abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 21:45:11

ماۋۇ تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىپ بېرىڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ماڭا ياردەملىشىپ بەش يىلدىن بېرى يېشەلمەيۋاتقان ماۋۇ تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىپ بەرگەن بولساڭلار، ئىشقىلىپ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمى چىقىدۇ.
x+y+z=100}
100x+50y+5z=1000

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 21:45:54

مانا ماۋۇ رەسىمدىكىسى شۇ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 00:19:02

ئۈچ نامەلۇم سان، ئىككى تەڭلىككەن. بۇنى قانداق يەشكىلى بولىدۇ؟:o
ئىسىمدە قىلىشىچە بۇنى يەشكىلى بولمايدىغاندۇ.......

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 01:33:13

x=1
y=9
z=90

ئەمىلىيەتتە بۇ تەڭلىمىلەر سىستىمسىنىڭ چەكسىز كۆپ يېشىمى بولىدۇ، چۈنكى نامەلۇم ئۈچ، تەڭلىمە ئىككى ئىكەن. بۇ ئىككى تەڭلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر نامەلۇمنى يوقاتساق، قالغان ئىككى نامەلۇمغا ئائىت يېڭى بىر تەڭلىمىگە ئىرىشىمىز. بۇ يېڭى تەڭلىمىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى نامەلۇمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئاندى يىشىم مۇسبەت پۈتۈن سان بولىدۇ دېگەنگە ئاساسەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق ئۈچ نامەلۇمنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇسبەت پۈتۈن سان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا نەتىجىگە ئىرىشىمىز.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 03:59:56

قىزقچىلىق !

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 08:43:34

يىشىملەر توپلىمى مۇسبەت پۈتۈن سان دېدى، شۇڭا چەكسىز يېشىم چەكلىككە ئۆزگۈرىدۇ. ئاندىن بۇ سوئال چىققان بولسا، تايىنى يوق ياكى ئىشلىگىلى بولمايدىغان بىرمە چىقمايدۇ. شۇڭا ئازراق تۈرلەش، ياكى ئازراق لوگىكىلىك تەپەككۇردىن كېيىن بۇنىڭ بىردىنبىر يېشىمى چىقىدۇ.
x=1
y=9
z=90
جەريانى مۇنداق.
1.ئادەتتە بۇنداق مەسىلىلەر بوش ئورۇن ياكى تاللاش بولۇپ چىقىدۇ. چوڭ ئون نومۇرلۇق ھىسابلاپ يېشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. (كۆپ ھاللاردا دەيمەنغۇ). تاللاش بولۇپ قالسا بار جاۋابنى ئورنىغا سېلىپ تەكشۈرسەكلا بولىدۇ. بۇنى نومۇر سوغا قىلىش دەيمىز. شۇڭا تېخىمۇ ئېنىقىراق دېسەك بوش ئورۇن بولۇپ چىقسا سالمىقى بار بولغان بولىدىكەن.
قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۈچ نامەلۇمنى ئىككى نامەلۈمغا ئاددىلاشتۇرۇپ ئۈچ تەڭلىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.
50y+95z=9000
45z-50x=4000
95x+45y=500
ئەمدى مۇشۇ ئاددى تەڭلىمىگە ، 1،2 دېگەندەك مۇسبەت پۈتۈن ساننى سېلىپ ي، يېشىملەرنى تۈرلەشكە ئۆتىمىز.
1-ئىپادىدىكى yنىڭ قىممىتى 1،2 بولسا z چۇۋۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا z نىڭ قىممىتىنى  1،2 قىلىپ باقساق  y چۇۋۇلۇپ كېتىدىكەن.
ئەمدى x ئورنىغا سېلىشتىن باشقا ئامال يوق.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 09:21:48

   بۇ تەڭلىمىنىڭ چەكسڭز كۆپ يىشىمى بار ، بۇ يىشىملەر بوشلۇقتىكى بىر تۈز سىزىقنى بىلدۈرىدۇ .

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 09:34:54

x, y, z لار مۇسبەت پۈتۈن سان بولسا  پەقەت بىرلا يىشىمى چىقىدىكەن :lol
X=1
Y= 9
Z= 90

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 10:44:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 10:56  

        Dim x, y, z As Integer
        For x = 0 To 100
            For y = 0 To 100
                For z = 0 To 100
                    If x + y + z = 100 Then
                        If 100 * x + 50 * y + 5 * z = 1000 Then
                            TextBox1.Text = TextBox1.Text & vbCrLf & "X=" & x & " Y= " & y & " Z= " & z
                        End If
                    End If
                Next
            Next
        NextVB  دا يىزىپ چىقىرىپ باقسام يەنە شۇ جاۋاپ چىقىدىكەن .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 13:14:33

ئۈچ نامەلۇم، ئىككى تەڭلىمە ؟ يېشەلمىگىنىڭىز توغرىكەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 14:23:55

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 13:14 static/image/common/back.gif
ئۈچ نامەلۇم، ئىككى تەڭلىمە ؟ يېشەلمىگىنىڭىز توغرىكەن.

جاۋابىنى چىقىرىپ قويسىمۇ دېگەن گېپىنى.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 15:49:34

VBدىگەن نىمە ئۇ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 15:58:36

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 14:23 static/image/common/back.gif
جاۋابىنى چىقىرىپ قويسىمۇ دېگەن گېپىنى.

مەن بۇنى بوشلۇقتىقى ئىككى تۈز سىزىق ، كىسىسشىمۇ مۇمكىن، كىسىشمەسلىكىمۇ مۇمكىن دەپلا ئۇچراشمايدىغان ئىككى سىزىق دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. خاپوممىغايلا . :lol


95x+45y=500 بۇ دېگەن بىر تۈز سىزىقنى ئىپادىلە ؟ سىزنىڭ تاپقىنىڭىز پەقەت شۇ بىر تۈزسىزىق ئۈستىدىكى بىر نۇقتىدۇ ؟
ئىشقىلىپ مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:31:09

ئوبدانراق ئوقۇڭلا ئاداش ئا تېمىدىكى گەپنى، مۇسبەت پۈتۈن سان يېشىمى دەپ سورىدى. چەكسىز يېشىمىدىن تەلەپكە چۈشىدىغان نەتىجە بىردىنبىر بولىدىكەن.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 12:13:50

رەھمەت سىلەرگە

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 12:15:10

بۇنداق تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ئېنىقسىز تەڭلىمىلەر سىستېمىسى دەيمىز. مەن ئۆزەمنىڭ يېشىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قۇياي:

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 13:00:35

بۇ بۇرۇنقى مەسىلە بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
1000 يۈەنگە توخۇ، پاقلان، موزايلاردىن جەمئىي 100 نى سېتىۋالماقچى، ئۇلارنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم 5 يۈەن، 50 يۈەن، 100 يۈەن بولسا، ھەر قايسىسىدىن قانچىدىن سېتىۋېلىش كېرەك؟

بۇ مەسىلىنىڭ يېشىمى matrix67 يەشكەن يېشىمى دەل توغرا.
بەت: [1]
: ماۋۇ تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىپ بېرىڭلار