waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 20:49:33

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىككىنچى بۇلۇپ پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىگە كىردى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  34- ئايلانما  باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا تىيەنجىن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن خادىرسىننىڭ 32 نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 105- 93 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسى دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىنىڭ ئىككىنچىلىك شەرىپىگە ئىرىشتى. پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىدا دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدا يەتتىنجىلىككە ئىرىشكەن لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 32 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سېنگېلدون 16 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك 14 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 10 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋېي 8 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ياڭ جىمىڭ 7 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.   
تىيەنجىن كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئابباس 16 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، تېپىر 19 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، ۋېيلىنمۇسى 37 نومۇرغا ۋە 12 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى.
   پەسىلدىن كىيىنكى تۆت كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقە باسقۇچىدا شىنجاڭ كوماندىسى 18- فېۋرال مىھمان مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
  2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىدا كىرگەن كوماندىلار
1. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 2. شىنجاڭ كوماندىسى 3. دۇڭگۇەن كوماندىسى 4. بىيجىڭ كوماندىسى 5. گۇاڭشىيا كوماندىسى 6. تىيەنجىن كوماندىسى 7. لىياۋنىڭ كوماندىسى 8. شاڭخەي كوماندىسى
   پەسىلدىن كىيىنكى تۆت كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقە باسقۇچىدا مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار
  ئالدىنقى مۇسابىقە رايۇنىدا گۇاڭدۇڭ- شاڭخەي،  بىيجىڭ-گۇاڭشىيا. كىيىنكى مۇسابىقە رايۇنىدا شىنجاڭ-لىياۋنىڭ، دۇڭگۇەن-تىيەنجىن.
پەسىلدىن كىيىنكى بىرىنچى ئايلانما باسقۇچى 18- فېۋرال  ئۇمۇميۇزلۇك باشلىنىدۇ. مۇسابىقە تەرتىۋى1-2-1-1 بۇيىچە بۇلىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

tuyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 01:22:04

شىرئەلىجان يارىلانمىغاندۇ؟
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىككىنچى بۇلۇپ پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىگە كىردى