TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 10:31:38

تاشپولات: بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…


سولدىن جەمشىت ھەتچان

مەن ئالدىنقى ھەپتە  قازاقىستاندىكى جەمشىت ھەتچان ئاكامنىڭ ناھايىتى ياخشى يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ قازاقىستاندىكى بايسىيىت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ رۇسىيەنىڭ كارسىندان شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتنىڭ يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ پۈتتۈرگەن. جەمشىتكام مېنىڭ بوۋام ئېلاخۇننىڭ ئىنىسى ھېتچچان روزاخۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ھازىر قازاقىستاندا يازغۇچىلىق ھەم شەئىريەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جەمشىتكام سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋاقتىدا قازاقىستان چېلەك ناھىيىسى پارتكومىنىڭ 2-كاتىپى ھەم ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ 1-سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.


بۇ رەسىم دادام قازاقىستان بايسىيىتگە بارغاندا تارتىلغان. ئوڭدىن دادام روزى، كىچىك بوۋام ھەتچان، كىچىك مومام نۇرۋانەم.

ھېتچان روزاخۇن كىچىك بوۋام 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغىچە بارىدۇ. ئۇ بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش قەخىرمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 92 يېشىدا قازاقىستان  بايسىيىت يېزىسىدا بۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…
(بوۋاينىڭ نەۋرىسىگە نېسىھەتلىرى)

ئاپتور: جەمشىت ھەتچان

ئۇچۇپ قالغىن قانات تالغىچە،
ئەجەل كېلىپ چاڭگال سالغىچە…
سۈرۈۋالغىن ھايات پەيزىنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئۈمۈت بىلەن كۈت كېچە، تاڭنى،
گۈل-غۇنچەڭگە قوندۇرما چاڭنى.
سۇندۇرمىغىن بېۋاق كوزاڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئارمىنىڭغا يېتىشكە تىرىش،
مەرت-مەردانە ئۆتۈشكە تىرىش.
ئەلنى خۇرسەن ئېتىشكە تىرىش،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

يارىڭ بىلەن تۇتقان خاناڭنىڭ،
تۆرى بولسۇن ئاتا-ئاناڭنىڭ،
كاملىغىنى كۆرمە پاناڭنىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قېرىنداشقا تەگسۇن ھىممىتىڭ،
كۆپ بولسۇن دوست، كەچمەس ئىلپىتىڭ.
سۈرۈنمىسۇن يولۇڭدا ئېتىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

تېنەتمەي ئۆي، بالا-جاقاڭنى،
تاشلىق يەرگە سالما سوقاڭنى.
ئالغا ماڭساڭ ئويلا ئارقاڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

نان-تۇزۇڭنى ھالاللاپ يېگىن،
ئاقنى ياقلاپ، ھەقنى سۆزلىگىن.
پەسنى ئەمەس، ئۆرنى كۆزلىگىن،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

سىناقلاردا ئەگمە بېشىڭنى،
قىستاڭلاردا تۆكمە يېشىڭنى.
چالا قويما ياخشى ئىشىڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

چۈشەنمەسلىك، رەنجىشكە بولا،
زېدە قىلما ئۆزەڭنى تولا.
ياخشىلارنىڭ كۆڭلىنى ئولا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قېتىلمىغىن ئويى ھارامغا،
ئەگەشمىگىن ئەسكى پاراڭغا.
تۇز سەپكۈزمە ھەرگىز ياراڭغا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

سارغايتمىغىن رەڭگى-رويۇڭنى،
ساغلام تۇتقىن ئەس-ھوش، ئويۇڭنى.
ئەل-ژۇت، خەلقىڭ كۆرسۇن تويۇڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ھىممىتىنى چۈشەن ئالەمنىڭ،
نىيىتىنى ئايرى ئادەمنىڭ،
قىممىتىنى بىلگىن ھەر دەمنىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئۆز دەۋرىڭنىڭ ژۈكىنى كۆتەر،
ئەتەڭگە بول شېرىك، ھەمسەپەر،
ۋەزىپەڭنى ئادا قىل، پۈتەر،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قىسقىسى، شۇ ئېيتارىم ساڭا،
ئارتۇق كەتسەم رەنجىمە ئاڭا.
بولماس بەلكى مۇنداق پەيت ماڭا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 11:48:28

ياخشى شېئىركەن. ئەلانى بېسىۋەتتىم

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 12:00:58

ساقلىۋالدىم. شۈكۈر يالقىن بۇۋىمىزغا ئوخشاپ كىتىدىكەن ھە ، جەمشىت ھەتچان بۇۋىمىز...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:48:39

ئۆز دەۋرىڭنىڭ ژۈكىنى كۆتەر،
ئەتەڭگە بول شېرىك، ھەمسەپەر،
ۋەزىپەڭنى ئادا قىل، پۈتەر،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

مۇشۇ مىسرالاردا دېيىلگەندەك ياشىغان كىشىكەن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.
بەت: [1]
: تاشپولات: بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…