history يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:03:37

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت



شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ ئـۇيـغـۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان «ياز بىر سۈيقەست»، «ئارىلىق» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى خېيلوڭجىياڭ خەلق خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشر قىلغان «ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «يۈرەكسىز سۆيگۈ(1996)»، «قەشقەردىكى يەر شارى(2000)» قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. تاھىر ھامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە «93 قۇربان ھېيت ھارپىسى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئەسەبىي ئات» (Crazyhorse) ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانى (ئومۇمىي79-سانى)دا ئىنگلىزچە-ئـۇيـغـۇرچە سېلىشتۇرما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ژۇرنالغا تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تاھىر ھامۇتنى «ئـۇيـغـۇر مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىغان. تاھىر ھامۇتنىڭ «قەشقەرگە قايتىش» ناملىق يەنە بىر پارچە شېئىرىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ئەدەبىيات ژۇرنىلى «دېڭىز قولتۇقى قىرغىقى»(Gulfcoast)نىڭ 2012-يىللىق 24-سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە تەرجىمىھالى بېرىلگەن. تاھىر ھامۇت 1998-يىلدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرىپ، كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، ھۆججەتلىك فىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمى ۋە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ تەكلىپلىك پروففېسسور سۈپىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىيە-دراما فاكولتېتىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ ئىزگىل كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنى قۇرغان، ھازىر شۇ شىركەتتە ئىشلەيدۇ.

تاھىر ھامۇتنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرى:

«ياز بىر سۈيقەست» (1993)
«جەنۇبقا سەپەر» (1995)
«قەشقەرگە قايتىش» (1998)
«تاش ئەينەك» (2000)
«مەن بىلدىم» (2007)
«ئاغرىق» (2010)
«لېكىن» (2011)
«ئايال» (داستان)(2012)

  تاھىر ھامۇت رېژىسسورلۇق قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلەر:

«ئاي گۇۋاھ» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش مەركىزى ئىشلىگەن، 1999-يىل)
«قاراڭغۇ تاغ» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى،شىنجاڭ دراما ئۆمىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش مەركىزى ئىشلىگەن،2001 -يىل، بۇ فىلىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-قانىلىدا قويۇلغان.)
«سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، شىنجاڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى سارىيى ئىشلىگەن، 2003-يىل)«تەكلىماكان مەشرىپى» (ناخشا-ئۇسسۇل فىلىمى،مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2003-يىل)
«ئائىلىدىكى ئىشلار» (3قىسىم)، (تېلېۋىزىيە ئۆي ئىچى فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2003-يىل)
«تەنھا سۆيگۈ» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ 3قىسىملىق MV توپلىمى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2005-يىل)
«2005-يىللىق كىچىك زېرەك ساداسى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، 2005-يىل)
«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» (مۇزىلىكىلىق تىياتىرنىڭ DVDسى،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2005-يىل)«جۇڭگو تېلېگرافى كىچىك زېرەك ئوبراز ئېلانى» (تېلېۋىزىيە ئېلانى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، 2005 -يىل)
«2006-يىللىق كىچىك زېرەك ساداسى چولپانلار كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان،2006 -يىل)
«يارىمغا چاي تۇتتۇم» (پەرىدە مامۇت MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)
«ئابلەت ئابلىكىم ئىجادىيەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى كېچىلىكى، ئۈن-سىن نۇسخىسىنى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)
«بى دەردىڭ» (ئايشىگۈل مۇھەممەد MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)
«2007-يىللىق نورۇز ناۋاسى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرىسال سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن،2007 -يىل)
«گۈل ئىشقى» (مېھرىگۈل ھەسەن MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2007-يىل)
«ئـۇيـغـۇرلاردا قۇربان ھېيت» (ھۆججەتلىك فىلىم، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىتېتى 985 قۇرۇلۇشىغا تەۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى (2008-يىل). بۇ فىلىم يەنە 2009-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 61-نۆۋەتلىك گېرمانىيە فرانكفورت خەلقارا كىتاپ فستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان.)
«جۇڭگو ئـۇيـغـۇر مەشرەپلىرى. گۇما كىلياڭ مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)
«جۇڭگو ئـۇيـغـۇر مەشرەپلىرى. ئالتاي تەبرىك مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)
«جۇڭگو ئـۇيـغـۇر مەشرەپلىرى. ئۈچتۇرپان توققۇزبۇلاق مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)
«ناۋا» (12-،13-،14-،15-،16-،17-سانلىرى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت پروگراممىسى، 2008-يىل 7-ئايدىن 2009-يىل 1-ئايغىچە)
«بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئوبراز ئېلانى» (تېلېۋىزىيە ئېلانى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان. 2010-يىل 1-ئاي)«قەدىمىي ھاياجان - مەشرەپ» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)
«ئۈمىدنى تەبرىكلەش-نورۇز بايرىمى» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)
«فوتو سۈرەتتىكى قۇربان ھېيت» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)

شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرىنىڭ بىرى:

  مەن بىلدىم


تاھىر ھامۇت

‏(1)‏

ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن سەھەردە
چۈشۈمدە كۆرگەن تاغ ئوت بولۇپ يانغان شەھەردە
خامخىيال يەنە ساقىپ چۈشتى ئورۇق يۈزۈمدىن
كۈلكىلىك ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئۇچتى كۆزۈمدىن
ساختىلىققا كۆنگەن قولۇمدا تۇتۇۋالدىم قىزىل لەۋلەرنى
توسىۋالدىم خۇما كۆزلەرنى،شۇ چاغ يىغلاپ تاشلىدىم
مەن بىلدىم، ‏
بەلكىم خۇدا قەلبىمدە ئايلاندى تۇزغا
كارۋات-ۋەتىنىمدەك قاتتىق،بىئارام ۋە‎‎كونىراپ كەتكەن ‏
تورۇستىن كۆردىم:تۇمان ئويغانماقتا بىر قىز قوينىدىن



‏(2)‏



مەن بىلدىم
يىراقلاردا سەن بار سەرگەردان
بۇرۇنقى زاماندىكى بىر گۈزەل چوكان ‏
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇزۇن قىشىدا،مېنىڭ بىلەن ياتقۇڭ كېلەمدۇ؟
بەدىنىڭدە زاغرا پۇرىقى،سۇمبۇل چېچىڭنى ئۆرۈپ بولالماي
سۆيگىنىڭنى سۆيۈپ بولالماي،ئۆلگۈڭ كېلەمدۇ؟
يۇلتۇز تەشكەن كۆزلىرىڭنى تىكىسەن ماڭا
مەن بىلدىم
ئازابلانغۇڭ يوق،ئۆلۈمدىن قورقىسەن،ئۆلگۈڭ بار ئەمما
ئاسان ئۆلۈم تىلەيسەن دائىم:‏
ئىبادەتتە ئولتۇرغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
تاتلىق ئۇخلىغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
مەن بىلەن ياتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
خۇددى ئاشۇ ئوقۇغۇچى قىز ناشتىلىق تاماققا خېمىر يۇغۇرۇپ
تاڭ ئاتاردا جىمجىتقىنا ئۆلۈپ كەتكەندەك ‏




‏(3)‏



‏1947-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىماتتا ئوقۇغان بىر قىز
ئۆلۈپ كەتتى تېخى يېقىندا
ئۇنىڭ ئېسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان
چالا-پۇچۇق بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بار
تۇرۇپ ئويلايمەن:ياشىسامچۇ ئاشۇ يىللاردا
ئۇ چاغلاردا چوقۇم كۈندە يېڭىلىق،كۈندە ھاياجان
كۈندە جان قايغۇسى، كۈندە ئۆلۈم ،كۈندە مۇھەببەت! ‏
مەن بىلدىم ‏
تارىخنىڭ بىزگە يېقىنلىقىنى،بىز بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى
مەن بىلدىم
دوستلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىنى،مۇھەببەتنىڭ كېسەللىكىنى
ئاتا-ئانىنىڭ‎‎بىمەنىلىكىنى ،بالىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى  ‏
قېرىلىقنىڭ مەينەتلىكىنى،ياشلىقنىڭ كالۋالىقىنى
ئەرلەرنىڭ ساختىلىقىنى،ئاياللارنىڭ ئازابلىقىنى
مەن بىلدىم
بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ بەرھەق راستلىقىنى!‏



‏(4)‏
‏‏


مانا ئاشۇنداق بىر سەھەردە
بېلىگە قىزىل،سېرىق،كۆك،يېشىل لاتىلارنى
باغلىغان دەرۋىش يېتىپ كېلەر ھېيىت بولغان يەرگە
كۆزلىرى خىرە،بەدىنى قاسماق،تۇرقى كۆرۈمسىز
لېكىن، كۈچى قۇدرەتلىك،گېپى ئىلاھىي،قىلىقى سىرلىق
ئۇنىڭ ئالقانلىرى تەڭلىنەر ماڭا:‏
‏ ـــ ھەق دوس،ئىللەللا! ‏
مەن نېمە دەي؟نېمەمنىمۇ بېرەي ئۇنىڭغا؟!‏
ئەگىشىپ كېتەيمۇ بىللە چۆللەرگە
مازارلارغا،بازارلارغا،تاغلارغا،باغلارغا؟!‏
تۇتۇپ بېرەيمۇ ئۆزۈمنى‏
‏يىلانلارغا،چايانلارغا،پىتلارغا،بۈرگىلەرگە؟!‏
مەن قانداق قىلاي؟!‏
ئۇ دۇنيانى ئويلايمۇ،بۇ دۇنيانىمۇ؟!‏
مەن بىلدىم ‏
چوقۇم ئۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى!‏



‏(5)‏



مەن بىلدىم
قىيامەت كۈنى قۇرام تاشلار ئەتىۋارلىشىپ
قولدىن قولغا ئۆتۈپ يەرگە تەگمەسمىش
قىيامەت كۈنى جاھان ئوت بولۇپ يېنىپ
بىر تۈپ بۇيا سايىسىدا سايىدارمىش قىرىق ئەركەك
قىيامەت كۈنى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ
ئېشەك مىنىپ كېلەرمىش جەددال
قىيامەت كۈنى قۇتقۇزارمىش ئېلىۋەتكەن تىرناقلار بىزنى



‏(6)‏



مەن بىلدىم،
مېنىڭ ئايشەم ئابدۇۋاھىت دېگەن ھاممام شۇنداق دېگەن:‏
ــ خۇدا ئۆزى چىگكەن تۈگۈننى ئۆزى يېشىدۇ!

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 20:38:20

مەن بىلدىم
قىيامەت كۈنى قۇرام تاشلار ئەتىۋارلىشىپ
قولدىن قولغا ئۆتۈپ يەرگە تەگمەسمىش
قىيامەت كۈنى جاھان ئوت بولۇپ يېنىپ
بىر تۈپ بۇيا سايىسىدا سايىدارمىش قىرىق ئەركەك
قىيامەت كۈنى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ
ئېشەك مىنىپ كېلەرمىش جەددال
قىيامەت كۈنى قۇتقۇزارمىش ئېلىۋەتكەن تىرناقلار بىزنى

مەن بىلدىم،
مېنىڭ ئايشەم ئابدۇۋاھىت دېگەن ھاممام شۇنداق دېگەن:‏
ــ خۇدا ئۆزى چىگكەن تۈگۈننى ئۆزى يېشىدۇ!

تولىمۇ ياخشى يېزىپتۇ ماۋۇ شىئېرنى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jallat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 09:04:58


ئۈرۈمچى

بىر شەھەر.
ئۆلۈك مۇزلار ئىچىدە
ئېلىپ كەتكەن قەدرىنى ئۇنىڭ
ئۇزاق زامانلاردىن قالغان سوغ شامال.
چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن
يۇلتۇزلارنىڭ سۇدىكى ئەكسى؛
يەر تېگىدىن ھور چىققان يەردە
ئېسەدەشنى كۆردۈم كۈندۈزى.

بىر شەھەر--
تەكرار سۆزلەنگەن قالايمىقان بىر ھېكايە،
لېكىن،بۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
ھەتتا
ئۇزۇن يىل بۇرۇنقى ئاپتاپلىق كۈنى،
مۇھەببەتتىن قورققان پېتى
بۇ شەھەردىن يوقاپ كەتكەن كېسەلمەن بىر قىز،
چۈشەنگىلى زادى ئۇنىماي
"سىزنى سۆيىمەن!" دېگەن ئۇيغۇرچە گەپنى.

بىر شەھەر،
ماڭا ئوخشاش ھارغىنلىق يەتكەن؛
بىر شەھەر،
باھار ۋە كۈزنى تەرك ئەتكەن؛
بىر شەھەر،
تۇمان ئىچىدە يىراقلاپ كەتكەن.

2007 -يىل 30-مارت




jallat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 09:09:47


ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎﺳﻪﭘﻪﺭ



ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،
ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﺪﻩﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻧﻪﻡ ﺋﯩﺰ.
ﺷﺎﻣﺎﻝﻳﺎﻻﭖ ﻫﻪﯞﻩﺳﻠﻪﺭﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﺴﺎ،
ﭘﻪﻗﻪﺕﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻼﺭﻻ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﯪﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻏﻠﯘﭖﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ
ﯴﻣﺪﻧﻰﯴﺯﮔﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰﯪﺳﻤﺎﻥ.
ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰﺯﯦﻤﯩﻦ.
ﯰﻳﻘﯘﺑﺎﺳﯩﺪﯗ.
ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﯪﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺳﯘﺱﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ،
ﻗﯘﻳﺎﺵﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﯬﺳﯩﺮ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

ﯪﺩﻩﻡﯪﺩﻩﻡ ﯲﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ،
ﯪﺩﻩﻡ ﻫﻪﻡﯲﻟﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ،ﺟﻪﻧﯘﭖﯮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،
ﯰﻏﯘﯞﺍ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ،
ﯪﻧﺪﯨﻦﯰﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 11:50:17

بولسا ئادىل تۇنىيازنىڭ ۋە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ‹‹ جەنۇپقا سەپەر›› دىگەن شئىرىنى يوللاپ قويۇڭ،ئۈچ شائىرنىڭ جەنۇپ توغرۇلۇق يازغان شىئرىدا ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل جەنۇپ بار.ئادىل تۇنىيازنىڭ شئىرىدا ‹‹مەغلۇپ بولغان قاتار يېزىلار››غا تامامەن قارشى بولغان بىر مىسرا ئۇچرايدۇ،تولۇق ئېسىمگە ئالالمىدىم،يەنە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شىئرىدا بۇلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كەيپيات بار.
ئۈچ شىئىرنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باققانغا يەتمەيدۇ.
بەت: [1]
: شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت