TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 13:11:50

تاشپولات: ئىبراخەم لىنكىننىڭ ئوغلى ئوقۇغان مەكتەپ مۇدىرىغا يازغا...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 12:46  

رەھىمە ماخمۇت (ئەنگلىيە) سىڭلىم FB دا ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln) نىڭ ئوغلى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا يازغان خېتىنى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىپتۇ. مەن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم.

ئابراھام لىنكولىن بولسا ئامېرىكانىڭ 16-قېتىملىق پرېزىدېنتى بولىدۇ. ئۇ 1809-يىلى  2-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان پرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قۇللار ئازادلىقىنىڭ دادىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.

ئابراھام لىنكولىننىڭ ئوغلى ئوقۇغان مەكتەپ مۇدىرىغا يازغان خېتى:

ئوغلۇم ئەلۋەتتە بىلىم ئىگەللىشى لازىم. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىلا دۇرۇس ۋە ئادالەتلىك ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. لېكىن، بۇنىمۇ ئۇنىڭغا ئۈگۈتۈڭ:

ھەر بىر ساختىپەزنىڭ قارىشىدا بىر قەھرىمان بار ، ھەربىر شەخسىيەتچى سىياسىيوننىڭ قارىشىدا ، بىر ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان بىر لىدىرى بار؛ ھەربىر دۈشمەننىڭ قارىشىدا، بىر دوست باردۇر .

چۈشەندۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن ئەمما، ئىمكان بولسا ئۇنىڭغا ، مېھنەت قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن بىر دوللارنىڭ، يولدىن تېپىۋالغان 5 دوللاردىن قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئۈگۈتۈڭ.

ئۇنىڭغا مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئىلىشىنى ئۈگۈتۈڭ، شۇنىڭ بىلەن ماس ھالدا، ئۆز غەلىبە مېۋىلىرىدىن ھوزۇرلىنالىنىشنى ئۈگۈتۈڭ .

ئۇنىغا تەبەسسۇم خۇشخۇي كۈلۈشنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ سىرىنى ئۈگۈتۈڭ؛ ھەمدە ئاجىزلارنى بوزەك قىلغۇچىلارنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئاسانلا يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۈگۈتۈڭ.

ئىمكان بولسا، ئۇنىڭغا كىتابلارنىڭ خىسلىتىنى… ھەمدە ئۇنىڭ ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ، قۇياش ئاستىدىكى ھەرىلەرنىڭ، يېشىل سايلاردىكى گۈللەرنىڭ تۈگىمەس سىرىنى يېشەلىشى ئۈچۈن ئويلىنىشىغا شارائىتلار بېرىڭ.

ئۇنىغا مەكتەپتە (ئىمتىھاندا) مەغلۇبىيەت بولۇش، كۆز بويامچىلىق قىلغاندىن كۆپ شەرەپلىكلىگىنى ئۆگىتىڭ.

ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى چىققان تەقدىردىمۇ ، ئۆز مەيدانى ۋە كۆزقاراشلىرىغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىڭ.

نازاكەتلىك ئىنسانلارغا نازاكەتلىك بولۇشنى، قوپال ئىنسانلارغا قوپال بۆلىشىنى ئۈگۈتۈڭ.

ئوغلۇمغا بىر ئەقىل - ئىدراك، كۈچ ئاتا قىلىڭكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەر بىر ئىنسان، ئەگىشىپ مېڭىشقان توپىلاڭلار ئارقىدىن قارىغۇلارچە ماڭمىسۇن.

كۆپنىڭ سۆز - مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشنى، ئەمما ئاڭلىغان سۆزلىرىنىڭ راست، يالغانلىقىنى ئايرىپ، توغرىسىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ.

ئىمكان بولسا ئۇنىڭغا ھەسرەت چېكىپ ئازابلانغاندا كۈلەلەيدىغان جاسارەتنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ياش تۆكۈشنىڭمۇ ئىنسان ئۈچۈن نومۇس قىلىدىغان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ئۈگۈتۈڭ.

ئۇنىڭغا ھەسەتخورلارنى مەسخىرە قىلىشنى، ھەمدە بەك تاتلىق شېرىن - شېكەر گەپلەرگە ئاسان ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈگۈتۈڭ.

كۈچ قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى ئەڭ يۇقىرى باھاغا سېتىشنى ، ئەمما ھەرگىز ئۆز يۈرىكى ۋە ۋىجدانىغا باھا چاپلاپ قويماسلىقىنى ئۈگۈتۈڭ.

قۇلىقىنى ھۇۋلىغان توپىلاڭچىلارنىڭ ئاۋازىدىن يوپۇرۋىلىشنى، لېكىن ئۆزى توغرا كۆرگەندە، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ.

ئۇنىڭغا سىلىق سىپايە مۇئامىلە قىلىڭ، بىراق ئۇنى باغرىڭىزغا بېسىۋالماڭ، چۈنكى تومۇرنى پولات قىلغان يالقۇنجاپ تۇرغان شىددەتلىك ئوتتۇر .

تەخىر قىلىشقا سەۋرى بولسۇنكى، جەسۇر بولۇشقا غەيرىتى بولسۇن. ئۇنىڭغا ئۆزىگە، ھەر زامان يۈكسەك ئىشەنچىنى دوست قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ، چۈنكى شۇنداق بولغاندا، ئۇ ئىنسانىيەتكە يۈكسەك ئىشەنچ بېغىشلىيالايدۇ .

بۇ بىر جىددىي بۇيرۇق، قېنى بىز كۆزىتىپ كۆرەيلىكى، سىزمۇ زادى بۇ ھەقتە، قانچىلىك بىر نېمە قىلالايسىزكىن.

يازمىنىڭ ئىنگلىزچىسى:

Abraham Lincoln’s letter to his son’s Head Master

My son will have to learn I know that all men are not just, all men are not true. But teach him also that for ever scoundrel there is a hero; that for every selfish politician, there is a dedicated leader. Teach him that for every enemy there is a friend.

It will take time, I know; but teach him, if you can, that a dollar earned is far more valuable than five found.

Teach him to learn to lose and also to enjoy winning.

Steer him away from envy, if you can.

Teach him the secret of quite laughter. Let him learn early that the bullies are the easiest to tick.

Teach him, if you can, the wonder of books.. but also give him quiet time to ponder over the eternal mystery of birds in the sky, bees in the sun, and flowers on a green hill –side.

In school teach him it is far more honourable to fail than to cheat.

Teach him to have faith in his own ideas, even if every one tells him they are wrong.

Teach him to be gentle with gentle people and tough with the tough.

Try to give my son the strength not to follow the crowd when every one is getting on the bandwagon.

Teach him to listen to all men but teach him also to filter all he hears on a screen of truth and take only the good that comes through.

Teach him, if you can, how to laugh when he is sad. Teach him there is no shame in tears. Teach him to scoff at cynics and to beware of too much sweetness.

Teach him to sell his brawn and brain to the highest bidders; but never to put a price tag on his heart and soul.

Teach him to close his ears to a howling mob… and to stand and fight if he thinks he’s right.

Treat him gently; but do not cuddle him because only the test of fire makes fine steel.

Let him have the courage to be impatient, let him have the patience to be brave. Teach him always to have sublime faith in himself because then he will always have sublime faith in mankind.

This is a big order; but see what you can do. He is such a fine little fellow, my son.


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-7 13:05):

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:54:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 17:11  

تاشپولاتكا، «ئىبراخەم» دېگەن ئىسىمنى « ئىبراھىم» دېسەك بولماسمدۇ ؟

tarimrose يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:05:20

bozqir يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 16:54 static/image/common/back.gif
تاشپولاتكا، «ئىبراخەم» دېگەن ئىسىمنى « ئىبراھىم» دېسە ...

مەن بۇندىن بۇرۇنقى يازمىلاردا ئابراھام لىنكولىن دەپ كۆرگەندەك قىلغان ،ئىككىسى بىر ئادەم ئەمەسمۇ تاشپولاتكا

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 21:19:59

مەنمۇ  ئابراھام  لىنكۇلىن دەپ  ئاڭلىغان .   قايسى  بىر  يازمىدا  ئىبراھىم  لىنكۇلىن  دەپمۇ  كۆردۈم

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:10:52

ئابراھام  لىنكۇلىن ›› دەپ ئېلىش كېرەك ، چۈنكى مەتبۇئات ۋە كىتابلاردا شۇنداق ئېلىنىدۇ.

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 21:38:14

مەنچىمۇ «ئابراھام لىنكولىن» دەپ ئالساق ئوقۇم خاتالىقى كەپ چىقماس ئىدى، كىچىكىمىزدىن ئۇيغۇرچە كىتاپلاردا شۇنداق ئۆگەنگەن بولغاندىكىن. يەنى بىرى ئېنگىلىزچىدىكى بۇ  «ئابراھام» دىگەن ئىسىم ئېنىقكى «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام» دىكى ئىبراھىم دىن كەلگەن،  ئۇندىن باشقا ئادەم، داۋۇت، يۈسۈف قاتارلىق ئىسىملارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:37:10

تاشپولاتكام ئالدىراش ئوخشايدۇ {:101:}

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:34:56

باشقۇرغۇچىلار،  يازمامدىكى "ئىبراخەم لىنكىن" دېگەننى "ئابراھام  لىنكۇلىن" دەپ تەھرىرلەپ قويساڭلار. رەھمەت.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:47:18

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 12:34 static/image/common/back.gif
باشقۇرغۇچىلار،  يازمامدىكى "ئىبراخەم لىنكىن" دېگەننى " ...

ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئىبراخەم لىنكىننىڭ ئوغلى ئوقۇغان مەكتەپ مۇدىرىغا يازغا...