bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 14:23:11

[بوزقىر]جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ پاختىسىى ئېتىلدى

بېننو سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ پاختىسىنى ئاتتى

بوزقىر تەرجىمىسى

         ئىلگىرى يالې ئۇنۋېررسىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بەننو سىمىت ئالدىنقى كۈنلەردە يالې ئۇنۋېرتسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئاشكارە ماقالە ئېلان قىلىپ ، جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ پاختىسىنى ئېتىپ، جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىغا قارىتا ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىدىكىلەرئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
      جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدە گۈللەنسە گۈللەنگەنئەمما، ئارقىغا چېكىنمىگەن «كۈچلۈكلۈك» شامىلىغا قارىتا سىمىت مۇنداق دىگەن : « ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلارغا ئېھتىاجى كۆپ ، دەپ قارىغاچقا دەرىسلىكلەر كۆپ بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار كۆپ بولۇش، ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇش، ياتاق كۆپ بولۇش»نىنەتىجە ، دەپ بىلىدۇ.« ئۇلارنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پىنسىيىگە چىقىش دېگىنى جانباقتىلىق مۇنبىرىدىن ئايرىلىشنى كۆرسىتىدۇ.ناھايتى ئاز ساندىكى ئادەملىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىدە ئۆز كەسپىگە قىزىقىش دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ». «ئۇلاردا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پىنسىيىگە چىقىشى بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ پىنسىيىگە چىقىشى ئوپ-ئوخشاش بولۇپ ، ئۇلار پىنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ، پەرزەنىتلىرىگە ياخشى چىقىش يولى تېپىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى جۇڭگودا بىرمۇ پىداگوك يوق، ئەمما ، مىنگو دەۋرىدە پىداگوكلار ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ ئىدى».
                   سىمىت ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ «رەتكە تۇرغۇزۇش» ئارقىلىق، جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى « دۇنيادىكى 100كۈچلۈك ئۇنۋېرسىتېت» قاتارىغا كىرگۈزىۋېلىشىنىكىئېركىگارتنىڭ «ئۆز بالىسىنى ئىمپىراتور قىلىۋېلىشى»دېگەنسۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. « ئۇلار ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مائارىپنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قىلىۋېلىپ ، بۇنىڭدىن كېرىلىپ كەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە ،بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر مەسخرىدۇر» .
            جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۇدا داۋاملىشىپ كەلگەن «قانلىق »ۋەقەلىرىگە قارىتا سىمىت بۇنى ئۇنۋېرسىتېت مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيىتى ، دەپ قارايدۇ ھەم مۇنداق دەيدۇ : « ئۇنۋېرسىتېت مائارىپى ئىنسانىيەتنىڭ خارەكتىرىنى ئازات قىلدى، ئادەمنىڭ مۇستەقىل روھىنى يېتىلدۈردى. شۇنداقلا ئادەمنىڭ كوللىكتىۋىزملىق روھىنى كۈچەيتىپ، باشقىلار بىلەن خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ، خوشاللىق بىلەن قەلىب ئۇچۇرى قىلالايدىغان قىلدى» . « بۇ خىل روھ ئوقۇغۇچىلار ئارا ، ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ئارا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك ئىدى» . « ئۇلاردىكى پىلانلىق ئىلمىي ساھە ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلارنى موزدوزغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ باغۋەنلەرگەئامراق بولۇپ قالغىنى قىزىق. بىز ئازراقمۇ ئەركىن تەپەككۇرى ۋە مۇستەقىل روھى يوق باغۋەنلەرنى ئەمەس بەلكى ئىسمى جىسمىغا لايىق باغۋەنلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك».
         جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى كۈندىن كۈگە ئېغىرلىشىۋاتقان « ئەمەلدارلار مەكتەپ باشقۇرۇش » تۈزۈلمىسىنى سىمىت « زېئۇسجەنەتتىن قوغلانغاندىن كېيىن ھوقۇق ھەممىگە چات كېرىۋالغان»لىقىغا ئوخشىتىدۇ.« ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ پىلانلىق ئىلىم ساھەسى ھوقۇقنىڭ تەپەككۇغا يۈرگۈزگەن بۇزغۇنچىلىقى بولۇپ، بۇ جۇڭگو ئالىملىرىنى پۈتۈنلەي تالىپ مىجەز قىلىپ قويغان. ئۇلار ئچكى كۆرەشكە ئۇستا بولغىنى بىلەن دۇنياۋى ئەخلاققا باھا بەردۇدەك تەرەت يوق. كوڭزى-مېڭزىلارنىڭ ماكانى بولغان بۇ زېمىن بىر تۈركۈم غايىسىز ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ ھازىرقىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ». سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنى مۇنداق مەسخىرە قىلىدۇ : « موھىم نۇقتىدىن مەھرۇم قالدى ، يۆنىلىشتىن ئېزىپ كەتتى، ساقلاشقا تېگىشلىك ئەن-ئەنىدىن تېيىپ كەتتى» ، « دەرىسلىكلىرى پاخ-پاق، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئىسراپچىلىق ئېغىر» .
             ئۇ يەنە مۇنداق مەسخىرە قىلىدۇ : « ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزىنى تېخى ھەقىقى مائارىپچى ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ بەزى يىغىنلىرىمىزغا قاتنىشىدۇ. بىز ئۇلارنى ئىلمىنى دەپ ئەمەس بەلكى يۈز-خاتىرە قىلىپ چاقىرىپ قويىمىز».
               نۆۋەتتىكى ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، سىتودېنىتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشىشىنى تەسلەشتۈرۈپ قويدى. سىمىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : « مائارىپ جەمئىىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ تەشەببۇسچىسى.ئەمما، مەن شۇنداق دەيمەنكى ، سىتودېنىتلارنىڭ ئىنىستىتۇت مائارىپى سىتودېنىتلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىدىغان مائارىپ ئەمەس بەلكى ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ئۈگىتىدىغان مائارىپتۇر». ئۇ ئۇنۋېرسىتېتلار « ياشلارنىڭ مەدەنىي ئادەملەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بويىچە ئىلىم قوبۇل قىلىشىدا چىڭ تۇرىشى ، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا كېرەكلىك –كېرەكلىك ئەمەسلىكى ، ئەمەلىيەت بىلەن سىغىشىش-سىغىشالماسلىقى ، ئىجتىمائىي قىممەت ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقى بىلەن كارى بولماسلىقى » دا چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇنۋېرسىتېت مائارىپىنىڭ « بىلىمگە سادىق بولۇش» تىن يىراقلاپ كېتىشكە قارشى تۇردى.
          ئىمتاھاندىكى كۆچۈرمىچىلىك، دېسسىرتاتسىيىدىكى قۇراشتۇرۇش ۋە تەتقىقاتتىكى ساختىلىققا قارىتا سىمىت مەسىلىلەرنى كۈزىتىشتىكى باشقا بىر نەزىرى بىلەن مۇنداق دىدى : «تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئەگەر ھاكىمىيەت چىرىكلەشسە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىشتىدىغىنىمۇ ئوخشاشلا چىرىكلىككە دائىر خەۋەرلەربولۇپ چىقىدۇ، خالاس» .
         ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : « جۇڭگونىڭ مۇشۇ بىر ئەۋلات مائارىپچىلىرىھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. بولۇپمۇ ئەشۇ نامدار پروفېسسورلار تېخىمۇ شۇنداق».
         سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا ھەقىقى ئىلىم ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىدىھەم جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرى « سېياسىيغا ماسلىشىش ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇشۇش ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئەقلىي ۋە ھەققانىي تەلپۈنۈشلىرىنى پايخان قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ « ئۇنۋېرسىتېت ئەركىن تەپەككۇرنى ئاپرىدە قىلىدىغان ھەم ئويلىغىنىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان غايىۋى سورۇن »دۇر . شۇڭا ، ئۇنۋېرسىتېت « تولۇپ تاشقان تارىخىي تۇيغۇ»غا ئىگە بولۇشى ، « ئالغا ئىلگىرلەش ئىدىيىسىگە ھۆرمەت قىلىشى» ، « شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەقىل-ئىدراكنى بولۇپمۇ ئالاھىدە ھەقىقەتنى بىر خىل جەريان، بىر خىل خاھىش قىلىشى كېرەككى، ئۇنى قانداقتۇر ساخاۋەتنىڭ سىرلىق ئەڭگۈشتۈرى،رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان قىيىن تېمىلاردىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا ھالەتتىكى ئەمەلىي جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك». ئۇ مۇنداق دىدى : « بەزى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ ئادەمنىڭ كاللىسىغا تايىنىپ پايدا ھېساپلايدىغان كارخانىدۇر،خالاس».

        http://shehui.daqi.com/article/2896398.html

مەنبە : http://www.xahtur.com/bbs/forum.php

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:47:39

      سىمىت ئەپەندى ئۆز ئەينى يېزۋېتتىغۇ ، بۇلۇپمۇ بەزى گەپلىرى ئوقتەك تىگىپ كەتكۈدەك . بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىم چىڭخۇا ئونۋىرىستىتىدا ئاسپىرانىتلىقتائۇقۇيىتتى بىر يىل بۇلا بولمايلا بۇ يەردەئىلمى كەيپىيات تەتقىقات مۇھىتى دىگەن نەرسە يوقكەن دەپ قاقشاپ يۈرۈيدۇ . بىرى ئاسپىراتىقنى ئۇقۇغىلى بىر پەنتېخنىكا ئونۋىرىستىتىنى تاللاپتىكەن مەكتەپ شۇئارىغا قارىسىدا سىياسەت كىتابىدىكى مەزمۇن تۇرغىدەك .

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:49:18

شىيا يېلاڭنىڭ ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى تەنقىتلەپ يازغان ماقالىسى

بوزقىر تەرجىمىسى


   مېڭە يۇيۇش بەك ئېغىر. ھازىرقى ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەگەر ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىسا ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يېقىن -يورۇقلىرى ئالاھىدە يېتەكلىمەي ئۆزىگىلا تايىنىدىغان ئىش بولسا پۇلغا ، ماددىي مەئىشەتكە ، مودىغا چوقۇنىدىغان ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاز تولا ماھارەت ئۆگۈنۈشتىكى مەقسىدىمۇ بىرەر ئوبدانراق خىزمەت تېپىش ئۈچۈندۇر، خالاس.بەزىلەرنىڭ غەربتە ئىلىم تەھسىل قىلىشتىكى مەخسىدىمۇ ئاز-تولا بىر نەرسە ئۆگۈنۈپ كېلىپ ، ياخشىراق خىزمەت تېپىش ئۈچۈندۇر. قانداقتۇر يېڭى ئىدىيە قوبۇل قىلىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنئەمەس. دەرۋەقە بەزىلەر چەتكە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردا ئۆزگىرىش بولغىنى راسىت. ئەمما، ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بۇ يەرگە ماسلىشالمىدى.
      دېمەكچىمەنكى ، 80- ، 90- يىللارنىڭ باللىرىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش يوللىرى ئىنتايىن چەكلىك . بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسى ئۈچۈنلا پالاقلايدۇ. مىڭبىر مۇشەققەتتە ئالىي مەكتەپكە كىرسە بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا جىددىيچىلىك . بىر تەرەپتىن تورغا كىرىپ ھۆكۈمەت بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. شۇڭا ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى چەكلىك دائىرىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىنئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ تارىخىي جەھەتتىن چوڭقۇر ، ھەقىقى ياخشى نەرسىلەرنى تېپىپ ئوقۇشىغا ۋاقتى يوق.
      ھېس قىلىشىمچە ، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئالدىن تۈزىۋالغان پىلانلىرى خاتا. خۇددى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارغا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ، دېگەندەك.نەرى ئوخشىمايدىكەن ؟ ئۇلار قوبۇل قىلىۋاتقان ئىدىيەمۇ ئوخشاشلا ئوغۇرلانغان سىڭدۈرمە ئىدىيە تۇرسا . ئەگەر ئوخشىماسلىقى كېرەك بولىدىغان ئىش بولسا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ تۆت يىل ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالدىن تۈزىۋالغان پىلانلىرىبېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئادىمىيەت روھى تەرىپىدىن سۇغا چىلاشتۇرىۋېتىلسە ئاندىن ئوخشىمىغان ھېساپلانماسمىدى ؟ ئەمما ، نۇرغۇن ئادەملەر ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دەرىس مۇنبىرىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنىبىلمىسە كېرەك. ئۇنداق قىلىشتىن قورقىدۇ . شۇڭا سىز كونا جەمئىيەتنى ، مىنگو دەۋرىنى سېغىنىسىز. شۇ دەۋىردىكى ئادىمىيەت ئۆلىمالىرىنىڭ ئىدىيەسىنى تارقىتىشنىڭ ئۆزىمۇ قورقۇنۇشلۇق ئىش ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاساسىي ئېقىمغا تەۋە ئەمەس. ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا ئەشۇنداق « باشقا بىر خىل » ئىدىيەلەرنى ، بىلىملەرنى قورىقماي تارقىتالايدىغانلىرىدىن نەچچىسى بار ؟ شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا باغلىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بىلەن ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ رېئاللىقىئوتتۇرىسا زور پەرىق بار. ئۆزۈمگە ئوخشاش غەيرى تىپتىكى ئادەمنى ئالسام مېنىڭمۇئاللىقاچان زىقىم توشۇپ قالدى. مەن مۇشۇ پېتىم مېڭىۋەرسەم دەرىس مۇنبىرىدە تۇرالماسلىقىم ئېنىق.
   شۇڭا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى ئۆزۈمگە ئوخشاش ئاز ساندىكى غەيرى تىپتىكى ئادەملەرلا ئەمەسھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىمۇ بۇنىڭغا قادىر ئەمەس بولۇپ قالدى. ھەتتا ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىرەر پارتكوم شۇجىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ بۇ خىل ئېدىئولوگىيەگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئۇلار پەقەت « قايسى مۇئەللىم دەرسىدە ئەركىنلىكنى سۆزلىدى » دېيىشكىلا جۈرئەت قىلالىغنى بىلەن«ئەجىبا ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى دېگەن ئىدىيە ئەركىنلىكىدىن سۇغۇرۇلغان مەكتەپ ئىدىغۇ ؟» دېگەننى سوراپ بېقىشقا ئەسلا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇ گەپ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن ھامان خۇددى ئۆزلىرىنى ۋەزىپىسى ۋە ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.شۇڭا، مەكتەپ ئاستىرىتتىن سىزگە ئۇنداق مۇقاملارنى ئامال بار توۋلىماسلىقنى ، توۋلاشقا توغرا كېلىپ قالغاندىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە توۋلاشنى ، ھۆكۈمەت بىلەن بىردەكلىكى يوق گەپلەرنى دېمەسلىكنى قولىقىڭىزغا قۇيۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق گەپلەر ئۆزىڭىزنى قوغداشقا پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھازىرقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كۇرسىنى چۈشىرىدۇ . ۋەھالەنكى ، سىزنىڭ بۇنداق گەپلەرنى ئاشكارە سۆزلىگەنلىكىڭىزنى سىرىتتىكىلەر ئۇقۇپلا قالسا مەكتەپ رەھبەرلىرىسىزگە ئارا تۇرماقتا يوق ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دېپىنى چېلىپ ، ئۇلارنىڭ دېگىنىنى ئىجرا قىلىدۇ.

http://wenku.baidu.com/link?url=FqaDiSfWyckTezRTt23xgDMiCj9-SrotHjAa8tH8oFUXjRRMQ96w4pjGZY4sC05Dj9KOYaVOyRgrBcGG5V9grJQJyYOo4u1lhVXvaFNXpqS

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:52:28

جۇڭگۇ ئۇنۋېرسىتىنىڭ پاختىسى دېسە«قۇرۇقلۇق كېۋىزى 9- نومۇر» نى يىتىشتۈرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەسلى جۇڭگۇ ئۇنۋېرسىتىنىڭ مېزى دىيىلسە ياخشى بولاركەن.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 18:34:30

چاۋىسىنى چىتقا يىيىپتۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 11:32:04

يۇزى يامان قېلىن خەق يولداشلار ،يەنە يالغاندىن ھىجىيىپ قويۇپ ئامىركىلىقنىڭ قوڭىنى يالاۋېرىدۇ جۇمۇ.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 11:50:21

مىنگو دەۋرىنى سېغىنىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 12:00:22

bozqir يوللىغان ۋاقتى2014-2-18 11:50 static/image/common/back.gif
مىنگو دەۋرىنى سېغىنىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

بىزارلىقتىن

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:01:15

ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە ، لۇشۈن مىنگو دەۋرىنى قاتتىق سۆكسىمۇ مىنگو ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندايىلىغا ھازىرقى 460 مىڭ يۇەن خەلق پۇلىغا باراۋەر مائاش بېرىپ بېقىپتىكەن .
مىنگو تەرىپىدىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كونسۇل قىلىپ ئەۋەتىلگەن تۇنجى دوكتور خۇ شىنىڭ ئىش ھەققىمۇ جىياڭ جىيېشىنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقۇرى ئىكەندۇق.
ئازاتلىق ھارپىسىدا كومپارتىيە خۇشىغا خەت سۇنۇپ ئۇنى داۋاملىق بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا مۇدىر قىلىش ئويىنى يەتكۈزگەندەخۇشى كۈلۈپ قويۇپ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تەيۋەنگە يول ئاپتىكەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:06:44

خۇشى تەيۋەنگە كەتمىگەن بولسا 58-يىلى ئوڭچى بولۇپ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالماي تۇرۇشىغا مەدەنىيەت ئىنقىلابى بولۇپ تاياق يەپ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالا بولغىيدى.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:22:34

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-2-18 13:06 static/image/common/back.gif
خۇشى تەيۋەنگە كەتمىگەن بولسا 58-يىلى ئوڭچى بولۇپ ئاۋارى ...

شۇنداق بولۇشى دەرۋەقە.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بىرسى ماۋزېدوڭدىن « لۇشۈن ھايات بولغان بولسا قانداق بولاتتى ؟ » دەپ سورىسا ماۋزېدوڭ : « يا ماڭا ئەگىشەتتى، يا تۈرمىگە كىرەتتى » دەپتىكەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 14:34:41

مىنگو دەۋرىدىكى زىيالىيلاردىن لىياڭ چىچاۋ، سەي يۈەنپېي، خۇشىلار ھەقىقەتەن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى سەرخىل زىيالىيلارتىكەن.
ئەينى دەۋردە خۇشىنىڭ ئابرويى لۇشۈننىڭكىدىن چوڭ بولۇشى كېرەك. لۇشۈن جاھاندارچىلىق توغرىسىدا يازغان بىر ماقالىسىدا ئېپىنى تېپىپ تۇرۇپ خۇشىدەك داڭلىقلارنى تىللاپ ماقالە يېزىپ نام چىقىرىشنى مىسال ئاپتىكەن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:36:01

خامسۇلارمۇ قىززىق خەق دەيمەن !
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغاندا بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان، شۇ قەدەر دەلتە، ئۇنى ئەۋارە بولۇپ ھېچكىم ياراتمايتى !
ئەمما ئۇنى گەپكە سىلىپ قويساق، جۇڭگۇنىڭمائارىپ بىلەن كومپارتىيەنى ياراتمايتى !

musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 05:59:55

ئالامەت گەپلەر بولۋېتىپتىغۇ ما يەردە......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوز قىر ،سالامەت تۇرلىمۇ؟ .......ئالدى بىلەن بىزنى شۇنداق تىتىملىق تەرجىمە ئەسەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكلىرىگە تەشەككۇر!.....
بىر ماتىرىيالدىن كۆرىشىمچە« دەۋىر قەھرىماننى يارىتىدۇ» دەپ يېزىپتىىكەن، يۇقىرىقى ماقالىدىن قارىغانداھازىرچە جوڭگۇدىن لىياڭ چىچاۋ، سەي يۈەنپېي، خۇشىلاردەك يەنە بىزدىن «؟؟؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟» دەك قەھرىمان چىقمايدىكەندە!...   

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 08:08:25

musapir911 يوللىغان ۋاقتى2014-2-19 05:59 static/image/common/back.gif
ئالامەت گەپلەر بولۋېتىپتىغۇ ما يەردە......
ئەسسالامۇ ئەل ...

    بىر خەنزۇ زىيالىيسى سىمىتنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: « يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇنۋېرسىتېت مائارىپچىىلىرىنى سانىساچىيەن جوڭشۇ بىلەن جى شىيەنلىندىلا بارماق توختاپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئاساسىمۇ مىنگو دەۋرىدە سېلىنغان » دەپتۇ.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 09:42:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-19 09:56

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناس جاڭ ۋېييىن « جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مۆرىسىگە قونغاندىلا ئاندىن ھەقىقى يېڭىلىق يارىتالايدۇ» دەپتۇ.

http://news.ifeng.com/mainland/detail_2013_04/06/23898432_0.shtml#_from_ralated

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:58:40

bozqir يوللىغان ۋاقتى2014-2-19 08:08 static/image/common/back.gif
بىر خەنزۇ زىيالىيسى سىمىتنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسىغا ئى ...

مىليارد نۇپۇستىنما :lol

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 15:25:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-19 15:51

لىيۇ مولىن ئەپەندىنىڭ « ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولسىلا كۇپايىمۇ ؟ » ناملىق ماقالىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېت بولغان ئامېرىكىدىكى خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تويىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئائىت مۇنداق بىر مەزمۇن باركەن:« خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىقىنى تەبرىكلىگەن چاغدا 60مىڭدىن ئارتۇق مەكتەبداشلار ئانا مەكتىپىگە يىغىلغان ، دۇنيانىڭ ھەرقايسىجايلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق مۇخبىر قەدەم تەشرىپ قىلغان، مەكتەپ شۇ چاغدىكى پىرزېنىت رېگاننى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە موھىم سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا رېگان ئادەم ئەۋەتىپ ‹ ماڭا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرەلەمدىكەن ؟› دېگەن تەلەپ سۆزىنى يەتكۈزگەن. خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەلەپنى ئادىللىق ئەمەس ، دەپ قارىغان ھەم پېرزېنىتلىق مەنسىپى بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەرنى قىزىتىۋەتكەن. ئاخىردا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭمەكتەپ مۇدىرى بوۋك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىۋاستە ھالدا : ‹ مەكتەپپېرزېنىتقا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرەلمەيدۇ › دەپ ئېنىق جاكارلىغان.شۇڭا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا پېرزېنىتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن».

شىياڭگاڭ « سۇمرۇغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە ، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى گومىنداڭنىڭ پەخرىي رەئىسى لىيەن جىيەنگە پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىپتۇ.

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 16:17:45

bozqir يوللىغان ۋاقتى2014-2-19 15:25 static/image/common/back.gif
لىيۇ مولىن ئەپەندىنىڭ « ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەل ...

ئامماس ماتا، زورلاپ ساتا دەپ ئۇنىڭغابەرمىسە كىم ئالا ئۇلارنىڭ پەخرى ئۇنۋانىنى

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 16:23:35

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىي بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانىتلىقىنى پۈتتۈرۈپ غەربىي شىمال سېياسى- قانۇن ئۇنېرسىتېتىدا دوتسېنىت بولۇپ ئىشلەۋاتقان چەن خوڭگو « يولۇم بارغانسېرى تارىيىپ كەتتى ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش بوشلۇغۇم بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى، مۇبادا داۋاملىق دەرىس مۇنبىرىدە تۇرىۋەرسەم ئۆزۈمنىمۇ ھەم باشقىلارنىمۇ ئالدىغان بولىمەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭلا ئەمەس ئەڭ موھىمى ئۆزۈم ئۈگەنگەن قانۇننىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ قېلىشىم كېرەك » دەپ قاراپ ئۆز بىلوگىدا مەكتەپكە ئاشكارە ئىستىپاھنامە سۇنۇپتۇ.
       چەن خوڭگو ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ئۇنۋېرسىتېت روھىغا خىلاپ بەلگۈلىمىلىرىنى تەنقىت قىلغانىكەن. ئۇ ئىستىپاھ سۇنۇشتىن 20 نەچچە كۈن بۇرۇن شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەكتەپ ئۇنىڭشىياڭگاڭ-ئوۋمىنلارغا بارىدىغان يول خېتىنى تارتىۋاپتۇ. ئۇ پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنسا تەستىقلانماپتۇ.   
      شۇڭا ، چەن خوڭگو بەزى ياخشى نىيەتلىك ئۇستاز- كەسىپداشلىرىنىڭمۇ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي «ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى بىر پۇخرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلمەي تۇرۇپ قانۇن ئېتىقادى، قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەرىس ئۆتۈشكە قانداق يۈزۈمچىدايدۇ » دەپ قاراپ ، ئىستىپاھ سۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپتۇ.
   چەن خوڭگو غەربىي شىمال سېياسى- قانۇن ئۇنېرسىتېتىدا ئاساسلىقى پۇخرالىق دەرسى بېرىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ،چەن خوڭگو مۇئەللىم دەرىسنى ئەستايىدىل، مول -مەزمۇنلۇق ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيدىكەن. بۇ مەكتەپتە ئۇنىڭچىلىك جەلىپ قىلارلىق ھالەتتە دەرىس سۆزلىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى كۆپ ئەمەسكەن.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى

http://learning.sohu.com/20131224/n392293828.shtml?qq-pf-to=pcqq.c2c
بەت: [1] 2
: [بوزقىر]جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ پاختىسىى ئېتىلدى