mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 21:24:21

داۋالاش سايمانلىرى ساھەدىكى پاي شېركەتلىرىگە قارىشىم

2013-يىلى12-ئاينىڭ 22-كۇنى 7يىلغا سوزۇلغان ‹داۋالاش سايمانلىرى ساھاسىنى نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى›تۇزۇپ ئېلان قىلىپ ،بۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق شېركەتلەرنىڭ قۇشۇۋېلىش زۇرىيىش تەلىپىگە كۇچلۇك شارائىت يارىتىپ بەردى،
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە 15000غا يېقىن داۋالاش سايمانلىرى شېركىتى بار بولۇپ ،پېيى بازارغا سېلىنغانلىرى 50گە بارمايدۇ،كۈچلۈك كارخانىلار ئاساسەن چەتئەل شېرىكچىلىگىدىكى كارخانىلار بولۇپ جوڭگۇنىڭ ئاساسلىق بازىرىنى ئىگەللىگەن،
دۆلىتىمىز كارخانلىرى بولسا مەھسۇلاتى ئاددى،تېخنىكىلىق تەلىۋى تۆۋەن بولۇپ ،سىياسەت تەرەپتىكى قوللاش بىلەن كەلگۇسىدە چوڭ قۇشۇۋېلىش ھەركىتى باشلىنىشى مۈمكىن،بولۇپمۇ 300171    300326 نىڭ بۇ ساھەدە چوڭ قۇشۇۋېلىش ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى باشقا ئۇتتۇرا كىچىك شېركەتلەرگە ئۈلگە بولدى،
داۋالاش سايمانلىرى بازىرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارىساق،2001-يىلى 18مىليارد سوممىلىق بازار كۈچلۈك تەرەققى قىلىپ 2013-يىلى 200مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ ئۆتكەن،پەرەزلەرگە قارىغاندا 2015-يىلى 350مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىشى مۆلچەرلەنگەن،بۇ تەھلىلگە قارىغاندا بۇ ساھەنىڭ ئىنتايىن چوڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بولۇپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ،
يەنە قاراپ باقساق،دۇنيانىڭ تىببى ساھەسىدە داۋالاش سايمانلىرى 42%لىك نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ،دولىتىمىزنىڭ نىسبىتىدىن ككپ يۇقۇرى،تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ كىشى يىللىق بېشىگە توغرا كېلىدىغان داۋالاش سايمانلىرى 100دوللار بولۇپ دۆلتىمىزنىڭ ئاران 6 دوللار بولۇپ يەنە زور كۇچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ،
بىراق داۋالاش سايمانلىرىنىڭ يۇقۇرى سۇپەتلىك سەر خىل سايمانلىرى يەنىلا چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ،دۆلىتىمىز كارخانلىرى بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ سىياسەت تەرەپتىكى قوللىشى يەنە بىر تەرەپتىن كۈچلۈك مەبلەغ ۋە تېخنىكىنىڭ قۇللىشىغا مۇھتاج،
تەڭرىتاغ ئاكسيەسى تورى تەھلىلچىلەر گۇرۇپىسى ئۇزۇن يىللىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ تىببى ساھەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى 90%دوختۇرخانا زىيان تاتقان قالغىنى تەڭلەشكەن ئۇچۇرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چوڭ دۇختۇرخانىلارنىڭ 57%لىك كەسپى يەنى ئۇپىراتسىيە ،داۋالاش ،جىددى قۇتقۇزۇش ،قاتارلىقلارنىڭ زىيان ھالەتتە ،43% پايدا بولغان،داۋالاش سايمانلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىگنى بايقىغان،مۇشۇ نەتىجىگە ئاساسەن ئۇيغۇر پايچىلارغا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان 002551 پېيى  15 يۇەندىن ھازىر 38يۇەنگە ئۆرلىگەن،مەسلەن:مۇشۇ پايدىن 100 مىڭ يۇەنلىك ئالدۇق دىسەك ئۇ ھالدا پايسىدى دىرى قۇشۇلۇپ 200مىڭ يۇەندىن ئاشقان بولىدۇ،
نۆۋەتتە دۆلتىمىزدە تىببى ئىسلاھاتتا چوڭ يۇزلىنىشلەر بولىۋاتىدۇ،2005يىلى كىشىلەرنىڭ تىببى چىقىمى ھەر يىلى 662يۇەن بولسا 2012-يىلى 2162 يۇەنگە يەتكەن،دىمەك دورا ۋە تىببى داۋالاش سايمانلىرىنى ئاساس قىلغان كاتتا بازار ئۇيغۇر پايچىلانى ناھايىتى چوڭ كاتتا بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ،بىز قاچانغىچە ئەنئەنىۋى سودا قىلىۋېرىمىز،ھازىر بارلىق سۇدا يۇقۇرى پەن تېخنىكىلىق دەۋرىگە كىردى،ئىقتىساد پۇل مۇئامىلە ئۈگىنەيلى،
گەپنىڭ خۇلاسىسى :تىببى داۋالاشتىن 2 پاينى دوسلارغا تاشلاپ بەردىم،ئۈگىنەيلى ۋە بازار ئارقىلىق ئىسپاتلايلى،
300246宝莱特
ئاساسلىق قان تازلاش،血液透析ماتىرياللىرىنى چىقىرىدۇ،باھاسى مۇۋاپىق،پاي كۆلەم كىچىك ،چوڭ مەبلەغ ئۇزۇنغا تۇتسا بولىدۇ،
300318博晖创新
شېركەتنىڭ ئىككى تۇغۇتلۇق سىياسەتكە ماس كەشپىياتى بولغان ،بالىلاردىكى مېنرال ماددىلارنى تەكشۇرۇش قەغىزى چوڭ ئىتىقبالغا ئىگە،كىرىش ئورنى 16 يۇەن ئەتراپى،نىشانى 25 يۇەن
تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل قىلىشنى ۋە ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلار ئىزدىنىش تورىنىڭ پايچېكى سەھىپىسى ۋەچ چ توپ نومېرىمىز 45576475   ۋاقتىلىق تور ئادرىسىمىز :http://13999414104a.a766.cnaaa6.com/bbs/index.phpغا مەرھەمەت

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 17:57:25

مۇشۇ پاي چىكى، تور سودىسى توغرىسىدا دىنىمىزدا   بىر پەتىۋا بارغۇ.  
تەپسىلاتىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار قالدۇرۇپ قويساڭلار. بىزمۇ بىلىپ قالساق .

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 18:04:55

ھەي ئېسىت بۇ ئىككى پايدىن پايدىلىنىپ پايدا ئالالىغانلار بارمىدۇ،،،بەك ئوبدان ئۆستى  

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:55:17

بۇ ساھەگە يەنە پۇرسەت كەلدى
بەت: [1]
: داۋالاش سايمانلىرى ساھەدىكى پاي شېركەتلىرىگە قارىشىم