kuqa007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 17:42:54

دۇبەيدە ئۇقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار
دۇبەيدە ئۇقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن ،بلشىمچە دۇبەي ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپلىدىكى تەرىققى قىلغان دۆلەت،ئاڭلىشىمچە دۇبەينى ئامىركا مائارىپنىڭ كۈچۈرۈپ كىلىنگەن ئەندىزسى دەيدىكەن ،شۇڭا دۇبەيدە ئۇقۇشقا قىزقىپ قالدىم،شۇڭا
ئەزىز قېرنداشلاردىن مەسلىھەت سوراش قارارىغا كەلدىم ،،مەن ئىجدىمائى پەندە ئۇقۇغان،شۇڭا ئىجدىمائى پەندە ئاسپىرانتلقنى دۇبەيدەئۇقۇش ئۇچۇن قانداق ئىلتىماس قىلمىىز ؟قانداق ياخشى مەكتەپلەر بار ؟بىلدىغان قېرىنداشلارنڭ ياخشى ئۇچۇرلار  بىلەن تەمىنلىنىشنى ئۈمۇت قىلمەن

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:35:59

بەكتۇر تورىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئادىرىسى:
http://www.bektur.com/bbs/forum.php

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:57:10

خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانمىدىڭىز؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 20:20:50

ماسدار ئىنستىتوتىغا ئېلتىماس قىلىپ بېقىڭ.
https://masdar-institute-ascend.symplicity.com/index.php?s=home
تېخى ئېلتىماس قىلىش ۋاقىتى ئاياغلاشماپتۇ.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 20:36:37

ئىنگىلىزچە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولدىڭىز؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 22:50:41

تېما يازغۇچىنىڭ بەكتۇر تورىدىكى تېمىسىغىمۇ دىققەت قىلدىم.
دۇبەيگە بىر كىم قىزىقمايدىكەن ئەمەس  بەلكى سەۋەبى دۇبەيدە ئۇيغۇرلار  بار بولسىمۇ كۆپىنچىسى ئىشلەۋاتقانلار ۋە تىجارەتچىلار  بولغاچقا  ئوقۇش ئۇچۇرى چىقماسلىقى تەبىي ئەھۋال.
ئويغاق بىر ياخشى ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ قانداقلا  بولسا.شۇنىڭغا بىر قاراپ باقسىڭزى بولغۇدەك.
دۇبەيگە تەتىلگە كەلگەنتىم  ھەپتىلە ر بۇرۇن . ھېس قىلغىنىم  دۇبەي يوشۇرۇن كۈچى مول، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بىر شەھەركەن . خەلىپىلىكنىڭ باشقا  شەھەرلىرىدىن دۇبەي بەكرەك ياقتى .
دۇبەيدە  ئېنگلىزتىلى بەك كەڭ ئىشلىتىلىدىكەن. ئېنگلىز تىلى بىلگەنلىكى  ئۈچۈن ھىندىستانلىقلارنى خەلىپىلىك دۆلىتىنى قاپلاپ كېتىپتۇ . ئېنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىدىنمىكىن ئوقۇتۇش خەلىپىلىكتىكى خەلقنىڭ كۆپىنچىسى قوش تىللىق بوپ كەتكىلىۋېتىپتۇ ، ئائىلىدىمۇ ئاساسەن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىكەن .  ئىنگلىزچىنى  ئەرەبچە پەدىگە سېلىپ سۆزلىگىلى تۇرسا ھەيران قاپتىمەن .

   ئىجتىمائى پەننى دۇبەيدە ئوقۇش دېگەننى چۈشىنەلمىدىم دېسەم خاپا  بولماڭ . راستىنى دېسەم تۈركىيە بىلەن خەلىپىلىكنى  سېلىشتۇرۇپ قەيەرنىڭ ئىجتىمائى پەنچىلەرنىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالغىنىم ئۈچۈن دەۋاتىمەن .
ئەگەر دۇبەيدە ئوقۇغاچ ئىشلەشنى ئويلايتتىم .ئىشلەش مۇھىمتى دېسىڭىز ئۇدۇللا  دەي . ماستىرلىق ئوقۇمايلا  كېلىپ ئىشلەڭ . بۇ يەردە ئوقۇش تارىخىڭىزدىن بەكرەك خىزمەت تەجرىبىسى مۇھىمكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەھەردە دۇنيانىڭ ھەممە  يېرىدىن كەلگەن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر  بەك جېق بولغاچقا  نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈش بىلەن شاڭخەي فۇدەننى پۈتتۈرۈش ئوخشاشلا  بىر گەپتەك تۇيۇلىدىكەن .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 10:44:05

پۇل مۇئامىلە-سودا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى ئانچە يۇقىرى بولىشى ناتايىن.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 16:12:24

ماسىدار ئۈنۋىرىسىتىغا كىرىش تەلىپى بەك يۇقىرى. توفىلدا 100 نۇمۇردىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىدىغاندەك ئېسىمدە. ئۇ شەرتلەرگە توشقان ئادەم ئۇدۇل ئامرىكىنى ياكى ياۋرۇپادىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغان ياخشىراقمىكىن دەيمەن.
بەت: [1]
: دۇبەيدە ئۇقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن