kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:26:01

كېرىيەدىكى قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان كارۋان يوللىرى

كېرىيەدىكى قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان كارۋان يوللىرى





ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسى-ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل





ئەجداتلىرىمىز ئۇزاقتارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، تۈرلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىدىكى ئويۇنلارنى ئىجاتقىلىپ، تۈرلۈك مۇراسىم، ھېيت- بايرام ۋە ئارىسالدى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە شەكلىدە ئويناپ،چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ كەلگەن. بۇ خىل تەنھەرىكەتپائالىيىتىنىڭ بىرى چۇماق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ھەرقايسى رايۇنلاردا كەڭكۆلەمدە ئومۇملاشقان.





بۇ مۇسابىقە يىپتىن ياسالغان ئادەم مۇشتىمىسىدىن كىچىكرەك توپنى چۇماق بىلەن ئۇرۇپ ئوينالغاچقا،«چۇماق» دەپ ئاتالغان. بىر قىسىم رايۇنلاردا «چۆگەن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نام بۇپائالىيەتنىڭ قەدىمىي نامى بولۇپ، توغرا ئېتىلىشى شۇدۇر. مەخمۇت قەشقىرى ئۆزىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «چۆگەن» سۆزىگە: ”چۆگەن، چۆگەن ئويۇنى“ دەپتەبىر بەرگەن. («تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچەنەشرى، 1- جىلىد 523- بەت). قەدىمىي تىلىمىزدا توپنى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇچى ئەگرىتاياق – چوماق «چۆگەن» دەپ ئاتالغان. مەخمۇت قەشقىرى «ئەگىشدى» سۆزىگە ”ئول ماڭاچۆگەن ئەگىشتى“ (ئۇ ماڭا چوماق ئېگىشىپ بەردى) دېگەن جۈملىنى مىسال ئېلىپچۈشەندۈرگەن. («دىۋان» 1- جىلىد 252- بەت). بۇ ئويۇن كېرىيە ناھىيىسىدىكىپىسقەدەملەر تىلىدا «توپىق ئويۇنى»، «توپۇق ئويۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ قەدىمكىنام بولۇپ، «توپىق»، «توپۇق» سۆزى توپنىڭ نامىدۇر. مەخمۇت قەشقىرى «توپىق» سۆزىگە:”توپۇق، چۆگەن بىلەن ئۇرۇپ ئوينايدىغان توپۇق توپ“ دەپ تەبىر بەرگەن («دىۋان»، 1-جىلىد 474- بەت). «چىپ» سۆزىگە: ”چىۋىق، ئىنچىكە ياش نوتا. بۇ سۆز «چىبىق» سۆزىدىنقىسقارتىلغان. خۇددى «توپ» سۆزى «توپېق» سۆزىدىن قىسقارتىلغانغا ئوخشاش“ دەپ تەبىربەرگەن. («دىۋان» 1- جىلىد 418- بەت). بۇ ئويۇن قەدىمىي دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىزئارىسىدا خېلىلا مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، مەيداننىڭ چېكى بەلگىلىنىپ ئوينالغان.مەخمۇت قەشقىرى «تالاس» سۆزىگە: ”ئات بەيگىسىدە ۋە چۆگەن ئويۇنىدا مەيداننىڭچېكىگە تارتىلغان ئارغامچا“ دەپ («دىۋان»1- جىلىد  492- بەت)؛ «تاسال» سۆزىگە: ”چۆگەن ئويۇنىدامەيدان دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىزىلغان سىزىق“ دەپ تەبىر بەرگەن («دىۋان» 1-جىلىد  510- بەت). «تۇلدى» سۆزىنى: ”ئۇردى.ئادەم توپنى ئارا (ئاچا تاياق) بېلەن ئۇردى. بۇ تۈرۈكلەرگە خاس بىر خىل ئويۇنبولۇپ، ئويۇن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئۆزى ئويۇننى باشلاپ بېرىشنى خالىسا، توپنىئارا (ئاچا تاياق) بېلەن ئۇرىدۇ. كىم توپنى قاتتىق ئورالىسا، شۇ كىشى ئويۇننىباشلىغۇچى بولىدۇ. توقماق ئويۇنىدىكى ئۇرۇشمۇ «تۇلدى» دېيىلىدۇ“ دەپ ئىزاھلىغان(«دىۋان» 2- جىلىد  30- بەت). يوقارقىمەلۇماتلاردىن قەدىمقى دەۋىرلەردە بۇ ئۇيۇننىڭ ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.







بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلارئارىسىدا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ ئويۇننىڭ يەنە كەچقۇرۇندا قۇرۇتۇلغان سۈگەت پوقىقىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ، توپ ئورنىدا ئۇرۇپ ئويناش شەكلىمۇ باربولۇپ، «مەرە»، «مەرە توپ» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. «مەرە» سۆزى

مۇسابىقىدەئىشلىتىلىدىغان چۇماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنىڭ بەدەن ساپاسىغائاساسەن بىر مېتىردىن بىر يېرىم مېتىرغىچە بولىدۇ. توم- ئىنچىكىلىكىمۇ ئوخشاشبولمايدۇ. توپ ئۇرىدىغان ئۇچى 7 شەكىللىك ياكى ئەگمە بولىدۇ. چۇماقنى ماھىرلارئۆزلىرى ياساپ تەييارلايدۇ. توپ – پاختا ياكى يۇڭنى لاتىغا چىڭ ئوراپ دۈگۈلەكشەكىلگە كەلتۈرگەندىن كېيىن تىكىپ، ئۈستىگە يىپ (بۆز يىپ ياكى يۇڭ يىپ بولسىمۇبولىۋېرىدۇ) يۆگەپ، چىڭلىقى ۋە چىداشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ياسىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىئالاھىدە بولمايدۇ، پەقەت يېرىم مودىن ئارتۇق ئاق يەر بولسىلا بولىدۇ. مەيداننىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنىڭمۇ مۇنتىزىم ئۆلچىمى ياكى چېكى يوق. مەيدان قىلىنغان يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، پاسىل بەلگىلىنىپ، مەلۇم نەرسىنى نىشان قىلىپ قويسىلابولىدۇ. مەيداننىڭ قارمۇ قارشى ئىككى تەرىپى توپ يەتكۈزۈش پەللىسى قىلىنىدۇ. بەزى رايۇنلاردا مەلۇم كەڭلىك بېكىتىپ، ئىككى جايغا تاش ياكى باشقا نەرسىنى نىشان قىلىپۋارتا ھاسىل قىلىپ، توپنى ۋارتاغا سولاشنى مەقسەت قىلىپ ئوينىسا، بەزى رايۇنلاردا ۋارتاشەكىللەندۈرمەي ئوينىلىدۇ. يەنە بەزى رايۇنلاردا بىرلا نىشان بەلگىلەپ قويۇپ،توپنى شۇ نىشاننىڭ يېنىغا يەتكۈزۈش ياكى ئاشۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ ئوينايدۇ. توپنىچوقۇم چۇماق بىلەن ئۇرۇپ نىشانغا يەتكۈزۈش كېرەك، پۇت بېلەن تېپىشكە، قول بىلەنتۇتۇشقا بولمايدۇ.

سۆگەت ياكى قاپاقتېرەكنىڭ پوقىقىنى قومۇرىۋېلىپ قۇرۇتۇپ قويۇپ، ئاخشمى ياكى كېچىسى ئوينىغاندا ئۇنىڭغائوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ توپ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پوقاقنى چوماق بىلەن ئۇرغاندا، چوغيالقۇنجاپ ئوت شارى (ئوت توپ) بولۇپ ئۇچۇپ، بىر جەھەتتىن ئاجايىپ گۈزەل  مەنزىرە ھاسىل قىلسا، يەنەبىر تەرەپتىن ماھىرلار توپنى ئېنىق كۆرۈپ ئوينىيالايدۇ. پوقاقا ئاساسەن كۆيۈپبولۇپ چوغقا ئايلانغاندا، چوماق بېلەن قاتتىق ئۇرسا، پارچىلىنىپ كېتىدۇ، بۇ «مەرەبولدى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر پوقاق مەرە بولسا، بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقان بولىدۇ. شۇڭا بەزى رايۇنلاردا چوماق توپ ئويۇنى «مەرە توپ»، چوماق توپ ئويناش«مەرە ئويناش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانماھىرلار ئەمەلىي ئادەم سانىغا قاراپ بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر گۇرۇپپىدا 20دىنماھىر بولىدۇ. ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككىلا ئادەم ئوينىسىمۇ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا 10ماھىر بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينايدۇ. ۋارتا قويسىمۇ، قويمىسىمۇ بولىدۇ. 1~2 ئادەم تېرىنېر بولۇپ، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.









بۇ ھازىرقى خەلقارالىق مۇسابىقە تۈرى – مۇز توپ ۋە گولىك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولۇپ،ئويناش ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى مۇز توپ بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى: مۇزتوپ – مۇز ئۈستىدە ئوينىلىدۇ، چۇماق – ئاق يەردە ئوينىلىدۇ.




بۇ مۇسابىقىنىڭ ئوينىلىش شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئاتلىق ئويناش، يەنە بىرى پىيادە ئويناش. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئاتلىق ئويناش – باي- ئەمەلدارلار ئارىسىدا بولاتتى، پىيادە ئويناش –ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا بولاتتى. نورۇز بايرىمىدا كۆپ ئوينالغاندىن باشقا،دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا كۆپ ئوينىلاتتى. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى يەرلەرئاق، دېھقانلارنىڭ قولى بوش بولغاچقا، ھەر كۈنى دىگۈدەك مەھەللىلەر بويىچەمۇسابىقىلىشىپ ئوينىلاتتى. ھەتتا بەزى مەھەللىنىڭ داڭدار ماھىرلىرى باشقا يېزىدىكى ماھىرلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، يېزىلار بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقەدەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوينايتتى. بۇنداق چوڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارنى يۇرت كاتتىلىرى تارتۇقلايتتى. مۇسابىقە چوڭلار، يىگىتلەر ۋە بالىلار ئارىسىدا ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ خىل مۇسابىقە چوڭلار ئارىسىدا 20- ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان بولسا، بالىلار ۋە يىگىتلەر ئارىسىدا 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ھازىر كېرىيە ناھىيىسىنىڭ شىۋول،قارقى، ئارىش، ئويتوغراق قاتارلىق يېزىلىرىدا بۇ ئويۇننى ئويناشنى بىلىدىغان بوۋايلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى 50 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكلەر بۇ مۇسابىقىنى ئويناشنى بىلمەيدۇ.





بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بۇمۇسابىقە خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ كوماندا تەشكىللەپ، مەھەللە بېلەن مەھەللە ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقىلىشىپ ئوينىلاتتى.ھەتتا يېزا بېلەن يېزا ئارىسىدىمۇ چوڭ كۆلەمدە مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇپ ئوينىلاتتى.ئۇتۇپ چىققانلارنى يۇرت كاتتىلىرى تارتۇقلايتتى. زاراخەتمە (نورۇز)پائالىيەتلىرىدە چوماق مۇسابىقىسى زادى كەم بولمايتتى. ھەتتا بەزى چىگىش تالاش تارتىشلار بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارتالاش تارتىشتا ئۇتقان سانىلاتتى. بالىلار رامىزان كۈنلىرى رامىزان ئېيتىپ توپلىغان نان ۋە باشقا نەرسىلەرنى غەلىبە ئولجىسى قاتارىدا تىكىپ چۇماق ئويناپ،غەلىبە قىلغۇچىلار ئولجىنى ئېلىپ كېتەتتى. كونىلارنىڭ «كۆزگە ئىلمىغان چوماق قاڭشارنى يارار» دېگەن تەمسىلى مۇشۇ مۇسابىقىدىن چىققان بولۇپ، كۆزگەئىلىنمايدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ.





بۇ خىل تەنھەرىكەت پائالىيىتى قەدىمقى دەۋىردىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئات بىلەن ئويناش ئەجداتلىرىمىزئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ۋە «چۆگەن» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «چوماق» سۆزىگە «چوماق، توقماق» دەپ تەبىربېرىلگەنلىكى («دىۋان» 1- جىلىد 495- بەت) ۋە بۇ ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك باشقامەلۇماتلاردىن بۇ نوقتىنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشقا ۋەتەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراسىمىزدۇر.



ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيەئىدارىسىدا.


تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.COM
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 21:08:44

تىمىنى يازغۇچىغا رەخمەت ،بىزنى قەدىمقى ئىزلاربىلەن تەمىنلەپسىز ،يېقىندىن بۇيان بۇمۇسابىقىنى كېرىيەناھىيىسىدە قىشلىق دېھقانلار تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە كۆرىۋاتىمىز . بۇئويۇننى بىز كىچىكلىكىمىزدە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلىك مەيداندا قىش پەسلىدە ئوينايتۇق  كىيىن بۇنى ئوينىمايدىغان بولغان .ھازىرقى بالىلار بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغۇ دەيمە ن.

kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 07:12:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
سىلەر كۆرگەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى ماۋزوسى ‹‹ئويغۇر ئەل ئىچى تەنھەركەت مۇسابىقىسى-چوماق››ئىدى.بىپەرۋالىقىمىز  تۈپەيلىدىن ماۋزۇ ئالمىشىپ خاتا  يوللىنىپ قاپتۇ. تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۈمكىن بولغىنىدا ئەسەر ماۋزوسىنى تۈزۈتۈپ قويىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئويغۇر قاشتېشى تورى

kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 07:21:09

كېرىيەدىكى قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان كارۋان يوللىرى

ئاپتۇر:ئويغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسى-

ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل
كېرىيە بوستانلىقى خەن دەۋرىدە غەربى دىياردىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بېلەن قەدىمقى دەۋىرلەردە خوتەن قاشتېشى يولىدىكى موھىم تۈگۈن ھېسابلىناتتى. مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنى بويىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇلغان قەدىمىي ئۇمى بەگلىكى كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجداتلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن مۇستەقىل شەھەر دۆلىتى بولۇپ، مەركىزى شەھرى ھازىرقى دەندان ئۆيلۈك شەھەر خارابىسى ئىدى. بۇ شەھەر قەدىمقى دەۋىردە «دەندىيانا» (دەندى شەھرى) دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بەگلىك نامى ئۇمى بولغاچقا، خەن دەۋرىدىن يىن سۇلالىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئۇمى سۆزى ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنىپ، «، 拘弥، 扜冞، 污弥، 宁弥، 杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥، 宁弥،捍弥، 捍冞 ، 捍么» دېگەن ناملار بېلەن ئاتالغان. بەنگۇ يازان «خەن نامە» 96- جىلد، ئالدى بۆلەك «غەربى دىيار تەزكىرىسى 66- باپ ئالدى بۆلەك»تە: ”ئۇمې (拘弥) دۆلىتى، پادىشاھى ئۇمې شەھرىدە تۇرىدۇ، چاڭئەنگە 928 چاقىرىم. 3340 تۈتۈن، نوپۇسى 20040، لەشكىرى 3540 ئادەم. دۆلەت يۆلەكچىسى، ئوڭ قول، سول قول سانغۇن، ئوڭ قول، سول قول كاھبەگ، ئوڭ قول، سول قول چەۋەندازلار كاھبېگى بىردىن، تىلماچ بەگ 2 كىشى. شەرقى شىمالى قورۇقچىبەگ باش مەھكىمسى تۇرۇشلۇق جايغا 3553 چاقىرىم، جەنۇبى چىرا (渠勒) بېلەن، شەرقى شىمالى كۈسەن بېلەن، غەربى شىمالى قۇم (姑墨) بېلەن تۇتىشىدۇ، غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم. ھازىرقى نامى 宁弥.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە دىيىلگەن چىرا بەگلىكىنىڭ ئورنى ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقا يېزىسى ئەتراپىدا ئىدى. كۈسەن ھازىرقى توقسۇ ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بەگلىك ئىدى. قۇم ھازىرقى ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بەگلىك ئىدى. ئۇمى بەگلىكىنىڭ شەرقى نىرەن بەگلىكىگە تۇتىشاتتى. بۇ بەگلىك غەربى دىياردىكى بەگلىكلەر ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك ۋە قۇدرەت تاپقان بەگلىك بولغاچقا، خەن دەۋرىدىكى تارىخى خاتىرىلەردە بىر قەدەر تەپسىلى خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. شۇنداقلا جاڭ چىيەن غەربى دىيارغا ئەلچىلىككە كەلگەندە، ئۇمى بەگلىكىگە نائىپ ئەلچى ئەۋەتكەن. «كېيىنكى خەن نامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا: ”بۇ دۆلەتنىڭ غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم“ دىيىلگەن. «نىرەن تەزكىرىسى»دە: ”غەرىبكە قاراپ 460 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇمېغا بارغىلى بولىدۇ“ دىيلگەن. «كېيىنكى خەن نامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا: ”ئۇمې دۆلىتى، نىڭمى شەھرىدە (宁弥城) تۇرۇشلۇق، دورغاپ تۇرۇشلۇق لىيۇۋ جۇڭغا 4900 چاقىرىم، لوياڭغا 12800 چاقىرىم. 2173 تۈتۈن، 7251 نوپۇس، لەشكىرى 1760 كىشى.“ دەپ خاتىرىلەنگەن.
غەرىبتىن شەرىققە سوزۇلۇپ، ئۇدۇن بەگلىكىدىن كرورەن بەگلىكى، پىشامشان بەگلىكى ئارقىلىق قاشقۇۋۇق (玉门关)تىن ئۆتۈپ دەشتئاتا (敦煌)غا تۇتىشىپ، چاڭئەنگىچە سوزۇلغان؛ غەربى پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۆتۈپ ياۋرۇپاغىچە سوزۇلغان قەدىمىي قاشتېشى يولىنىڭ شەرقى لېنىيىسىدە ئۇمى بەگلىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىناتتى. ئۇمى بەگلىكىنىڭ ئورنى ئىستىراتىگىيە جەھەتتە موھىم ئورۇندا بولغاچقا، شۇنداقلا قاشتېشى يولى ئۈستىدىكى موھىم تۈگۈنلۈك رولىنى ئوينىغاچقا، بەن چاۋ ۋە باشقا دورغاپ بەگلەر بۇ بەگلىكنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان. چۈنكى، بىرىنچىدىن، قاشتېشى يولىنىڭ ئۇدۇندىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان لېنىيىسى ئۇمى بەگلىكىنىڭ دەندىيانا شەھرىدە شەرق، شىمال، جەنۇپ تارماقلىرىغا ئايرىلاتتى. سودا كارۋانلىرى ئۇمى بەگلىكى تەۋەسىدە بۇ بەگلىككە قاراشلىق قورۇل، قەلئە، ئۆتەڭ، لەڭگەرلەرگە چۈشۈپ ماڭاتتى. بولمىسا، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئامان- ئېسەن ئۆتەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ كارۋان يولى توغرىسىدا خەن دەۋرىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان تارىخى تەزكىرىلەرنىڭ غەربى دىيار توغرىسىدىكى باپلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك خاتىرە قالدۇرۇلغان. «كېيىنكى خەن نامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا مۇنداق مەلۇمات بار: ”قاشقۇۋۇقتىن چىقىپ، پىشامشان (鄯善)، چەرچەن (且末)، نىران (精绝)دىن ئۆتۈپ، 3 مىڭ چاقىرىمدىن كۆپرەك ماڭغاندىن كېيىن، ئۇمې (拘弥)غا بارغىلى بولىدۇ... ئۇمې دۆلىتى، نىڭمى شەھرىدە (宁弥城) تۇرۇشلۇق، دورغاپ تۇرۇشلۇق لىيۇۋ جۇڭغا 4900 چاقىرىم، لوياڭغا 12800 چاقىرىم. 2173 تۈتۈن، 7251 نوپۇس، لەشكىرى 1760 كىشى.“ «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ۋېي نامە 30- جىلد «ئوغانلار، سىيانپىلارنىڭ شەرقىدىكى يات قەۋىملەر تەزكىرىسى 30- باپ»تا: ”جەنۇبىي يولدىن غەربكە يۈرگەندە، چەرچەن بەگلىكى (且志国)، ئەندىرە (سىياۋ يىۋېن) بەگلىكى (小宛国)، نىران بەگلىكى (精绝国)، كروران بەگلىكى (楼兰国) پىشامشان (鄯善)غا قارايدۇ. روڭلۇ بەگلىكى (戎卢国)، ئۇمې بەگلىكى (扞弥国)، چىرا بەگلىكى (渠勒国)، پىشىيانا بەگلىكى ((穴山国)〔皮山国〕) ئۇدۇنغا قارايدۇ. “ دەپ خاتىرىلەنگەن.
يوقارقى بايانلاردىن بىز بۇ قەدىمىي كارۋان يولىنىڭ ئاز بولىمغان بەگلىكلەرنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپلا قالماي، ئۇمى بەگلىكىنىڭ بۇ لېنىيىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىۋالالايمىز. بۇنداق بولۇشىدا، قەدىمىي قاشتېشى يولى ئۇمى بەگلىكىگە كەلگەندىن كېيىن، غەربى نىران بەگلىكى ئارقىلىق كىرورەن بەگلىكى بېلەن تۇتىشىدىغان غول لېنىيىدىن باشقا، شىمالى كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنىنى بويلاپ كۈسەنگە تۇتىشىدىغان؛ جەنۇبى كېرىيە دەرياسىنىڭ بويلاپ تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتىشىدىغان تاغ يولى - «ھاتەم پاشا يولى»غا تارماقلىناتتى. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان كارۋان يولىدىن باشقا، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ ئېتىكىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان قەدىمىي كارۋان يولىمۇ بار ئىدى. بۇ خىل تۆت تەرەپكە تۇتاشقان قەدىمىي كارۋان يولى ئۇدۇن بەگلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈسەن بەگلىكى، كرورەن بەگلىكى ۋە تىبەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك تۈگۈنگە ئايلاندۇرغان. بۇ نوقتىنى بىلىپ يەتكەن ئۇدۇن بەگلىكى خەن دەۋرىدىلا ئۇدا نەچچە قېتىم ئۇمى بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇمى بەگلىكىنى يۇتىۋېلىپ، بۇ بەگلىكنى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ بىر ئۆلكىسى سۈپىتىدە باشقۇرغاندىن سىرت، بۇ بوستانلىقتا نەچچە ئورۇندا قورۇل قۇرۇپ، لەشكەر تۇرغۇزۇپ مۇدائىيە قىلغان. «كېيىنكى خەن نامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا: ”ئۇمې دۆلىتى، نىڭمى شەھرىدە (宁弥城) تۇرۇشلۇق، دورغاپ تۇرۇشلۇق لىيۇۋ جۇڭغا 4900 چاقىرىم، لوياڭغا 12800 چاقىرىم. 2173 تۈتۈن، 7251 نوپۇس، لەشكىرى 1760 كىشى... شۈندىنىڭ يۇڭجىيەن 4- يىلى (مىلادى 129- يىلى) ئۇدۇن پادىشاسى پىۋاڭ دزىيەن (放前) ئۇمې پادىشاسى شىيەڭنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز ئوغلىنى ئۇمې پادىشاسى قىلىپ تىكلىدى، ھەم ئەلچى ئەۋەتىپ خەن خانلىقىغا سوغا تەقدىم قىلدى. دەشت ئاتا (敦煌) ۋالىيسى چۇ يۇۋ يوقۇرىدىن جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى، خان ئۇدۇننىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇمې دۆلىتىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، پىۋاڭ دزىيەن ئۇنىمىدى. ياڭ جىيانىڭ تۇنجى يىلى (مىلادى 132- يىلى)، چۇ يۇۋ سۇلىنىڭ پادىشاھ- ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپ، 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بېلەن ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى، نۇرغۇن كاللا كېسىلىپ، تالان- تاراج قىلىندى، پادىشاھ جەمەتىدىن بىرسىنى ئۇمې پادىشاھى قىلىپ تىكلەپ، (ئۇمېنى) قايتۇرۇپ بەردى. لىڭ دى شىپىڭنىڭ 4- يىلى (مىلادى 175- يىلى)غا كەلگەندە، ئۇدۇن پادىشاھى ئەن كۇۋەك (安国)  ئۇمېگە ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈردى، ئۆلگەنلەر سان- ساناقسىز ئىدى. 5- يىلى (مىلادى 176- يىلى) چاۋۇش بېشى، غەربى دىيار دورغاپى ھەر قايسىسى لەشكەر تارتىپ، پادىشاھنىڭ خاس مەھرىمىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. بۇ چاغدا بار ئادىمى مىڭ جان ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ۋاقەلەر «خەن خاتىرلىرى 43» 51- جىلد ۋە «خەن خاتىرلىرى 49» 57- جىلدىدىمۇ شۇنداق خاتىرىلەنگەن.
خەن دەۋرىدە غەربى دىيارنىڭ چاڭئەنگە تۇتىشىدىغان يولى، بولۇپمۇ چاڭئەن بېلەن ئۇدۇننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ يول – خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يۆتكىلىشىدىكى غول لېنىيە ئىدى. خەن دەۋرىدە خوتەن قاشتېشى «دۆلەت گۆھىرى» قىلىنىپ، تۇتىملىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولغاچقا، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆپلەپ كىرگۈزۈلىشى – دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشىدىكى ئالدىنقى شەرت ھېسابلىناتتى. شۇڭا بۇ دەۋىرلەردە «قاشتېشى بولغاندىلا دۆلەت بولالايدۇ، دۆلەت بولغان ئىكەن چوقۇم قاشتېشى بولۇش كېرەك» (有玉就有国,有国必有玉) دېگەن ئاڭ فورماتسىيەسى مۇقەددەس ھېسابلىناتتى. لاۋزى، كۇڭزى، مېڭزى، گۈەنزى قاتارلىق ئۆلۈمالار «خوتەن قاشغتېشىنىڭ 7 ئەخلاقى»، «خوتەن قاشغتېشىنىڭ 9 ئەخلاقى»،«خوتەن قاشغتېشىنىڭ 11 ئەخلاقى» قاتارلىق تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قاشتېشى ئەخلاقى» نەزىرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئېسىل زادىلەر قاشتېشى بېزەك ھەمراھ قىلغاي»، «ئېسىلزادىلەر بالا- قازادىن خالىي بولۇشتا قاشتېشى ھەمراھ قىلغاي» دېگەندەك ئەقىدىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. خان ئوردىسىدىمۇ خوتەن قاشتېشى بېزەكلىرىنى ئېسىش، قاش مۆھۈر ئىشلىتىش، قاشتېشى مۇراسىم بويۇملىرى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار قانۇنلاشتۇرۇلۇپ، دەرىجە پەرقى بويىچە قاشتېشى بېزەك ئىشلىتىش ئوردا يوسۇنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەتتا خوتەن قاشتېشىدىن بېزەك ئاسمىغانلارنى ئوردىغا كىرگۈزمەسلىك تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغان. بۇ ھال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە خوتەن قاشتېشى يۆتكىلىدىغان كارۋان يولىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، بۇ يول ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ موھىم جان تومۇرىغا ئايلانغان. غەربى دىياردىكى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ھادىسىلەر بۇ كارۋان يولىنىڭ تېچ- ئامانلىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بېلەن خەن سۇلالىسى غەربى دىيارغا كەينى كەينىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ، بىر تەرەپتىن ھونلارغا قارشى كۈچ تەشكىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خوتەن قاشتېشى يولىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. فەن خۇا يازغان «كېيىنكى خەن نامە» 47- جىلىد «بەنلىياڭ تەزكىرىسى 37- باپ»تا: ”جىيەنچۇنىڭ 3- يىلى (مىلادى 78- يىلى)، بەن چاۋ سۇلى، كانجۇت، ئۇدۇن، ئۇمې (居弥) لەشكەرلىرىدىن 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، قۇم (姑墨) تاش شەھرىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى، 700 ئادەمنىڭ بېشىنى ئالدى. بەن چاۋ شۇنداق قىلىپ، ئەتراپتىكى بەگلىكلەرنى تىنجىتتى، سۇلىدىن يەنە لەشكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ دىدىلەركى:‹ۋەزىر (مەن) شىيەندى خاننىڭ شىچېڭنى① ئېچىش ئىستىكىنى كۆرۈپ يىتىپ، شىمالدا ھونلارغا زەربە بەردۇق، غەربتە چەتئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتتۇق، پىشامشان، ئۇدۇن بەگلىكلىرى دەرھال ماھىل بولدى. بۈگۈنكى ئۇمې (拘弥)، ياركەنت (莎车)، سۇلى (疏勒)، توخرى (月氏)، ئۇيسۇن (乌孙)، كانجۇت (康居)لار بەيئەت قىلدى، ئۈمۈدۈم لەشكەر توپلاپ كۈسەننى مەغلۇپ قىلىپ، خەن يولىنى ئامان ۋە راۋان قىلىشتۇر.›“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ بايانلار «خەن خاتىرلىرى 38» 46- جىلدىدا تېخىمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.
ئەلچىلەر بۇ كارۋان يولىنىڭ راۋانلىقى ۋە ئامانلىقى ئۈستىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ يولنىڭ تېنچلىقى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغاچقا، خەن خانلىقى غەربى دىيار قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى قۇرۇپ، بۇ يولنىڭ راۋانلىقىنى قوغداپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆپلەپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
خەن دەۋرىدە ئۇمى بەگلىكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قەدىمىي بۈيۈك كارۋان يولىنىڭ ئاساسلىق لېنىيىسى مۇنداق ئىدى: 1) قۇملۇق يولى. بۇ ئاساسلىق ۋە غول لېنىيە بولۇپ، ئۇدۇندىن يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ھازىرقى تەۋەككۇل يېزىسى تەۋەسىگە كېلىپ، شەرققە بۇرۇلۇپ، قۇملۇق ئارقىلىق ئۇمى بەگلىكىگە كېلەتتى، يول مۇساپىسى 390 چاقىرىم ئىدى. ئارىلىقتا بىرقانچە ئورۇندا لەڭگەر، رابات، ئۆتەڭلەر بار ئىدى. ئۇمى بەگلىكىنىڭ مەركىزى شەھرى ھازىرقى چىرا ناھىيىسى دامىكۇ، گۇلاخما يېزىلىرىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەر خارابىسى بولۇپ، بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرقى چىرا بوستانىقى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 90 كلومېتىر. خەن دەۋرىدىكى تارىخى ماترىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇمى بەگلىكىنىڭ سان- ساناقسىز شەھەر- راباتلىرى بار بولۇپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ خەن دەۋرىدىكى ئېقىن بويلىرىغا تارقاق جايلاشقان. قارا دۆڭ شەھەر خارابىسى، ئۇزۇنتات خارابە ئىزلىرى، ماجانلىق قەدىمىي ئىزى قاتارلىق ھازىرغىچە بايقالغان خەن دەۋرىگە مەنسۇپ خارابە ئىزلىرى ئۇمى بەگلىكىگە قاراشلىق شەھەر راباتلار ئىدى. بۇ كارۋان يولى ئۇمى بەگلىكىگە كەلگەندىن كېيىن،  شەرقى تارمىقى نىران بەگلىكى ئارقىلىق كرورەن، پىشامشان بەگلىكلىرىگە تۇتىشاتتى. نىران بەگلىكىنىڭ مەركىزى شەھرى نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسى بولۇپ، ھازىرقى نىيە ناھىيىسىنىڭ 120 كىلومېتىر شىمالىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىگە جايلاشقان. بۇ لېنىيە ئاساسلىق غول لېنيە بولۇپ، سودا كارۋانلىرى، ھاكىمىيەت مەمۇرلىرى، چاپارمەن، چىپەرچى، ئەلچىلەر مۇشۇ يول ئارقىلىق قاتنايتتى. تاڭ دەۋرقدە ئۆتكەن مەشھۇر سەيياھ شۈەنزاڭ ھىندىستاندىن قايتىش سەپىرىدە دەل مۇشۇ يول لېنىيىسى ئارقىلىق دەشتئاتاغا بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قايتقان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگۇغا كەلگەن ئىتالىيىلىك مەشھۇر سەيياھ ماركوپولو مىلادى 1271- يىلى مۇشۇ يول لېنىيىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان.
شىمالى لېنىيىسى كېرىيە دەرياسىنىڭ خەن دەۋرىدىكى ئېقىنىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ سوزۇلۇپ، يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھرى ئارقىلىق كۈسەن بەگلىكىگە تۇتىشاتتى. بۇ يول ئۇمى بەگلىكىنىڭ كۈسەن بەگلىكى ۋە قۇم بەگلىكى بېلەنكى سودا، ئالاقە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلەتتى. جەنۇبى لېنىيىسى كېرىيە دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىنى بويلاپ دەريانىڭ يوقۇرى ئېقىنىغا بېرىپ، كېرىيە تاغ ئېغىزى ئارقىلىق تىبەتكە ئۆتۈپ، لاداخ يولىغا تۇتۇشۇپ، ھىندىستان، ئىراق، ئىران قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە تۇتىشاتتى. بۇ يول يۈرۈش نىسبەتەن قىيىن بولغان كارۋان يولى بولۇپ، قۇتاز ئاساسلىق قاتناش قورالى قىلىناتتى. ئاندا- ساندا ئەلچىلەر ماڭغاننى ھېسابقا ئامىغاندا، ئاساسلىقى خوتەن قاشتېشى ۋە يىپەك مەھسۇلاتلىرىنى ھىندىستانغا يۆتكەپ، ھىندىستاننىڭ خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرىنى يۆتكەپ كېلىدىغان سودا كارۋانلىرى بۇ يول ئارقىلىق ماڭاتتى.
ئۇدۇن شەھرىدىن شەرققە سوزۇلغان كارۋان يولىنىڭ يەنە بىر تارمىقى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئېتىكىنى بويلاپ، تاغ ئېتىكىدىكى يەلپۈگۈچ سىمان لاتقىلىق ۋە دۆڭلۈكلەردىن كېسىپ ئۆتۈپ چىرا بەگلىكى (مەركىزى شەھرى ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقا يېزىسى تەۋەسىدە) گە كېلىپ، ئۈچ تارماققا ئايرىلاتتى. شىمالى تارمىقى چىرا دەرياسىنى بويلاپ شىمالغا سوزۇلۇپ، ئۇمى بەگلىكىنىڭ مەركىزى شەھرى دەندىيانا شەھرىگە تۇتىغاتتى. شەرقى تارمىقى يەنە ئىككى تارماققا ئايرىلىپ، بىر تارمىقى داۋاملىق شەرققە سوزۇلۇپ، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى لەنگەر، ئارال، ئويتوغراق يېزىلىرىدىن ئۆتۈپ، روڭلۇ بەگلىكى (戎卢国)، نىران بەگلىكى (精绝国)، ئەندىرە (سىياۋ يىۋېن) بەگلىكى (小宛国)، چەرچەن بەگلىكى (且志国)، كروران بەگلىكى (楼兰国) ئارقىلىق پىشامشان (鄯善)غا تۇتىشاتتى. بۇ لېنىيەمۇ ئاساسلىق لېنىيە بولۇپ، ئاساسلىقى روڭلۇ، نىران بەگلىكىرى بېلەن مۇناسىۋەتلىك سەپەرلەر مۇشۇ يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. يەنە بىر تارمىقى ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسى ئارقىلىق كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاتچان يېزىسى، نىيە ناھىيىسىنىڭ يېيىق يېزىسى ئارقىلىق ئالتۇنتاغ ۋادىسىغا كىرىپ، ئاندىن چەرچەن بەگلىكىگە بارىدىغان تاغ يولى ئىدى. بۇ يول ئاساسلىقى چارۋا يولى بولۇپ، سىرتقا مال- چارۋا، ئات- ئۇلاق يۆتكەش ياكى سىرتتىن مال- چارۋا، ئات- ئۇلاق كىرگۈزۈش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلەتتى. چۈنكى بۇ يۇل ئاساسلىقى تاغ يايلاقلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول بولۇپ، مال- چارۋا، ئات- ئۇلاقلارنى بىر تەرەپتىن ئوتلىتىپ، بىر تەرەپتىن يول يۈرۈشكە قولاي ئىدى. بۇ تاغ يولى چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسىدا ئىككى تارماققا ئايرىلاتتى. شىمالى تارمىقى بوستان يېزىسىدىن پۇلۇ كانتىنىڭ شىمالىدىكى دۆڭلۈك ئارقىلىق نۇرمۇھەممەت لايقاغا كېلىپ، تاغ ئېتىكىدىكى دۆڭلۈكلەر ئارقىلىق ئاتچان يېزىسىغا كېلىپ، يەنە تاغ ئېتىكىدىكى يەلپۈگۈچسىمان لاتقىلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، نىيە ناھىيىسىنىڭ يېيىق يېزىسىغا تۇتىشاتتى. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچى ئاۋرېل سىتەيىن يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش سەپىرىدە، ئويتوغراق يېزىسىدىن ئاتچان يېزىسىغا كېلىپ، مۇشۇ يول لېنىيىسى ئارقىلىق پۇلۇ كەنتىگە بېرىپ، پۇلۇ ئارقىلىق يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا بارغان. روسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىسى پېرىژىۋالىسكىمۇ لوپنۇردىن قايتىپ، چەرچەن، نىيە ئارقىلىق يېسيۇلغۇن كەنتىگە كېلىپ، ئۇيەردىن ئاتچان يېزىسىغا بېرىپ، ئاتچان ئارقىلىق تىبەتكە چىقىشقا ئورۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان، ئۇ مۇشۇ يول لېنىيىسى ئارقىلىق پۇلۇ كەنتىگە كېلىپ، پۇلۇ كەنتى ئارقىلىق تىبەتكە چىقىشقا ئورۇنۇپ كۆرگەن. ئۇ ھاتەم پاشا يولى ئارقىلىق ئاچچىق كۆلگىچە بېرىپ، تىبەتكە چىقىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالماي، قايتىپ كېلىپ، تاغ يولى ئارقىلىق چىرىغا بېرىپ، خوتەن ئارقىلىق قايتىپ كەتكەن. جەنۇبى لېنىيىسى بوستان يېزىسىدىن ئايرانلىق كەنتى ئارقىلىق كېرىيەنىڭ پۇلۇ كەنتىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆچكۈلۇڭ، لۈش، سوقتىياق (كۈنەس) كەنتىلىرى ئارقىلىق ئاتچانغا كېلىپ، ئۇ يەردىن پىشكە كەنتى ئارقىلىق ئويتوغراق يېزىسى تەۋەلىكىدىكى قاراڭغۇلاق (قاراڭغۇ بۇلاق)، تۇميا (تۇمۇ يار)، سەنجە، مالغۇن، مات، قۇۋۇرغا قاتارلىق تاغلىق كەنتلىرىدىن ئۆتۈپ، نىيە ناھىيىسىنىڭ يېيىق يېزىسىغا تۇتىغاتتى. ياقۇببەگ دەۋرىدە ياقۇپبەگنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن شىھىتلەر مازارلىرىنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەشھۇر كىلاسسىك شائىر، سەيياھ مەشرەپ – خوتەندىن يولغا چىقىپ، چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقا يېزىسىغا كېلىپ «ئىمامى جەففەر تەريان مازىرى»نىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، بوستان يېزىسىغا كېلىپ «تۆت ئىمام مازىرى»نىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، پۇلۇ، ئۆچكۇلۇڭ، لۈش كەنتلىرىدىن ئۆتۈپ سوقتىياق كەنتىگە كېلىپ، ئۇيەردىن شۇڭگۇل كەنتىگە بېرىپ، شۇڭگۇل كەنتىدىن ئۇدۇللاپلا ئويتوغراق يېزىسىغا بېرىپ، ئاندىن نىيە ناھىيىسىگە بېرىپ، «ئىمامى جەففىر سادىق مازىرى»نىڭ ئورنىنى بېكىتكەن.
شەھەر كۆچسە، يولمۇ كۆچىدۇ. كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجداتلىرى بەرپا قىلغان مەركىزى شەھەر تارىختا بىرنەچچە قېتىم كۆچكەن. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ئۈستىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجداتلىرى ئەڭ بۇرۇن بەرپا قىلغان شەھەر يۇمۇلاققۇم شەھرى بولۇپ، بۇ غەربى خەن دەۋرىدىن بۇرۇنلا ۋەيران بولۇپ، ئاھالىسى كۆچۈپ كەتكەن بولغاچقا، تارىخى تەزكىرىلەردە بۇ شەھەر توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات ياكى يىپ ئۇچى يوق. ئىككى قېتىملىك كەڭ كۆلەمدىكى ئارخىئولوگىيىلىك قېزىش ئارقىلىق ئاز بولمىغان تېپىلمىلار قېزىۋېلىنغان بولسىمۇ، ھېچقانداق يازما يادىكارلىق تېپىلمىغان بولغاچقا، ئارخىئولوگلار بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى ئىسمى، دىنىي ئېتىقادى، تىل- يېزىقى، ئاھالىسى توغرىسىدا بىرەر يەكۈن چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.
بۇددىزىم دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە دەريا سۈيىنىڭ تارتىلىپ كېتىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى پەيدا قىلىپ، ئاھالىلارنىڭ كۆچىشىگە سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل – كېرىيە دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىدىكى يانار تاغنىڭ پارتلىشى ئىدى. كېرىيە دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش ھەركەتچان يانار تاغ بار بولۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىختا بىر نەچچە قېتىم پارتلىغان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1954- يىلى پارتلىغان بولۇپ، گىئولوگلار شۇ چاغدا بۇ يانار تاغنى 50 يىلدا بىر قېتىم پارتلايدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە قايتا پارتىلىمىدى. كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش مەركىزى ئاساسلىقى مۇشۇ رايۇندا بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش پۈتۈنلەي يانار تاغ رايۇنىدا كۆرۈلدى. سۈنئى ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق كۈزەتكىنىمىزدە، بۇ رايۇندا ئۈچ ئورۇندا يانار تاغ پارتلىغان ئېغىز بار. قەدىمقى دەۋىرلەردە بۇ يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن، ئېتىلىپ چىققان ماگمىلار كېرىيە دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىنى توسۇپ، دەريانىڭ باش قىسمىنى ئۈزۈۋەتكەن. بۇنىڭ بېلەن ئاچچىق كۆل، ئىبراھىم كۆل قاتارلىق ئىككى چوڭ كۆل ھاسىل بولغان. دەريانىڭ باش قىسمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەپلىك دەريا سۈيى ئازلاپ كېتىپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى پەيدا قىلغان ۋە كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. بۇ ئاپەت كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى تەبىئى بوستانلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىقنى پەيدا قىلىپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا بەرپا قىلىنغان شەھەر- راباتلاردىكى ئاھالىنى دەريانىڭ يوقۇرى ئېقىنىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.
يۇمىلاق قۇملۇقلار كۆچۈپ قايتا بەرپا قىلغان مەركىزى شەھەر دەندىيانا شەھرى بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئورنى كېرىيە دەرياسىنىڭ خەن دەۋرىدىكى قەدىمىي ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. يىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، يانار تاغنىڭ قايتا پارتلىشى كېرىيە دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىدىكى كىچىك تاراملارنىمۇ توسۇپ قويغاچقا، دەريا سۈيى يەنە ئازلاپ، دەندىيانا شەھرىگە بارىدىغان سۇ تارتىلىپ كەتكەچكە، قۇرغاقچىلىق ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ قېتىم ئۇلار كېرىيە دەرياسىنىڭ دەندىيانا شەھرىگە نىسبەتەن يوقۇرى ئېقىنىدا بەرپا قىلىنغان ئاۋات بىر يېزىسىغا تەدرىجى كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ، بۇ شەھەرنى بىميانا دەپ ئاتىغان. بۇ شەھەر پەرپا قىلىنغان جاي كېرىيە دەرياسىنىڭ نۇرغۇن تارماق ئېقىنلىرى قۇيۇلۇپ ھاسىل قىلغان «يېشىل كۆل» دەپ ئاتالغان چوڭ قۇمۇشلۇق كۆلنىڭ غەربى، كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى غول ئېقىنىنىڭ شەرقى بولۇپ، ھازىرقى سىيەك يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىدە ئىدى. بىميانا شەھرى مەشھۇر سەيياھ تاڭ شۈنزاڭنىڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى»دە «媲摩城» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىسىم مەھمۇد كاشىغەرىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تەرجىمان، تىلشۇناس سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا «بىمبالىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى 1271- يىللىرى قەدىمىي يېپەك يولى بېلەن جۇڭگۇغا كەلگەن ئىتالىيىلىك سەيياھ ماركوپولو ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە بۇ شەھەرنى «Pein ئۆلكىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ غەربىدىكى دەريا يەرلىك تىلدا «جەمدەر» دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز شۇ دەۋىرلەردە خەنزۇچە تارىخى تەزكىرىلەرگە «建德力» دەپ يېزىلغان. «يىڭى تاڭ نامە» 48- جىلد «تەزكىرە 33- باپ كېيىنكى بۆلەك. ئوڭ (غەرب) تەرەپ لىفېڭ ئايمىقى تۇتۇق مەھكىمىسى. تاغنىڭ جەنۇبىدىكى يول»دا: ”... نامپا قەدىمىي شەھرى (宁弥故城) بار، بىر ئېيتىلىشىچە دادېلى شەھرى (达德力城)، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇمې  دۆلىتى (汗弥国)، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇمې شەھرى (拘弥城) ئىكەن. ئۇدۇننىڭ 390 چاقىرىم شەرقىدە جەمدەر (建德力) دەرياسى، 700 چاقىرىم شەرقىدە نىران دۆلىتى (精绝国) بار. ئۇدۇننىڭ 380 چاقىرىم غەربىدە بېشەن شەھرى (皮山城) بار بولۇپ، شىمالى قۇم (姑墨) بېلەن تۇتىشىدۇ. مۇزتاغ ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ 700 چاقىرىم غەربى جەنۇبىدا. يەنە ئۇدۇننىڭ 300 چاقىرىم شەرقىدە كامژېڭ بازىرى (坎城镇) بار، 600 چاقىرىم شەرقىدە لامژېڭ بازىرى (兰城镇) بار، 600 چاقىرىم جەنۇبىدا غۇنۇ بازىرى (胡弩镇) بار، 200 چاقىرىم غەربىدە كۇژېڭ بازىرى (固城镇) بار، 390 چاقىرىم غەربىدە كىلياڭ بازىرى (吉良镇) بار. ئۇدۇننىڭ شەرقىدىن چەرچەن بازىرىغا (且末镇) 1600 چاقىرىم.... لوپنۇر كۆلى (蒲昌海)نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن... يەنە غەربكە يۈرگەندە، سېتلېتېي قۇدۇقى (悉利支井)، جىن قۇدۇق (祆井) بار، سۇ كەمچىل ئەمەس، 500 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇننىڭ شەرقىدىكى لامژېڭ قورۇلى (兰城守捉) غا بارىدۇ. يەنە غەربكە يۈرۈپ، جېدۇ قەلئەسى (移杜堡)، بېڭخۇەي قەلئەسى (彭怀堡)، كامژېڭ قورۇلى (坎城守捉)دىن ئۆتۈپ، 300 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇنغا بارىدۇ.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. «يىڭى تاڭ نامە» 237- جىلد «تەزكىرە 146- باپ ئالدىنقى بۆلەك. غەربى دىيار، ئالدىنقى بۆلەك»تە: ”ئۇدۇننىڭ 300 چاقىرىم شەرقىدە 建德力 دەرياسى بار، 700 چاقىرىم شەرقىدە نىرەن (精绝国) دۆلىتى بار؛ دەريانىڭ شەرقىدە ئۇمې (汗弥) بار، 达德力 شەھرىدە، نامپا (宁弥) قەدىمىي شەھرى بار، يەنە بىر ئىسمى ئۇمى (拘弥) شەھرى. بۇ كىچىك بەگلىكتۇر.“ دەپ خاتىرىلەنگەن.
بۇ بەگلىكنىڭ مەركىزى شەھرى كۆچۈش بېلەن، قۇملۇق ئىچكىرىسىدە غەربتىن شەرىققە سوزۇلغان كارۋان يولىمۇ كۆچۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىنى بويلاپ ماڭىدىغان يىڭى كارۋان يولى بەرپا قىلىنغان. بۇ يول لېنيىسى ئۇدۇن شەھرىدىن چىقىپ، ھازىرقى لوپ ناھىيىسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىدىن ئۆتۈپ شەرىققە سوزۇلۇپ، ھازىرقى چىرا بوستانلىقىغا كېلىپ، ھازىرقى گۇلاخما، داماكۇ، قارقى، شىۋول يېزىلىرىدىن ئۆتۈپ، بىمبالىق شەھرىگە تۇتىشاتتى. بۇ دەۋىرلەردە، كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ شىمالغا سوزۇلۇپ كۈسەنگە تۇتىشىدىغان ۋە جەنۇپقا سوزۇلۇپ، لاداخ يولىغا تۇتىشىدىغان كارۋان يوللىرى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. شەرقى لېىنيىسى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئېتىكىدىكى يەلپۈگۈچ سىمان لاتقىلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ نىرەن بەگلىكىگە تۇتىشىدىغان يول غول يول ۋە ئاساسى يولغا ئايلانغان ئىدى. شۇنداقلا تاغ يولى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى.
بۇ ۋاقىت بۇ ۋادىدا بۇددىزىم تازا گۈللەنگەن دەۋىر بولۇپ، ئۇدۇننى مەركەز قىلغان بۇددا مەدەنىيىتى ۋە بۇددا ئەقىدىلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىغان، نۇرغۇن بۇددا ئۆلۈمالىرى ۋە رەسسام، مۇزىكانتلار مۇشۇ يول ئارقىلىق چاڭئەنگە بېرىپ، بۇددا تەلىماتى ۋە غەربى دىيارنىڭ رەسساملىق، ناخشا- مۇزىكا، ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكە تارقاتقان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى نۇرغۇن بۇددا راھىبلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۇدۇنغا كېلىپ دىنىي تەلىم ئالغان ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ دەۋىردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يىپەكچىلىك ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق راسا گۈللەگەن بولۇپ، بۇ رايۇندا ئىشلەپ چىقىرىلغان يىپەل رەختلەر مۇشۇ يول ئارقىلىق غەرىبكە يۆتكىلەتتى. شۇڭا بۇ يول قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى غول لېنىيىسىگە ئايلانغان ئىدى. بىمبالىق شەھرىمۇ يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى لېنىيىسىدىكى موھىم سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈگۈنىگە ئايلانغان ئىدى.
مىلادى 960- يىلى قاراخانىيلارنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇدۇن بۇددىستلىرى بېلەن قاراخانىيلار ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 40 نەچچە يىل ئۇرۇش بولدى. ئاخىر قاراخانىيلارنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق سانغۇنى خان تاغىسى يۈسۈپ قادىرخان ئەرەپلەرنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ياللىۋېلىپ، ئۆز قوشۇنى بېلەن قوشۇپ، ئۇدۇنغا غازات نامى بېلەن ئومۇمى يۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىدى. ئىسلام غازاتچىلىرى بىمبالىق بوستانلىقىغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇدۇندىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ چېكىنىپ كەلگەن بۇددىستلار يەرلىك بۇددىستلار بېلەن بىرلىكتە بىمبالىق شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبى (ھازىرقى كۆكچىساي)غا جايلاشقان مۇستەھكەم قورغىنىغا بىكىۋالدى. بۇ قورغان ئىنتايىن مۇستەھكەم، مۇداپىيەگە قولاي بولغاچقا، ئىسلام غازاتچىلىرى ئۇدا 40 كېچە كۈندۈز ھۇجۇم قىلىپمۇ قورغاننى ئالالمىدى. ئاخىر غازاتچىلار دەريانى بۈگۈپ، قورغانغا كەلكۈن سۈيى بېلەن ھۇجۇم قىلىپ، بۇددىستلارنى تارمار قىلدى. بۇنىڭ بېلەن بۇ قورغان قۇم- شېغىلنىڭ تىگىگە مەڭگۈلۈك كۆمۈلۈپ كەتتى ھەمدە كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى شىمال يۆنۈلۈشىدە ئاقىدىغان غول ئېقىنى ئېقىن ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئورنىغا يۆتكەلدى.
كېرىيە ۋادىسىدىكى ئاھالە مۇسسۇلمانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، چەرچەن مۇسۇلمانلار چېگرىسى قىلىندى. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە: «چۇرچان: چەرچەن، چىن يولىدىكى مۇسسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى»② دەپ يازغان. كېرىيە دەرياسىنىڭ ھازىرقى ئېقىنى بۇددىزىم دەۋرىدە كېرىيە دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يەردە بىمبالىق شەھرىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرى دەريا سۈيىنى باشلاپ چىقىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، بۇ دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىنى ئېكىنزارلىققا ئايلاندۇرغان ئىدى. شۇڭا بۇ دەريا خوتەن ساك تىلىدا «تېرىلغۇ دەريا» دېگەن مەنىدە «كېريا» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ تارماق ئېقىن كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، قەشقەردىن كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ بىر قىسمى (ئاساسلىقى قارلۇق قەبىلىسىدىن بولغان لەشكەرلەر) مۇشۇ دەريا بويىغا ماكانلاشتۇرۇلدى. مەركىت قەبىلىسى ۋە باشقا قەبىلىلەردىن بولغان لەشكەرلەر بىمبالىق شەھرى ئەتراپىدىكى تېخى ئېچىلمىغان بىنام يەرلەرگە ماكانلاشتۇرۇلدى. قاراخانىيلار يەرلىك بۇددىستلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ۋە كۈسەن، ئىدىقۇت بۇددىستلىرى، تىبەت، كۆكنۇر بۇددىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرەپ، خوتەن رايۇنىغا نۇرغۇن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ھەرقايسى رايۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇردى. كېرىيەگە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغانلار يەنىلا قارلۇقلار كېرىيە دەرياسى بويىغا، باشقا قەبىلىدىن كەلگەنلەر بىمبالىق شەھرى ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى. شەرقتىن كېلىدىغان بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن كارۋان يولىنىڭ مۇشۇ دەريادىن ئۆتىدىغان جايىغا سېپىل سوقتۇردى، بۇنىڭ بېلەن بۇ جاي قەدىمىي تۈرۈك تىلىدا «شەھەر سېپىلى» دېگەن مەنىسە «ھىسار» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «ھاسا» دەپ قىسقىراپ ئاتالدى. قارلۇقلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان رايۇننىڭ تېرىلغۇ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆستەڭ قازدۇرۇلدى، بۇ ئۆستەڭ شۇ چاغدا قويۇلغان نامى بويىچە ھازىرغىچە «قارلۇق ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. قەدىمىي كارۋان يولىنىڭ بۇ ئۆستەڭدىن ئۆتىدىغان نوقتىسىغا ياغاچتىن چوڭ كۆۋرۈك ياسالدى. بۇنىڭ بېلەن بۇ كۆۋرۈك «تاختا كۆۋرۈك» دەپ ئاتالدى. بىر قىسىم كۆچمەنلەر ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان يۇرت- مەھەللىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەبىلە نامى بېلەن «قارلۇق»، «مەركىت»، «قارچۇق (قاچۇن)»، «موغۇل(لا) (مۇغاللا)»، «چارۇق(لا) (چوقلا)» دەپ ئاتىغان بولسا، يەنە بىرقىسىم كۆچمەنلەر ئولتۇراقلاشقان يۇرت- مەھەللىلىرىنى قەشقەردىكى يۇرتلىرىنىڭ نامى بېلەن ئاتىدى. گۈزە، قارقى، سىيەك، چاقا دېگەن يەر ناملىرى كۆچمەنلەر بېلەن بىرگە بۇ يۇرتقا كۆچۈپ كەلدى. بىر قىسىم يىڭى بەرپا قىلىنغان يۇرت- مەھەللىلەرگە قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى دىيالىكىتى قەشقەر تۈرۈكچىسى دەپ ئاتالغان قەشقەر شىۋىسى بويىچە ئىسىم قويۇلدى. «ھيتگاھ»، «چاسا»، «ئۆستەڭ بۇيى» دېگەندەك تۈرۈكچە ناملار شۇ دەۋىرلەردە پەيدا بولغان ئىدى. كېرىيەگە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئاھالە بىر جەھەتتىن، سانى نىسبەتەن كۆپ، يەنە بىر جەھەتتىن ھاكىمىيەت بېشىدا بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىنىڭ تىلى تىزلا تۈرۈكچىلىشىپ كەتتى. دەريانىڭ شەرقى قىرغىقى يىلمۇ يىل كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلغاچقا، دەريانىڭ شەرقى (ھازىرقى بەشتوغراق ۋادىسى)دە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلارنىڭ سودىگەر- تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن- كاسىپلار تەردىجى ھالدا كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا كۆچۈپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلارغا سىڭىشىپ كەتتى. بۇنىڭ بېلەن بۇ يەر تەدرىجى ھالدا شەھەر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ شەھەر مەركىزى كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا، قەدىمىي كارۋان يولىنىڭ دەريادىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە كېچىك ئېغىزىغا جايلاشقان بولغاچقا، كەلكۈن پەسلىدە دەريادىن ئۆتەلمىگەن سودا كارۋانلىرى بۇ شەھەر مەركىزىدىكى دەڭ- سارايلاردا يېتىپ، كەلكۈن سۈيىنىڭ تارتىلىشىنى كۈتەتتى. شۇڭا تاختا كۆۋرۈكنى مەركەز قىلىپ، سودا بازىرى شەكىللەندى. كېچىدە كەلگەن كارۋانلار ۋە يولۇچىلارنى يېمەك- ئىچمەك بېلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تاختا كۆۋرۈك بازىرى يەنە كەچلىك بازار بولۇپ ئاۋاتلاشتى. ھازىرقى ھېيتگاھ، تاناي بېشى ئەتراپلىرىدىكى چوڭ- كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە دەڭ- ساراي، ئاشخانا- ناۋايخانا، سودا دۇكانلىرى، ھۈنەرۋەن- كاسىپلارنىڭ ئۇستىخانىلىرى بار بولۇپ، ئاۋات بازار ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ خىل ئەۋزەل شارائىت سودا كارۋانلىرىنىڭ بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئات ئۇلاقلىرىنى دەم ئالدۇرۇپ مېڭىشىغا قولاي شارائىت ھازىرلىغان ئىدى. بىر قىسىم كىچىك تىجارەتچىلەر يىراق- يېقىندىن كېرىيە بازىرىغا كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىققان سودىگەرلەردىن مال ئېلىپ، ياكى ئەكەلگەن يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلارنىڭ مېلىغا ئالماشتۇرۇپ قايتىشاتتى. كېرىيدىن چىققان قاشتاشلىرى مۇشۇ بازاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىققان سودىگەرلەرگە سېتىلاتتى ياكى بۇ كارۋان يولى ئارقىلىق دۇڭخۇاڭ، چاڭئەنلەرگە توشۇلاتتى. شۇڭا بۇ بازار بارغانسىرى ئاۋاتلىشىپ، «تاختا كۆۋرۈك بازىرى» دېگەن نام بېلەن غەرپتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ۋە شەھەرلەردە، شەرقتە دۇنخۇاڭ، چاڭئەنلەردە داڭ چىقارغان ئىدى.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ۋە يېپەك يولى ئۈستىدىكى بەگلىكلەرنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراپلىشىشى بۇ بازارنىڭ گۈللىنىشى ياكى چېكىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى. يىپەك يولىنىڭ بىمبالىق ۋە كېرىيە شەھەرلىرىدىن ئۆتىغان بۆلىكى بويىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى رايۇنلاردا، بولۇپمۇ كۆكنۇر (ھازىرقى چىڭخەي) رايۇنىدا مالىمانچىلىق يۈز بىرىپ، يول توسۇلۇپ قالغان چاغلاردا، كارۋانلار كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇنىڭ شايارغا ياكى لوپنۇرغا بېرىپ، تۇرپان، قۇمۇل ئارقىلىق قاشقۇۋۇقتىن ئۆتۈپ، دۇنخاڭغا بارىدىغان يول لېنىيىسى ئارقىلىق سودىسىنى داۋاملاشتۇراتتى. تارىم ۋادىسىدا مالىمانچىلىق يۈزبەرگەن ياكى بۇ رايۇندا قەھەتۋىلىك يۈز بەرگەن چاغلاردا كىشىلەر كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇ ۋە لوپنۇرغا تۇتىشىدىغان يول ئارقىلىق كىچىك تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا بۇ يول كېيىنكى چاغلاردا «ئوغرى يول» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ «ئوغرى يول» توغرىسىدا ئاۋرېل سىتەيىن مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان:
ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يەنى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچ، بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئورنى غەربى جەنۇب 190 گىرادۇس ئىكەنلىكى بېكىتتۇق، بىز چوڭ بىر داۋانغا كەلدۇق، ئىگىزلىكى 300 فۇت③ئەتراپىدا ئىدى. بىز داۋان ئۈستىگە چىقىپ، تۇيۇقسىز ئالدىمىزنىڭ قۇرۇپ كەتكەن ئورمان بەلبېغى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، شۈبھىسىزكى بۇ يەر كېرىيە دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كونا دېلتىسىنىڭ ئەڭ شىمالى ئىدى. 321- لاگىردا نۇرغۇن يىللار بۇرۇن قۇرۇپ كەتكەن ئېقىن ئېقىپ ئۆتكەن جايدىن بىر قۇدۇق كولاپ، ئىچىمىلىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. بىز ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك ئىگىز قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرغان قەدىمىي دېلتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈكى، يەنى كېرىيە دەرياسى ئۈزۈلىدىغان جايغا توغرا يېتىپ كەلگەن ئىدۇق. بىز بۇ يەردىن قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈشتىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك مۇساپىنى باشلىدۇق. سۇ مەنبىيى ۋە يول باشلىغۇچى تېپىش ئۈچۈن، بىز بۇ ئەڭ ئىشەنچسىز قۇرۇپ كەتكەن دېلتىدا تۈرلۈك جاپا مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. مېنىڭ قوشۇمچە ئىزاھلاپ قويىدىغىنىم، بىز ئالتە يول مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن، ئاران ئەشۇ قۇرۇپ كەتكەن ئېقىننى تاپتۇق، ئېقىن نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقان ئىدى. تۆت يىل بۇرۇن ئىسپاتلىغىنىمىزغا ئوخشاش، بۇ دەريا ئېقىن ئۆزگەرتكەن ئىدى. 1896- يىلى ھېدىن دوكتۇر بايقىغان چاغدىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ئېقىن غەرىبكە خېلىلا يىراق يۆتكەلگەن ئىدى.
بىز 323 - لاگىردىن كىرىش چەكلەنگەن قۇرۇق دېلتىغا كىردۇق، تۈز سېزىق ئارىلىقى بويىچە 25 مېل④ يۈرگەندىن كېيىن، بىز تۇنجى بولۇپ ئىنسانلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى بايقىدۇق. بۇنى ئاساسلىقى كىچىك تىپتىكى كونا ئاھادە شەكىللىك قۇرۇلۇشلاردىن قىياس قىلىپ چىقتۇق، بۇ خىل قۇرۇلۇش بىز ئىلگىرى كرورەن قەدىمىي ئىزىغا بېرىش سەپىرىمىزدە كۆرگەن نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار بېلەن ناھايىتى ئوخشاش ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمىي دەريا ئېقىتىپ كەتكەن جايلاردا بايقالدى، ئېنىقكى، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئالدىنقى دەۋىرلىرىگە تەۋە ئىزلار ئىدى. جەنۇبقا يەنە توققۇز مېلدىن كۆپرەك يۈرگەندىن كېيىن، ئوخشاش بىر ئېقىندىن بىز كۆيدۈرۈلگەن كۆتەك، ھەمدە بۇرۇنقى دەۋىردىكى ئىنسانلار ياسىغان ئىزنى بايقىدۇق. بىز يەنە تەخمىنەن 24 مېل يۈرگەندىن كېيىن چۈشكۈن قىلدۇق. بىز بۇ يەردىن بۇرۇق كىشىلەر قىسقا مۇددەت ماكانلاشقانلىق ئىسپاتىنى تاپتۇق، بۇ چارۋىچىلارنىڭ بىر ئېغىز ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ياغاچ ئۆيى (ساتما) ئىدى. ھەقىقى ئەھمىيەتكە ئېگە قۇرۇق دەرياغا يەتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن يەنە ئىككى يول مۇساپە مېڭىپ، بىز تاقىر قۇم بارخانلىرى بەلبېغى ۋە قۇرۇپ كەتكەن توغراق بەلبېغىدىن ئۆتۈپ، ھاياتى كۈچكە تولغان دەريا بويى ئۆسۈملۈك رايۇنىغا كىردۇق. ئاخىر بىز يۇغان قۇم⑤غا يېقىن چارۋىچىلىق مەيدانىغا كەلگەنلىكىمىزنى بايقىدۇق.1901- يىلى مەن بۇ يەرگە كەلگەندە بۇ يەرنىڭ كېرىيە دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن ئىدىم. يول ئۈستىدە قارا دۆڭ قەدىمىي ئىزىدىن تەخمىنەن تۆت مېل ئۆتۈپ كەتكەن بولساقمۇ زادى ھېس قىلماپتىمىز.
1901- يىلى مەن بىر تۇرا⑥ ئىزىنى تەكشۈرۈپ، بۇ يەردە قەدىمىي دەۋىردە كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىن تارىم دەرياسىغا تۇتۇشۇپ، ئاندىن كۇچاغا بارىدىغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان يول بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتىن ئىگىلىگەن تەجرىبەم، شۇنداقلا قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتكەندە قالدۇرغان ئاددى خاتىرىلەردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشقا يېتەرلىك پاكىت بار ئىدى. مەن يەنىلا بۇ لېنىيىدە نۇرغۇن قۇدۇق ۋە تۇرالارنى ياساش ئارقىلىق يول ئېچىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز بېسىپ ئۆتكەن بۇ يوللار بېلەن ئاساسەن ئوخشاش، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدىغان يولنىڭ بويلىرىغا بەلگە تىكلەشمۇ ناھايىتى ئەمەلىي ئىدى. گېۋىن ئەپەندىنىڭ 1893- يىلىدىكى دوكلاتىغائاساسلانغاندا، كۆپچىلىك ئىشىنىشكە بولىدۇكى، بۇ يولنى كېرىيەنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق ئامبىلى پىلانلىغان. ئەگەر تارىم دەرياسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇق دەريا بەلبېغىنى، شۇنداقلا توڭگۇز باستى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئاستىدىكى بىر ئىككى يول مۇساپىدىكى جايلارنى كۈزىتىدىغان بولساق، بىز بۇ ئىككى رايۇن ئارىسى كەڭ كەتكەن گىياھ ئۆسمەيدىغان قاقاس قۇملۇق رايۇن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، يەنە ئارىلىق مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى نەزەرگە ئالغاندا، مېنىڭچە بۇ يول بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلگەندە دائىم ئىشلىتىلىدىغان كارۋان يولى بولالمىغان.
كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ قىسمى ئەشۇ دەۋىرلەردىن باشلاپ ئېغىر قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى تارىيىشقا باشلىغان، شۇڭا خەن سۇلالىسى، ھەتتا تاڭ سۇلالىسى دەۋىرلىرىگە كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ ھەر جەھەتتىكى شارائىتى تەدرىجى ياخشىلانغان، لېكىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان بىۋاستە تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە جەھەتتىكى پاكىت تېپىلمىدى. يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى كېرىيە دەرياسىنىڭ ئىلگىرى تارىم دەرياسىغا قۇيۇلغان ياكى يېقىنلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، لېكىن كېرىيە دەرياسىنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرىنى تۈرلۈك يول بېلەنمۇ ئىسپاتلاشقا ئامال يوق. مىرزا ھەيدەرنىڭ قارىشىچە، كېرىيە دەرياسى قۇملۇقنىڭ شەرقىدىكى چوڭ كۆلگە قۇيىلىدىغان دەريالارنىڭ بىرى، گەرچە ئۇنىڭ يەكۈنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەكشۈرۈشتىن چىقىرىلغان ئەمەلىيەت بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشقان ۋە ئېقىپ يۈرگەن قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاساسلىق سەۋەبى شىنجاڭنىڭ سۇ رايى ئىلمى مۈجمەل بولغانلىقتىن بولسا كېرەك.
بۇ يەرلەرنىڭ يەر شەكلى ئەھۋالىنى چۈشەنگەندىن كېيىن قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ چىغىر يولنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋىردىن باشلاپ، بولۇپمۇ جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم تۇغۇلدى. ئەمەلىيەتتە، كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە بارغان ئوۋچى ۋە چارۋىچىلار بىردەك بۇ يولنىڭ «ئوغرى يول» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. مۇشۇنداق ئېزىقىش سەۋەبىدىن، ئىشەنچىسى تولۇق بولغان بايلىق ئىزدىگۈچى يول باشلىغۇچى تۇردىنى ياردەمگە چاقىرغان ئىدىم. تەخمىنەن 1903- يىلى ئۇ خوتەنلىك بەگ بىلەن خەنزۇ ئىسدىبدات ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن قېچىش، ھەم كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىن قۇملۇقتىن ئۆتۈشنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن شايارغا بارغان، بۇ قېتىمقى خەتەرلىك بايلىق ئىزدەش سەپىرىنىڭ نەتىجىسى مەيلى بەگنى ياكى سەمىمى تۇردىنى بولسۇن ئىنتايىن پالاكەت باشقان. بۇ ئىشەنچسىز بايلىق ئىزدىگۈچىلەر، ياكى قاراقچى ۋە باشقا كىشىلەردىن قۇرۇلغان ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى چوقۇم غول يولدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، بۇ چىغىر يول ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتىدۇ. شۇنداق ئىكەن بۇ چىغىر يول ئۇلانى تەبىئى ھالدا نۇرغۇن ئېزىقتۇرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن بىزنىڭ قەدىمىي تۈركى تىللىقلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنى، ياكى تاداكىرا (Tadhkira)نى تەرجىمە قىلىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ رىۋايەتكە ئاساسلىقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن كەلگەن بىر توپ مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ كېرىيە دەرياسى يولىنى بويلاپ كېلىپ، كېرىيە تەۋەسىدىكى ئىسلامغا كىرمىگەنلەرگە بىر قېتىم تۇيۇقسىز زەربە بەرگەنلىكى ھىكايە قىلىنىدۇ.⑦
كېيىنكى دەۋىرلەردە، بۇ يولنىڭ شەرقىدىكى كروران، نېران، روڭلۇ قاتارلىق بەگلىكلەر قۇرغاقچىلىق، قۇم- بوران قاتارلىق تەبىئى ئاپەتلەر ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائى ئاپەتلەر تۈپەيلى ئاھالىلىرى كۆچۈپ كېتىپ، شەھەرلەر تاشلىنىپ قېلىپ، ئادىمىزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ يولدىكى سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى تەدرىجى ئازلاپ، پەقەت كېرىيەلىك سودىگەرلەرنىڭ دۇڭخۇاڭغا بارىدىغان يولى بولۇپ قالدى. خوتەننىڭ سودا كارۋانلىرى خوتەن دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇغا بېرىپ، تارىم ۋادىسىدىكى يىپەك يولىنىڭ شىمالى لېىنىيىسى ئارقىلىق يۈرىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ھال كېرىيەنىڭ ئىقتىزادىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، يول ئۈستىدىكى لەڭگەر، ئۆتەڭ، رابات، دەڭ- سارايلارنى خاراپلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كۆچۈپ كېتىشكە ياكى كەسىپ ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بېلەن شۇغۇللۇنىشقا مەجبۇر قىلدى.چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە، كېرىيە بوستانلىقىدىكى چارۋىلارغا يايلاق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، چارۋىدارلار شەرققە يۈرۈش قىلىپ، نىيە، چەرچەن ھەتتا چاقىلىقلارغىچە بېرىپ، يايلاق ئىگىلەپ، چارۋىلىرىنى باقتۇردى. بۇ رايۇنلاردا چارۋىچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر دەريا- ئېقىن بويلىرىدىن يەر ئېچىپ، دېھقانچىلىق قىلىپ، بۇ رايۇنلاردا قايتىدىن ئاھالە پەيدا بولۇپ، بۇ يۇرتلارنى قايتا ئاچتى. بۇ رايۇنلارنىڭ قايتا ئېچىلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى بېلەن، كېرىيەدىن ئۆتىدىغان سودا كارۋان يولى قايتا گۈللەندى. يول ئۈستىدىكى دەڭ- ساراي، لەڭگەر- ئۆتەڭلەر قايتىدىن گۈللەندى ياكى يېڭىدىن ئېچىلدى.
ياقۇپ بەگ دەۋرىگە كەلگەندە، خوتەننىڭ ھاكىم بېگى نىياز ھاكىم بەگ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن، بۇ يول ئۈستىدىكى لەڭگەر- ئۆتەڭلەرگە كۆل ياكى قۇدۇق قازدۇرۇپ، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ۋەخپە ئۆيلەرنى سالدۇرۇپ، مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، بەزى ئېقىنلارغا كۆۋرۈك سالدۇرۇپ، يولنى راۋانلاشتۇردى. بۇنىڭ بېلەن بۇ سودا يولى يەنە راۋانلىشىپ، خوتەن، قەشقەر رايۇنلىرىدىكى سودا كارۋانلىرىنىڭ دۇڭخۇاڭغا بارىدىغان ئاساسلىق يولىغا ئايلاندى.
19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر بىمبالىق شەھرى مەۋجۇت بولۇپ، كېرىيە بوستانلىقىدا ھازىرقى كونا شەھەر رايۇنى ۋە بىمبالىق شەھرىدىن ئېبارەت ئىككى شەھەر مەركىزى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. كونا شەھەر رايۇنىنى مەركەز قىلىپ بەرپا قىلىنغان شەھەر دەريانىڭ نامى بېلەن «كېريا» دەپ ئاتىلىپ، خوتەن ساكتىلى ئادىتى بويىچە «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، «كېيا» دەپ ئاتالغان ئىدى. بىمبالىق شەھرى بولسا «بىم، پىم، بىن، پىن» شەكىللىرىدە ئاتالغان ئىدى. مىلادى 1810- يىلىدىكى بىر قېتىملىق زور كەلكۈن بىمبالىق شەھەرگە باستۇرۇپ كېلىپ، شەھەرنى ھەيران قىلىۋەتكەن، شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ قېتىملىق كەلكۈندە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. بۇنىڭ بېلەن بۇ شەھەردىكى بارلىق ئاھالە بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن. لېكىن شەھەر ئەتراپىدىكى رايۇنلار يەنىلا بۇرۇنقى ئاۋاتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. زوزۇڭتاڭ شىنجاڭغا چىقىپ ھاكىمەت باشقۇرغاندىن كېيىن، مىلادى 1884- يىلى كېرىيە ناھىيە قىلىپ تەھسىس قىلىندى. كېرىيەگە ئەۋەتىلگەن ئامبال بىمبالىق شەھرى ئورنىغا يامۇل سېلىشنى پىلانلاپ، بۇ يەرنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھاشارچىلارنى يىغىپ ئۆستەڭ قازدۇرغان. ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ زەيكەش ئىكەنلى ۋە يەنە زور كەلكۈن كەلسە شەھەرنى ھەيران قىلىۋېتىش مۈمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يەرگە يامۇل سېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ناھىيە يامۇلىنى ھازىرقى كېرىيە بازىرىنىڭ كونا شەھەر رايۇنىغا سالدۇرغان. شۇڭا بۇ ئۆستەڭ ھازىرغا قەدەر «يامۇل ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر شۇ دەۋىردە ناھىيە يامۇلى بۇ قەدىمىي شەھەر ئورنىغا سېلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا كېرىيەنىڭ مەركىزى شۇ جاي بولۇپ قالاتتى. زو زۇڭتاڭ ھەرقايسى ناھىيەلەرگە يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەندىن كېيىن، كېرىيە ئامبىلى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىكى كىچىك ئېقىنغا تىگەن سوقتۇرۇپ، تىگەننى يول قىلدى، بۇنىڭ بېلەن بۇجاي «تىگەن» دەپ ئاتالدى، تىگەننىڭ غەربىدىكى چوڭ ئېقىنغا چوڭ توغان ياسىتىپ، توغان ئۈستىنى يول قىلدى، بۇنىڭ بېلەن بۇ جاي «چوڭ توغان» دېگەن مەنىدە «قارا تۇغان» دەپ ئاتالدى. ئويچىغيا، سايۋاغيالارغا كۆۋرۈك سالدۇردى. بۇنىڭ بېلەن بۇ كارۋان يولى تېخىمۇ راۋانلاشتى. كېيىچە تىگەن ۋە قارا تۇغان دەپ ئاتالغان ئېقىنلار تەدرىجى لاي سېلىنىپ دېھقانچىلىق ئېتىزى بەرپا قىلىنىپ، ئېقىن ئىزى تامامەن يوقالغان بولسىمۇ، «تىگەن»، «قاراتۇغان» دېگەن يەرناملىرى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلدى.
سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى ماخوسەن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، خوتەن رايۇنى شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى دۆلەت مۇداپىيىسىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يوللارنى ياساش بۇيرۇقى چۈشۈردى. خوتەندىن چەرچەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول تۇنجى قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلدى ۋە خوتەندىن كېرىيەنىڭ ئويتوغراققىچە بولغان بۆلىكى تاش بېسىپ ياسالدى. خوتەندىن لوپ ناھىيىسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى خوتەن، لوپ خەلقلىرى ياساپ چىقتى. بەشتوغراقتىن چىرا بوستانلىقىغىچە بولغان ئارىلىقنى لوپ، چىرا، نۇر يېزىلىرىدىكى خەلق ياساپ چىقتى. چىرىدىن گۇلاخماغىچە بولغان ئارىلىقنى گۇلاخما خەلقى، گۇلاخمادىن دامىكۇغىچە بولغان ئارىلىقنى دامىكۇ خەلقى ياساپ چىقتى. شۇ دەۋىردىكى قارقىنىڭ بىگى سۇلايمان خەلپەم (تايتاق) دەسلەپكى يىلى شەنبازار (شۇ دەۋىردە «5- رايۇن» دەپ ئاتىلاتتى)دىن داۋزاياغىچە بولغان ئارىلىقنى قارقى، شىۋول، شەنبازار خەلقىگە باش بولۇپ ياساپ چىقتى. سۇلايمان خەلپە خەلق پەرۋەر، ئادىل، ئۇقۇمۇشلۇق زات بولغاچقا، يول پۈتكەندىن كېيىن، 5- رايۇن خەلقى تەلەپ قىلىپ، 5- رايۇننىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەندى. 2- يىلى يول ياساش ئېھتىياجى بېلەن، سۇلايمان خەلپە قايتىدىن قارقى يېزىسىنىڭ بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، داۋزايادىن گۇلاخماياغىچە بولغان يولنى ياسىتىپ چىقتى. بۇ يول بۆلىكىنى ياساشقا يەنىلا 5- رايۇن ۋە قارقى، شىۋول خەلقى سېلىندى. داۋزاياغا ياغاچتىن كۆۋرۈك ياسىتىلدى. شەنبازاردىن كېرىيە بازىرىغىچە بولغان مۇساپىنى ياساشقا 1- رايۇن (ھازىرقى مۇغاللا، جاي، كۆكيار، ئارال، ئارىش يېزىلىرى) خەلقى سېلىندى. كېرىيەدىن ئويتوغراققىچە بولغان ئارىلىقنى ياساشقا ئويتوغراق، ئاتچان خەلقى سېلىندى. ئويتوغراقتىن چەرچەنگىچە بولغان مۇساپىنى ياساشقا، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسى، نىيە يېزىسى (بۇ دەۋىردە نىيە كېرىيەگە قاراشلىق يېزا ئىدى)، چىرىنىڭ ئىماملىرىم (ھازىرقى بوستان يېزىسى، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ پۇلۇ، ئەچكىبۇلۇڭ كەنتلىرىمۇ ئىماملىرىمغا قاراشلىق ئىدى) ۋە كېرىيە، چىرا تەۋەسىدىكى گۇناھكارلار سېلىندى. چەرچەن خەلقىمۇ بۇ يولنى ياساشقا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ يولنىڭ خوتەندىن كېرىيەنىڭ ئويتوغراققىچە بولغان بۆلۈكىگە تاش ياتقۇزۇلدى. بۇ يول ياساش ئەمگىكىگە قاتناشقان چوڭلارنىڭ ئەسلەپ بىرىشىچە، تاش توشۇشقا دېھقانلارنىڭ ئات- ئېشەك، كالىلىرى ئومۇمى يۈزلۈك سېلىنغان، ئات- ئۇلاغلارغا كاجۇۋا ئارتىلىپ، چۆلدىن تاش يۆتكەپ كېلىنىپ، يول يۈزىگە بىر- بىرلەپ تىزىپ چىقىلغان. ئات- ئۇلىغى يوق كىشىلەر تاشنى يۈدۈپ توشىغان. تاش توشۇش ۋەزىپىسى كىشى بېشىغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، تاش بىر- بىرلەپ ساناپ ئۆتكۈزىۋېلىنغان. ئېشەككە ئارتىلغان كاجۇۋىنىڭ بىرسىگە بەش تال تاش پاتاتتى، بىر ئېشەك 10 دانە تاشنى لەڭگەر سايدىن يول قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ كېلەتتى. يول بۆلۈكى قارقى، شىۋول تەۋەسىگە كەلگەندە، ئات- ئۇلاغلار بىر كۈندە ئاران بىر قېتىم تاش ئېلىپ كېلەلەيتتى. بۇ جەرياندا ئۆلگەن ئات- ئۇلاقلارنىڭ ھېساۋى يوق ئىكەن. ئويتوغراقتىن چەرچەنگىچە بولغان ئارىلىقىنى ماشىنا ماڭغۇدەك قىلىپ كېڭەيتىپ ياساپ، تاش ياتقۇزمىغان. پۇلۇ كەنتىنىڭ تۈتۈن بىگى شىرىپ بوجاڭ ئىماملىرىم خەلقىگە باش بولۇپ، نىيىدىن چەرچەنگىچە بولغان يول مۇساپىسىنى ياساش ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ، ئادەملىرىنى ساق- سالامەت قايتۇرۇپ كەتكەن. باشقا يېزا ياكى رايۇنلاردىن كىملەرنىڭ باش بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
1956- يىلى ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ شىزاڭغا كىرىشى ئۈچۈن ھاتەم پاشا يولىنى تاشيول قىلىپ ياساپ چىقىش قارار قىلىنغان. بۇ چاغدا قارقىنىڭ بىگى سۇلايمان خەلپەم قارقى، شىۋول ۋە 5- رايۇن (ھازىرقى شەنبازار، سىيەك، توغرىغاز يېزىلىرى) خەلقىگە باش بولۇپ، ئازاتلىق ئارمىيە بېلەن بىرگە لەڭگەر يېزىسىدىن پۇلۇ كەنتىنىڭ ئالاجۆي دېگەن يىرىگىچە بولغان يول بۆلۈكىنى ياساشقا قاتناشقان. بۇ بۆلەك يولنى ياساشقا يەنە كېرىيەنىڭ باشقا يېزا بازارلىرىدىنمۇ ئادەم سېلىنغان. ئالاجۆيدىن كېرىيە تاغ ئېغىزىغىچە بولغان يول بۆلۈكىنى ياساشقا ئاساسلىقى ئاتچان يېزىسى ۋە چىرىنىڭ بوستان يېزىسىدىكى خەلق قاتناشقان. ئۇلارغا كىمنىڭ باش بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇمات ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بۇ قېتىم ھاتەم پاشا يولى تاشيول قىلىپ ياسالغان بولسىمۇ، تاغ ئىچكىرىسىدە خەتەرلىك داۋان، ئۆتكەل، كېچىكلەر كۆپ، ھاۋاسى شالاڭ، يول يۈرۈش قىيىن بولغاچقا، ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمى بۇ يول ئارقىلىق شىزاڭنىڭ لىخاساغا كىرگەن بولسىمۇ، ئارقا سەپ تەمىنات قىسمى بۇ يولنى ئۇزۇن ئىشلىتەلمەي، يول لېنىيىسىنى قاغىلىقتىن شىزاڭغا كىرىدىغان بۆلەككە ئۆزگەرتىپ، بۇ يول تاشلىنىپ قالغان. شۇندىن بىرى بۇ يولدا يۈرىدىغان سودا كارۋانلىرى، ھەج- تاۋاپچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ، بۇ يول پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالغان.
ياقۇپ بەگ دەۋرىدە كېرىيەنىڭ خۇتەن ۋە چەرچەنگە تۇتىشىدىغان يولى راۋانلاشقاندىن كېيىن، كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئاقسۇ ئارقىلىق باشقا رايۇنلارغا بارىدىغان يول بۆلۈكى ئىسمى- جىسمىغا لايىق «ئوغرى يول» بولۇپ قېلىپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەن. پەقەت قاچقۇنلار، بايلىق ئىزدىگۈچى كېپەن ئوغرىلىرى ۋە ئەتكەسچىلەر يۈرىدىغان، شۇنداقلا دەريا بۇيى كەنتىدىكى دەريانىڭ ئاياغ ئېقىنى بۇيىدا چارۋا باقىدىغانلار ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىن ئوزۇق- تۈلۈك ئېلىپ كېلىدىغان يولغا ئايلىنىپ قالغان.
1962- يىلى قەشقەر تاشيول باش ئوچاستىكىسىنىڭ قارمىقىدا كېرىيە تاشيول ئوچاستىكىسى قۇرۇلۇپ، قاراقاشتىن چەرچەنگىچە بولغان يول بۆلۈكىنى ئاسراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
                                                                        
ئىزاھاتلار:
① شىچېڭ (西城) خەن سۇلالىسىدىكى شىچېڭ ناھىيەسى ھازىرقى شەنشى ئەنكاڭنىڭ غەربى شىمالىدا بولۇپ، غەربى ۋىي سۇلالىسىدا ھازىرقى ئەنكاڭغا يۆتكەلگەن. شەرقى خەن سۇلالىسىدا بۇ يەردە شىچېڭ ۋىلايىتى قۇرۇلغان. ۋىي سۇلاىسىدىكى نامى ۋىيشىڭ ۋىلايىتى. غەربى ۋىي سۇلالىسىدا جىنجۇ (金州) دەپ ئاتالغان.
②«تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1- جىلىد 567- بەت.
③ بىر فۇت 0.305 مېتىرغا باراۋەر.
④ بىر مىل 1610 مېتىرغا باراۋەر.
⑤ يۇغان قۇم – كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى يەر نامى.
⑥ 烽燧 تۇرانىڭ ئۇرۇشتا ئوت بىلەن بەلگە بېرىشكە ئىشلىتىغان بىر خىلى.
⑦ ئاۋرېل سىتەيىن، «تەكلىماكاندىن ئۆتۈش» گۇاڭشى سىفەن داشۆ نەشرىياتى 2000- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 218، 219، 220- بەتلەر.
پايدىلانمىلار:
1.   «24 تارىخ» خەنزۇچە ئېل كىتاب.
2.   «36 تارىخ» خەنزۇچە ئېل كىتاب.
3.  خۇ شىنشەن «جۇڭگۇ تارىخى يىل نامى جەدۋىلى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىل خەنزۇچە نەشرى.
4.   «دۇنيا تارىخى لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
5.  لى شىياڭ، خەمىت تۆمۈت تۈزگەن «پارس تىلىدىن ساۋات» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
6.  «كېرىيە، بىر دەريانىڭ ئەسلىمىسى. ئارخىلوگىيە ۋە تەكلىماكان بوستانلىق مەدەنىيىتى» جۇڭگۇ – فىرانسىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى، فىرانسۇزچە نەشرى.
7.  «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخ ئاتالغۇلىرى لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل نەشرى.
8.  مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
9.  سېن جوڭمىيەن «خەن نامە غەربى دىيار تەزكىرىسىدىكى يەر ناملىرىغا يىشىم» جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1979- يىلى خەنزۇچە نەشرى. فاكسىمۇل PDF نۇسخىسى.
10.           H.W.bayley «خوتەن ساك تىلى لوغىتى» كامبرىدگې ئۇنۋرستېتى 1979- يىلى ئەنگىلىزچە نەشرى، فاكسىمۇل PDF نۇسخىسى.
11.           گو شىلىياڭ «خەنزۇچە خەتلەرنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى قوللانمىسى» بېيجىڭ داشۆ نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى. فاكسىمۇل PDF نۇسخىسى.
تارقاتقۇچى: ئويغۇر قاشتېشى تورى
بەت: [1]
: كېرىيەدىكى قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان كارۋان يوللىرى