇلاردىن خالاس بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدىغان تەلىماتلار توپلىمى؛ ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى چەكلەپ، مۇشەققەت ئارقىلىق تاۋلىنىشنى، پاكلىنىشنى تەرغىپ قىلىدىغان باتىل دىندۇر. بۇ دىندىكى ئادەملەر پاكلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار قائىدە-يوسۇنلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، پاكلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان نېرۋاناغا يېتىش ئۈچۈن بىر يەرگە يالغۇز بېكىنىپ، دۇنيادىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن تامامەن كېچىپ، ئۆزىنى مۇشەققەت ئىچىدە تاۋلايدۇ. بۇددىزىمغا كۆرە، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئازابلىرىنىڭ مەنبەسى ئارزۇ-ئىستەكتۇر، مۇشۇ ئىستەكلەرنى يوقاتقاندا، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز روھىغا قايتقاندا تىنچلىققا، خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.
داۋجاۋ (تويىن دىنى) لاۋزىنىڭ تەلىماتلىرىدىن پەيدا بولغان  بىر دىن بولۇپ، بۇ دىننىڭ قارىشىچە، ئالەم بىر ياراتقۇچىنىڭ ئەسەرىدۇر، ئۇ بولسىمۇ داۋ (يەنى يول، تەرىقەت) تۇر. داۋ دېمەك ئالەمنىڭ يولى، تۈزۈلۈشى، قانۇنى دېمەكتۇر، ئىنسانلار ئابستراكىتلاشتۇرغان ياكى تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن ھېكمەت يولى "داۋ" غا (تەڭرىگە) يۈزلەنگەن يولدۇر. داۋجياۋنىڭ تۈپ ئىدىيىسى پانتىئېزىم (پان ئىلاھچىلىق، يەنى تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىنى ئىلاھ سۈپىتىدە كۆرىدىغان پەلسەپىۋى قاراش) ئۈستىگە  قۇرۇلغان بولۇپ،  "داۋ" دۇنيانى تۇتۇپ تۇرىدىغان، دۇنيانى باشقۇرىدىغان يىگانە بارلىقتۇر؛ كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ياراتقۇچىدۇر. يەنى "داۋ" ئاسمان-زېمىننىڭ مەنبەسى، ياراتقۇچى ھەم ياشاتقۇچى بارلىقتۇر، ھېچنەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر.
داۋجياۋغا كۆرە، ئىنسان پەقەت مەنىۋى جەھەتتىنلا ئىنسان بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن "داۋ" رەھبەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. <ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققىمۇ ياخشىلىق>  داۋجياۋنىڭ تۈپ پىرىنسىپىدۇر.  بۇ تەلىماتلارغا، ئەخلاق نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، سەۋر قىلىپ ياشاش، سۈكۈت قىلىپ ياشاش، يەنى ھەممە ئىشقا رازى بولۇش ئارقىلىق ئالىي مەقامغا ئېرىشكىلى  بولىدۇ. داۋجياۋ بۇ ئالەمدە مەۋجۇت بولغان (阳)  بىلەن مەۋجۇت بولمىغان (阴) نىڭ قوشۇلۇشىدىن مەيدانغا كەلگەن دېيىلىدۇ؛ بەزى مەنبەلەرگە كۆرە، "داۋ" تەڭرىنىڭ سموۋۇللاشتۇرۇلغان شەكلى دەپ قارىلىدۇ. داۋجياۋ مۇرىتلىرىغا "داۋ"نى ھەممە يەردە، ھەممە نەرسىدە كۆرۈش "تەجرىبىسى" ئۆگىتىلىدۇ. داۋجياۋغا ئائىت مەقبەرىلەر بۇ دىنغا يېتەكچىلىك قىلغان، مۇرىتلىرىغا شاپائەت قىلىدىغان، مۇرىتلىرىنى قوغدايدىغان مۇقەددەس شەخسلەرنىڭ، يەنى "ئەۋلىيا ئاتىلار"نىڭ مەقبەرىسىدۇر. داۋجيا دىنىدا "سۈكۈنات" دەپ ئاتىلىدىغان، تەبىئىي ئېھتىياجلارغا قىلچە بېرىلمەيدىغان، دۇنياغا ئائىت مەقسەتلىك، پىلانلىق ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىدىغان، ئاز گەپ قىلىدىغان ئەخلاق پەرھىزلىرى مەۋجۇت. ئەگەر ئىنسان سۈكۈت قىلسا، "داۋ"نىڭ ئىچكى ئاگاھلىرىغا قۇلاق سالسا، كۆپ مۇشەققەت تارتمايلا ياخشى ھايات كەچۈرەلەيدۇ، مەرتىۋىسى يۈكسىلىپ "داۋ"غا يېتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىسلام دىنىغا قارىساق، تەسەۋۋۇپ، بەزىلەرگە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلغان كۈندىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئاۋۋال قەۋمىنىڭ ئازغۇنلۇقى ۋە بۇزۇقچىلىقلىرىدىن بىئارام بولۇپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەپ، ھىرا غارىغا بېكىنىپ، رەببىدىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغان. پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن قۇرئان كەرىم بويىچە ياشاپ ۋە كۈرەش قىلىپ، ئىسلامنى تەبلىغ قىلىپ، ئىنسانلارغا ئۈلگە بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى ئىبن ھەزم مۇنداق بايان قىلىدۇ: گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن، بارلىق ياخشىلىقلاردا ئۈلگە بولغان ، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئەيب-نۇقسانلارنى يېقىن يولاتمىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىغا ياكى پۇتىغا بىر نەرسە كىيمەي، شەھەردىن ئەڭ يىراق بولغان يەرگىمۇ كېسەل يوقلىغىلى باراتتى. تاپالىسا يۇڭدىن ياكى پاختىدىن كىيىم كىيەتتى، ئېھتىياجى يوق نەرسىنى كىيىمەن دېمەيتتى، ئېھتىياجى بولغان نەرسىنى تەرك ئەتمەيتتى. تاپالمىسا تاپقىنىغا شۈكۈر قىلاتتى، بەزىدە مەسە كىيسە، بەزىدە يالىڭاياغ يۈرەتتى. بەزىدە كۈلرەڭ قېچىرغا مىنسە، بەزىدە ياۋداق ئاتقا، بەزىدە تۆگىگە، بەزىدە ئېشەككە مىنەتتى، ئارقىسىغا بەزىدە ساھابىلىرىدىن بىرىنى مىندۈرۈۋالاتتى. بەزىدە خورمىلا يەيتتى، بەزىدە ناننى قۇرۇق يېسە، بەزىدە قىزارتىلغان ئوغلاق گۆشى بىلەن يەيتتى. ئۆزىگە چۇشلۇق يېمەكلىكىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى باشقىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. ئۆزىگە لازىم بولمىغىنىنى باشقىلارغا بېرىپ، ئارتۇق نەرسىنىڭ ھېسابىدىن قاچاتتى. غەزەبلەنسە ئاللاھ ئۈچۈن غەزەبلىنەتتىكى، ئۆزىنىڭ ئىشىغا ھەرگىز غەزەبلەنمەيتتى. (ئىبن ھەزم: <ئەخلاق>، 109-110)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان بويىچە  ياشىغان ئۆرنەك ھاياتىدىن ساھابىلەر ئۈلگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگەنگەن تەسەۋۋۇپ مېتودلىرىنى ئۆز تۇرمۇشىغا تەتبىقلىغان دەپ قارىلىدۇ. ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىي چۈشۈپ، ئەلچىلىك ۋەزىپىسى كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاھىدلىقتىن چېكىنىپ، رېئال تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۆز قەۋمىنىڭ ئارىسىدا، بۇ قەۋمنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە زېممىسىدىكى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا باشلىغان، ئەمما بۇ ۋەزىپىسىگە ئىلاھىي سۈپەت بېرىپ، ئۆزىنى ئەۋلىيا ئەزەم، كارامەتلىك شەخس دەپ تونۇتۇش ئارقىلىق ئىسلامنى تەبلىغ قىلمىغان بەلكى ئاۋۋال يېقىنلىرىدىن باشلاپ، قەدەممۇ قەدەم ئىمان-ئىسلامنى بىلدۈرۈپ، ھىدايەت نۇرى چاچقان.  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە مۇئامىلىلىرى،  شادلىقى ۋە قايغۇلىرى، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىكى ئېغىر-بېسىقلىقى، بىرەر ئىشنى قارار قىلغاندا  ساھابىلىرى بىلەن كېڭىشىدىغانلىقى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرغان نەق، روشەن پاكىتلار بولۇپ، قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ ياشاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كىشىلەرگە تونۇتقان ۋە بۇنىڭ شانلىق ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بىرسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە مىجەزى توغرىسىدا سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەچ، بىر تەرەپتىن تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىسا، بىر تەرەپتىن ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە تەربىيىچى بولغان؛ بىر تەرەپتىن دۆلەت باشلىقى، قوشۇننىڭ قوماندانى بولسا، بىر تەرەپتىن خەلق ئىچىدىكى مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. ھېچ كىمنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشقا زورلىمىغان، زۇلۇمغا قارشى چىققان، كىشىلەرنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا چاقىرغان، مۇھىم قارارلار چىقىرىش ئالدىدا ساھابىلەردىن پىكىر ئالغان، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان، بەزىدە خاتا قارار چىقىرىپ قالسا ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا ئوبدان قاراپ باقساق، ئۇنىڭ "كامىل ئىنسان، ئۆرنەك ئىنسان" بولۇش ئالاھىدىلىكىنى مۇكەممەل ھازىرلىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.   
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشىمىغانلىقى ۋە بۇنى تەشۋىق قىلمىغانلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر تەلىماتىدۇر. (سۈرە ھەدىد، 27). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا قاراپ باقساق، پەيغەمبىرىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلگەن،  مال-دۇنياغا قىزىقمىغان، قولىدىكى ئارتۇق مالنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. بەزىدە ئاچ قېلىپ، قورسىقىغا تاش تېڭىۋالسا،  بەزىدە بىر تال خورما بىلەنمۇ كۈن ئۆتكۈزگەن، تاماققا تەكلىپ قىلسا بېرىپ ياخشى تاماقلاردىن يېگەن، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. پېقىر-مىسكىنلىككە ئادەتلىنىپ قالمىغاندەك، باي-باياشاتلىقنىمۇ قوغلىشىپ يۈرمىگەن، بەلكى ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ۋە ياخشى بەندە بولۇش ئارزۇيىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
دىنىمىزغا ياخشى نەزەر سالساق، ئۇنىڭدىمۇ ياخشى بەندە بولۇش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا تىرىشىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. زاھىرىي كۆرۈنۈش پەقەت باتىنىي دۇنيا، يەنى كۆرۈنمەيدىغان دۇنيا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قەلبلەردىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىسلام دىنى نىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا پەيغەمبىرىمىز ئەمەللەرنىڭ نىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ھاكىم بولۇشىنى، قىيامەتتىكى ھېساب كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئىچكى دۇنياسى كىر، غەلەت، غەللە-غەشلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىنسان ئەمەلىيەتتىمۇ ئىبادەت بىلەن ياشىيالمايدۇ ياكى ئىبادەتلىرىدىن ھۇزۇر ئالالمايدۇ. ئىبادەتلەردىكى ئەسلى مەقسەتمۇ شۇ:  ئاللاھ بۇيرۇغان تەسلىمىيەتنى بەجا كەلتۈرۈش، شەيتانغا ئەگەشمەسلىك، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش.  ئادەمنىڭ نەپسى نەپسانىي تەربىيەنى ياقتۇرمايدۇ، ھەر كىم كۆڭلۈم خالىغاننى قىلسام دەيدۇ. ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەر ئادەم ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئورۇنلاش، بەلگىلىك ۋاقىتلاردا بەلگىلىك ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى ئىكەنلكىنى، ئاللاھقا بويسۇنغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ؛ شۇڭا كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ، تومۇزنىڭ ئۇزۇن، ئىسسىق كۈنلىرىدىمۇ روزا تۇتىدۇ. "ناماز ھەقىقەتەن گۇناھلاردىن توسىدۇ" دېگەن ئايەتمۇ ئىخلاس بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ كىشىنى ھەقىقەتەن گۇناھلاردىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھيى قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركىن بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.  ( سۈرە ئەنكەبۇت، 45 )
ئىبادەتلەر كىشىنىڭ نەپسىنى پاكلاپ، ئۇنى تەربىيەلەيدىغان بولغاچقا، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەرز، سۈننەتلەردىن باشقا يەنە نەپلە ئىبادەتلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھۋال مەيدانغا كەلگەن. بەزى مۇسۇلمانلار دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ،  نورمال ئارزۇ-ئىستەكلىرىدىنمۇ قېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشنى، داۋاملىق بېكىنىپ ئىبادەت، ئىستىقامەت قىلىشنى نەپسىنى تەربىيەلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ چۈشەنگەن. ئەمما ئۇلار تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى زورلاپ، ئىنسان تەبىئىتىگە چۈشمەيدىغان مۇشەققەت، رىيازەتلەرنى كۆپ چېكىپ، ئاخىر نورمال ئىبادەتلەرنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان. رەببىمىز بىزنى بىزدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بىزدىن تەلەپ قىلغاننى لايىقىدا ئورۇنلاشقا تىرىشساق بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
رەببىمىز ئىجتىمائىي مەخلۇق قىلىپ ياراتقان بىزلەرنىڭ جەمئىيەتتە__ مال-دۇنيانىڭ سېھرىي كۈچى، نەپسى شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى، كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە تولغان بۇ سىناق دۇنياسىدا ياشىشىمىزنى، مۇشۇ دائىرىدىن ئىمتىھان بېرىشىمىزنى ئىرادە قىلغان بولۇپ، ۋەزىپىمىز دەرىسىمىزنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشتۇر. "قانداق قىلغاندا ياخشى بەندە بولغىلى بولىدۇ؟" دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن چىقىدۇ. باشقا ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىزدەش، ئۇنى توغرا دەپ قاراش ھەم شۇنداق جاۋاب بېرىش، بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، ئىككىنچىدىن، قۇرئان كەرىم تەۋسىيە قىلغان يولدىنمۇ ياخشىسىنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلغانلىق.
تەسەۋۋۇپ ۋە سوپى ئاتالغۇلىرى ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ساھابە كىراملار ۋە تابىئىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈلگە ئېلىپ، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىپ ياشىغان بولۇپ، ئەخلاقى، تەقۋادارلىقى، زاھىدلىقى ۋە دىنىي بىلىمگە موللۇقى بىلەن تونۇلغان. يەيدىغىنى يوق، كىيىدىغىنى يوق، ياتىدىغان يېرى يوق ساھابىلەر "سۇڧڧە ئەسھابى" دەپ تونۇلغان پېقىر كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلار ۋە نامرات قۇللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ يېنىدا يېتىپ-قوپۇپ، يەپ-ئىچىپ يۈرەتتى، پەيغەمبىرىمىز ۋە قول ئىلكىدە بار ساھابىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.  ئۇلارنىڭمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا ئىبادەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم. سانى ھەر مەزگىلدە 70 بىلەن 300 نىڭ ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپ ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلاردىن بىر نەچچىسىنى تاللاپ، ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى، بەزىلىرىنى قوشۇنغا قوماندان قىلاتتى.
تەسەۋۋۇپ ۋە سوپى سۆزلىرى " ئەسھابى سۇڧڧە "دىن كەلگەن دەيدىغانلار بار. ئەمما تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ سۆز ساڧا (پاكلىنىش) ۋە سۇڧى (يۇڭ كىيىم كىيىدىغان) سۆزلىرىدىن كەلگەن دەپ قارايدىغانلار بار. ساھابىلەر دەۋرىدە بەزىلەرنىڭ يۇڭ ۋە قىلدىن قوپال، يىرىك كىيىملەرنى كىيگەنلىكى مەلۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلمىغان بولسىمۇ، ئەينى دەۋرىدە تەسەۋۋۇپقا مايىل بولغان كىشىلەر يۇڭ كىيىم كىيىشنى تاللىۋالغان. تارىخىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇن يەھۇدىي سوپىلىرىمۇ مۇشۇنداق كىيىملەرنى ياخشى كۆرەتتىكەن.
ئابراھام مەيمونىدېس قەدىمكى ئىسرائىل ئەنئەنىسىنىڭ ئىز باسارلىرى  دەپ قارىغان سوپىلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن بولۇپ، قەدىمكى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرى كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ سوپىلار كىيىۋالغان كىيىملەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىز كىيگەن كىيىملەرنى سوپىلارنىڭكىگە ئوخشىتىشىڭ قاملاشمىدى دېمەڭلار، چۈنكى كېيىنكىلەر (سوپىلار) ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنى تەقلىد قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان. ھالبۇكى بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ئەمەس ئىدى.  سوپىلارنىڭ تەرىقەتكە كىرىش مۇراسىمىدا شەيخلەرنىڭ تون كىيدۈرىدىغان ئادىتىمۇ ئاساسەن ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن كەلگەن. ( Paul, B.Fenton: يەھۇدىي دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ)
بەلكىم سوپى مۇسۇلمانلار ئەتراپىدىكى يەھۇدىي سوپىلارنىڭ كىيىنىشلىرى كۆرۈپ، شۇلارنى دورىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.  شۇنداقتىمۇ، كېيىنكى سوپىلار كىيىمگە، تاشقى قىياپەتكە ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. تەھلىل قىلىپ باقساق بىلىمىزكى، ئۇ دەۋردىكى شارائىتتا ساھابىلەر كىيىدىغان باشقا كىيىملىرى بولمىغاچقا يۇڭ كىيىم كىيىشكە مەجبۇر بولغان، شارائىت بولمىغاچقا زور كۆپچىلىكى ئارپا يېگەن، ھەتتا بەزىدە ئەۋرەت يېرىنى ياپقۇدەك بىر نەرسە تېپىشتىمۇ قىينالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ قۇرئانغا ئەمەل قىلىش، قۇرئاندىن ئايرىلماسلىق جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، دىنغا ساپ نىيەت بىلەن باغلىنىشى، دىن بىلەن ئىخلاسنى بىرلەشتۈرۈشى تا ھازىرغىچە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان  مۇكەممەل ئۆرنەكتۇر. ئۇ چاغدا ئۆگىنىلگەن ھەر بىر ئايەت كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە سىڭىپ بارغان ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈلگەن. پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئالماقچى بولغانلار كېيىنكى زامانلاردا قۇرئان بىلەن سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق پاكلىنىش يولىنى تۇتۇپ،  ئىخلاس بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئېلىپ بارغان.  بۇ ھەقتە ئىمام غەززالى مۇنداق دەيدۇ:  تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسلىرى ھالال يېيىش، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا، ئىش-ھەرىكىتىگە، بۇيرۇقى ۋە سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش؛ كىمكى قۇرئاننى يادلىمىسا، ھەدىسلەرنى يازمىسا (ئۆگەنمىسە) پەيغەمبىرىمىزگە ئەگەشمىگەن بولىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا ئىلىم قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن بولىدۇ. (ئىمام غەززالى: تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرى، 38)
ئەپسۇسكى، تەسەۋۋۇپتا  " ئىلىم كەشپ ۋە تەجەللىي بىلەن قولغا كېلىدۇ" دېگەن قاراش يامراپ كەتكەن بولۇپ، باتىنىي ئىلىم باشقا ئىلىملەردىن قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.
دەسلەپكى دەۋردىكى تەسەۋۋۇپچىلار زۇھد (ئازغا قانائەت قىلىش، كۆڭۈلدىن دۇنيا غېمىنى چىقىرىپ تاشلاش، مال-دۇنيانى چوڭ بىلمەسلىك، دۇنيا ۋە دۇنيادىكىلەرنىڭ پانىيلىقىنى ئويلاش، ئېرىشكەنگە خوش بولۇپ، يوقاتقانغا قايغۇرماسلىق، دۇنياغا بېرىلمەسلىك) كە ئەھمىيەت بېرىپ قەلبىنى پاكلىماقچى بولغان. بۇ دەۋردىكى تەسەۋۋۇپچىلار زاھىدلار دەپ ئاتىلىدۇ، ۋەيسەل قارانى، شەقىق بەلخى، سۇڧيان سەرۋى، رابىئاتۇل ئەدەۋىييە، جەئڧەرى سادىق قاتارلىقلار شۇلارغا تەۋە. تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە زۇھدنى "ھالالنى ھارام قىلىش ياكى مال-دۇنيانى يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى قول ئىلكىدە بارىغا ئىشىنىش؛ يەنى ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالماي، ئۇلارغا بەك بېرىلىپ كەتمەسلىك، دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەسىرىدە ساھابىلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ياشىشى زاھىدلىق ھەرىكىتىگە ئاساس سالغان. ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە زاھىدلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئالدىغا قىلىدىغان ئىبادەت شەكلى سۈپىتىدە داۋاملاشقان. زاھىدلار ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغان، ئۇلارنىڭ دىلىنى يورۇتقان. ئۇ دەۋردە مەدىنە زاھىدلارنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئىسرائىلىيات قىسسەلىرى (يەھۇدىي دىنىغا ئائىت قىسسەلەر) نىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنلىكى، ئەمما بۇنىڭغا ھوشيار تۇرغان زاتلارنىڭ بۇنداق قىسسەلەر ۋە سۆھبەتلەرنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە تەنقىد قىلغانلىقى مەلۇم. چۈنكى ئىسرائىلىيات قىسسەلىرى مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىيلارنىڭ سوپىلار جامائىتىگە قېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىي مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلاردىكى قىسسەلەرنى بايان قىلىشى بىلەن ئۇ قىسسەلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىسسەلەر شەيخلەرنىڭ كارامىتى سۈپىتىدە ئۆزگەرتىلىپ بايان قىلىنغان.
بۇ رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىي زاھىدلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان(شۈبھىسىزكى، تەلمۇد يازمىلىرىدىن مەنبە ئالغان) ھەمدە بۇ دەۋردە ئۆزلەشتۈرۈلگەن، ئىسلام تەسەۋۋۇپىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر قاراش__ كائىنات ھەر مەرتىۋىدىكى سىرلىق ئەۋلىيالارنىڭ بەرىكىتى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. "بۇنداق مەزمۇنلار (ئۇنسۇرلار) دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياكى يەھۇدىيلاردىن بولغان مۇھتەدىيلەر(ئىسلامغا كىرگەن يەھۇدىيلار)  ۋاسىتىسى بىلەن ئىسلامغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن". ( Paul, B.Fenton: ‹يەھۇدىي دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ›)
         پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى زەيىد بىن سابىت ۋە باشقا ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇرئان ئايەتلىرىنى بەتمۇ بەت توپلاپ، كاتىپلار بىلەن  (قۇرئاننى پىششىق يادلىغان) ھاپىزلارنىڭ قىرائەتلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان.
ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە سۈرىلەرنىڭ ئورنى ئەسلى تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىپ، مۇسھەڧ (تۈپلەنگەن كىتاب) شەكلىدە كۆپەيتىلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ بىرسى مەدىنەدە قېلىپ، قالغانلىرى مەككە، بەسرە، كۇڧە، شام، يەمەن ۋە بەھرەيىنگە ئەۋەتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇش ۋە توغرا چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. پەيغەمبىرىمىز ھايات چاغدا سۆزلىرىنىڭ (ھەدىسلىرىنىڭ) توپلىنىشىغا رۇخسەت قىلمىغانىدى. قۇرئان كەرىم كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ھىجرىيە 1-ئەسىردىن كېيىن ھەدىسلەر توپلىنىشقا باشلىغان، ھىجرىيە 3-ئەسىردىن كېيىن كۆپلىگەن ئالىم، ھەدىسشۇناسلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ھەدىس كۇللىياتلىرى بارلىققا كەلگەن. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كەڭ قانات يېيىشى بىلەن يېڭى ئىلىملەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. پىقھى، ھەدىس، كالام، تەپسىر قاتارلىق ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار ھەر دەۋردە ئوخشىمىغان ئىزاھات، چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان پىكىر، كۆز-قاراشلار شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ مېتودلىرىدىكى پەرقلەر تۆۋەندىكىچە:
1.         مەسىلىلەرگە پەقەت قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ بويىچە قاراش. (سەلەڧىيە)
2.        مەسىلىلەرگە قاراشتا قۇرئاننى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە ئىنسان ئەقلىدىنمۇ پايدىلىنىش. (كەلامىييە)
3.        ئەقىل ۋە نەقىلدىنمۇ ھالقىغان قەلب ئۇچۇرلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش (سۇڧىيە)
(داۋامى بار)

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:53:24

خەتكۈچ

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:57:11

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:57:44

ساقىلىۋېلىپ، ئالدىرىماي، تۇماقنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ بىر ئوقاي...   

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:08:49

ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ئەسەر بۇپتۇ. مۇمكىن بولسا سىتاتا مەنبەلىرى تېخىىمۇ ئىنىقراق تەمىنلەنسە بۇپتىكەن

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 18:11:40

ھىجرىيە 3- ۋە 4-ئەسىرلەردە ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ھەر تۈرلۈك ئىلىم مەركەزلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئابباسىلار خەلىپلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ھەر خىل تىللاردىكى كىتابلار ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسلام دىنى ئەتراپتىكى رايونلارغا كەڭ تارقىلىش بىلەن بىرگە ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. ھەر خىل پىكىر-چۈشەنچىلەر، ئەقلىي ياكى ھېسسىي قاراشلار جىددىي مۇنازىرىلەرگە، ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان چاغدا تەسەۋۋۇپ قاراشلىرىمۇ ئۆز بىناسىنى قۇرۇشقا باشلىغان، بۇ ھەقتە ئەسەرلەر يېزىلىشقا باشلىغان. تەسەۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنىڭ مۇشۇ دەۋردە تارقىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
تۇنجى تەسەۋۋۇپچىلاردا  بىر يەرگە توپلىنىپ زىكرى قىلىدىغان ئىش يوق ئىدى، ھىجرىيە 4- ۋە 5-ئەسىرلەردە ئەسھابى سۇڧڧە  نىڭ توپلانغان ماكانىغا ئوخشىتىش ئۈچۈن  چوڭ-كىچىك تەكيەخانىلار ئېچىلغان.
تەسەۋۋۇپنىڭ سىستېمىلىشىشى ۋە نەزەرىيەۋىلىشىشىگە تەخمىنەن يۈز يىلدەك ۋاقىت كەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. تەسەۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى، تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىشى، بولۇپمۇ مەشھۇر پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى تەسەۋۋۇپچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار ئىلىم ساياھەتلىرىدە، يەھۇدىي دىنى، خىرىسىيان دىنى، بۇددىزىم، ھىندى دىنى، بىراھمانىزم دىنلىرىغا تەۋە ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ دىنغا مەنسۇپ ئادەملەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تاللىشى، ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى ۋە بەزى ئەقىدىلىرىنى بۇ يېڭى دىنغا ئېلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ كۆپەيگەن. تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە بىلىم-ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ ئۇلغىيىشى نەتىجىسىدە پەلسەپىۋى تەسەۋۋۇپ ۋە ۋەھدەتى ۋۇجۇد(بارلىقنىڭ بىرلىكى) قارىشى پەيدا بولغان.
يەھۇدىي دىنىدىكى "كابالا"دا: ئالەم بىر پۈتۈن بولۇپ، مۇئەييەن تەرتىپتە ھەرىكەت قىلىدۇ. كۆرۈنگەن  ھەر نەرسە تەڭرىنىڭ بىر پارچىسى ۋە يەر يۈزىدىكى تەجەللىيسى، ئىنسانمۇ ئالەمنىڭ بىر پارچىسى بولغاچقا تەڭرىنىڭ بىر پارچىسى، شۇڭا ئۇمۇ كىچىك ئالەم ھېسابلىنىدۇ، دەيدىغان تەلىمات بار.  كابالاغا كۆرە، بارلىق رۇھلار، جىسىملار، جانلىقلار، پەرىشتىلەر تەڭرىنىڭ يەككە-يىگانە بارلىقىدىن مەيدانغا كېلىدۇ، شەيئىلەردە كۆپلۈك ۋە ھەر خىللىق مەۋجۇت، ئەمما ئەسلىدە ھەممە نەرسە بىردۇر، يەنى تەڭرىدۇر، پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن ھەم ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا چۈشەنچە، ھېكمەتكە ئىگە بولغان. يەھۇدىيلار: "كابالا" ئىنسانغا تەڭرىگە بىۋاسىتە يېتىش يولىنى ئۆگەتكەن، دېيىشىدۇ، "كابالا"نىڭ يەھۇدىي دىنىنىڭ ئاساسى بولغان تەۋراتتىن ئىلگىرى بار بولغان، تەۋرات نازىل بولغاندىن كېيىنمۇ يەھۇدىيلارغا سىڭىپ كىرگەن پاگان(بۇتپەرەس) نەسىھەتلەر ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
شەرق دىنلىرىدىن بىرى بولغان داۋجياۋ(تويىن دىنى)دىمۇ مەۋجۇداتلارنىڭ بىرلىكى چۈشەنچىسى مەۋجۇت.  
ئىبنۇل ئەرەبىينىڭ ئەسەرلىرىدىن بولسۇن ياكى ۋەھدەتى ۋۇجۇت ھەققىدە يېزىلغان ئىككىنچى قول يازمىلاردىن جەزملەشتۈرگەن چۈشەنچىلىرىمىز بويىچە ئىزاھلىساق، ۋەھدەتى ۋۇجۇدنىڭ تۈپ نېگىزى ۋە ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.        بارلىق(مەۋجۇتلۇق) زاتقا ئىلاۋە قىلىنغان بىر سۈپەت ئەمەس، بەلكى زاتنىڭ ئۆزىدۇر. بىزنىڭچە،  ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مۇشۇ.
2.        سۈپەتلەر زاتنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئالەممۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ تەجەللىيسى، شۇڭا ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزى. بۇ ھالدا ئاللاھ بىلەن ئالەم ئارىسىدا بىر ئەينىيەت(ئۆزلەشىم) بار. ۋەھەدەتۇل ۋۇجۇدنىڭ بۇ ئاساسلىق چۈشەنچىسىدىن "پەقەت ۋە پەقەت بىرلا مەۋجۇتلۇق باردۇر" دېگەن مەنە چىقىدۇ.
3.        ھەقىقىي بارلىق بىلەن ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت زېھنىمىزدىكى پەرقتۇر، چۈنكى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇتلۇق پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر، ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولسا سەرراپ (يەنى باردەك كۆرۈنگەن خىيالىي مەنزىرە) ۋە خىيالدۇر.
4.        ۋەھدەتى ۋۇجۇد سوپىستىك تەجرىبىنىڭ(يەنى رىيازەتنىڭ) ئاخىرقى غايىسى، سوپى ئۆز تەجرىبىسى ئارقىلىق مەۋجۇدات ھەققىدە بىر نەزەرىيە شەكىللەندۈرەلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ۋەھدەتى ۋۇجۇدتۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە قارىغىنىمىزدا، ھەر بىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسى شۇ: ئاللاھ-ئالەم مۇناسىۋەتلىرىدە ھەقىقىي كۆرۈنگەن دۇئالىتە(ئىككىلىك) كىشىنى ئالدايدىغان نەرسىدۇر، ھەقىقەتتە، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچنېمە يوقتۇر.
ۋەھەدەتى ۋۇجۇد چۈشەنچىسىنىڭ تارقىلىشى بۇ چۈشەنچىدىكى تەسەۋۋۇپچىلار بىلەن پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى. شەرىئەتكە كۆرە، بەزى ئېيتىملار كۇپرىلىق بىلەن ئەيبلەنگەن بولۇپ، بۇنى سۆزلىگەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلگەن.  ھىجرىيە 3-ئەسىردە  مەنسۇر ھەللاجى (مىلادىيە 857-؟) بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مەنسۇر ھەللاجى بىر يەردە كىشىلەرگە ۋەھدەتى ۋۇجۇدنى چۈشەندۈرگەن ۋە ڧەنا ڧىللاھ ھەققىدىكى سىرلارنى تىلغا ئالغان. مەنسۇر ھەللاجى "ئەنەل ھەق" سۆزى بىلەن ئەيبلىنىپ، سەكسەن نەچچە ئالىمنىڭ پەتىۋاسى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ جازانىڭ خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈش شەكلى خەلق ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ،  ئۇنىڭ ئىلاھىي ئىشق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى، يەنى ئىشق شېھىتى بولغانلىقى ھەققىدىكى مەشھۇر رىۋايەتنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا، ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى ۋە پاجىئەلىك ئۆلۈمى ئەسىرلەردىن بويى ئۇنىڭ ياد ئېتىلىشى ۋە مەشھۇر بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
بەزى تەسەۋۋۇپچىلار ھەللاجىنىڭ شەرىئەتكە كۆرە گۇناھكار ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرى ئۇنىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئەمەس ياكى مەست ھالەتتە شۇ گەپنى دېگەنلىكىنى، بەزىلىرى بولسا، ئىلاھىي ۋەھدەت ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ مەخلۇقلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ زاھىرىي نەپسىدىن(جېنىدىن) قۇتۇلغان ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي نەپسى بىلەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ "خۇدا" ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. بۇلارغا كۆرە، ھەللاجى ڧەناغا ئېرىشكەن ھەمدە "خۇدا" ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن سۆز قىلغان. (نىيازى: مەنسۇرنامە)
مەنسۇر ھەللاجى ئەسەرلىرىدە شېئرىي تىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، چۈشىنىش قىيىن.  بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز چۈشەنچە سىستېمىسىدا چۈشەندۈرۈش كېرەك. ھەللاجىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى قوللايدىغان ئىبنۇل ئەرەبى ۋە مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈلگەن. ھەللاجىنىڭ قارىشىچە، ئىنسان ئىلاھىيدۇر، ئاللاھ تائالا ئادەمنى ئۆزىنى بىر ياندىن كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز سۈرىتىدە ياراتقان. ھەللاجى يەنە نۇبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلىك) نۇرى بارلىق نۇرلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ھەللاجى ئىلاھىي ۋە بەشەرىي(ئادىمىي) تەبىئەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈشەلەيدىغانلىقىنى، ھۇلۇل قىلالايدىغانلىقىنى(بىر-بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغانلىقىنى) ئېيتقان، ھۇلۇل ۋە تەناسۇھ (رۇھنىڭ كۆچۈشى) ئىسلامدا قوبۇل قىلىنمايدۇ.  مەنسۇر ھەللاجىنىڭ چۈشەنچىلىرىدە ئېتىقادىي مەسىلىلەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھەددىدىن زىيادە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆز چۈشەنچىسىگە ماس ھالدا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەبەدىيەت سۈپىتى بەرگەن، مەسىلەن ئۇ پەيغەمبىرىمىزنى چۈشەندۈرگەن <كىتابۇتاۋاسىن> دىكى "سىراج" قىسمىدا مۇنداق دېگەن:
ئۇۇ ئۆلمەيدۇ، ئۇ ياشايدۇ، شۇ پېتى تۇرىدۇ، ئۇ بارلىق شەيئى ۋە ھادىسىدىن ئاۋۋال بار ئىدى، ئۇ كائىناتتىن ئاۋۋال مەشھۇر ئىدى.
ئۇ دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ رەڭلەردىن ئاۋۋال ئەسلىنەتتى، جەۋھەرلەردىن ئاۋۋال تىللاردا ئىدى،ئۇ ئەۋۋەلقىنىڭ ئەۋۋەلقىسى ئىدى، ئاخىرىدىمۇ ئەڭ ئاخىرىغىچە باقى قالىدۇ.
نىيازى 15-ئەسىردە يازغان ئەسىرى <مەنسۇرنامە> دە مەنسۇر ھەللاجىنىڭ قاراشلىرىنى، ھاياتىنى ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلىپ، "ئەنەل ھەق" سۆزىنى قوللىغان ۋە ھەللاجىنى ھەق ئاشىقى سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان.

دارغا ئېسىلغان پەيت مەنسۇرنىڭ مىئراجىدۇر
ھەقنىڭ نۇرى ئۇنىڭ باشىنىڭ تاجىدۇر
بىلگىنكى، مەنسۇرنى ئەنەل ھەق دېگۈزگەن
ئىشق ئىدى، ھەقنى مۇتلەق دېگۈزگەن.

بەزى تەسەۋۋۇپچىلارغا كۆرە، ھۇشىدىن كەتكەن، مەست بولغان چاغدا دېگەن گەپلەر نورمال گەپ ھېسابلىنىشى كېرەك. شاتاھات__ سوپىلار ھوشىدىن كەتكەن ۋە ۋەجد ھالى(ئۆزىنى ئۇنتۇغىدەك دەرىجىدىكى ئىلاھىي ئىشق ھالى)پەيتىدە ئېغىزىدىن چىققان، شەرىئەتكە خىلاپ سۆزلەردۇر. بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ دېگەنلەرنىڭ بىرى بەيازىد بەستامى بولۇپ، قىلغان گەپلىرىدە ڧەناڧىللاھ (سوپىلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىسى بولۇپ، بۇ دەرىجىگە يەتكەندە روھ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاك روھ ھالىتىگە قايتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ)  مەقامىدا ھوشىدىن كەتكەنلىرىنى، بۇ جەرياندىكى كەچمىشلىرىنى، سىناقلىرىنى بايان قىلىشقا ئۇرۇنغان، نەتىجىدە نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن.  سوپىلار ھۇلۇل چۈشەنچىسىنى ئوچۇق قوبۇل قىلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مەنسۇر ھەللاجى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زاتلارنى ئۇلۇغ ۋەلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان، ئەنەل ھەق دېگەندەك سۆزلەرنى خىلمۇ خىل ئىزاھلاشقا تىرىشقان ۋە قوللىغان. بۇنداق يېڭى ئىزاھاتلار بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ خەلق ئىچىگە تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
مەنسۇر ھەللاجىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندۈرگەنلەردىن بىرى مۇھيىددىن ئەرابىدۇر، ئۇ بۇ ھەقتە ئەسەر يېزىپ، ۋەھدەتى ۋۇجۇد قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. يازغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئىچىدە "ڧۇسۇسۇل ھىكەم" ۋە "ڧۇتۇھاتۇل مەككىيە" ناملىق ئەسەرلىرى تەسىر قوزغىغان. "ڧۇسۇسۇل ھىكەم" ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش  سۆزىدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇ زاتنىڭ بۇ كىتابنى ئۇنىڭغا بېرىپ نەقىل قىلىپ پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان.  بۇ كىتابنىڭ ئىلھام ۋە كەشىپ بىلەن يېزىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراش بۇ كىتابنىڭ ياخشى كۆرۈلۈشىگە ۋە كۆپ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئىبنى ئەرەبى تەسەۋۋۇپتا قوللىنىلغان ئىنسانى كامىل، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە دېگەندەك ئاتالغۇلارغا يېڭى مەنە يۈكلەپ، بەزى تەسەۋۋۇپچىلاردەك، ئۆزىنىڭمۇ چۈشىدە ئاللاھ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. تەسەۋۋۇپتا، چۈشىدە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرنى كۆرۈش، ھەتتا ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇشخەۋەر ئېلىش دېگەندەك ئىشلار بارا-بارا نورمال قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان.

مۇھيىدىننى  ئەرەبى "ڧۇسۇسۇل ھىكەم" نىڭ 19-بېتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ، سوپىلارنىڭ كاتتىسىمۇ ياكى باشقا مەخلۇقلارمۇ بۇ دۇنيادا ئاللاھنى كۆرەلمىگەن، دەپ بۇنىڭغا ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ: كىمكى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاللاھنى كۆردى دېسە، يالغان ئېيتقان بولىدۇ، دېگەن سۆزىنى (تىرمىزى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) نەقىل كەلتۈرگەن.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرۈشى ھەققىدە ئەئراڧ سۈرىسىدە مۇنداق ئايەت بار:
مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: پەرۋەدىگارىم! ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي، دېدى. ئاللاھ: مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ)، لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللىي قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھۇش بولۇپ يىقىلدى، ئۇ ھوشىغا كېلىپ: (پەرۋەدىگارىم!)، سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن، دېدى.
[ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى شائىر جالالىدىن رۇمىنىڭ مەنىۋى قۇياشى، ئۆز دەۋرىدىكى داڭلىق سوپى ھەم سىرلىق شەخس بولغان شەمس تەبرىزىنىڭ سۆزلىرى جەملەنگەن "ماقالات" دېگەن ئەسەردە شەمس تەبرىزى قۇرئاندىكى بۇ ئايەتنى تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسى بويىچە مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
"كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ" ئايىتى ئىشنىڭ ئۈمىدسىز تەرىپى، "ئەمما ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ" ئايىتى بولسا ئىشنىڭ ئۈمىدلىك تەرىپىدۇر. كۆرۈش ھەقىقىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يۈزلەنگەن ھامان ئۇنى ۋەيران قىلدى، ئۇ بۇ كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىدى. ئۇ ئاللاھقا: ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەت، دېدى ۋە ئاللاھنىڭ تىلى بىلەن جاۋاب ئالدى: مېنى كۆرەلمەيسەن! يەنى بۇنداق (دۇنيا كۆزى بىلەن) كۆرمەكچى بولساڭ مېنى ئەسلا كۆرەلمەيسەن!  بۇ سۆز ئىنكار جەھەتتىن مۇبالىغە ۋە ئاجايىپتۇر. چۈنكى سەن زاتەن مېنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايدىغان تۇرساڭ، ماڭا كۆرۈنگىن، مەن ساڭا قاراي دېيەلەمسەن؟ ئەگەر مۇسا ئاللاھنى كۆرەلمىسە ئۈممىتى مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن گۇمانلىناتتى. ھالبۇكى مۇسا ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسى، ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكەن پەيغەمبەر، قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ئۇ تىلغا ئېلىنغان. كىمكى بىر نەرسىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى كۆپ ئەسلەيدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئاللاھ تائالا مۇساغا: سەن مېنى كۆرەلمەيسەن، دەپ بولۇپ، ئاندىن "تاغقا قارا" دېدى. ئۇ تاغ مۇسانىڭ ئۆزى، يەنى ئۆزلۈكى بولۇپ، ئۇلۇغلۇقى ۋە مەزمۇتلۇقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنى "تاغ" دېدى. بۇ، سەن ئۆزەڭگە قارىساڭ مېنى كۆرەلەيسەن، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ، "ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنى تونۇيدۇ" دېگەن سۆزگە مەنىداش كېلىدۇ. مۇسا ئۆزىگە قارىدى، رەببىنى كۆردى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايەن بولغان ھامان ئۆزىنى يوقاتتى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا جانسىز بىر تاغنى كۆرسىتىپ قويدى دېيىشنى قانداق راۋا كۆرىمىز؟ ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسا: ئى رەببىم! ساڭا تەۋبە قىلدىم، دېدى. يەنە سېنى كۆرەي دېگەندە گۇناھلىرىمدىن ۋە سېنى كۆرىمەن دېگىنىمدىن تەۋبە قىلدىم، دېمەكچى بولدى. ( "ماقالات" 113-بەت)]   [بۇ بۆلەك كىتاب مەزمۇنىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويدۇم، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەقىدىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.]
دۇنيادا رۇئىيەت(ئاللاھنى كۆرۈش)نىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى شۇ: دۇنيا ڧانىيدۇر، باقى بولغان بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ڧانىي دۇنيادا كۆرۈنۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئىنسانلار دۇنيادا ئاللاھنى كۆرگەن بولسىدى، بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. خۇلاسە كالام، ئاللاھ تائالا رۇئىيەتنىڭ بۇ دۇنيادا ئەمەس، ئاخىرەتتە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.
چۈش تەسەۋۋۇپتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، تەرىقەتتە ئىلگىرىلەش ۋە مەنىۋى مەقاملاردا چۈش تەبىرلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنىدىغان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئائىت بايانلارنى ئۇلار ئىشارەت دەپ قارايدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەمدە ۋەلى دەپ ئاتالغان زاتلارنىڭ سوپىلارنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇلارغا بىلىم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇنداق  چۈشنى كۆرگەنلەرنى يۈكسەك مەقامغا ئېرىشكەن سوپىلار دەپ قارايدۇ. ئۇخلاۋاتقان ياكى بىدار ھالەتتە  بولسۇن چۈشىدە كۆرگەن زاتلارنىڭ ئۆزىگە ئىلھام-مەدەت بەرگەنلىكىنى ئېيتقان سوپىلار بار. ڧىقھى ئالىملىرى چۈشكە ئەمەل قىلىش ھەققىدە ئاگاھ بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئىنسانلارنىڭ چۈشىگە كۈندىلىك كەچمىشلىرى، پىكىر-خىياللىرى، روھىي ھالەتلىرى، سىرتتىن كەلگەن زەربە ياكى غىدىقلارمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، خىلمۇ خىل چۈشلەرنى كۆرىدۇ ياكى كۆرەلەيدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى بولسا راست چۈشلەردۇر، ئەمما باشقا ئىنسانلارنىڭ چۈشىگە شەيتان ۋە نەپسانىيەت ئارىلىشىۋالىدۇ ۋە قانداق بولۇپ ئۇنداق چۈش كۆرگەنلىكىنى ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ.  بەزىدە ياخشى چۈش كۆرۈپ شۇ بويىچە ئىش قىلغاندا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئىسلام دىنى قۇرئاننىڭ ئەقىل ۋە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇلۇشىنى، خىيال-چۈش، ئەپسانىدىن يىراق تۇرۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ھۇشيار بولۇپ، توغرا يولدا مېڭىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 19:03:32

رۇئىيەت، يەنى ئاللاھنى كۆرۈش مەسىلىسىدە بەزى ئالىملارنىڭ، بولۇپمۇ ڧىقھى ئالىملىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي رەددىيە بەرگەنلىكىنى، تالاش-تارتىشلارنىڭ ئۇزاق ئەسىر داۋاملاشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. تەسەۋۋۇپ ئەھلى بىلەن ئالىم-ئۇلىمالار تالاش-تارتىش قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، پەيغەمبەرلىك بىلەن ۋەلىيلىك، زاھىرىي ئىلىم بىلەن باتىنىي ئىلىملەرنىڭ قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى مەسىلىسىدۇر. ئىمامى رەببانى تەسەۋۋۇپقا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بەزى مەسىلىلەردە ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، تەسەۋۋۇپتىكى ۋەلىيلىك ئەۋزەللىكى قارىشىنى تەنقىد قىلغان. (ئىمام رەببانى: "مەكتۇباتى رەببانى")
ئىمام رەببانى "تەرىقەت شەرىئەتنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن دەرىجىسى" دەيدىغان قاراشقا قوشۇلمايدۇ، شەرىئەت بىلەن تەرىقەت ئوخشاش، ھېچقانداق پەرقى يوق.  شەرىئەت ئىلىم، ئەمەل ۋە ئىخلاستىن تەركىپ تاپىدۇ، تەرىقەت بولسا شەرىئەتنىڭ ئۈچىنچىسى پەللىسى بولغان ئىخلاسنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تاماملىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا رەببانى شەرىئەتنى بارلىق ھەقىقەتلەرنى، جۈملىدىن        تەسەۋۋۇپقا ئائىت تەجرىبىلەرنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمشۇمۇل پرىنسىپ دەپ قارىغان. بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، ھەر تۈرلۈك ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا شەرىئەت بولىدۇ.  ئىمام رەببانى شەرىئەت بىلەن تەرىقەت ئارىسىدىكى بۇ نەزەرىيىۋى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئەمەلىيەتچىل مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرغان. ئىمام رەببانى كۆپلىگەن مەكتۇبلىرىدا ئەھلى سۈننەت ئۇلىمالىرىنىڭ ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،  شۇڭا  ئۇلارنىڭ قايسىى دەرىجىدە بولسا بولسۇن، سوپىلاردىن ئۈستۇن تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ئىبنى ئەرابى يېڭى ئۇقۇم يۈكلىگەن  "ئىنسانى كامىل" تەبىرى  ئەسلىدە "كامىل مۇئمىن" مەنىسىدە قوللىنىلاتتى. ئىبنى ئەرابى" ئىنسانى كامىل ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپىتى ۋە پېئىللىرىنى تەجەللىي قىلىدىغان مەۋجۇدىيەت، ئاللاھ ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن" دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان.
بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئەۋلىيالار ڧەناڧىللاھ   مەقامىغا يەتكەن، ئىنسانى كامىل بولغان، ئاللاھنىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرىنى تەجەللىي قىلغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاسمان-زېمىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەمرىدە بولغان بولىدۇ، ئۇلار خالىغىنىنى قىلالايدۇ ھەم ھەر نەرسىنى كۆرەلەيدۇ.
ئىبنى ئەرەبى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەگىمۇ تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق باشقىچە قارىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە يارىتىلغان مەۋجۇدىيەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرىدۇر ، ئۇنىڭدىن كېيىن كائىنات يارىتىلغان، دېگەن.  كائىناتنىڭ يارىتىلىش غايىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى ئاساس قىلىپ، ئىنسانى كامىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى، ئىلاھىي تەجەللىينىڭ ئۇنىڭدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاللاھ تائالا بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنلىقىدىن ئىلھام ئېلىنغان بۇ چۈشەنچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىدىن مەدەت تىلەشنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى تىكلىمەكتە، شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ دوستى بولغان ئەۋلىيالار ئۇ مۇھەممەدىي نۇرنى ئېلىپ يۈرىدۇ، دېگۈچىلەرمۇ بار.
خىرىستىئانلارنىڭ ئېتىقادى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنسا، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان زىيادە سۆيگۈنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلاشتۇرۇپ ئاخىر ئىلاھلاشتۇرۇۋەتكىلىكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن،  قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى  ھەر دائىم  " مەريەم ئوغلى ئىسا"، "مەريەم ئوغلى مەسىھ" دەپ تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئانىدىن يارىتىلغان بەندە ئىكەنلكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر (ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى) ھەقىقەتەن كاپىر بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئەگەر مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ(نىڭ ئىرادىسىدىن) بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. (سۈرە مائىدە، 17)
خىرىسىتىيان دىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۇنى ئىلاھلاشتۇرغاندا "ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا كائىنات يارىتىلمىغان بولاتتى" دېگەن چۈشەنچىدە ئىدى.
كاتولىك چېركاۋىنىڭ "دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى كىتابى" دا بۇ تېما <ئىنجىل>گە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن؛  پەرىشتىلەر، ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان جىمى نەرسىلەر ئۇنىڭدا، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يارىتىلغاندۇر، دېيىلگەن.
مەسىھ پەرىشتىلەر دۇنياسىنىڭ مەركىزى ئىدى. پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپ.  ئادەم زاتى ئۆز سۈپىتى بىلەن بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگەندە... (ماتتا، 25، 31)
پەرىشتىلەر مەسىھكە مەنسۇپ، چۈنكى پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئاسمان-زېمىندىكى كۆرۈنىدىغان-كۆرۈنمەيدىغان جىمى نەرسىلەر، تاجۇ تەختلەر، ھۆكۈمرانلىقلار، ئومۇمەن جىمى نەرسىلەر ئۇنىڭدا يارىتىلدى. (قول 1، 16)
يۇھاننا ئىنجىلىدە (8:58) ھەزرىتى ئىسانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ: سىلەرگە راستىنى ئېيتاي، مەن ئىبراھىم تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال بار ئىدىم.
<كاتولىك دىن ۋە ئەخلاق كىتابى> غا كىرگەن بۇ تېما ئىنجىلدە ھاۋارىيۇن دەپ قارالغان پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: كۆرۈنمەس تەڭرىنىڭ كۆرۈنۈشى، ھەممىدىن بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئۇدۇر (مەسىھتۇر)، ئاسمان-زېمىندا، كۆرۈنىدىغان-كۆرۈنمەيدىغان جىمى نەرسىلەر، پادىشاھلىقلار، ھۆكۈمرانلىقلار ئۇنىڭدا يارىتىلدى. ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلدى. ھەممە نەرسىدىن ئاۋۋال بار بولغىنى ئۇدۇر ھەمدە ھەممە نەرسە ئۇنىڭدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلماقتا. (<كولوسېلىلەر>، 1:15:17)
ئىنجىل ۋە كاتولىك تەلىماتلىرىدىكى "ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلدى" دېگەن قاراش، ئوبدان دىققەت قىلىنسا، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تەسەۋۋۇپتا مۇھىم بولغان بۇ قاراشنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلمەي، خىرىستىئان ئەقىدىلىرى ۋە مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقانلىقى ئىشنىڭ ئەسلىدىلا خاتا كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خاتالىقنىڭ باشقا خاتالىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىسمائىل بىن مۇھەممەد ئەل ئەجلۇنى <كەشپۇل ھاڧا> ناملىق ئەسىرىدە خەلق ئارىسىدا ھەدىس دەپ قارالغان سۆزلەرنى توپلاپ، ئۇنىڭ توغرىلىرىنى ئايرىپ چىقماقچى بولغان، بۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان ساختا ھەدىسلەر تىلغا ئېلىنغان، بىراق كېيىنكى كۈنلەردە بۇ كىتابتىن نەقىل ئالغانلار خەلق ئىچىدە ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرنى كىتابلىرىغا ھەدىس دەپ يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى تەسەۋۋۇپتا كۆپ ئۇچرايدىغان "   ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ،  كائىناتنى ياراتمايتتىم" دېگەن يالغان ھەدىستۇر. پەيغەمبىرىمىزنى ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە ئېيتىلغان بۇ سۆز ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. بۇ چۈشەنچە بويىچە بولغاندا، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە نۇر بولۇش جەھەتىدىن دۇنيانى يارىتىشنىڭ ئاساسى ھەم ئەسلى مەنبەسى.  بۇ نۇر باقىي ھەم ئەبەدىي بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى "ۋاپات بولدى" دېيىشكە بولمايدۇ، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ۋەلىيلەر لەدۇننىي (ئاللاھتىن كەلگەن) ۋە باتىنىي (روھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك) ئىلىملەرنى ئالىدىغان مەنبەدۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىملىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەنلكىنى بايان قىلىدۇ.  ئۇ پەيغەمبەرلىك سۈپىتى ۋە ۋەزىپىسى ئارقىلىق ئىنسانلارغا ھەقتائالانىڭ  سۆزىنى، ئەمرىنى يەتكۈزىدىغان (قۇرئاننىڭ تەبىرى بويىچە) بىر ئادەمدۇر، بىر بەندىدۇر.
تەسەۋۋۇپتا يېڭى ئاتالغۇلار پەيدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مەنىسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار كۆپەيگەنچە قۇرئاننى مەنبە قىلغان تەۋھىد ئەقىدىسى بارغانچە بۇزۇلۇشقا باشلىغان.  ئۆزلىرىمۇ چۈشەندۈرەلمىگەن بەزى مەسىلىلەر "ھەر كىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بۇ چوڭقۇر ئىلىم، قەلبكە تايىنىدىغان ئىلىم" دېگەن گەپلەر بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن ياكى مەنىسى زومۇ زور تەئۋىل قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى چۈشىنىش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەن.
مەنىۋى سەپەردە مەقام (تىرىشىپ ئېرىشىدىغان مەرتىۋە) لارنىڭ ۋە ھال (ئاللاھ بەرگەن تالانت، قابىلىيەت، كارامەت) لارنىڭ ئىسپاتلىنىشى، يېڭى تەسەۋۋۇپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۆزلۈك تەجرىبە  ۋە ئۆزلۈك ھېس –تۇيغۇلىرىنىڭ ئاجايىپ كارامەتلەر سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلۈشى، بەزى كىشىلەرنىڭ مەن مۇنداق مەنىۋى مەقامغا  يەتتىم دەپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن باشلانغان بۇ دەۋر تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ پۈتۈنلەي شەخسىي ھۆكۈم ۋە قىياسقا تايانغانلىقى ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئېتىقادتىن چاتاق چىقارغانلىقى مەلۇم.  ئەسلىدە تەسەۋۋۇپنىڭ سىستېمىلىشىش باسقۇچىنى ھىجرىيە 5-ئەسىردە تاماملانغان دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ خىل چۈشەنچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەر دەپ قارىلىدىغان ئەۋلىيالارنى ھەر خىل چۈشەندۈرۈشكە سەۋەب بولغان. "ئىنساندا بار بولغان ھەمدە تەسەۋۋۇپ تەربىيىسى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ دەپ قارىلىدىغان ئىنسانى كامىل سۈپىتى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەجەللىيسىگە ئېرىشىش مۇمكىن" دېگەن قاراش ۋەلىيلەرنىڭ ئالاھىدە خىسلىتى بار دەپ قارىلىشىغا ھەم مۇقەددەس ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.
ھىجرىيە 5-ئەسىردىن كېيىن تەسەۋۋۇپنىڭ ۋەھدەتى ۋۇجۇد قارىشى ئارقىلىق پەلسەپەلەشكەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭغا ئىبنى ئەرابى، سەدرىدىن كونەۋى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى قاتارلىق مۇتەسەۋۋۇپلار قېتىلىدۇ.
"13-ئەسىردە مۇھيىددىن ئەرەبىنىڭ ئۆگەي ئوغلى ۋە  مۇرىتى، مەۋلانانىڭ ئۇستازى سەدرىدىن كونەۋى ۋەھدەتى ۋۇجۇد دەۋاسىنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تالىپى جالالىدىن رۇمى ۋەھدەتى ۋۇجۇدنىڭ پىرى بولدى. مەۋلاناغا ۋەھدەتى ۋۇجۇدنى تەلقىن قىلغان ( ئۆگەتكەن، سىڭدۈرگەن) كىشى سەدرىدىن كونەۋىدۇر. ئۇنىڭدا ۋەھدەتى ۋۇجۇد پۈتۈنلەي ئاشكارا كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەۋلانانىڭ يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ پىكىرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. چۈنكى رۇمىنىڭ ئەپلاتوننىڭ ئىدىيالىزىمنى سىڭدۈرگەن نۇرغۇن رۇبائيلىرىنى ئوقۇدۇق".
توپچى نۇرىددىن: " <ئىسلام ۋە ئېھسان، مەۋلانا ۋە تەسەۋۋۇپ>، 129-بەت
بۇ چۈشەنچىگە قارشى ھالدا ۋەھدەتى شۇھۇد (بارلىقنىڭ زاھىرىي بىرلىكى) قارىشىنى قوللايدىغان تەسەۋۋۇپچىلارمۇ بار. غەززالى، قۇرەيشى، ئىمام رەببانى قاتارلىقلار شۇنىڭغا كىرىدۇ. ئىمامى رەببانىنىڭ ۋەھدەتى ۋۇجۇدنى تەنقىدلەش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ۋەھدەتى شۇھۇد  قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن:
1.        ۋۇجۇد بولسا زاتنىڭ قوشۇمچە سۈپىتىدۇر.
2.        سۈپەتلەر زاتنىڭ ئۆزى بولمىغىنىدەك، ئالەممۇ سۈپەتلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس.
3.        ئاللاھ بىلەن ئالەمنىڭ مەۋجۇدىيەتلىرى بارلىق بىلەن يوقلۇقنىڭ زىتلىقىغا باغلىق ھالدا بىر-بىرىدىن ئايرىمدۇر.
4.        تەۋھىدكە تايىنىدىغىنى ۋەھدەتى ۋۇجۇد ئەمەس، بەلكى بەندىلىك مەقامىغا تايىنىدىغان ۋەھدەتى شۇھۇدتۇر، بۇ تەسەۋۋۇپلۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسىدۇر.
ئىمامى رەببانى ۋەھدەتى ۋۇجۇد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تەرەپلەرنىمۇ ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىگە قارشى بولغىنى ئۈچۈن تەنقىدلىگەن.
"ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، باشقا دىن ۋە پەلسەپە ئېقىملىرى ھەر خىل يول بىلەن، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئىسلامغا سىڭىپ كىرگەن. بۇنىڭ بەزىلىرى بايقالغان، بەزىلىرى بايقالماي قالغان. بايقالغاندا بەزىدە قاتتىق-يېنىك تەنقىدلەر بېرىلگەن، بەزىدە سۈكۈت قىلىنغان؛ بەزىدە تەنقىدلەر داملىق بېرىلگەن، بەزىدە بېرىلمىگەن. باشتا غولغۇلا پەيدا قىلغان مەسىلىلەر كېيىنچە نورمال مەسىلىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن". (ئۇلۇغتاغ سۇلايمان: باشلىنىش دەۋرىدىكى تەسەۋۋۇپ، 13)
ھەر خىل پىكىر-ئېقىمدىكى ئالىملار ئەسەر ۋە نۇتۇق ئارقىلىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، خەلقنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەندە، پادىشاھلار ۋە بايلار ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىپ، كىشىلەر ئارىىسىدىمۇ ماددىي دۇنياغا، مەئىشەتكە، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن زاھىدلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار شەكىللىنىپ، بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى، ئاخىرەتلىك ھاياتنىڭ مۇھىملىقى ، ئىنساننىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئائىت ئايەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيادىن قول ئۈزۈپ زاھىدلارچە ياشاش يولىنى تاللىۋالغان.
ئىبنۇل جەۋزى (مىلادىيە 1120-1201) ئۆز كىتابىدا شەيتاننىڭ سوپىلارنى قانداق ئالدايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
شەيتاننىڭ ئەڭ باشتا ئوينايدىغان ئويۇنى شۇكى، ئۇ "ئەسلى غايە ئەمەلدۇر" دېيىش ئارقىلىق سوپىلارنى ئىلىمدىن يىراقلاشتۇرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ؛ ئىلىم چىرىغى ئۆچۈپ، ئەتراپ قاراڭغۇلۇقتا قالغاندا ئىشلارنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشۇرۇۋېتىدۇ. نەتىجىدە،  سوپىلاردىن بەزىلىرى "ئەمەلدىن مەقسەت دۇنيانىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈش" دەپ چۈشىنىپ، ئۆز بەدىنىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنىمۇ تەرك ئەتتى، مال-دۇنيانى چايانغا ئوخشاتتى، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۆزىنى شۇنچىلىك قىينىدىكى، بەزىلىرى ھەتتا ئۇيقۇنىمۇ تەرك ئەتتى. بۇلارنىڭ مەقسىتى توغرا بولسىمۇ، ئەمما ماڭغان يولى توغرا ئەمەس. بەزىلىرى سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىغان ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىشتى. ئاندىن بىر قەۋم كەلدى، ئاچلىق، نامراتلىق، ۋەسۋەسە ۋە ئېسىگە كەلگەن نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلىدى ۋە بۇ توغرۇلۇق كىتاب يېزىشتى. بەزىلىرى ئالىملار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، روھىي كەيپىياتلىرىنى ئىلىملەشتۈرۈپ، بۇنى باتىنىي ئىلىم، شەرىئەت ئىلمىنى بولسا زاھىرىي ئىلىم دەپ ئاتاشتى. ئاچلىق بەزىلىرىنى بۇزۇق خىياللارغا باشلىدى." (ئىبنۇل جەۋزى: شەيتاننىڭ ھىيلىلىرى، 250-251)
دىن بىلەن دۇنيانى كەسكىن بۆلۈۋېتىدىغان كۆز قاراشلار كەڭ تارالغانچە، كىشىلەر دىن بىلەن دۇنيالىقنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىندى.  قۇرئانغا قارىساق، دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىزنى بۇ دۇنياغا نېمىشقا يارىتىلغانلىقىمىزنى ئويلاشقا، بۇ دۇنيانى ئەبەدىي دەپ ئويلاپ گۇناھ-مەئسىىيەتلەرگە كىرىپ قالماسلىققا، ئۆلۈم ۋە ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ.  ياراتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىغاندا روھىمىز ئەمىن تاپىدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ياشىيالايمىز.
ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن. يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. (سۈرە قەسەس، 77)
بەزى كىشىلەر: پەرۋەردىگارىمىز!  بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دەۋزەخ  ئازابىدىن ساقلىغىن، دەيدۇ. (سۈرە بەقەرە، 201)

(2010-يىل ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «زامانىمىزدىكى تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى، ئاپتورى: جاھىدە مەرزىيە كاراجا)

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 20:22:26

بۇرۇن مۇنبەر ۋە بۇلاق ژورناللىرىدىن ھۆرمەتجان فىكرەت قاتارلىقلارنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدە يازغان بىر نەچچە پارچە ماقالىلىرىنى ئوقىغان ئىدىم، ماۋۇ ماقالە ئۆزى قىسقا بولسىمۇ بىر كىتاپ بولغۇدەك مەزمۇننى يورۇتقان ئېسىل ماقالە ئىكەن، ھاجى ئەنۋەر مۇھەممەدنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.
قوشۇپ قويىدىغىنىم، مەن ئوقىغان بىر ماتىرېيالدا ھازىر ئاكېدىمىيە پەلسەپە ساھەسىدە لاۋ زىنىڭ «داۋ دېجىڭ» ئەسىرىنى دۇنيا ئىدىيە تارىخىدىكى 10 مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرسى دەپ قاراۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭ بىر چاغدا تەرجىمە قىلىۋېتىپ ھازىر ئېسىمدە چالىراق ھالەتتە قالغان«داۋ بىر بوش قاچا، ئۇسىغانغا خورىماس، مۇسبەت بىلەن مەنپى بىرلىشەر، تازا زەن سېلىپ قارىساڭ ئىلاھ(ئەلۋەتتە خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلاھى)تىنمۇ بۇرۇنلىقىنى بىلىسەن...»دېگەن تەخمىنەن شۇ مەزمۇندىكى پارچىسىدىن ھەيران قالغان ئىدىم. مەزكۇر پەيلاسوپ ئىسلام مەنىسىدىكى ئاللاھنى تۇيغان بولغىيمىدى، دەپ.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:25:44

بۇ ماقالىدا يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدە ئىككىنجى ياكى ئۈچۈنجى تەرەپلىكى تازا ئىنىق ئەمەس. ئانچە مۇنچە پايدىلىنىش قىممىتى بار دىيىشكە بولىدۇ.   تەسەۋۋۇپ ھەققىدە سىرىتتىن قاتناشقان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدا داۋاملىق يامان غەرەزلەر بايقىلىپ قالىدۇ. مىنىڭچە پىرغا قول بەرگەن سوپى سوپىلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئەسەر يازمايدۇ. چۈنكى سوپىلىق ئەسلا ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:29:20

ئادىيات ئەپەندى يېقىندىن بېرى بارغانسىرى رادىكاللىشىپ كېتىپ بارىسىلەر جۇما. تەسەۋۋۇپ ھەققىدە سۆز قىلىش ئۈچۈن جەزمەن پىر تۇتۇپ ئۈگۈنۈش شەرت ئەمەستۇ.{:87:}

ئاڭلىغىنىمدا شەيخلەر بەك ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان باشقىلارغا.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:32:30

بىراۋنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بىرىپ  يوچۇقتىن مارىماي، يا ئۆيگە كىرىش كىرەك، ياكى ئىشى بولمىسا  كىتىش  كىرەك.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:09:25

ئۇندا دىسەڭلا ئارىسلان مەمەت بۇددىزىمنى تەتقىق قىلىمەن دەپ رايىپ بوپ كەتمىسۇن. :lol

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:19:14

ئىسلامىيەتنىڭ سوپىزىمى ئاخىرقى ھىسابتا مەسىھنىڭ ‹مەن ئاتامدا ،ئاتام مەندە › دىگەن يېرىگە كېلىپ توختايدۇ ،لېكىن بىر ئېنىق تەرپى شۇكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەنى ‹ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (سۆزى) نىڭ ئورنىغا مۇھەممەدنى ياكى ئۆزلىرىنى ،پىر شەيخلىرىنى دەسستىشكە يەنى دەججاللىق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ .
ھەممە نەرسە ھەرگى‍ز مۇھەممەد ئارقىلىق يارىتىلمىغان بەلكى ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمىسى ئەيسا ) ئارقىلىق يارىتىلغان . ئاللاھنىڭ سۆ‍زى ئاللاھنىڭ زاتىدا ئىلگىرىمۇ ،بۈگۈنمۇ كەلگۈسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ ،

دۇنيا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ( سۆ‍زى) ئارقىلىق يارتىلدى .
ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (سۆزى) = ئەيسا ،  
دىمەك دۇنيا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يارىتىلغان ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەدنى ياكى باشقا ھەرقانداق بىرىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش  دەججاللىقتۇر.
ئەگەر قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتاب  ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك  سۆ‍زى ھىسابلانسا ، مەسىھ دەل قۇرئانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك سۆزىدۇر ، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتاب ئاللاھنىڭ سۆزى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانسا ، مەسىھ  ئەلۋەتتە كىتابتىن سېلىشتۇرغۇسىز  ئۇلۇغلىنىشى كېرەك .
قايسىڭلار ئىسلامدىكى ئەيسا روھۇللا دىگەن سۆ‍نى  ئىنكار قىلالايسىلەر ؟ روھۇللا دىگەن ئاللاھنىڭ روھى دىگەن گەپ ، كالامۇللا دىگەن ئاللاھنىڭ سۆ‍زى دىگەن گەپ .
سىلەر مۇسۇلمانلار خۇدانىڭ روھى ۋە سۆ‍زى (يەنى ئەيسا)غا ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇپ ،ئەمەلىيەتتە مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن كاپىر بولۇپ بولغان . پۈتۈن دۇنيا ئەڭ ئاخرىدا ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە تىز پۈكىدۇ ،مەسىھ غەلبە قىلىدۇ .ئەرش تەختىدە مەسىھنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا چىشىڭلارنى غۇچۇرلاتساڭلار بىكار ، ئۇ چاغدا سىلەرنى جەننەتتىكى چىرايلىق خوتۇن بىلەن شارابلار ئەمەس ، تەھتىسىرانىڭ ئوت يالقۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ...

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:21:32

adiyat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 15:32 static/image/common/back.gif
بىراۋنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بىرىپ  يوچۇقتىن مارىماي، ي ...

ئادىيات ئەپەندى! ماۋۇ ئىنكاسىڭىز «يۈرەكنىڭ پوك-پوك ئىكەنلىكى »نى ئىسپاتلاپ قويدىمۇ قانداق؟ تەرەت سەل بوش كېلىپ قالدىمۇ نىمە؟

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:24:06

فىلەشبوي دىگەن چىۋىنگە ماۋۇ تېمىدا پوق بارما؟ ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟ تولا ئىلەشتۈرمەي؟ بىزەڭ چىۋىن!

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:26:24

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 16:24 static/image/common/back.gif
فىلەشبوي دىگەن چىۋىنگە ماۋۇ تېمىدا پوق بارما؟ ئىشىڭنى  ...

ئەرتۈرك ئەپەندى خرىستىيان ئەقىدىلىرىدىن مىسا ل ئاپتۇغۇ ؟ شۇڭا مەنمۇ كۆز قارىشىمنى يازدىم ، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپ رەددىيە بەرسىڭىز بولىدۇ .

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:28:25

چىۋىنلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇس. چىۋىنگە پالاقتىن باشقىسى بىكار.

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:47:04

مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن خىرىستىئان بوپ كەتكەنلەر باركەن دېسە ئىلگىرى ئەجەبلىنەتتىم . ھازىر بولسا ئۇلاردىن مەمنۇن بولىدىغان بولدۇم . يەنى ئۇ خىل بۇزۇق ئەقدىيەتچىلەرنىڭ ئاز بولسىمۇ بىزدىن يوقالغىنىغا .

ئىلگىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاھىشىلىك قىلغان بىر ئايال - يەنى ئېرى بار ئايال بىلەن ، ئۇنىڭ قۇلىنى جازاغا تارتىدۇ . ئايالنى چالما - كېسەك قىلىشقا ، ھېلىقى قۇلنى بولسا يۈز دەررە ئۇرۇپ ، ئاندىن باشقا يۇرتقا - يەنى خىرىستىئانلار كۆپ بولغان بىر يۇرتقا پالىۋېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىچ - ئىچىدىن پاھىشىگە بېرىلىپ كەتكەن ھېلىقى قۇل ، شۇ يەردە زىنانى چەكلىمەيدىغان خىرىستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلىپ باشچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، شۇ ۋاقىتتا خىرىستىئانلار مانا بىر ئادەم بولسىمۇ سانىمىز كۆپەيدى دېگەن بولىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە بىز ئەنە شۇنىڭدەك ئىچكى پارازىنت بىرناكەسنىڭ بىزدىن ئايرىلىپ ، ياتلارغا پارازىنت بولۇشنى تىلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇق .

شۇنىڭدەك ، ئەقىدىسىدە مەڭگۈ ئەبەدكە ئۆزگەرمەيدىغان ياكى ئۆزگىرىش پۇرسىتى بولسىمۇ يەنىلا تۇرغۇنلۇقنى تىلىشىدىغان مۇشرىك ئەقىدىسىدە تۇرغانلار ، مەيلى قايسى بىر دىنغا ۋە قايسى بىر مەزھەپكە ياكى قايسى بىر پىرقىگە ئەزا بولمىسۇن ، ‹‹ بۆرە ھامان تاغقا قاراپ ھۇۋلىغىسىدۇر›› دېيىلگىنىدەك ، ھامان شېرىكلىك ئەقىدىسىدىن يىراقلىشىپ بولالمايدۇ . خىرىستىئانلار ئىسانى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە كېپىل بولغۇچى ، كىيىن كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىگە ئارا تۇرغۇچى پەرۋەردىگار دەپ تونىغىنىغا ئوخشاش ،  ئىسلامدىكىلەر ئارىسىدىمۇ ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرەتتە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ، ئۆز خاھىشى بىلەن دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ ، ئىبادەتلەردە كەم قالغان يەرلەرنى تولدۇرۇش بىلەن شاپائەت قىلىدۇ دەپ بىۋاستە چوقۇنۇپ كېتىش بىلەن ، خىرىستىئانلارنىڭ شۇ تەرىپىنى ئالغانلار باردۇر . بۇنداقلار ئەگەر خىرىستىئانلار تەرىپىگە ئۆتسە ، مۇشىنىڭدەك ئاشكارا ھالدا ئىسانى رەببىم دەيدىغانلاردىن بولۇشۇپ كېتىدۇ . ھەمدە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماستىن باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى كۆرۈش بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدىغانلاردىن بولىشىدۇ .

شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل جاڭجال چىقىرىدىغان پىرقىلەر سىلەرنى دىققەت قىلىپ قويمىسۇن . يەنىلا ئەقىدەڭلەرنى توغرىلاشقا ، تەقۋادارلىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا تېرىشىڭلار .

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:58:27

flashboy يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 16:19 static/image/common/back.gif
ئىسلامىيەتنىڭ سوپىزىمى ئاخىرقى ھىسابتا مەسىھنىڭ ‹مەن  ...

دۇنيا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ( سۆ‍زى) ئارقىلىق يارتىلدى .
ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (سۆزى) = ئەيسا ،  
دىمەك دۇنيا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يارىتىلغان ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەدنى ياكى باشقا ھەرقانداق بىرىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش  دەججاللىقتۇر.
ئەگەر قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتاب  ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك  سۆ‍زى ھىسابلانسا ، مەسىھ دەل قۇرئانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك سۆزىدۇر ، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتاب ئاللاھنىڭ سۆزى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانسا ، مەسىھ  ئەلۋەتتە كىتابتىن سېلىشتۇرغۇسىز  ئۇلۇغلىنىشى كېرەك .
________________________________________________
بۇ قانداق تەپەككۇر :
  دۇنيا= ئاللاھنىڭ كەلمىسى(سۈزى)
    ئاللاھنىڭ كەلىمىسى=ئەيسا
دىمەك دۇنيا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يارىتىلغان دىگەندىن،ئەيسا=ئاللاھتۇر دىگەنلىك چىقىدۇ.
   دۇنيا(بارلىق جانلىق جانسىز شەيئىلەرقۇشۇلۇپ دۇنيا بۇلىدۇ،ئەيسامۇ،مۇھەممەت ئەلەيھىسالاممۇ شۇنىڭ ئىچىدە،مەن بىلەن سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)=ئاللاھنىڭ كەلىمىسى،ئەمما سىز خۇلاىسىدە دۇنيا ئەيسا ئارقىلىق يارىتىلغان دىدىڭىز.سىزنىڭ بۇ لوگىڭىز بۇيىچە دۇنيا ھەم مەن ياكى سىز ئارقىلىق ۋە ياكى باشقا مەلۇم شەيئى ئارقىلىق يارىتىلغان دىگەن بۇلىدۇ،ئەمما دۇنيانىڭ مەن ئارقىلىق يارىتىلغانلىقىنى شەخسەن ئۈزەم ئىتىراپ قىلمايمەن.بىرلىكنى ئومۇميلىققا دەسسەتتىڭىز.

ئاللاھنىڭ كەلىمىسى=يالغۇز ئەيسالا ئەمەس،بەلكى ئاشۇ دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ئارقىلىق يارىتىلغان.ئەيسا پەقەت بىر زەررىچىسى خالاس.ئاللاھنىڭ كەلمىسىنىڭ دائىرىسنى ئۈستىدە دۇنيا دەپ تەرىپلەپ،ئاسىتدا ئەيساغىلا نسىبەت بىرىپ،ئۆز سۈزىڭىزنى ئىنكار قىلدىڭىز، تارلاشتۇرۋەتىتىڭىز.
_________________________________________

قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتاب ئاللاھنىڭ سۆزى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانسا ، مەسىھ  ئەلۋەتتە كىتابتىن سېلىشتۇرغۇسىز  ئۇلۇغلىنىشى كېرەك .
__________________________________________
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ جەمگاھى،ئەيسا ئەنە شۇ سۆزلەر جەمگاھىنىڭ بىر ھەرىپى ياكى جۈملىسى(بىر لوقمىسى).ئەيسا ئىتىراپ قىلىنىدۇ،ھۆرمەتلىندۇ ئەمما بىر كىتاپ سۈپىتىدە ئەمەس بىر سۆز سۈپىتىدە.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:58:35

apsana123 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 16:47 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن خىرىستىئان بوپ كەتكەنلەر باركەن دېس ...

خىرىستىيان ئەقىدىسىدە زىنا چەكلەنمەمدىكەن ؟ مانا مۇشۇنداق يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇغانلىق گۇناھىڭىز ئۈچۈن توۋا قىلىڭ .
قۇرئان كەرىمنىڭ ئەخلاق تەلىمىىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىمۇ ئىنجىلدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ . تۆۋەندىكى ئىنجىلنىڭ زىنا ھەققىدىكى بايانى :
http://www.hayatnuri.com/kundilik-turmush/678-zina-heqqide
بەت: [1] 2 3 4
: تەسەۋۋۇپنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە باشلىنىش تارىخى