Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 10:26:28

مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانسى ] قاراخان[

مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانسى

شېرىپ خۇشتا

1. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيتىنى رۇسسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، جاسراسكى، زەيسەن، موسكوۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قوردى. ئۇندىن باشقا، ئىچكىر ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تىيەنجىن، چىڭداۋ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۈەن قاتارلىق شەھەرلەرد ماگېزىنلار ئېچىپ، ۋكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا، مۇساھاجىم (كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلدى)، باھاۋۇدۇن مۇسابايوۋ، ھېلى ۋاگون قاتارلىق كارخانچىلار دۇنيا بازىرىغا بۆسۈپ كېرىپ، چەتئەل كاپىتالىستلىرى بىلەن سودا رىقابىتىنى ئېلىپ بارغان سودا باھادىرلىرى ئىدى. ئۇلار جاھان كۆرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا ئىلغار پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلدى. 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغار كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭى مائارىپ ۋە سودا –سانائەت كارخانىلىرى بارلىققا كەلدى. پەننى مەكتەپلەر ئېچىلدى. كارخانا ئىگىلىرى ئىگىلىك باشقۇرۇشتامالىيە ۋە مائاش تۈزۈمىنى  رەسمىي يولغا قويدى. ئەنە شۇ تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر سودا-سانائەتچىلىرى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودا تارىخىدا يارتقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
ۋەلىباي يولداشوۋ- شىنجاڭ ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە نامدار باي. 1883-يىلى ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەتتە سۇغا كۆچكەندە، ئۇ تەئەللۇقاتىنى يەتتە سۇغا يۆتكەپ كەتكەن. ياركەنت گوبىراناتورى(ۋالىيسى) بولغان. 1924-يىلى كۆچمەن سەرمايىسى بىلەن ئىلغان قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئون نەچچە كارخانا قۇرغان. نۇرغۇن كۆچمەس مۈلۈكى بار بولغان.
مۇسا ھاجىم (مۇسابايوۋ) – ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ سودا قىلغان. 1885-يىلى ئىلى كۆرەدە 200ئىشچىسى بار يەرلىك تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قۇرغان. سودا كاپىتالىدىن باشقا، ئۇنىڭغا دادىسى ئابدۇرۇسۇلبايدىن 3000 مو يەر، 50مىڭ تۇياق كالا-قوي مىراس قالغان، ئۇغۇللىرى ھۈسەنباي ھاجى، باھاۋۇدۇنبايلار ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھاشىم ئاخۇن- بۇ ئادەم تىيەنجىن شەھىرىدە تۇرۇپ، مەخسۇس چەتئەل سودىسى بىلەن شوغۇللانغاچقا، ھاشىم تىيەنجىن دەپ ئاتالغان (ھاشىم تۆمۈر ئەمەس) ئۇ تىيەنجىدە بىر قېتىم چەتئەللىك كاپىتالىستلار بىلەن سودا ئۈسىتدە زاكونلىشىپ قالغاندا، يېنىدىن 45مىڭ پارچە تۈلكە تېرىسى، 120 مىڭ دانە ئەلتېرە كۆرپە، 3000 دانە بۆكەن مۆڭگۈزى، نۇرغۇن ۇغا مۆڭگۈزى، يىلپىز تېرىسى، تېيىن تېرىسى ۋە باشقا ماللارنىڭ ئىسكلات ساقلاش تالونىنى چىقىرىپ كۆرسەتكەندە، چاپىنى كونا بۇ سودىگەرنىڭ دەسمايىسىدىن چەتئەللىكلەر ھاڭ-تاڭ بولۇپ، تىللىرى تۇتۇلۇپ قالغان.
قەشقەرلىق ئاخۇنايوۋ-(ئىسمائىل پاختا)لار پۈتۈن ئالتە شەھەر پاختىسىنى سېتىۋېلىپ، چەتئەل بىلەن سودا قىلغان، ئوغۇللىرى كېرىم ھاجىم، ئۆمەر بايلار ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىدا تۇردى ئاخۇناي، ياقۇپاي، سۇلتانباي، جەللاب سابىر ھاجى، قۇمۇلدا شاھ مەخسۇت ۋاڭ، ھەسەنبال ھاجى، تۇرپاندا مۇسۇل ھاجى، مەخسۇتباي، لۈكچۈندە تاھىربەگە، قەشقەردە ئوبۇلھەسەن ھاجى ۋەلىباي، ئالىمىت ھاجى، ھېكىم ھاجى رەڭچى، ئەمەتخان جاڭجۈن، ئىبراھىم لۇزۇڭ، ماباخۇنۇم، ماجا ئەلەم، ساۋۇر ئاخۇنباي، ئەمەت قارىم چايچى (ئەمەت خۇنەن دەپمۇ ئاتالغان، خۇنەندە ئىشلەنگەن چاي بۇ كىشىنىڭ سېتىۋېلىشىغا ئۈلگۈرمىگە) ئەلجەخمانا كىرىم ھاجىم(پۈتۈن ئالتە شەھەرنى دورا-دەرمەك بىلەن تەمىن ئەتكەن، مۇھەممەد ھىلاجىم شاڭخەي، ئاشۇ دەۋردە شاڭخيە فۇجۇ كوچىسىدا سودا سارىيى ئاچقان)، تاش ئاخۇنۇم (بۇ كىشى چوڭ تىجارەت قىلمىغان بىلەن ئەينى زاماندا قۇرغان بوياقچىلىق، گۈل بېسىش، توقۇمچىلىق كارخانىسى شىنجاڭنىڭ يەرلىك گۈللۈك رەخت بىەن تەمىنلەپلار قالماستىن، چەتئەللەرگىمۇ رەخىت ئېكسپورت قىلغان) قاتارلىق كاتتا بايلار ئۆتكەن ۋە ئىگىلىكىنى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشكە زور تۆھپىلەر قوشقان. ئەنە شۇلارنىڭ ئۈلگىسى، باشلامچىسى ئاكا-ئۇكا ھۈسەنباي ھاجى (1844-1926-يىللار)، باھاۋۇدۇنباي (1851—1928-يىللار) مۇسابايوۋلاردىن ئىبارەت.
1870-يىلى باھاۋۇدۇناي چەتئەلدىن قايتىپ كېلىپ، قەشقەر خانلىق مەدرستە كېيىن ئىلى بەيتۇللا مەدرستە پەننى دەرسنى يولغا قويدۇ.  بۇ جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن 1883-يىلى ئۆز يۇرتى ئاتۇش ئېكساقتا سەككىز سىنىپلىق مۇنتىزىم پەننى مەكتەپ ئاچتى. ئۆز خىراجەت ئاجىرتىپ، ئۈچ نۆۋەت چەتئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى. چەتئەلدىن پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە، ئىلى، تارىم ۋادىسىدا مائارىپ، سودا-سانائەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىدى.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلانىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى جۇڭگودا 1898-ئېلىپ بېرىلغان «ۋۇشۈي ئىسلاھاتى» يەنى«غەرىبتىن ئۆگىنىش»، «سانائەت بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزۇش»، «مائارىپ بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» ھەركىتىدىن 20 يىل بالدۇر ئىدى.
1895-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار غۇلجاشەھىرىدە ئۆزلىرىنىڭ باش تىجارەتخانسى-«مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى»نى قۇرۇپ، تىجارەت دائىرسىنى ئىچكىر ئۆلكىلەرگە ۋە روسسىيىگە كېڭەيتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، مەملىكەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ «فۇشىخاڭ» يەنى« ئاۋاتلاشقان كەسىپ» دەپ ئاتالدى. روسسىيەلىكلەر بولسا ئۇلارنى «مۇسابايوۋ» دەپلا خىتاب قىلدىغان بولدى.
1896-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە ئۇلار بىر تەرەپتىن مەملىكەتنىڭ ئىچى-سىرتىدا سودا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدا سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن توپتوغرا ئون يىل تىرشچانلىق كۆرسەتتى. 1885-يىلى ئۆزلىرى كۆرە شەھىرىدە قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى زامانىۋي سانائەت كارخانىسىغا ئايلاندۇرۇش قارارىغا كېلىپ، گېرمانىيلىك كاپىتالىست دوخلاتتىن مېخانىزىملاشقان بىر يۈرۈش تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى سېتىۋېلىشنى كېلىشتى ۋە بۇ زاۋۇتنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى «فرانكفورت ئاسايىن» زاۋۇتى، يەنە«FRANCFORAMMEEONDVSIRY»غا زاكاز قىلدى.  ئاندىن زاۋۇت بىلەن 20.12 كىلۋاتلىق دۋگاتېل، 250 كىلۋاتلىق پار ماشىنىسى، 22دانە چوڭ –كىچىك ئىستانۇك قاتارلىق ئەسلىھەرلەرنى توشۇپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئازات كوچا 223-نومۇرلۇق قورۇغا ئورۇنلاشتۇردى. زاۋۇتنىڭ كۆلىمى 317226 كۋادېرات مېتىر بولۇپ، 1907-يىلى قۇرۇلۇش قىلىنىپ، 1909-يىلى ئاساسىي بىناسى ۋە 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇنى پۈتكەن. 200دەك يوقسۇل ئىشچىنى قوبۇل قىلىنىپ، ئىش باشلانغان. بۇ تېرە زاۋۇتى شۇندىن باشلاپ روسسىيىنىڭ پۈتكۈل تۈركىستان رايونى (ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە موسكۋا، سانكىت-پېتىربورگ قاتارلىق شەھەرلىرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى ئۇلار ئىشچى سانىنى 500 گە يەتكۈزگەن.
جىيا ئېنفى، جياڭ جياڭلارنىڭ «ئىلى لىچۈن تېرە زاۋۇتى ھەققىدە سۆز» دېگەن ماقالىسىدە: مۇسابايوۋلارنىڭ 1885-يىلى ئىلى كۆرەدە قۇرغان تېرە پىششىقلاش زاۋۇتى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ شاڭخەيدە (1890-يىلى) قۇرۇلغان «جۇڭ جىشاۋ تېرە زاۋۇتى» دىن بەش يىل بۇرۇن قۇرۇلغان. 1906-يىلى شاڭخەيدە ياپۇنلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «جياڭنەن» تېرە زاۋۇتىدىن مۇسابايوۋلارنىڭ 1906-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرلگەن تېرە زاۋۇتى ئۈچ يىل كېيىن قۇرۇلغان. 1913-يىلى جۇڭگو ئۆزى قۇرغان 11 ئورۇندىكى تېرە، كاۋچۇك زاۋۇتلىرىنىڭ ئومۇمىي كاپىتالى تۆت مىلىيوم 608 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھۈسەنباينىڭ ئىلىدىكى تېرە زاۋۇتىنىڭ كاپىتالىدىن بىر مىلىيون يۈەنلا كۆپ ئىدى... مۇسابايوۋلار تېرە زاۋۇتى مەملىكەت بويچە ئىلغار زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىدى..» دەپ يېزىلغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن مۇشۇ (20-ئەسىرنىڭ)ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا قەدەر بولغان بىر ئەسرنىڭ تەئەللۇق سودىسى ئەنە شۇنداق شۆھرەت قازانغان. مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ھاياتىغا نەزەر سالساندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن-تېخنىكا كىرگۈزۈش، سەنئەت، تەنتەربىيەنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

2. مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى
مۇسابايوۋلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر-ئاتۇش ناھىيەئېكساق كەنتى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زېمىندا توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق، تىجارەت، كەسپىي كارخانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇل بايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى:
  1- مۇھەممەت ئېلى. 1760-يىل تىجارىتىنى توختۇتۇپ ئاخىرىقى ئۆمىرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇنللانغان، ئۇنىڭ يەر، سۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بىر بۆلۈم چارۋىسى بولغان، شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرى ئىكەن.
   2-ئابدۇل ئەزىز. ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە سودا بىلەن شوغۇنلىنىپ چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ دەۋردىدە، يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، نەق پۇل كۆپەيگەن
   3-ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېھقانچىلىقنى ئاسا قىلىپ، قوشۇمچە ئاتا كەسىپي تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تىجارەت دائىرسىنى كېڭەتكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە، جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.
   4-تۇردى. بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارتى ئوخشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان. بۇنىڭ دەۋردىكى يەر، سۇ، ئىشلەپچىرىقىرىش قۇراللىرى، چارۋا ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن.تىجارەت دائىرسى چوڭ شەھەرگە يۈزلەنگە. تۇردى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان. بۇنىڭ دەۋرىدە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بولۇپ ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا قاراپ كشىلەر ئۇنى «تۇردى قۇم» (پۇلى قۇمدەك كۆپ دېمەكچى) دەپ ئاتىغان.
   5-ئابدۇرۇسۇل. بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە ئېلىپ بارغان، مۇسابايوۋلار ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى، دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغۇن ئادەم بولۇپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك ئىگىلىك باشقۇرۇغۇچى قىلىپ تەربىيلىگەن. كېيىن ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن.
6-مۇسا ھاجىم. بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل باينىڭ تەلىمىگە ۋە ۋەسىيتىگە ئەمەل قىلىپ، بىرىنچىدىن، تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلدۇ، ئىككىنچىدىن، يەككە ئىگىلىك يارىتىپ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى قوشىدۇ. ئاتىسنىڭ «پۇلنى خوجايىنى بولماي، ئىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار»  دېگەن ۋاسىيىتىگە ئاساسەن، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى شۇ تىل-يېزىق ئىلمىنى مۇكەممەل ئىگىلەيدۇ ھەم جاھان كېزىپ، يېڭى مائارىپ، يېڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  ياۋرۇپادىن ئۆگىنىپ شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە، 1885-يىلى ئىلى كۆرەدە 200 ئىشچىسى بار تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، ئۇنىڭ يېنىغا تۈگىمە، يېلىم، كىگىز، سوپۇن، شام، گىلەم، ئارقان، ئات ئىگەر-جادۇق، ھارۋا جاندۇق قاتارلىق بىر قاتار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرىدۇ، ئۇ يەنە ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقىرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ئىلىم-بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنى  پەن-تېخنىكىنى قوللىغۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيلەيدۇ. مۇسا ھاجىم ھايات ۋاقتىدا قازاندىن جىددي(جەدىد-يېڭىچە) مۇئەللىملەرنى، بۇخارا، باغداتتىن دىنى ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، مەدرىسلەردىن چەتئەل تىلى، تارىخ، ئاستىرنومىيە، ماتېماتىكا، ئىلمى تەجۋىت قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بىر مەزگىل ئىلىم يۇقىرىلىقى بىلەن مۇددەرس بولىدۇ. ئۆزى نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەرشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ، خەلققە كىتابخانا ئېچىپ بېرىدۇ. مۇساھاجىم ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولۇپ تىجارەت، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇبايغا قالدۇرۇىدۇ. بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895-يىلى ياۋرۇپاغا يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مۇساھاجىمنىڭ ئىسمى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ، ياۋرۇپادا «مۇسابايوۋ» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
7-ھەسەنباي، باھاۋۇدۇنباي. مۇسا ھاجىمنىڭ ئۈچ خوتۇندىن ئالتە ئوغۇل، ئىككى قىزى بولغان. ئوغۇللار ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنباي، ئىمام مۇھەممەد، ھېسامىدىن، ئوبۇلھەسەن، ئابدۇللا، مۇساھاجىم ئۆزنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارس قىلىدۇ. ھۈسەنباي ئومومىي ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرۇدۇ. باھاۋۇدۇنباي ئىچكى-تاشقى سودا ۋە سېتىۋېلىش ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمام مۇھەممەد ئىلىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا، ھېسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قوشۇمچە كەسىپلىرىگە، ئوبۇلھەسەن خوتەن، يەركەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئىشىغا قوشۇپ چەتكە ئېكسپۇرت قىلىش، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش (گۇما، قاراقاش، خوتەن، يەركەن، قەشقەر، ئاقسۇ بولۇپ سەككىز چوڭ مويكا، پاختا، يۇڭ پېرسلاش ئورنى، بۇلارنىڭ ھەربىرىدە 150تىن 400 گىچە ئىشچى بار) ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. كېيىن ئوبۇلھەسەن ھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ.
ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە 1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ. بۇ چاغدا، ھۈسەنباي ھاجىم ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسا بايوۋ(1972-يىلى تۈركىيەدە ۋاپات بولغان) باھاۋۇدۇنباي ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋ (1979-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى) ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ.
پۈتۈن مال-مۈلۈك بىر مىليارد 562مىلىيون137 مىڭ 193سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا ۋە 23 مىلىيون 161مىڭ 665 سوم مېكسىكا پۇلى(تاشقى پېرېۋوت) بولۇپ، بۇنىڭ %54 تى 843مىلىيون 554مىڭ سو ئىلى تاۋارىنى ئاقچا، 12 مىلىيون 507مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوۋ ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قالغان ئومومي مال-مۈلۈكنىڭ %46 نى 718مىلىيون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋانى ئاقچا ۋە 10 مىلىيون 654مىڭ سوم مېكسىكا پۇلىنى ئىسمائىل موسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ 2-ئايالدىن بولغان ئابلىز مۇسابايوۋ(1984-ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان). ئابلەھەي مۇسابايوۋ (1970-يىلى تۈركىيەدە ۋاپات بولدى.)، مىجىت مۇسابايوۋ (1973-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالمۇتادا ۋاپات بولدى) لار بىر بولىدۇ.3-ئايالىدىن بولغان ئابلەھەي موسابايوۋ (1987-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولدى) ، تەلئەت مۇسابايوۋ (ھازىر تۈركىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ چەتئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ)، نېلۇپەر مۇسابايوۋ (1982-يىلى پارىژدا ۋاپات بولدى). دىلناۋاز مۇسابايوۋ (1984-يىلى لوندۇندا ۋاپات بولغان9، بۇلار بىر بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.
باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسا بايوۋدىن بولغان پەرزنتلىرى ئانسىنى ئاساس قىلىپ بۆلۈنىدۇ. شۇندىن كېيىن، ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي بالىلىرى مەلۇم شەكلىدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ (زاۋۇت تىجارەتى بىلەن بولغان)، باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنۋەر مۇسابايوۋ. 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغاقاتنىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرال-ياراق سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پۇل چىقىرىش ئىدارىسنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئىككى قېتىم« ئىنقىلاب» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ.  ئازادلىقتىن كېيىن، مىللەتلەر ئىسنتىتوتىدا تەربىيلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1955-يىلى مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە  ئۆتكەندىن كېيىن، ئابلىز مۇسا بايوۋمەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك شىركىتىنىڭ  مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپلەرنى ئۆتەيدۇ. قالغان ۋارسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى سىرتىغا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارسلىق قىلماقتا.

3. مۇسابايوۋلار ئائىلىسنىڭ ئىچكى سودىسى
مۇسابايوۋلا 1895-يىلى غۇلجا شەھىرىە «مۇسابايوۋ بۇرادەرلىر شىركىتى» ناملىق باش تىجارەتخانىنى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، خوتەن، يەركەن، قارا شەھەر، كۇچا، قاغىلىق، گۇما، مارالبېشى(بارچۇق) ئاقسۇ، شىخۇ، ماناس قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزغان سودا خادىملىرى ۋە قۇرغان سودا دۇكانلىرى ئاساسىدا، بۇ جايلاردا شۆبە شىركەتلەرنى قۇرۇپ، تىجارەتنى ھەرقايسى ناھىيە بازارلىرىدىن تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلار ئارسىغىچە كېڭەيتىدۇ. 1988-يىلى تېپىلغان مۇسابايوۋلا ئارخىپىدىكى بىر پارچە خەتتە يېزىلىشچە، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نىيە، كېرىيە، زاۋا، چىرا، چاقىلىق قاتارلىق جايلار ھەتتا كۆكيار قىرغىز جاڭگىلىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە ئۇلارنىڭ يەرلىك مال سېتىۋالغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ، مۇسابايوۋلار ئۇلارغا سانائەت ماللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە مۆھلەت بىلەن ئالدىن پۇل ئالماي سېتىپ بېرشكە بېرىدىكەن. مال ئالغۇچىلار ساتقان مالنىڭ پۇلغا چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات تېرسى قاتارلىق خام ئەشيالارنى سېتىۋېلىپ، مۇسابايوۋلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خىزمەت ھەققى ئالىدىكەن. بۇ مۇسابايوۋلارنىڭ سېتىۋېلىش خادىملىرىنى جەلىب قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن، قاراقاش، گۇما، قاغىلىق، يەركەن، قەشقەر (قەشقەردە ئىككى مويكا ۋە ئىككى يۇڭ پرېسلاش ئۇرنى بار). ئاقسۇ، قارا شەھەر، شىخۇ، ماناش، ئىلى، تېكەس، بورتالالاردا ئۇلارنىڭ مويكىسى، تېرە-ئۈچەي خادىملىرى بار ئىكەن.
مۇسابايوۋلارنىڭ تاشقى سودا ئۈچۈن سېتىۋالىدىغان ماللىرى پاختا، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر، ئۈچەي، ئات يايلى، قۇيرۇقق، ئات، قاما، سۇغۇر، ئوغلاق، قوزا، بۇلغۇن، سۈلەيسۇن، سۇ چاشقىنى، ئالا سۆسەر، تۈلكە، يىلپىز، بۆرە، ئىت، ئۆچكە، قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى، يەرلىك گىلەم، ھەرخىل يىپەك رەخت، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار-دۇدۇن، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى، تاتلىق مېغىز، ياڭاق، بادام، گازىر، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ قېقى، بۇغا، بۆكەنلەرنىڭ ھۆل مۆڭگۈزى، زاراڭزا، ئازغان مۇنچىقى، ياۋا چىگە، چۈچۈكبويا، سۇرۇنجان، ئابدىمىلىك قاتارلىق دورا ماتېرىيالىرى، ماتا، چەكمە، سەگەز، شاقاۋا، تولما، تاغار، خۇرجۇن، پالاس، كېگىز، شىرداق، جەيناماز قاتارلىق يەرلىك ماللار ۋە ئىمپورت قىلىنغان ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق تۇرمۇشىغا ئېھتىياجىلىق، يەرلىك ئىشلەپچىقارغان ئىشتانباغ، شۈمەك، ژىك، تۈكچە، پوزا، رېپىدىگە ئوخشاش مال بولسىمۇ، ساتقۇچىنى قۇرۇق قول قايتۇرماي، سېتىۋالغان، سېتىۋالغان بۇ خىل ماللارنىڭ چەتئەلگە لايىقلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىپ، قالغانلىرىنى شەھەر، يېزىلاردا ساتقان، كىشلەر مۇسا ھاجىمدىن: « بىر تال ئىشتانباغ، بىر تال تۇخۇمنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولار؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: « بۇ پايدا ئۈچۈن ئەمەس، ئەلدىن ئەلگە نەپ، ساتقۇچى ھاجەتمەن، ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىپ قويمىساڭ، ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ، بۇ ئىش داۋام قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچىدۇ. بۇ ساۋابلىق ئىش ئەمەس......» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە بالىلىرىغا، ھەربىر سودا خادىمىغا شۇنداق قىلىشنى زىيان تارتسا ئۆزىنىڭ  (مۇساھاجىمنىڭ) ھېسابات دەپتىرىگە يېزىپ قويۇشنى تاپىلىغان. ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش دائىرسى ئەنە شۇنداق كەڭ بولغان.
سېتىش دائىرسىمۇ كەڭ بولۇپ، ساتىدىغان ماللىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن خوتەننىڭ گىلەم، ئەتلىسى، يەركەننىڭ بەقەسەم، بەشباغلىق ماتاسى، خاڭدىنىڭ گۈللۈك پالىسى، خانىئېرىقنىڭ ماتاسى، ئاۋاتنىڭ چەكمىنى، قەشقەرنىڭ سەگەز، چوتا، ھەمزۇل، شاتاۋا، شەتلەڭگە، تېرىكە قاتارلىق ماللىرى چەتئەلنىڭ ھەرخىل يۇڭ، يىپەك، تېرىكە، چىپەرقۇت قاتارلىق رەختلىرى، تۆمۈر قاڭالتىر، قەنت، شېكەر، كەمپۈت، كىرسىن، سەرەڭگە، يىپ-يېڭنە، چىنە-قاچا، باش-ئاياغ كېيىم، ئەتىر، يۈز سوپۇن، يۈز ماي قاتارلىق بۇيۇملىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سايمانلىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن سانائەت ماللىرىدىن ئىبارەت بولغان.
مۇسابايوۋلار ئۆز تىجارىتىدە پىلانلىق تەمىنلەشنى يولغا قويغان. مەسىلەن سودا ۋاكالەتچىلىرىنى، مال، پۇل بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن، جايلارنىڭ ئاھالە نوپۇسى، مال چارۋېسى، يېز ئىگىلىكى، بازار سودىسى ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ، بېرىپ ئېھتىياجىغا قاراپ پىلانلىق تۈردە مال پۇل بەرگەن. شۇڭلاشقا ئۇبۇرتقا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن. سېتىۋېلىش-سېتىش بالانىس بوۇپ ئوبۇرۇت راۋانلاشقان.
بازار ئەھۋالى ئايمۇئاي ئىگىلىنىپ تۇرغان، مەسىلەن، 1917-يىلى 25-ئىيۇلدا مۇسابايوۋغا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە: « تېرىلەرنى قېقىپ، ناقتالىن سېلىپ تۇرۋاتىمىز. نەرخى ئەھۋالى مۇنداق: بازاردا گەزمال يوق. چىت بىر سوم 50 تىيىن، تېرىكە 15سوم، تۆت كۆرە بۇغداي 50 سوم، سۇلۇ بەش سوم 50 تىيىن، گۈرۈچ 14سوم، ناقتالىن 120 سوم(بازاردا يوق)، بىر خىش چاي بەش سوم، تاش چاي يەتتە سوم، باشقا ماللار مۇشۇ قاتاردا. بازار ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرىمەن. ئىسمەتوۋ» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن مۇسابايوۋلارنىڭ يالغۇز تاشقى سودىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىچىكى سودىدىمۇ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.
ئىچكى ئوبۇرۇت مەسلىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ماتېرىيال بولمىسىمۇ ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى، باھاۋۇدۇن باينىڭ ئوغۇللىرىدىن مەرھۇم ئىسمائىل مۇسابايوۋ، قېيۇم ئەپەندى ۋە زاۋۇتتا ئۇزۇن يىل ئىشلەپ كاسسىر بولغان ئابدۇللا ئەلا ھاجىملارنىڭ ئېيتقانلىرى ھەمدە بەزى مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەردە يېزىلىشىدىن قارىغاندا، ئىچكى ئوبوروت ئىككى بولغان، بىرى چەتئەل ماللىرى بىلەن يەرلىك ماللارنىڭ شىنجاڭ دائىرسىدىكى سېتىش ئوبوروتى بولۇپ، ئوبوروت سوممىسى يىلىغا ئۈچ مىلىيون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن بەش مىلىيون سوم ئالتۇن ئاقچىغىچە بولغان. يەنە بىرى يەرلىك خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئوبوروتى بولۇپ، سوممىسى مەلۇم يىللاردا بالانىس بولمىسا، كۆپ يىللاردا ئىككى مىلىيون سوم ئالتۇن ئاقچدىن چۈشمىگەن. تۆت مىلىيون سوم ئالتۇن ئاقچدىن ئېشىپ كەتمىگە.
ئىزاھات: ئالتۇن ئاقچا(سوم) خەلقئارا پۇل بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭدا خەجلەنگەن، مۇسابايوۋلارنىڭ پۇل مۇئامىلىسى ئالتۇن ئاقچىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ پېتى بايان قىلىندى.

چەتئەل سودىسى، يەرمەنكە ۋە ئىككى قېتىملىق زور پايدا
مۇسا ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم باھاۋۇدۇنباي 1895-يىلى قۇرۇلغان «مۇساۋابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» نى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا باش قاتۇردى. ئاخىر ئۇلار ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىردەك راۋاجلاندۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىر قسىم مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئارتۇق مالنى ئېلىپ (بۇ ماللارنىڭ تىزىملىكى 3-قىسىمدا تەپسىلى بېرىلگەن) ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە ياۋۇرپاغا بارىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن سودا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋۇرپا ئەللىرىنىڭ سودا-سانائەت، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى كۆزدىن كۆچۈرىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى، يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى ئۇلاردا چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سودا بىلەن سانائەتنى جىپسىلاشتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ، چەتئەلنىڭ سانائەت ماللىرىنى كىرگۈزىدۇ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى چىقىرىدۇ. ئۇلار 63 خىل تاۋارنى ئىمپورت قىلىپ، خەلقنى تەمىنلەيدۇ. ئەنە شۇ خىلدىكى كۆپ قېتىملىق سودا ئارقىلىق، ئۇلار ياۋرۇپا ئەللىرىگە تونۇلىدۇ.
ئۇلار چەتئەللەردىكى زانىۋى كۈن-خرۇم زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، 1885-يىلى مۇسا ھاجىم كۆرەدە قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قول سانائەت كارخانسىنىڭ تولىمۇ قالاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە 1895-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كارخانانىنى ھازىرقى ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئورندىكى ئىككى قەۋەتلىك ئىشخانا بىناسىدىن شىمال تەرەپكە ئۇزۇنلىقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 400 مېتىرلىق دائىرىگە كېڭەيتىپ، سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ. لېكىن بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدۇ. ئۇلار روسسىيەگە زامانىۋى كۈن-خرۇم زاۋۇتى ئۈسكۈنلىرىنى سېتىۋېلىش تەلپىنى قويغان بولسىمۇ، روسسىيە ھۆكۈمىتى مۇسابايوۋلارنىڭ زامانىۋى سانائەت كارخانسى قۇرۇشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ سېتىپ بەرمەيدۇ. ئەمما مۇسابايوۋلار ئەۋلادى شىنجاڭدا سانائەت كارخانىسى قۇرۇش ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي، قۇرغۇسى سانائەت كارخانىغا لاياقەتلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەللەرگە ئوقۇغۈچى چىقىرىدۇ.
1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ يەرمەنكىگە ئالدى يەتتە يىل، ئەڭ كەينى يىل تەييارلىق كۆرگەن چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يەرلىك ماللىرى ۋە بازار ئىزلەپ كەلگەن چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇ خىل سانائەت ماللىرى قويۇلىدۇ. بۇ يەرمەنكىگە تاشكەنتلىك ئۆزبېك سودىگەر ئەرشانباي پۈتۈن تۈركىستاندىن (ئوتتۇرا ئاسىيادىن) يىغقان بىرقانچە يىللىق پاختىسىنى قويىدۇ. بۇ پاختىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ تىللاغا يېتەتتىكەن. يەرمەنكە باشلانماي تۇرۇپ. ئالدىن كەلگەن سودىگەرلەر يەرمەنكە مال كۆرۈۋاتقان مەزگىلىدە، بىر ئىنگىلىز سودىگەر ھۈسەنبايغا: سىز ئۆزبېك تىلىنى بىلىدىكەنسىز، بۇ پاختىنى ماڭا سودا قىلىپ قويسىڭىز، دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. ھۈسەنباي پاختىنىڭ كىلۇسىغان 80 تىيىندىن باھا قويۇپ، ئىنگىلىز سودىگەر سودا قىلىپ قويىدۇ. ئىنگىلىز سودىگەر پاختىنىڭ ئومۇمىي باھاسنى بىلگەندىن كېيىن، پۇلى يەتمەي بۇ سودىدىن يېنىۋالىدۇ. يەرمەنكە قائىدىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقانلار مالغا ئالدىراپ باھا كەسمەلىك، ئەگەر كېسىلىپ، ئالغۇچىيېنىۋالسا، بۇ مالنىڭ سېتىلماي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باھا كەسكۈچى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنداق قېلمىغاندا، بۇ يەرمەنكىدە سېتىلمىغان مال يەنە نەچچە يىل يەرمەنكە كۈتۈشى لازىم بولۇپ،  مال ئىگىسىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. ئەنە شۇ سەۋەب بىلەن 100 مىڭ تىللالىق پاختا ھۈسەنباينىڭ ئېلىشىغا قالىدۇ. ئاخىرى ژاخارمارۇژۇۋ ئسىملىك بىر ھەھۇدىي سودىگەر ئۇنىڭغا ئۇچۇر بېرىپ: « ياۋرۇپادا ئاپەت يۈز بېرىپ، پاختا ئۆكسۈپ قالدى. نۇرغۇن زاۋۇتلار خام ئەشيا يوق توختاپ كەتتى. پات ئارىدا بۇ يەرمەنكىگە بۇ يەرمەنكىگە ياۋرۇپالىق توقۇمچىلىق فابرىكا كاپىتالىستلىرى كېلىدۇ. پاختا ياخشى ئىكەن. ياخشىسى شۇلارنى كۈتكىنىڭ تۈزۈك» دەپ تەكلىپ بېرىدۇ، دەرۋەقە يەرمەنكە باشلانغاندا، ياۋرۇپالىق سودىگەرلەر يېتىپ كېلىدۇ. ھېلىقى يەھۇدىي ژاخارمارۇژۇۋنىڭ سودا قىلىپ باھا كېسىشى بىلەن ھۈسەنباي پاختىنى ( قىممىتى 100 تىللا، يەنە بىر دانە تىللا 10 سومدىن جەمئىي 1 مىلىيون سوم تىللالىق پاختا) بىر سوم يىگىرمە تىيىندىن (ئېلىشى 80تىيىندىن) يېرىم ھەسسە پايدىغا پادىن دېگەن سودىگەرگە سېتىپ، 50 مىڭ تىللا (500 مىڭ سوم تىللا پۇل) ساپ پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈسەنباي موسكۋا يەرمەنكىسىگە ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ماللىرى، ئىچىكىرى ئۆلكىلەرنىڭ چاي، يىپەك رەختلىرى ۋە باشقا ماللارنى سېتىپ كۆپ پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسنى تىكلەيدۇ.
شۇ يىلى ھۈسەنباي سودىسىنى ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىپ، بىر تەرەپتىن سودا قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەج قىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە پايدىسىدىن زاكات ئايرىپ، زاكات پۇلغا مەككىدە «تەكخانا» (ھاجىلار چۈشىدىغان ساراي) ياسايدۇ ۋە تاۋاب مەزگىلىدە ھاجىلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشغا تاپشۇرۇدۇ. ئاندىن مەدىنىدە سودا ساراي ئېچىپ تىجارەت قىلىدۇ.
شۇ يىللىرى، نېمىسلار بىلەن تۈركىيە باغدات ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول ياساپ، پاي چېكى ساتىدۇ. ھۈسەنباي ھاجى 40 مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى گېرمانىيەلىك كاپىتالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ.
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە سودا قىلىشقا ۋە شۇ پۇرسەتتە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىدە تىجارەت قىلغان تېرە زاۋۇتى، توقۇمچىلىق زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
1910-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە بولغان مەزگىل مۇسابايوۋلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ «تېرە زاۋۇتى»دا ئىشلەنگەن كۆن-خرۇم، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك، بەتىنكە ۋە باشقا 40 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى شىنجاڭ ئىچىدە بازار تېپىپلا قالماستىن، خەلقئارا بازاردىن ئورۇن ئالدۇ. پۈتۈن ئاسىيا بازارلىرىدا ئەتىۋارلىق مال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ زامانلاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە « ئىلى تېرە زاۋۇتى» دەك بىر زاۋۇت يوق ئىدى. مۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە، مۇسابايوۋلارنىڭ تىجارەتخانىسى(شىركەت)نىڭ ئوبوروت كاپىتالى 1 مىلىيون سوم ئالتۇن پۇلدىن ئېشىپ، شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويچىمۇ ئاتاقلىق مىليىونېر بولۇپ تونىلىدۇ.
1921- يىلى ھۈسەنباي ھاجى تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يەرمەنكىگىمۇ شىنجاڭنىڭ 83 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن كۆن، خرۇم، بولغارا، مەسكاب-چېگىرىن، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ھەرخىل ئاياغ كېيىم، پەلتۇ، پالشوپكا، كاژانكا، شەپكە، شىم(ئىشتان)، سومكا، چامادان، ئات ئىگەر جابدۇق، ھارۋا جابدۇق، بەل تاسما(رېمىن) قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ يەرمەنكىدە ساتقان كېيىن، ئۇ يەردىن  ھەرخىل رەڭ(بولۇپمۇ يۇڭ تېرە بويايدىغان بوياق)، ھەرخىل يۇڭ-پاختا، يىپەك رەخت، تۆمۈر، قاڭالتىر، قەنت، شېكەر ھەتتا سەرەنگە قاتارلىق 40 نەچچە خىل مالنى ئېلىپ، شىنجاڭ بازارلىرىنى قامدايدۇ.
مۇسابايوۋلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ۋە ئىچكى-تاشقى سودىدا تاپقان پايدىسى 100 مىڭ سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغان ئىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنبايلار سوۋېت ئىتتىپاق بىلەن دادىل سودا قىلىدۇ. 1923-يىلى باھاۋۇدۇنباي موسكۋاغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن كالىننىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسى ئورنىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابايوۋلار تىجارەتخانىسى ئىلى قورغا چېگىرىسى، ئەركاشتام (ئۇلۇغچات سىمخانىدا) ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 700 توننىدىن ئارتۇق قوي يۇڭى، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي، 30 مىڭ باشتىن ئارتۇق ئات، كالا، نەچچە يۈزمىڭ تال پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۈچەي، سۇغۇ، بۇرسۇق، تۈلكە، سۈلەيسۇن، تىيىن، بۆرە تېرىلىرى، ئەلتېرە، مارىيى، نەچچە ئون مىڭ توننا قۇرۇتۇلغان يەل-يېمىش، ئاشلىق، مايلىق دان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا گراژدانلار ئۇرۇشى پارتىلاپ، قەھەتچىلىك يۈز بەرگەچكە، بۇ نەرسىلەر بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.
ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ. ئەممە تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرشتىن توختاپ قالماي، 1949-يىلىغىچە ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارلارنى مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋاملىق قامداپ تۇرىدۇ.
1956-يىلى جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىدا كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە شۇ يىللىر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ماللىرى بىلەن ئاۋات ئىكەن.

5. مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە تىجارەت قىلىشقا ۋە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيە سانائېتىنى تەپسىلى كۆزىتىش ئارقىلىق، كۆن-خرۇم ئىشلەش زاۋۇتى ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇ مەزگىللەردە، گېرمانىيىدە زامانىۋي ئۈسكۈنىلەرنى قوشقا دۆلەتلەرگە چىقىرىش مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ، شىنجاڭ ئايرىم قىتئەگە جايلاشقان يىراق بولغاچقا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باھاۋۇدۇنبايغا سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ.
باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىنىڭ مايىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان فرانفورت شەھىرىدىكى « FRANCRORAM YRISVDNOEM» غا ئالدىن 500 مىڭ سوم ئالتۇن پۇل زاكالەت بېرىپ، كۆن-خرۇم زاۋۇتىنى زاكاز قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، ستانوك، كەپشەرلەش ماشىنىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋالىدۇ. باھاۋۇدۇنباي يەنە ئىنژېنېر، رېمۇنت مۇتەخەسسىسى، ئېلېكتىر مېخانىك، تېلېگراف خادىمى، كۆن-خرۇم ئىشلەش مۇتەخەسسىسى قاتارلىق تېخنىك خادىملارنى شىنجاڭدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى مائاش بېرىش ھەققىدە كېپىللىك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، زاۋۇت قۇرۇشقا مەسئۇل ئىنژېنېر بىلەن تېلېگراف خادىمى ئىككى يىللىق، باشقا خادىملار بەش يىللىق مۇددەت بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە كەسىپلەر بويىچە شاگىرىتلار يېتىشتۈرۈپ بېرىش شەرت قىلىنىغان بولۇپ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئىككى تەرەپنىڭ رايىغا قالدۇرۇلىدۇ.
گېرمانىيە سانائەت شىركىت توختام بويىچە زاۋۇتنى 1906-يىلى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇ يىلى گېرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىنىغان تېخنىك خادىملارنىڭ مەسئۇللۇقى بىلەن، زاۋۇت روسسىيە ئارقىلىق ئىلىغا توشۇلۇشقا باشلايدۇ. زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى روسىيە چېگرىسىغا كېرگەندە، ھاڭ-تاڭ قالغان چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمايدۇ. ھۈسەنباي ھاجى بۇ ئەھۋالنى دەرھال شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي مەمۇرى باش ۋالىيسى لەنكۈيگە مەلۇم قىلىدۇ. لەنكۈي بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، 1881-يىلى ئىمزالانغان «جۇڭگو-روسسىيە ئىلى شەرتنامىسى»دا بەلگىلەنگەن « جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى روسسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە، روسسىيەنىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى جۇڭگو زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن ماددىغا ئاساسەن، بۇ ئىشنى ئىلى گېنېرالىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللايدۇ. نەتىجىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چارروسسىيە ھۆكۈمىتى زاۋۇتنى 90 كۈن ۋاقىت ئىچىدە روسسىيە زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتسە زاۋۇتنى روسسىيىدە قۇرۇشقا ئۇقتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يەركەنت ۋالىسى ۋەلىباي يولداشوۋ (ئەسلى غۇلجىلىق ئۇيغۇر سودىگەر) ئارقىلىق، مۇسابايوۋغا خىزمەت ئىشلەپ، زاۋۇتنى روسسىيىدە قۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما مۇسابايوۋلار رەت قىلىپ، زاۋۇت ئۈسكىنىلىرىنى يۆتكەشكە كىرىشىدۇ.
زاۋۇت ئۈسكۈنلىرى گېرمانىيەدىن پويىز بىلەن روسسىيەنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە توشۇپ كېلىنىدۇ. ئومىسكى ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق پاراخۇت بىلەن سىمپولاتنسكى شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئەمدى سىمپولاتنسىكىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا ئېلىپ كېلىش قالىدۇ. بۇ يولنىڭ ئارىلىقى 100 كىلۇمېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چارروسسىيە ھۆكۈمىتى خىلمۇخىل توساقلارنى قۇرۇپ، ئۇلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتقان ئىدى. ئەمما مۇسابايوۋلار قەتئىي تەۋرەنمەي جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، 100 كىلۇمېتىر ئارىلىقىنىڭ ئويمان-دۆڭ يەرلىرىنى تۈزلەپ، 286 ئورۇنغا چوڭ-كىچىك كۆۋرۈك سالىدۇ. زاۋۇت ئۈسكىنىلىرىنى چۇۋۇپ پارچىلايدۇ. ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۆت توننا، ئەڭ يېنىكى بىر يېرىم توننا كېلەتتى. بۇلارنى توشۇش ئۈچۈن ئېغىر يۈك كۆتۈرىدىغان ھارۋىلار ياسىلىدۇ. 96 باش چوڭ كىچىك ئۆكۈز تەييارلىنىپ، ھەربىر ھارىۋىغا ئالتىدىن 12 گىچە ئۆكۈز قېتىلىدۇ. زاۋۇت غۇلجىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، زاۋۇت قۇرۇلۇشى 1907-يىلى كۈزدە باشلىنىپ، 1909-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرلىدۇ، ئوتقا چىداملىق خىش، سېمۇنت، پولات قاتارلىق ماتېرىياللار روسسىيىدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. زاۋۇتقا جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ سوم ئالتۇن پۇل چىقىم بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىر سەر ئالتۇن 40 سوم ئالتۇن پۇلغا باراۋەر بولۇپ، يۇقىرىقى چىقىم سوممىسىنى ئالتۇنغا سوندۇرغاندا، 300 مىڭ سەر ئالتۇن بولاتتى.
مۇسابايوۋلار تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، يىلىغا40 مىڭ جىڭ پارچە چوڭ تېرە (ئات-كالا تېرىسى)، 600 مىڭ پارچە كىچىك تېرە ( قوي-ئۆچكە تېرىسى) ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. ئىشچى سانى دەسلەپكى مەزگىلىدە 166 نەپەر بولۇپ، يەنە كۈنلۈك ئىشچى ياللانغان، كېيىن ئېھتىياجغا قاراپ ئىشچى قوبۇل قىلىنىپ، ئىشچى سانى بىر قانچە يۈز نەپەرگە يەتكەن. زاۋۇت كۆن، خۇرۇم، مەسكاپ، چەم، چىگرىن،  شاۋرۇن قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە، شام، سوپۇن، تۈگمە، يار يېلىم، ھەرخىل ئاياغ كىيىم، ھەرخىل خۇرۇم چاپان، تاسما، شەپكە، ئىگەر جابدۇق، ھارۋا جابدۇق قاتارلىق 12 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان.
ھۈسەنباي ھاجى 1909-يىلىدىن باشلاپ زاۋۇتنى ئۆزى باشقۇرۇپ كەلدى. 1926-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى سابىت ئەپەندى 1933-يىلىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن مىجىت ئەپەندى 1938- يىلىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن تەلئەت ئەپەندى 1950-يىلىغىچە، 1950-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە مىجىت، ئابلىز، ئىسمائىل، ئابدۇقېيۇم ئەپەندىلەر باشقۇرۇپ كەلدى. 1955-يىلى زاۋۇت ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆزگەردى. مىجىت، ئابدۇقېيۇم ئەپەندىلەر خۇسۇسىيلار تەرەپ زاۋۇت باشلىقى بولدى. ھازىر بۇ  زاۋۇت تولۇق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت بولۇپ، ئىلى كۆن خۇرۇم زاۋۇتى دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇشۇمچە تەپسىلات: 1909-يىلى زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ھۈسەنباي ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا مېڭىش ئالدىدا، ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق سودىگەر روزى ھاجىمنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن ھۆكۈمەت بانكىسىدىن 200 مىڭ سەر قەغەز پۇل قەرز ئالىدۇ. بانكا بۇ پۇلنى ئىلى بانكىسىنىڭ ھېساباتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىلى گېنېرالى پۇلنى قايتۇرماسلىق، زاۋۇتقا شېرىك بولۇش تەلىپىنى قويىدۇ. ھۈسەنباي ماقۇل بولىدۇ. گېنېرال مۇچۇن دېگەن موڭغۇل ئوفىتسېرنى دېرىكتور قىلىپ ئەۋتىدۇ. ئەمما زاۋۇتنى ياخشى باشقۇرۇلمىغاچقا زىيار كۆرۈلىدۇ. گېنېرال پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ، شېرىكلىكتىن چىقىدۇ.

6. مۇسابايوۋلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى
مۇسابايوۋلار كارخانا باشقۇرۇشتا، ياۋرۇپا كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىش كۆرۈپ، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلغان ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرغان.
1. مۇسابايوۋلار 1895-يىلى غۇلجىدا قۇرغان « تىجارەتخانا ھۈسەن موسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» دە تەسىس قىلىنغا ئىشخانىلار: (1) دىرېكتور ئىشخانسى؛ (2) باش بوغالتىر ئىشخانسى؛ (3) مالىيە ھېسابات بۆلۈمى؛ (4) تىجارەت بۆلۈمى؛ (5) چارۋىلىچىق بۆلۈمى؛ (6) تېخنىك-سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمى؛ (7) ئومۇمىي ئىشلار بۆلۈمى، بۇ بۆلۈم خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، ئىش ھەققى بېكىتىش، ئىش تۈزۈمى ئىشچىلار تۇرمىشى، ئىش كىيمى تارقىتىش، يىلدا بېرىلىدىغان قىشلىق-يازلىق كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئېچمەك، قىينىچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان ياردەم، زاۋۇت مېھمانخانسى، ئاشخانا، ئۆلۈم-يېتىم، توي-تۆكۈن، داۋالاش، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، ۋاقىتلىق ئىشچى قوبۇل قىلىش، كۆزەتچىلىك، ئىسكىلات باشقۇرۇش، خەت-چەك تاپشۇرۇۋېلىش-تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
باش تىجارەتخانىنىڭ ئومۇمىي تۈزۈمىدە ھەرقايسى بۆلۈمدە باش دىرېكتورلارغىچە تالۇنلۇق ھېسابات يۈرگۈزۈلەتتى. ھەتتا باش دىرېكتور ھۈسەنباي ھاجىم بىر پۇڭ ئالماقچى بولسىمۇ، تالۇنلۇق ھېساب ئاچقان. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئەۋلادىنىڭ بەلىگىلەنگەن مائاشتىن سىرت پۇل ئېلىشى مەنئىي قىلىنغان. زۆرۈر تېپىلغاندا، دىرېكتور ياكى باش بوغالتىرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاۋانسا(قەرز) ئېلىپ قايتۇرغان.
يۇقارقى بۆلۈملەر ئىچىدە تىجارەت بۆلۈمى دائىرسىدە ناھايىتى كەڭ ئالاھىدە بۆلۈم بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تىجارەتنى كېڭەيتىپ ھەم جانلادۇرۇپلا قالماستىن، روسىينىڭ سىمپولاتنسىكى، يەركەنت، موسكۋا قاتارلىق جايلىرىدا بانكا ھېسابات نومۇرى ئاچقان. (بانكا ھېساب نومۇرلىرى: سىمپولاتنسىكى بانكىسى ھېساب نومۇرى 4830؛ يەركەنت كازناچىستۋا بانكىسى 67629؛ موسكۋا بانكىسى 19378؛ روسىيە- ئاسىيا بانكىسى 35؛ روسىيە – ئاسىيا بانكىسى غۇلجا شۆبىسى 107 قاتارلىقلار).
جايلاردىكى شۆبەر شىركەتلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى. جايلار مال بىلەن تەمىنلەش ياكى سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىشتىن ئىلگىرى، جايلارنىڭ نوپۇسى، تەبىئىي بايلىقى، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، بازار ئەھۋالى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىپ تۇرۇلغاچقا، زاۋۇت مېلى ياكى يەرلىك مال بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كەلگەن. مۇسابايوۋلار ھەرقايسى شۆبە شىركەتلەرنىڭ ھەپتىدە بىر نۆۋەت بازار ئەھۋالى، بازار نەرخىدىن دوكىلات بېرىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، باھا بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە بىر مېتىر چىت بىر يۈەن، بىر جىڭ يۇڭ بىر يۈەن، خوتەندە بىر مېتىر چىت 1.5 يۈەن، بىر جىڭ يۇڭ بەش مو بولسا، ئۇلارنىڭ خوتەننىڭ چىت ۋە يۇڭ باھاسىنى مۇقۇملاشتۇرۇشتا، ئۈرۈمچىدىكى بىر يۈەنلىك چىتكە خوتەنگە بارغىچە بولغان چىقىم بىر ياكى ئىككى مونى قوشۇپ، خوتەندىكى چىت باھاسى 1.2 يۈەن قىلسا، يۇڭنى خوتەن باھاسى بويىچە بەش مودىن ئالىدۇ. يۇڭ ئىككى مو چىقىم بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلسە، ئۈرۈمچى باھاسىدىن يەنىلا ئۈچ مو ئەرزار ئىلىنغان  بولىدۇ. بۇنى چەتكە چىقارغاندا، نەچچە مېتىر چىتقا ئالماشتۇرۇلىدۇ. چىت شىنجاڭغا كەلگەندە بىر قانچە جىڭ يۇڭغا ئالمىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللانغان بۇ ئۇسسۇلى بازارنى مۇقىم قىلىپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوبوروت راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتلىرىدە ئىجابىي رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مېلى ئالتە ئايدىن ئارتۇق بېسىلىپ قالمىدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا ئىككى قېتىم ئوبوروت قىلىندى.
مۇسابايوۋلار توپ-پارچە سېتىشنى بىرگە ئېلىپ بارغان بولۇپ، خېرىدارلارنى جەلىب قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا چوڭ سارايلارنى قۇرۇپ، سودىگەرلەرگە قولايلىق يارتقان. شۆبە شىركەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم سارايغا چۈشسسە قونالغۇ ھەققىي ئالمىغان. قونالغۇغا چۈشكەنلەرنى نان-چاي بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، بىر ۋاخ ھەقسىز تاماق بەرگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ خېرىدارى كۆپەيگەن ۋە جايلارنىڭ بازار ئەھۋالى شۆبە شىركەتلەر ئارقىلىق ئىگىلىنىپ، ھەپتىمۇھەپتە باش شىركەتكە مەلۇم قىلىنىپ تۇرۇلغان، شۆبە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى مەسىلىسى: ئۇلار سېتىۋالغان يەرلىك ياكى ساتقان تاۋار ماللارغا پىرسەنت ئالغان. پىرسەنت ئىككى پىرسەنتتىن بەش پىرسەنتكىچە بولغان.
2. تېرە زاۋۇتنىڭ ئىش ھەققى باشقۇرۇلۇشى. ئىشچىلار ئىش ھەققى ئالغان. يەنى ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق بېرىلگەن. ئەمما ئىشچىلار تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلغان. مەسىلەن: 1-دەرىجىلىك ئۇستا بىر دانە خۇرۇم ئۈچۈن بەش يۈەن ئالسا، 2-دەرىجىلىك ئۇستا تۆت يۈەن ئالغان، 3-دەرىجىلىك ئۇستا ئۈچ يۈەن ھەق ئالغان. لېكىن مەھسۇلات سۈپىتىگە دەرىجە قويۇلمىغان بولۇپ، 1-دەرىجە ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان. ئىش ۋاقتىنى كاسىپلار، قارا ئىشچىلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن. زاۋۇت كاسىپلار ۋە ئىشچىلارغا پەرتۇق، پەشتاما، خالات، رېزىنكە ئۆتۈك، پەلەي، كۈزۈتچىلەرگە يازلىق، قىشلىق كىيم-كېچەك قاتارلىق ئەمگەك-مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ تۇرغان. تۇرمۇش جەھەتتىمۇ تېگىشلىك غەمخۇرلۇقلار كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن: ھەقسىز تۈردە ئىشچىلارغا ئۈچ ۋاق تاماق بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە چۈشتە گۆشلۈك تاماق بېرىلگەن. ئىشچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى دوست-يارەنلىرى تاماقتا بىللە بولۇپ قالسا، ئۇلارمۇ ئوخشاش مېھمان قىلىندىۇ.
مۇسابايوۋلار ھەر يىلى باراي ئېينىڭ 30-كۈنى ئومۇمىي ھېسابات قىلىپ، يىغىۋېلىنغان ئاشلىق ۋە مال-مۈلۈك، نەق پۇلدىن زاكات ئايرىپ تۇرغان. ئۇنى ئاساسلىقى مەكتەپ قۇرۇشقا ۋەخەيرى- ساۋخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن (ئۇن چارەك ئاشنىڭ بىر چارىكىنى، مال-مۈلۈك، چارۋا مالنىڭ 40 تىن بىرسىنى زاكات ئايرىپ تۇرغان).
مۇسابايوۋلار كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادچانلىق بىلەن كارخانا باشقۇرۇپ، خام ئەشيالاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرشنمۇ يولغا قويغان. ئالايلۇق، ئات-كالا تېرىسىدىن قېرىۋېلىنغان يۇڭدىن پادىلىنىپ، كېگىزچىلىك كارخانسى قۇرغان. تېرىلاردىن قىرىۋېلىنغان مايدىن بولسا سوپۇن، شام ياساش كارخانسى، كالا مۈڭگۈزىدىن تۈگىمە ياساش كارخانىسى، ئۇندىن باشقا ئاياغ كىيىم، يار يېلىمى ئىشلەش كارخانىسى قۇرغان. خوتەندىن ئۇستا تەكلىپ قىلىپ، غۇلجىدا گىلەم زاۇۋتى قۇرغان. ئومۇمەن. مۇسابايوۋلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ۋە قۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقەتەن كىشنى قايىل قىلىدۇ.

7. مۇسابايوۋلانىڭ قۇرغان قول سانائەت كارخانىسى 11 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئىش تۈرى بويىچە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىلغان ئىدى.
(1) شامچىلىق؛ (2) سوپۇنچىلىق؛ (3) تۈگمىچىلىك؛ (4) يار يېلىم ئىشلەش؛ (5) ئىگەرچىلىك؛ (6) ھارۋا جابدۇق ياساش؛ (7) جۇۋىچىلىق؛ (8)  كېگىزچىلىك؛ (9) گىلەمچىلىك؛ (10) پىيماگات ( پىيمىچىلىك)؛ (11) موزدۇزلۇق. بۇ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقرىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان: شامچىلىق، سوپۇنچىلىق، كارخانىلىرىدا 10 نەپەردىن 20 نەپەرگىچە ئىشچى بولغان. ئىشلەپچىقىرىلغان شام ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك بولۇپ، 45 سانتمېتىرلىق چىركاۋ شامى، 30 سانتىمېتىرلىق بانۇس شامى، 20 ۋە 25 سانتىمېتىرلىق ئۆي شامى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىپ، بازارغا سېلىنغان ھەمدە روسىيىلىكلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان. موسكۋا، سانكىت-پېتر بورگ شەھەرلىرىمۇ ئالاھىدە ئۇلارغا شام زاكاز قىلىدىغان بولغان.  سوپۇنمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، مۇسا ھاجىم تاشلاندۇق يۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىلۋېلىپ، كېگىزچىلىك كەسپىنى يولغا قويغان. چىداملىق ۋە قېلىن بولغان ناماتمان كېگىزى دەل مۇسا ھاجىمنىڭ ئىجادىيىتى بوۇپ ھېسابلىنىدۇ (ناماتمان مەھەللىسى ئىلىدىكى كېگىزچىلىك كاسىپلىرى ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، ئۇلارنى مۇسا ھاجىم جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇرغان). ئۇلار تۈرلۈك گۈللۈك  كېگىزلەرنى ئىشلەپچىقارغا بولۇپ، ئىلى، ئالتە شەھەرنى تولۇقلاپ تەمىنلەپلا قالماستىن، ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ چىقىرىلغان. خىللانغان قوي يۇڭىدا گىلەم توقۇش، پىيما ئىشلەش كارخانسى قۇرلغان بولسىمۇ، تېخنىك ئۇستىلارنىڭ  ئۈزۈكچىلىكى تۈپەيلى گىلەمچىلىك كەسپىي ئانچە چوڭ تەرەققىي قىلالماي قالغان. پىيما سېخىدا بولسا 30 نەپەرگە يېقىن ئىشچى بار بولۇپ، ئىشلەنگەن پىيمىلار شىمالى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا سېتىلغان.
مۇسا ھاجىم مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ئەلا بولمىسا بازارغا سالمىغان. ئۇنىڭ چوڭ كارخانسىدا، ئات، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىرى پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ،  يەنە كۆن-خۇرۇم ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. سۈپەتلىك تېرىلەردىن كۆن-خۇرۇم، چەم ياسالسا، 2-دەرىجىلىك تېرىلەردىن ئىگەر جابدۇق ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىغا كېرەكلىك ماتېرىياللار ئىشلىنىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ياۋرۇپا بازارلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ كەسىپ ئالدىنقى ئەسىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ يەنى 1949-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلغىچە داۋام قىلغان.
مۇسا ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي ئۇنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېرە زاۋۇتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 1909-يىلى يىل ئۇلار گېرمانىيىدىن زامانىۋي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازارغا كىرىدۇ. چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزاق يىلغىچە ھەربىي ئاتنىڭ ئىگەر جابدۇقلىرى، قىلىچدان (غىلاپ)، سومكا، ھەربىي ھارۋا جابدۇقلىرىنى مۇسابايوۋلادىن ئالىدۇ. 1912- يىلى شىنخەي ئىنقىلابى باشلىنىش ھارپىسىدا، ھۈسەنباي قوزغۇلاڭچى ئارمىيىنى ئۆتۈك، ئات ئىگەر جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇسا ھاجىم قۇرغان جۇۋچىلىق كارخانسى تەرەققىي قىلىپ، يەرلىك جۇۋا، ھەربىي جۇۋا ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىك جۇۋىسى تاشلىق، تاشسىز ۋە ھەرخىل ياقىلىق بولۇپ، قوي تېرىسىدىن ئىشلىنىپلا قالماستىن، بۆرە، يىلپىز، تۈلكە، سۈلەيسۇن، تىيىن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە، بۇ كارخانا چارروسىيە ئارمىيىسىنى ئاندىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى. شىنجاڭدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ھەربىي جۇۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1944-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەم بۇ كارخانا تەرپىدىن ھەربىي جۇۋا بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ.
مۇسا ھاجىم ھايات ۋاقتىدا كالا، قوي، ئۆچكە مۆڭگۈزلىرى ۋە سۆڭەكلىرىنى يىغىپ تۈگىچىلىك كارخانىسى ئاچقان. مۆڭگۈزلەردىن قارا تۈگمە، سۆڭەكلەردىن ئاق تۈگىمە ياسالغان ( ئۇيغۇر تۈگمىچىلىك ئەزەلدىن سۆڭەكنى خام ئەشيا ماتېرىيالى قىلىپ كەلگەن) نەتىجىدە تۈگىمە ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىلگەن.
يار يېلىم كارخانىسىمۇ ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ كەلگەن. بۇ كەسىپتە ئاساسلىقى خام پىششىق تېرىلەردىن چىقرىۋېتىلگەن تاشلاندۇق نەرسىلەر، ھەرخىل خۇرۇچلار خام ئەشىيا قىلىنغان. يەنە بۇ نەرسىلەر قاينىتىلىپ يار يېلىم ياسالغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىياغا توننىلاپ ئېكسپورت قىلىنغان.
مۇسابايوۋلار كارخانىنى ئەنە شۇنداق ئىقتىسادجانلىق بىلەن باشۇرغان بولۇپ، بۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.

8. مۇسابايوۋلا ئاچقان تېخنىكار مەكتىپى ۋە ئاياللار مەكتىپى.

مۇسابايوۋ ئەينى مەزگىللەردە ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بارغاندا، چەتئەللەرنىڭ كۆن-خۇرۇم زاۋۇتلىرىنى ئىسكۇرىسىيە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ زاۋۇتلاردا يولغا قويغان تېخنىلىق باشقۇرۇش مېخانىزىمى ۋە تېخنىك ئشچىلارنىڭ مەشغۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھاجىم تېخنىك ئىشچى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخنىك يېتىشتۈرۈش مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدۇ. ئەمما مۇسا ھاجىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاغرىپ 1895-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولىدۇ. ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئوغۇللىرى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايغا: « مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتۇڭلار، خىراجەتنى زاكاتتىن چىقىرڭلار، يەتمىسە ئومۇمىي ئىقتىسادتىن ئاجىرتىڭلار...» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
1904-يىلى باھاۋۇدۇنباي مۇسابايوۋ گېرمانىيە سانائەت شىركىتىدىن كۆن –خۇرۇم زاۋۇتى كىرگۈزۈش توغرىسىدا كېلشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، جىددىي تەييارلىق قىلىپ، ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئورنىدا ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپى قۇرىدۇ. ئىمىر داموللا، نىزامىدىن قاتارلىق چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن 160 نەپەر كەمبەغەل دېھقان بالىسىنى ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. كەسپىي جەھەتتىن گېرمانىيىلىك ئىنژېنېر ماگىن كۆن-خۇرۇم ئىشلەش تېخنىكىسى، خام تېرە، پىششىق مەھسۇلاتلارنى پىرىيوم قىلىش ھەققىدە دەرس ئۆتىدۇ. 1-قاراردا ئوقۇغان 160 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇرۇلۋاتقان زاۋۇتنىڭ تايانچ تېخنىك خادىملىرىغا ئايلىنىدۇ. 2- تۈركۈمدە يەنە 300 نەپەر ئوقۇغچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچى-دېھقان بالىلىرى بولۇپ، يۇقىرىقى دەرسلەردىن باشقا يەنە ياغاچچىلىق، تامچىلىق، موزدۇزلۇق، ماشىنچىلىق، ھارۋا ياساش قاتارلىق 19 ھۆنەرنى ئۆگىنىدۇ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن، خالىغانلار ئىلىدا قالىدۇ، كۆپىنچىسى يۇرتىغا قايتىدۇ، مۇسابايوۋلار يۇرتقا قايتقانلارغا سايمان ۋە يول خىرجىتى بېرىدۇ. 3-قاراردا 120 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار يۇقىرىقى پەنلەردە ئوقۇغاندىن سىرت، زاۋۇت كەسپى، بوغالتىرلىق، ستاتستىكا، كارخانا باشقۇرۇش كەسىپلىرىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئاز ساندىكىلىرى زاۋۇتقا ئىشلەيدۇ. كۆپلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بەزىلىر جايلاردا مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ۋاكالەتچى خادىملىرى بولۇپ قالىدۇ. ئومۇمەن مۇسابايوۋلار قورغان ئىشچىلار تېخنىكا مەكتىپى جەمئىي ئۈچ قاراردا 580 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ تەربىيلەيدۇ، 1949- يىلى زاۋۇت رەسمىي ئىش باشلىغاندا، ئۇلاردىن 200 نەچچە نەپىرى زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ مەزگىللەردە زاۋۇت باش بوغالتىر، كاسسىر، ساتستىكا خادىمى، پىلان خادىمى، كاتىبات مەسئۇلى قاتارلىق خادىملارنى روسىيىدىكى روس، تاتار مىللەتلەردىن، زاۋۇت تېخنىكا خادىملىرىنى گېرمانىيىدىن تەكلىپ قىلغان. بۇ مۇتەخەسسىلەر زاۋۇتقا قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن بوغالتىر، كاسسىر، سىتاتستىكىچى، شورنىك، پرىيۇمنىك، سىلسار، توكار، قويمىچى، ئەيلەمچى قاتارلىق يارملىق خادىملار ۋە تېخنىك يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساۋۇت ئىلى ياڭخاڭ، زۇنۇن تېيىپ (گېنېرال زۇنۇن تېيىپ)، ئابدۇرۇپ ئاخۇن، كېيىنكى ۋاقىتتا سانائەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ  مۇدىرى بولغان شاۋۇدۇن ئاخۇنلار بار ئىدى.
ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي ئۆز ئوغۇللىرىدىن سابىت ئەپەندى، ئابلىز ئەپەندى، ئىسمائىل ئەپەندى، ئابلەھەي ئەپەندى، مىجىت ئەپەندى، ئابدۇقېيۇم ئەپەندى، ئابلەت ئەپەندى، تەلئەت ئەپەندى، فۇكرات ئەپەندى قاتارلىقلارنى تۈركىيە روسىيىلەردىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. مىجىت ئەپەندى بىلەن ئابدۇقېيۇم ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن، بونىن شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىنژېنېر، ماستىر ياللايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار بىلىم ئالغاندىن كېيىن، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. زاۋۇت باشقۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ.
1912-يىلىغا كەلگەندە، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ 500 دىن ئاشىدۇ. شۇ چاغدا بىر قىسىم ئاياللار ھۈسەنبايغا ئوقۇش ۋە ئىشچى بولۇش تەلپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاكا-ئۇكا مۇسابايولار ئۇلارنىڭ تەلپىگە دەرھال قوشىلىدۇ ۋە روسىيىنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلچە ئاۋۇستاي قاتارلىق تۆت نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ، غۇلجىدا ئاياللار مەكتىپى ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپتە 300 نەپەرگە يېقىن ئايال ئوقۇيدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىم تىكىش، كېسىش، يۇڭ پوپايكا، شارپا، ياغلىق، پەلەي توقۇش، رەشىلىيە ئىشلەش، كەشتىچىلىك قاتارلىق قول ھۆنەرلىرىنى ئۆگىنىدۇ، مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئاياللار ئۇستا ھۆنەرۋەنلەر بولۇپ، يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇشنى تەلەپ قىلغانلار داۋاملىق كۆپەيگەچكە، بۇ مەكتەپ « ھۆنەر مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ.
ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، 1912-يىلى ئېچىلغان بۇ ھۆنەر مەكتەپ ئازادلىقتىن كېيىنمۇ بىر قانچە ئون يىل داۋام قىلغان. بۇ مەكتەپتە نەچچە ئون مىڭ ئايال ئوقۇپ، مۇنەۋۋەر كاخانا ئىشچىلىرىغا ئايلانغان.  

9. مۇسابايوۋ ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭىى زامان مائارىپى
مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تىجارىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگەندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى سانائەت ئىنقىلابى ۋە يېڭى زامان مائارىپنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بۈيۈك كەشپىياتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ، يېڭى تېخنىكا بەرپا قىلىشقا بەل بەغلايدۇ. مۇسا ھاجىم ئوغلى باھاۋۇدۇنباينى چەتئەللەردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىشقا بۇيريدۇ.
1870- يىلى باھاۋۇدۇنباي قازان شەھىرىدىن ئۈچ نەپەر مۇئەللىمنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار خانلىق مەدرىستە دىنىي دەرستىن تاشايېنىدا، تىل، ھېساب، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە ۋە ئەرەب، پارس تىللىرىدىن دەرس بېرىدۇ. شۇ يىلى (1907-يىلى) باھاۋۇدۇنباي ئىلى بەيتۇللا مەسجىت يېنىدىكى مەدىرىستە تۆت سىنىپلىق مەكتەپ قۇرۇپ، تىل، ھېساب، ئەرەب، پارس تىلى ۋە تارىخ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.
قەشقەردىكى پەن ئوقۇتۇش مەكتىپى 1880-يىللارغىچە داۋام قىلىدۇ. ئەمما مۇتەئەسسىپ دىنىي كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار مۇسا ھاجىمنىڭ ياردىمىدە مەكتەپنى ئۆز يۇرتى ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىگە يۆتكەپ كېتىدۇ ۋە دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق قىلىپ ئاچىدۇ. 1883-يىلىغا كەلگەندە سەككىز سىنىپلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىپ، ئىش باشلايدۇ. 1885-يىلى كارىدۇرلۇق كۆركەم سېلىنغان سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسى، 32 ئېغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، زال، ئىككى ئېغىز ئاشخانا، مۇلازىمەت دۇكىنى، ئۆي، بەش مولۇق باغ، ئالتە مو كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى، تاش مۇنچا(ھاممام) بار مەكتەپ پۈتۈپ ئوقۇش باشلايدۇ. بۇ مەكتەپكە « مەكتىپى ھۆسەينىيە» دەپ نام بېرىدۇ. 1913-يىلى مەزكۇر مەكتەپ تۈركىيىدىن  ئەھمەد كامال قاتارلىق يەتتە نەپەر مۇئەللىمنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. مەكتەپنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ھەمدە بالىلارنىڭ تاماق، كىيىم ۋە قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگەبېرىلىدىغان ياردەمگىچە بولغان راسخوتلىرىنى مۇسابايوۋلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
مۇسابايوۋلار 1907-يىلى ئېكساقتا «ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنى قۇرىدۇ. بۇ مەكتەپكە خوتەن، قەشقەرۋە ئاتۇشنىڭ يەتتە كەنتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ھەممە چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ 1-قارارى 1909-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.
باھاۋۇدۇنباينىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى تۆھپىلىردىكى تۆھپىلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. ئالايلۇق، ئۇ قەشقەر يار باغدا 1-خەنزۇتىلى مەكتىپى، ئېكساقتا 2-خەنزۇتىلى مەكتىپى ئاچقان. 1905-يىلى غۇلجىدا «تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى» قۇرۇپ، ئۈچ قاراردا 580 نەپەر بالا تەربىيىلىگەن.1905-يىلى ئىلىدا «ھۆنەر كەسىپ مەكىتپى» قۇرۇپ، 1912-يىلىغا كەلگەندە، بۇ مەكتەپنى كېڭەيتىپ « ئاياللار ھۆنەر مەكتىپى» قىلىپ قۇرۇپ چىققان. يەنە ئىلىدا 1913-يىلى «نۇرانىيە مەكتىپى»،«سايرامىيە مەكتىپى»، 1916-يىلى «مەكىتپى نۇر»، ئەلا باي قورۇسىدا «ئەلا باي قورۇ مەكىتىپى»، 1924-يىلى «دەرنەك» مەكتىپى، 1938-يىلى «مۇرات مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەرنى قۇرغان ۋە ئاساسىي چىقملىرىنى ئۆز زېممىسىگە ئالغان.
بۇلاردىن باشقا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «مەتبەئى خۇرشىد-مەتبەئى نۇر» ناملىق تاش مەتبەئەنى كىرگۈزۈپ، شائىر تەجەللى ۋە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئىشلىتىشگە بەرگەن. ئىلى كۆرەدىمۇ تاش مەتبەئە قۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا مۇسابايوۋلار شىنجاڭدا يېزىلغان بىر بۆلۈم تارىخ، ئەدەبىيات ۋە دىني دەرسلەرنى ئۆز خىراجىتى بىلەن تاشكەنتتە باستۇرۇپ تارقاتقان ئىدى.
مۇسابايوۋلار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، روسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە لىۋانغا بىر قانچە قارار ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن. دېمەك، دەسلەپ چەتئەللەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغان بولسا، كېيىن چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلىگەن. ئۇلار تېخنىك خادىملار يېتىشتۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن، توك ئىشچىسى، تېخنىك، مانتيور، سېلسار، ماستىرلارنى يېتىشتۈرگەن، بوغالتىر، كۆن-خۇرۇم ئۇستىسى، پريۇمچىك، 19 خىل قول-ھۆنەر كەسپى، ئاياللا قول-ھۆنەركەسپى، ماشىنچىلىق، رەشىلىيە ئىشلەش، كاناۋا قاتارلىق20 ھۆنەر ئۆگەتكەن.
ئومۇمەن، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار 1870-يىلىدىن باشلاپ مەملىكىتىمىز بويىچە بىرىنچى بولۇپ مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى زامان مائارىپىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقا. ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب ئىسلاھات روھى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بۈگۈنكى ئىسلاھات دەۋرىمىزدە ئوخشاشلار رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

10. مۇسابايوۋ سودا كارخانىسنىڭ ئىز باسارى – ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ
1895-يىلى مۇسا ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسابايوۋلار  چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئائىلە نىزامى يەنى مىراسخورلۇق تۈزۈمى بويىچە، چوڭ ئوغۇل ھۈسەنباي مۇسا ھاجىمنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. چۈنكى مۇسابايوۋلارنىڭ ئائىلە نىزامىدا نەچچە ئەجدادتىن بۇيان، چوڭ ئائىلىسىنى بۆلمەسلىككە، ياش رېتى بويىچە ۋارىسلىق، ۋارىس بولغان كىشى شۇ ئائىلە ئەۋلادىنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل بولۇش، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى شۇ ئائىلىدىن بەھرىمان بولۇش، مىراس ئايرىپ بۆلۈنمەسلىك، چوڭ ئائىلىنى گەۋدە قىلغان ھالدا، پايدا زىياننى تەڭ كۆرۈش يولى بىلەن ئايرىم تىجارەت قىلىشتىش ئىبارەت ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزىمى ئورۇنتىلغان ئىدى. شۇ بويىچە كېيىن قۇرۇلغان كارخانىلارمۇ« مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
ھۈسەنباي 1926-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىگىلىككە باھاۋۇدۇنباي ۋارىسلىق قىلىدۇ. 1928-يىل باھاۋۇدۇن باي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ ئىگىلىكى ئىككى يىل ئۆپچىرىسىدە ئۆزئارا ئېتىراز ۋە سۈركىلىش ئىچىدە باشقۇرۇلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. نەتىجدە مۇسا ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ئۆزلىرى باشقۇرغان ئىگىلىككە ئۆزلىرى ئىگە بولىدۇ. زاۋۇت، تىجارەتخانا ۋە مۇشۇ ئىككى ئورۇننى ئاساس قىلغان. مال-مۈلۈك، نەق مەبلەغ،  تاشقى پېرۋوتلار ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنبايغا تەئەللۇق قىلىپ، ھۈسەنباينىڭ ئىگىلىكىگە چوڭ ئوغلى سابىت ئەپەندى، باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىگىلىكىگە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەپەندى ۋاكالەتچىسى بولۇپ مىراس بۆلىشىدۇ. زاۋۇت بىرلىكتە باشقۇرۇلىدۇ، شۇندىن باشلاپ مۇسابايوۋنىڭ چوڭ ئائىلىسى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. 30-يىللاردىن ئېتىبارەن مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئتتىپاقى، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياپۇنىيە، ئاۋسىترالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىپ قالىدۇ ۋە شۇ جايلاردىكى ئىقتىساد-تاشقى پېرۋوتقا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1950-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن تەلئەت مۇسابايوۋدىن باشقىلىرى چەتئەلدە ۋاپات بولىدۇ. شىنجاڭدا قالغانلىرى 1952-يىللارغىچە تىجارەت قىلىش، كارخانا باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بەنت بولىدۇ.
1952-يىلى مۇسابايوۋ كارخانىسىى ( زاۋۇتى) ھۈسەنباينىڭ ئوغلى ئابلىز مۇسابايوۋ باشچىلىقىدا پۈتۈن سەرمايىسى، زاۋۇت ئۈسكىنىلىرى، چارۋا ماللىرى بىلەن «شىنجاڭ لىچۈن سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتى»گە پايچېك بولىدۇ. 1954-يىلى 11-ئايدا مۇسابايوۋلار ئائىلىسى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئومۇمىي كاپىتالى، مال-مۈلكى ۋە چارۋا ماللىرى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسىيلار شىرىكچىلىكىگە ئۆتىدۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى زاۋۇتتا ۋە ھەردەرىجىلىك ئىدارىلەردە ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بەزىلىر پېنىسىيە چىقىپ، ئۆمرىنى ئاخىرلارشتۇرىدۇ. بەزىلىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرى تۆت كىشلىك گورۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، زاۋۇتتىن ئايرىلىپ پاناھسىز قالىدۇ. ئومۇمەن، مۇسابايوۋلار ئائىلىسى پارتىيىنىڭ 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىغا قەدەر ئارىلىقتا ھەرخىل بەتناملاردىن خالىي بولالماي رىيازەت چەكتى.....
شۇ مەزگىللەردە مۇسابايوۋلار ئەۋلادىدىن چوڭراق ئىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىنى ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەلئەت مۇسابايوۋ ئەپەندى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، ھازىر جىددىدە تۇرىدۇ. تەلئەت ئەپەندى جىددىدە ئابدۇقادىر ئەھمەت (تۈركىستان) دېگەن كىشى بىلەن شىرىكلىشىپ، تۈركىيىدە ئۆي قۇرۇلۇش شىركىتى (بۇ شىركەتكە تەلئەت ئەپەندىنىڭ بىر ئوغلى دىرېكتور)، جىددىدە بىر سۇلياۋ زاۋۇتى قۇرىدۇ. خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ سۇلياۋ زاۋۇتى  ئەرەب ئەللىرى بويىچە ئىشلەپچىقرىش ئۈنۈمدارلىقى زور زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىكەن. تەلئەت ئەپەندىنىڭ بىر قىزى ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرغان. بىر ئوغلى كانادادا دۇكان ئېچىپ مۇستەقىل تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزى كانادادا مەمۇرىي خىزمەتتە ئىكەن. ئۇنىڭ يولدىشى بولسا ئاپتوموبىل توپ-پارچە سېتىش تىجارتى بىلەن شوغۇللىنىدىكەن.
تەلئەت مۇسابايوۋ 1986-يىلى 10-ئاينىڭ 22- كۈنى ۋەتەنگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇجەرياندا ئۇ ۋەتەنگە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىدىن مەمنۇن بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ۋەتەننىڭ سودا-سانائەت، مەدەنىيەت – مائارىپ، دېھقانچىلىق- چاۋىچىلىق ساھەلىرىدە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش قارارىغا كېلىپ ھۆكۈمەت بىلەن مەسىلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، ھەرخىل شەرت شارائىتلارنىڭ پېشىپ-يېتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ تەلەپ- ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.
شۇ كۈنلەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا باھاۋۇدۇنباينىڭ نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ ئۆز ئەمگىكى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ، پارتىيىنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، مۇسابايوۋ ئائىلىسىدە قايتا كۆكلىگەن نوتا بولۇپ قالدى.
ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ 1950-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 1967-يىلغىچە ئائىلە، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ تەبىيسىدە بولدى. 1970-يىلى قايتا تەربىيىگە باردى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. چۈنكى ئونىڭ ئائىلىسى مۇسابايوۋلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قاتارىدا ھەرخىل بەتناملار بىلەن خورلانغان ھەتتا ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللا ئەلا ھاجى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. كىچىكىدىنلا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك تەمىنى خېلى ئوبدان تېتىغان ئوبۇلھەسەن جان بېقىش كويىغا چۈشتى. ئۇ قايتا تەربىيىگە بارغاندىن باشلاپ، ئاشلىق-رەخت بېلىتى ئېلىپ-سېتىش ئائىلە تۇرمۇشىغا ياردەم بەردى. كېيىن بىر مەزگىل باغ-ئېتىزلارنى كۆتۈرە ئېلىش، توپ-پارچە سېتىش، باققالچىلىق قىلىش قاتارلىق تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى. 1981-يىلىغا كەلگەندە، ئوبۇلھەسەن شىنجاڭ مېداىتسىنا ئىنىستىتوتىغا قاراشلىق 1-دوختۇرخانىنىڭ كېسەللەر ئاشخانىسىغا مال سېتىۋالغۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتى. 1985-يىلى ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن  رەسمىيەت ئۆتەپ خىزمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، تىجارەتكە كىرىشتى. ئۇ دەسلەپتە ئازلا دەسمايە بىلەن ئۇششاق تىجارەت باشلىدى. ئۆزىنى بىر ئازا رۇسلىۋالغاندىن كېيىن، ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىننى ئىچكىرىدە، يەنە بىر ئىنسى ھەبىبۇللارنى غۇلجىدا تۇرغۇزۇپ، ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، پوچتىخانا ئارقىلىق پوسۇلكا مال تىجارىتى بىلەن شوغۇللاندى. ئۇمۇ جەرياندا سەگەكلىك بىلەن بازار كۆزىتىپ، ئۇچۇرغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، تاۋار ئوبوروت قانۇنىيىتىنى تېزلا ئىگىلەپ، روناق تېپىشقا باشلىدى. ئۇ پەسىللىك ھەتتا بىرلا پەيدا بولۇپ بازار تېپىپ ئارقىدىنلا بازارى كاسات بولىدىغان ماللارنىڭ ئەھۋالىنى توغرا تەتقىق قىلىپ، ئوبوروتنى راۋانلاشتۇردى. ئاز پايدا بىلەن ئوبوروتنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خېلى چاپسانلا كۆتۈرۈلدى.
ئوبۇلھەسەن 1986-يىلى ئۈرۈمچى ناھىيىلىك تېرە زاۋۇتىنىڭ ئىشتىن توختاپ قالغانلىقنى ئاڭلاپ بۇ زاۋۇتنى بىر يىللىق ئىجارىگە ئالدى ۋە تېخنىكا يېڭىلاپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى جانلاندۇردى. ئۇ يەنە خۇرۇم چاپاننىڭ مودا بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دەرھال كاسسىپ ئىزدەپ پىششىقلانغان تېرە (خۇرۇم) دا ھەرخىل چاپان تىكتۈرۈپ بازاغا سالدى. شۇ بىر يىل ئىچىدە، زاۋۇت سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنى رۇسلاپ ئالدى. ئوبۇلھەسەنمۇ خېلى كۆپ پايدا بىلەن زاۋۇتتىن چېكىنىپ چىقتى ۋە 1987-يىلى قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن نامراتلارنى بېيىتىش ئىشخانىسى بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈپ، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. توختا بويىچە تېخنىكا كىرگۈزۈش، ماشىنا ئۈسكىنە سەپلەش، تېخنىك-شاگىرت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە ئوبۇلھەسەن مەسئۇل بولىدى. نەتىجىدە 50 ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە تېخنىك خادىملار يېتىشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت مۇستەقىل تۈردە كۈنىگە 200-300 پارچە خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىلايدىغان مۇنتىزىم زاۋۇتقا ئايلاندى.
ئوبۇلھەسەن قاراقاش ناھىيىلىك تېرە زاۋۇتى بىلەن تۈزگەن توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە پىششىقالانغان تېرە ئېلىپ بېرىپ ساتتى. ئىشتىن توختاپ قالغان غۇلجا شەھەرلىك تېرە زاۋۇتىنى ئۈچ يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردى. پىششىقلانغان تېرىنى گۇڭدوڭغا ئاپىرىپ ساتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ قوش پايدا ئالدى. زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشى جانلاندى.
ئوبۇلھەسەن ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئەجدادىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جاھان سودىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ 1992-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرۇيىتىدە « جۇڭگو-قىرغىزىستان شىرىكچىلىكىدىكى دوستلۇق ھەسسىدارلىق شىركىتى» قۇردى. بۇ شىركەت كۈنىگە 1000 دانە خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان  تېرە زاۋۇتى قۇردى. بۇ زاۋۇتنىڭ ماشنا-ئۈسكۈنە، تېخنىك ۋە بارلىق لاۋازىمەت ئوبۇلھەسەندىن بولۇپ، باش دىرېكتورلۇقنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يەنە ئالمۇتادا جۇڭگو-قازاقىستان شىرىكچىلىكىدە« يۇلتۇز كىيم-كېچەك ھەسسىدارلىق شىركىتى» قۇردى. بۇ شىركەتنىڭ بارلىق بىساتىغىمۇ ئوبۇلھەسەن مەسئۇل بولىد. مەزكۇر زاۋۇت تېرە، خۇرۇم ۋە باشقا رەختلەردىن كىيم-كېچەك تىكىدۇ. ھازىر ئوبۇلھەسەن تەكلىپ قىلغان شىنجاڭلىق تېخنىكلار ۋە باشقا خادىملار قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئىش باشلىۋەتتى.
ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ مۇش بىر قانچە يىل جەريانىدا، ئاتا ئىزىدىن مېڭىپ، ئىلىم-مەرىپەتنى قوللاپ، «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى»،«غۇنچە مۇكاپاتى»تېلېۋىزىيە ئىستانسى ۋە ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ۋە نامرات ئائىللەرگە ياردەم بەردى.
بۇ ياش كارخانچىنىڭ ئەقىل-ئىداركى، ياراتقان مۆجىزىلىرى، ئۈمىدى ۋە تىجارەت ئىقتىدارىغا قاراپ بىز يولدا ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋنى دىيارىمىزدىكى مۇسابايوۋ سودا كارخانىسىنىڭ ئىزباسارى دەپ ھېسابلاشقا ھەقلىقىمىز. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىمۇ جەزمەن سودا تارىخىمىزدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغۇسى.
تېما ئەسلى مەنزىلى: ئىزچىلار مائارىپ تورى

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 11:32:21

ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى ئاقسۆڭەكلىرى ئىدى ئۇلار

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 13:44:42

‹‹ھەرخىل شەرت شارائىتلارنىڭ پېشىپ-يېتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ تەلەپ- ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى. ›› دۇنيادا مۇشۇ زىمىندەك شەرت شارائىتى تولۇق بولغان يەنە بىر زىمىن بولمىسا كېرەك .،..
ئىشكىردىن پويىزنىڭ چاقىغا ئېسىلىپ بولسىمۇ  ئاران ئۆمىلەپ چىققان بىر جاندا چېغىدا  بىر يىلغا  قالمايلا تۈك تاشلاپ كاتتا لوبەن بوپ كېتىدۇيۇ ،..ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىگە كەلگەندە  30يىلغىچە ئۇ ئادەمگە ھىچقاندا  شارائىتنى يەتكۈزۈپ  بېرەلمەيدۇ .،.،{:107:}

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 15:04:28

مۇشۇ ئاقسۆڭەك دېگەن زادى قانداق كېلىپ چىققان نام بولغىيتتى؟ ياكى ئاللاتائالا بۇ كىشىلەرنىڭ سۆڭىكىنى ئاق، بىزدەك يالاڭتۆشلەرنىڭكىنى قارا قىلىپ ياراتقان بولغىيمىتى؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 15:43:05

مۇسابايۇف ۋاپاتىدىن كىيىن قانچىلىك مىراس قالغانلىقىنى يازماپتۇ، بىر كىتاپتا كۆرگنتىم مىرلىيادتىن ئارتۇق سانلار تۇراتتى، پۇل بىرلىكى مىكسىكا دوللىرى دىيىلىپتىكەن ، ھازىرقى قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ  ئۇكمايدىكەنمەن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:42:23

قالتىس كىشلەر ئىكەن بۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:58:07

بۇ جەمەتكە شېڭ شىسەي چېقىلماپتىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغانلارغا تەگمەمتىكىنا شۇ زاماندا.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:16:47

function يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 11:32 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى ئاقسۆڭەكلىرى ئىدى ئۇلار

دەھشەت باي ئادەم ياكى جەمەت ئاقسۆڭەك بولامدۇ؟

ئەمدى بۇ سۇئالنى سورىسام ،سەن قەلەندە مۇساباي جەمەتىنى تىللامتىڭ دەپ مېنى تىللماڭلار.........

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:24:29

kartanesi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 15:04 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئاقسۆڭەك دېگەن زادى قانداق كېلىپ چىققان نام بولغى ...

  مېنىڭ بىلىشمچە تارىخ كىتابىلىرىمىزدا ياۋرۇپا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ ،دېھقانلىرنى ئەزىدىغان ئىنتايىن ياۋۇز كىشلەر ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
ئەمما ئاقسۆڭەكلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن،دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن 360 كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ئالمىلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ ،زەمبىرەك ياكى بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ياساشنى ئويلايدىكەن.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:40:16

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 17:58 static/image/common/back.gif
بۇ جەمەتكە شېڭ شىسەي چېقىلماپتىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بى ...

ما سۇئال ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
ئەمما شىڭ شىسەي مۇھىتلار جەمەتىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ كاللىسنى ئېلىپ دەرۋازىغا ئېسىپ قويۇپ سازايى قىپتىكەن. مۇھىتىلار جەمەتى ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ۋە باشقا بۈيۈك پىلانلار ئۈچۈن كۈرەش قىلغان .
مۇساباي جەمەتى سودا ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ، گېرمانيىدىن زاۋۇت ئەكەلەلىگەن ئەمما زەمبىرەك كىرگۈزەلمىگەن شۇڭا زەمبىرىكى يوق بۇ جەمەت ئاخىرى زەمبىرىكى بارلارنىڭ قولىدا قالغان. شۇڭا پۇل ۋە زاۋۇتنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم زومبىرەك ياساش كېرەك. ياۋرۇپا ئاقسۆڭەكلىرى دەل زەمبىرەك ياساپ تاجاۋۇسچىلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىغىچىلاردۇر. ھازىرقى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى داڭلىق ماركىلار ،زاۋۇت -كان -كارخىلار ،دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئاشۇ ياۋرۇپالىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدا........
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز مۇساباي جەمەتى بىلەن مۇھىتى جەمەتىنى ئۇيغۇردىن چىققان ئاقسۆڭەك دەپ تالاشقىلى تۇرۇپتۇ.


lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:44:10

سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ،ئۇلۇغ دۆلىتىمىز جۇڭگۇنىڭ ئاخىرقى غايسى ئۈچۈن بوشاشماي تىرشچانلىق كۆرسەتسەك،ھازىرقى ياۋرۇپا ئاقسۆڭەكلىرىدىنمۇ خاتىرجەم،باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشمىز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:04:57

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 18:16 static/image/common/back.gif
دەھشەت باي ئادەم ياكى جەمەت ئاقسۆڭەك بولامدۇ؟

ئەمدى ...

ئاقسۆڭەك دېگەندە پۇلىدىن تاشقىرى ئېرسىيىتى، سالاپىتىگە قارىتىلغان. مەسىلەن:يۇرت كاتتىسى بولۇپ خەقنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقانچە سۇندۇرىۋەتسىمۇ ئەۋلادلىرى يەنە بىر كۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 22:07:06

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 18:40 static/image/common/back.gif
ما سۇئال ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
ئەمما شىڭ شىسەي مۇھىت ...

زەمبىرەك ئەكەلمىگەن خېلى بايلارمۇ شېڭ دىن قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن قەشقەرلىك ئۆمەرباينىڭ بايلىقىمۇ بۇ جەمەتتىن قېلىشمايدۇ. چۆچەكتىكى ئىبراھىم لوندون، غۇلجىدىكى تۇرداخۇنباي، ئۈرۈمچىدىكى خۇسەيىن باي........ قاتارلىق بايلارمۇ زەمبىرەك ئەكىرمىگەن بىراق ھەممىسىنى شېڭ شىسەي خانىۋەيران قىلغان.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 09:42:51

ئاقسۆڭەك دېگەن يۇرت-جامائەتنىڭ قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈن پۇل تاپقان ۋ پۇل خەجلىگەن شۇنداقلا پەس ئەمەس ئالىجاناپ ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 22:05:08

دا بىر چاغلادا، ئەدەملەر پومىشچىكلارنى تىللاتماقچى بولۇپ، بىر قېرى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سوراپتۇ:«دادا، مۇشۇ پومىشچىكلار قانداقراق ئادەملەر ئىدى؟» دېسە، بوۋاي مۇنداق دەپتىمىش:« ھە بالام، ئۇ پومىشچىكلار ئىشچان خەقلەر ئىدى، توختىماي ئىشلىگەچكە، مال- دۇنياسى ئاشناق جىقلىغانمە..»، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقىلار «يۇرۇڭلا، يۇرۇڭلا..» دەپ بوۋاينىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپتىمىش.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 22:06:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 22:11  

«ۋاشىنگىتوندا...» دېگەن تېمىدىن، موسابايىۋلارنىڭ بىر ئەۋلادىنىڭ دېرىكىنى بىلىپ، ھاياتلىقىدىن شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم..
مىللەتنىڭ تەقدىرىنى مىللەتنىڭ ئالىملىرى بىلەن ئاقسۆڭەكلىرى بەلگىلەيدۇ.

ئەنگىلىيىنىڭ تارىخىدا، پادىشاھلىق دۆلەتتىن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەتكە ئۆتۈشى زور بىر ھادىسە ھېساپلىنىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تارىخىدا قانون يولغا قويۇلغان، لېكىن، ئەنگىلىيىنىڭ شۇ نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىققان قانۇنى، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان. ئۇلار بىر دۆلەتنى كۆپنىڭ ئەقلى بىلەن سورايدىغان ھالەتنى پەيدا قىلغان. ئەنگىلىيىنىڭ قانۇن شەكلى ھازىرقى پۈتۈن دۇنيانىڭ قانۇن ئۈلگىسى بولۇپ چىققان.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:31:24

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 22:07 static/image/common/back.gif
زەمبىرەك ئەكەلمىگەن خېلى بايلارمۇ شېڭ دىن قۇتۇلالمىغ ...

ئۇلامۇ گېرمانغا چىققانما؟:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 23:10:53

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 19:31 static/image/common/back.gif
ئۇلامۇ گېرمانغا چىققانما؟

شۇنداق.
بەت: [1]
: مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانسى ] قاراخان[